مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7770|ئىنكاس: 71

ئەرەب باھارىدىكى مۇمكىن بولمايدىغان ئۇتقۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 07:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

article-2095579-1191309A000005DC-876_966x611[1].jpg

ئەرەب باھارىدىكى مۇمكىن بولمايدىغان ئۇتقۇچى
ئاپتورى: دومىنىك موسى (فرانسىيە)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009


ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ


2003-يىلى سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتىنى غۇلىتىپ تاشلىغان ئىراق ئۇرۇشىدا پەقەت بىر ئىراندىن ئىبارەت ھەقىقىي ئۇتقۇچى بار. ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي ئارىلىشىش ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى سۈننىي مەزھىپىدىكى ھاكىمىيەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئاساسلىق دۈشمىنى ئىراننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتتى.
10 يىلدىن كېيىن، بىز مەزكۇر رايوندىكى باشقا بىر كۈلكىلىك نەتىجىگە شاھىت بولدۇق: ھېچ بولمىغاندا ھازىرغا قەدەر، ئىسرائىلىيە «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىدىكى بىردىنبىر ھەقىقىي ئۇتقۇچى بولۇپ قالدى.
كۆپ قىسىم ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇنداق چۈشەندۈرۈشكە چوقۇم قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ داۋالغۇغان ھەمدە كەلگۈسى مۇجمەل رايونلۇق مۇھىتقا دۇچ كەلدى. دەل نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ تۆمۈر قۇببە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سىناي يېرىم ئارىلىدىن تېل ئاۋىۋ پورتىغا ئېتىلغان راكېتا بومبىنى توسۇۋالدى.
ئىسرائىلىيە چېگرىسى، بولۇپمۇ ئۇزۇن مىسىر-ئىسرائىلىيە چېگرىسى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ئەمدى بىخەتەر بولالمايدۇ. ھازىر كىمنىڭ مۇتلەق ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئامالسىز. بارلىق ئېھتىماللىقنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت. ئىسرائىلىيە شۇنچە داۋالغۇپ تۇرغان مۇھىتتا داۋاملىق مۇقىم، بىخەتەر، زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوستانلىقى بولالامدۇ؟
جاۋابى ئەلۋەتتە بولالمايدۇ. ئىسرائىلىيە ئېھتىمال بۈگۈنكى دەۋردىكى نوھنىڭ كېمىسى دەپ ماختىنىشى مۇمكىن، ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. تېل ئاۋىۋ ئېھتىمال سان فرانسىسكو، سىنگاپور ۋە سانپاۋلو ئارىسىدىكى مەركەز بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما يەنىلا دەمەشىق بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومېتىر كەلمەيدۇ. ئۈمىدسىزلەر (ئېھتىمال رېئالىزمچىلار بولۇشى مۇمكىن، پۈتۈنلەي سىزنىڭ قانداق قارىشىڭىزغا باغلىق) ئىسرائىلىيە چوقۇم ئەڭ يۇقىرى ھوشيار ھالەتنى ساقلىغاندىلا ئاندىن ئەڭ چوڭ چەكتە خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، نۇرغۇن (ھەتتا مۇتلەق كۆپ قىسىم) ئىسرائىلىيەلىكلەر تەسەۋۋۇر كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ تەۋەككۈل قىلىشقا ۋاقىت يوق دەپ قارايدۇ. ئەمما پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىمال پەقەت بىر پارچە ئەۋرەت لاتىسى بولىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيە پەقەتلا مىسىر ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكىغا قارىماي ئىسلام ئۆكتىچىلىرىنى قىرغىن قىلغىنىدەك ئامېرىكىنىڭ ئىرادىسىگە پۈتۈنلەي كارى بولماي تۇرۇۋالسا بولمايدۇ.
ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىشتە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان چۈشەنچە بولىشى مۇمكىن. 18-ئەسىردە باشلانغان ئىنقىلاب 1524-يىلدىن 1648-يىلغىچە ياۋروپانى خورلىغان دىنىي ئۇرۇشنىڭ قايتا نۇسخىلىنىشىغا ئۆزگىرىپ كېتىپ، كاتولىك دىنى ۋە پروتېستانت دىنى مۇرىتلىرىنىڭ تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، بۈگۈنكى سۈننىي ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ تىركىشىشگە ئوخشاپ كېتىدۇ. (ئەمما بىز پەقەت مىسىرنىڭلا ھەربىي ساقچى ھاكىمىيىتىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆردۇق)
بەزىلەر ئېھتىمال ياۋروپانى مەركەز قىلغان بۇنداق چۈشەندۈرۈشكە قوشۇلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلار ئېنىقلا بىر بىرىنى ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشقا زىيادە ئالدىراپ كەتتى ھەمدە پەلەستىن ياكى ئىسرائىلىيەنى ئۇنتۇپ قالدى. (ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى دەپ قارالغان مىسىر ۋە سۇرىيە خرىستىئان ئاز سانلىقلىرىدىن سىرت) يەھۇدىيلار ياكى خرىستىئانلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ئېنىقلا ئىككىنچى سەپكە چۈشۈپ قالدى. بەزى ھۆكۈمەتلەر ھەتتا ئىسرائىلىيە بىلەن ئېنىق ھەمكارلىق ئورناتتى. چۈنكى ئىنتايىن خىرىسقا تولغان مۇھىتتا ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك، ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغا موھتاج. ئەمەلىيەتتە، ئىسرائىلىيە ۋە ئىئوردانىيە قىسىملىرى نۆۋەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەر قايسىسى ئۆز چېگرىسىدا ئىراق ياكى سۇرىيە غازاتچىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسماقتا، ئىسرائىلىيە ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى نىشانىمۇ ئورتاقتۇر.
شۇنداق قىلىپ ئەرەب ئىنقىلابى ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىستراتىگىيىلىك شېرىك سۈپىتىدە (بەزى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا) سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ پەيتتە، پەقەتلا سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئەرەبلەر سانى تارىختىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىكىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى.
ئەلۋەتتە، كىشىلەر بۇنىڭدىن خاتا يەكۈن چىقارماسلىقى كېرەك. ئىسرائىلىيە بەزى ئەرەب ھاكىمىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولۇپ قالغان بولۇشى ياكى ئەمەلىيەتتە ئىرانغا قارشى تۇرىدىغان ئىتتىپاقداش دۆلەت (مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ) بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ھېسىيات جەھەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەت دۆلەت قۇرۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بۇ ئوخشاشلا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر ۋاقىت ھەر جايدا خالىغانچە ئىش كۆرسە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى رايونلۇق داۋالغۇشنى باھانە قىلىپ پەلەستىنلىكلەر بىلەن توقۇنۇشماسلىقى كېرەك. گەرچە نۆۋەتتىكى ئەھۋال ھەقىقەتەن مالىمان بولسىمۇ، ئەمما بىر قېتىملىق پۇرسەت دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ھەقىقىي قۇربانلىق بېرىشنى ئويلىشىش كېرەك.
ئىسرائىلىيە ئەرەب دۇنياسىغا:«سىلەر مېنى ياقتۇرمىساڭلار مەيلى، ھەم مەڭگۈ مېنى ياقتۇرماسلىقلار مۇمكىن، ئەمما مەن سىلەر ئالدى بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوبيېكىت ئەمەس. سىلەر ھازىر تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭلار كېرەك» دېگەننى ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.
ئەرەب پاتقىقى ئېھتىمال پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىق ۋە يارىشىش ئۈچۈن شارائىت ياراتسا بولمايدۇ. ئەمما نۆۋەتتىكى مالىمان ۋەزىيەت نۇرغۇن ئەرەب رەھبەرلىرى قوللايدىغان «ئىستراتىگىيىلىك ئۇرۇش توختىتىش» نى بىردىنبىر ئىمكانىيەتلىك تاللاشقا ئۆزگەرتتى. ئەرەبلەر ئۆز ئادەملىرى ۋە ئىسرائىىيەلىكلەر بىلەن ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىشقا ئىلاجسىز.
ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى مالىمان ۋەزىيىتى ئاساسىي گەۋدىگە ئالاقىدار ئۇسۇل ۋە تونۇشىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەم ئۆزگەرتىشى كېرەك. پەقەت قىسقا مەزگىللىك ئويلىشىش يەرلىك ئەمەس. ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ مالىمانچىلىقتا بارلىققا كەلگەن يېڭى ئوتتۇرا شەرققە بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتىگىيە تەپەككۇرىنى چوقۇم تەڭشىشى كېرەك.
بۇ پەلەستىن زېمىنىدا ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتە بۈگۈنكى پۇرسەتتىن پايدىلانماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، نېتانياخۇ ھۆكۈمىتى ئولتۇراق نۇقتىسىنى كېڭەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئاللاقاچان قارار قىلدى. ئىسرائىلىيە ئېھتىمال ئەرەب باھارىدا نۆۋەتتىكى ئۇتقۇچىسى بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر ئىسرائىلىيە يېتەرلىك دانا بولسا، بۇ قېتىمقى غەلبىسىنىڭ ئۇرۇش ئولجىلىرىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى دومىنىك موسى فرانسىيە خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ھەمدە پارىژ سىياسىي ئىنىستىتۇتېتىنىڭ پروفىسسورى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:16:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشتىن پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا شۇ يەھودىلار ئىكەندە

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97308
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 98
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەتلەر ئارىسىدا مەڭگۈلۈك ئىتتىپاقلىق مەۋجۇت ئەمەس ،پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلا مەۋجۇت..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرىكا سۈرىيەگە ھەربى ھەركەت قوللانسا يەر شارى ئىختىسادىغا ئېغىر زەربە بولىشى مۆمكىن .

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ھەممىسى  بىزلەرنىڭ دىندىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمىز،دىنغا مۇقەددەس بۇرۇچ ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىمىزدىن قالغان  ئۆرپ-ئادەت شەكىلدە مۇئامىلە قىلغانلىقىمىزدىندۇر.بۇنىڭ ئاددى بىر مىسالى،«ئاللاھۇ ئەكبەر»دەپ قۇرال كۆتۈرۋالغان ئۆكتىچىلەر بىلەن مەسجىددە دۇئا قىلىپ ئولتۇرغان بەشار ئەسەتنىڭ ئوخشاش بولغان بىر دىنغا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ھالەتتىكى كۆز-قاراشنىڭ زىددىيىتىنىڭ تاشقى كۆرنىشىدۇر.دېمەك مەسىلە دىننىڭ ئوخشاشماسلىقىدا ئەمەس،دىن مۇرتلىرى بولمىش كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدا.

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:46:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 08:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر ئىشقا ھەيران.ئامرىكىنىڭ دۈشمىنى بولغان ھەر قانداق بىر دۆلەت ئامرىكىنىڭ خىرىسغا دۇچ كەلگەن ھامان ئامرىكىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان بازا تەشكىلاتىنى جىنىنىڭ بارىچە ئەيىپلىگەن بولۇپ،ئاستىرىتتىن ئامىرىكىغا خوشامەت قىلىدىكەن.مەيلى ئېراق مەيلى مىسىر،لېۋىيە ۋە سۈرىيەلەر بولسۇن  جېنى تۇمشىقىغا كەپ قالغاندا بولسىمۇ ئۆكتىچى كۈچلەرنى ھەر ۋاقىت بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى دىيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئامىرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئامىرىكىنىڭ دۇشمىنىگە قارشى تۇرۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلىپ قۇيرۇق شىپاڭشىتسىمۇ ،ئەمەلىيەت يەنىلا خوشامەتچىلەرنى ھېچكىمنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ھالاك بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىكەن.

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4870
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:04:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 08:50 PM
مەن بىر ئىشقا ھەيران.ئامرىكىنىڭ دۈشمىنى بولغان ھەر قان ...


ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە يەنە بىر تەرەپنىڭ قىممەت قارىشىنى تەسەۋۇر قىلغاندا مانا شۇنداق ھالەت كېلىپ چىقىدۇ ، مەسىلەن ئامىرىكا ئون بىرىنچى سنىتەبىردىن كېينكى قوزغىغان دۇنياۋى تېرورلۇققا قارشى كۈرەشكە دەسلەپ دۆلىتىمىزمۇ قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان ،گەرچە ئامىرىكىنىڭ قوشىنى ئافغانىستانغىچە قىستاپ كېلىشنى خالىمىسمۇ تېرورلۇققا قارشى پۇرسەتتە بەزى ئىچكى مەسىلىلەردە خەلقئارانىڭ چۈشىنشىگە ئېرىشىنىمۇ مەنپەئەت قاتارىدىن ھېسابلاپ بىر قەدەر ئاكتىپ بولغان ئىدى، لېكىن ئاخىرىدا ئامىرىكا دۆلىتىمىزنىڭ ئاكتىپلىقىغا پىسەنت قىلمىدى، نۇرغۇن ئىشلاردا« قوش ئۆلچەم» قوللاندى ،بەلكىم دۆلىتىمىز شۇ چاغدا ئامىرىكىنىڭ رادىكاللىق،مۇستەبىتلىك ئۇقۇمىنىڭ پەقەت دىنى ئامىلنىلا چېگرا قىلمايدىغانلىقىنى يەنە باشقا نۇرغۇن ئۆلچەملىرى بارلىقىنى ، قىسقا مۇددەتلىك ھەمكارلى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشش كوزۇرى بولغان ئاتالمىش "كىشىلىك ھوقۇق "، "تۈرلۈك ئىدىيە ،مەدەنىيەت ئەركىنلىك " قاراشلىرىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولىشى مۇمكىن .
ئامىرىكائۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشنى بۇ ئارقىلىق  ئىشەنچكە ئېرىشىشنى غەلىبنىڭ ئاساسى دەپ ھېسابلىسا كېرەك ،شۇڭا خۇشامەت ئانچە ئاقماسلىقى مۇمكىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-7 09:06 PM  


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

كۈچلىىنەيلى..كۈچۇكلەنمەيلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46963
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4080
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرەپ دۇنياسىدىكى بۇنچە مالىمانچىلىقنىڭ ئوت پىلتىسى ، يامان سۇپەتلىك ئۆسمىسى ئىسرائىليە دىيىلسە توغرا بولارمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 09:04 PM
ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە يەنە بىر تەرەپ ...

توغرا دوستۇم،بۇ خەلقىمىزنىڭ «توشقاندەك خوشامەتچى  بولۇپ مىڭ يىل ياشىغاندىن،يولۋاستەك باتۇر بولۇپ بىر يىل ياشا»دېگەن ھېكمەتنى ئەسلىتىدىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش