NASA يېڭىدىن 8 نەپەر ئالەم ئۇشقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى
بىلىمخۇمار
2013-يىلى 20-ئاۋغۇست كۈنى، ناسا 8 نەپەر يېڭى ئالەم ئۇشقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. بۇ قېتىمقى ئالەم ئۇشقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتى بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، بۇ خىزمەتكە جەمى 6100 ئادەم ئىلتىماس قىلغان. بىر يېرىم يىللىق جاپالىق تاللاش خىزمىتىدىن كېيىن، مۇشۇ 8 نەپەر خادىم تاللانغان. بۇ 8 نەپەر خادىم بىر كەڭ دائىرىلىك تەربىيلەش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەر شارى ئوربىتىسى، كائىنات ئۇچار تاشلىرى (ئاستېرويد) ۋە مارسقا بېرىش قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىدىكەن.
بۇ قېتىم تاللانغان 8 نەپەر خادىمنىڭ 4 نەپىرى ئايال، بىر نەپىرى قارا تەنلىك ئەر ئىكەن. ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 13 پىرسەنتى قارا تەنلىكلەر بولۇپ، بۇ قېتىم تاللانغانلارنىڭ ئىچىدىكى قارا تەنلىكنىڭ نىسبىتىمۇ ئاشۇ نىسبەتكە يېقىن كېلىدىكەن. ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن دۆلەت ھاكىمىيىتىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا قارا تەنلىك كىشىلەرنى قويدى. ناسا نىڭ ھازىرقى 1-قول باشلىقىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئالەم ئۇشقۇچىسى بولغان بىر قارا تەنلىك Charles Bolden دۇر. بۇ قېتىم تاللانغان 8 نەپەر خادىمنىڭ يېشى 34 تىن 39 ياشقىچە ئىكەن.
ئامېرىكىدا قانداق ئادەم ئالەم ئۇشقۇچىسى بولالايدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر قىزىقىشى مۇمكىن. مەن بۇ 8 ئادەمنىڭ رەسىمىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا چىقىرىپ قويدۇم. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھازىرقى كەسپىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قوياي:
Josh، ئەر، 39 ياش، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى
Victor، ئەر، 37 ياش، قارا تەنلىك، دېڭىز ئارمىيە ئاسپرانىتلىقىنى پۈتتۈرگەن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى
Tyler، ئەر، 37 ياش، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئاكادېمىيىسى ۋە
MIT قاتارلىق 3 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۇشقۇچى، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پولكوۋنىكى (Colonel)
Christina، ئايال، 34 ياش، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بار، دۆلەت دېڭىز ۋە ئاتموسفرانى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى
Nicole، ئايال، 35 ياش، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيى ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 3 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۇشقۇچى، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مايورى (Major)
Anne، ئايال، 34 ياش، غەربىي نۇقتىدىكى ئامېرىكا ھەربىي ئاكادېمىيىسى قاتارلىق 3 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۇشقۇچى، ئامېرىكا ئارمىيىسى مايورى (Major)
Jessica، ئايال، 35 ياش، دېڭىز ئىلمى كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، ھاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي داۋالاش كەسپىنىڭ يەردەمچى پروفېسسورى
Andrew، ئەر، 37 ياش، غەربىي نۇقتىدىكى ئامېرىكا ھەربىي ئاكادېمىيىسىنى پۈتتۈرگەن، ھەمدە يەنە بىر ئالىي مەكتەپتە دورىگەرچىلىك كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مايورى (Major)، ھازىر ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي قوشۇنىدا دوختۇرلۇق قىلىدۇ.
مەن ئامېرىكىغا 30 ياشقا كىرگەندە كېلىپ، ماگىستىرلىق ئوقۇشى، دوكتۇرلۇق ئوقۇشى، ۋە دوكتۇر-ئاشتى باسقۇچىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ، 46 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ناسا غا كىردىم. مەن كىرگەن گۇرۇپپىدا 10 يىلدەك ئىشلىگەن
Scott ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك ياش مەن ناسا غا كىرىشتىن سەل بۇرۇنلا ئالەم ئۇشقۇچىسىغا تاللىنىپ كېتىپ قاپتىكەن. ئۇ بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىپ، ئۇ يەردە 6 ئاي ئىشلەپ چۈشتى. قايتىپ چۈشكەندىن كېيىن ئۇ بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى 6 ئايلىق ھاياتى توغۇرلۇق بىر دوكلاد بەردى. شۇ چاغدا مەن «ئەگەر مەن ئامېرىكىغا سەل ياشراق ۋاقتىمدا كېلىپ، ناسا غا بۇرۇنراق كىرەلىگەن بولسام، مەنمۇ ئاشۇنداق ئالەم ئۇشقۇچىسى بولالايدىكەندۇقمەن»، دەپ ئويلۇدۇم. مېنىڭ ئوغلۇم دىلشات 2007-يىلى ئامېرىكىنىڭ «غەربىي نۇقتا» (West Point) دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا داڭلىق ھەربىي ئاكادېمىيىسىگە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. لېكىن ئۇ مەكتەپنى ياراتماي، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي شوھبىسى (University of California, Berkeley) گە كىرىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدى. ھازىر ۋەتەندە ۋە چەت ئەلدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىچىدىن كەلگۈسىدە ئالەم ئۇشقۇچىسى بولىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
http://www.nasa.gov/astronauts/2013astroclass.html#.UilOzsbktIQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-6 03:27 PM