بۇ كىشى مىنىڭ دادام
دادام ھازىر 77 ياشقا كىردى، كۆز تەگمىسۇن! شۇنداق تىمەن، ھەم تىتىك، بىللە پىيادە مىڭىپ قالساق مەن دادامغا يىتىشىپ بولالمايمەن، دادام پىيادە زورۇقماي بارغان يەرلەرگە مەن بىللە مىڭىپ بىرىپ قالسام، ھاسىراپ، ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالىدۇ.
دادام ئاپپاق ساقاللىرى، نۇرانە چىرايى، پاكىزە رەتلىك كىيىنىپ يۈرۈشلىرى بىلەن ھەقىقى مەدەنىيەتلىك، ساپالىق مويىسىپىتلەرنىڭ بىرى، يالغۇز بۇلا ئەمەس، دادامنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى، ئادىمىيلىك كامالىتى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئىختىيارسىز ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. بۇنداق دىسەم، ھەممە ئادەم دادىسىغا شۇنداق قارايدۇغۇ دەپ قالماڭ! تۆۋەندە مەن دادامنىڭ ئۆمۈر كەچمىشلىرىدىن دادام ماڭا ئىيتىپ بەرگەن ۋە ئۆزەم بىۋاستە شاھىد بولغان كەچمىشلەرنى سۆزلىمەكچىمەن. شۇ قەدەر پەزىلەتلىك، ھۆرمەت ئىگىسىنىڭ ھاياتلىقتىكى ئىش پائالىيەتلىرىنى ئەلگە مەلۇم قىلماي ئۆتكۈزۈۋىتىشنى – دادامغا ۋە ئەلگە قىلىنغان خىيانەت دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن بۇ قۇرلاردا قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇپتىمەن ھەم بۇ ئىشنى دادام ھايات ۋاقتىدا روياپقا چىقىرالىغىنىمدىن، ئەلگە دادامنى تونۇتالىغىنىمدىن ئۆزەمنى شۇ قەدەر بەختلىك ھىس قىلىمەن.
2010- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى:
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ، دادام – ئاناملارنىڭ ئۆيىگە كەلدىم، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشتا ئۆتەر يولۇم بولغاچقا ھەر كۈنى دىگۈدەك چوڭ ئۆيگە كىرىپ، دادام – ئاناملاردىن ئەھۋال سوراپ، بىردەم – يىرىمدەم مۇڭدىشىپ ئاندىن ئۆيگە قايتاتتىم. كەچلىك تاماققا ئۆردەك گۆشى بىسىپ پولو ئەتكەنىكەن. تاماق كەلدى، ماڭا ئەكەلگەن تاۋاققا ئۆردەكنىڭ كەينى پۇتىنى سالغان ئىكەن، لوق گۆشىنى شام نامىزىنى ئوقۇپ جەينامازدىن تېخى چۈشمىگەن ئانامنىڭ يىيىشىگە ئايرىدىم ۋە تامىقىمنى يىدىم. ئانامنىڭ ھەر نامازدىن كىيىن جەينامازدا قىلىدىغان ئازىراق مەشغۇلاتلىرى بار ئىدى. قۇرئان ئوقۇيدىغان، دۇرۇت ئوقۇيدىغان دىگەندەك، بىز تاماقنى يەپ بولغۇچىمۇ ئانام جەينامازدىن چۈشۈپ بولالمىدى. دۇئادىن كىيىن دادام ۋە باشقا قىرىنداشلىرىم بىلەن خوشلاشقاچ ئانامغا قارىدىم، ئانام دۇئا قىلىشقا تەمشىلىۋاتقانىكەن. كەينىگە بۇرۇلۇپ:
- خۇداغا ئامانەت بالام، : - دىدى. مەنمۇ ئانامغا خۇداغا ئامانەت ئانا دىدىم ۋە ئۆيۈمگە كىتىپ قالدىم.
بۇ كۈنى بەك چارچاپ كەتكەچكە بالدۇرلا ئۇخلىۋاپتىمەن. بىر كەمدە تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى. ئۇيقۇچىلىقتا « ئەجەپمۇ قىسقا كىچە بولدىيا بۇ » دەپ ئويلاپ، تىلفۇننىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكىسىنى باستىم. ئەسلىدە مەن تىلفۇننىڭ قوڭغۇرىقى بىلەن تىلفۇن كەلگەندىكى مۇزىكىسىنى بىرلا مۇزىكىغا تەڭشەپ قويغانىدىم. شۇڭا تىلفۇن كەلسە قوڭغۇراق چىلىنغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. ئوتتۇرا كونۇپكىنى بىسىپ بولۇپ تىلفۇنغا قارىسام ئۇلىنىش دىگەن خەت قاراپ تۇرىدۇ. ۋاي خۇدايىم تىلفۇن كەلگەنىكەندە دىدىم ۋە كىملىكىنىمۇ پەرق ئەتمەيلا تىلفۇننى ئالدىم. تىلفۇننى سىڭلىم ئۇرغانىكەن، ئۇنىڭ ئاۋازى يىغلىغاندەك چىقىۋاتاتتى.
- ئاكا، ئانام....... ئانام ................. يىغىدىن ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قىلىۋاتاتتى. مەن جىددىيلىشىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- تىزرەك گەپ قىلمامسەن! ئانامغا نىمە بولدى؟ ئۇنىڭ يىغىسى بىراقلا پارتلاپ چىقتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان بولسا كىرەك.
- ئانام بايا دۇنيادىن ئۆتتى.
ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چىقىلغاندەك، ئوڭ تەتۈر پىقىرىپ قويۇپ بەرگەندەك بولۇپ قالدىم. تىلفۇننى مەن بىسىۋەتتىممۇ ياكى سىڭلىم قويۇۋەتتىمۇ ئىسىمدە يوق، ئايالىمنى ئويغاتتىم ۋە دەرھال قارىلىق كىيىملىرىنى كىيىشنى بۇيرۇپ قويۇپ، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم. تاماكا مىنى چىكىۋاتامدۇ ياكى مەن تاماكىنى چىكىۋاتىمەنمۇ بىلمەيمەن، كاللام قۇپقۇرۇق، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئىختىيارسىز كۆزۈم نەمدەلدى. ئايالىم بىلەن بالامنى موتوسىكىلىتنىڭ كەينىگە ئولتۇرغۇزۇپ كىتىۋاتىمەن. قەدەمدە بىر كۆزلىرىمنى توسۇۋالغان ياشلىرىمنى يىڭىمدە سۈرتۈپ تۇرىمەن، يەنە نەمدىلىدۇ، يەنە سۈرتىمەن.........
ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. ئاتقان ئوقتەك ئانامنى ياتقۇزۇپ قويغان ئۆيگە كىردىم، مىھرىبان ئانام، مىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ، چېچىنى ماڭىدىغان يولۇمغا پايانداز، يۈرىگىنى يېشىمنى سۈرتىدىغان قولياغلىق قىلىپ، بىر ئۆمۈر ئەجرىنى سڭدۈرۈپ ئۆتكەن ئانام سۇپىدا ياتىدۇ. كۆرۈپلا ئانامنىڭ دۇنيادىن كەتكەنلىكىگە ئىشەنمىدىم. يىنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ شۇنچە ۋاقىتلاردىن بىرى ئۇزاقراق تىكىلىپ قاراپ باقمىغان چىرايىغا مىھرىم بىلەن تويماي قارىدىم. لەۋلىرىنىڭ ئازىراق كۆك تۇرغىنىدىن بۆلەك ئۆلۈم ئىپادىسى بولمىغان، لىۋىدە قىتىپ قالغان مۇلايىم تەبەسسۇم، چىھرىدىكى نۇر.............. ھىچنەرسە ئۆزگەرمىگەندەك قىلاتتى. ئانامنىڭ جەسىتى يىنىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تويماي قارايتتىم. بىركەمدە ئانام مىدىرلىغاندەك قىلدى، خۇشاللىقىمدا دەرھال ئانامنىڭ بۇرنىغا قولۇمنى ئاپاردىم، تىنىق يوق، لىكىن، تۇيغۇلىرىمنىڭ مىنى ئالداپ قويماسلىقىنى، كۆرگىنىمنىڭ خاتا بولۇپ قالماسلىقىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ئەپسۇس، ئىچ – ئىچىمدىن قاپساپ كەلگەن يىغىنى توساي دەپمۇ توسالمايتىم. ئارماندا قالدىم ئانا، قەرزىم تېخى تۈگىمىگەن ئىدى ئانا دەپ بوتىلاقتەك بوزلايتتىم. خوشنا خۇلۇملار، ئىنى – سىڭىل، ئاكا – ئاچىلىرىم ماڭا تەسەللىي بىرىپمۇ توختىتالماي، تارتىپ ئانامنىڭ جەسىتىدىن ئاجرىتالماي ئاۋارە بولاتتى. مىنىڭ بۇ يىغام ئەلۋەتتە ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئوخشاش ياراتقۇچىغا قىلىنغان جان دەۋاسى ئەمەس بەلكى، ئانامدىن ئايرىلىش ئازابىغا چىدىيالماي قالغان قەلبىمنىڭ نىداسى ئىدى. ئانامنىڭ ئاشۇ ئاجىز، مىيىپ پۇتلىرىنى، يىرىم – يارتا بارماقلىرىنى قايتا – قايتا سىلايتتىم. تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا دادام بىلەن بىرىپ يەرلىك كولايدىغانلار بىلەن دىيىشىپ، ئاتا – بوۋىلىرىمىز ياتقان مازارلىقتىن بىر كىشىلىك يەرلىك ئالدۇق، ئەتە پىشىن نامىزىغا يەرلىكنى تەييارلاپ بولۇشنى كىلىشىپ قويۇپ قايتىپ كەلدۇق.
ھە راس، بايا ئانامنىڭ پۇتلىرىنى مېيىپ، قول بارماقلىرىنى يىرىم – يارتا دىدىممۇ؟!
شۇنداق، ئانامنىڭ بىر پۇتى تىزىدىن بىرەر غىرىچ كەلگۈدەكچە قىسقا، يەنە بىر پۇتى بولسا پۈتۈن بولسىمۇ، يەر دەسسەپ تۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە يۇمىلاق، خۇددى تۈگۈلۈپ تۇرغان كەپتەرگە ئوخشايتتى. قول بارماقلىرى بولسا ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى قىسقا، سول قولىنىڭ بولسا ھەممە بارماقلىرى كەمتۈك ئىدى. بىرەر ھادىسە سەۋەبىدىن شۇنداق بولۇپ قالغان بولغىيمىدى؟ دەپ قالماڭ! ئانام تۇغما مىيىپ ئىكەندۇق. 1959- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھۆكۈمەتتە ئىشلەپ، كىم دىسە مەن دەپ يۈرىيدىغان بىر كىشىنىڭ ئاشۇنداق مىيىپ ئايالنى ئەمرىگە ئىلىپ 48 يىل ئۆي تۇتۇپ، ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بىقىڭ! شۇنداق كادىرنى ھەممە ئادەم چوڭ كۆرىدىغان زامانلاردا، بىر كادىرنىڭ ھەر قانداق يۈز ئابرويلۇق ئائىلىنىڭ پۈتۈنسۈرۈك، چىرايلىق قىزلىرىنى ئالىمەن دىسە قولى يەتمەي قالاتتىمۇ؟ دادامنىڭ شۇ زامانلاردا ئانام بىلەن قانداقلارچە توي قىلىپ قالغىنى ماڭا قاراڭغۇلۇق بولمىسىمۇ؟ ئانام بىلەن يۈرۈپ مۇھەببەتلىشىپ، كۆيۈككە چىدىماي توي قىلمىغانلىقى ئىنىق، مىنىڭچە دادام دەل ئاشۇ ئادىمىيلىك پەزىلىتى، ئاقكۆڭۈللۈكى، ئىمانىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئاشۇ مىيىپ قىزنىڭ بېشىنى سىلاشنى ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى، ئادىمىيلىكىنى نامايەن قىلىدىغان توغرا تاللاش دەپ قارىغان.
دەسلەپتىكى دادامنى ماختاشلىرىم ئارتۇق كىتىپتىمۇ؟
داۋامىنى داۋاملىق يىزىۋاتىمەن. كۆپ ساقلاتماستىنلا يوللايمەن، تورداشلارنىڭ كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 11:40 PM