مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2393|ئىنكاس: 47

ئۈندىداردىكى كومىدىيە(تۈگىدى)__ئەپچىلەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2667
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1730 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئۈندىداردىكى كومىدىيە


ھېكايە



سەمىمىي ئەسكەرتىش:ئالدىنقى قېتىم ئۈندىداردىكى كومىدىيە دېگەن ھېكايىنىڭ بىرىنچى قىسىىمىنى يازغان چاغدا  مۇنبەرداشلار ئەسەرنىڭ داۋامى باردەك قىلىدۇ دېيىشىپ ،مېنىڭ بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرىۋېتىشىمگە مەدەت بەرگەن ئىدى،مانا بۈگۈن تەسەۋۇرۇم قانات قېقىپ ئىككىنچى (تۈگىدى)قىسىمىنىمۇ يېزىپ چىقتىم ..مەن بۇ ھېكايىنى يېزىش ئارقىلىق ھەرگىزمۇ ئۈندىدارنىڭ يامان تەرىپىنى پەش قىلماقچى ئەمەس،  بۇ ھېكايە پەقەت ئەتراپىمىزدىكى بەزى بىر كىشىلەرنىڭ ئۈندىداردىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مەقسەتتە  مېنىڭ تەسەۋۇرۇمغا تايىنىپ روياپقا چىققان ئەسەر شۇڭا ئەسەر مەزمۇنىنى ئاپتۇر بىلەن باغلىۋالماي مۇلازىزە قىلىشىڭلارنى سورايمەن .


1


بۈگۈن دەم ئېلىش، ھېلىمۇ ھەپتە ئىشلەپ ئىشنىڭ بېسىمى كىشىنى خېلى چارچىتىپ قويغانىدى شۇڭا بۇ دەم ئېلىشتىن كۆڭلۈم بەكلا خۇشال، ئەلۋەتتە مېنى خۇشال قىلىۋاتقان ئىشلار پەقەت بۇلا ئەمەس، قايسى  كۈنى ئۈندىداردا بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانىدىم  شۇنچە يالۋۇرۇپ ، ئەركىلىتىپ يۈرۈپ ئاران بىر كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانىدىم ، ئۆزىمىغۇ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا شۇنچە كۆرىشەيلى دەپ ئۇچۇرلارنى قىلىپ كەتكەنىدى  لېكىنزە مۇشۇ  ئىشىمنىڭ تولىلىقىدىن قىزنىڭ ئالدىدا لاتا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ھېچبىر كۆرۈشۈشكە پۇرسەت چىقىرالمايۋاتاتتىم، مانا ئەمدى ياخشى بولدى ، دەم ئېلىشىم يەكشەنبىگە توغرىلىنىپ قالغىنىنى دېمەمدىغان، بۈگۈن بىر دەرقەمدە تۇرۇپ كۆرۈشمىسەم ئۇ سېرىق قۇشقاچ بىلەن، ئۈندىداردا ئاران ئاۋازىنى ئاڭلاشقىلا مۇيەسسەر بولدۇم ، سۈرىتىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىڭ دېسەم  ئاۋۋال سىز ئەۋەتىڭ دەيدۇ؟ ماقۇل دەپ مەن ئەۋەتىپ بەردىم ئەمما ئۇ قۇشقاچ يالغانچىلىق قىلىپ قويدى، كۆرۈشكەندە ئۆزىڭىز كۆرىۋېلىڭ دەپ كىشى قەلبىنى داغدا قويدى ئەمەسمۇ، خوش مانا بۈگۈن قەلبىمدىكى شۇ داغنى يۇيىدىغان ياخشى پۇرسەت، شۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈمنى بىرە قۇر تۈزەشتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاستا يانفونۇمنى ئېلپ ئۈندىدارنى ئاچتىم، ۋۇجۇن ئاۋازلار ، خەتلەر ، توشۇپ كېتىپتۇ ۋاھ !تېخى ئەتراپىمنى ئىزدەپ يۈرۈپ قوشىۋالغان 10قىزنىڭ يەتتىسى قۇشۇلۇش ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلىپتۇ، دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچتىمدە ئۈندىدارداشلىرىمنىڭ چىقارغان بىر نېمىلىرىنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويغاندىن كېيىن مۇخلىسە ئىسىملىك بىرىنى تاسسىدە چىكىپ ئۇنىڭغا ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويدۇم .
-سالام ئاپپاق، نەچچە كۈندىن بۇيان شۇنچە كۆرىشىلى دەپ كەتكەنىدىڭىز، مانا بۈگۈن ۋاقتىم چىقتى ، قاندا مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرامدىم...؟
ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلگۈچە ساقال -بۇرۇتۇمنى بىر ياسىتىپ كىرمەيمەنمۇ دېگەننى نىيەت قىلىپ ئەمدى قەدىمىمنى ئېلىشىمغا بىر دوستۇم كىرىپ قالدى .
-ۋاھ !بۇنچە ياسىنىپ نەگە ئاداش، ئاڭلىسام بۈگۈن دەم ئېلىشىڭكەن، مېنىڭمۇ دەم ئېلىشىم، قايسى كۈنى ئۈندىداردا بىر قىزنى توغرىلاپ قويغان ئاداش، بۈگۈن كۆرۈشكە دېيىشىپ قويدۇم شۇنىڭغىسى ئۇ كاساپەت  يالغۇز چىقماي دوستىنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىدىغان بولۇپتۇ،ئەمدى مەن بىر ئەركەك ئىككى قىزنى بېقىنىمغا قىستۇرىۋالسام بولماس شۇڭا سېنىمۇ بىرگە بارامدىكى دەپ كىرگەنتىم ئاداش.
ئۇ خوشاللىقىدا قېن- قېنىغا پاتماي قالغانىدى، ئويلاپ باقسام ئۇ ئۈندىدار ئوينىغان ۋاقىتتىن باشلاپ تالاي قىزلار بىلەن ئۇچرىشىقا چىقىپ بېقىپتۇ لېكىن ئاران بىرسى بىلەنلا مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇچرىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى، لېكىنزە  بۇ شەرەپ ئۇنىڭغا ئەلەم ئېلىپ كەلدى دە، ئوتتۇز نەچچە ياشلىق خۇتۇنغا ئاخماق بولۇپ، شۇ چاغلاردا ئۇ تۈگىشىپلا كەتكەنىدى  كېيىن بىلسەك ئەسلىدە ئۇ ئۇندىداردىكى ئۇ قىزغا غايىبانە ئاشىق بولۇپ قاپتىكەن،توۋا دېمىسە بىكار ، ئوتتۇز ياشتىن ئاشقان خۇتۇننىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچە زىل چىقىدىكەن دېسە ، شۇ چاغلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ پەرى سۈپەت (ئەمەلىيەتتە ئۆزىمۇ ئۇ پەرىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ باقمىغان)قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى  ئېيتىپ بىزنىڭ ئالدىمىزدا ماختىناتتى، كېيىنچە ئۇ ئۇ پەرىسىگە شۇ  دەرىجىدە ئامراق بولۇپ كەتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئۈندىدار نۇمۇرى ئېلىپ شۇنىڭغىلا خاس بولغان ئۈندىداردىن بىرنى قۇرىۋالدى، مەيلى ئاۋازلىق ۋەياكى ئاۋازسىز ئۇچۇر بولسۇن ھەممىسى شۇ قىز ئۈچۈنلا بولاتتى، باشتا بىز ھەيران قالغانىدۇق، ئۈندىدارغا شۇ دەرىجىدە ئامراق ئادەمنىڭ شۇ بىر قىز ئۈچۈن  ئاران قاچىلىغان ئادەملىرىدىن كېچىپ بىر قىز بىلەنلا مۇڭدىشىشىغانلىقىغا ئەقلىمىز يەتمەيتى.قىسقىسى ئۇ شۇ قىزنىڭ قولىدىكى قونچاققىلا ئوخشاپ قالغانىدى، ئۆزىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىۋاتقانلىقى بولامدۇ ، ياكى تاماق يەۋاتقانلىقى ، ئەتراپىدىكى ئىشلار بولامدۇ ئىشقىلىپ ھەممىنى شۇ قىزغا ئاتاپلا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىراتتى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ھەتتا ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنىمۇ  تىلفۇن مۇزىكىسى قىلىپ تەڭشىۋالدى، بىزمۇ ئۇنىڭ تېلفۇنىدىن قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ 20ياشلاردىكى قىز ئوخشايدۇ دەپ ئويلاشقانىدۇق.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، دوستۇممۇ قىز ئۈچۈن قىلىدىغاننى قىلدى، لېكىن ئۇ قىز پەقەتلا ئۆزىنىڭ جامالىنى كۆرسەتمىدى، ئەمما ئاخماق دوستۇم يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرىۋەردى، ئۇ  قىزنى ئۆزىنىڭ غايىبانە ساپ مۇھەببىتىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ دەپ ئويلايتى، ئۇ شۇنداق ئىشقى سەۋدالىق كوچىسىدا ئۆزى سۆيگەن ئەمما چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان شۇ ناتۇنۇش قىز ئۈچۈن خېلى بىر مەگىل مەجنۇن كەبى تەمتىرەپ يۈردى.ئەمما  كۈن ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ قىزغا بولغان تەشنالىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ قىزنىڭ جامالىنى زادى بىر كۆرگىسى كەلدى، لېكىن ئۇ ھەر قېتىم قىزغا بۇ تەلەپنى قويغىنىدا ئۇنىڭ ئېرىشىدىغان جاۋابى يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا -كۆرۈشكەندە قانغۇچە كۆرىۋېلىڭ دېگەن گەپلا بولاتتى، گەرچە ئۇ بۇ گەپلەردىن ئاچچىقلانغان بولسىمۇ لېكىن ئارقىدىنلا قىز ئۆزىنىڭ تاتلىق گەپلىرى بىلەن دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالاتتىدە ئۇلار يەنە ئۈندىداردىكى قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولاتتى .
بىر كۈنى ئۇ ئاشىق دوستۇم يېنىمىزغا چېچىلغىنىچە كىرىپ قالدى
-ئەجەپ بىر ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردىيا ما قىز، قىلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلدىم ،سۈرىتىڭىزنى كۆرۈپ باقاي دەپ شۇنچە يالۋۇرساممۇ ...ھېلىمۇ مەن ئۇۇنىڭ ھەممە گېپىگە كۆنۈپ كېلىۋاتىمەنغۇ شۇنداق تۇرۇپ زادى نېمىشقا رەسىمىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرى دېسەم ئۇنمايدۇ؟ توختا ياكى بولمىسا مەن 30~40ياشلىق قېرى خۇتۇنغا ئەخمەق بولۇپ يۈرمىگەندىمەن ھە؟
-ماڭا ۋاي، ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى بىزمۇ ئاڭلىدۇققۇ، ئاۋازىغۇ ناھايىتى يېقىملىق ئۇ كاساپەتنىڭ ، ئاۋازىدىنلا ياش قىزلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، لېكىنزە..
- لېكىن نېمە ، مىكى-مىكى قىلماي دېگىنە گېپىڭنىڭ ئارقىسىنى .
دوستۇم شۇنداق دېگىنىچە يېنىدا سۆزلەۋاتقان بۇرادىرىمىزنى گېپىنىڭ ئارقىسىنى دېيشىكە دەۋەت قىلدى .
-مەن ئويلايمەن ، ئۇ قىز ساڭا سۈرىتىنى كۆرسىتىشكە ئۇنىمىغان بولسا  بەلكىم ئۇ قىزنىڭ چىرايىنىڭ تايىنى يوقتۇ ، ئۆتكەندىمۇ مەن بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ، يېشىمۇ مەن دېمەتلىك بۈگۈنى پاراڭلىشىپ ئەتىسىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇشتۇق .
-ۋاھ! يامانكەنسەنغۇ سەن، بىر كۈندىلا ئۇ قىزنىڭ مەيلىنى ئېلىپ بولدۇم دېگىنە .
- يائاللا ! گېپىمگە لوقما سالماي تۇرە ، قىزىق ئىش تېخى ئالدىمىزدا، شۇنداق قىلىپ بىز بىر تاماقخانىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق، مەنغۇ ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ باقمىغان، لېكىن مەن ئۇنىڭغا سۈرىتىمنى ئەۋەتىپ بەرگەنتىم، شۇنداق قىلىپ ئۇ قىزنى ساقلاشقا باشلىدىم، خېلى بىر چاغقىچە ساقلىساممۇ ھېچبىر كىشى كېلەي دېمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۈندىدارنى ئېچىپ ئۇ قىزغا نەدە سىز ، مەن كېلىپ بولدۇم دەپ سۆز قالدۇردۇم.
بىردەمدىن كېيىن ئارقامدىن شۇنداق بىر تۇنۇش ئاۋاز ئاڭلىنىپ كەتمەسما، شاپپىدە ئارقامغا قارىدىم، شۇنداق كۆرۈمسىز بىر قىز تېلفۇن ئويناپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ چۈشۈمگە كىرىپ قېلىشىدىن قورقۇپ يەنە تېزلا ئالدىمغا قارىۋالدىم،لېكىن قىزنىڭ توساتتىن دېگەن گېپى مېنى يەنە ئارقامغا قاراشقا مەجبۇر قىلدى .
- مەن شۇ تېز تاماقخانىدا سىزنى ساقلاپ شۇ، سىزچۇ نەدە جېنىم .
ئۇنىڭغىچە يانفۇنۇمغا سىگىنال كەلدى، ئۈندىدارنى ئېچىپ قارىسام ئۇ قىزدىن ئاۋازلىق ئۇچۇر كەپتۇ ،  ئاڭلىسام نەخ ئالدىمدا ئولتۇرغان كۆرۈمسىز قىزنىڭ بايا دېگەن گېپى بىلەن ئوپمۇ -ئوخشاش. دەرھاللا  ئۇ قىزنىڭ مەن كۆرۈشمەكچى بولغان ھېلىقى پەرىزات شۇ ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدىمدە  غىپپىدە تاماقخانىدىن  چىقىپ كەتتىم .
-كۆرۈشۈپ باقساڭ بولماسمىدى،ئۇ كۆرۈمسىز قىز لېتسىيە بىلەن .
-ماڭە ۋاي خۇدايىم ساقلىسۇن، كېيىن  ئۇنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى يۇيۇۋەتتىم، شۇڭا ھازىر قىزلارنى قاچىلاپ قالساممۇ ، ئۇنىڭ جامالىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاسانلىقچە ئۇنىڭغا قۇيرۇقۇمنى تۇتقۇزمايمەن، خوش ئەمدى ئاداش گېپىمگە كەلسەم ئۇ قىز سېنى ئالداۋاتقان بولسا كېرەك ، شۇڭا ، بولدى ئارتۇق ...
-گېپىڭ مۇشۇمىتى ۋاي، ئاڭلىمىدىڭلارمۇ ئاۋازىنى ئۆزى چىرايلىق قىزلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاشۇنداق ياڭراق، تاتلىق بولىدۇ، يول كۆرسىتەمدىكى دەپ كىرسەم نەدىكى بىر يوقىلاڭ گۇمانلارنى قىلىدىكەنسىلەر دوستلار .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بايىقىدىنمۇ بەكراق چېچىلىشقا باشلىدى،ئۇ توساتتىنلا كۆزىنى ماڭا تىكتى ۋە
-ئاداش مەن بىلىمەن سېنىڭمۇ خېلى تەدبىرىڭ بار زادى قانداق قىلسام ئۇ قىز ماڭا سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بېرە.
-ئۆتكەندە كۆرۈشكەندە ئەۋەتىپ بېرەي دېدى دەۋاتمامتىڭ، كۆرۈشسەڭلا بولىدىغۇ ؟
-شۇنىڭ جىدىلى شۇ،ماڭىمۇ دېگەن كۆرۈشكەندە قانغۇچە كۆرىۋېلىڭ دەپ لېكىن شۇ كۆرۈشۈشكىمۇ ماي تارتىپ يۈرىۋاتمامدۇ .
-قېنى مەن بىر ئامال كۆرسىتەي ساڭا .
بايىقى بۇرادەر شۇنداق دېگىنىچە گېپىنى داۋام ئەتتى .
-بۇنداق قىزلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈشكە پەقەت بىرلا ئامال بار، سەن پەقەت نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭغا گەپ قىلمىساڭ ئۇ ئۆزى ئىزدەيدۇ ياكى بولمىىسا ئۈندىداردىكى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ شۇ پېتى غايىب بولىدۇ، قانداق سىناپ بېقىشقا پېتىنالامسەن، بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى پاراڭمۇ سېلىشالماسلىقىڭ مۇمكىن .
- بوپتىلا ، ھېلىمۇ قىلىدىغاننى قىلدىم يەنە ئاراق بەدەل تۆلىسەم  نېمە بوپتۇ، زادى بىر كۆرىمەن ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى...
شۇنداق قىلىپ خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى ئۇ يېنىمىزغا كىرىپتۇ ، كىرىپلا سەكرەپ خوشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى.
-ئۇ ئۇنىدى، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل دېدى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويدۇق، رەھمەت ئاداش ھېلىقى ئامالىڭ بولىدىغان  ئامالكەن جۇمۇ، ئەتتىگەندە ئۆزى سۆز قالدۇرۇپتۇ، نېمە بولدىڭىز نەچچە كۈندىن بۇيان جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ دەپ، مەنمۇ ئاساسىي مەقسەتنى ئۇنىڭغا دېگەنىدىم، ئۇ ئاخىرى مەن بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدى، رەھمەت ئاداش، رەھمەت...
ئۇ شۇنداق رەخمەتلەرنى دېگىنىچە ئۇ قىزنىڭ جامالىنى كۆرگىلى كەتتى، كەچ بولغاندا ئۇ سالپىيىپ كىرىپتۇ ، ھەممىمىز بۇ ئاشىق ئاۋارەنىڭ بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىغا قىزىقىپ قالغانىدۇق، لېكىن ئۇ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەملەردەك ناھايىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنىدى،ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئۇچرىشىشىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى سېزىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدۇق .
كېيىن بىلسەك دوستىمىز ئۇ ئاشىقى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ لېكىن ئۇنىڭ كۈتكىنى قانداقتۇر بىر ھۆسنى جامالى تەڭداشسىز بىر گۈزەل قىز بولماستىن بەلكى يېشى ئوتتۇزدىن ھالقىغان بىر ئايال بولۇپ چىقىپتۇ ،دوستۇم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تولىمۇ قايغۇرۇپتۇ ۋە ئۇ ئايالدىن نېمىشقا ئۆزىنى ئالدايدىغانلىقى سوراپتۇ،ئۇ ئايالنى نېمە دەپتۇ دېمەيسىلەر تېخى، ئايالمۇ بوش خوتۇن ئەمەسكەن  ئۇ دوستۇمغا ،ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن يالغان ئېيتىپ باقمىغىنىنى ،ئەمدى ياش جەھەتكە كەلسە دوستۇمنىڭ ھېچقاچان ئۇ ئايالنىڭ يېشىنى سوراپ باقمىغانلىقىنى، سۈرەت ئىشىغا كەلسەك ئۇ ئايال ئەزەلدىن ناتۇنۇشلارغا  سۈرىتىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، بۇ دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىش مەسىلىسىدە  ئۇ ئايالنىڭ شۇ دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپلا  ئۇچراشقانلىقىنى ،ئەمەلىيەتتە ئۇندىداردىكى بۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئاشىق-مەشۇقلۇق مۇناسىۋېتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىچى-پۇشۇقىنى چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ ،شۇنىڭدىن كېيىن دوستۇم ئۈندىدار دېگەن نەرسىنى دېگىنىچە ئۇ نەرسىنى پەقەتلا ئىشلەتمىگەنىدى،مانا يېقىندىن بۇيان ئۈندىدارنىڭ تېز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ دوستۇم يەنە قايتىدىن بۇ نەرسىگە ئۆگىنىۋالغانىدى ،مانا بۈگۈنمۇ ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى خوشاللىقى بىلەن يېنىمغا كىرىپتۇ ، مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭمۇ ئۈندىداردىكى بىر پەرىزات بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم .ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى،مەنمۇ ساقال بۇرۇتۇمنى ياسىتىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىمنى ئەسكە ئېلىپ ياتاقتىن چىقتىم،سەتىراچخانىغا كىرىپ ساتىراچ ئۇستامغا ساقال-بۇرۇتۇمنى ياساشنى بۇيرۇپ ئورۇندۇققا يۆلىگىنىمچە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن، بىردەمدىن كېيىن يانفۇنۇمنىڭ يىنىككىنە بىر تىتتىرىشى بىلەن ئۇندىدارنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرى سايرىدى،شۇئانلا ئۇيقۇمنى ئاچتىمدە يانچۇقۇمدىن يانفۇننى ئالماق بولۇپ ، ئەستايىدىللىق بىلەن ساقىلىمنى ئېلىۋاتقان ئۇستامنى بىردەم تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدۇم، ئۇ قىزدىن ئاۋازلىق ئۇچۇر كەلدىمىكى دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇچۇرغا قارىغان بولساممۇ ئەپسۇز بىر دوستۇمنىڭ مېنى ئىزدىگەن ئۇچۇرىكەن ئەمەسمۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ ساتراچخانىدا ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۇستامغا شەرەت قىلدىم، ساتىراچ ئۇستام ئەمدى تىغ سالاي دەپ تۇرۇشىغا يەنە ئۇچۇر كەلدى، يانچۇقۇمدىن يانفۇنۇمنى ئالاي دېدىميۇ لېكىن ساتىراش ئۇستامنىڭ قارىشىدىن ئەيمىنىپ جىممىدە بولۇپ قالدىم
-نەدىن تاپتى مۇشۇ يانفۇننى سۆيۈپ پاراڭلىشىدىغان ئىشنى، ئالدىرماي تۇر ئۇكام ، ساقال بۇرۇتۇڭنى پاكىز ئېلىۋەتمىسەك يانفۇن بىلەن سۆيۈشكەندە سانجىلىپ  كېتىدۇ
ساتىراچ ئۇستام شۇنداق دېگىنىچە ساقىلىمنى ئېلىۋەردى، ساتىراچخانىدا ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر ساتىراشنىڭ بۇ گېپىدىن قاقاقلاپ كۈلەتتى، مەن ئۆزەمنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سېزىپ گەپ قىلماي جىم ئولتۇردۇم، بىردەمدىن كېيىن ھېسابات قىلىپ سىرىتقا چىققاندىن كېيىن ئۈندىدارنى ئاچتىم، قارىسام ئۇ قىز مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولۇپ، كۆرۈشىدىغان يەرنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ قويۇپتۇ،خوشاللىقىمدا ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەنزىلگە ئاتلاندىم . مانا پۈتۈشكەن يەرگە كېلىپ شۇنچە ئۇزاق ساقلىغان بولساممۇ ئۇ قىزنىڭ يا قارىسى يا ئۇچۇرى يوق، شۇنچە ئۇچۇر قالدۇرساممۇ ھېچبىر قاۋاپ قۇياي دېمەيدىيا، خەپ قارىغاندا يەنە ئالدانغان ئوخشايمەن، دېگەننى نىيەت قىلىپ قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم،قايتىش يولىدا ھېلىقى دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم،ئۇنىڭ ھالىمۇ خاراب كۆرۈشمەكچى بولغان قىزى كەلمەپتۇ، ئىككىلىمىز ئۇ قىزلارنى قانغۇچە بىر تىللىغىنىمىزچە يولىمىزغا ماڭدۇق، ياتىقىمىز بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارلىقى خېلى بار ئىدى، شۇڭا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ماڭماقچى بولۇپ BRTبىكىتىگە كەلدۇق، بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقىمۇBRTدىن چۈشۈپ چىقىدىغانلارنىڭ قەدىمى ئۈزۈلمەيتتى ،بز قىستىلىپ يۈرۈپ ناھايىتى تەسلىكتە ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق، كىشىلەرنىڭ توختىماي چىقىپ تۇرۇشى ۋە ئاپتۇبۇس ئىچىدە ئۇيان-بۇيان سۈرۈلىشى بىلەن ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتتۇق، مەن  BRTنىڭ ئۇلانغان جايىدىكى سەيناغا يۆلەنگىنىمچە يانچۇقۇمدىن يانفونى ئېلىپ ئۈندىدارىمنى ئاچتىم، ئۇ قىزغا بولغان ئۈمىد شامىم تېخىچە ئۆچمىگەن ئىدى، قارىسام يەنىلا جىمجىت، ئاچچىغىمدا يۇيۇش بەلگىسىنى تاسسىدە چىكىپ ئۇ قىزنى ئۈندىداردىن چىقىرىۋەتتىم، دوستلار چەمبىرىكىدىكى نەرسىلەرنى كۆرگەچ كۆزۈم تۇيۇقسىز مېنىڭ ئالدىمدا تۇرغان بىر قىزغا چۈشۈپ قالدى، مېنىڭ قارشى تەرىپىمدە ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز يانفون ئويناپ يۈرۈپتۇ، مەن قىزغا كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قارىغىنىمچە ئەتراپىمغا قارىدىم، گەرچە ئاپتۇبۇستا بوش ئورۇن بولمىسىمۇ لېكىن ئادەملەر بايىقىدىن شالاڭ ئىدى ،مۇغەمبەرلەرچە كۈلدۈمدە ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامكىسىنى ئېچىپ يېقىن ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم،شۇئانلا ئىزدەش رامكىسىنىڭ بىرىنچى قۇرىدا شەكىلە دېگەن ئىسىم پەيدا بولدى ، كۆڭلۈمدە چوقۇم ئاشۇ قىز دەپ پەرەز قىلىپ پەستىكى قۇرلارغىمۇ قارىماستىن  ئۇ قىزغا قوشۇلۇش ئىلتىماسى ئەۋەتتىم، نەچچە سىكىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قىزمۇ مېنىڭ ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلدى، مەن دەرھاللا بىر ئەتتىرگۈلنى ئەۋەتىپ يەر تېگىدىن ئۇ قىزغا قارىدىم ، ئۇ قىزمۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قارىغىنىچە تەبەسسۇم شەكلىدىن بىرنى ئەۋەتتى، مەن قاچىلىغىنىمنىڭ دەل شۇ قىز ئىكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈرۇپ ياخشىمۇ سىز دەپ خەت يازدىم، قىزمۇ ماڭا جاۋابەن خەت قايتۇرۇپ يەنە ماڭا قارىدى ، ئۇ قىز ماڭا قارىغان شۇ دەقىقىلەردە كۆزىمىز تۇنجى رەت ئۆز-ئارا ئۇچىراشتى، قىز ماڭا پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلگەندىن كېيىن كۆزىنى يانفۇنىغا تىكتى ، بىردەمدىن كېيىن ماڭا - كەچۈرۈڭ مەن ئەمدى چۈشۈپ قالدىم كېيىنچە پاراڭلىشايلى دېگەن خەت بىلەن خوشلاشقان شەكىل كەلدى،مەنمۇ ئۇ قىزغا خوش دېگىنىمچە ئۇ قىزغا قارىدىم ئۇنىڭغىچەBRTكېيىنكى بىكەتكە كىرىپ توختىدى ، قىز ماڭا يەنە بىر قېتىم ئىللىق تەبەسسۇم قىلغىنىچە  ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدى، مەن دەرھاللا ئاپتۇبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن قىزنىڭ سايىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم ، ئۇ قىز ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىز بىلەن قولتۇقلىشىپ كېتىپ باراتتى،قولۇمدىكى يانفۇننى يانچۇقۇمغا سالدىمدە بوش ئۇرۇننىڭ بىرىگە بىرىپ ئولتۇردۇم، ئاپتۇبۇسنىڭ يىنىك چايقىلىشى بىلەن كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتى .
...يەنە بىر گۈزەل پەرىنى قاچىلىۋالدىم، بۇ قېتىمغۇ ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرىۋالدىم لېكىن ئاۋازىنى ئاڭلاشقا پۇرسەت بولمىدىدە،بوپتىلا ھېلى بېرىپلا ئاڭلايمەنغۇ بۇ سېرىق قۇشقاچنىڭ سايرىشىنى.  لېكىن  بۇ قىز ئاۋازىنى ئاياپ مېنى داغدا  قويىدىغان ئىشنى قىلمايدىغاندۇ ھە!
ھەي ئۈندىدار، ھەي ئۈندىدار، يەنە مېنى قانداق كومىدىيەلەر كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ ...

2

-ۋاھ! ما ئىشنى كۆرۈڭ قالتىس ئىش بولدى بۇ قېتىم چوقۇم ئېسىل قىزغا ئۇچىرىدىم،قارىسام خەتلىرى شۇنداق تاتلىق بىلىنىپ كەتتى بەلكىم گەپلىرىمۇ شېكەردەك بولىشى مۇمكىن  بۇ تۇمۇچۇقنىڭ .كۈندەBRT غا چىقىپ يۈرسەم ياخشى بولغۇدەك جۇمۇ ،كۈنىگە بىرسى بولسىمۇ بىر ئايدا 30تۇمۇچۇق تېخى...
ئۇ  BRTدىن چۈشۈپلا زوق-شوخ بىلەن قايناپلا كەتكەنىدى، مېنىڭ گېپىنى ئاڭلىغىم بىلەن كارىمۇ يوق ئەكسىچە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ سۆزلەشكە باشلىدى، كوچىدا ماڭغان بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن سەل شۈبھىلىنىپ بەزىلىرى توۋا دېگىنىچە ياقىلىرىنى چىشلىسە يەنە بەزىلىرى پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئۆزىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىشاتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن خاتىرجەم بولالماي ئۇنى نۇقىلاپ جىملىدىم.
-ۋوي نېمە بولدى ساڭا، ما چوڭ كوچىدا تۈزۈك قىلىق قىلە، قارا خەقلەر قاراۋاتىدۇ .
-قارىسا قارىمامدۇ ، خۇشال بولىدىغان ئىشقا خۇشال بولىمىز بۈگۈن ساڭا دېسەم ئامىتىم كەلدى ئاداش...
ئۇ تېخىمۇ قىزىپ سۆزلەۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئامىتىم كەلدى دېگىنىدىنلا چوقۇم بىرە قىزبالىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قاچىلىۋاپتۇدە دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا مەنىسىزلا كۈلۈپ قويدۇم، خىيال كەپتىرىم توساتتىنلا ئاپتۇبۇستىكى ھېلىقى قىز تەرەپكە  قاراپ ئۇچتى،ھەقىقەتەن چىرايلىق قىزنى قاچىلىۋالدىم دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە-تېخى ماڭا كۆز ئېتىپ قۇيۇشلىرىچۇ،شۇنىڭغىسى ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدى بولمىغان بولسا كۆزىگە تېخىمۇ بەكراق قارىۋالاتتىم، بوپتىلا ھېلىغىچە ياتاققا بېرىپ بىر كېچىدىلا توغىرلايمەنغۇ ئۇ تۇمۇچۇقنى ،ئۈندىداردىكى ئىسمى شەكىلە،شاكىلاتتەكلا تاتلىق قىزكەنا ئۇ،بىر قارىشى يۈرىكىمگە ئوت يېقىۋەتتى دېسە...
-ساڭا دېسەم ئاداشBRTدا باياتىن تېخى مېنى بىر قىز قوشۇۋالدى،ئۈندىدار ئوينىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر قىزنىڭ ماڭا قوشۇلۇش ئىلتىماسى ئەۋەتىشى، ئارقىدىن قۇشۇپلا گۈل ئەۋەتىۋاتىدۇ. قارىغاندا بۇ گۈزەل بىلەن چىقىشىپ قالىدىغاندەك قىلىمەن .
ئۇنىڭ گەپلىرى خىيال قۇشلىرىمنى ئۈركۈتۈۋەتتى، مانا ياتاققىمۇ كېلىپ قالدۇق،بىر نەچچە بۇرادەرلەر قولىدا يانفۇن،ئۈندىدار ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ،كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ بىر نەچچىسى ئۆزىنىڭ بايا تېخى بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ ئۈلگۈردى، ھېلىقى دوستۇممۇ ئۆزىنى باسالماي يەنە ئەزۋەيلىدى
-بايا بىر قىز مېنى قاچىلىۋاپتۇ ، قېنى قايسىڭلارنى قىز بالا قاچىلاپ باققان .
ئەمدى ئازدىڭ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ئۇنىڭغا قاراپ، ئۇ دوستۇم قاراپ تۇرۇپ ئاغىينە بالىلارنىڭ مەسخىرىسىگە  قارىلىدىغان بولدىدە دەپ ئويلىشىمغا دېگەندەكلا ئۇلار زاڭلىق قىلىشنى باشلىۋەتتى.
-مومايمۇ تېخى ،كىم بىلىدۇ ؟
- بۇ دوستىمىز قېرى قىزغا ئامراق، بەلكىم ئۆتكەنكى خۇتۇننىڭ ئاپىسى بولسا سېنى ياش كۆرۈپ پېيىڭگە چۈشكەن بولىشى مۇمكىن .
-ئۇنداق دېمەڭلار ئاۋازى ساز بولسىلا قىرى بولسىمۇ  ياش قىزكەن دەپ ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ بۇ .
تەرەپ-تەرەپتىن يوتىغا ئۇرۇپ قاتتىق كۈلۈشلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى،ئۇ تىرىككىنىچە  ئوبورنىغا چىقىپ كېرەي دەپ بۇ مەسخىرە سورۇنىدىن ئايرىلدى، بىزمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر ھازا كۈلۈشكەندىن كېيىن  ئۈندىدارنىڭ ئىچىگە شۇڭغىدۇق. دوستلار چەمبىرىكىدىكى قىزىقارلىق سۈرەت،خەۋەرلەرنى ھەمبەھىرلەپ تۇراتتىم،توساتتىنلا ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كەلدى
-ۋەي ! بامۇ سىز جېنىم
قارشى تەرەپنىڭ نازلىنىپ قىلغان چۈچۈك گەپلىرى يۈرىكىمنى سىماپتەك ئېرىتىۋەتتى، تېخى تونۇشقىلى ئىككى كۈن بولغان قىز مانا ئەمدى مېنى جېنى بىلىۋاتاتتى، توساتتىنلا كۆز ئالدىمغا ھېلىقى قىزنىڭ گۈزەل رۇخسارى كېلىۋالدى ، ۋە شۇ قىز بىلەن بىر مۇڭداشماقچى بولۇپ بۇ قىزغا قايتۇرما ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىدىم.
-باغۇ گۈزىلىم، شۇ ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ئەتە پاراڭلىشايلى خوش!
شۇنداق دېگەن ، خوشلىشىش بەلگىسىدىن بىرنى ئەۋەتىپ قويدۇم، ئەس-يادىم شۇ قىزدىلا قالغان،شۇئانلا  ئۇنىڭغا چوغدەك قىپقىزىل يۈرەك بەلگىسىدىن بىرنى ئەۋەتتىم، ئۇمۇ مېنىڭ خەت يېزىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك تېزلا پارچىلانغان يۈرەكتىن بىرنى ئەۋەتتى.
-ۋوي نېمە بولدى ئوماق، كىمۇ سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى بۇنچىلىك لەختە قىلغان .
ئۇ گېپىمگە جاۋابەن -دېگەن بىلەنمۇ بەرىبىر سىز داۋا بولالمايسىز  دەپ خەت قايتۇردى،  بۇ گەپنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغۇچە ئۇ يەنە خەت ئەۋەتىپتۇ- ئىسمىڭىز نېمە ؟
مەن ئۇنىڭغا ئىسمىمنى دېگەن ئۆزۈمنى بىرە قۇر تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ،مۇمكىن بولسا ئۇنىڭمۇ ئاۋازلىق پاراڭلىشىشىنى ئۆتۈندۈم بىراق ئۇ ئەپسىز دەپ ئۈمىدىمنى يەردە قويدى، ئىلگىرىكى چاغلىرىم بولسا قىزنىڭ سۈرىتىنى سورايتتىم ئەمما بۇ قېتىم ئۇنداق قىلىشىم نەھاجەت، چۈنكى مەن قىزنىڭ ئەينى جامالىنى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك گۈزەل رۇخسارىنى كۆرگەن.
-قانداق سورىمىسام ئىسمىڭىزنى دەپ بەرمەمسىز؟
ئۇ ئىسمىنىڭ ئۈندىدارنامى شۇ ئىكەنلىكىنى يېزىپ شوخلۇق بىلەن كۆز قىسقان شەكىلنى ئەۋەتتى،
خېلى بىر چاغلارغىچە مەن ئاۋازلىق ئۇ خەتلىك دېگەندەك پاراڭلىشىپ يانفۇننىڭ توكىمۇ تۈگەپ كېتەي دەپ قاپتۇ، نەچچە قېتىم توك  قاچىلاش ئۇقتۇرىشى كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن يانفۇنىنى ئېغىزىمغا تۇتتۇم .
-كەچۈرۈڭ ئومىقىم ، يانفۇننىڭ توكى تۈگەپ كەتتى، ئەتىگىچە پاراڭلىشايلى ئامان بۇلۇڭ .
ئەمەلىيەتتە مەن ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىۋاتاتتىم، چۈنكى ئۈندىداردا بىر قىز بىلەن بەك پاراڭلىشىپ كەتسەك سۈپىتىمىزنى  چۈشۈرىۋالاتتۇق، بىرە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇچۇر كەلدى، ئەمدى ئېچىپ قاراي دەپ بولغۇچە يانفۇنۇم ئاپتۇماتىك ئىتىلىپ قالدى شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر باتارىيەنى ئالدىمدە يانفۇنىڭ باتارىيەسىنى ئالماشتۇرۇپ يەنە ئۈندىدار ئاچتىم،نەچچە قىزلار خەت قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ، بىر نەچچە ئاغىينىلىرىم ھەرخىل -ھەر ياڭزا سۈرەتلەرنى يوللاپ قويۇپتۇ، ئەجەپ بايا سەپ سالماپتىكەنمەن دەپ ئويلىدىم  ئىچىمدە،خەتلەرنى ئۇقۇۋېتىپ كۆزۈم بىر ئىسىمغا چۈشۈپ قالدى، بۇ قىزنى تېخى ئاخشام كەچلىك بازاردا دوستلار بىلەن ئولتۇرغان چاغدا ئىزدەپ قاچىلىۋالغان يېڭى مال ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر مۇڭداشمايمەنمۇ دېگەن خىيال بىلەن گېپىگە جاۋاپ خەت يازدىم
-سالىمىڭىز قۇبۇل بولدى، قېنى ئەمدى مېنىڭ سالىمىمغا قۇبۇللۇق بارمىدۇ ؟
شۇ خەتلەرنى يازغان ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان سۈرەتلىرىنى كۆردۈم، ئىككى كۈن كەينىگە ياندۇرىۋېدىم كۆزۈم بىر قاتار سۈرەتلەرگە چۈشۈپ قالدى،ئاق سېرىق كەلگەن 25 ياشلاردىكى ئانچىمۇ بەك چىرايلىق ئەمەس بىر قىزنىڭ(非主流)ئۇچار چوشقا  ئىقىمى شەكلىدە نەچچە پارچە سۈرىتى تۇراتتى،قېرى بىر نىمىكەنغۇ دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭدىن جاۋاب خەت كەلدى، كەلگەن جاۋاب خەتنىمۇ ئوقۇماستىن ئۇنى ئۈندىدارىمدىن يۇيىۋەتتىم.يەنە قانداق قىزلار باردۇ دەپ ئويلاپ بىر قۇر تەكشۈرۈشكە باشلىدىم.ئۈندىدارىمدىكى 200دىن ئارتۇق قىزنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمىدى، يەنىلاBRTدىكى شۇ قىزنىڭ سىماسى قەلبىمنى ئىگەللىۋالغانىدى،ھەي! خوش دېمىسەم بوپتىكەن ، قايتىدىن ئۇچۇر يازسام قانداق بولار دەپ ئويلىغان بولساممۇ لېكىن قىزبالىنىڭ ئالدىدا يۈزۈم چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.
-ماڭە تاماققا چىقىمىز
ئاغىينە بالىدىن بىرسى  ئىشىكتىن ئالدىراپ كىرگىنىچە قولۇمدىن تارتىپ مېنى تۇرغۇزدى شۇنىڭ بىلەن خىيال قۇشۇم يەنە ئۈركۈپ كەتتى ۋە ئىختىيارسىزلا ئورنۇمدىن قوپۇپ سىرتقا تاماق يېگىلى چىقىپ كەتتىم...
شەكىلە بىلەن بولغان پاراڭلىرىمىز كىچىچە تۈگىمەيتى ، ئۇنىڭغا بارغانچە ئامراق بولۇپ قېلىۋاتاتتىم ،ياق بۇنى ئامراق بولۇش دېگەندىن كۆرە غايىبانە ئاشىق بولۇش دېگەن تۈزۈك ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن شىرىن گەپلەرنى قىلىشىپ تاس قالاتتىم تاڭنى كۈنگە ئۇلىۋەتكىلى لېكىن بىر يېرى ئۇ نېمىشقىكىن مەندىن ئاۋازىنى ئاياۋاتاتتى، ئاۋازلىق گەپ قىلىڭ دېسەملا،گېپىمنى بۇراپ توغرا چۈشىنىڭ جېنىم دەپ خەت يېزىپ قۇياتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىم دېگەن شۇ خېتىدىن يۈرىكىم لەرزىگە كېلەتتىدە قايتا ئۇ توغرىلىق ئېغىز ئاچمايتىم.مانا بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىلى ئۈچ كۈن بولغان كۈن ئۇنىمۇ خېلى چۈشىنىپ قالغاندەكمۇ بولدۇم، ئۆزى ئالىي مەكتەپتىكەن، ئۇقۇمدۇ ياكى باشقا ئىش قىلامدۇ بىلمىدىم،قايسى كۈنى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىن سورىغىنىمدا ئالىي مەكتەپتە دەپ قىسقىلا جاۋاپ بەرگەن ،مەنمۇ شۇنىڭغا قاراپ ئۇنى چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلغانىدىم.ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندىن باشلاپ ئۈندىداردىكى باشقا قىزلار ماڭا ھارام بولدى، ھېچقايسى قىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمەيتى، ئاۋازلىق ئاۋازسىز قالدۇرغان ئۇچۇرلىرىغا گەپمۇ قىلمايتتىم ،ئەگەر بەك تولا ئۇچۇر قىلىپ كەتسە ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنى يۇيىۋېتەتتىم.مانا شۇنداق قىلىپ 200نەچچە قىزدىن 150تەك قىزلار ساقلىنىپ قاپتۇ،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى دوستۇم كىرىپ قالدى .
-سەن مەندىنمۇ ئۆتە سەۋدا بوپسەنغۇ ئەمدى،قارا ئاداش ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنىڭ تاتلىقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، بايا ئاران بىر سۈرىتىنى ئەۋەتىۋەتتى، ئاسماندىكى ئاي دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ئاغىينە بالىلارغا كۆرسەتكەنىدىم ھەممىسىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى .قېنى سەنمۇ كۆرۈپ باقە ئاداش ،ئەتە كۆرۈشمەكچى بولدۇق تېخى.
ئۇ شۇنداق دېگەن يانفۇنىنى ماڭا ئۇزاتتى، مەن بولدىلا يەنىلا ئۆزۈمنىڭ قىزى چىرايلىق دەپ ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتىم. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ ساقال بۇرۇتۇمنى ئېلىپ ياتاققا كىرىپ كەتتىم، بۈگۈن ھېلىقى دوستۇم ئۈندىداردىكى تۇمۇچۇقى بىلەن ئۇچىراشماقچى بولغان قانداق بولغاندۇ دېگەندەك خىياللارنى قىلىپ بولغۇچە ھېلىقى دوستۇم غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ كىرىپ چالۋاقاپلا كەتتى
-ئاناڭنى ...پاسكىنا-جالاپ،ئەجەپ بىر ئاچچىغىمنى كەلتۈردى دېسە، نېرۋىسىنىڭ بىر لىنتىسى كەم قىزلار ماڭا ئۇچىرامدىغاندۇ دەيمەن، كۆرىشىپ قۇياي دەپ بارسام دېگەن گېپىنى كۆرمەمدىغان...ئەجەپ قىستاپ كەتتا، ھازىر كىرىمەن ،سىرتقا چىقىپ كەتمەي تۇر جۇمۇ.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تېلفۇمنى توكقا چېتىپ قوي دەپ ئەدەپكە چىقىپ كەتتى، توك قاچىلىغۇچنى ئالدىمدە ئۇنىڭ تېلفۇنىنى چاتتىم، توساتتىنلا ئۇنىڭغا كەلگەن ئۇچۇر ئاۋازى مېنى سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى، قىزىقىپ ئېكراننى چەكتىم ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈندىدارىغا سېستىما ئۇچۇرى كەلگەنىدى، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى رەسىملەرنى كۆرىۋېتىپ توساتتىنلا كۆزۈم بىر قىزغا چۈشۈپ قالدى .-توۋا  شەكىلەگە ئەجەپ ئوخشايدىكىنا ؟
شۇلارنى ئويلىغاچ ئۇ قىزنىڭ سۈرىتىنى چەكتىم،رەسىم چوڭايدى تېخىمۇ قىزىقىپ رەسىم چىقارغۇچىنىڭ ئارخىپىنى بىلمەكچى بولۇپ ئايرىم خەت رايونىغا چىقتىم .قارىسام ئۈندىداردىكى ئىسمى بەرگى ئىكەن .ھاپىلا -شاپىلا ئۇنىڭ چىقارغان سۈرەتلىرىنى كۆردۈم بىرە ئاي بۇرۇن يولىغان سۈرەتكىچە قەدەر يوللىغاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە پارچە سۈرەت كۆزۈمگە ئىلىنىپ قالدى، مېنىڭ ئائىلەم دېگەن مەزمۇندا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچ جاننىڭ رەسىمى تۇراتتى.ئۇنىڭ رەسىمى بۇ قىزدا نېمە قىلىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا دوستۇم كىرىپ كەلدى ، ئۇيەنە چېچىلىشقا باشلىدى، بىراق مېنىڭ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا رايىم يوق.
-مەيەگە كېلە ئاداش، بۇ قىز
-شۇ ئاداش بۈگۈن مەن كۆرۈشكەن نەچچە كۈن  ئاۋۋال ئاپتۇبۇستا مېنى قاچىلىۋالغان بۇزۇق شۇ.
كاللامدىن بىر چېلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.ئامال بار ئۆزۈمگە ھاي بىرىشكە تىرىشاتتىم،ئۇنىڭدىن بۇ  قىز توغرىلىق ئازراق سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، شۇ كۈنى دەپ گەپ باشلىدى دوستۇم- ئېسىڭدىمۇ  ھېلىقى  كۈنى مەن ساڭا بىر قىز مېنى قاچىلىۋالدى دېگەنىدىمغۇ ئەنە سەن كۆرگەن پاسكىنا شۇ خېلى چىقىشىپ قالغانىدۇق. ئۆزۈممۇ ھەيران يېڭى تونۇشقاندا ئۇ مېنى تونۇيدىغاندەك قىلىپ خېلى كېلىشكەنكەنسىز دېگەنىدى،مەنمۇ دەسلەپتە ھەيران قالدىم لېكىن كېيىن پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن،ساڭا دېدىمغۇ ئاخشام سۈرىتىنى يوللاپ بەردى دەپ كۈلگۈم كېلىدۇ دېسە سۈرىتىڭىزنى يوللاپ بېرىڭ دېسەم قايسى كۈنىBRTدا مېنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز دېمەسمۇ،  ھەيران قاپتىمەن. قارىغاندا ئۇ پاسكىناBRTدىكى چاغدىلا ماڭا نەزەر تاشلىغان چېغى،مەنمۇ چاندۇرماي شۇ سۈرىتىڭىزنى ساقلىۋالغۇم بار ئىدى دېسەم ماقۇل دەپ ئەۋەتىپ بەردى .مەن تېخى مېنىڭدىنمۇ سۈرىتىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىڭ دەمدىكى دېگەن تەمادا يۈرسەم ھېچبىر ئۇنداق گەپ ئېغىزىدىن چىقىدىغاندەك ئەمەس ،ئۇ تەلەپ قىلمىسا مەن ئەۋەتىپ بېرەتىممۇ مەن يا ئانچىمۇ بەك...
دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ئىسكەتى بولغان بىلەن ئانچىمۇ بەك كېلىشكەن دېگىلى بولمايتى، ئۇنىڭ گەپلىرىگە قىزىقىپلا قالدىم ۋە ئۇنى گېپىنىڭ داۋامىنى دېيىشكە بۇيرىدىم.
-خېلى ئوبدان پاراڭلىشىپ يۈرەتتۇق،ئائىلە شارائىتى ياخشىكەن ئاتىسى بىر ئىدارىدە ئىشلەمدۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق دېگەن ، ئاپىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن ، ئۆزىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزكەن.مەنغۇ ھە دەپ قويدۇم ئاتا-ئانىسى شۇنچە زىيالى تۇرۇپ، قىزىنىڭ غىلجىڭلىقىغا قاراپ تۇرامدۇ دەيسەن،شۇنچىلىك ناز-كىرەشمە قىلىدۇ، ئەركىلەپ تۇرۇپ جېنىم شاھزادەم دەيدىغان بولسا ھىسياتلىرىڭنى90گىرادۇسقا چىقىرىۋېتىدۇ دەيمەن، گەپلىرىنىڭ ئۇچۇقلىقىنى دېمەيسەن بەزىدە مەنمۇ خىجىل بولۇپ قالىمەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن .زادى بىر ئالدامچى قىز دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە لېكىن مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەرۋايىم نېمە دەيسەن، تۇنۇشىۋالساملا بولدى، كېيىنچە يېقىن بولۇپ ھېلىقىدەك ...
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماڭا قاراپ مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىشقا باشلىدى،مەن ئۇنىڭ يانفۇندىكى  ھېلىقى بىر ئائىلە  كىشىلىرىنىڭ سۈرىتىنى  ئېچىپ كۆرسەتتىم.
-مۇشۇ شۇمىكەن .
-ۋوي سۈرەتلىرى بارمىكەن ، بۇرۇنراق ئۇققان بولسام سۈرىتىڭىزنى ئەۋەتىڭ دەپ يۈرمەيكەنمەن، بەلكىم شۇ جۇمۇ ئاداش، ئۆزىمۇ مەن يالغۇز بالا دېگەن  ئاتا-ئانىلىرىنىڭ چىرايىدىن قارىسامغۇ زىيالى سۈرەت كىشىلەر ئىكەن، ھە راست گېپىمنىڭ ئارقىسىنى ئاڭلا  بۈگۈن كۆرۈشتۇم دېمەيسەن مەن بىر قاراپلا ئۇنى تۇنىۋالدىم،سۈرەتتىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە چىرايلىق ئىكەن ،ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ  سىز بەرگىمۇ دېدىم،ئۇ  پۇتۇمدىن بېشىمغىچە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ھە دېگەن مەقسەتتە بېشىنى لىڭشىتتى،مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۈندىداردىكى ھېلىقى يىگىت ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ تۇرۇشۇمغا تەلەتىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ ئۇنداق ئەمەسقۇ ؟مەن قاچىلىۋالغان يىگىت خېلى كېلىشكەن ئىدى دېمەسما قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى ، قاراپ تۇرۇپ مېنىڭ ئالدىمدا مەن قاچىلىۋالغان يىگىت خېلى كېلىشكەن دېسە ئويلاپ باقە ئاداش يىگىتلىك غۇرۇرغا تەگمەمدۇ دەيمەن، قىزىپ قالمىغانسىز دەپ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ تۇردۇم.ئەسىلىدە ئۇ كۈنى ئاپىسى بىلەن ئۆيىگە قايتماقچى بولۇپ ئىزدەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مېنى قاچىلىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ مېنى خاتا قاچىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ  خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.ئاچچىقىم دەھشەت كېلىۋاتىدۇ دېسە خەپ پاسكىنا ئۆزى قانچىلىك بىر چىرايلىق نەرسىتى ،ئەكىلە تېلفۇننى ئۇنى يۇيۇۋېتىمەن .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يانفۇننى تارتىپ ئېلىپ ئۇنى يۇيۇۋەتتى.ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرى  قۇلاقلىرىمغا كىرمەيتتى .كەيپىياتىم بىراقلا نۆلگە چۈشۈپ قالدى، كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا ئۈندىدارنى ئاچتىم، ھازىر ھەممىدىن بەكراق ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى. بارمۇ سىز دەپ ئۇچۇر يوللىغاچ ئۇنىڭ يوللىغان سۈرەتلىرىنى ئاختۇردۇم.كۆڭلۈمدە مەن كۈتكەن جاۋاپ  ئۇ يوللىغان سۈرەتلەردىن چىقىپ قالىدىغاندەكلا  تۇيۇلاتتى . باشتا تازا زەن سالماپتىكەنمەن دېسە نېمانداق جىق بىر نېمىلەرنى يوللايدىغاندۇ .سائەتلەپ ئاختۇردۇم  ھېچبېر تۈگەي دېمەيدۇ ، قېرىشقاندەك باتارىيە تۈگەي دەپ قالدى يانفۇنۇم ئۆچۈپ قالسىلا يەنە باشتىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ ، يانفۇنۇمغا سىملىق توك قاچىلىغۇچ بىلەن توك قاچىلىدىم، ئايتۇرەم-ئاختۇرە ئۈچ ئاي بۇرۇنقى يوللىغان سۈرەتلىرىگىچە ئاختۇرۇپ پىشانەمگە پاققىدە بىرنى قويدۇم،مەنزىرلىك جايدا تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت مېنىڭ ئالاھىدە دېھقىتىمنى تارتقان ئىدى،سۇرەتتە بىر ئايال لېكىن ئۇ مەن تۇنۇيدىغان شەكىلە ئەمەس بەلكى باياتىن تېخى دوستۇمنىڭ يانفۇنىدا كۆرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىچىدىكى زىيالى ئايال شۇ ئىدى .كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ قاتتىق سەۋىر ۋە تاقەت بىلەن يەنە ئاختۇردۇم ،ئەمدى ئۇنىڭ يوللىغان سۈرەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ رەسىمىمۇ خېلى كۆزگە چېلىقماقتا ئىدى، مەكتەپ قورۇسى ،مەيدانى ، ئىشىكى ئالدىدا چۈشكەن سۈرەتلەردىن مەن دېمەتلىك قىز ئوغۇللار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ ئوقۇغۇچىلىرىم دەپ ئىزاھلاپ ئۆتۈشلىرىدىن ئۇنىڭ راستىنلا بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.ئەجىبا مەن نەچچە كۈندىن بۇيان BRTدا ئۇچىراتقان شۇ قىزنىڭ ئاپىسى بىلەن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇپ يۈردۈمما ، توۋا خۇدايىم جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ،ئەمدى ئۆتەپ بېرىپ شۇ قېرى خوتۇن بىلەن... ئۇ خۇتۇنمۇ قىزىقكەن شۇنچە مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۇرۇپمۇ ..ئۇف جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن جۇمۇ .توساتتىنلا كەلگەن ئۇچۇر ئاۋازدىن ھۇشۇمنى يىغدىم، شەكىلە ئۇچۇر قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ مەكتەپتىن ھازىر بىكار بوپتۇ .لېكىن ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت قايتۇرۇشقا رايىم يوق . ئىشنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ئويلاشقا باشلىدىم. قىزىق ئىش  ئاپتۇبۇستا نېمىشقا ئۇ قىز ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىدۇ، كۆز قىسىدۇ؟ھە ئەمدى بىلدىم . شۇ چاغدا مەن ئادەم ئىزدىگەن پەيىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ قىزمۇ ئادەم ئىزدەپ دوستۇمنى قوشۇۋالغان، مەن بولسام ئۇنىڭ ئاپىسىنى قوشۇۋالغان ،مەن ئۇنىڭغا گۈل ئەۋەتكەن پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇقىز دوستۇمغا  قىزنىڭ ئاپىسى ماڭا گۈل ئەۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن روبىرو تۇرغان قىز ئالدىدىكى مېنى چوقۇم ئۆزى قوشۇۋالغان يىگىت شۇ دەپ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلغان بولىشى مۇمكىن.
پاھ! ما كومېدىيىنى تەقدىرنىڭ چاقچىقى دېگەن مۇشۇ بولامدۇ ئەمدى ، نەچچە كۈندىن بۇيان مەن ئۇنىڭ ئاپىسىنى شۇ قىز دەپ ،ئۇ قىز مېنىڭ دوستۇمنى مېنى شۇ دەپ پاراڭلىشىپ يۈرۈپتىمىز دېسە .يال يىغلىشىمنى يا كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي قالدىم ۋە ئاخىرى كەسكىن قارارغا كېلىپ غايىبانە ئاشىق بولغان ئۇنى  ئۈندىدارىمدىن  مەڭگۈلۈك غايىب قىلىۋەتمەكچى بولدۇم ...
ئىككى كۈندىن كېيىن دوستۇم بىلەن كوچىدا كېتىپ باراتتىم،توساتىنلا ئالدىمغا كېلىۋاتقان ئىككى كىشىگە قاراپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم، دوستۇممۇ دەماللىققا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى، مەن قاچىلىۋالغان شەكىلە بىلەن دوستۇم قاچىلىۋالغان بەرگى قولتۇقلىشىپ كېلىۋاتاتتى، شەكىلە ھېچبىر پەرۋا قىلماستىن مېنى يانداپ ئۆتۈپ كەتتى، ئەلۋەتتە مەن ئۇنى تونۇغان بىلەن ئۇ مېنى تۇنۇمايدۇدە، لېكىن بەرگىنىڭ تەبەسسۇم بىلەن قارىشى تاش-تاش قالدى قەلب دېرىزەمنى چېقىۋەتكىلى، دوستۇم ئۇلارغا قاراپ -ۋۇ پاسكىنا مېنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتى دېسە، قارىغاندا ئاۋۇ ئاپىسى ئوخشايدۇ دەپ بىر نېمىلەرنى غۇدۇڭشۇپ مېنى تېزراق مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى ،نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن توساتتىنلا يانفۇنۇمدىن ئۈندىدار ئۇچۇر سىگنالى ئاڭلاندى ،ئەمدى ئۇچۇر يازغان كىمدۇ دەپ  يانفۇننى ئېلىپ قارىدىم، بىر كىشى ماڭا قۇشۇلۇش ئىلتىماسى سۇنغان ئىدى، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى  قۇشۇلۇش ئىلتىماسى قىلغان بىر قىز بالا ئىدى...


ھېكايە تامام


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-109831-1-1.html

مەنبەسى : ئەپچىلەم




ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xah! + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
katran + 614 ئەجىر قىپسىز ئۇكام، ....

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 914   باھا خاتىرىسى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3906
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداقلا تۈگىتىشكە رۇخسەت يوق.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91100
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-2-3
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈشكۈر ئاللاھ ، ئاللاھ بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىمان-ئىنساپ ،شەرمى ھايا ئاتا قىلغايسەن.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2667
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1730 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 05:52 PM
بۇنداقلا تۈگىتىشكە رۇخسەت يوق.

ئەمدى بولدى قىلاي ، ھېلىمۇ يازغان ئەسەرلىرىم بەك چاتمىلىشىپ كەتتى.يەنە داۋامى بار دەپ يازسام ئەسەر قېيىپ كېتىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ ئىشلىتىۋاتسام ئۈندىدارنى شۇڭا ئەمدى ئارتۇق ئۇۋال قىلغۇم يوق ئاللاھ خالىسا قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببەتنىڭ داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xah! + 300 داۋامىغا تەشنامەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 495 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏بۇ بۇ بۇ بۇ بۇ بولمىدى ئەپچىلەم. شۇنداق پەيزى يەرگە كەلگەندە تۈگەپ كەتتى. چوقۇم ئاخىرنى يېزىشىڭىز كېرەك.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96710
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-8-4
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغول بالا بولا مەندەك بولا .مەن ئۈندىدار ئىشلەتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان قىزلار بىلەن ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ باقمىدىم جۇما باللا ...ھى ھى ھى ھى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   es7303 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-7 02:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3906
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
es7303 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 02:27 PM
ئوغول بالا بولا مەندەك بولا .مەن ئۈندىدار ئىشلەتكەن ئى ...

ئەمسە سىزمۇ مېنىلا دورىغان ئوغۇل بالىكەنسىز.ھا ھا ھا ھا

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3906
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 02:02 PM
ئەمدى بولدى قىلاي ، ھېلىمۇ يازغان ئەسەرلىرىم بەك چاتم ...

چاتمىلىشىپ كىتىش ئاخىر بېرىپ خاسلىقىڭلا بوپ قالىدۇ ئاداش.ئۇمۇ داۋاملاشسۇن بۇمۇ ھەم.بۇنىڭمۇ داۋامى ياكى يېزىلىپ بولغان ياكى ئويلىشىپ بولغان.بولمىسا ئاخىرىغا بوشلۇق قوشۇپ قويمايتىڭلا.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2667
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1730 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 06:44 PM
چاتمىلىشىپ كىتىش ئاخىر بېرىپ خاسلىقىڭلا بوپ قالىدۇ ئ ...

ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى راستىنلا قانداق يېزىشنى بىلمەيمەن ، تەسەۋۇرمۇقىلىپ باقمىدىم، ئەمدى مېنىڭ بوشلۇق قۇيۇپ قويىدىغان ئادىتىم ھەممە ھېكايىلىرىمدە دېگۈدەك بار، تەسەۋۇر دېگەن ئاجايىپ بولىدۇ بەلكىم شۇنداق بوشلۇقلار ئارقىلىق  ئۈندىداردىكى كومىدىيەنى  قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى مۇھەببىتنىڭ بىر چاتمىسى قىلىۋېتىشكە كۆۋرۈك بولىشى مۇمكىن، ئەمدى بۇ ھېكايىگە كەلسەكتەسەۋۇر قىلساڭلار بولىدۇ ،مېنى قاچىلىۋالغان ئۇقىز زادى كىم، يەنە قانداق كومىدىيەلەر ئوينىلىدۇ دېگەنلەرنىڭ جاۋابى ئاللىبۇرۇن يىشىلىپ بولدى، يەنە شۇ كونا كومىدىيەنى چۆرىدىگەن ئاساستا يازىدىكەنمەن، بۇنداق قىلسام ئوقۇرمەنلەرمۇ يەنە شۇ تەكرار تېما ئۇقۇغاندەك بوپ قالدىكەن  ھەممىنى دەۋەتتىميا سىلىگە

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xah! + 300 ھا!ھا!ھا!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94617
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 549
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئۇندا دىمەي    يېزىۋېتىڭلا       يامان  قىزىقكەنيا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش