غەيۋەت دىگەن نىمە؟
غەيۋەت ھەقىقەتەن ئىنسانىيەت جەمىئىيىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى،شۇڭا ئىنسانىيەت بەخىت-سائادىتىنىڭ ئاساسىي بولغان ئۇلۇغ دىن ئىسلام دىنى بۇنى كەسكىن ھۆكۇملەر ئارقىلىق چەكلىگەن ئىدى.ئەپسۇسلىنارلىقى بىز بۇ ھۆكۇملەرنى تېخىچە ئەمەلىيلەشتۈرەلمەيۋاتىمىز.......
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا:‹غەيۋەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر› دېۋىدى،ئۇلار:ئاللا ۋە ئاللا نىڭ ئەلچىسى بىلگۈچىدۇر،دېدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:‹قېرىندىشىنىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىسىنى تىلغا ئېلىشىڭ›دېدى.
يۇقىرىقىلاردىن غەيۋەت دېگەنلىك،بىرئادەمدىكى زىكرى قىلىنىشىنى ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشنى،ئۇ يوق يەردە زىكرى قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.
غەيۋەتنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكىگە ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلىدۇر.ئىبنى كەسىر(ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) سۈرە ھۇجۇراتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دىگەن:ھەر قانداق غەيۋەت پۈتۈن ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى يويىچە ھارامدۇر.پەقەت ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسسلىسىگە ئوخشاش ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى كۆزدە تۇتىلىدىغان مەسىللەر بۇنۇڭدىن مۇستەسنا.
ئەمما غەيۋەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ھەدىستىن بولغان دەلىل ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:‹رىبانىڭ ئەڭ يامىنى كىشىنىڭ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئابرويىغا تىل ئۇزۇتۇشتۇر›.
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن:‹شۇنداق بىر سۆز ئېيتتىڭكى،ئەگەر ئۇنى دېڭىز سۈيىگە ئارلاشتۇرسا،ئۇ دېڭىز سۈيىنى بۇلغىۋەتكەن بولاتتى›.
غەيۋەت دىگەن بىر ئادەمدە بولغان ئىشنى ئۇنىڭ ئارقىسىدا زىكرى قىلىشتۇر!!!!
مەنبە:ياخشىلار باغچىسىدىن ئېلىندى