سىلكىنىپ-سىلكىنىپ يىغلايدۇ قۇملۇق،
بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ ئوت چاچار تارىم.
مەڭگۈلۈك ئارماننىڭ ئاشماقتا كۈچى،
قاراسلاپ سۇنماقتا تىلىم ، ئاۋازىم.
كېچىنىڭ تىرنىقى بوققان گاللاردىن،
بۆرە كۆز ئۈمىدلەر تاڭغا چېتىشلىق.
مۇقەددەس تىنچلىق زەيتۇن شېخىدا،
كۆك كەپتەر بۇقۇلدار مۇڭلۇق ، يېقىشلىق.
سادىرنىڭ ئۆڭكۈرى سۈزۈك ئېسەدەپ،
چوقىلار سىيرىلىپ چۈشمەكتە پەسكە.
قەلبىمدە ئارمان سەن قۇرىغان دەريا،
ھەر كۈنۈم بەك ئۇزۇن، ئۆتەر مىڭ تەستە.
ئازابسىز ياشاشقا ئىنسانىيەت زار،
ئەركىمىز ئېچىرقاپ كەتكەن شۇقەدەر.
ئارمانلار قۇملارنى قۇچاقلاپ مەھكەم،
ئاقىدۇ ئۆركەشلەپ چۆللەردە غەملەر.
دەريانىڭ شاۋقۇنى چاراسلار مۇڭلۇق،
باھارنىڭ ھىدىنى سېغىنغان جاڭگال.
قۇملۇقنىڭ باغرىغا چۆكىدۇ يوللار،
توغراقلىق قوينىدا تۈمەنمىڭ سۇئال.
لېۋى قان يوللاردا تۈمەنمىڭ ھەسرەت،
سېرىق تال كۈنلەردە يۈرەكنىڭ دېغى.
يېشىمغا قوشۇلۇپ كەتتى تارىممۇ،
قايرىلدى قاراسلاپ بەختىمنىڭ شېخى.
يارامنى قانىتار دەردلىك ئەسلىمە،
دەردمەن بىر خىيالدا ياشاۋاتىمەن.
چۈشۈمدە بىر بوۋاي قاچتى تاغلارغا ،
باغرىدا گۈرۈلدەپ كۆيەر بىر ۋەتەن !...
يۇلغۇنلۇق قوينىدا ئۇلۇغ ئارمانلار،
تاغلارغا تۇتاشتى يۈرەكتىكى ئوت.
سەھەرگە كىرمەكتە ئۇزۇن بىر كارۋان،
ئوغۇزخان ، بۇخراخان قېنى دەدەقۇت... ؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-7 01:19 PM