مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 23

تۇغۇلغان كۈن‹‹ھېكايە››-ئايتۇغ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 21792
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 4631 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇغۇلغان كۈن

ھېكايە

سائادەت ساتتار ئايتۇغ


100_1561_2495e6096ab33d3.gif

بۈگۈن مىنىڭ ھەربىر كىشىگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك بولغان تۇغۇلغان كۈنۈم. بۇ تۇغۇلغان كۈنۈم نىمىشقىدۇر ماڭا ئىلگىرىكىلىرىدىن ئالاھىدىرەك بىلىنگەچ ئادەتتىكىدىن سەھەر تۇردۇم. كەيپىياتىم ياخشى، قەلبىم ھاياجان ھىسلىرىغا چۆمۈلگەن ئىدى.شۇنداق بۈگۈن مىنىڭ 17-ياشقا قەدەم قويغان تۇغۇلغان كۈنۈم!  دىمەك، مەن سەبى بالىلىق بىلەن ئاستا-ئاستا خوشلىشىۋاتاتتىم. ياشلىق بۇسۇغىسىغا ئەيمىنىش ۋە تېڭىرقاش بىلەن قەدەم ئالغىنىمدا نىمىلەرنىڭ قارشى ئالىدىغىنى ھازىرچە ھەممىگە قاراڭغۇ بولسىمۇ، قەلبىمدە بىر تاتلىق ئۈمىد ۋە ئىشەنچ نۇرى چاقنايتتى.

ئەتىگەندە بىرىنجى بولۇپ ئانام پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى قۇتلۇقلىدى.تېخىمۇ ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم. ئالەمچە خۇشاللىق كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندەك ياسىنىپ-تاراندىم. ئانام نەچچە كۈن ئاۋاللا تۇغۇلغان كۈنۈمنى ھەشەمەتلىك غەرپچە رېستۇراندا ئۇرۇغ-تۇغقانلار بىلەن بىرگە تاماقلىنىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغىنىنى ئېيتقاچقا ئەڭ يېقىن دوستلىرىم بىلەن چۈشلۈك تاماقنى تورتخانىدا بىرگە يىدىم.ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بەرگەن سوۋغاتلىرىنى سۈيۈنۈش ۋە خۇشاللىق بىلەن تاپشۇرىۋېلىپ تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ھەممىسى دىگۈدەك مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋە ئارزۇ قىلىدىغان سوۋغاتلارنى تەييارلاشقان ئىدى. دوستلىرىم بىلەن خېلى ئۇزاق چۇرقىرىشىپ، ئوينىشىپ يۈرۈپ قايتتۇق.

يول ئېغىزىدا دوستلۇرۇم بىلەن خوشلىشىپ ، ھاياجان بىلەن ئەتراپىمغا-ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ كۈندە تەكرار بېسىپ كىلىۋاتقان مەھەللە يوللىرىغا مىھرىم بىلەن قارىدىم. يول بويىدىكى دەل-دەرەخلەر ماڭا ئىگىلىپ سالام قىلىۋاتقاندەك، تۈرلۈك-تۈمەن گۈللەر مەن ئۈچۈنلا بۈگۈنگە ئۈلگۈرۈپ ئېچىلغاندەك،كوچىدىكى ئالدىراش كىشىلەرمۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلىدىغاندەك ھېلىلا ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ تەبرىكلەيدىغاندەك، ھەتتا بۈگۈنكى قۇياش نۇرىمۇ باشقا چاغلاردىكىدىن ئىللىقتەك تۇيۇلۇپ كەتتى..

  ئانام بىلەن بىرگە كەچتىكى سورۇننىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىۋاتاتتۇق يانفۇنۇم سايراپ كەتتى. قارىسام دادامنىڭ نومىرىكەن يۈرىكىم‹‹قارتتىدە›› قىلىپ قالدى. شۇنچە تۇغۇلغان كۈنلىرىمدە دادامنىڭ تىلىفۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغىنىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم دەقىقە ئىچىدە يېرىم بولدى. لېكىن ئۆزۈمنى دەرھال ئوڭشىۋېلىپ تىلىفۇننى قۇبۇل قىلدىم.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا. قانداق ئەھۋالىڭىز؟

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام جىنتەك. تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

-رەھمەت دادا! بۇ قېتىم ئۇنتۇلۇپ قالماپسىز ھە؟!

-ياقەي قىزىم ھەر قېتىم ئۇنتۇلۇپ قالمايمەن. تىلىفۇن قىلمىساملا ئۇنتۇلۇپ قالغان بولمايمەندە؟

-ئۇنداققۇ ئەمەس دادا...

- ئېسىڭىزدىدۇ، 10 ياشقا كىرگەندە تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىم؟.

-ھەئە دادا ئېسىمدە.

- ھە، مەن شۇ چاغدىلا ئويلاپ قويغان ئەمدى 15ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دەپ. لېكىن ئۆزىڭىز بىلىسىز 15ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە مەن چەتئەلدە بولۇپ قېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىدىم.

-ھېچقىسى يوق دادا.

-ھە قىزىم قالدى گەپنى كۆرۈشكەندە دىيىشەيلى سىزگە ئاتاپ ‹‹تۇمارىس›› رېستۇرانىدىن ئۈستەل زاكاس قىلىپ قويدۇم. سائەت 6 دە سىزنى ئالغىلى بارىمەن تەييار بولۇپ تۇرۇڭ.

-دادا،...دادا..مەن...

- ھەراست يېقىن دوستلىرىڭىزنى نەچچىنى چاقىرۋېلىڭ مەن نىگارەلەرنىمۇ ئېلىپ بارىمەن تازا بىر ئوينىۋېلىڭلار.

- دادا...ئاپاممۇ ئۈستەل زاكاس قىلىپ بوپتىكەن. سەل كەچرەك كۆرۈشسەك بولارمۇ---دىدىم تولىمۇ ئوڭايسىز ھالدا.

لېكىن دادام گېپىمنى قىلچە چۈشەنمىگەندە كەسكىن تەلەپپۇزدا:

- ۋاي ھېلىمۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئاپىڭىز بىلەن نۇرغۇن تۇغۇلغان كۈنلىرىڭىزنى بىللە ئۆتكۈزدىڭىزغۇ؟ مىنىڭمۇ ۋاقىت ئاجراتمىغىم ئاسان ئەمەس قىزىم ئاۋال بىز بىللە تاماق يەيلى ئاندىن مەن سىزنى ئاپىڭىز بار يەرگە ئاپىرىپ قويمامدىمەن؟

-ئۇغۇ شۇ دادا لېكىن ئاپام ئۇنىماسمىكىن؟...مەن دەپ باقاي...

-نىمىنى دەپ باقىسىز نىمىنى؟ سىز مىنىڭمۇ بالام تۇرسىڭىز؟ مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزسىڭىز نىمە بوپتۇ؟ ياق دەپ باقسۇنا ئاپىڭىزغا ئۆزۈم گەپ قىلىمەن. بولدى  تەييار بوپ تۇرۇڭ 1 سائەتتىن كىيىن ئالغىلى بارىمەن!

-دادا...داد.....

دادام تىلىفۇننى قويىۋەتكەن ئىدى. راستىمنى ئېيتسام دادامنى شۇنچە سېغىنغان ئىدىم.شۇنداقلا بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم بار ئىدى. يەتتە ياش مەزگىللىرىمدە ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا بىزنى تاشلاپ كىتىپ، باشقىلارنىڭ دادىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ماڭا شۇنچە ئېغىر كەلگەن، دەسلىۋىدە ئۇنى نەچچە رەت يۈز تۇرانە ئەيىپلىگەن، ئۇ چاقىرسا چىقمىغان، بەرگەن سوۋغاتلىرىنى ئالمىغان.....بولساممۇ بارا-بارا ۋاقىتنىڭ ھۆكمى بىلەن بۇ رىياللىققىمۇ تەن بېرىپ كۆنگەن ۋە دادا مىھرىدىن يىلدا نەچچە رەت بولسىمۇ بەھرىلىنىپ كىلىۋاتقان ئىدىم. لېكىن، ئۇنىڭ كەم دىدار بولۇپ كىتىۋاتقىنىغا ئەگىشىپ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرىكى تارتقان ئۇۋالچىقىلىم ۋە يىتىسىرىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە قايتىدىن بىخ سۈرۈشكە باشلىغان نەپرەت ۋە ئەلىمىم مانا مۇشۇ نەچچە دەقىقە ئىچىدە ئاللىقاياقلارغىدۇ غايىپ بولۇپ، بۇلۇتلۇق ئاسماندىكى تۇمانلار بىردىنلا تارقىلىپ قۇياش پارلاپ چىققاندەك كۆڭلۈمنىڭ ۋاللىدە ئېچىلىپ قالغىنىغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم.  ئۇنى كۆرمىگىلى 2يىلدىن ئاشتى ئەمەسمۇ؟ئۇنى راستىنلا چىن يۈرۈكىمدىن سېغىنغان، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقۇم، چاقچاقلاشقۇم، ئەركىلىگۈم...كەلگەن ئىدى.

لېكىن، دادامنىڭ تىلفۇنىنى قۇبۇل قىلغىنىمدىن باشلاپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئاپامغا قاراشقا پېتىنالماي ئوڭايسىز بىر ئەھۋالدا –دادامكەن...-دىدىم ئاپامدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ.

-بىلدىم،! دىدى ئاپام زەردە بىلەن، مەن  ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ھوجرا ئۆيۈم تەرەپكە ماڭدىم.

-تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرەمدىكەن؟-دىدى ئاپام تەنە ئارىلاش كەسكىن تەلەپپۇزدا.

-ھەئە..شۇ..شۇنداق دەيدۇ-،دىيەلىدىم ئارانلا ئاڭلانغۇدەك پەس ئاۋازدا.

-قانداق قىلاي دەۋاتىسىز؟

-بىلمىدىم شۇ...

-مەن تۇغقانلارنىڭ ھەممىسىگە دەپ بولغان.ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقان ئادەم مەن. بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىڭىزنىمۇ مەن ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.شۇنچە يىلدىن بېرى تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان ئادەم بۈگۈن ئەجەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈسى كىلىپ قاپتا؟ نەچچە ۋاقىتتىىن بېرى نەدە بېسىلىپ قاپتىكەن ئۇ ۋىجدانسىز؟ ھە...بىلدىم ئەمدى چوڭ بوپ قالدىڭىز ئەمەسمۇ؟ شۇڭا نەچچە ۋاقىتتىن قىلغانلىرىنى بىراقلا يۇيۇپ ياخشىچاق بولىۋالاي دەپ ئويلاپتۇدە؟ئۇنداق ياسالمىلىقىنى ئاشۇ كۆز بويامچىلىق بىلەن جان بېقىۋاتقان سودىسىدىكى ھايانكەشلىرىگە قىلىپ بەرسۇن! بۈگۈن سىزنى ئەۋەتمەيمەن دىدىم ئەۋەتمەيمەن! قېنى مىنى نىمە قىلالايدىكىن بىر كۆرۈپ باقاي!

-ئاپا...دادام ھازىر مىنى ئالغىلى كىلىمەن دىدى. بىردەمدىن كىيىنلا سىلەر بار جايغا ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى. سىز تەييارلىقلىرىڭىزنى قىلىپ رېستۇرانغا بېرىپ بولغۇچە مەنمۇ ھايال بولمايلا يىتىپ باراتتىم..بولامدۇ ئاپا؟ ماقۇل دەڭە؟

-ھە؟! ئەسلى سېنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگىڭ باركەندە؟! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى‹‹ۋاي ئۇنداق دادام يوقەي، ئەمدى ئۇنى كۆرەر كۆزۈم يوقەي...پالان-پۇستان....›› دەۋاتقانلىرىڭ ئەسلى مىنى ئالداپ ئۆزۈڭنى باقتۇرۇش ئۈچۈنمىدى؟ ئەمدى چوڭ بولىۋالدىڭ، قانات-قۇيرۇقۇڭ يىتىلدى، كىم بىلەن مېڭىشنى خالىساڭ شۇنىڭ بىلەن ماڭىسەن...شۇنداقمۇ؟ ئەمدى سېنى مەن باشقۇرالمامدىم؟

-ياق ئاپا ، ئۇنداق ئەمەس. لېكىن ئۇ دادام تۇرسا..- دىدىم مىڭ تەستە غەيرەتكە كىلىپ.

ئاپام غەزەپ بىلەن كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ :- ھەئە ئۇ سېنىڭ داداڭ!  سەندەك ئۆز بالىسىنى تاشلاپ كىتىپ خەقنىڭ بالىسىنى بېقىۋاتقان داداڭ دەل شۇ!  سەن ئاغرىپ قالغاندا بىرەر قېتىم ھاپاچ ئىتىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقمىغان، يىقىلىپ چۈشسەڭ بىرەر قېتىم يۆلەپ باقمىغان ، پۇل-بايلىقنى دەپ ئۆيىدىن، خۇتۇن-بالىسىدىن تېنىپ خەقنىڭ غالچىلىقىنى قىلغىلى كىتىپ قالغان داداڭ شۇ! ئەمدىلىكتە ئەجەپ ئېسىگە كىلىپ قاپسىنا؟! مەن ساڭا دەپ قوياي بۈگۈن ئۇنىڭ يېنىغا ئۈلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇكى تىرىكىڭ چىقمايدۇ! نوچى بولسا ماۋۇ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، مىنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، سېنى ئېلىپ چىقىپ كەتسۇن!

-ئاپا.....

-ئاز گەپ قىل! ساڭا باشقا گەپ يوق! بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام .... ئىشقىلىپ مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم يا داداڭ بىلەن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگىلى بېرىپ ئىككىنجى ماۋۇ ئۆيگە دەسسىمەيسەن. يا مەن بىلەن رېستۇرانغا بارىسەن! ئۆزۈڭ تاللا!

ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كارۋاتتا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئىختىيارسىزلا ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشلىرىم يېڭىلا سۈركىگەن كىرپىك لاكلىرىم بىلەن قۇشۇلۇپ مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ، بۈگۈنگە ئاتاپ سېتىۋالغان ئاپئاق كوپتامنىڭ مەيدىسىگە خۇددى يۈرۈكۈمگە ۋولقان ماگمىسى ئاققاندەك ئېقىپ، قارا چىكىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتاتتى.....

يانفۇنۇم توختىماي سايراۋاتاتتى. دادامنىڭ ئۇرىۋاتقىنى ئېنىق. مەندە تىلىفۇننى قۇبۇل قىلغۇدەك جۈرئەت ۋە كەيپىيات يوق، ئۈمىدسىزلىكنىڭ، ئىلاجىسىزلىقنىڭ...ئالقانلىرىدا مىجىلماقتىمەن. كاللامنى گىدىرماچ سۇئاللار ئەسىر قىلىشقا باشلىدى. نىمىشقا؟، زادى نىمىشقا؟! نىمىشقا مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى باشقىلاردەك ئاپام-داداملار بىلەن بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ شامنى تەڭ پۈۋدەپ ئۆتكۈزەلمەيمەن؟ ئۇلار نىمىشقا ئاجرىشىپ كىتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ توي قىلىشى ئەسلىدىنلا خاتا بولغىيمىدى؟ ئۇنداقتا ئۇلار بۇ خاتالىقنى نىمىشقا مەن تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ھىس قىلدى؟ نىمىشقا ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن مەن جازالىنىمەن؟ نىمىشقا ئۇلار مىنى تار يەردە قىستاپ ئازاپلايدۇ؟ مەن بۇ ئىشلارنىڭ قايسىغا سەۋەپچى بولغاندىمەن؟!تۇغۇلغان كۈنۈمنى قايسىسى بىلەن ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك؟ ياق!، بولدى مەن بۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزمەيمەن! چۈنكى مىنىڭ تۇغۇلۇشۇممۇ ئەسلىدىنلا بىر خاتالىق ئىكەن. مەن يەنە بۇ خاتالىقنى تەبرىكلەپ نىمە قىلاي؟ مىنىڭ بۇ دۇنياغا خاتا ھالدا پەيدا بولۇپ قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغان بۇ ئىككەيلەن يەنە نىمىنى تەبرىكلىمەكچىكىنە؟!

ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى. كەينىدىنلا ئاپام بىلەن دادامنىڭ ۋاقىرىشىپ، تىللىشىشلىرى ئاڭلاندى. ھەممىسى مەن كىچىك چاغلىرىمدا كۆپ ئاڭلىغان، قورقۇنۇش ۋە ۋەھىمە ئىچىدە تالاي كېچىلىرى جۆيلۈپ ئويغۇنۇپ كىتىپ قاتتىق يىغلاپ كىتىشىمگە سەۋەپچى بولغان،مانا بۈگۈنكى كۈندە مەن  ئاڭلاشقا تىگىشلىك بولمىغان، مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان تالاش-تارتىشىشلار، ئاچچىق كىنايىلەر، سەت ئىبارىلەر!

ئورنۇمدىن تۇرۇشۇم ئىشىك ئېچىلىپ دادام-ئاپاملار تەڭلا كىرىپ كەلدى.

-قىزىم ئۆزى بىرنىمە دىسۇن! قېنى ئۇ تاللاپ باقسۇن كىم بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن؟

-قىزىم؟ ئۇ قاچاننىڭياقى سېنىڭ قىزىڭ بوپ قالدى؟

- بولدى قىل ھە؟! ھېلى بىكار...!

-ۋاي نوچى بولساڭ ئۇرۇپ باقە قېنى؟ ئىلكىڭدە چاغدىغۇ كۆرسەتمىگەن كۈنۈڭ قالمىدى. يەنە ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرىپ ھۆركىرەيدىغان ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى؟

....

....

بولدى!- جەھلىم بىلەن شۇنداق قاتتىق ۋاقىردىمكى ئانام كاچات تەككەن ئىڭىكىنى سىلىغان پېتى، دادام چەكچەيگەن پېتى ماڭا قاراپ جىممىدە تۇرۇپ قېلىشتى.

جانسىز پۈتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىشىم ئانام- نەگە بارىسىز؟-دەپ توۋلىدى. ئاستا كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. ئۇلارنىڭ كۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قارىدىم. قانچە ئۇزۇن قاراپ تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇلار كۆزلىرىمدىن شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇئاللارنى ئاڭلىدى بولغاي باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ، كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىشتى.

-سىلەر نىمىنى ئۆتكۈزۈشنى تالىشىۋاتىسىلەر؟ بۇ ئۆيدە ئەزەلدىن تەبرىكلىگۈدەك ئىش بولۇپ باققان ئەمەس! –دىدىم ۋە ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتىم.

يەنە شۇ تۇنۇش يولدا كىتىۋاتىمەن لېكىن، بايىقى مەنزىرىلەر  يوق.دەرەخلەر باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ،خۇددى ماتەم مۇراسىمىدا تۇرغان ھازىدارلاردەك سالپىيىشىپ تۇرۇپتۇ.كىشىلەرنىڭ چىرايىدىنمۇ مۇز يېغىۋاتىدۇ.بىنالاردىن، ئىستولبىلاردىن، ئاسفالىت يوللاردىن...ھەممىسىدىن مۇز يېغىۋاتىدۇ.  گۈللەرمۇ ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان، چىملىقلارمۇ شۇنچە مۇڭلۇق، پۈتۈن كائىنات  شۇنچە مىسكىن، شۇنچە سوغۇق.

2011-10-25

«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-8 02:38 PM  


ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1834
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايتۇغ ھەدە ھەقىقەتەن تەسىرلىك يېزىپسىز!!كۆزلۈرۈمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى..............
ئاجراشماڭلا ئاتا ئانىلار،يېتىم بولمىسۇن سەبىي بالىلار!!

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،    لىكىن كىمنىڭمۇ ئۆز بالىسىنى يىتىم قىلغۇسى بار ، ھازىر ئاجرىشىش  نىسبىتى جەھەتتە بىز 1- ئورۇندا ئىكەنمىز ، مىنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ ئايالى توي خېتى  بېرىدىغان يەردە ئىشلەيتى ، ئاجرىشىدىغان ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن پەقەت ھەپتىدە بىر كۈنلا ئىش بېجىرىدىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   banker625 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-8 03:57 PM  


ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 961
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن . ئاتا-ئانىسى تىرىك تۇرۇپ يىتىم بولغان  بىچچارىگە نىمە ئوۋالچىلىقبۇ  .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2692
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
banker625 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 07:56 PM
ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،    لىكىن كىمنىڭمۇ ئۆز بالىسىن ...

مېيىپ دېگەن ئىتوتتىكى ھېلىقى مۇدۇرمۇ شۇنداق دەيدىغان ؛ بىزنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىمىز بىرىنچى ئورۇندا تىرىدىكەن دەپ، سىزمۇ ئاڭلىۋاپسىزدە

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 04:01 PM
مېيىپ دېگەن ئىتوتتىكى ھېلىقى مۇدۇرمۇ شۇنداق دەيدىغان ...

مەن ئۇ ئېتوتنى كۆرمەپتىكەنمەن ،  لىكىن بۇنداق گەپلەرنى كۈندىلا ئاڭلاپ تۇرىدىكەنمىز  يۇرتىمىز كىچىككىنە بولغاچ

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2820
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
553.png

نوچى بول پوچى بولما، ئېسىل بول

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56125
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2681
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1222 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائادەت ھىكايىڭىز بەك ياخشى چىقپتۇ ،ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.

نوچى بول پوچى بولما ،ئېسىل بول ناچار بولما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا تەسىرلىك چىقىپتۇ.ئاتا ئانىسىنىڭ ئەپ ئۆتمىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى ئارزۇ قىلغانلارنىمۇ كۆپ كۆردۈم.
ئاللاھقا شۈكۈر.ھازىرغىچە ئاتا ئانامنىڭ قاتتىقراق ۋارقىراشقىنىنى بىلمەيمەن.ئاللاھ ئەبەدىي قىلسۇن.ئامىين.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش