مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6476|ئىنكاس: 31

شېكەردەك شەنبە ئۈچۈن يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 11:31:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    يەنە مېھىمان قىلىۋالمىسۇن دەپ   

‏  ئەپەندىمنىڭ بىر ئۇچىغا چىققان قىزىل كۆز تۇغقىنى بار بولۇپ , ئەپەندىمنى كۆرسىلا: <<ئاكا سىلىنى مېھمان قىلمىسام بولمايدۇ>> دەپ ئاشخانىغا باشلايدىكەن, ئەمما تاماقنى يەپ بولۇپلا, < ئاكا پۇل سالماي كەپتىمەن>> دەيدىكەن. ئەپەندىم بىر كۈنى كوچىدا ھېلىقى تۇغقىنىنى كۆرۈپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېڭىپتۇ. تۇققىنى دەرھال ئەپەندىمنى چاقىرىپ:
-ئەپەندىم نېمە بولدۇڭلار, مېنى كۆرۈپلا مۈشۈكنى كۆرگەن چاشقاندەك كېتىپ بارىسىلەرغۇ؟ دەپتۇ.شۇنداق دەپتۇ ئەپەندىم تۇققىنىغا, نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىلى تولا مېھمان قىلىپ كەتكەچكە  يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى, شۇڭا سىلىنى يەنە مېھمان قىلۋالمىسۇن دەپ كەينىمگە  بۇرۇلۇپ ماڭدىم شۇ.

‏    سۈيۈش ئۈچۈن دەرەخكە چىققان نەدە بار

‏ زىراپە مايمۇنغا ياتلىق بۇپتۇ.بىر يىلدىن كىيىن زىرەپە ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلىپ,مايمۇنغا:ئىگز-پەس سەكىرەپ يۈرشىڭنى ئەمدى كۈرگۈم يوق!-دەپتۇ.
مايمۇنمۇ كۈڭلىدىكىنى دەپتۇ: ئاجىراشساق ئاجىرشايلى,سۈيۈش ئۈچۈن دەرەخكە چىققان نەدە بار؟!

    ‏كۈلگۈمنى كەلتۈرمىڭە ئۇلار پاھىشە..

‏ئايال قىزىنى ئېلىپ تاكسىدا ئۆيىگەمېڭىپتۇايولدا يۈزلىرىنى بوياپ , بىر يەرلىرىنى ئېچىپ تۇرغان قىزلارنى ئۇچرىتىپتۇ , بۇ قىزلارنى كۆرگەن قىز ئانىسىدىن: - ئاۋۇ قىزلارنىمە قىلىدۇ؟ قىزىنىڭ قەلبىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن , مۇنداق دەپتۇ: - ئۇلارئېرىنى ساقلاۋاتىدۇ بۇنى ئاڭلىغانشوپۇر : « كۈلگۈمنى كەلتۈرمىڭە ئۇلار پاھىشە..» دەپ قوشۇق ساپتۇ , بۇنى ئاڭلىغان ئانا شوپۇرغا قاتتىق ھومۇيۇپ قاراپ قويۇپتۇ , ئۇنىڭ قىزى داۋاملىق سوراپتۇ:- ئانا ئۇلار بالا تۇغامدۇ؟ ئانا چىرايىنى ئۆزگەرتمەي: « تۇغىدۇ قىزىم,بولمىسا تاكسىلارنى كىم ھەيدەيدۇ...»

‏سىنىپ مۇدىرىمىز دېگەن ئوغرى دېرىزە مارىلاپ تۇرىدۇ

‏بىر ئوقۇغۇچى دائىم دەرس ۋاقتىدا يانفون ئويناپ ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى سىنىپ مۇدىرى دېرىزە سىرتىدىن ئۇنىڭ يانفون ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە يانفونىنى ئېلىپ ئۇ ئوقۇغۇچىغا «نېمىشقا دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمايسەن؟», دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ, ئوقۇغۇچى بولسا ھەيران بولغان تەرىزدە «سىز كىم؟», دەپ قايتۇرۇپتۇ, مۇئەللىم ئارقىدىنلا « ھازىرنىڭ ئۆزىدە دېرىزە سىرتىغا قارا!» دەپ يوللاپتۇ, ئوقۇغۇچى دېرىزە سىرتىدىكى مۇئەللىمگە بىر قارىۋېتىپ, « سەل تۇرۇپ مۇڭدىشايلى, ھازىر سىنىپ مۇدىرىمىز دېگەن ئوغرى دېرىزە مارىلاپ تۇرىدۇ...» دەپ, ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ.

‏        ئۆتنە جاھان دىگەن شۇدە

‏بىر ئايال  قىزىل چىراغدا تۇختىماي بېسىپ ئۆتۈپ قاتناش قائىدىسگە ئېغىر دەرجىدە خلاپلىق قىلنغانلىقى ئۆچۈن سۇتقا تاپشۇرۇپ بىرلىپتۇ .
بۇ ئايال سوتچىغا چۆشەندۈرۈپ : مەن بىر ئۇقۇتقۇچى , دەرسىم بار ئىدى , ئىشقا ئالدىرايتىم , مېنى بىر قۇياپ بەرگەن بۇلسىڭىز دپتۇ .
سوتىچى بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايتى خۇش بۇلۇپ كېتىپتۇ, ھەمدە ئۇ ئايالغا :
" خانىم , مەن ئۇزۇن يىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىلىگىمنى بۆگۈن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بۇلدۇم , مەن ئۇزۇندىن بۇيان  سىزگە ئۇخشاش بىر ئۇقۇتقۇچى داۋاغا تارتىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلسە دەپ تۇراتتىم ,  ھازىر سىز ئاۋۇ ئۆستەلدە ئۇلتۇرۇپ  ' مەن قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتتۈم ' مەن قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتتۈم' دىگەن بۇ بىر جۈملە خەتنى 500 قېتىم يېزىڭ ...
ئايال ئۇقۇتقۇچى : ........

‏      يالغانچىنىڭ ئاقىۋىتى
‏   بىر ئايال لاتارىيە بىلىتى ئالماقچى بۇلۇپ ساتقۇچىدىن ياردەملىشىشنى سۇراپتۇ .  ماڭا ياردەملىشىپ نۇمۇر تاللاپ بەرگەن بولسىڭىز .  ئەلۋەتتە بۇلىدۇ . سىز قانچە قىتىم چەتئەلگە چىققان! 4 قېتىم。    نەچچە بالىڭىز بار!     2。   سىز بۇ يىل قانچە كىتاپ ئوقۇدىڭىز! 5。   ئىرىڭىز بىلەن ئايدا نەچچە قېتىم ئۇرۇشىسىز!  بۇ مىنىڭ شەخسى سىرىمغا چېتىلىدىغۇ دەيمەن! ئۇغۇ شۇنداق  بىراق سىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكۈڭىز بارمۇ يوقمۇ! ئۇنداقتا بوپتۇ دەپ بىرەي ئاز دىگەندە 2 قېتىم。  ئىرىڭىزگە قانچە قېتىم ئاسىيلىق قىلدىڭىز!  مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز! مەن ئۇنداق ئېرىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان شاللاقلاردىن ئەمەس。 ئاچچىقلانماڭ خانىم . ئۇنداقتا ئاخىرقى نۇمۇرغا 0 نى تاللىساق بولغۇدەك。  لاتارىيە بىلىتىڭىزنىڭ نۇمۇرى 42520 بولدى …………………………………………   بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئۇ ئايال گىزىتتە لاتارىيە بىلىتى نۇمۇرنىڭ 42527 ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ قاتتىق پۇشايمان قىلغان ھالدا 《ئىسىت راس گەپنى قىلغان بولسامچۇ》 دىگۈدەك …………

      يەنە بىرنى قېتىپ بېرەي.

‏‏بىر كۈنى ھىسامكام ئىككى گىلىمىنى يۇغۇزۇش  ئۈچۈن ئۆيدىن ئىلىپ چىقىپتۇ . نىمە بىلەن ئىلىپ بارارمەن دەپ تۇرىشىغا بىر ھىسامكامنى بىلىدىغان لوخەن سەللوڭدا كىلىپ ھىسامكامغا مەن ھەقسىز ئاپىرىپ بىرەي دەپ ئىلىپ مىڭىپتۇ.          ‏يولدا ھىسامكامنى گەپكە سىلىش ئۈچۈن ئىغىز ئىچىپتۇ .          ‏لوخەن : ھەي ھىسام مەن سىنىڭ ئىككى گىلىمىڭنى ئىلىپ ئىشكىرگە كەتسە سەن قانداق قىلىدۇ دەپ سوراپتۇ .          ‏ھىسامكام دەرھاللا : ھۆي كىركىتىدىغانلا ئىشىڭ بولسا مەن يەنە بىر گىلەم قىتىپ بىرىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .

        ‏ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ

‏ﻣﺎﻣﯘﺕ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ . ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﯖﺮﺍﻕ « ﯞﯨﯖﯖﯩﺪﻩ » ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ , ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ . ﻣﺎﻣﯘﺕ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ , ﺧﯩﺠﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﯘ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ :
- ﻣﻪﻥ ﻛﯧﺘﻪﻱ , ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .

     ‏ﺑﯘ ﻣﺎﺭﻛﯩﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ

‏ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﯟﺍ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺳﻮﻗﯘﺭ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯧﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ , ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ , ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﭘﺮﺍﺗﺴﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﮪﻮﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ , ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﯟﺍ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ :
_ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﻮﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ , - ﺩﻩﭘﺘﯘ .
_ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﭘﺴﯩﻠﻪﺭ , - ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﺑﯩﻤﺎﺭ , - ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﯨﺴﻘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﯟﺍ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ! ...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirdax998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-6 11:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7649
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9400
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 1918 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 01:56:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جۇمۇ تېما ئىگىسى يۇمۇرىڭىزغا...يالغانچىنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھىسامكامنىڭ يۇمۇرىغا سەت كۈلۈۋەتتىم  ....ئېسىل يۇمۇرلاركەن.....

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-7 07:11 PM):
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-29311-1-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:06:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا لاتارىيە بىلەن ھىسامنىڭ يۇمۇرى ساز چىقىپتۇ.ھىسامنىڭ يۇمۇرىغا مەنمۇ بىرنى قېتىپ بىرەي.ھاھاھاھا

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:18:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمىرىڭىز بەكلا كۈلكىلىككەن،ئەمما كەيپىيات ناچار بولسا كۈلۈشمۇ تەسكە توختايكەن جۇمۇ؛

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 10 باكەللا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91100
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2013-2-3
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ،  ئەتتگەندە كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 02:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمىتۇللا  دەپ بىر بالا بار بولۇپ،بۇ بالا مۇھەببىتىنىڭ دادىسىغا ياخشى كۆرۈنەي دەپ ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىپ بېقىپتۇ.بىر كۈنى قېيىنئاتىسى ئۇنى يۈر ناماز ئوقۇيمىز دەپ مەسچىتكە باشلاپ كىرىپتۇ.لېكىن رەخمىتۇللا ناماز ئۇقۇشنى پەقەت بىلمەيدىكەن،بىچارە قىينىلىپ يۈرۈپ ئاران دوراپ ئولتۇرۇپتۇ،سالام بېرىدىغان يەرگە كەلگەندە  قېيىن ئاتىسى ئىككى تەرەپكە قاراپ <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەخمىتۇللا،ئەسسالامۇئەلەيكۇم رەخمىتۇللا>>دېسە ئاۋۇ بىچارە بالا<<ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېيىن ئاتا،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېيىن ئاتا>>
دەپتۇ.

ئاچىڭىز تۇتامدۇ

مەلۇم بىر يەردىكى رەھبەر دېھقانلارغا يىغىن ئېچىپ مۇنداق دەپتۇ:يولداشلار بىز چوقۇم بىر قولىمىزدا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى يەنە بىر قولىمىزدە كومپارتىيەنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى تۇتىشىمىز كېرەك،بۇ چاغدا بىر دېھقان ئورنىدىن تۇرۇپ دەپتۇ:ئۇنداق بولسا كەتمەننى ئاچىڭىز تۇتامدۇ؟


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
دەتمەن + 10 ئالامەت
xah! + 300 نىمدا قىزىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92786
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 808
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 03:35:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ مۇئەللىم دىگەن يۇزى قېلىن ئوغرى دىگەن يۇمۇر  بەك كۈلىكىلىك

مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك ،
رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان .
ئۈتۈپ كېتەر ھەممە بىر پەستە،
ئۆتكەنلىرى بۇلۇپ قەدىردان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 04:16:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھاھا، مەن كۇرۇپ باقمىغان يۇمۇرلارنىڭ ھەممىگە كۈلۈپتىمەن، بولۇپمۇ ئەپچىلەمنىڭ كىيىنكى يۇمۇرىغا  
رەھمەت سىلەرگە

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 04:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھا مەن ئاۋۇ ‏سىنىپ مۇدىرىمىز دېگەن ئوغرى دېرىزە مارىلاپ تۇرىدۇ دىگەن يۇمۇر بىلەن ئەڭ ئاخرىدىكى ساراڭنىڭ يۇمۇرىغا بەكرەك كۈلۈپتىمەن. ساراڭنىڭ يۇمۇرلىرى قاچانلا كۆرسەك زادى قىززىق.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38839
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4016
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 04:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يۇمۇرلار  ئىكەن ! تازا كۈلۋاپتىمەن! ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش