ئۈچ يىل بوپتۇ ، لۇپتۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ باقمىغىلى ،
ئۆزىنىڭ 23 ياشلىق قىسقىغىنە ھاياتىدا،بىزگە ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ ،تارىخنىڭ بېتىگە ئۆچمەس يالدامىلارنى قالدۇرغان ،بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر يىگىتىگە بولغان سېغىنىشلار مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.40يىللاردىكى ئاشۇ قاراڭغۇ زۇلمەت يىللاردا نۇرانە مەشئەل بولۇپ يانغان يۈرىكى تاكى ھازىرغىچە دانكونىڭ يۈرىكى كەبى نۇر چېچىپ بىزگە ئۈمۈد ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇسى،
23يىللىق ھاياتىدا كىشى قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئابىدە تىكلگەن بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىم مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، مانا مەنمۇ ئىككى يىلدىن كېيىن 23ياشقا كىرىمەن ،توساتتىن ئويلاپ قالدىم مۇشۇ ھاياتىمدا مەن نېمىلەرنى قىلالىدىم ،يىللارغا ئەمەس ئۆزۈمگە جاۋاپ بېرەلىگۈدەك بىرە ئىش قىلالىدىممۇ ؟ با ئەلۋەتتە بارلىق ياشلىق مەۋسۇمى ئۈچۈن قەدەم باسقان ياشلىرىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلە .مانا شائىر بىزدىن ئايرىلغىلى 91 يىل ئاز كەم بىر ئەسىر بولغان بولسىمۇ يەنىلا شەنى تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە،قايسى بىر شائىر شۇنداق دەيدۇ
سېنىڭ ياشلىقىڭ قارا يىللاردا،
گويا مەشئەلدەك يانغان ئوت ئىدى،
سېنىڭ ياشلىقىڭ ئەلنىڭ يولىدا،
دۈشمەن كۆكسىگە ئاتقان يول ئىدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىپ شۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ دۈشمەنگە قارشى يەڭ تۈرۈپ مەردەنىلەرچە شېھىت بولدى، مەن بۇيەردە سىلەرگە بۇنداق چوڭ تەلەپنىمۇ قويمايمەن، ئۆتۈنىدىغىنىم ناھايىتى ئاددى، ئەلنىڭ يولىدا ماڭالمىساقمۇ ھېچ بولمىغاندا ۋېجدان يولىدا بولسىمۇ دادىل قەدەم بىلەن ماڭايلى .
ياشلىق...
باھار كەلسە ئېچىلدى گۈللەر،
كەچكۈزدىلا توزۇشقا باشلاپ.
قولۇمدا گۈل تۇتتۇم ئاۋايلاپ،
ياق-ياق ئۇنى مەھكەم باغاشلاپ.
توزۇپتۇ گۈل ياشلىقىممۇ ھەم،
ياشارماپتۇ بىلسەم ئەسلىدە.
گۈل بىلەن تەڭ دەپتۇ ئەلۋىدا،
گۈل توزىغان كەچكۈز پەسلىدە.
ياشلىقىمغا يانداش ھېسلىرىم،
تۈنۈگۈنلا بەك ئىدى پارلاق.
ئەمدى مەندىن كېتىپتۇ يىراق،
ياشلىق گۈلى چاچماس خۇشپۇراق.
ياشلىق بىر رەت كېلىدۇ تۇيماي ،
قايرىغىلى بىر تال غۇنچىنى .
ئۆمۈر بەردى كۆردۈڭ شۇنچىنى ،
ياشلىق ئۈچۈن تۆكتۈڭ ئۈنچىنى .
قىزىلگۈلگە ئوخشامدۇ ياشلىق ،
بىر تال گۈلنى ئالدىم سىقىمداپ.
گۈل باھاردا كۈلەر ۋىلىقلاپ ،
ياشلىق كەلمەس مەڭگۈگە قىيداپ .
ياشلىق ئەمەس بىر تال قىزىلگۈل،
پەقەت ئوخشاش ئاڭلا بۇ خىتاپ.
نېمە دېمە قالما تېڭىرقاپ ،
جاۋابىدۇر(يىلـلارغـا جاۋاپ).
__ئەپچىلەم__
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-6 10:55 PM