مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1257|ئىنكاس: 12

ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەحمۇت شىحو

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23466
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7124
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 06:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر  
   شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئۆگۇنۇش، ئىزدىنىش ، قايتا - قايتا ئويلىنىش ئىچىدىكى كۈنلىرىم كۈنسېرى قىسقارماقتا ئىدى . مەن شۇنداقمۇ ئويلاپ قالدىم ، ئىنسان ھاياتىدا چوقۇم مۇشۇنداق بىر ئىلىم ، ئۆزلۈك ، ئويلىنىش ئىچىدىكى بىر رىيازەتكە ئۇچرىشى كېرەك ئىكەن . چۈنكى بۇنداق بىر پۇرسەت كىشى روھى ، ۋە جىسمىنى تاۋلايدىكەن ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىچكى قەلب روھىيىتى ھەققىدە كۈنلەپ ، ئايلاپ ناھايىتى سالماقلىق ئاقىلانە ئويلىنىشقا مۇپتىلا بولالايدىكەن . مەن ھەر قېتىم ئۆزۈم ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلىغىنىمدا جالالىدىن رومىنىڭ «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر › دېگەن پەلسەپىۋې قىممىتى يوقىرى بۇ سۆزىنى تالاي كۈنلەپ ئېڭىمدىن ئۆتكۈزدۈم ، ئويلاندىم ، ئۆزۈمنىڭ ئىچىنى ھېچقاچان بۇ جايدىكىدەك قىدىرىپ ئىزدىمىگەنلىكىمنى ئويلاپ ئەپسۇسلانغىنىممۇ راست . شۇنداق ئادەم ئۆزى ھەققىدە كۈنلەپ ، ئايلاپ ئىچىنى تىڭشاپ قايتا - قايتا ۋاراقلاپ چىقىش ئاسان ئەمەس ئىكەن . مەن بۇنى يۇرتۇم شىخودىكى ھاياتىمدا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن ، ئويلىمىدىم دېسەم خاتا بولار ، بىراق بۇ يەردىكىدەك ‹ ئويغىنىش ، ئويلىنىش ، سىلكىنىش › دەرىجىسىدە .ئەمەس ئىدى . مانا شۇ تاپتا يۇرتۇمدىكى سورۇنلاردا دوستلىرىمنىڭ ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مۇنداقلا ئېيتىپ قويغان ، ياكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن سۆزلىرى ھەققىدە سائەتلەپ ، كۈنلەپ ھېكمەت ئىزدەيتىم . شۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنى ھەققىدە ئىچىمدىكى ئۆزۈم بىلەن سۈكۈت ئىچىدە مۇنازىرە قىلىشاتتىم . راستىنلا ‹ ئىچىمدىكى ئىچىمدە › ئىدى . مېنىڭ خىياللىرىمنىڭ پايانى يوق ئىدى . مۇشۇنداق خىياللار ئىچىدە سەردار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ ‹ خىيالمۇ قالتىس مەنىۋېي بايلىق › دېگەن سۆزلىرى بىلەن قەلبىم تەسكىن تېپىپ قالاتتى . تولىمۇ ئەپسۇس يازغۇچىمىز بۇ سۆزنى نورمال خىيال سۈرۈشمۇ گۇناھ ھېسابلىنىدىغان ئەشۇ قاباھەتلىك يىللاردا دېگەنىدى . بۇ يەردىكى تۇرمۇش خىزمەت پۈتۈنلەي يۇرتۇمدىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى . بىزنىڭ ئۇ يەردىكىدەك بىر باشلىقنىڭ گېپىنى چۆرىدەپ يېرىم كۈنلەپ ، ھەتتا بىر كۈنلەپ جىددىي ئېچىلىدىغان يىغىنلارنى كۆرگىلى بولمايتتى . يىغىنلار شۇنچە قىسقا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئەتراپىدىكى ئاڭلىغۇچىلارغا دوق قىلىنىدىغان ، بىرەرسىنى نىشانلاپ قەستەن قوشۇمچە سۆزلەر قوشۇلۇپ قالىدىغان ، ئالدىدىكى قايناقسۇ بىرنەچچە قېتىم يەڭگۈشلىنىدىغان ، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن جىددىي كەيپىياتنى كۆرگىلى بولمايتتى .  يىغىنلار شۇنچىلىك ئازادە ، يېنىكچىلىك ئىچىدە ، تەبەسسۇم بالقىپ تۇرغان چىرايلار بىلەن نورمال ئاخىرلىشاتتى . ئىشخانىلار شۇنداق جىمجىتلىققا چۆمگەن ، ئىشىك ئالدىدا ‹ سومكىڭىزنى ئېچىڭ › دەپ مەخسۇس تىزىملاپ ئولتۇرىدىغان ئىشمۇ يوق ئىدى .  تۈگىمەس نۆۋەتچىلىك ھەققىدىكى يىغىنلارغۇ پەقەتلا يوق . چۈنكى بۇ يەردە ھەممىسى بىرلا مىللەت . دەسلەپ كەلگىنىمدە ماڭا بۇ يەردىكى خىزمەت كەيپىياتى تولىمۇ سۇس تۇيۇلغان ، ھەتتا خىزمەتنى بىزدەك ئىشلىيەلمەيدىكەن دەپمۇ ئويلىغانىدىم ، ئەمما كېيىن چۈشىنىپ قالدىمكى تىل بىرلىكى ، دىل بىرلىكى ، سىياسەت بىرلىكى ، ئورتاق ئېتىقاد ئەمەلگە ئاشقان بۇ جايدىكى خىزمەت ئۈن - تۈنسىز يۈرۈشۈپ تۇرىدىكەن . بىز كۈنلەپ يىغىن روھىنى ئۆگىنىپ خاتىرە توشتۇرۋاتقاندا بۇلار يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۋاتقان بولىدىكەن . بازارلىرىدا كوچىلىرىدا ھايات شۇنچىلىك رېتىملىك ، ئۈن - تۈنسىز داۋاملىشىدىكەن . ماڭدامدا بىر بىزگە ئۇچراپ تۇرىدىغان مۇقىملىق ، پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدىكى شۇئارلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن .چۈنكى بىزنىڭ ئارام ئالىدىغان باغچىلىرىمىزدىمۇ بۇنداق تەۋسىيەلەرنى ئۇچرىتىپ تۇراتتۇق . بەزىدە ئەشۇ باغچىدىكى قۇشلىرىمىزنىڭ سايراشلىرىمۇ ‹ مۇقىملىق ، ئىتتىپاقلىق ، پىلانلىق تۇغۇت › ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۈچۈن بولۇۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتەتتى.
بۇ يەردە يېرىم يىلغا يېقىن تۇرۇش جەريانىدا شۇنى بەكمۇ ھېس قىلدىمكى بىزنىڭ تەرەققىيات دەپ چۈشۈنىۋالغىنىمىز تولىمۇ يۈزەكىي ئۇقۇمدەك بىلىنىپ قالغانىدى . ھەممە ئادەم ئۆگېنىش ، تىرىشىش ھالىتىدە تۇرغاندىلا ھەقىقىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم . بۇ يەرنىڭ مەكتەپلىرىدىكى ھەممە ئورتاق تىرىشىش شۇئارىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ بولغانلىقىلا ئۇلارنىڭ مائارىپىنىڭ غەلبىسى ئىدى . مەكتەپلىرىدىكى شۇنچىۋالا كۆپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىپتىنىچ ھالەتتە مەشغۇلاتلىرىنى شۇنچە نورمال ئېلىپ بېرىشلىرىمۇ بىزنىڭ ئۆگۈنىشىمىزگە بولىدىغان تەرەپلىرى ئىدى . بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار يەكشەنبە ، تەتىل ، بايراملاردا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ھەم ئوقۇتقۇچى ، ھەم كۆزەتچى بولمايدىكەن ، ئۇنۋان ئېلىشتىمۇ بىز ئۆتىدىغان قاتتىق ، ئازابلىق ، كۆڭۈللەرنى جاراھەت قىلىدىغان ، يىگىرمە يىللاپ بىرگە ئىشلەپ ئۇنۋان ئۈچۈن ياتلىشىدىغان پاجىئەلىك ئىشلاردىن مۇستەسىنا ئىكەن . پېنسىيىگە چىقىۋېلىشنىڭلا غېمىنى يېمەيدىغاندەك تۇراتتى . چۈنكى مېنىڭ كۆزىتىشىمدە خېلى چوڭ ياشتىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ خىزمەت ئورۇنلىرىدا ياشلار بىلەن يەكمۇ - يەك تۇرۇپ ئىشلەۋاتاتتى . ( بەلكىم مەن ھەممىنى بايقاپ بولالمىغاندىمەن ، بۇلاردىمۇ خۇدايىم بۇيرۇسا ‹مۇشۇ تۆت يىلنى ئۆتكۈزۋالسام ›دەيدىغانلار كۆپتۇر ...)
  قىسقىسى مېنىڭ بۇ سەپەردە ، بۇ چېنىقىشتا چۈشەنگەنلىرىم ھېس قىلغانلىرىم خېلى كۆپ بولدى . بىز ئېدىيىمىزنى تار رامكىغا قامالدۇرۇپ قويماي ئېچىۋېتىشىمىز ، ئۆزىمىزدىن ئىلگىرلەپ كەتكەنلەر ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشىمىز لازىم ئىكەن . مانا سېرىق دەريا بويىدا تۇرۇپ تارىم دەرياسى ، يۇرتۇمدىكى چېگىشور دەرياسى ھەققىدە ئويلاپ كەتتىم . بۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قىسمىتى ، تارىخى ، كەلگۈسى ، قىسسە رىۋايەتلىرى باشقا - باشقا ئىدى . جالالىدىن رۇمىنىڭ ‹ دۇنيادىكى زىندانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى يەنىلا ئادەمنىڭ بېشىدىكى زىنداندۇر › دېگەن ھېكمەتلىرى خىيالىمدىن قايتا ئۆتتى . بىر ئادەمنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەشتۈرۈش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلسىمۇ ئەمما ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىش ، ھۆر بېشىنى ئاللىقانداق ئاقماس ئىدىيە ، قالاق كۆز قاراشلار بىلەن تولدۇرۋالغانلارنى يۆلەشتۈرۈش ، ئۆزى خالاپ كىرىۋالغان زىنداندىن ئازاد قىلىش بەك ، بەك مۈشكۈل ئىدى ...   ئېنىقكى يۇرتۇم رەھبەرلىرىنىڭ مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتىشىنىڭمۇ ئاساسىي مەقسىتى ئىدىيەمنى ئازاد قىلىش بولسا كېرەك .  مەيلى قانچىلىك جاپا چەككەن بولساممۇ ھاسىلاتىممۇ كۆپ بولدى دەپ ئويلايمەن . يول سەپەر ھەقىقەتەن مېنى تاۋلىدى . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت › دېگەن ئېسىل ماقالىسىدا بىرىنچى ھېكمەت قىلىپ يولنى تىزغانىدى . چۈنكى يوللار يوللار بىلەن تۇتاش ، دىللار بىلەن تۇتاش ، تىللار بىلەن تۇتاش ، كەلگۈسى بىلەن تۇتاش ئىدى . مەن يەنىلا يولدا كېتىۋاتاتتىم ...ئىچىمدىكى مەن بىلىشكە تېگىشلىك سىرلار تېخىمۇ كۆپ بولسا كېرەك چۈنكى ئىچىمدىكى ئىچىمدىدۇر ... مەھمۇت ئابلىمىت قويچى "شىخو"

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى،ئىنسان پىسخىكىسىنى يوشۇرىدىغان مۇرەككەپ مەخلۇق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:45:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يازغان تېىمىلاردىكى خەتلەر نېمىشقا تۈز چىقمايدىغاندۇ؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1013 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 12:23:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىني ياخشى كۆرمەسلىك قانچە قورقۇنۇچلۇق ئىكەن،ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قورقۇنۇچلۇق.


ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 12:45:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ دۇنيادىكى زىندانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى يەنىلا ئادەمنىڭ بېشىدىكى زىنداندۇر ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 01:18:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىچكىردە ئىشلەۋاتقىلى ئوزۇن بولدى. بۇ يەردە سەل ئەركىنرەك ،لىكىن بۇلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى دەپ كەتكلى بولمايدۇ. شەھەر تەرەققى قىلغان بىلەن مەدىنيەتسىز قىللىقلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردۇ.  يۇرتىمىزدىمۇ مۇشۇنچىلىك ئەركىنلىك بولسا،  غەلىتە تەكشۈرۈشلەر ،باشلقلار ئۆز ئالدىغا چىقرۋالدىغان ئۆزگىچە تۇزۇملىرى بولمىسا ئىدى. بىزمۇ خېلى چوڭ ئشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرار ئىدۇق.

بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بىر كۈنلەردە  ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىدىن چىقىش ئۈچۈنمۇ كىملىك تەكشۈرۈش دەپ بىر تۈزۇم چىقىپ قالامۇ .

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 09:51:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈڭ ھەققىدە ناھايىتى ياخشى ئويغىنىش ھاسىل قىلىپسەن ، ھەقىقەتەن ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر.  داۋاملىق ئۆزۈڭنى قىدىرىپ تۇرۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 11:29:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ھەرۋاقىت ئۆزمىزنى تەكشۇرۇپ ئۆزمىز ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرشىمىز كىرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 01:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   كۈنلىكى ياسسۇققا بىشىمىزنى قويغاندا، شۇ كۈنلىك ئىش-ھەركەتلىرىمىزنىڭ توغرا قىلغان ياكى توغرا قىلمىغان ئىشلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، خاتالىقىمىزنى تۈزۈتۈپ توغرا قىلغانلىرىمىزنى تېخىمۇ يەكۈنلەپ  ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈل.


   ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 02:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز قالدى ۋاپات بولساق كىملىگى قېنى دىيىشكە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش