قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق 2-يىللىق 2-سىنىپتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرلەندى.
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى كەمىنە ئۇيغۇر ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام،ئوتلۇق سالام.
بۈگۈن ،2013-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى(جۈمە) مەكتىمىزدە يەنى سىنىپىمىزدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر سائەتلىك ئانا تىل ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلدى. بەلكىم بۇ سائەتلىك دەرسنى سىنىپىمىزدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقى مۇمكىن ئۇمۇمەن،بۈگۈن سىنىپىمىزدىكى 60 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى،ئەجدادلارنىڭ تالاي مۇشەققەتلەر ئارقىلىق بۈگۈنكى بەختىيار كۈننى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ، ئەجداد روھىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تۇنۇپ يەتتى . چۈنكى ،بۈگۈن سىنىپىمىزدا تىل –ئەدەبىيات زۆرۈر دەرىسىلىك 5 تىكى ئوبزورچى مۇھەممەت پولات ئەپەندىنىڭ ‹‹زۇلمەتلىك يىللاردىكى ئوت يۈرەك شائىر››ناملىىق ئوبزۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى شىېئرىيتىنىڭ ئاساسچىسى ، ئوت يۈرەك شائىر ‹‹ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ›› ئەپەندى ۋاپاتنىڭ 80 يىلللىق خاتىرە كۈنى خاتىرلەندى .
ئەسلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەپەندى 1993 –يىلى 3-ئاينىڭ 13 –كۈنى قەتلى قىلىنغان ، پىلان بويىچە بۇ يىل (2013 –يىلى )3 –ئايدا خاتىرلىسەك بولاتتى ، ئەپسۇس ،تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالتە ئاي كېيىن قالدى .گەرچە ئاي-كۈن ۋاقتىدا بولمىغان بولسىمۇ،لېكىن يەنىلا يىل ئوخشاش.شۇ سەۋەبتىن دەل بۈگۈنكى بۇ دەقىقىلەردە شائىرنىڭ 80 يىللىقىنى سىنپىمىزدا قىسقىغىنە 45 مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىدىن پايدىلنىپ تەبرىكلەندى. ئابدۇخالىق ئەپەندىنىڭ ئىش-ئىزلىرى،ئىجادىيەت پائالىيىتى،ئەمگەك مىۋېسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. سىنىپمىزدىكى 60 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان،ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر قالدى. شائىرغا بولغان چۈشىنىشى تېخىمۇ چۇڭقۇرلىدى.ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى. دەل مۇشۇ دەقىقىلەرگە شاھىت بولالىغان مەن،ئۈزۈمنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىمدىن ئەجدادلارنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلالىغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم،ئىپتىخارلاندىم بىز ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق،ئەجدادىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، مىللىتىمىزنىڭ ئاشۇ ئۇلۇغ تۆھپىكارلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. دېمەك بىز مىللەت بىزگە تاپشۇرغان بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. ئۇنى ئىسىمىزدە چىڭ ساقلىدۇق. ئەجدادلار روھىنى قورۇندۇرمىدۇق ئەكىسچە ئۇلار روھىنى خوش قىلدۇق. بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز،مەجبۇرىيىتىمىز،مەسئۇليىتىمىز، چۈنكى بىز ئۇيغۇر پەرزەنتى!! يازغۇچىمىز ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن كۈرۈشكەندە،ئۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ:« ئۆز تارىخىنى بىلىش شەرەپ،ئۇنتۇش نۇمۇس» دەپ ئېيىتقانىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى مېنىڭ سەبىي قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، بۇ ماڭا يۈكسەك بىر مەسئۇليەتنى تۇنۇتقان ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،مىللەت تارىخىمىزنى ئۈگۈنۈپ،ئۇنى يادىمدا چىڭ ساقلاپ يۈرگەن ئىدىم. يىڭى ئۇقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن پىلان بۇيىچە بىز تىل ئەدەبىيات زۆرۈر دەرىسلىك 5- كىتابنى باشلىدۇق تىل-ئەدەبىيات مەن ئەڭ ياقتۇردىغان دەرس. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئانا تىلىم. مەۋجۇتلىقىمنى،بارلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر ئىسپات.مانا دەرسىمىز ئوبزور باسقۇچىغا يېتىپ كەلدى.بۇ بۈلەكتە بىز داڭلىق ئوبزورچى مۇھەممەت پۇلات ئەپەندىنىڭ «زۇلمەتلىك يىللاردىكى ئوت يۈرۈك شائىر» ناملىق ئەسىرى بىلەن تۇنۇشقاچقا،مۇئەللىم بىزگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدا ماتىرىيال توپلاپ كىلىشنى ئېيىتتى. مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغۇرلۇق خېلى مەلۇماتلارغا ئىگە بولساممۇ،ئازراق كىتاب كۆرمەك بۇلۇپ،ئۈزۈم قەدىرلەپ ساقلاپ كىلۋاتقان كىتابلارنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.تۇيۇقسىز قۇلۇمغا،1087-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتنىڭ 54 يىللىقى خاتىرلەنگەن مەزگىلدە يېزىلغان ماقالىلەر توپلىمى « ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتىمىزىدكى رولى» نامىلق ماقالىلەر توپلىمى چىقىپ قالدى. كىتابنى ئوقۇۋېتىپ كاللامغا تۇيۇقسىز بىر خىيال كىردى. « ھەي،بۇ يىل ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتنىڭ 80 يىللىقى،ھەجەپ بۇ يىل بىرەر خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمىدى،بىز سىنىپتا بولسىمۇ بىر خاتىرلەش پائالىيىتى قىلساق قانداق بولار؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. مەن تەۋەككۈل قىلىپ سىنىپتا شۇنداق بىر پائالىيەت تەشكىللىمەكچى بولدۇم. مەن دەرھال ماتىرىيال كۈرۈپ ئۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر توپلاپ، قىسقىغىنە نۇتۇق ئورگىنالى تەييارلىۋالدىم. ئىچىمدە بىر خىل ھاياجان بار ئىدى. چۈنكى بۇ ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز ھېس-تۇيغۇ ئىىدى.مەن ئەتىسى مەكتەپكە كىلىپ،خىيالىمنى مۇئەللىمگە ئېيىتتىم. مۇئەللىم،بۇنداق بولشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن،شۇڭا سۈزۈمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كەتتى. ھەمدە بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىنى ئاجرىتىپ،خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈشكە قۇشۇلدى. دەرسكە كىرىس قوڭغىرىقى چېلىندى.تىل ئەدەبىيات مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ ئالدى بىلەن ئالدىنقى سائەتلىك دەرىسىتىن سىناق ئالغاندىن كېيىن يىڭى دەرس باشلىدى. مۇئەللىم ئوبزور توغۇرلۇق قىسقىغىنە گەپ قىلغاندىن كېيىن، ساۋاقداشلاغا ئالدىنقى قېتىم بەرگەن تاپشۇرق بۇيىنچە سوئال سورايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ھەممىمىز قول كۈتۈردۇق. ئۇ مەمنۇنلۇق ئىچدە،سۆز باشلىدى:- بۈگۈن ساۋاقداشلارنىڭ ئىپادىسى شۇنچە ياخشى بولدى. مەن بۇنىدىن ناھايتى خۇشال، بىز بۈگۈن سىنىپمىزدا،يىڭى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە توختىلىمىز. بۇ يىل بەلكىم بىلەرسىلەر ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بۇ ھەقتە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەي قالدى. شۇڭا بىز بۈگۈن سىنىپىمىزدا قىسقىغىنە 45 مىنۇتلۇق ۋاقىتتىن پايدىلنىپ،خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز! مۇئەللىمنىڭ سۈزى ئاخىرلىشىشى بىلەن سىنىپ ئىچى ئالقىش سادالارغا تولدى. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالدىغان مىنۇتلار ئىدى.بەلكىم كۆپىنچە كىشىلەر،بۇكۈننى بىلمەسلىكى،يادىدا بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما،بىر سائەت دەرس ۋاقتىدىن پايدىلنىپ،مۇشۇنداق بىر كۈننى خاتىرلەش ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئەلۋەتتە. مۇئەللىم،ئارقىدىن ساۋاقداشلارنى پىكىر قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ھەممىمىز قول كۈتۈردۇق، ئاخىر ئۇ مېنى ئوتتىرىغا چىقىپ سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.مەن ھاياجان ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقتىم. ۋە تۈنۈگۈن تەييارلىۋالغان ئورگنال بويىچە سۆزلەشكەن باشلىدىم. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار،ئۇقۇتقۇچىلار،ئەدىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.ئەجدادلارنى ياد ئىتىش،ئۇلارنى ئەسلەش،ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز.مەن بۈگۈن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى،شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە قىسقىغىنە سۆز قىلماقچىمەن. تارىخىمىزغا نەزەر سالدىغان بولساق،يەركەن سەئىدىيە خاندانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن،ئۇيغۇر جەمئىيىتى سوپا-ئىشانلار قولىغا قالدى،كىشىلەرنىڭ بىلىمىزلىكى، نادانلىقى تۈپەيلىدىن،ئۇيغۇر جەمىيىتى 3 ئەسىرگە يېقىن دۇنيادىن يېتىم قالدى. دۇنيا تەرەققى قىلىپ ھور ماشىنا دەۋرىگە قەدەم قويغان شۇ مەزگىللىردە ئۇيغۇرلار تېخىچە خۇراپاتلىق ئۇيقۇسىدا ئىدى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى،ھاكىمىيەتنىڭ چىرىكلىشى،ياڭزىڭشىڭ چۈكۈمىتىنىڭ قەبىيلىشىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر قاتتىق ئىزىلدى.مائارىپ سىرتىدا قالدۇرۇلغان خەلق قازان ئاستىدىكى قوڭغۇزدەك،نېمە قىلشىنى بىلمەي تىپىرلىماقتا ئىدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئىچدە بىر قىسىم ئويغانغان زىيالىلار بارلىققا كەلدى،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ئېچىلغانلىقتىن ئۆزىنىڭ تېخىچە نادانلىق ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۈرۈپ،خەلىقىنى ئۇيغۇتۇش،خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇش ئۈچۈن ئاقاتىش،يىڭى مائارىپ ھەركىتى ئېلىپ باردى. ئابدۇقادىر داموللا،قۇتلۇق شەۋقى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،مەمتىلى تەۋپىق ،ل.مۇتەللىپ قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى . بىز بۈگۈن ئۇلار ئىچىدىكى مەشھۇر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە توختىلمىز. تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرئابدۇراخمانئوغلى 1901 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەرئائىلىسىدەتۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆزدەۋرىگە نېسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى . ئابدۇخالىقئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىيمەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىك شائىرلارنىڭئەسەرلىرىنى ئوقۇشقاباشلىغان. 1916 – يىلىچوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللەبېرىپ، روسىيىنىڭشەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل – يېزىقىنىئۈگىنىدۇ . تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنيەنە تۇرپان يېڭىشەھەردىكىشۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەنمەكتەپنىتاماملايدۇ . بۇجەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامانئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ . ئەينى دەۋىردەئۇ دوستبۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ « سۇ بويىدا » ، « قىزىلراۋاقتىكىچۈش » رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەنۋە سۇن جوڭشەنئەسەرلىرىنىئوقۇپ، دېمۇگراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن . ئەنە شۇمەزگىللەردىلائابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدالكونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋەنادانلىققا قارشىتۇرۇپ، ئىلىم – پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتنىئۆزگەرتىشغايىسىتۇغۇلغان. 1923 – يىلىئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەنبىرگە 2 – قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغابېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ . بۇجەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇسئەدەبىياتى بىلەنتونۇشىدۇ . شۇنداقلائۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزىبىلەن كۆرۈپ، نەزەردائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ . 1926 – يىلىۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچەئىلىم – پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقاھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسمازاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يولقويمايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىقئۇيغۇرتۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەرخۇجا قاتارلىق كىشىلەربىلەن 1927 – يىلى « ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى » نامىدا بىر مەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانەتوپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىيازسەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قوروسىدا بىريېڭىمەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاق سارايدا « ھۆرىيەتمەكتىپى »، كوناشەھەرجەنۇبىيقۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ . . . بۇدەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭئىجادىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ . ئۇنىڭشېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىيمەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىقسادالىرى ھەتتا ئەينىدەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنىئەندىشىگە سالىدۇ . ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنىئۇنىڭ شېئىرلىرىنىئوقۇشتىن چەكلەيدۇ . ئۆزغايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932 – يىلى 11 – ئايدا « ئويغان » ، « ئاچىل » دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكە چوڭخەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىلتۇرىدۇ . – يىلى 12 – ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشىقوراللىققوزغىلاڭكۆتۈرىدۇ . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭشىسەي 1933 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندەئابدۇخالىقئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋىتەرغىباتچىسىدەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگەتاشلايدۇ . جاللاتشىڭشىسەي 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭيېڭى شەھەرقازىخانامەسچىتىنىڭ ئالدىدا قەتلى قىلىدۇ . ئابدۇخالىقئۇيغۇر بوينىغا قىلىچتەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەككېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچەيالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ . بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا « ياشىسۇنئەركىنلىك! » ، « ياشىسۇن ئازادلىق! » دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچەقۇربان بولىدۇ . . . مانا بۇ يىل دەل 2013-يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى. بىز ھەربىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇ كۈننى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىز،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ھەرۋاقىت ئەسلەپ تۇرشىمىز كېرەك. ئىسلاھات ئېچۋىتىلگەندىن كېيىن،مەدەنىيەتنىڭ قايتا رەتلىنىشى ۋە ساقلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇرۇنقى تارىخى ماتىرىياللار قايتىدىن يىغىپ رەتلەندى،نەشىر قىلىندى. قىسقىسى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كىتابلار بارلىققا كەلدى. مەن شۇنداق دېگەچ،ئۈزۈم يىغىپ ساقلاپ كىلۋاتقان،خېۋىر تۈمۈر ئەپەندى يازغان «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»،خەلق نەشىرياتى 1987-يىلى نەشىر قىلغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»،يىڭىدىن نەشىر قىلىنغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»،«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»،«بالدۇر ئويغانغان ئادەم—ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»،«ئاچىل» «ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى رولى» ناملىق كىتابلارنى ساۋاقداشلارغا كۆرسەتتىم. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بولغان بۈگۈنكى كۈننى،ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يادىدا چىڭ ساقلىشى كېرەكلىكىنى تاپلاپ سۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇردۇم. ئاخىرىدا،مۇھەممەت شاھناز ئەپەندى يازغان كىتابنى ئەدەبىيات مۇئەللىمىمگە سوۋغات قىلدىم. سىنىپ ئىچى كۈلدۇراس ئالقىش-سادالارغا تولدى. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالدىغان مىنۇتلار بولدى. مېنىڭ بۇ قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەس بىز ئىزغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن،ساۋاقداشلار تەييارلاپ كەلگىنى بۇيىچە سۆز قىلدى. ساۋاقداش تۇرغۇنجان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە قىسقىغىنە سۆز قىلدى. تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرئابدۇراخمانئوغلى 1901 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەرئائىلىسىدەتۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆزدەۋرىگە نېسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى. ئۇ 32 يىللىق ھاياتىدا تالاي ئۆلمەس شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ نىڭ «ئۇيغان»،« غەزەپ ۋە زار» «ياز تۇنى» قاتارلىق شىئىرلىرى بار. ئۇ 1933-يىلى جاللات شېڭسىسەي تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان... ئۇنىڭدىن كېيىن ساۋاقداش ئەلفىرە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ كاتالوگىنى ئوقىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۆۋەندىكىدەك شېئىرلارنى يازغان. 1. ئۇيغۇر قىزى 2. بەختىگۈل 3. ئۈمىد تەبەسسۇمى 4. يۈرەك باغرىم ئىزىلدى 5. سېغىنىش 6. ئىستىمەس 7. باردۇر 8. ئويغان 9. ئىنتىزارلىق 10. پەرزەنىت 11. خەيىر كۈرۈشەرمىز 12.باھار چېچكىدىن بىر تەسىر 13. قايدىسەن 14.قىل باھار 15. بىر پەلەكنىڭ خەمىكى 16. پىغان 17. ھار 18. غەزەپ ۋە زار 19.ئۈزۈلمەس ئۈمىد 20. ئاچىل 21. يەجۈجى-مەجۈجى 22. غەيرىتىڭدىن ئايلىناي 23. غەيرىتىڭدىن ئايلىناي 24. ياز تۈنى 25. ئىشقى مۇھەببەت 26. يېقىن بولدى. 27. نە قىلاي. 28. چىراغ 29. ھىجران .30. مەرسىيە 31. بىۋاپا 32. ئۈمۈد كەبەم 33. كۈرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس 34. كۆڭۈل خاھىشى 35. ئارمان 36. دەردى دەۋران 37. پەيزى بار 38. ئايلىناي 39. يامان بولدى 40. بەر مەدەت 41. ئىللە كىم كۈتە 42. باغ ئارا سەيلە قىلىپ 43. ئۈچ شېئىر 44. مەرسىيە 45. رۇبائىي ۋە پارچىلار 46. مۇرەببەلەر 47. سالام خەت 48. ئارزۇ ئارمانىم مېنىڭ 49. تۈمەنمنىڭ لەنەت ساڭا زالىملار 50. كۆردۈم 51. مۇزلىدى 52. قىزىدى 53. ئىچ پۇشۇش قاتالىق شېئىلىرى بار. ئۇنىڭ سۈزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىنىپ ئىچى يەنە بىر قېتىم ئالقىش سادالارغا تولدى. ھەممىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يازغان شېئىرلارنىڭ ئىسمىنى بىلۋالدۇق،خاتىرلىۋالدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ساۋاقداش نۇرئامىنە ئۇنىڭ «ياز تۈنى» ناملىق غەزىلىنى دىكلىماتسىيە قىلدى.
ياز تۈنى ياز تۈنى كۈندۈز قىزىق بولغاي ھاۋا ئىسسىق ۋە تار، ھەر كۈنى ئاخشامنى كۆپ جان خالىغان بىئىختىيار. كېچە ھەركۈن ئۆگزەسىدە تاغ شامالىغا قاراپ، «كەل،جېنىمنىڭ راھىتى» دەپ خالىغاي بىئىختىيار.
كۆك يۈزىى ساپ،ئاندا يوق تاپ بارچە يۇلتۇزلار يېقىن، شۇل يىراقتىن خوپ يېقىنلاشقانغا ئوخشاش پارقىرار . ھەركىشى بۇ خۇش ھاۋا ئاستىدا خۇشاللىق ئىلە، گەپلىشىپ ياندا يولداشى بىلەن كۆڭلىن ئاچار.
بار مەگەر شائىر غېرىپ يالغۇز ياتار كۆككە قاراپ، كۆكتە يۇلتۇزلار يانار يەردە پەقەت شائىر يانار.
ساۋاقداش ياسىن ئۇنىڭ ئىستىمەس ناملىق شېئىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى.
ئايرىلمىغىل
\ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن دوستلىرىم ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.
مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ - تاش، دەريا، ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.
ئات ئۆزۇڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
شىر ۋە ھەم يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.
تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بويال، نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.
كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نىچۈك بولغاي كېيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل.
سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار ئالماي قېلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.
ئاخىرىدا سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ غەزەپ ۋە زار ناملىق شېئىرىيىنى دىكلىماتسىيە قىلدۇق.
غەزەپ ۋە زار
ئەي پەلەك، بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،
ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.
ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،
قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
يۈزمۇ يۈز قىلماس تەئەرروز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.
لا ئەقىل دەپ ئويلىدى چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار، كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.
قولىدىن كەلمەيدۇ ئىش دەپ، دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،
مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.
پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،
بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.
چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،
ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،
مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.
ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،
مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
ئىلىم پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،
ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.
تىل ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!...بۇ جاننى قىينىدى،
ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.
زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،
تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن.
سىنىپ ئىچى ئاجايىپ ھەيۋەت بىر تۈسكە كىردى. سىنىپمىزدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچى بۇ سائەتلىك دەرىسنى ئۇنتۇلغۇسىز بىر سائەتلىك دەرسىكە ئايلاندۇردى... 2013 –يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 03:49 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-8 10:45 PM):
ئا. ئۇيغۇرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى 1933 ئىدى. 1993 بوپ قاپتۇ. توغرا چۈشىنىڭلار
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-8 11:52 PM):
تورداشلار، تولىمۇ خىجىلمەن. تېمىمدا نۇرغۇن جايلاردا ئىملا خاتالىقى باكەن
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-8 11:53 PM):
ئەسلى بۇنداق خاتالىقلار بۇنداق تېمىلاردا بولمىسا بولىتتى. كەچۈرۈڭلار.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-8 11:54 PM):
خاتالىق ئىككى: ئۈزۈمنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى دېگەن جايدىكى ئۇيغۇر چۈشۈپ قاپتۇ
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-8 11:55 PM):
خاتالىق ئۈچ: 1987-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دېگەن جاي 1087 بوپ قاپتۇ
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-9 12:03 AM):
خاتالىق 4. ياڭزىڭشىڭ ھۈكۈمىتى دېگەن سۆز چۈكۈمىتى بوپ قاپتۇ. كەچۈرۈڭلار
|