|
|
|
|
دەۋادا ھەقىقەت سىز تەرەپتە بولسىمۇ ئىسپاتىڭىز بولمىسا ئۇتتۇرىۋىتىسىز
مېھرىبان مەخمۇ، ئارزىگۇل ئابلىمىت
دەۋالاشقۇچىلار سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا، سوت مەھكىمىسى دەۋانى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، دەۋاگەرگە دىلونى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇختۇرۇش بىلەن بىرگە، سوت ئۈستىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى، خىيىم-خەتەر ئەسكەرتىمىسى، دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش ئۇختۇرشى قاتارلىقلارنى يەتكۇزىدۇ. جاۋاپكارغا بولسا، دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى، سوت ئۈستىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى، خىيىم-خەتەر ئەسكەرتىمىسى، دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش ئۇختۇرشى قاتارلىقلارنى يەتكۇزىدۇ. سوت ئۈستىدە دەۋالاشقۇچىلار ئۆز تەشەببۇسىغا قارتا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىدىغان ۋاقىتتا، «بۇنداق دەلىل ئسىپاتنى ئىلىپ كىلىشىنى ئۇخمايدىكەنمەن، دەلىل ئىسپاتىمىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھازىر بىرىپ ئەپكىلەي؛ سوتتىن كىيىن تولۇقلاپ بىرەي، گۇۋاھچىمنىڭ بۇگۇن ئىشى چىقىپ قاپتۇ ، ئەتە كىلەي دىگەن ئىدى، ھازىر تىلغون ئۇرسام كىلىدۇ»دەپ جاۋاپ بىرىپ ئۆز تەشەببۇسىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، سوتىنى ۋاختىنچە توختۇتۇپ ئۇلارغا دەلىل ئىسپاتىنى ئىلىپ كىلىشكە، تولۇقلاپ ئەكىلىشكە ۋاقىت بىرىدۇ، ئەمما دەۋالاشقۇرچىلار سوتتىن بىرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە دەلىل ئسىپاتىنى تولۇقلىيالماي، ۋاخىتدا ئىلىپ كىلەلمىگەنلىك سەۋەپلىك، سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن دەۋا تەلۋى رەت قىلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا دەۋالاشقۇچىلار سوت مەھكىمىسىدىن ۋە سوتچىدىن نارازى بولىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » نىڭ 64-ماددىسدا، دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسىغا قارتا دەلىل ئىسپات بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيتى بار دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇرۇن ياكى تەشكىلارلاردىن ئېلىشقا تىگىشلىك ئىسپاتلارنى ئېلىشقا ئەلۋەتتە سوت مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ھەق تەلەپ دىلولىرىدىكى دەلىل ئىسپاتقا دائىر بەلگىلىمىسى» نىڭ ئىككىنچى ماددىسدا دەۋالاشقۇچىلار ئۆز تەشەببۇسىغا قارتا دەلىل ئىسپات بىلەن تەمىنلىمىسە ياكى قارشى تەرەپنىڭ دەلىل ئىسپاتىنى ئاغدۇرۋىتەلمىسە پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. سوت مەھكىمىسى ھۆكۇم كىسىم چىقىرىشتا، پاكىتنى ئاساس، قانۇنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇچۇن، يۇقارقى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز تەشەببۇسىغا قارتا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلمىگەن دەۋالاشقۇچىنىڭ دەۋا تەلۋىنى رەت قىلىپ ھۆكۇم چىقىرىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار يۇقارقىدەك بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن دەۋا تەلىۋىنى سوت ئۈستىدە يىتەرلىك ئىسپاتلاپ بېرەلمەي دەۋادا ئۇتتۇرىۋىتىپ پايدىسىز ھۆكۈم چىقىپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئىسىدىكى ھەقىقەت بويىچە ئويلاپ سوتچىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىرىپ قويدى دەپ رەنجىپ نارازى بولۇپ يۈرىدۇ ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرى سوتقا نارازەلىق ئەرزى بىرىدۇ. بۇنداق ئۇقۇشماسلىق، نارازىلىق، ئاۋارىچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەۋالاشقۇچىلارغا سەمىمىلىك بىلەن شۇنى ئەسكەرتىمىزكى دېلو قۇبۇل قىلىش باسقۇچىدا قوبۇل قىلغۇچى بەرگەن سوت تەييارلىقىغا دائىر چۈشەندۈرۈش خاراكتىرلىك ماتىرياللارنى ئەستايىدىل كۆرۇپ، سوتقا يىتەرلىك تەييارلىق بىلەن كىرىڭ. سوت مەھكىمىسى سىزگە ئۇختۇرۇشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە دىلو قوبۇل قىلىش باسقۇچى ھەمدە سوتنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا ئۇختۇرۇپ بولىدۇ. ئەگەر بەزى ئىسپارلارنى ئالالماسلىققا، تاپالماسلىقا ئۇرۇنلۇق سەۋەپ بولسا ياكى گۇۋاھچىلارنىڭ ۋاقتى سوت ۋاقتى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى بولسا سوت ۋاختىنى كېچىكتۈرۈپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ . ( ئاپتۇرلار يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا goldiway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-4 04:45 PM
|
|
|
|
|
|