مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3129|ئىنكاس: 33

«ھەمراگۈل»نىڭ قىسمىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25153
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9324
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 11:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىدارىدىن  زىياپەت  دەپ بىزلەرنى،

باشلاپ كەلدى كاتتا مىھمانسارايغا.

باش سېكرىتار قولغا ئېلىپ قەدەھنى،

سۆز باشلىدى قاراپ ھەممە چىرايغا.


بۇ  بىر  يىلدا   ئىدارىمىز   پۇل  تاپقاچ،

پۇللا ئەمەس ئانچە-مۇنچە يول تاپقاچ.

ئۇيۇشتۇردۇق  مۇنداق   كاتتا    زىياپەت،

بۇندىن  كىيىن  بولسۇن  يىڭى قىياپەت.


بۈگۈن    تازا   ئويناپ -كۈلۈپ  ياشايلى،

سىيگەن-چىشقان جىملا قالسۇن بۇ يەردە.

خىزمەتلەردە     ئەمدى    داۋان    ئاشايلى،

گەرچە    بۈگۈن    قېپقالساقمۇ   خەتەردە.


راسا يىيىش-ئىچىش  بولدى بىر ھازا،

قىزىرىشىپ كەيىپ بولدى ھەممەيلەن.

مەس  بولغاندا  ئەر  كىشىلەر   ئايانغۇ،

غىپلا قىلدۇق مەن سېكرىتار ئىككەيلەن.


«ئۇكام»  دىدى ياپما قاپاق باشلىغىم،

چاقىرمامسەن «ئۇيغۇر»   قىزدىن  ئىككىنى.

ياشىمامدۇق   ئاران    پۇرسەت   بولغاندا،

تېخى  ياخشى  بولسا  ياغلىق  چىككىنى.


قارىۋىتىپ   باشلىغىمنىڭ   كۆزىگە،

تەڭقىسلىقتا  ماقۇل دىدىم  سۆزىگە.

كىرىپ كەلدى لىڭبەر باشلاپ بەش قىزنى،

تاللىۋالدۇق    بەشەيلەندىن   ياش   قىزنى.


باشلىق  ئېلىپ كىرىپ كەتتى  بىرىنى،

سېلىپ قويماي  ماڭا  كۆزنىڭ  قىرىنى.

مەن قىپقالدىم سېرىق چاچلىق قىز بىلەن،

گەپ  باشلىدىم  تاققا - تۇققا سۆز بىلەن.


پاراڭ   ئارا   نەزەر   سالسام    قىزچاققا،

ئوخشاپ كەتتى دوستۇم  ئەنۋەر توپاققا.

بىر   چاغلاردا   ئاڭلىغانتىم   بىرىدىن،

بىر سىڭلىسى ئاجراشقان دەپ ئېرىدىن.


«قارت»لا قىلىپ كۆڭلۈم تۇيغاچ بىر ئىشنى،

باسالمىدىم       كۆڭلۈمدىكى      تەشۋىشنى.

ئاڭا ئېيتسام مەن ئەنۋەرنىڭ دوستى دەپ،

بايان  قىلدى باشتىن  ئۆتكەن   كەچمىشنى.


بىر چاغلاردا  ئۇمۇ  سەبى قىز ئىكەن،

گۈزەللىكتە  باشقىلاردىن   ئۇز  ئىكەن.

دوسلار بىلەن ئويناپ بېرىپ باغچىغا،

تۇتۇلۇپتۇ    بىر  كاساپەت    ئاقچىغا.


ھەش-پەش دىگەچ ئۆتۈپتۇ بەش-ئالتە ئاي،

بۇ   جەرياندا    بۇ    بايقۇشنىڭ ھالىغا  ۋاي.

قۇرسىقىمۇ     چىقىپ     قاپتۇ     تومپىيىپ،

چانار   ئىكەن   يولدا   ماڭسا  چوقچىيىپ.


ئۇ  زەيپانە  ئوچۇق  قىلماي  گېپىنى،

يا  ئالماستىن  ھۆكۈمەتنىڭ  خېتىنى.

قىزنى شۇنداق ئاخماق قىلىپ يۈرۈپتۇ،

بۇ   بىچارە    ئار - نۇمۇسقا   ئۆلۈپتۇ.


ئاي-كۈن توشۇپ قىز بوشانغان چېغىدا،

ئېرى   مەلئۇن    بىللە    بولماي   يېنىدا.

قەيەرلەردە   كەيىپ   قىلىپ  يۈرگەنمىش،

ئۇ     لاتىنى    بەزىبىرلەر    كۆرگەنمىش.


ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئۆيگە كەپتۇ ساقچىلار،

ئۈلۈشكۈن   كەچ    تۇتۇلۇپتۇ   ئاقچىلار.

بالا  بىلەن مۇھتاجلىقتا  قاپتۇ   قىز،

بۇ  ئەلەملەر كەپتۇ  ئاڭا  بەكمۇ تېز.


ئاشۇ  پۇلنىڭ  خىجالىتى  يامانمىش،

پۇل  بولمىسا چىرايلارمۇ  سامانمىش.

بالىسىنى   تاشلاپ بېرىپ  چوڭلارغا ،

راۋان بوپتۇ   ئەگرى-توقاي  يوللارغا.


دوستى  دەپتۇ  قىيىن تۇرمۇش  يوللىرى ،

«مىھمان» كۈتسە  كۆپىيەرمىش پۇللىرى.

شۇنداق قىلىپ ئىشلەپ قاپتۇ بۇ يەردە،

ئويلىماسكەن  بەخت   دىگەن   قەيەردە؟


مىھمان  بىلەن  ئولتۇراركەن   ئىچىشىپ،

مەس  بولغاندا بىر  يەرلىرى  قىچىشىپ.

ھەتتا بەزەن بىرگە كېتىپ قالاركەن،

باھاسىدا      كېتەلىسە    چىقىشىپ.


نەچچە قېتىم   بىتاپ بولۇپ   قاپتىمىش،

تىۋىپلاردىن     دورا    ئېلىپ    يەپتىمىش.

دوختۇرلارغا   تەكشۈرتۈشتىن  قورقاركەن ،

نىمە كېسەل  – بىر   ئۆزىلا   ئۇقاركەن .


كۆنگەن ئىشى شۇبولغاچقا بايقۇشنىڭ،

مەززىسى  يوق بىلىنەركەن تۇرمۇشنىڭ.

گەپ  شۇ يەرگە كەلگەن چاغدا بىچارە،

ھۆڭرەپ كەتتى، ئەھۋالىمغا- نە چارە؟


كەيىپلىرىم   يېشىلىپ  كەتتى  بىردىنلا،

ئاڭلاپ قىزدىن سادىر بولغان قىسمەتنى.

شۇ زامانلا   قايتىپ   كېلىپ  ئۆزۈمگە،

بايان قىلدىم گۈزەل ئەخلاق-خىسلەتنى.


تەسىرلەندى  قىزمۇ كۆزگە ياش ئېلىپ،

ياخشى سۆزدە  كېتىدىكەن تاش ئېرىپ.

دىدى شۇئان:  ئۇ قىزدىمۇ  كېسەل  بار،

چاقىرىۋىلىڭ سېكرىتارنى  گاچ   بېرىپ...


تۈگىدى

ئاپتورى :   يۇمۇرچى

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۇنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yumurchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 11:56 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
korul + 97 ماختاشقا تېگىشلىك
ئاجايىپ + 50
amanturk + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
guzali9.6 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Zulpikar + 100 ..

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 267   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37493
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 01:40:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېكىرتارنى چاقىرمايلا قويايلى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1015 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 03:26:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق.
بۇلبۇل چىمەنگە،قاغا تىكەنگە باشلايدۇ.
يەنە نىمە دەيتۇق؟ھە راس ھەركىمگە.............

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97456
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-8-31
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 08:57:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق شۇنداق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97456
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-8-31
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 08:57:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق شۇنداق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89621
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 889 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:52:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ!ئۇلۇغ خۇدا .ئۈزۈڭ نىجاتلىق بەرگىن...
ھەممەيلەنگە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89621
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 889 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:52:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ!ئۇلۇغ خۇدا .ئۈزۈڭ نىجاتلىق بەرگىن...
ھەممەيلەنگە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67472
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 10:05:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھىم مىللىتىمگە ئىمان ئەخلاق ھايا ئاتا قىلغىن ،ئاتا-ئانىلىرىمىزغا بالىلىرىنى توغرا ھەق ئۈستىدە تەربىيەلىگىدەك بىلىم ئاتا قىلغىن .ئەرلىرىمىزگە ئەتراپىدىكى ئاچا-سىڭىل ھەمشىرىلىرىنى قوغدىيالىغۇدەك چىدام-غەيرەت ئاتا قىلغىن .دۈشمەنلىرىمىزنى مەقسەتلىرىگە يەتكۈزمىگىن ئاللاھىم. ساڭىلا يىغلاپ دۇئا قىلىمىز ئاللاھىم،بىزنى ھىدايەتتىن، سىنىڭ رەھمىتىڭدىن يىراقلاشتۇرۋەتمىگىن،گەرچە بىز شۇنىڭغا لايىق بۇلۇپ قالغان بۇلساقمۇ .

ئوزگىنى سۈيمىگەن ئۈزى سۈيۈلمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 10:07:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئىشلارنى ناھيىتى يارقىن تەسۋىرلەپسىز،قەلەم تۇتقان قوللارغا ئاپىرىن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 10:11:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھتاجلىقنىڭ چىقىش يولى ئاياللار ئۈچۈن ئىپپەتنى قۇربان قىلىش ئەمەس،ئەسلى ئۆزىنىڭ شەيتىنى ئۈستۈن كەلمىسە باشقىچە يول بىلەن ياكى غالچىلىق قىلىپ بولسىمۇ جان بېقىپ كەتكىلى بولار ئىدى،ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ يار بولسۇن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش