|
|
|
|
جۈمە(6-سىنتەبىر)ئاسىيا بازىرى ،دوللار قىممىتى 82.60 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن بازار ئۆسۈپ بازار يېپىلىپ ئالتە ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نوقتىنى ياراتتى .ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1370 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ ،تۈنۆگۈن بازار چۈشۈپ بازار يېپىلىپ ،ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۈۋەن نوقتىنى ياراتتى .تۈنۆگۈنكى بازاردا نۇرغۇن مۇھىم خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بازر يەنىلا ئامرىكىنىڭ غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتمەكتە.چۈنكى بۇ قېتىمقى ئامرىكىنىڭ غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىش ئالدىدىكى مۇھىم ھالقا .
9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار
جۈمە (6-سىنتەبىر) بازار بۇ ئايدىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭ ھالقىلىق ئۇچۇر -ئامرىكىنىڭ 8-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئېلان قىلىنىدۇ . بۇ قېتىمقى ئۇچۇر ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىش ئالدىدىكى مۇھىم ھالقا . بازار بولسا ئامرىكىنىڭ 8-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 180 مىڭغا كۆپىيىشى ،ئىشسىزلىق نىسپىتى بولسا تۆت يېرىم يىلدىن بۇيانقى تۈۋەن نوقتا 7.5 پىرسەنتنى ساقلايدۇ دەپ مۆلچەرلەۋاتىدۇ .سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ ئەھۋالى ۋە ئامرىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىڭ .
(سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ،بۇگۈنكىدەك چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى273 يۈەن
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
|
|
|
|
|
|