مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1404|ئىنكاس: 15

كەچكۈزدىكى سېغىنىشلىق ئەسلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 04:54:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            كەچكۈزدىكى سېغىنىشلىق ئەسلىمە ...
     قولۇمدا ئۇلۇغ يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ يىگىرمە يىللاپ ئىزدىنىپ يازغان ، نۇرغۇن قان - تەرى بەدىلىگە پۈتكەن ئۆلمەس ئەسىرى < ئانا يۇرت > تۇرۇپتۇ . مەن روماننى ئوقۇۋاتقاندا ، مەرھۇمغا ئاپىرىن - تەھسىن ئېيتىۋاتقىنىمدا ئۇ ئاللىقاچان باقىيغا سەپەر قىلغىلى 15 - يىلىغا قەدەم قويۇپ بولغانىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ < بۈگۈن سەن بىر كۈننى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ > دەپ ئۆزىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە سورىغان سۇئالى ئېسىمدىن كەچتى . رەھمەتلىك ئانا يۇرت رومانىدا ئېيتقاندەك < ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ، ئۆز تارىخىنى ئۆزى يارىتىدۇ ، ياكى ئۆلمەس ، ياكى ئەرزىمەس تارىخى بىلەن خاتىرە قالدۇرغانلار مىليارد - مىليارد . لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىز - دېرەكسىز . بىرلىرى ھايات چېغىداكىشىلەرگە تاغ كۆرىنىدۇ ، لېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن چالمىغا ئايلىنىدۇ . بەزىلىرىچۇ ، ئەكسىچە ھايات ۋاقتىدا چالمىدەك ئاياغ ئاستىدا پۇتلىشىپ يۈرىدۇ . لېكىن ئۆلگەندىن كېيىن يىللار ، ئەسىرلەر ئۇنى تاغقا ، ھەتتا قارىساڭ بۆكۈڭ چۈشكىدەك بۈيۈك تاغقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ .> دېگىنىدەك زوردۇن سابىرمۇ ئەشۇنداق ۋاپاتىدىن كېيىن بۈيۈك ئىنسانغا ، ئۇلۇغ يازغۇچىغا ئايلىنىپ يادلىنىپ تۇرۇپتۇ . (بۇ ھەرگىزمۇ ھاياتلىقىدا ئۇنداق ئەمەستى دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ .)  دېمەكچى تەتقىقاتچى ئەكبەر قادىر باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئىجتىھاتلىق ياش تەتقىتاتچىلار < زوردۇن سابىرشۇناسلىق > ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تۇرسا ، شۆھرەت نېغمەتتەك مىللەتسۆيەر رەھبەرلەر < زوردۇن سابىر > خاتىرە ئۆيلىرىنى قۇرۇپ ئۇلۇغ يازغۇچىمىزغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى . ئۇ ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر ئەڭ كۆپ يېزىلدى ، ھەم يېزىلىۋاتىدۇ، ھەم يېزىلغۇسى ...
    مەنمۇ زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنى ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرۇپتىمەن . مەرھۇم ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئەتىسى يەنى 1998 - يىل 8 -ئاينىڭ 14 - كۈنى مەن بىر تويغا قاتنىشىۋاتاتتىم . بىر داستىخاندا ئولتۇرغان شىخەنزىلىك بىر ھەمراھىمىز 13 - چىسلا زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى يەتكۈزدى . مەن بۇ خەۋەردىن گاڭگىراپلا قالدىم ۋە ئۇ بالىنى ئايرىم ئۆيگە چاقىرىپ بۇ خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى دېرەكلىدىم . ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا ، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە بولغانلىقىنى ، ۋە بىر قاتار ئىشلارنى ئېيتىپ بەردى .بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ توينىڭ ئاخىرىغا پەقەتلا قاتناشقۇم كەلمەي ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دادامغا ئېيتتىم . داداممۇ ھەيران قالدى، ھەم قايغۇردى . ئىككىمىز مەرھۇمنىڭ  ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۇزۇنغىچە بەھس - مۇنازىرە قىلىشتۇق . قولۇمدا < ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە> تۇراتتى . يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قالدۇرماي ، ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇش مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتتى . ھاياتىم 13 دېگەن سان بىلەن بىرىكىپ كەتتى . چۈنكى ئۇ مېنىڭ توي خاتىرە كۈنۈممۇ بولۇپ قالدى . ھەر قېتىم توي خاتىرە كۈنۈمنى ئەسلىگەندە بۇ قايغۇلۇق كۈنمۇ ئەسلەنمەي قالمايدۇ .  2009 - يىلى مەكتەپ ئىچىدە مەرھۇمنىڭ < قەرزدار> ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى ئوقۇپ ئولتۇرسام مەھەللىمىزگە غۇلجىدىن كۆچۈپ كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ، خۇشچاقچاق ، ئىلىمسۆيەر جۈمەقارى ئىسىملىك دېھقان بوۋاي كېلىپ قالدى . ( نەۋرىلىرى مەكتىۋېمىزدە ئوقۇيتتى .) ئۇ قولۇمدىكى كىتابنى ئېلىپ ئۇزۇن قاراپ ،كۆزلىرىگە ئېختىيارسىز ياش ئېلىپ قالدىيۇ، مەندىن دەرھال يۇشۇرۇپ ئېيتىۋەتتى . مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا< ھەي ..! ئۇكام نېمىسىنى ئېيتىسەن ، زوردۇندەك ئادەملەر قايتا كەلمەيدۇ - جۇمۇ ... ئىككىمىز يېڭىتامدا (زوردۇن سابىرنىڭ يۇرتى ، مەھەللىسى ، غۇلجا ناھىيىسىدە ) بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان . رەھمەتلىك سابىركام تولىمۇ ئوبدان ، پەزىلەتلىك ئېسىل ئادەم ئىدى . ئۆيلىرىمىز يېقىن بولغاچقا كۈندە دېگۈدەك زوردۇن بىلەن ئوينايتتىم . زوردۇن تولىمۇ ئەقىللىق ، جاپاغا چىدايدىغان كەمتەر ، تىرىشچان ئىدى. تۇرمۇشى شۇنداق نامراتچىلىقتا ئۆتكەن ، بالىلار بىلەن بىرلىشىپ بوزەك قىلىپمۇ ئوينايتتۇق ، ئۇ ئالدىراپ ئۆڭۈپ ، ئۆچۈپ ، قىساس ئېلىش ئويىدا بولمايتتى . بىر قېتىم بۆزەك قىلىۋېرىپ ئاچچىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇپ ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئاغزى - بۇرنى قان بىلەنمۇ بويالغان . قايسىبىرىنى دەي ، ئەشۇنداق جاپالىق يىللاردا نۇرغۇنلىرىمىز تىرىكچىلىك ئۈچۈن تەسلىم بولساقمۇ ئۇ ئوقۇشتىن چېكىنىپ باقمىدى . كېيىن ئاڭلىساق كاتتا يازغۇچىمۇ بوپتۇ . ئۇنىڭ نامى چىققان ، كاتتا ئادەمگە ئايلانغان كۈنلىرىدىمۇ مېنى ئۇنتۇپ قالماي تۇغقان يوقلاپ يۇرتۇمغا بارغاندا قۇچاقلاپ كۆرۈشكىنى ، چەتئەللىك دوستى (گېرمانىيىلىك خاپپىنى دېمەكچى )بىلەن ئېرىنمەي تونۇشتۇرۇپ بىللە يۈرگىنىمىز ھازىرقىدەك ئېسىمدە . ئۆمرۈمدە زوردۇندەك باشتىن ئاخىر بىر خىل ئىنسانىي پەزىلەتتە ياشىيالىغان ئادەمنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم . ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى پەقەتلا ئۆزگەرمىگەنىدى . ھەي مۇ كۈنلەردە نەدە ئەشۇنداق ئادەملەر ھە ... دەپ ئۇھ تارتىپ كەتتى ، بوۋاي . شۇنىڭدىن كېيىن بىز پات - پات ئۇچرىشىپ زوردۇن سابىر ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ كەتتۇق . مەن ئۆز مەھەللەمدىلا جۈمەقارىدەك زوردۇن سابىر بىلەن بىللە چوڭ بولغان ئادەم بىلەن دائىم سۆھبەتلىشەلەيدىغانلىقىمدىن سۆيۈنىمەن . مەن بۇ ئەسلىمىنى بالدۇرراق يازماقچى ئىدىم ئەپسۇس ، بەزى ئىشلار تۈپەيلى بۈگۈنگە يەنى كەچكۈز ئايلىرىغا قالدى . ئەسلىمىلىرىم ھازىرچە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ...
ئاخىرىدا زوردۇن سابىرنىڭ <ئىزدىنىش > رومانىدىن پارچە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم .
      ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ ، ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ . بىر كېسەك ياراتساڭمۇ ئىنسانسەن ، بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن . لېكىن ، باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بېكار يېتىپ يەۋەرسەڭ ، يايرىغان ، سەمرىگەن ، نام - ئاتاق تاپقان بىلەنمۇ ھايۋانسەن . بىز ئىنسان ياراتقۇچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز .
      جاپا - مۇشەققىتى بولمىغان شان - شەرەپ يالغان ۋە قەدىرسىز بولىدۇ . ھالال تەرىڭ بەدىلىگە كەلگەن شان - شەرەپ ھاياتىڭدەك قەدىرلىك قىممەتلىك بولىدۇ .
      مەن تاماقسىز يۈرەلەيمەن ، لېكىن كىتابسىز يۈرەلمەيمەن .
      تالانت ئېگىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش كىشىلەرنىڭ كۆنۈپ قالغان ئادىتى بولسا كېرەك .
      تارىختىن بېرى بىزنىڭ ئېسىل ، ياراملىق ئادەملىرىمىز خائىن ، مۇناپىقلارنىڭ كاساپىتىدىن مۇرادىغا يېتەلمەي كېلىۋاتىدۇ .
       ( زوردۇن سابىرنىڭ كېلىنى گۈلپىيە ھاشىم ئەستىلىكلىرىدىن : نۇسرەتنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، سابىر بوۋىمىز ۋاپات بولغاندا ، سىز مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېنىدا بولالمىغان ئىكەنسىز . كېيىن قەبرە ئالدىدا: <  مېنى كەچۈرگىن دادا ، سەن ئاپامدىن كىچىك قالغىنىمنى چاندۇرماي ، ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ ، مېنى مىڭ مۇشەققەتتە چوڭ قىلغانىدىڭ ، بىراق سېنى ئۇزىتىپ قويالمىدىم . ئەمما ساڭا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى ، مەن چوقۇم سېنىڭ ئىسمىڭنىمۇ كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇزىمەن !> دەپ ۋەدە بېرىپتىكەنسىز . ئاپىرىن ! ئېيتماققا ئاسان ، ئەمما ئورۇنداش بەسى مۈشكۈل بولغان ۋەدىڭىزنى تامامەن ئورۇنلاپسىز . بىراق سىزگە ۋەدە بېرىپ ، ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك ئىرادە بىزدە بارمىدۇ ؟     نەۋرىڭىزنى ئېلىپ قەبرە بېشىغا يوقلاپ چىقتۇق ، كۆزۈم قەبرە ئالدىدا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغان ناتونۇش كىشىلەرگە چۈشتى ، ھەر قېتىم چىققىنىمىزدا بۇ مەنزىرىنى كۆرىمەن . دېمەك كىشىلەر ئۆز يازغۇچىسىنى ئۇنتۇمىغان . < ئىزناسىز توپىغا ئايلىنىش - ئۆز قەدرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن پاجىئە >. سىز بۇ خىل پاجىئەدىن مۇستەسىنا ، دادا ...      مەنبە :  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2013 .13 -ئاۋغۇست سانى )
             مەنبە : زوردۇن سابىرنى ئەسلىشىم .  ئەبەي تارىم . 2013 -8 -سېنتەبىر . شەھىرى شىخو .  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-7 04:58 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

anatil008 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:21:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 09:59:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالاشمىسام مەن بۇ ئەسەرنى تولۇقسىزنىڭ ئەدەبىيات كىتابىدا كۆرگەندەك قىلىمەن.ياكى مەن كۆرگىنىم بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ،يېزىلىش ئۇسلۇبى ئوخشامدۇ؟

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 10:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئانا يۇرت ››رومانىنىڭ ئەسلى نەشرىنى يېنىشلاپ ئىككى قېتىم ئوقۇغان ئىدىم،روماندىكى ۋەقەلىكلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا.....

ئەسلىمىڭىزنىڭ ئوقۇۋېتىپ مەرھۇم  يازغۇچىمىزنىڭ  ئۆزۈم ئوقۇپ بولغان ئەسەرلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتۈم.........

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 11:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ روماننى ئوقۇغان ھەم رادىئودا ئاڭلىدىم، كارامەت رومان بۇ!
بۇ ئاپتورىمىز بىزنىڭ پەخرىمىز.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1013 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 11:59:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 10:13 PM
مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئانا يۇرت ››رومان ...

ئەسلى نەشرى بىلەن يېڭى نەشىرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلىنەمدۇ؟مۇمكىن بولسىغۇ ئورگىنالنى ئوقۇيالىساق ھە؟شىلمىغان......

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 12:03:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 11:59 PM
ئەسلى نەشرى بىلەن يېڭى نەشىرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن پەر ...

‹‹مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ ››دەپ ئاڭلىدىم ،بىراق كېيىنكى نەشرىنى ئوقۇپ باقمىدىم.........

ئەسلى نەشرىنى ئوقۇسا ،ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققۇدەك ئېسىل رومان ئىدى..

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1013 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 12:22:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 12:03 AM
‹‹مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ ››دەپ ئاڭل ...

رەھمەت.مەن ئوقۇغانتىم.بىراق تۇنجى نەشرى ئەمەس.ئاللاھ خالىسا تېپىپ ئوقۇپ باقارمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 01:27:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇلۇغ يازغۇچىمىزنى ھەرۋاقىت ياد ئىتىپ تۇرىمىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 10:39:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال  بار تۇنجى نەشرىنى تېپىپ ئوقۇڭلار دوسلار!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش