مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1502|ئىنكاس: 20

ت.ئا.قوشماقنىڭ«كۈلگۈنچەك بالا» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91298
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 05:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاھىرجان ئاتاۋۇللانىڭ «كۈلگۈنچەك بالا» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى

44444.jpg

5555.jpg

يىتىلىۋاتقان يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان قەشقەر شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ «كۈلگۈنچەك بالا» ناملىق بالىلار ھىكايىلىرى توپلىمى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار –ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئاپتۇرنىڭ بۇ ھىكايىلەر توپلىمىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يازغان 32پارچە ھىكايىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ «زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر كەشپىياتچىلىرى»(شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان 2004-يىل 10-ئاي)، «شەپەرەڭ بىلەن قارلىغاچ»(تەرجىمە ئەسەر قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2009-يىلى نەشىر قىلغان)، «دۇلىتل دوختۇرنىڭ سەرگۈزەشتىسى»(بالىلار رۇمانى تەرجىمە ئەسەر  2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنغان)، «ياغاچ قونچاقنىڭ سەرگۈزەشتىسى»( چۆچەكلەر توپلىمى تەرجىمە ئەسەر 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنغان) قاتارلىق كىتاپلىردىن  كىيىنكى خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر سوۋغىسىدۇر.

تۆۋەندە ئاپتۇرنىڭ كۈلگۈنچەك بالا ناملىق ھىكايىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

كۈلگۈنچەك بالا

(ھىكايە)

       بىزنىڭ سىنىپتا بىر ساراڭ بالا بار.

      ئىسىمدە قېلىشىچە ، ئۇ كۈنى نۇرمەمەت مۇئەللىم ، بويى ئىگىز ، ئاق سېرىق، قوي كۆزلىك ، قاڭشارلىق بىر بالىنى يىتىلگىنىچە سىنىپقا كىرىپ كەلدى . ھەم:

       ساۋاقداشلار ، بۈگۈندىن باشلاپ ئاراڭلارغا بىر ساۋاقداش قېتىلدى . ئۇنىڭ ئىسمى باقىچوڭ ، يېزىمىزنىڭ لەنگەر  كەنتىدىن ، دىدى.

   بىز قارشى ئالدىغىنىمىزنى بىلدۈرۈپ ، چاۋاك چالدۇق . ئۇ بىزگە قاراپ ھۆپپىدە قىزرىپ يەرگە قارىغىنىچە كۈلىۋەتتى . ئۇنىڭ كۈلگىننى كۆرۈپ بىزمۇ پاراققىدە كۈلىشىپ كەتتۇق . مۇئەللىم ئۇنى سىنىپنىڭ ئاخىرقى رېتىدىكى پارتىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .

مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھەر خىل  قىلىقلىرى چىققىلى تۇردى. دەرىس ئۆتىلۋاتسا ئۇ تۇرۇپلا ئاۋاز چىقرىپ قاقاقلاپ  كۈلۈپ كىتەتتى.كونسىپىك يازمايتى . تاپشۇرۇق ئىشلىمەيتى. بەزىدە تېخى مۇئەللىملەرگە :

مۇئەللىم بىر ناخشا ئوقۇپ بىرىڭە ، بىزنىڭ ھەسەنجان مۇئەللىم ناخشىنى بەك ياخشى ئوقۇيدۇ جۇما !

سىدىقجان مۇئەللىمنىڭ شىلەپىسى بەك يارشىپتۇ.

ئايگۈل خانىم چاچلىرىنى قاچان بۈدۈر قىلدۇرۋاللا؟ دەپ قوياتتى .

ئۇنىڭ بۇنداق تاققا- تۇققا ،داڭقان پۇتى گەپلىرىنى ئاڭلىغان مۇئەللىملەر خاپا بولۇپ كايىپ كىتەتتى،بەزىلىرى تىللاپ كەتسىمۇ ، ئۇ پەقەتلا خاپا بولماي ، يەنىلا ئەتراپقا قاراپ قويۇپ كۈلۈپ تۇرىۋىرەتتى.

مانا شۇندىن باشلاپ بىز ئۇنى «ساراڭ بالا» دەپ ئاتايدىغان بولدۇق . مۇئەللىملەرگە ‹‹مۇئەللىم ئۇ ساراڭ ،ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي دەرىسلىرىنى ئۆتەۋەرسىلە›› دەيتۇق . مۇئەللىملەرمۇ ‹‹پاراڭ سالما! ›› دەپ قويۇپ دەرسىنى ئۆتەۋىردىغان بولدى .

باقىچوڭنى يۈزىدىن يۈزىگە‹‹ ساراڭ›› دىسەكمۇ ‹‹ئۆزەڭ ساراڭ›› دەپ قويۇپ ھەرگىز خاپا بولمايتى . ئۇنىڭ كاللىسى تولىمۇ ئاددى ئىدى . ئۇنىڭ يانچۇقىغا ئىككى سوم پۇل كىردىمۇ بولدى ، ساۋاقداشلارنى ئاچىقىپ مىھمان قىلاتتى . پۇل تۈگىگەندە ئاندىن جىم تۇراتتى . باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى . ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە مەكتەپكە باراتتى . سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ، دىجۈر بولسۇن بولمىسۇن ئەخلەتلەرنى تۆكۇپ ، سۇ ئەككىرىپ قوياتتى. قىش كۈنلىرى سەھەردە مەكتەپكە كىلىپ سىنىپتىكى مەشكە ئوت قالايتى . بالىلاردىن سىنىپ ئىسسىپتىمۇ دەپ سورايتى. سىنىپ بۈگۈن بەك ئىسسىپتۇ دىسەك خوش بولۇپ كىتەتتى. سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ياپماي كىرگەن بالىغا كايىپ كىتەتتى.

ئۇ ئەزەلدىن يالغان گەپ قىلمايتى . دەم ئېلىش ۋاقلىرىدا ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىرنى قويماي  سۆزلەپ بىرەتتى . ئۇنىڭ سەبىلەرچە دىگەن بەزى گەپلىرىدىن ئۈچىيىمىز ئۈزۈلۈپ كەتكىدەك كۈلۈپ كىتەتتۇق .

چارەكلىك ئىمتىھاندا ، ئىمتىھان قەغىزى تارقىتىلىپ ،ئون بەش مىنۇت بولا- بولمايلا ،باقىچوڭ ئورنىدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

مۇئەللىم يېزىپ بولغانلار چىقىپ كەتسەك بولامدۇ؟ دىدى .

ئەركىن مۇئەللىم ھەيران قېلىپ ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىگە،

مۇئەللىم ،ئۇ ساراڭ ، ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىسىلا ، دىدى بىرنەچچە ساۋاقداش .

بۇڭ گەپنى ئاڭلاپ ئەركىن مۇئەللىم تۇرۇپلا كەتتى . بىر ھازادىن كىيىن

بۇ نىمە دىگەن قاملاشمىغان گەپ ، بىر ئوبدان ساۋاقدىشىڭلارنى «ساراڭ » دىسەڭلا بولامدۇ؟ دىدى ئەركىن مۇئەللىم ، ئۇنى بۈگۈندىن باشلاپ ئەڭ ياخشىسى  ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار.بولمىسا ‹‹كۈلگۈنچەك بالا ›› دەڭلار . ساۋاقداشلار سىلەر باقىچوڭغا ياردەم قىلىڭلار . ئۇنىڭغا كۆيىنىڭلار . ئۇنى يىتەكلەڭلار . ئۇنىڭ كاللىسى ئېچىلسۇن . ناۋادا ئۇ سىلەرنىڭ ئۆز ئاكاڭلار ياكى ئۇكاڭلار بولۇپ قالغان بولسا ، باشقىلار ئاشۇنداق ئاتىسا چىداپ تۇرالامتىڭلار؟!

ئەركىن مۇئەللىمنىڭ گېپىدىن ئۆزىمىزنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتۇق . شۇندىن باشلاپ ئۇنى ئەخمەق قىلمايدىغان بولدۇق . تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ، دەرس ئۈگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلدۇق . مۇئەللىملەر ۋە بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ياردىمىدە «كۈلگۈنچەك بالا »سىنىپىمىزغا كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېچ پەندىن لاياقەتلىك بولدى .

نىمە ئۈچۈنكى بۈگۈن كۈلگۈنچەك بالا دەرسكە كەلمىدى . ھەممەيلەن بىرەر موھىم ئىشى چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق .

ئۈچىنچى سائەتلىك دەرىستىن چىقىشقا  قوڭغۇراق چېلىندى.بىز دەم ئېلىشقا چىقىشىمىزغا «كۈلگۈنچەك بالا» تۈگەپ كىتىپتۇ دىگەن شۇم خەۋەر كەلدى . بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ سىنىپتىكى 34نەپەر ساۋاقداش ئۆزىمىزنى تۇتۋالالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتۇق . ئۇ ئەتتىگەندە مەكتەپكە كەلگۈچە دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قۇتۇلدۇرۋالغىلى دەرياغا سەكرەپ ، ئۇ بالىنى قۇتۇلدۇرۇپ،قىرغاققا ئاچىقىپ بولۇپ ، ئۆزى ھالسىزلىنىپ سۇدىن چىقالماي ، تۇنجۇقۇپ قاپتۇ .

شۇنداق قىلىپ «كۈلگۈنچەك بالا »ئارىمىزدىن كىتىپ قالدى . ئۇ ئاددى–ساددىلىقى ، راسچىللىقى ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلدىغان ئىسىل پەزىلىتى ، كۈلۈپلا تۇردىغان ئاق كۆڭۈل چىرايى ، ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ كەتتى .« كۈلگۈنچەك بالا »ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولغاي !


تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2405
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7193 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر كىتابىڭىزنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:39:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن تەسىرلىك ھېكايە بۇ،بىر ئېلىپ ئوقۇپ باقمىسام.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:39:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق سەر خىل ئەسەرلەرنىڭ چىقىپ تۇرۇشى ، ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق بىر ئىش ، ئاپتورنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12543
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32332
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4568 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 10:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ھېكايىكەن،بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەنە شۇنداق ‹‹كۈلگۈنچەك بالا››لاردىن قىلىپ تەربىيلەيلى...


يېڭى كىتابىڭىزنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن،ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 10:23:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بۇ ھىكايە

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 12:08:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دىيارغا تەۋە ئەمەستەك ھىس قىلىپ قالدىما بۇ ھىكايىنى؟ئاتئىزىمچە تەربىيە قوبۇل قىلىۋاتقان بالىلار جەننەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلسە قانداق بولىدۇ دەيمەن؟ئاشۇ مەكتەپنىڭ تەربىيسى يىتەرلىك ئەمەس.ئوقۇغۇچىلارغا دىنغا دائىر بىلىملەرنى بىلدۈرۈشنىمۇ توسالمىسا ئەمدى؟
باشلانغۇچتا سىنىپقا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كىرگەنلىكىم ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى ئۆزەڭنى مەدرىسكە ساۋاق ئالغىلى كىردىم دەپقالدىڭما؟..........

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 12:09:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ياخشى چىقىپتۇ.مۇشۇنداق تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.پەرزەنتلىرىم ئوقۇغۇدەك ىولغۇچە.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 894
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 12:36:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار باللار ھىكايىسى بولسا  ئوقۇپ قويغۇلۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 01:49:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موبارەك بولسۇن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش