ئەجداد روھى بىزگە ھەم ئۆرنەك
قاپاق تۈرەر شۇنچە يېقىمسىز،
تەبەسسۇم ھەم ئىللىق سۆزگىمۇ.
رازى ئەمەس ھەم كائىناتتىن،
بەرىكەتلىك سېخى كۆزگىمۇ.
ئۆزەڭچىسەن ھەممىگە قابىل،
بىلمەيدىغان ئىشىڭ يوق پەقەت.
ئەخمەق ھەممە بارچىسى نادان،
چۈشەنمەسمىش سەنچىلىك ھىكمەت.
گەر قويسىمۇ قۇياش ساڭا باش،
يەنە رازى ئەمەسسەن چۇقۇم.
ئويلىمىدىڭ ئىللەتلىرىڭنى،
چاپلاشتىكىن نەدىن بۇ يۇقۇم.
يىتۈك زاتسەن ئوزەڭچە شۇنداق،
چىش يارمىسۇن سۈزۈڭ توغۇرلۇق.
توۋا دىدىم ياقامنى تۇتۇپ،
بۇنداق قىلمىش ئەسلى كۇپۇرلۇق.
ئەيىپىنى بىلمەس ھىچ كىشى،
ئوزىدىكى ئىللەتلىرىنى.
ھەرنە كۆرسەڭ خۇي پەيلىڭدىن كۆر،
پەش قىلمىغىن شەۋكەتلىرىڭنى.
بارچىمىز ھەم نوقسانسىز ئەمەس،
خەلقىمىز ھەم بولغۇسى ئەينەك.
ئىسىل خىسلەت يار بولسۇن بىزگە،
ئەجداد روھى بۇلۇپ ھەم ئۆرنەك.
مەنبە :قەلەم