|
|
|
|
مۇھەببەتنىڭ ئازاۋىدىن قۇتۇلاي دەپ يۈرىگىمنى قۇلۇپلاپ كويسام،ئەقىدەم ئوغۇرلۇقچە ئېچىۋاپتۇ.ئاھ گۈلۈم سېنىڭ ۋىسالىڭغا يەتمەك نىمە دىگەن تەس ھە؟ ئەمدى ۋىسال ئۈچۈن ئازاپلارنى بىر ئۆمۈر ئۆزۈمگە ھەمرا قىلىدىغان بولدۇم.سېنى سېغىنغىنىمدا نېگارىمنىڭ يۈزىنى سۆيۈپ ئۆتكەندۇ دەپ شاماللارنى ھېدلايمەن،كۆكتىكى قۇشلاردىن سورايمەن:«ھەي جانۋارلار ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتڭلارمۇ؟ ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالى قانداقكەن؟»كېپىنەكلەرگە ئىلتىجا قىلىمەن:«سىلەر ئۇ گۈل يۈزلىگىمنىڭ يۈزىگە قونۇپ زىناقلىرىنى سۆيۈڭلار ئاندىن ئۇچۇپ كېلىپ مېنىڭ لىۋىمگە قونۇڭلار»پاشىلاردىن ئۆتۈنىمەن:«سىلەر ئۇنىڭغا نەشتىرىڭلارنى سانجىپ قېنىنى شورىماڭلار مېنىڭ ئۈنىڭ سارغايغان چىرايىنى كۆرگۈم يوك، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرسەم كۈزدىكى ياپراقلاردەك تۆكۈلۈپ كېتىمەن».ئەگەر بۇ دۇنيادا ۋىسالىڭغا يېتەلمەي ئۇ دۇنياغا كېتەر بولسام بۇ دۇنيادىكىلەرگە قالدۇرۇدىغان بىردىن بىر ۋەسىيىتىم«ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى كىپىنىمگە كەشتىلەپ قويۇڭلار» *** قۇياش سېنى كۆيدۈرگەندە سەن تېرەك سايىسىنى پاناھ قىلىپ راھەتلەندىڭ،مەن قېشىڭغا بېرىۋىدىم يەنە بىر قۇياشنىڭ ئوتىغا دۇچ كېلىپ ئازاپلاندىم،ماڭا ئاسماندىكى قۇياشنىڭ ئۆتىدىن يەردىكى قۇياشنىڭ ئوتى كۈچلۈك كەلدى،ئاھ نېگارىم مېنى قەلبىڭگە دەپنى قىل شۇندىلا مەن بارلىق ئازاپلاردىن قۇتۇلىمەن. *** كېچىسى ياتقاندا دېرىزەڭنى ئوچۇق قوي گۈلۈم،مەن دېرىزەڭ قېشىدا تۇرۇپ ئۇيقۇلۇقتىكى پىچىرلاشلرىڭنى ئاڭلاپ تۇراي،شېرىن چۈشلەردىن خۇش بولۇپ تاتلىققىنە كۈلگىنىڭنى كۆرەي،مۇبارەك بويلىرىڭدىن تارقىغان ئىپار كەبى ھېدلىرىڭنى پۇراي، ئاي نۇرىنىڭ جامالىڭغا چۈشكەندىكى ئاجايىپ مەنزىرىنى تاماشە قىلاي،مەن بۇ كۇرۇنۇشلەر ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ ئەڭ شېرىن لەززەتلىرىدىن بەھىر ئالاي!ئاھ شۇ دەقىقىلەر! يارىلانغان قەلبىمنىڭ ئۆكسىشلىرىگە شىپا بولىدىغان قىممەتلىك دەقىقىلەر! مېنى ئۆز قوينىڭلارغا ئېلىڭلار! سىلەرنىڭ شاپائىتىڭلاردىن ۋىسال شارابىنى قانغۇچە ئىچەي! *** مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sandal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-5 12:01 AM
|
|
|
|
|
|