مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3393|ئىنكاس: 28

قاسىم پالۋاننى تونۇمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4127
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30687
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8995 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 07:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېيىت ھاجى ئوغلى قاسىم پالۋان مىلادى1885-يىلى قومۇلنىڭ غەربى تاغ يېزىسى قالغايتى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دىنى ئۆلىمائائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن .

كىچىك قاسىم زېھنى ئۆتكۇر،تىرشچان بالا بولۇپ،ئائىلىسدە دادسىى ۋە ئاپىسىنىڭ قولىدا ئوقۇپ تىزلا ساۋادىنى چىقارغان ،ھەمئۆزلۇكىسىز تىرشىپ دىنى بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

قاسىمنىڭ ئاتىسى سېيىت ئاخۇن ۋە ئانىسىبۇۋىنىيازخانلار ئوقۇمۇشلۇق ئىلىم سۆيەر كىشلەر بولۇپ ، پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۆگۇنىشىۋە ھەر جەھەتتىن تەربىيلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلگەن .

قاسىم 14 ياش ۋاقىتىدا دادىسنىڭ توققۇز ئاتارمىلتىقىنى ئېلىپ قومۇل تاغلىرىدا ئوۋچىلىق ھاياتىنى باشلىغان . ئوۋچىلىققا بولغانغايەت زور قىزىقىش ئۇنى ئاي ئايلاپ تاغ دالىلاردا يېتىپ قوپۇپ مەشىق قىلىشقائۇندەيتتى . ئۇزاققا قالماي قاسىمنىڭ ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيدىغان ، ئىزىغاچۇشكەن ئوۋ چاڭگىلىدىن قېىچىپ قۇتۇلالمايدىغان ھالەتكە يەتكەن.

شۇنۇڭدىن كىيىن ئەل ئارىسىدا قاسىم پالۋان دەپئاتىلىشقا باشلىغان .

قاسىم پالۋان ئوۋغا چىقسا ھەرگىز قۇرۇق قولقايىتىپ كەلمەيتتى .يايلاق تۇرمۇشى ۋەتاغ دالىلاردا تۇنەپ ئوۋچىلىق قىلىش قاسىمپالۋاندا قەيسەر ئىرادە ، ۋە ھېچنىمىدىن قورۇقمايدىغان خاراكتىر يىتىلدۇرگەن .

قاسىم پالۋان ئوۋچىلىق جەريانىدا قازاقلاربىلەن بىرىش كىلشى قىلىپ يۇرۇپ قازاقچىنى پىششق ئۆگەنگەن ، كىيىنكى گەنسۇ چىڭخەيجاھانكەزدى ھاياتىدا خەنسۇچە بىلەن مۇڭغۇلچىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن .

1908-يىلى قاسىم پالۋاننىڭ ئاتا ئانىسى سەئۇدىئەربىستانغا ھەج تاۋابىغا بارىدۇ ،ۋە قايتىپ كىلىشىدە قىسسەسۇل ئەنبيا ، شاھمەشرەپ ۋە مۇپتال جانان قاتارلىق كىتاپلارنى ئالغاچ كىلىپ ئوغلى قاسىم پالۋاننىڭبىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى ئاز بولسىمۇ قاندۇرغان.

1911-يىلى ئېلىدا قوزغىلاڭ پارتىلايدۇ ،شىنجاڭنىڭ باش ھەربى مەمورى ئەمەلدارى يۇەنداخۇا يەرلىك فېۋىدال ۋاڭلاردىن ھەربىياردەم سورايدۇ ، قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت بۇيرۇققا بىنائەن قومۇل ياشلىرىدىن بىرنەچچە يۇزنى مەجبور ئەسكەرلىككە تۇتۇدۇ ، قاسىم پالۋانمۇ شۇ قاتاردا ئەسكەرلىككەتۇتۇلىدۇ ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قاسىم پالۋان ئائىلىسگە قايتىپ كىلىدۇ .

1913-يىلى قاسىم پالۋان 28 يېشىدا جاھانكەزدىپالۋان بولۇپ قومۇلدىن گەنسۇغا قاراپ ماڭدۇ ، يولدا بىر خۇيزۇ ئوۋچى بىلەنسەپەرداش بولۇپ قالىدۇ .

سەپەرنىڭ مەلۇم بىر كۇنى قاسىم پالۋان شەخسىھاجىتى ئۇچۇن تۇرغاندا ئۇلارغا ئېيىق ئۇچراپ قالدۇ ،خۇيزۇ ئوۋچى قاسىم پالۋاننىڭتوختاپ تۇر ، ئاتماي تۇر ، تەككۇزەلمىسەك ھاياتىمىزغا خەۋىپ يىتىدۇ دىگەنئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي ئېيققا ئوق ئۇزۇدۇ ، ئوق ئېيقنىڭ جان يېرىگە تەگمەيئېيىق ئېتىلىپ كىلىپ خۇيزۇ ئوۋچىنىڭ بېشىنى ئۇزىۋېتىدۇ ،قاسىم پالۋان چەندەسلىكبىلەن ئېيىقنىڭ يۇرۇكىنى چەنلەپ ئوق ئۇزۇپ نەق تەككۇزۇپ بۇ بالادىن قۇتۇلىدۇ،ھەمدە خۇيزۇ ئوۋچىنى دەپنە قىلىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

قاسىم پالۋان گەنسۇ چىڭخەي ئۆلكۇلىرىدەجاھانكەزدىلىك قىلىپ يەتتە يىل تۇرۇپ قالىدۇ بۇ جەرياندا يەرلىكلەر بىلەن قايغۇخوشاللىقتا بىرگە بولۇدۇ . قاسىم پالۋان بىر قېتىم ،دۇڭخۇاڭنىڭ يېزىسدا كىتىپبارغاندا بىر ئۆينىڭ ئۆگىزىسىدىكى بىرمۇنچە كىشى قاسىم پالۋانغا يېققىن كەلمەھويلىدا بۆرە بار دەپ ۋارقىرايدۇ .قاسىم پالۋان قىلچە ئىككىلەنمەي ھويلىغا كىرىپ يەتتەچېلبۆرىىنى ئېتىپ تاشلاپ ئۆي ئىچىدىكى ئاياللار ۋە نارسىدىلەرنى ساقلاپ قالىدۇ .

قاسىم پالۋان بىر قېتىم جاھانكەزدىلىك قىلىپيۇرۇپ مۇڭغۇللار يۇرتىغا بېرىپ قالىدۇ ، ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇبى مۇڭغۇلئاپتۇنۇم ئوبلاستى ، قارىسا شەھەر ئىچىدىكى مەيداندا نۇرغۇن ئادەم توپلۇشۇپتۇرغانلىقىنى كۆرۇپ نىمە بولغانلىقىنى سورايدۇ ، ئەسلىدە ناھايىتى چوڭ بىر توپباسمىچى بۇلاڭچىلار قوشۇنى دائىم بۇ شەھەردىكى مۇڭغۇل خەلقىنىڭ مال مۇلكىنى بۇلاپتالاپ يۇرگەنلىكىنى ،يېققىندا تېخى قىرىق مۇڭغۇل قىزىنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنىھازىر مۇڭغۇللارنىڭ ئاقساقىلى خەلقىنى يىغىپ بۇ قىزلارنى قانداق قۇتقۇزۇشنىمەسلىھەت قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قاسىم پالۋان دەرھال ئۆزىنىڭ بۇ بۇلاڭچىلارغاقارشى كۆرەشكە ئاتلىنىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ ، مۇڭغۇل ئاقساقال ۋە باشقا مۇڭغۇلپۇقرالىرى ناھايىتى تەسىرلىنىپ قاسىم پالۋانغا 300 مۇڭغۇل يىگىتىنى قوشۇپ يولغاسالىدۇ .

قاسىم پالۋان قاراقچىلار ئوۋىسىغا پەم بىلەنكىرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم بىلەن قاراقچىلار باشلىقىنى تىرىك تۇتۇپ قاراقچىلارنىڭ ئىچكىئەھۋالىنى ۋە قىزلارنىڭ تۇتقۇن قىلغان ئورنىنى بىلۋالغاندىن كىيىن ئۇجۇقتۇرىۋېتىدۇ. قاسىم پالۋاننىڭ پىلانلىق ۋە شىددەتلىك ھۇجۇمى ئارقىسىدا بارلىق قاراقچىلار تەلتۆكۇس ئۆلتۇرۇلۇپ ، 40 مۇڭغۇل قىزى قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ . بۇ بىر چوڭ ۋەقە ئھتىمالسۇبى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ يەرلىك تەزكىرسىدە بار بولۇشى مۇمكىن .

قاسىم پالۋاننىڭ چىڭخەي تاغلىرىدا يەرلىكلەرئۇخلاپ چۇشىدىمۇ تۇتالمايدىغان ئىپار كىيىكىنى ئوۋلاپ نامى چىقىپ كىتىدۇ ،قاسىمپالۋاننىڭ نامىنى ئاڭلىغان مابۇفاڭنىڭ ئىنىسى ماچى قاسىم پالۋان بىلەن كۆرۇشۇپ بىرنەچچە ئادەمنى قوشۇپ ئۆزىگە ئىپار كىيىك ئوۋلاپ بىرشىنى ئېيتىدۇ .قاسىم پالۋانئۇنىڭ كۇتكىنىدىنمۇ ئارتۇق ئىپار كىيىك ئوۋلاپ بىرىدۇ ، ھەمدە باشقا يەرلىكئوۋچىلارغا ئىپار كىيىك ئوۋلاشنىڭ ئېپىنى ئۆگۇتىدۇ .

ماچى قاىسم پالۋاننىڭ شەرىپىگە كاتتا زىياپەتئۇيۇشتۇرۇپ ئۆز ئوردىسىدا ئۆي جاي تەييارلايدۇ ، ئەمما قاسىم پالۋان يەنىلا ئىجارەئۆيدە تۇرۇپ قوپۇدۇ . قاسىم پالۋان ماچى بىلەن ئەسرارلىشىپ يۇرگەن كۇنلەردە ماچىدۇشمىنى يەنشىشەن بىلەن ئىككى قېتىم چوڭ جەڭ قىلىدۇ ، قاسىم پالۋان ھەر ئىككىقېتىملىق جەڭدە ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسۇتۇپ جەڭنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلبىسىنى قولغاكەلتۇرىدۇ .

ماچى قاسىم پالۋانغا تېخىمۇ قايىل بولۇپئوردىغا مەكتۇپ سۇنۇپ قاسىم پالۋاننى ئەمەلدار قىلىپ يېنىدا ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپقالماقچى بولۇدۇ ، ئەلۋەتتە بىزنىڭ جاھانكەزدى پالۋانىمىز قانداقمۇ ئۇزۇن مۇددەتتۇرۇپ قالالسۇن ، رەت قىلىپ خۇددى گۇەنيۇي ساۋساۋنىڭ ئىلىتپاتىنى رەت قىلغاندەكماچىنىڭ ئىلتىپاتىنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ يولىغا راۋان بوپتۇ .

ماچى ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كىلىشنى بۇيرۇپتۇ.ماچىنىڭ ئادەملىرى قاسىم پالۋاننى بىر جىلغىدا قورشىۋاپتۇ ، قاسىم پالۋان بىرئۆڭكۇرگە كىرۋاپتۇ ئەمما ئوق چىقارماپتۇ ، ماچىنىڭ ئادەملىرى كىرىشكە پېتىنالماپتۇ، توققۇز كىچە كۇندۇز ئۆتكەندە ماچىنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كىتىپتۇ .

قاسىم پالۋاننى تۇتۇپ قالالمىغان ماچى قومۇلۋاڭى شاھمەخسوتقا ئالاقە ئەۋەتىپ قاسىم پالۋاننىڭ ئۆز تەۋەلكىدە ئىكەنلىكىنى ،نامىجاھانغا پۇر كەتكەن بۇ پالۋاننىڭ بۇنداق ئۆز ئالدىغا جاھانكەزدى بولۇپ يۇرۇشنىڭھاكىميەت ئۇچۇن تەھدىت ئىكەنلىكىنى قايتۇرۇپ كىىتپ خىزمەتكە سېلىش كېرەكلىكىنىئەسكەرتىپتۇ .

قومۇل ۋاڭى شاھمەخسۇت قاسىم پالۋاننىڭ ئانىسىبۇۋىنىيازخان ھاجىنى چاقىرتىپ كىلىپ ئوغلىنىڭ دېرىكىنى بىرىپتۇ ،بۇۋىنىيازخان ھاجىئىككى يىلدا ئاران ئوغلى قاسىم پالۋاننى تاپتۇرۇپ كىلىپ ،ئوغلىنى شاھمەخسۇت ۋاڭغائوردا ئەسكەرلىكىگە تۇتۇپ بىرىىپتۇ .

قاسىم پالۋان قومۇل ۋاڭ ئوردىسىدا ئوردامۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرتىنىڭ باشلىقى بوپتۇ .

قاسىم پالۋان ۋاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قومۇلدىكىپالۋانلارنى باشلاپ قومۇل ۋە گەنسۇ تاغلىرىغا بېرىپ ياۋا ئات ، ياۋا تۆگە بىربۆكەنلىك تۆگە ، قۇلان ،ۋە باشقا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ئوردىدا چوڭقۇرھۆرمەتكە سازاۋەر بوپتۇ .

1927-يىلى شاھ مەخسۇت ۋاڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسىجايلىردىكى ھەر قايسى يەرلىك ۋاڭلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاسىتىدىكى مەرگەن ۋەپالۋانلارنى قومۇلغا تەكلىپ قىلىپ قومۇلدا چوڭ كۆلەمدە بىر قارغا ئېتىش تەنتەربىيەمۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇڭغۇليەدىنمۇ شوپۇل ئارقىلىقمۇڭغۇل مەرگەنلەر قومۇلغا كەلگەن .

قاسىم پالۋان بۇ قارىغا ئېتىش مۇسابىقسىدەبىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن ، ئاخىردا قاراشەھەردىن كەلگەن مۇڭغۇل مەرگەنلەربىلەن مۇسابىقىگە چۇشكەن . مۇسابىقىدە تۇخۇم چېچىش تۇرىدە مۇڭغۇل مەرگەنلەر ئۇچپاي ئوقتا بىر تۇخۇم چاچسا قاسىم پالۋان ھەربىر پاي ئوقتا بىر تۇخۇم چېچىپكۆپچۇلۇكنى ھەيران قالدۇرغان . ئاخىردا مۇسابىقىنىڭ ئەۋجىدە تۇخۇمنى ئاسمانغائېىتىپ بەرسە باشقا مەرگەنلەر تەككۇزەلمىگەن ، قاسىم پالۋان ئوقنى ئاسمانغائېتىلغان تۇخۇمغىمۇ دەل تەككۇزۇپ قومۇل خەلقىگە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن .

قاسىم پالۋان ئۇستا مەرگەن بولۇپلا قالمايچوڭقۇر تەجرىبگە ئىگە تىۋىپ ۋە ئۇستا سۇنۇقچى ئىكەنتۇق . ئۇ تاڭغان سۇنۇق بىرتېڭىش بىلەنلا كۇپايە قىلىدىكەن . داۋالىغان كىسەللەرنىڭ ساقىيشى نىسىبىتىمۇيوقۇرى ئىكەن. خەنسۇچە تىل يېزىقنى پىشىشق بىلگەچكە ئادەتتە ئوردىدا شاھمەخسۇتۋاڭنىڭ مېھمانلىرىغا تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالدىكەن. نوچىلىقى ئوخشىغانبىلەن بۇ يەرلىرى سېيىت نوچىغا ئوخشىمايدىكەن ھە؟!

قاسىم پالۋاننىڭ ۋاڭغا ھەققانى جاۋابى:

ۋاڭنىڭ ئاغزىغا تاماق تېتىمايدىغان بولۇپقالغان كۇنلەردە قاسم پالۋاندىن سوراپتۇ .’پالۋان ‘ مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئارپا ،قوناق ، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇنىدىن يېقىلغان نانلارنى يەيتتىم ، بۇناھايىتى تەملىك تېتىيتتى ،، ھازىر بولسا بۇلار ئېغزىمغا تېتىمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ قاسىم پالۋان قىلچە ئىككىلەنمەي ، جانابى ۋاڭ ئالىلىرىئىلگىرىى جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇش شارائىتىدا ياشىغاچقا ئارپا قوناق ،تېرىق،نانلىرى مېزىلىك تېىتىغان ،ھازىر بولسا ئالىيلىرى دۆلەت ئۇستىدە بولغاچقا تېتىماسبولۇپ قالغان بولسا كېرەك دەپ جاۋاپ بەرگەندە شاھمەخسۇت ۋاڭ قاسىم پالۋاننىڭجاۋابىغا قايىل بولۇپ دىگنىڭىز توغرا دەپ مۇرىسگە ئۇرۇپ قويۇپتۇ .

قاسىم پالۋان ئوردىدا ئوردا مۇھاپىزەتچىلەرباشلىقى بولۇپ ئون يىل تۇرۇدۇ ، بۇجەرياندا ۋاڭغا تالاي قېتىم خەلق ئۇستىدىكى باجسېلىق ئالۋان ياساقلارنى ئازايتىىش ،ۋە ياخشى ئىش خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشتوغۇرلۇق تەكلىپ بىرىدۇ .

1931-يىلى قومۇلدا سالى دورغا ئۆز غۇرۇرىغاھاقارەت كەلتۇرۇشكە ئۇرۇنغان جاڭ جىسانىڭ يۇركىگە بىر پىچاق ئۇرۇپ قومۇل دىخانلارقوزغىلڭىنىڭ پىلىتىسىنى تارتىدۇ. بۇ قومۇل تاغلىرىدا بولىۋاتقان ئىشلار ، قومۇلشەھەر ئىچىدە شەھەرنى ساقلاۋاتقان ئۆلكە ئەسكەرلىرى شاھمەخسوتنىڭ ئۆلىمىدىنپايدىلنىپ شەھەر ئىچىدىكى ئوردىغا ۋە پۇقرالارنىڭ مال مۇلكىگە تىگىش قىلماقچىبولغاندا قاسىم پالۋان ئادەم تەشكىللەپ ئۆلكە ئەسكەرلىرىگە ئەجەللىك زەربە بىرىپئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۇلكىنى قوغداپ خەلىقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېىرشىدۇ ،

1931-يىلى 5-ئايدا جىن شۇرىن قومۇل دىھقانلارئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۇچۇن ئۆرۇمچىدىن بەشيۇز كىشلىك ئەسكەر ئەۋەتىدۇ .بۇنىڭدىنخەۋەر تاپقان قاسىم پالۋان ،ئۆلكە ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنى توساش ئۇچۇن بىشردىنرۇخسەت سورىغاندا بىشىر رۇخسەت بەرمىگەن ، بىشر بولسا شاھمەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەرنىڭئوغلى ئىدى ، ئاخىرى قاسىم پالۋان ئارغامچە بىلەن ئوردا سىپىلىدىن ئارتىلىپ چۇشۇدۇ، مىنىدىغان ئېتىننى سۇغۇرۇش باھانىسدا ئوغلى ھاشىم ئاخۇن ئوردىدىن ئاپچىقىپبىرىدۇ .

قاسىم پالۋان يوشۇرۇن يولغا چىقىپ قومۇلنىڭشەرقىدىكى سىڭار قۇم دىگەن يەردە ئۆرۇمچىدىن كەلگەن بەشيۇز ئۆلكە ئەسكىرىنىڭئالدىنى ئۆزى يالغۇز توساپ ياتىدۇ .

قاسىم پالۋان سىڭار قۇمدا ئۆرۇمچىدىن كەلگەنبەشيۇز ئەسكەرگە قارىشى بىر كىچە ئورۇن يۆتكەپ ئۇرۇش قىلىدۇ ، ئۆزىنىڭيالغۇزلىقىنى ۋە كىملىكىنى بىلىندۇرمەيدۇ .

شىڭشىڭشىيا دا چازىنى ساقلاۋاتقان بەشيۇزدىنئوشۇق ئەسكەر ماجۇڭيىڭىنىڭ شىنجاڭغا يۇرۇش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چازىدا تۇرالمايقومۇلغا قاراپ ھەربى ئەشيالارنى يۆتكەپ چىكىىنىدۇ، قاسىم پالۋان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپھەر قايسى تاغلاردىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشچىلىرىغا خەۋەر بىرىپ قومۇلنىڭشەرقىدىكى دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىدە يىغىلىىشنى ئېيتىدۇ .

شۇ كۇنى غول ئېرىققا چىققان قاسىم پالۋانغولئېرىقتا ئاتتىن يىقلىپ پۇتى سۇنغان ناسىر ئىسىملىك بالىنىڭ پۇتىنى تېىڭىپقويىدۇ .

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تۆۋەنتۇردىن يارى دورغا، شوپۇلدىن سالى دورغا ، خوتۇنتامدىن سۇبۇر دورغا ، ئېدىردىن ئابدۇرېھىم دورغا ،ۋە خوجانىياز ھاجىلار ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ دۆربەجىندىكى جىگدە بۇلاققا يىتىپكىلىدۇ .

قاسىم پالۋان بۇ يەرگە توپلانغان يۇزدەكقوزغىلاڭچىلار بىلەن كۆرۇشۇپ قىسقا ۋاقىت باش قوشۇپ شىڭشىڭشا چازائەسكەرلىرىگە500(دىن ئارتۇق ئەسكەر ) بۆكتۇرمە قويۇش پىلانىنى كىېڭەشتىن ئۆتكۇزىدۇ.

قوزغۇلاڭچى قوشۇن قومۇلنىڭ شەرقىدىكى قارامۇقچا بىلەن سايبۇلاق مەھەللىسنىڭ ئارلىقىدىكى قېلىن قومۇشلۇق ئىچىگە ئورۇنلۇشىدۇ. قاسىم پالۋان بۇ پاراكەندە قوزغۇلاڭچى قوشۇنغا ھەربى تەلىم بىرىپ دۇشمەن تەرەپئالدى بىلەن 10-20 نەپەرچە چارلىغۇچى ئەترەت ئەۋەتىپ چارلايدۇ ،ئۇلارغا تىگىشكەبولمايدۇ ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئاساسى قىسمى بۆكتۇرمىمىزنىڭ كەينىگە توغرا كەلگەندەمېنىڭ بىر پاي ئوق ئېتىشىم بىلەن ئاندىن دۇشمەنگە ئومۇمى ھۇجۇم باشلايمىز دەپتۇ .

ئاخىردا قاسىم پالۋان كۆپچۇلۇككە يەنە بۇگۇنكىچە ئوت يېقىشقا ، تاماكا چىكىشكە ، پاراڭ سېلىشقا ، ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپقويۇشقا بولمايدۇ دەپ ھەربى تەلىم بىرىپتۇ .

ئەتىسى تاڭ سۇزۇلگەندە شەرق تەرەپتىنئەسكەرلەر كىلىۋاتقانلىقى كۆرۇنۇپتۇ . 15-يىگىرمدەك چارلىغۇچى يىتىپ كىلىپتۇ . شۇئارىدا قوزغىلاڭچى قوشۇندىكى ئۆپكىسى يوق بىرسى ئالدىراپ ئوق چىقىرۋېتىپتۇ ، شۇنىڭبىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇن ”قاسىم پالۋان ئوق چىقارغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ .ئۇرۇش باشلىنىپ كىتىپتۇ .

دۇشمەنلەر قوزغىلاڭچى قوشۇننى ئاز دەپ ئويلاپسەل چاغلاپتۇ ، قوزغۇلاڭچىلار دۇشمەننى تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرگە ئېلىپ قاتتىق ئوققاتۇتۇپتۇ ، جەڭ ئۇدا داۋاملىىشىپ ئەتتىگەنلىك چاي ۋاقتى بولغاندا دۇشمەن تەرەپ 400دىن ئۇشۇق ئادىمى يوقۇتۇلۇپ ، دۇشمەنلەر ئاخىرى تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاپتۇ .بۇنى بىلمىگەن قوزغىلاڭچى قوشۇن دۇشمەنگە تېخىمۇ شىددەتلىك ئوق ياغدۇرۇپتۇ .

قاسىم پالۋان دۇشمەننىڭ تەسلىم بولغانلىقىنىبىلىپ ئاتماڭلار ئوق چىقارماڭلار دەپ ھەر قانچە ۋارقىرىسىمۇ قوشۇننى ئوقچىقىرىشتىن توختىتالماپتۇ . جەڭ داۋامىدا خوجانىياز ھاجى قاسىم پالۋاندىن ، سىزھازىرغا قەدەر قانچە دۇشمەننى يوقاتتىڭىز دەپ سوراپتۇ ، قاسىم پالۋان جاۋابەن ،مەن ئاتقان ئوقنىڭ پۇگۇتىنى ساناڭ پۇگەت قانچە بولسا مەن يوقاتقان دۇشمەنمۇ شۇنچەدەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .

جەڭ داۋامىدا قاسىم پالۋانلارنىڭ ئوقى تۇگەپقاپتۇ ، قاسىم پالۋان راھاتباغ قارىتاللىق ھادى پالگاننى دۇشمەن ھەربى ئەشياھارۋىسىدىن ئوق ئېلىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ . ھادى پالۋان ئەكەلگەن ئوق يەتتە ئاتارنىڭئوقى ئىكەن قاسىم پالۋاننىڭ مىلتىقى بولسا توققۇز ئاتار مىلتىق بولغاچقا قاسىمپالۋان بۇ ئوقلارنى ئىشلىتەلمەي ئوق ئەكىلىشكە قايتا بېرىپتۇ .

قاسىم پالۋان ھارۋىغا سەكرەپ چىقىپ بىرساندۇقنى بۇزسا يەتتە ئاتارنىڭ ئوقى ئىكەن ، يەنە بىر ساندۇقىنى بۇزسا نەق توققۇزئاتارنىڭ ئوقى چىقىپتۇ . بۇ چاغدا ھارۋا ئاستىدا قانغا مىلىنىپ ئۆلۇك قىياپىتىگەكىرۋالغان دۇشمەن ئەسكەر باشلىقى قاىسم پالۋانغا قارىتىپ ئوق ئۇزۇپتۇ . قاسىمپالۋان ھارۋا ئاستىدا ئادەم بارلىقىنى سىزىپ دەرھال مىلتىقىنى ئېلىپ ئوق چىقىىرىپئۇ ئەسكەر باشلىقىنى جەھەننەمگە يولغا ساپتۇ .قاسىم پالۋان بۇ ئەسكەر باشلىقىنىڭجەسىتىگە بىرنى تۇكۇرۋېىتپ ھارۋىدىن يىقىلىپ چۇشۇپ شېھىت بوپتۇ . ياتقان يېرىجەننەتتە بولسۇن .

قاسىم پالۋان شېھىت بولغاندىن كىيىنقوزغۇلاڭچى قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى سۇنۇپ كىتىپتۇ ، دەل موشۇ چاغدا قومۇلدىن نەچچەيۇز ئۆلكە ئەسكىرى ياردەمگە كىلىپ قاپتۇ . تەسلىم بولغان ئەسكەرلەرگە قايتىدىن جانكىرىپ قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قارشى قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۇپتۇ ، قوزغۇلاڭچى قوشۇنبۇنۇڭغا تاقابىل تۇرالماي تاغ تەرەپكە چىكىنىشكە مەجبۇر بوپتۇ .

بۇ قېتىمقى قارامۇقچى بۆكتۇرمىسىدەجىن شۇرىنھۆكۆمەت قوشۇنى 400 دىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلىپتۇ ،قوزغۇلاڭچى قوشۇندىن بەشئادەم شېھىت بوپتۇ. تېخى بىرسى ئۇرۇشتا پۇتىغا ئوق تىگىپ پۇتىنى سۆرەپ چىكىنگەندەقومۇل تەرەپتىن كەلگەن ئەسكەرلەرنىڭ قولىغا چۇشۇپ قاپتىكەن جادۇغا بېسىپ توغراپئۆلتۇرۇپتۇ .

جەڭ بولغان كۇننىڭ ئەتىسى قاسىم پالۋاننىڭئاكىسى نىياز پالۋان قاتارلىق كىشلەر تۆت شىھىتنىڭ جەسىتىنى چوڭ يولنىڭ يېنىدىكىئېگىز قۇم دۆڭنىڭ كەينىگە دەپنە قىلىپتۇ . شۇ ۋاقىتتا قاسىم پالۋان 46 ياشتا ئىكەن. بۇ قەۋرىلەر ھازىرمۇ بار.

قومۇللۇقلار زار زار يىغلاپ ئۆز پالۋىنىغائاتاپ مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپتۇ .

سايبۇلاقنىڭ دادۇزىسى


ئىككى يۇز پالۋانغا ئاش بولدى ،


قارمۇقچىدىكى جەڭدە ،


قاسىم پالۋان باش بولدى


چېرىكلەرمۇ ئاتۇركەن


ئورا كولاپ ياتۇركەن


قاسىم پالۋان ئاتۇركەن


مىڭىلەرنى چاچۇركەن .


قاسىم پالۋان ئاتلاندى


ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك


چېرىكلەرنى قاچۇردى


ئۇركۇپ كەتكەن ئۆكۇزدەك


ئايرىلدۇق ئاداۋەتتە


داۋايىم قىيامەتتە


ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن


ئەقىدەمگە يىغلايمەن


قاسىم پالۋاندەك ئەر بارمۇ


تاشتا سوققان شەر بارمۇ


قاسىم پالگاننى كۆرگەندە


دۇشمەنلەردە جان بارمۇ


قارمۇقچىنىڭ يولىدا


يولغا يېققىن زارەتلىك


پالۋانلارنىڭ ئارسىدا


قاسىم پالۋان رەھمەتلىك


قومۇل شەھىرىنىڭ تارىخ ماتېرياللىرى 4-كىتاپ255 -بەتتىكى ئابلىمىت ئابدۇللا ئاكىنىڭ<< قاسىم پالۋان توغۇرسىدا››ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 07:24 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3026
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2528 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 01:11:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوسىقىدا ئۇمىچى بار پالۋانكەن ھەنىم بولسا، مەرگەنلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ قويىدىكەن جۇمۇ، بولۇپمۇ ئاۋۇ خوجىنىياز ھاجىمغا بەرگەن جاۋابى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي تۇرالمايدىكەن.
ھارۋىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ شېھىت بوپتۇ دېگەنگە قارىغاندا ئۆز ئەجىلى بىلەن  ئۆلۈپتۇ دەپ چۈشەنسەك بولارمۇ؟تازا قىران چاغلىرىدا كېتىپتۇ،  ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن ،امىيىن!

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2242 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 02:39:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھسۇت مۇھىتىغا ئوخشايدىكەن بۇ كىشى

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 03:51:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-9-6 01:11 AM
قوسىقىدا ئۇمىچى بار پالۋانكەن ھەنىم بولسا، مەرگەنلىكى ...

ئەسكەر باشلىقىنىڭ ئوقى تىگىپتۇ.ئۆزى يىقىلغۇچە ئۇنى ئۇزىتىۋىتىپ ئاندىن ئۆزى كىتىپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن تەننى كۆتۈرىدىغان جان يوق تىنى ھارۋىدىن چۈشۈپ كىتىپتۇ.ئۇف......
ئۇيغۇرچىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئەجەپ تەسكەن.
ھىچ يېڭى ئەسەرلەر يوققۇ؟قاچانراق چىقىدۇ؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 03:53:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت.ئاللاھ ئەرك ئۈچۈن جان بەرگەن ھەربىر قېرىندىشىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن.رەھمەت قىلسۇن.بىزلەرگە ھەم نىسىپ قىلسۇن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 05:10:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ چاغدىكى (موڭغۇلىيە)باسمىچى بۇلاڭچىلار كىملەر بولغىيتتى؟

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4498
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بۇ پەلۋانىمىزدىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن،قەلەم ئىگىسىگە رەىمەت.پالۋانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي،ئامىن!

مۇيۇنچۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4498
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:18:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بۇ پەلۋانىمىزدىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن،قەلەم ئىگىسىگە رەىمەت.پالۋانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي،ئامىن!

مۇيۇنچۇر

مەن سايرامدىن كە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11328
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2640 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 09:57:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ پالىۋانلىرىمىز بارىكەن ئەمەسمۇ. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

مەن سايرام قىرغاقلىرىدا تۇغۇلۇپ  ، سايرام قىرغاقلىرىدا چوڭ بولدۇم...روھىمدا تەكلىماكاندىكى توغراق روھى بار. شۇڭا سايرامدا كۈلسەم خوتەندە ئاڭلىنىدۇ... چۈنكى مەن شىنجاڭلىق يىگىتمەن. مەن مۇشۇ زىمىنغا چېچىلغان بىر تال ئۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11698
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 10:17:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى ۋاقىتتىكى ئەركىنلىك ئۈچۈن، قولىدىكى كەتمەننى تاشلاپ، مىلتىق قىلىچ ئېلىپ دادىل ھالدا كۆرەش قىلغانلارنىڭ ھەممىسى پالۋان، قەھرىمان.....

خەلقىمىز ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ....  

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش