غورۇرلۇق ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىزلىكىنى قىزلارغا دۆڭگىمەيدۇ.
مۇشۇنداق نالىڭىزنى ئاڭلىغان قىزلارمۇ سىزدىن قاچىدۇ.
نىمە قىلىدۇ سىزدەك كەچكىچە خوتۇن كىشىدەك زارلاپ يۈرۈيدىغان مىشچان ئەرنى.
ئەر قانچە تەمكىن،سۈرلۈك ھەم مىھرىبان بولۇپ،چېھرىدىن ئاپتاپ ياندۇرۇپ،
غورۇرى يانىدىغان ئىشنى كۆرگەندە غەزەپلىنەلىسە،ئۆز ئىشىنى يىگىتلەرچە تېپىپ قىلالىسا-ئەر بولمامدۇ.
مەن ئەركىشى دىسىلا ئەركەك بولۇپ قالىدىغان ماركا ئەمەس ئەركەكلىك .
ئۆزى خۇمسىلىق بىلەن پىشانىسىگە ئەكىلىپلا چاپلىۋالىدىغان.
ئۆزىنى ئەخمەق قىلغان ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەخمەق قىلغانلىقىنى ئويلىيالالايدىغان
كاللا بولۇشى كېرەكقۇ ئاخىر.
باتۇرلىقى،تەمكىنلىكى،غورۇرلىقى،بىرلا قارىسا ئەركەكلىك مىھرى ئۇرغۇيدىغان
يىگىتلەرنى ئاياللار قەدىرلەيدۇ.
ئۇلارنىڭ بىر قولىدىكى ئوتتىن قورقسا،بىر قولىدىكى سۇدىن بىر ئۆمۈر مىھىر ھەم مۇھاببەت ئىچىدۇ.
مانا بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى ھەم ئەركەكلىك غورۇرى بىلەن ئەردۇر.
شۇڭا ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ قوۋۇرغىسىدىن يارتقان بۇ ھىكمەتنى بىلىش زۆرۈركى-
ئاياللارنىڭ ئەركىشىنىڭ يۈرىكىگە يېقىن تۇرۇشى،ئەڭ ئاسرىلىدىغان قوۋۇرغا ئورنىدا بولۇشى،
ئاشقازاننىڭ قېشىدا بولۇشى،كىشى بەك كۆرمەيدىغان جايدا بولۇشى ھەممىمىزگە سىر ئەمەس.
سىز ھازىر خۇددى سىزنى بىزنىڭ قوۋۇرغىمىزدىن ياراتقدەكلا بىر ئۇقۇمدا تېما يوللاپسىز.
چوڭقۇر بىر تەپەككۈر قىلىشىڭىزنى،سەھەرنىڭ مىھرى بىلەن تاھارەت ئېلىپ،جاينامازدا ئولتۇرۇپ ھىسلىرىڭىزنى بايان ئەيلىشىڭىزنىئۈمۈت قىلىمەن قېرىندىشىم.
سۆزلىرىم قاتتىق،ئەمما سۆڭەكنىمۇ قاتتىق پالتا بىلەن چېپىپ پارچىلاپ پىشۇرۇپ يەيمىز ئەمەسمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 M: r' Y$ [6 S8 j( }6 [