مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 27501|ئىنكاس: 192

پاجىئەلىك مۇھەببەت(ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 05:57:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭىدىن ئىشقا چۈشۈپ كەيپىياتىم بۆلەكچىلا ياخشى،خىزمەتكە بولغان ئاكتىپلىقىممۇ ئىنتايىن يۇقىرى ،شۇ سەۋەپ تېزلا ئىشخانىدىكىلەر بىلەن چىقىشىپ كەتكەنىدىم،ئوقۇش

پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چۈشكەچكىمۇ كۈنلىرىم  ئىدارە بىلەن ئۆي ئارىسىدا ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى،ئانچە

مۇنچە دوسلىرىم بىلەن كۆرىشىش،ئايدا بىر قېتىم

بولىدىغان چاينى ھېسابقا ئالمىغاندا كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىسىز ئۆتەتتى.

  بۈگۈن يىغىندا بۆلۈم باشلىقىمىز ئەتە ئىدارىمىزگە يۇقىردىن تەكشۈرۈش ئەتىرتىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئىدارىدا

بۆلۈم بۆلۈملەرگە كىرىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيىتتى،بۇ مەن بۇ ئىدارىگە كەلگەندىن بۇيانقى

تۇنجى چوڭ تەكشۈرۈش بولغاچقا سەل ھودۇقۇپ قالدىم ھەم بۈگۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشنى قارار قىلدىم ۋە ئاپامغا

تىلفۇن قىلىپ بولۇپ  سىرىتتىن ئازراق ئۇششاق-چۈشەك نەرسە سېتىۋالدىم دە كەچلىك تاماق ئورنىدا يەپ ئىشقا

كىرىشىپ كەتتىم،ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى،بېشىمنى كۆتۈرۈپ سىرتقا قارىدىم

جاھان ئاللىقاچان تۈن پەردىسىنى ياپقانىدى،

قايتىشقا تەييارلىق قىلىپ كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ ،نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ لېفىت ئالدىغا كەلدىم،لېفىت

23-قەۋەتنى كۆرسىتىپ تۇراتتى بىر ئازدىن كىيىن مەن تۇرىۋاتقان قەۋەتكە كېلىپ ئىشىك ئېچىلدى،ئىچىدە 27-28

ياشلار چامىسىدىكى قويۇق قارا قاشلىق ، قوي كۆزلۈك ،تېرىسى خۇددى قىزلارنىڭكىدەكلا ئاپپاق،يانغا ئايرىپ

تارىۋالغان چاچلىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان بىر ياش بالا تۇراتتى،ئۇنى ئىلگىرى ئىدارىدە كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقىمۇ سەل قورۇنۇپقىنە لېفىتقا چىقتىم،لېفىت ئىچى سۇس ئەتىر پۇرىقى بىلەن تولغان ئىدى،

،ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە كۆزىمىزنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ ئۈندىمەستىن جىم تۇردۇق،تۇيۇقسىز لېفىت قاتتىق بىر

سىلكىنىپ جالاقشىپ كەتتى،ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنى

توختىتالماي بىر بىرىمىزگە سوقۇلدۇق،دەل شۇ پەيىتتە توك ئۆچۈرۈلدى،لېفىت ئىچى خۇددى گۆردەك قاراڭغۇلىشىپ

،كەتتى،ئەزەلدىن قاراڭغۇدىن قورقىدىغان مەن ‹‹ئاپام!،،،،،››دېگنىمچە ۋارقىراپ تاشلىدىم،يېنىمدىكى ئۇ بالا دەرھال

تىلفۇننى چىقىرىپ ئېكراننى ياندۇرۇپ مەن تەرەپكە قاراتتى ۋە:

-قورقماڭ ،مەن با،توك كەتكەن ياكى لېفىت بۇزۇلغان بولىشى مۇمكىن،

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تىلفۇنغا قارىدى ۋە :‹‹تېلفۇنۇمدا سېگىنال يوق ئىكەن سىزنىڭكىدىچۇ؟››دەپ سورىدى،مەن دەرھال

سومكامدىن تىلفۇننى چىقىرىپ قارىدىم،ۋە ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى چايقىدىم.ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-يۈرەك ساقتۇ ھە؟بايا مەن لېفىتتىن ئەمەس ئاۋازىڭىزدىن قورقۇپ كەتتىم،ھېلىمۇ تەلىيىڭىزگە مەن بار ئىكەنمەن،بولمىسا

ئەتە گېزىتكە بىر قىز لېفىتتا قورقۇپ كېتىپ يۈرىكى توختاپ قاپتۇ دەپ خەۋەر چىقار ئىكەن ››ئۇ شۇنداق دەپ

كۈلۈپ كەتتى،ئۇنىڭغا قاراپ نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي كۈلۈپلا قويدۇم،ئۇ ھە دەپ چاقىرىش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋاتقان

  بولسىمۇ ھېچقانداق سادا يوق ئىدى،‹‹ھېلىغىچە قوغدىغۇچىلار كېلىپ قالا ،ساقلاپ باقايلى››دېدى ۋە مەندىن

-‹‹ھە راست،سىز بىزنىڭ ئىدارىگە يېڭىدىن كەلدىڭىزما،ئەجەپ ئىلگىرى سىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،ئىسمىڭىز نىمە؟

-ھە مەن ئىشقا چۈشكىلى ئىككى ئاي بولۇپ ئاشتى،يېڭى كەلدىم ،ئىسمىم ۋېنىرا››

-ۋوي،ئىسمىڭىز ئۆزىڭىزدەك مودا ھەم چىرايلىقكەن،،ئۇكىلىرىڭىزنىڭ ئىسمى يۇپېتىر،مارىسكەندە؟

-كەچۈرۈڭ مەن يالغۇز بالا،

شۇنداق دېدىم ۋە تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ ئۆرۈلۈپ تۇرىۋالدىم.

-ۋاي ئۇششۇق چاقچاق قىلىپ قويدۇم،مېنىڭ ئىسمىم مەردان ،مەن ئىشقا چۈشكىلى 2يىل بولدى،سىز بىلەن بۇ

لېفىتتا سولىنىپ قالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ››،،،،

ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم،،

شۇ ئارىدا بىزنى ‹‹قۇتقۇزغىلى››ھېچكىم كەلمىدى،كەچ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،ئاپام قانچىلىك ئەنسىرەپ كېتىۋاتقاندۇ ھە؟

مېنى بارغانسىرى جىددىچىلىك بېسىپ كېتىۋاتاتتى،چىرايىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن ئۇ مەندىن توختىماي

سوئال سوراشقا باشلىدى،ئىككىمىز شۇ تەرىقىدە ئىلگىركى ئوقىغان مەكتىپىمىز،تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلار توغىرسىدا

مۇنازىرلىشىپ كەتتۇق،مەردان بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن ئىكەن،

شۇ پاراڭلار بىلەن ئارىدىن بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن لېفىت چىراقلىرى ياندى،ۋە نورمال قوزغىلىشقا

، باشلىدى ،يۈرىكىم خېلى جايىغا چۈشتى،

تالاغا چىقىپلا تاكسى توسۇپ كەتمەكچى بولۇپ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم ،لېكىن ئۇ‹‹بەك كەچ بولۇپ كەتتى،سىزنى مەن ئاپىرىپ قوياي توختاپ تۇرۇڭ مەن بېرىپ ماشىننى ئېلىپ كېلەي ››دەپلا ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قاراپ

يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى ۋە بىر ئازدىن كىيىن ئاق رەڭلىك ‹‹خوندا››ماشىننى ھەيدەپ يېنىمغا كېلىپ توختىدى ۋە

دەرىزىنى چۈشۈرۈپ‹‹ماشىنغا چىقىڭە،ئۇششۇق قىز››دېگىنىچە ئالدى ئورۇننىڭ ئىشىكىىنى ئېچىپ بەردى،بۇنچە كەچ

بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي ئۆزۈم تۈززەك تونىمايدىغان بىرسىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ بەھوزۇر ئولتۇرۇشنى

راۋا كۆرمىدىم ۋە كەينى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇردۇم،ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ ماشىننى

قوزغاتتى،ماشىنا ئىچى شۇنچە پاكىز،ئورۇندۇق قاپلىرى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ ،تەرەپ-تەرەپتىن تاراۋاتقان

خۇشپۇراق ئەتىر ھېدى ۋە ئۈنئالغۇدىن ياڭراۋاتقان لېرىك ناخشا كىشىگە ئازادە كەيپىيات بېغىشلايىتتى،ئۇ يول بويى

ماشىنا ئىچىنى كۆرىدىغان ئەينەكنى ماڭا توغىرلاپ قويۇپ پات پات قاراپ قوياتتى،ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن تولىمۇ بىئارام بولىۋاتاتتىم،ئارىمىزنى قانداقتۇر بىر سۈكۈت قاپلاپ تۇراتتى،ھەر نېمە بولسا يوللار توسالماي تېزلا ئۆيۈمگە كېلىۋالدىم

ۋە ماشىندىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئەنسىرەپ تۇرغان

ئاپام ئاغىزى ئېچىلىپ سۆزلەپلا كەتتى،كىيىن مېنىڭ چۈشەندۈرىشىمنى ئاڭلاپ سەل بېسىقىپ قالدى ،مەنمۇ ئۇخلاش

ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم،بەك ھېرىپ كەتكەچكىمىكىن كىرىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن،ئەتىسى سەھەر ئورنۇمدىن

تۇرۇپ ئۆزۈمچىلا چىرايلىق ياسانغۇم كېلىپ،ئاپام تۈركىيىدىن ئەكىلىپ بەرگەن ئاپپاق گىرىپتىن تىكىلگەن كەينىدە

كېپىنەك شەكىللىك بانتىك باغلانغان مەلىكىلەرنىڭكىدەك ئوماق كۆينىكىمنى كىيىپ،ناشتىغا ئولتۇردۇم،مېنى كۆرۈپ

ئاپام ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ:‹‹ۋاي ،بۇ كۆينەكنى كىيىڭ دېسەم پەقەتلا كىيگىلى ئۇنىمىغان ئىدىڭىز،بۈگۈن ئەجەپ ،،،›› ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سوئالى مېنى سەل تەمتىرتىپ قويدى،يۈزلىرىم شۇئان بىلىپ بىلمەي قىزىرىپ

كەتتى،لېكىن يەنىلا چاندۇرماي بۈگۈن خىزمەتدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى شۇڭا كەچتە بىللە تاماق يىمەكچى

ئىدۇق››دەپلا گەپنى ئوڭشىدىم ۋە مېڭىشقا تەييارلاندىم،لېكىن ئاپام قانداقتۇر گۇمان نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى

تالاغا چىقىپ ئۇف دەپ بىر نەپەس ئالدىم ۋە ئۆز ئۆزەمگە ‹‹يالغان سۆزلىمەك نېمانچە تەستۇ››دەپ غودۇڭشىغاچ

بېكەت تەرەپكە قاراپ ماڭدىم،كەينىمدىن تۇيۇقسىز بېرىلگەن ماشىننىڭ سېگنال ئاۋازى بىلەن چۆچۈپ ئارقامغا ئۆرۈلدۈم

ۋاي خۇدايىم بۇ مەردان ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟

ئۇ شۇ ھامان ماشىندىن چۈشتى ۋە يېنىمغا كېلىپ :

-پاھ ،سىزنى ئاخشام كەچتە چالا بۇلا كۆرۈپتىكەنمەن،بەك چىرايلىقكەنسىز جۇمۇ؟ماۋۇ كۆينىكىڭىز سىزنى كېپىنەككە

ئوخشىتىپ قويۇپتۇ،بەك ئوماقكەنسىز،››ئۇ شۇنداق دەپ سۆزلەپلا كەتتى،مەن بولسام ھودۇققىنىمدىن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ۋە ئۇنىڭدىن بۇ يەردە نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم،ئۇ ماڭا:

-ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارلىقى يىراق ئەمەسكەن ،ئەتىگەن بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ شۇ سىزنى ئويلاپ قالدىم

ئەتىگەندە بۇ ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتىدە ماشىنلار بەك توسۇلۇپ كېتىدۇ،سىزنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ ئالغاچ

كېتەي دېدىم،بۇ ياخشى نىيىتىمنى خاتا چۈشەنمەيدىغانسىز ئوماق كېپىنەك،››ئۇ شۇنداق دېگەچ ماشىننىڭ

ئىشىكىنى ئاچتى ،نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تەسلىكتە ماشىنىغا چىقتىم،ماشىنا ئىچى يەنىلا شۇنداق پاكىز،ئازادە

لېكىن مەن بەكلا قورۇنۇپ قېلىۋاتاتتىم،ئۇ مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ماشىنا ئەينىكىدىن ماڭا قارىدى ۋە:

-بولدى ،ئازادە ئولتۇرۇڭ،قارىسام مېنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرىمدىن قاتتىق تەسىرلەنگەندەك قىلىسىز،تەسىرلەنسىڭىز

بولىدۇ،لېكىن ئالدىراپ ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ تۇرىۋالماڭ ھە،مەن تېخى كىچىك جۇمۇ،››ئۇنىڭ بۇ چاقچاق

ئارلاش ئېيتىلغان سۆزلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم ۋە‹‹ساراڭ››دەپلا گەپنى تۈگەتتىم،  

ئىدارىغا كەلگەن تەكشۈرگۈچىلەر ھەر بىر ئىشخانىغا كىرىپ بىزنى خېلىلا جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى،چۈشكىچە

تەكشۈرۈشلەر ئاخىرلىشىپ چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كىيىن بىزمۇ خېلى ئارام تېپىپ قالدۇق،سائەت 3لەر بولغان

چاغ ئىدى،ئىشخانىدا ھەممىمىز قىزغىن كەيپىياتتا يېڭى ئېچىلغان مۇزىكىلىك تاماقخانىنىڭ گېپىنى قىلىپ

ئولتۇرساق،توساتتىن بىرەيلەن كىرىپ كەلدى،ۋە قولىدىكى يوغان بىر دەستە قىزىل گۈل ۋە بىر قاپ شاكىلاتنى

ئۈستەل ئۈستىگە قويدى ۋە يېنىدىكى تالۇنغا قاراپ،ۋېنىرا دېگەن قايسىڭلار دېدى،مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي

ئاستاغىنە ‹‹مەن››دەپ جاۋاپ بەردىم،بۇ يەرگە قول قويىۋېتىڭ،ئۇ شۇنداق دەپ تالوننى ماڭا ئۇزاتتى ۋە قول

قويۇپ بولغان تالۇننى ئېلىپ چىقىپ كەتتى،ئەمدىلىكتە بايىقى قىزغىن كەيپىياتتىكى ئىشخانا جىمىپلا كەتكەنىدى،ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى سوئال نەزىرىدە ماڭا قارايىتتى،مەن بولسام خۇددى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك

بالىدەك ئۇلارغا خۇددى‹‹مېنى خاتا چۈشەنمەڭلار،مەن بىلمەيمەن››دېگەندەك ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا قاراپ

، تۇراتتىم،ئارىدىن ئىشخانىمىزدىكى ئاسىيە ئاچاش ئېغىز ئېچىپ:

-ھوي ئۇكام،نېمە بولدى سىزگە،تۇرۇپلا قالدىڭىزغۇ،يىگىتىڭىز سوۋغا قىلغان ئوخشىمامدۇ،تېز قولىڭىزغا ئېلىڭە

ئىچىدە كارتا بار ئىكەن ئوقۇپ باقايلى،بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئەمەستۇ ھە؟››دەپ سۆزلەپلا كەتتى،

مەن ئاستا گۈلنىڭ ئىچىدىكى كارتىنى قولۇمغا ئالدىم،

-كېپىنەك قىز،ئەتىگەنكى تەكشۈرۈشلەردىن چېنىپ قالماي ساق سالامەت ئۆتۈپ كەتكىنىڭىزنى قىزغىن

تەبىرىكلەيمەن،خالىسىڭز كەچتە سىزنى مېھمان قىلىپ ئوبدان بىر تەبىركلەپ قوياي

                                                            مەردان

خەتنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلسە ،تۇرۇپ كۈلگۈم كەلدى،بۇ مېنى بەكلا دۆت كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ

دەپ كەتكەن گېپىنى قارا،ۋۇ ساراڭ،ئۆزۈڭنى مېھمان قىلىۋال،،شۇنداق دەپ ئۆز ئۆزەمگە غودۇڭشۇدۇم،شۇ ئەسنادا ئىشخانىدىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان،ئۇزۇن قۇلاق مەدىنە  قولۇمدىكى خەتنى تارتىپ ئېلىۋالدى ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى،
-ھوي،بۇ ھېلىقى بىز تولا گېپىنى قىلىدىغان مەردان شۇمۇ؟بەك سالاپەتلىك ،قاملاشقان بالا جۇمۇ؟
-ئاڭلىسام دادىسى بەك باي مىش،ماشىنىسىمۇ بەك پەيزى ئۇنىڭ،
-ئىدارىمىزدە ئۇنىڭغا يارىغىدەك قىز چىقمىغان،يامان جۇمۇ سەن،
مانا مۇشۇنداق مۇلاھىزىلەردىن بەك خىجىل بولدۇم ۋە ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۋالدىم،لېكىن ئىچ ئىچىمدىن بىر خىل خوشاللىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى،مانا ئىشتىن چۈشىدىغانغا 10 مىنۇت قالدى،نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ تەييارلىق قىلىۋاتسام ناتونۇش بىر نومۇردىن تىلفۇن كەلدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،كىمۇ؟
-ئاۋازىمدىنمۇ تونىمىدىڭىزما؟يەنە تونىمىسىڭىز ھېلى لېفىتقا سولىنىپ قالىسىز جۇمۇ؟ھا ھا ھا،،،،،،تېز چۈشۈڭ سىزنى ساقلاۋاتىمەن،
-ياق،مېنى ساقلىماڭ،مېنىڭ ئىشىم بار،
لېكىن ئۇ گېپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا تىلفۇننى قويىۋەتتى.
ئىشتىن ئالدىرماي چۈشتۈم،ھەتتا مېڭىش ئالدىدا ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي سۇس گىرىم قىلىۋالدىم،ئەمدىلا چوڭ دەرۋاز ئالدىغا كېلىشىمگە،قاتتىق ئۇرۇلغان ماشىننىڭ لاباسى ئىختىيارسىز ھەممە كىشىنى بىز تەرەپكە قاراتتى،نېمە قىلارىمنى بىلمەي قاچماقچى بولۇپ يۈگۈردۈم ،لېكىن ئۇنىڭ<<ئەمسە سىزنىڭ ئىشىكىڭىز ئالدىدا كۆرىشەيلى>>دېگەن گېپىدىن توختاپ قالدىم،ئەتىراپىمدا ئىشتىن چۈشكەن شۇنچە كۆپ ئادەم ماڭا قاراپ تۇرىدۇ،ئامالسىز ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم،ماشىنا ئاستا قوزغىلىپ ئىدارە دەرۋازىسىدىن چىققاندا،غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم،
-نېمە قىلغىنىڭىز بۇ،زادى نېمە قىلاي دەيسىز،ئىدارىدىكى ھەممەيلەننى خاتا چۈشەنچىگە
ئىگە قىلىپ،-دېدىم
-شۇ سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دېدىم،بولماپتىما،
ئۇ شۇنچىلىك پەرۋاسىز ھالدا شىۇنداق دېدى،
مەن سىز بىلەن تاماق يىمەيمەن،ماشىننى توختىتىڭ چۈشۈپ قالىمەن،،دەپ ۋارقىردىم
لېكىن ئۇ قەتئىيلىك بىلەن<<خام خىيال قىلماي جىم ئولتۇرۇڭ،مەن ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن،دېققىتىمنى بۆلمەڭ>>دەپلا ئاغىزىمنى تۇۋاقلىدى.يول بويى بىر ئېغىز گەپ قىلىشمىدۇق،ماشىنا شەھەرنىڭ خېلىلا سىرتىغا جايلاشقان بىر داچا شەكىلدە سېلىنغان مۇزىكىلق تاماقخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى،
-ماشىندىن چۈشۈپ بېرەمسىز مەلىكەم،
ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ قويۇپ ماشىندىن چۈشتۈم،دېمىسىمۇ بۇ يەرنىڭ مەنزىرسى تولىمۇ
گۈزەل ھاۋاسى ساپ ئىدى،كۆڭلۈم بۆلەكچىلا ئېچىلىپ قالغانىدى،بىز ئالدىمىزغا چىققان كۈتكىچىگە ئەگىشىپ ئىچىگە كىردۇق ۋە بانان دەرىخى ئاستىغا جايلاشقان بىر ئورۇنغا جايلاشتۇق،ئارىمىز يەنىلا جىمجىت،بىر ئازدىن كىيىن كۈتكۈچى بىر قولىدا چاي يەنە
بىر قولىدا تاماق تىزىملىكىنى كۆتۈرۈپ كەلدى .
-نېمە يەيسىلەر؟
ئۇ تاماق تىزىملىكىنى مەندىن سوراپمۇ قويماي بىر مۇنچە تاماقلارنى يېزىپ بەردى،توۋۋا،قانداق تەربىيە كۆرمىگەن نېمە بۇ،مەندىن سوراپمۇ قويمىدى دېسە؟چىقىم بولىشتىن قورىققان ئوخشايدۇ بۇ تۆمۈر خوراز،شۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرغىنىمدا ئۇ ماڭاقاراپ:
-بولدى ئەمدى خاپا بولىۋەرمەڭ،بولمىسا سىزنى مۇشۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ كېتىمەن جۇمۇ،گەپ ئاڭلاڭ،سىزنى ساق سالامەت ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويىمەن،،،
ئۇ شۇلارنى دېگەچ چاي قۇيدى،
-تېلفۇن نومۇرۇمنى قانداق تاپتىڭىز؟
-ئۇ ئاسان،پۈتۈن ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئېلىكتىرۇنلۇق ئارخىپىنى تەكشۈرسەملا چىقىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايلىق شەرەپ تاختىسىدا،<<تىرىشچان خىزمەتچى>>دەپ ئىسمىڭىز،ئارخىپىڭىز،يەنە تېخى رەسىمىڭىز تۇرسا،ھە راس،سىز شەرەپ تاختىسىغا چىقىمەن دەپ رەسىمگە تازا كۈلۈپ چۈشۈپسىز ھە؟ھا ھا ھا ھا
ئۇنىڭ بۇگەپلىرىدىن ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم،ئارىمىزنى يەنىلا قىزغىن كەيپىيات ئىگەللىدى،بايىقى ئاچچىقلىرىم نەلەرگىدۇر غايىپ بولغانىدى،ئۇنىڭغىچە تاماقلار ئارقا ئارقىدىن چىقتى،ھەممىسى مەن ياقتۇرۇپ يەيدىغان توخۇ قورۇمىسى،ئاچچىق بېلىق ،قورۇما چۆپ قاتارلىق ئاچچىق تۈردىكى يىمەكلىكلەر ئىدى،
-تاماققا كېلەيلى،ھەممىسى سىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلار >>دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،
بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟-ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم ؟
چۈشتە ئىدارە ئاشخانىسىغا تاماققا كىرسەم تاماق ئېلىۋېتىپسىز،لېكىن نېمە تاماق ئالغانلىقىڭىزنى كۆرمىدىم شۇنىڭ بىلەن ئاشپەزدىن ،ئاۋۇ قىز نېمە تاماق ئالدى ،دەپ سورىسام ئاشپەز ماڭا،
-توخۇ قورىمىسى بىلەن گۈرۈچ ئاش ئالدى،دېدى،مەن ئۇنىڭدىن ئۇ قىز ئادەتتە قايسى تاماقلارنى كۆپرەك يەيدۇ دەپ سورىسام ھەممىنى دەپ بەردى،>>دېدى.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم ھەم بەك سۆيۈندۈم،
بىز يەنە ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى قىلىشقاچ كۆڭۈللۈك بىر ۋاق غىزالاندۇق.
تاماقتىن كىيىن ئۇ مېنى ئۇدۇل ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى،ماشىندىن چۈشىدىغان چاغدا ئۇ
ئالدىن تەييارلاپ قويغان شاكىلات،پېچىنە كەمپۈت قاتارلىق نەرسىلەر قاچىلانغان چوڭ بىر
خالتىنى بەردى،مېنىڭ ئالمايمەن دەپ شۇنچە رەت قىلىشمغا قارىماي تۇتقۇزۇپ قويدى،ۋە مەن بىلەن بىنا ئىشىكى ئالدىغىچە كېلىپ مېنى لېفىتقا ئۇزۇتۇپ قويدى،ئۆيگە كىرسەم ئاپام بىلەن دادام تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ،ئۇلار بىلەن قىسقىلا پاراڭلىشىپ قويۇپ ھوجىرامغا قاراپ ماڭدىم،
يۈزلىرىمنى يۇيۇپ بولۇپ يېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتسام تېلفۇنۇم جىرىڭلىدى،تىلفۇن مەرداندىن كەلگەن ئىدى،ئۇ مەندىن ئۆيگە ساق سالامەت كىرىۋالغىنىمنى ۋە چوڭلارنىڭ ئاچچىقلىغان ئاچچىقلىمىغانلىقىنى سورىدى،شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ تۈندىكى پاراڭلىرىمىز باشلىنىپ كەتتى،ئائىلىمىزدىكى كىشىكلەردىن تارتىپ تۇرمۇشىمىزغىچە ھەممە ئىشلارنى دىيىشتۇق،بۇ كۈنكى پاراڭ سائەت 1گىچە داۋاملاشتى،ئاخىردا مېنىڭ ئۇيقۇم كەلدى دېگەن گېپىمدىن  كىيىنلا ئاندىن تىلفۇننى قويۇپ خوشلاشتۇق.
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ...
قەردىرلىك دوسلار،سىلەرنىڭ داۋامى بار دېگەن گەپتىن قانچىلىك بىزار ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن،ئالدىنقى قېتىم پۈتۈشكە ئاز قالغاندا ھەممىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن،شۇڭا بۆلەككە بۆلۈپ يوللىدىم،ئاللا خالىسا كۈندە بىر بۆلەكتىن يوللاپ تېزلا تۈگىتىمەن،
قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaz911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 06:06 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
banker625 + 33 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4038
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس تىل سەنئىتى.ئاللاھ خالىسا بىر ياخشى ئەسەردىن نىشانە.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5255
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 850 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى مىھمان مەن بوپتىمەندە.ھىكايىڭىز ياخشىكەن،ئۆزىڭىزنى چارچاتمىغان ئاساستا داۋامىنى تىزرەك يازارسىز ھە؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5574
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1255 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ!بۇ ھىكايىڭىز ياشلىقىمدىكى گۈزەل äسلىمىلەرگە باشلاپ باردى .

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەردان دىگەن ئادىشۇي نىمانداق گەپكە ئۇستا كاساپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97530
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىفىتكە سولىنىپ قىلىپ تەلىيى كەپتۇ دە ئۇقىزنىڭ .ئاۋۇ يىگىت گەپكە نىمانداق ئۇستا

پىچاقنى ئاۋال ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65702
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز  كەلتۇرۇش ماھىرى كەن جۇمۇ مەردان  

غەم قىلغۇچە ،پەم قىل .

پىچاقنى ئاۋال ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65702
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قانداق بولا؟

غەم قىلغۇچە ،پەم قىل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2618
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8672
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش قىسمى خىلى  بوپقويىدىكەن، مىنىڭچە ئاخىرىمۇ مۇشۇنداق پەيزى چىقسۇن ھە.. قاندا دىمىدىم تورداشلار.  ھىكايىىڭ ئىسمىنى پاجىئەلىك مۇھەببەت ئەمەس، خەيرىلىك مۇھەببەت دەپ ئاخىرىنى رىنىرا بىلەن مەردان توي قىلىپ  مارىس،يۇپىتىرلارنى تۇغۇپ ئاندىن ئاياقلاششا بولىدۇ.

بەزىدە يالغان گەپمۇ ئادەمنى خوش قىلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2872 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بالا ئاشتا گەپكە ئۇستا بولغىنى ياخشى ھى ھى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش