http://video.sina.com.cn/p/sports/o/v/2013-09-08/103462885077.html
بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 4 تە 2020-يىللىق يازلىق ئۇلىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگۈچى ساھىبخان شەھەر ئارگېىنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئايرېستا سايلاپ چىقىلدى . بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ياپۇنىيە پايتەختى توكيو شەھىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرى ۋە مالايسىيەنىڭ مادرىد شەھىرىنى يېڭىپ ئەڭ ئاخىرىدا 2020-يىللىق ئۇلىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرپىگە ئېرىشتى .
دۇنيا ئۇلىمپىك كومىتېتىنىڭ 125-قېتىملىق يىغىنىدا بەلگىلەنگەن 2020-يىللىق ئۇلىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھۇقۇقىنى بەلگىلەش كۈنتەرتىپى بۇيىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئىستانبول شەھىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 20:00 دە بىرىنجى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ ئۆز بايانىنى سۆزلىدى .
بۇندىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلار رايونىدا ئەزەلدىن ئۇلىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزلۈپ باقىمغان ، تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ رەئىسى ئاردوغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەپ مۇسۇلمانلار رايونىدا ئۇلىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بېرىش ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تىنىچلىققا ۋە ئىتتىپاقلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى تۇلۇق نامايەندە قىلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇلىمپىك جەمئيىتىنىڭ ئىستانبولغا بېلەت تاشلاپ تۈركىيەنى قوللىشىنى ئۈمۈت قىلدى . تۈركىيە بۇندىن ئىلگىرى ئۇدا تۆت نۆۋەت 2000 ، 2004 2008 2012 يىللىق ئۇلىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان.
ئىستانبولنىڭ ئۇلىمپىك ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئۈستۈنلۈكى بولسا پۇقرالارنىڭ قوللاش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ، ئاجىزلىقى بولسا ئوتتۇرا شەرىق رايۇنىدا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ھالىتى . ئاردوغان " بىزنىڭ رايۇنىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيا تىنىچلىققا تەلپۈنىدۇ ، ھازىرقىدەك ھالىقلىق مەزگىلدە بىز پۈتكۈل دۇنياغا تىنىچلىق ساداسىنى ياڭراتماقچى " دېدى .
ئارقىدىنلا ياپۇنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇلىمپىك ئىلتىماس قىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىدى ، توكيو 1964-يىلى بىر قېتىم ئۇلىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. ياپۇنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى باش ۋەزىر ئابې شىنزو نىڭ باشلامچىلىقىدا سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىدى . ھەممەيلەن كۆڭۈل بۈلىدىغان فۇكۇشىما يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا توختالغاندا باش ۋەزىر ئابې شىنزو " ناھايىتى بىخەتەر، ئەنسىرەش ھاجەتسىز " دېدى . ئۇ يەنە " فۇكۇشىما يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى ھازىر شۇنداقلا بۇندىن كىيىن توكيوغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ، توكيونى تاللىغانلىق قىزغىنلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە ئېگە شەھەرنى تاللىغانلىق " دېدى.
ئەڭ ئاخىرىدا مالايسىيە مادرىد شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى سەھنىگە چىقتى . مادرىد ئىلگىرى 1972 ، 2012 ۋە 2016-يىللىق ئۇلىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش سالاھيىتىنى ئىلتىماس قىلغان ، لېكىن ھېچقايسىدا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغان. ئىسپانىيە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقاچقا ئىقتىساد مەسلىسى مادرىدنىڭ ئاجىز تەرىپى بوپقالغان.