ئۈزۈم ئاددى بىر دىھقان ئۈتەلەمسەن مەن بىلەن.
مۇشاقەتتە راھەتنى كۈتەلەمسەن مەن بىلەن.
دەتلىرى كۈپ تۇرمۇشنىڭ كۈلەلمەيمىز ھەر دائىم.
ئىتىزلاردا جاپادا يۈرەلەمسەن مەن بىلەن.
ئىتىز ئىشى تۈگىمەس ئەتىيازدىن كۈزگىچە.
جاپا تارتىپ ئىشلەيمىز مول ھوسۇلنى ئۈزگىچە.
ئۈتەلەمسەن شۇ پەلەك ھالىمىزنى تۈزگىچە.
جاپا دەتكە ۋايسىماي كۈنەلەمسەن مەن بىلەن.
مەن جاپاغا تۇغۇلغان ئىشلىرى كۈپ ئۈيۈمنىڭ.
شۇڭا دىھقان ئاتالغان جەۋرىسى كۈپ كۈيۈمنىڭ.
چىراق تۇتۇپ بىشىمدا كىچە كەلسە سۈيۈمنىڭ.
ۋالاقلىماي داتلىماي تۇتالامسەن مەن بىلەن.
گۈشسىز تاماق ئەتكەندە پۇلسىز بۇلۇپ قاغاندا.
يوقلۇق چەككە يەتكەندە يولسىز بۇلۇپ ھارغاندا.
تىرىشساقمۇ تۈگىمەي ئىش ئالدىغا ساغاندا.
كىچە تۈنەپ خاماندا كۈلەلەمسەن مەن بىلەن.
ئانام ساچى ئاقاردى ئاتام بىلى مۈكچۈيۈپ.
خىزمىتىنى قىلغۇم بار ھەم ئۇلاردەك كۈيۈنۈپ.
ئۇلار دىلى بەك نازۇك ئاسان يىغلار ئۈمچۈيۈپ.
خۇددى مەندەك ئۇلارنۇ سۈيەلەمسەن مەن بىلەن.
ئۈتەلەمسەن ئوماق قىز كۈلپەت كەلسە بىشىمغا.
ئۈشۈك ئۇرۇپ بىغىمنى غاران چۈشسسە ئىشىمغا.
بىرىپ ماڭا تەسەللى ھەمرا بۇلۇپ يىشىمغا.
يىراقتىكى بەخىتنى كۈتەلەمسەن مەن بىلەن.
جاپالارغا رازىمەن مۇسۇلمانمەن دىنىم بار.
يول كۈرسىتەر قۇرئانىم ھەققە مايىل دىلىم بار.
ئىمانىم بار ۋىجدانىم شۇنچە ساغلام تىنىم بار.
جەينامازدا ھەق پەيرى سۈرەلەمسەن مەن بىلەن
مەنبە:ئۈز ئىجادىم«ق»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-7 01:31 PM