مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3782|ئىنكاس: 66

دېپلوماتىيە ۋە قوش ئۆلچەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 908
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26430
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7814 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 04:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


دېپلوماتىيە ۋە قوش ئۆلچەم
ئاپتورى: گارېس ئىۋانىس (ئاۋسترالىيە)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009


ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ


قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان دېپلوماتىيە ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە رېئالىزم قاچان پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان، ئەخلاققا پەرۋا قىلمايدىغان ئۆلچەمگە ئايلىنىپ قالدى؟ بارلىق دېپلوماتلار دېگۈدەك بۇ نۇقتىغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما بۇ نۇقتىغا پەرۋا قىلسا، ھەمىشە كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.
جاننى قۇتقۇزىدىغان تىنچلىق سۆھبىتى جىنايىتى قەبىھ كىشىلەرگە كەچۈرۈم بېرىشتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. زوراۋان ھاكىمىيەتتە ھايات كەچۈرۈش ھۆكۈمەتسىز ھالەتنى قوبۇل قىلىشقا قارىغاندا, ھاياتقا بولغان تەھدىت تېخىمۇ كىچىك بولىشى مۇمكىن. داۋالغۇۋاتقان ۋەزىيەتنى تىنجىتىش جىنايەت دەپ بېكىتىشكە تېگىشلىك قىلمىشنى ئاشكارا ئەيىبلىمەسلىكتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. رېئاللىقتا توغرا سادا چىقىرىش پەلسەپە دەرسخانىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ تەس.
ئەمما بەزىدە بۇ سىزىقتىن راستىنلا ھالقىپ كېتىدۇ، بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ ھەمدە ئاقىۋىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مىسىر ئارمىيىسى كوچىدا ۋە تۈرمىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ نەچچە يۈز قوللىغۇچىسىنى قىرغىن قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا بۈگۈنگە قەدەر مىسىر ئارمىيىسىگە بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى ئۈزۈۋەتمىدى، بۇ ھەممە كىشى كۆرەلىگەن ئەڭ يېڭى مىسال.
سابىق پرېزىدېنت مورسى ھۆكۈمىتى بىر مەيدان ئاپەت خاراكتېرلىك مەغلۇبىيەت-ئىدېئولوگىيەدە شەپقەتسىز، ئىقتىسادتا پۈتۈنلەي كەسىپ ئەھلى ئەمەس، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىيدا ئىشەنچىلىك ئەمەس. مورسى ھۆكۈمىتى يېڭى سىغدۇرۇشچانلىقنى ئارزۇ قىلغان جەمئىيەتنى چوڭقۇر قۇتۇپلاشتۇرۇۋەتتى. ئەمما، ئەگەر ئارمىيە سوغۇققان بولسا ھەمدە قورالىنىڭ تەپكىسىنى باشقۇرالىغان بولسا، مورسىنىڭ كېلەركى قېتىملىق سايلامدا تەختتىن چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە تولۇق ئاساس بار ئىدى. ئەگەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلسا ياكى مەغلۇپ بولغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، بۇ چاغدا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللانسا كېچىكمەيتتى. ئارمىيەنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئارمىيەنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان كۆپلىگەن نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلىشىنى لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى قازافى ۋە سۇرىيە رەھبىرى ھافىز ۋە بەشار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.
ھەر يىلى 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ياردەمنى ساقلاپ قېلىش ئامېرىكىغا مىسىرنىڭ قىلمىشىنى ئۇيان-بۇيان قىلغۇدەك ھەر قانداق ئىقتىدار ئاتا قىلالمايدۇ. ئېھتىمال بۇ ئىقتىدارغا ئېرىشكەندۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مىسىر گېنراللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى، ئامېرىكىنىڭ ياردىمى چېنىپ قالدى. ئېنىقكى، بۇ ياردەمنى بىكار قىلسا، مىسىر ئارمىيىسى ئاداۋەت ساقلايدۇ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا قارشى تۇرىدىغان ئۆكتىچى پۇقرالارمۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ؛ ئەمما تېخىمۇ چوڭ تەسىرى شۇنداق قىلمىسا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى شۆھرىتىگە زەربە بېرىدۇ.
سىياسىي رەھبەرلەر بىلگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مىسىرغا ئوخشاش بۇنچىلىك كۆلەمدىكى بۇزغۇنچىلىق قائىدىسىنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرىدىغان ئاقىۋىتى نۇتۇقلاردىكى تەنقىدلەردىلا ئاشكارىلىنىپ قالماي، يەنە كۆپچىلىككە دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك بولغان ئارمىيە «توغرا» نىشاننى خالىغانچە تاللاپ باستۇرسا بولىدۇ، دېگەن ئۇچۇردا ئاشكارا بولىدۇ، بۇ بەھرەيىن، يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا رېزونانس پەيدا قىلىدۇ، سۇرىيەنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. تېخىمۇ يىراق جايدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىغىمۇ بىمالال ھالدا قوش ئۆلچەمنى قوبۇل قىلىش خەۋپ-خەتىرى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى رەھبەرلىك كۈچى يۇمشاق كۈچىگە باغلىق بولۇش دەرىجىسى قورال كۈچىدىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا بۇ پارتلاش خاراكتېرلىك ئاقىۋەتكە ئىگە.
بۇ جەھەتتە، ئامېرىكىنىڭ جىنايەتلىرى ئاللاقاچان خېلى كۆپ بولۇپ كەتتى، يېقىنقى يىللاردا، نۇرغۇن مىساللار ئامېرىكىنىڭ ھەمىشە دېگۈدەك بىرنى دېسە بىرنى قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئالدى بىلەن 2003-يىلى ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندا: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەستىقلىسا خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن ھەمكارلاشتى، خەۋىپسىزلىك كېڭىشى تەستىقلىمىسا ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ھەمكارلىشىشچان، قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ياخشى ئۈلگە ئەمەس.
ئارقىدىنلا 2006-يىلى پەلەستىن سايلام ئۆتكۈزدى: دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەڭ ئاخىرى كۈلكە ساپىقىغا ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى مۇۋاپىق غەلبە قىلغۇچىنى بارلىققا كەلتۈرگەن سايلامغىچىلا كېڭەيدى، غەززە (گازا) سايلاپ چىققان خاماس ئېتىراپ قىلىنمىدى. يەنە ئوخشاش ئوتتۇرا شەرقتە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەمەلىي ئىگە بولغان يادرو قورالىنى كۆرمەسكە سېلىۋالدى، لېكىن ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىكى دەسلەپكى ھەرىكەتلىرىدىلا ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى. گەرچە ھىندىستان  يېڭى يادرو قورالى قىسقارتىش ۋە يادرو كېڭەيتمەسلىك ۋەدىسىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، 2008-يىلى ھىندىستان بىلەن يادرو ماتېرىيالى ۋە تېخنىكىسى سودىسى قىلىشقا ماقۇل بولدى.
سالماق بىلەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قوش ئۆلچىمى باشقا چوڭ دۆلەتلەردىمۇ مەۋجۇت. روسىيە 2008-يىلى «قوغداش مەسئۇلىيىتى» نى باھانە قىلىپ گرۇزىيگە تاجاۋۇز قىلىشى گۇمان قوزغىدى، لېكىن روسىيە 2011-يىلدىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا يۈرگۈزگەن ئېغىر كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك جىنايىتىنى ئەيىبلەشنى كەسكىن رەت قىلدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ تەنقىدكە ئۇچراتتى.
جۇڭگونىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئىستىراتىگىيە ئىرادىسى ھەمدە دېڭىز-ئوكيان قانۇنى بويىچە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالىماسلىقى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق چېگرىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە زېمىن ماجىراسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمىدى. يادرو قورالى بار ھەر بىر دۆلەتتە «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دېگەن جىنايەت بار، يادرو كېڭەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، كەسكىنلىك بىلەن يادرو قىسقارتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى خالىمىدى.
سالماق بىلەن ئېيتقاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتىيە تاكتىكىچىلىرى چوقۇم ئۆز ئارا زىددىيەتلىك بولغان ئەخلاق قىممەت قارىشى ئارىسىدا، مەسىلەن ئادىللىق ۋە تىنچلىق ئارىسىدا قىيىن تاللاش چىقىرىشقا دۇچ كېلىدۇ. قوش ئۆلچەم قوللاندى دەپ قارالغان مەيدان ھەمىشە بۇ خىلدىكىلەر ئەمەس. ئەڭ ياخشى مىسالى «قوغداش مەسئۇلىيىتى» پرىنسىپىنى ئەيىبلەش تەبىئىي كەمچىللىككە ئىگە، چۈنكى چوڭ دۆلەتلەر مەڭگۈ ئارىلىشىشتىن ئىممۇنىتلىنىدۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس ، يەنە ئۇلارنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلىكى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئەمما بۇ بىر پرىنسىپقا سەل قارىدى: ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى ئازلاتقانلىقى ھەمدە باشقا بىر قاتار ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەربىي ئارىلىشىش مەڭگۈ قانۇنسىزدۇر. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاز سانلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش مۇقەررەر تېخىمۇ چوڭ ئۇرۇشنى قوزغاپ قويىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، قىممەتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە رولى بار، پۈتۈن كۈچى بىلەن قىممەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەيدىغان دۆلەت ئەڭ ئاسان ياسالما ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېرىشمەكچى بولغان دۆلەتنىڭ مۇجمەل قوش ئۆلچەم قوللاندى دەپ قارالغان دۆلەتنى قوبۇل قىلالايدىغىنى يوق. بۇنىڭدا ئەڭ چاتاق ئەيىبلەش ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقىگە كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ئىشلەتكەن كىشىگە بولغان مەيداننىڭ ئاجىزلىقىدۇر، مەسىلەن مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي ھۆكۈمرانلىرى.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى گارېس ئىۋانس ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى (1988-1996) ھەمدە خەلقئارالىق كىرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 06:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرئەت تىزغۇ ئۇستاز، كۈنىگە ئادەتتە مۇشۇنداق تەرجىمىدىن نەچچىنى تۈگىتىسىز ؟  تەرجىمە توغرىسىدا تەجىربىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بىزنىمۇ سەپكە  قىتىۋالغان بولسىڭىز  . ھە-ھۈ دىيىشەتتۇق.

http://www.pixwa.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=81

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1098
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2151 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 06:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەپرەت ئەپەندىمنىڭ مۇنبەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرى خېلى بار جۇمۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4038
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 07:11:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مول بىلىم،ئەتراپلىق مۇلاھىزە،ياخشى تەرجىمە.
رەھمەت.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 07:20:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 06:39 PM
نەپرەت ئەپەندىمنىڭ مۇنبەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرى خېلى بار  ...

مورسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇسۇلمانلاردا دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك ساپانىڭ يوقلىغىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 908
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26430
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7814 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 07:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pixwa يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 06:37 PM
سۈرئەت تىزغۇ ئۇستاز، كۈنىگە ئادەتتە مۇشۇنداق تەرجىمىد ...

كۈندە بىر ماقالە يوللىنىۋاتىدۇ، تاللاپ تۇرۇپ مىسرانىمغىمۇ يوللاۋاتىمەن...بىر قىسىم ماقالىلەرنى تورداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلىۋاتىمىز، ئەگەر تەرجىمە جەھەتتە تەجرىبىڭىز بولسا ھەمكارلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95977
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 08:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركا راستىنلا  سۇرىيەگە  ھۇجۇم قىلامۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 08:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kapitan2 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 07:20 PM
مورسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مەغلۇبىي ...

ئۇرۇشتىن كىيىنكى قەھرىمانلار خىلى بار جۇمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا،ناۋادا ھازىرقى قاتمال ھالەت ئەكىسچە بولۇپ مورسى ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغان بولسا،ئىنكاسىڭىزنىڭ پەش-چېكىتلىرمۇ باشقىچىراق بولاتتىغۇ دەيمەن.يەككە ھالدا بىر مورسى ياكى ئىخۋانىلارنىڭ ۋاقىتلىق پاسسىپلىقىغا ئالدىراقسانلىق بىلەن باھا بېرىشىڭىز ،سىزنىڭ بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكىڭىزنى شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا باھا بېرىشتە پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك ساپانىڭ يوقلىقىنى  bىلدۇرىدۇ.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lokmanhakim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 08:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2872 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 08:53:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق مۇلاھىزە بوپتۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 09:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4286
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-5 09:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۉر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش