ياشىۋالغان بايلىقىڭنىڭ سورىقى يوقمىدۇ ؟
ئابلىكىم ئابدۇكىرىم (چىش دوختۇرى)
تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ يانچۇقى توملۇشۇپ شەھەرنىڭ ئۇ دوقىدىن بۇ دوقىدىن ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەردىن ئۆي سىتىۋىلىپ ، بۇ جەمىئىيەت شۇنداق تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھەرخىل ھەۋەسلىرىنى قاندۇرالماي بارى يوققا شۇكىرى قانائەت قىلىپ ئۆتكەن ، باللىرىنى ياخشى تەربىيلەۋاتقان، شۇ ئەرنى قوللاپ ئائىلىسىنى گۇلدەك تۇتقان، پۇللىرىنىڭ كۆپىيشىگە يار يۆلەك بولغان ، كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ چىرايلىق كىيگۈزۇپ جەمىئىيەتتە سالاپەتلىك قىلىپ قويغان، پەرىشتىدەك خوتۇنى چىرايلىق ئامراق باللىرىنىڭ ئانىسى ئەمدىلىكتە كۆزىگە سىغماي ئەسلىنى ئۇنتۇپ مەنمەنچىلىك، دورامچىلىق،بەسلىشىش كەيپىياتلىرى ئۇلاردا شەكىللىنىپ ئۆزنىڭ ساغلام،خاتىرجەم تەرەققى قىلىشىغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى يەتكۈزمەكتە .بىز ئۇيغۇرلاردا‹‹قىرىغاندا بۇزۇلغان ئادەم ئۆلگەندە تۇزلەر››دەيدىغان ھىكىمەتلىك سۆز بار ، بىر قىسىم قىرلىرىمىز خاتىرجەم ياشاشنى ئۇنتۇپ مودا قىزلارغا كۆزنى قىزارتىپ ئەي ئىسىت 30 يىل كىيىن تۇغۇلغان بولسامچۇ،ھازىرقى يىگىتلەر بۇنداق چىرايلىق قىزلارنىڭ قەدىرنى بىلمەيدۇدە،بۇلارغا قارسام بىر-بىردىن چىرايلىق، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بۇنداق چىرايلىق قىزلار تۇغۇلمىغان بولغۇيمىتى، ئاۋۇ كاساپەتنىڭ تولغان يىرىم ئوچۇق كۆكسى بىلەن يوتسىغا قارغىنە، ھازىرقى بىلىگە سۇيۇق ئاش بارمىغان كەچلىرى ئۆيگە كىرمەي ھەرقىسىم نەرسىلەرنى ئىچىپ ،چىكىپ لاغايلاپ يۇرۇپ چۇشكىچە شالىسىنى ئىقىتىپ ئۇخلايدىغان بىلى بوش،لايغەزەل گۇيلار بىجرىمرەك بولغان بولسا مۇنۇ كاساپەتلەر بۇنداق يىرىم-يالىڭاچ يۇرەلمىگەن بولغۇيتى ھە...يىگىتلىرىمىز بىجرىم بولغان بولسا بىز نىمگە قاراپ كۆزىمىزنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرەر بولغۇيتۇق دەپ ئۆزنىڭ نەۋرىسىدەك قىزلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدىغان ،يەنە بىرقىسىملىرى ئۆزىنىڭ نۇمۇس كۇچىنى قايرىپ قويۇپ ئۇلاربىلەن سالاملاشقىسى كىلىپ زورلاپ مىھمان قىلىپ تونۇشۇپ، ھەرخىل زىبۇ-زىننەتلەرنى سوۋغا قىلىپ قىرىغىنىنى ئۇنتۇپ ئۆزنىڭ باللىرى بىلەن تەڭ قىزلارغا تەلەپ قويۇپ كۆيدۇم سىز سىز غىزا ئۇيقا يوق دەپ كەينىگە كىرۋىلىپ ئۆزنىڭ جەمىئىيەتتىكى ئىززەت ئابرويىنى پەسكەشلەرچە خورلاپ ياشىماقتا. ئۇ قىزلارمۇ بۇ لاردىن كەلگەن ئازغىنە مەنپەت مال دۇنياغا ھىرىسمەن بولۇپ ئۇلارنىڭ شىرىن-شىكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قىزلىق ئىپپىتىنى ۋەيران قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى خورلاپ ئاللا قاچان شۇلارنىڭ توقۇلى بولۇپ قالغىنىنى ئويلاپ يەتكەندە پۇشايماننى ئالدىغان قاچا يوق ھەسرەت ئاھۇ زار بىلەن ياشىماقتا.
بىر قىسىم تىجارەتچىللىرىمىز تىجارەت ئۇچۇ ن ئۇ شەھەر بۇ شەھەرلەردە يۇرۇپ شۇ شەھەرنىڭ سەتەڭلىرىگە كۆزى چۇشۇپ،مۇنۇ شەھەردىكى گۇلدەك ئايالى بالا چاقلىرىنى ئۇنتۇپ شۇ شەھەرنىڭ سەتەڭلىرىگە بۇزلۇپ ساختا توي خىتى بىجرىپ كالاچ ئوغۇرسى قارىملاردىن بىرەرنى تىپىپ نىكاھ قىلدۇرۇپ ئۆي سىتىۋىلىپ بىرگە ياشاپ ۋاقىتلىق راھەت سۇرۇپ تاپقىنىنى شۇ سەتەڭگە كەيدۇرۇپ ھەر خىل سورۇنلاردا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ، دەسمى غالتەككە چىققاندا ئاۋۇ سەتەڭ خوتۇن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغاندا زىيان تارتتىم ۋەيران بولدۇم دەپ مۇنۇ شەھەردىكى كۆيۇمچان خوتۇن بالا چاقىللىرىنىڭ يىنىغا سالپىيىپ كەلگەن ئەرلەرنىمۇ كۆردۇق .
يەنە بىر قىسىم ياشلىرىمىز بۇلارنى دوراپ ئەرگە تۆت خوتۇن راۋا بولدىغۇ دەپ كىچىككىنە تاپقان پۇلغا ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا ئىشنىپ كۆرەڭلەپ ئۆيدىكى خوتۇن باللىرىغا خىيانەت قىلىپ،جەمىئيەتتىكى ھەرخىل سورۇنلاردا ئويناپ ياشىغىنى ئاز كىلىپ چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە مەن تىخى توي قىلمىدىم دەپ قىزلارنى ئۆزىگە ئىشەندۇرۇپ،ئۆرۇپ-ئادىتىمىزگە مۇخالىپ بولغان ھەرخىل سورۇنلارغا باشلاپ بىرىپ ئۇ قىزلارنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىن-قاتتىق شەرمىي-ھاياسىز بولۇپ يىتىشكەندە خوتنى يۆتكەپ ئۇ قىزلارنى تاشلاپ باشقا چىرايلىق ساددا قىزلارنىڭ كەينىگە كىرۋىلىپ ئىندەككە كەلتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ شۇ كويغا سىلىپ ياشىماقتا. توي قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئۇ قىزلارنى ئالداپ ھازىرلىقچە ۋاقتى ئەمەس ئاتا-ئانامغا ئالدىرماي چۈشەندۈرۈپ بۇ ئىشنى ھەل قىلغۇچە تۇرۇپتۇر دەپ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ۋاقىتلىق بىللە تۇرۇپ دوسلىرىنى باشلاپ چىقىپ ئىچىپ-چىكىپ غەرىق مەس بولغاندا ئۆيدە قوندۇرۇپ قىلىپ ئەتىسى ئۇ قىزغا بۆھتەم چاپلاپ رەسۋا قىلىپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۆزنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ياشىماقتا.
بۇلارنىڭ بەزەن سۆزلىرىگە ھەيرانمەن تىخى خىجىل بولماستىن بۇ جەمىيەت بۇزلۇپ كەتتى سەدىقىنىڭ ئورنىدا بىشىنى سىلاپ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويدۇق بۇ جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىمىز بار ۋىجدانلىق ئەر بىز دەيدىكەنسەن قۇرۇپ كەتسۇن سەندەك تۆھپىكارلار.
ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئەركەك بولساڭ ئۆزەڭنىڭ ھەقلەپ نىكاھ قىلىپ ئالغان ئايالىڭغا تولۇق ئىگە بول ئايالىڭنى ئىنساپ شەرمىي-ھايا بىلەن باقالىساڭ، پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىيلەپ بۇجەمئىيەتكە ياراملىق ئەۋلاتلاردىن قىلالىساڭ ئەركەكسەن. ئوغۇرلۇقچە قىزلارنى ئالداپ ساختا توي خىتى بىجىرىپ ئۇياق-بۇياقلاردا،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۆي تۇتۇپ خالىساڭ خوتۇن قىلىپ خالىمىساڭ ئۇ قىزنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋەيران قىلساڭ ۋىجدانسىز ئوغرىسەن.
سەن باي بولغاندىنكىن گىلىنى باقاسەن ئۇچىسىغا كىيگۈزەسەن،سەن ئۆزۈڭ كۆندۈرۈپ قويغان ھەرخىل تاماششالارنى ئۇنىڭ كۆڭلى تارتماسمۇ،سىنىڭ ۋاختىڭ يەتمىگەندە باشقىلار بىلەن تاماششا قىلسا سەن نىمە دەسە، سەن دەسمى سىلىپ ئالغان ئۆيۇڭدە نىكاھ قىلىپ ئالغان خوتۇنۇڭ بەش - ئالتە ئاي يوقاپ كەتسەڭ يالغۇزچىلىقتا ئۇھ تارتىپ باشقىلارنى ئۆزىگە ساڭا ئوخشاش ھەمراھ قىلسا سىنىڭ ۋىجدانىڭ كۆتىرەرمۇ؟ساڭا بۇ جەمئىيەتتىكىلەر قانداق تەخەللۇسلارنى قويار، سىنى نىمە دەپ چاقىرسا بولار.
سەن بىلۋالغىنكى بۇ جەمىئىيەتنى بۇزۋاتقانلار بولسا شەرمى-ھايا ئىپپەت نۇمسىنى قايرىپ قويۇپ كوچىلاردا يىرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيۋىلىپ يىگىتلەرنىڭ ئۆزىگە قارشىنى ئارزۇ قىلدىغان سەتەڭلەر، چىرايىنى دەسمىي سىلىپ ئۆزىنىڭ تۇرمىشىنى قامدايدىغان شەرمەندىلەر . ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان رەسۋالار، ئۆزىنىڭ ئازراق ئەمەل ئىنتىيازىدىن پايدىلنىپ قىزلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدىغان پارخور ئەمەلدارلار،ساڭا ئوخشاش ئىپپەتلىك مىشچان قىزلارنىڭ كەينىگە كىرۋىلىپ ئىندەككە كەلتۇرۋىلىپ ۋەيران قىلىپ تاشلايدىغان خۇمسىلاردۇ.
سەدىقىنىڭ ئورنىدا ھاجىتىنى راۋا قىلغىڭ بولسا جەمىئيتىمىز دە ئۆينىلەنمەيۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز بارغۇ ،ھەجەپ ئۇلارنىڭ بىشىنى سىيلاشقا قۇربىتىڭ يەتمەپتۇغۇ،بايلىقىڭنىڭ زاكتىنى ئايرىشتىن ئەنسىرەپ تۇغۇلمىغان بالاڭنىڭ بالىسىغا ئۆي سىتىۋىلىپ زاكات بىرىشتىن قۇتۇلماقچى بولغان سەن شۇغۇ، بايلىقىڭنىڭ زاكتىدا قورقماي ئىككى مىسكىننى يۆلەپ قويالماي 30 كۇن رامىزاندا مىسكىنلەرنى بوسۇغاڭدا تەلمۇرتۇپ بەش-ئون كويدىن پۇل بىرىپ بۇ جەمىيەتكە تىلەمچى تەمەخۇرلارنى ئاۋۇتىۋاتقان يەنىلا سەنغۇ، ئۆزۇڭنىڭ نەپسىدىن كىچەلمەي باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغۇدەك سەندە ئىنساپ نىمە قىلسۇن ، سەن بولساڭ ئۆزۇڭنىڭ رەسۋاچىلىقىنى خىجىل بولماي ئاغزىڭغا ئىلىپ پەخىرلىندىغان،نۇمۇس قىلىش،خىجىل بولۇشتىن سەندە قىلچىمۇ ئەسەر يوق ھايۋاندىن پەرىقلەنمەيدىغان بىر ئىنسانغۇ،قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بولالماي قىزلارنىڭ ياشلىڭ باھارىنى ۋەيران قىلۋاتقان سەندەكلەردە ۋىجدان نىم قىلسۇن، ئوغۇرلۇقچە قىلغان ئىشىڭنى ھەقلەپ نىكاھ قىلىپ ئالغان خوتۇنۇڭ ئۇقۇپ قىلىپ جىدەل قىلىپ بىشىڭنى ئاغرىتقاندا ياكى پاچىقىڭنىڭ ماغدۇرى يەتمىسە‹‹ئۇچ تالاق›› دەپ ھەيدەپ چىقارساڭ سەندەك ۋىجدانسىزلاردىن سەسكىنگەنلەرنىڭ كۇنى نىمە بولماقچىتى . سىنىڭ ئاناڭمۇ ئەسلى بىر قىزتىغۇ،ئاچا-سىڭلىڭ يوقمۇ،ساڭا خۇدايىم قىز بەرمەسمۇ، بىلىپ قوي سەن باشقىلارنى قانداق دەپسەندە قىلغان بولساڭ سىنىڭ قىزىڭنىمۇ قىز بىر تۇققانلىرىڭنىمۇ سىنىڭدىن ئاشۇرۇپ دەپسەندە قىلدىغانلىمۇ چىقىپ قالار، بۇ ئۆتنە جاھان ھىچ كىمنىڭ ھىچ كىمدە قالمايدۇ.
سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئىنىق بىلۋالقىنكى بۇجاھاندا رەسۋا ۋە رەسۋاچىلىقنى ئاۋۇتۇپ بىرىۋاتقان،جەمئىيەتنىڭ بۇزلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىۋاتقان،سىنىڭ قولۇڭدا ۋەيران بولغان قىزلارنىڭ قارغىشىغا مۇيەسسەر بولۋاتقان جاۋاپكارنىڭ جاۋاپكارىسەن. سەن ياشىۋالدىم ،ئوينىۋالدىم دەپ كۆرەڭلىمە ئىسراپ قىلغان بايلىقىڭنىڭ سورقىنى ، ۋەيران قىلغان قىزلارنىڭ دەردىنى ھامان تارتىسەن .
ئابلىكىم ئابدىكىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-6 07:14 PM