كومپيۇتېر تاللىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. سىز تاللىغان كومپيۇتېر چۇقۇم سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدىغان بولىشى كىرەك.
2. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىتىش دائىرسىگە ئاساسەن كومپيۇتېر تاللاڭ
3. كومپيۇتېر تاللىغاندا ماركىغا تەلەپنى بەك يۇقۇرى قويىۋالماڭ، بازاردا ئېقىۋاتقان سۈپەت ياخشى باھاسى مۇۋاپىق بولغان ماركىنى تاللاڭ ،
4. كومپيۇتېر قۇراشتۇرغۇچى تېخنىك خادىمدىن كۆپرەك مەسلىھەت ئېلىڭ ، شۇلار سىزگە تۇنۇشتۇرغان ماركىنى ئاساس قىلىڭ ، ھەرگىز مەن چۇقۇم مۇشۇ ماركىنى ئالمەن دەپ تۇرۋالماڭ . چۇنكى سىز كومپيۇتېر بازىرىغا يىلدا بىر ياكى نەچچە يىلدا بىر كىلىسىز ، قانداق ماركا ئېقىۋاتىدۇ، قانداق ماركا بازاردىن چىكىندى سىز بىلمەيسىز.. سىز 2 يىل بۇرۇن ئالغان كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختىسى ياخشى چىققان بولسا بەلكى ھازىر ئۇ ماركىلار يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بازاردا ئېقىۋاتقان ماركىنى تاللاڭ،
5. سىز تاللىغان كومپيۇتېر بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ چىققان كومپيۇتېرنىڭ ئوخشاش بىردەك بولۇش بولماسلىقىغا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ، ئىشەنچىلىك دەپ قارغان شىركەتتىن سېتىۋىلىڭ
6. كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا سىز باھاسىغىلا ئېسلىۋالماڭ . كومپيۇتېر باشقا نەرسىگە ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە 1~3 يىلغىچە كاپالىتى بولىدۇ، ئالدىڭىزغا كەلگەنلا يەردىن سېتىۋالسىڭىز كىيىن كاپالىتىنى قىلدىغان ئادەم تاپالماي قالىسىز.
7. كوميپۇتېر سېتىۋالغاندا سىز چۇقۇم شۇ شىركەتنىڭ مەسھۇلى بىلەن سۆزلىشىڭ ياكى مەسھۇلىدىن كومپيۇتېر سېتىۋالغانلىق ئىسپاتى ئېلىڭ. بۇنداق بولغاندا سىز كومپيۇتېرنىڭ كىيىنكى كاپالىتىدىن ئەنسىرمەيسىز . ئەگەر سىز ئىشلەيدىغان خادىملار بىلەن سۆزلىشىپلا ئالسىڭىز بىر يىلغىچە ئىشلەيدىغان باللا بولسا ياخشى ئەگەر شىركەتتىن چىقىپ كىتىپ قالسا ئۇ شىركەتتىكى باشقىلار سىزنى تۇنىماسقا سېلۋالىدۇ . كىمدىن ئالغان بولساڭ شۇنى ئىزدە دەپ كاپالەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردۇ..
قانداق كومپيۇتېرنى تاللىسام بولىدۇ
1. ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر ( تورغا چىقىدىغان ، كىنو كۈردىغان ، ئادەتتىكى ئويۇن ئويناشقا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلار ) باھاسى 1700~2200 يۇەنگىچە كومپيۇتېرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ، 1700 دىن تۆۋەن بۇلۇپ قالسا كومپيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرى تەبىكى ناچار سۈپەتسىز ماركىلىق زاپچاسلار بولۇپ قالىدۇ، 2200 دىن يۇقۇرى قىلسىڭىز سىز ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بولالمايسىز بىكار ئىسراپچىلىق، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالغاندا سىز 3 يىل ئەتراپىدا ئىشىلىتىشنى ئويلىشىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. چۇنكى كومپيۇتېرنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن تىز ، ھازىر ئەڭ ياخشىنى ئالسام 4~5 يىلغىچە ئالماشتۇرمايمەن دەپ ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. چۇنكى ياخشىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاز دىگەندىمۇ 4000 دىن يۇقۇرنى تاللىشىڭىز كىرەك،:
2. ئويۇن ئويناشقا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلار ( تورغا چىقىدىغان ، كىنو كۈردىغان ، مەخسۇس ئويۇن ئويناشقا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلار ) ئادەتتە كومپيۇتېرغا قويىلىدىغان تەلەپ سىزنىڭ ئىشلىتىش دائىرىڭىزغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، ئويۇن بولسا كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقۇرى بولىدۇ ، ئەگەر سىز ھەرقانداق ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر ئالىمەن دىسىڭىز ئاز دىگەندىمۇ 5000 ئەتراپىدا كومپيۇتېرلارنى تاللىشىڭىز كىرەك . ئويۇننىڭ بولۇپمۇ كۆرسىتىش كارتىسىغا بولغان تەلەپ يۇقۇرى شۇنىڭ ئۈچۈن سىز كۆرسىتىش كارتىسى ياخشى تاللىشىڭىز كىرەك ، شۇنىڭغا ماس ھالدا باشقا زاپچاسلارمۇ يۇقۇرى كۈتۈرۈلۈپ ماڭدۇ. سىز كومپيۇتېرنى باشقا زاپچاسلىرىنى 10000 يۇەنلىك قىلىپ قۇراشتۇرسىڭىزمۇ كۆرسىتىش كارتىسى توپلاشتۇرۇلغان بولسا سىزنىڭ بۇ كومپيۇتېردا يەنىلا چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىيالمايسىز، ئويۇن ئويناشقا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر ھەرقانداق ئويۇننى ئويناشقا 5000 دىن يۇقۇرى ئادەتتىكى3D لىق چوڭ ئويۇننى ئويناشقا 3000~4000 غىچەئادەتتىكى تور ئويۇنلىرى ۋە 3D ئويۇنلارنى ئوينايدىغانلا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 2700 دىن يۇقۇرى كومپيۇتېرلارنى تاللاش كىرەك كومپيۇتېر تاللىغاندا باھاسى ئارقىلىق تاللىمايمىز چۇقۇم تاللىغان قاتتىق دېتاللا ئىشەنچىلىك بولىشى ھەقىقى زاپچاس بولىشى كىرەك. !
ئۈستەل كومپيۇتېر بىلەن خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ پەرقى
خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى
خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى كۈتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك . سودا ساھەسىدىكىلەرگە ، ۋە خىزمەتچىلەرگە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ. ئەگەر كومپيۇتېرنى مۇقىم قۇيۇپ ئىشلىتىدىغان ئىشىڭىز بولسا ھەرگىز خاتىرە كومپيۇتېر ئالماسلىقىڭىزنى تەھسىيە قىلىمىز. پەقەت كۈتۈرۈپ يۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلارغا بولىدۇ
خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئاجىزلىقى
خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. چوڭ تىپتىكى ئويۇنلار . ۋە چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللار . بۇنىڭدىن سىرىت يەنە چىدامچانلىقى ئادەتتەكىچە ۋە ياكى بەكلا ئاجىز دىيىشكە بولىدۇ . خاتىرە كومپيۇتېرنى كىچىك باللارنىڭ ئىشلىتىشكە ئامال بار بەرمەڭ.
خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ خېيىم خەتىرى
خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى سۇ ، يەرگە چۈشۈپ كىتىش ، كىچىك باللارغا ئوينىغىلى بىرىش. خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال چاتاق چىقىپ قالسا ئەڭ يىنىك بولغاندىمۇ 150 يۇەن بولىدۇ . نۇرمال بولغاندا 300~500 يۇەنگىچە ئوڭشىلىدۇ . ئېغىر بولغاندا باشقىنى ئالماش تۇرسىز ئەممە ئۈستەك كومپيۇتېر ئۇنداق ئەمەس
ئۈستەل كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئۈستەل كومپيۇتېر ئادەتتە ھازىر كىشىلەرنىڭ كۈپۈنچىنىڭ تاللىشى بوپ قالدى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولسا ئىشلەتۈچىنىڭ ھاجىتىدىن بىمالال چىقالايدۇ. ھەرقانداق ساھەگە ماس كىلىدۇ ، چەكلىمىسى پەقەت كۈتۈرۈپ يۈرۈش قۇلايسىز. ئەمما چىدامچانلىقى ئىنتايىن ياخشى باھاسى مۇۋاپىق.
ماركىلىق كومپيۇتېر بىلەن قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ پەرقى
ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى
ماركىلىق كومپيۇتېر بولسا بىرەر ماركا تەرپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ ، زاۋۇتتا قۇراشتۇردۇ، ئىچكى زاپچاسلار ئادەتتىكى كومپيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ، سېتىشتىن كىيىنكى كاپالىتى زەنجىرسىمان ھالەتتە. ماركىلىق كومپيۇتېر كومپيۇتېرلارنىڭ ئىكران، مائوس ، كۇنۇپكا تاختىسى ، سىرىتقى قېپى ئىنتايىن ياخشى ھەم چىدامچانلىققا ئىگە ئۇنىڭدىن باشقا توك مەنبەسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ شۇڭا بەك مۇقىم ئىشلەيدۇ. كىيىكى مۇلازىمىتىنى بەزىلەر ئائىللەرگىچە بېرىپ ئوڭشاپ بىرىدۇ دەپ ئويلايدۇ . ئەملىيەتتە بولسا بىر قىتىم ئائىللەرگىچە بېرىش ھەققى 50 يۇەن ھەق ئالىدۇ.
ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاجىزلىقى
ماركىلىق كومپيۇتېر ئاساسلىق ئىدارە ئورگانلارغا ماس ھالدا ئىشلەنگەن بولۇپ ، پەقەت تېشى پال پال ئىچى غال غال دىيىشكە بولىدۇ. سىرىتقى ئۈسكۈنلىرى كۆركەم چىدامچانلىقى ياخشى ئەمما ئىچكى قىسمى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ . ئادەتتە كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنلەر ئەسلىدىنلا چىدامچانلىقى ياخشى چىقىدۇ. ئادەتتە ئاساسىي تاختىنى مىسالغا ئالساق ، ئاساسىي تاختىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئاساسىي ئۈزەك ( 主芯 ) ئاساسي تاختا تاللاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئاساسىي تاختىنىڭ ئەڭ ياخشى ئاساسي ئۈزەكنىڭ ماركىسى intel بولۇپ باشقا ئۈزەكلەردىن خېلىلا قىممەت چىقىدۇ . بۇرۇن ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسي تاختىسىنىڭ ئاساسي ئۈزەك ئەڭ ناچار ماركىلارنى ئىشلىتەتتى ، ھازىر ھەممىسى ئاساسەن intel ئىشلىتىدۇ . ئەممە ئەرزان تىپتىكى ماركىلىق كومپيۇتېر ۋە ياكى خاتىرە كومپيۇتېر بولسۇن يەنىلا كۈپۈنچىسى intel ماركىلىق ئۈزەك ئەمەس . بۇ ئۈزەك ماركىسى ھەرگىزمۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ماركىسى ئەمەس . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ماركىسى intel , AMD دىن ئىبارەت 2 خىللا بولىدۇ . ئاساسي ئۈزەكنىڭ ماركىسى intel , nvidia , via , sis , ATI , uli قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئادەتتە intel ماركىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا ئاساسي ئۈزەك ماركىسى intel بولسا ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. AMD ماركىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا ئاساسي ئۈزەك ماركىسى nvidia ,ati ,via بۇلار بولسا بولىدۇ. قالغان ماركىدىكى ئۈزەكلەرنىڭ ناچارلىقىدىن ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ . مەسىلەن 945 غا توغرا كەلگۈدەك ئاساسىي تاختا بولسا ، ئاساسىي ئۈزەك intel بولسا بازار باھاسى 400 يۇەن بولىدۇ . ئەگەر SIS بولسا 280 ئەتراپىدا بولىدۇ . بۇنىڭدىكى باھا پەرقى ھەرگىزمۇ ماركا پەرقى ئەمەس .
ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
ئەدەتتە ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ باھاسى قۇراشتۇرما كومپيۇتېرغا قارغاندا خېلىلا قىممەت بولىدۇ. بۇنىڭدىكى باھا پەرقى ھەرگىزمۇ مالنىڭ ياخشى بولىشى ئەمەس ھەم كۆپ پايدا ئالغانلىقمۇ ئەمەس ، پەقەت زاۋۇتتىن سىزنىڭ قۇلىڭىزغا تەككۈچە نۇرغۇن ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ھەم ماركا ھوقۇقى، ھازىر تېخنىكىنىڭ كۈندىن كۈنگە يۇقۇرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالدى ، ماركىلىق كومپيۇتېرلارنى پەقەت ۋە پەقەت ئىدارە ئورگان ۋە خىزمەتچىلەرگە تاينىپ قالدى.
ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ كىيىنكى ئاۋارچىلىقى
ئادەتتە كومپيۇتېر سېتىۋالغانلارنىڭ كۈپۈنچىسى كىيىنلىكنى ئويلىمايدۇ. كومپيۇتېر ئادەتتىكى ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكىنلىرىگە ئوخشىمايدۇ . بۇنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز. ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز قاتتىق دېتاللاردىن چاتاق چىقىپ قالسا ( كاپالىتى توشقاندىن كىيىن ) سايمانلىرنى تاپماق تەس . ئادەتتە ئاساسىي تاختا بۇزۇلسا ، ئاساسىي تاختىنىڭ ئۆزنىلا ئالماشتۇرالماي قالسىز كۈپۈنچىسى ، ئاساسىي تاختا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ تەڭلا ئالمىشىپ كىتىدۇ ، ئېغىرراق بولسا تېخى توك مەنبەسى سىرىتقى قاپنىمۇ ساقلاپ قالاممايسىز. چۇنكى ماركىلىق كومپيۇتېرنى قۇراشتۇرغاندا ئۆزىگە لايىقلا چىقىردۇ. بىز مۇشۇ سودىنى قىلۋاتقان ئادەملەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلگەن بىر ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەسى بۇزۇلۇپ قالغان بۇ توك مەنبەسىنى تاپالمىدۇق ، سەۋەبى ئىكراننى بىۋاستە توك مەنبەسىگە چاتىدىكەن . بۇنداق توك مەنبەسىنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس. دىمەك ئەگەر تاپالمىسىڭىز توك مەنبەسى بىلەن ئىكراننى ئالماشتۇرماي نىمە ئامال..
قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى
قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنى ئادەتتە خېرىدارلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن قۇراشتۇرمىز. باھاسى جەھەتتە بىز ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ . ماسلىشىشچانلىققا كەلسەك ھازىرقىدەك تەرەققى قىلغان جەمىيەتتە ماسلىشالماسلىقتىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق . كۈپۈنچى كىشىلەر قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ئالغاندا باھاسىنى ئاساس قىلىپ ئەڭ ئەرزاننى ئالىدۇ . 2000 يۇەننىڭ ئاستىدا ئېلىۋىلىپ قۇراشتۇرما كومپيۇتېر ناچار دەيدۇ، ئادەتتە 5000 يۇەنلىق قۇراشتۇرما كومپيۇتېر بولسا مۇشۇ خىلغا ئوخشاش ماركىلىق كومپيۇتېرنى لاپ گەپ ئەمەس 8000 غىمۇ ئالاممايسىز . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ ، قاتتىق دېسكا ئوخشاش بولغان بىلەن ئاساسىي تاختا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . كۆرسىتىش كارتىسى 1G بولغان بىلەن ئىقتىدارى قەتتى ئوخشىمايدۇ . 5000 يۇەنلىق قۇراشتۇرما كومپيۇتېرغا ئادەتتە 1300 يۇەن ئەتراپىدا كۆرسىتىش كارتىسى 1000 يۇەن ئەتراپىدا ئاساسىي تاختا ئىشلىتىدۇ. ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئايرىم كۆرسىتىش كارتىسى پەقەت ئاتالمىش 1G خالاس. قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ intel ماركىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تاللىسىڭىز ، سىز كومپيۇتېرنى ئېلىپ 10 يىلدىن كىيىن قايسى قاتتىق دېتال چاتاق بولسا پەقەت شۇنىلا ئالماشتۇرسىز . قۇراشتۇرما كومپيۇتېرنىڭ كونا زاپچاسلىرى ئىنتايىن كۆپ ھەم ئەرزان .
كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنىڭ بەكلا ئاستىلاپ كىتىشى
كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنىڭ بەكلا ئاستىلاپ كىتىشى كومپيۇتېرنىڭ كونىراپ كىتىشى . ئېغىر دېتاللارنى قاچىلاشتىن ۋە ياكى سېستىمىنىڭ كونىراپ كىتىشى . ۋىروس قاپلاپ كىتىش كومپيۇتېرغا ماس كەلمىگەن مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاش ۋە قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ كونىراپ كىتىشى
كومپيۇتېرىڭىز بۇرۇنقى كونا كومپيۇتېر بولسا سۈرئىتى ئاستا بولىشى مۇقەررەر . بۇرۇن ياخشى ئەممە بارغانسىرى ئاستىلاپ كىتىپ بارغىننى ھىس قىلسىز . سەۋەبى شۇكى سىزنىڭ كومپيۇتېرڭىز بۇرۇنقى كومپيۇتېر دەرجىسى يۇقۇرى كۈتۈرلىق باقمىغان ، ئەمما يۇمشاق دېتاللارنىڭ دەرجىسى كۈندىن كۈنگە يۇقۇرى كۈتۈرلىپ تۇردۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ كومپيۇتېرغا بولغان تەلىپىمۇ يۇقۇرلاپ ماڭدۇ. ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كومپيۇتېرنىڭ دەرجىسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ياكى بۇرۇنقى مەشغۇلات سېستىمىسىنى تېپىپ قاچىلاش. كىرەكسىز دېتاللارنى كۆپ قاچىلىماسلىق .
ئېغىر دېتاللارنى قاچىلاشتىن ئاستىلاپ كىتىشى
كومپيۇتېرىڭىز بۇرۇنقى كومپيۇتېر بولسا بۇرۇن XP قاچىلاپ ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئەمدى يېڭى چىققان WIN7 نى قاچىلىسڭىز كومپيۇتېرىڭىزغا ئەلۋەتتە ئېغىر كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ۋە ئويۇنلارنى قاچىلىماڭ . ۋىروسخوردىن پەقەت بىرنىلا قاچىلاڭ. 安全管家 دىگەندەك بىر نەرسىلەرنى قاچىلىماڭ.
مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشى
كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغان سېستىمىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتسە XP سەمرىپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن C دېسكا تۇشۇپ قالىدۇ ياكى بوشلۇق ئاز قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال . ئىغىرلاشسا ھەتتە كومپيۇتېرنىڭ سېستىمى قوزغىلالماي قالىدۇ . ھازىر ھەر خىل سېستىمىنىڭ يامىقىنى يامايدىغان دېتاللار كۆپ ئامال بار ئىشلەتمەڭ . ھەم يامىقىنى يامايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ . چۇنكى بىز ئىشلىتىۋاتقان سېستىما ئەسلىدىنلا كۈچۈرۈلمە نۇسخىسى . ياماشنىڭ ھاجىتى يوق . ياماق يامىسىڭىز پەقەت كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويسىز ، ھەم سېستىمىنى سەمرىتىپ قويسىز.
قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلىشىدىن ئاستىلاپ كىتىشى
كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈسكىنە ئاساسلىقى قاتتىق دېسكا . ئەگەر قاتتىق دېسكىنى ئىشلەتكىنى بەك ئۈزۈن بولسا قاتتىق دېسكا ئىچىدىكى سېكتورلار بۇزۇلىدۇ ، ۋە كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى جىمجىت يەردە كومپيۇتېرغا ئېغىرراق بۇيرۇق بىرىپ ، قۇلقىڭىزنى قاتتىق دېسكىغا يىقىن ئاپرىپ ئاڭلاپ بىقىڭ .ئەگەر ئاۋاز بەك يۇقۇرى بولسا ئىھتىمال قاتتىق دېسكىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ .
كومپيۇتېر قېتىۋىلىشنىڭ سەۋەبلىرى
كومپيۇتېر قېتىۋىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ تۆۋەندا كۆپ ئۇچۇرايدىغان مەسىللەرنى ھەل قىلىمىز.
يۇمشاق دېتال مەسلىسى
كومپيۇتېرغا قاچىلىغان سېستىمىنىڭ ناچار بولىشى. ۋىروس كىرىشى ، ۋە C دېسكىنىڭ تۇشۇپ قىلىشى ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى : سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ ۋىروس تازلاش.
كومپيۇتېرنىڭ تىمپىراتورسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىززىپ كىتىشى
كومپيۇتېر بەك قىززىپ كەتسىمۇ قېتىۋالىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ . ئىچىدىكى بارلىق شامالدۇرغۇچلارغا قاراپ بېقىڭ. بۇزۇلغانلار بولسا ئالماشتۇرۇڭ. ئەگەر ھەممىسى نۇرمال بولسا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ شامالچىسىنى ئېلىپ شامالچە بىلەن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئوتتۇرسىغا سۈردىغان مايغا قاراپ بىقىڭ.ئەگەر ماي قالمىغان ياكى قۇرۇپ كەتكەن بولسا مايدىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرتۇپ ئاندىن شامالچىنى ئورنىتىپ سىناپ بىقىڭ.
ئاساسىي تاختا مەسلىسى
ئاساسىي تاختىنىڭ كونىرشى بىلەن توك مۇقۇملاشتۇرغۇچلارنىڭ ئېتىلىپ كىتىشى ۋە ياكى كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى چاڭ توزانلارنىڭ جىقلىدىن ئاساسىي تاختىغا چېتىلغان ئۈسكۈنلەرنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچۇرشىشىدىن قېتىۋالىدۇ ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى كومپيۇتېرنىڭ ئىچىنى ئېچىپ چاڭ توزانلارنى تازلاش كىرەك . ۋە ئاساسىي تاختا ئۈستىدىكى توك مۇقۇملارشتۇرغۇچلارغا بىردىن بىردىن تەپسىلى قاراپ يىرىلغانلار بامۇ يوق تەكشۇرۇش . يېرىلغانلار بولسا رىمونىتخانىغا ئاپىرىپ يېرىلغان توك مۇقۇملارشتۇرغۇچلارنى ئالماشتۇرۇش كىرەك . توك مۇقۇملارشتۇرغۇچلارنىڭ يىرىلغان يىرىلمىغانلارنى قاراپ بىلەلمىسڭىز سىلاپ باقسىڭىز بولىدۇ ، پومپىيىپ چىققانلىرى ئېتىلغان بولىدۇ.
قاتتىق دېسكا مەسلىسى
كومپيۇتېرنى سېتىۋالغىنى بەك ئۈزۈن بولغان ياكى قاتتىق دېسكا كونىرغان بولسا قېتىۋالىدۇ . تەكشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى جىمجىت يەردە كومپيۇتېرغا ئېغىرراق بۇيرۇق بىرىپ قۇلقىڭىزنى قاتتىق دېسكىغا يىقىن ئاپرىپ ئاڭلاپ بىقىڭ . ئەگەر ئاۋاز بەك يۇقۇرى بولسا ئىھتىمال قاتتىق دېسكىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ . لىكىن قاتتىق دېسكا بۇزۇلۇشتىن كومپيۇتېرنىڭ قىتىۋىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئاز كۈرۈنىدۇ،
ئىچكى ساقلىغۇچ مەسلىسى
كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى يەكلەش سەۋەبىدىن ياكى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كومپيۇتېر قېتىۋالىدۇ بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇش . ئەممە يۇقارقى ئەھۋاللارنى سىناپ بىقىپ پەقەت بولمىسا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بىىقىپ ئېنىقلانغاندىن كىيىن ئالماشتۇرۇڭ..
كومپيۇتېرنىڭ ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغىلىپ كىتىشنىڭ سەۋەبى
كومپيۇتېرنىڭ ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغىلىپ كىتىشنىڭ سەۋەبى سېستىمىنىڭ بۇزۇلىشى ، ۋىروس پەيدا بولىشى ، ۋە قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلىشىدىن بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال سەۋەبىدىن
سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ ، ۋىروسخورنى قاچىلاپ ۋىروس تازلاپ بىقىڭ
كومپيۇتېرنىڭ تىمپىراتورسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىززىپ كىتىشى
كومپيۇتېر بەك قىززىپ كەتسە ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ . كومپيۇتېرنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ . ئىچىدىكى بارلىق شامالدۇرغۇچلارغا قاراپ بېقىڭ. بۇزۇلغانلار بولسا ئالماشتۇرۇڭ. ئەگەر ھەممىسى نۇرمال بولسا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ شامالچىسىنى ئېلىپ شامالچە بىلەن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئوتتۇرسىغا سۈردىغان مايغا قاراپ بىقىڭ ، ئەگەر ماي قالمىغان ياكى قۇرۇپ كەتكەن بولسا مايدىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرتۇپ ئاندىن شامالچىنى ئورنىتىپ سىناپ بىقىڭ.
توك مەنبەسىنىڭ بۇزۇلىشى
توك مەنبەسى نۇرمال توك چىقىرىش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ۋە ياكى كومپيۇتېرغا توك يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ . توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بىقىڭ.
كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چاڭ توزاڭلارنىڭ سەۋەبى
كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى چاڭ توزانلارنىڭ جىقلىدىن ئاساسىي تاختىغا چېتىلغان ئۈسكۈنلەرنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچۇرشىشى ۋە ياخشى تىگىشمەسلىك سەۋەبىدىن كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ ، كومپيۇتېرنىڭ ئىچىنى ئېچىپ چاڭ توزانلارنى تازلاڭ . ئىچدىكى زاپچاسلارنى تەكشۈرۈپ بىقىڭ.
سىز ئالدى بىلەن بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى ئېنىقلاڭ . ھازىر بىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىمىز بىرىنجى خىل ئەھۋال . كۆك ئىكران ئادەتتە كومپيۇتېر سىزنىڭ مەشغۇلاتىڭىزغا يىتىشەلمىسە ۋە كومپيۇتېرغا بەرگەن بۇيرۇقلارنى يازالمىسا ياكى ئۇقۇيالمىسا ۋە ياكى ۋىروس تۈپەيلى كۆك ئىكران بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال مەسلىسى
كومپيۇتېرغا قاچىلىغان سېستىمىنىڭ ناچار بولىشى. ۋىروس كىرىشى ، ۋىروسخۇرنىڭ بەزى دېتاللارنى چەكلىشى ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى : سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ ۋىروس تازلاش.
قاتتىق دېسكا مەسلىسى
كومپيۇتېرنى سېتىۋالغىنى بەك ئۈزۈن بولغان ياكى قاتتىق دېسكا كونىرغان بولسا قېتىۋالىدۇ . تەكشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى جىمجىت يەردە كومپيۇتېرغا ئېغىرراق بۇيرۇق بىرىپ قۇلقىڭىزنى قاتتىق دېسكىغا يىقىن ئاپرىپ ئاڭلاپ بىقىڭ . ئەگەر ئاۋاز بەك يۇقۇرى بولسا ئىھتىمال قاتتىق دېسكىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ .
ئىچكى ساقلىغۇچ مەسلىسى
كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى يەكلەش سەۋەبىدىن ياكى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كومپيۇتېر كۆك ئىكران بولۇپ قالىدۇ . بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇش . ئەممە يۇقارقى ئەھۋاللارنى سىناپ بىقىپ پەقەت بولمىسا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بىىقىپ ئېنىقلانغاندىن كىيىن ئالماشتۇرۇڭ..
2. مەسلىگە كەلسەك
بۇ قاتتىق دېسكا تەكشۈرۈش ھالىتى بولۇپ ئاساسلىقى كومپيۇتېرنى بىخەتەر ئۈچۈرمەسلىك ۋە ياكى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك توختاش سەۋەبلىك كومپيۇتېر ھەرقىتىم قوزغالغاندا قاتتىق دېسكا تەكشۈرۈش ھالىتىگە كىرۋالدۇ . ئەگەر بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىز ئۈتۈپ كىتىدۇ . ئەممە يەنە قوزغاتسىڭىز شۇنداق چىقىدۇ . ئەڭ ياخشىسى بىرقىتىم تەكشۇرگىنى قۇيۇڭ، بىر قىتىم تەكشۈرۈپ ئۈتۈپ كەتسە ئىككىنجى قىتىم چىقمايدۇ. بىر قىتىم تەكشۈرۈپ ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن يەنە شۇنداق چىقسا قاتتىق دېسكا تەكشۈرۈش دېتالى ئارقىلىق قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈپ بىقىڭ بۇزۇلغان سېكتورلار بار بولسا ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
كومپيۇتېرنىڭ ئاۋاز كارتىسىنىڭ بۇزۇلىشى ياكى ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگىراممىسى ماس كەلمەسلىك ياكى ئاۋاز كارتىسىنى تونىماسلىق سەۋەبىدىن ئاۋاز چىقمايدۇ
ھەل قىلىش ئۇسۇلى
ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگىراممىسى ماس كەلمەسلىك ياكى ئاۋاز كارتىسىنى تونىمىسا ئاۋاز چىقمايدۇ، قاچىلاش ئۇسۇلى تورىدىن 驱动精灵 يۇمشاق دېتالنى چۇشۇرۇپ قاچىلاڭ ئاندىن قاتتىق دېتاللاردىن كۈرۈلگەن كاشىللارنى ئوڭشاش دىگەننى باسسىڭىز ئاپتۇماتىك چۇشۇرۇپ قاچىلاپ بىرىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ئاۋاز چىقمىسا دىمەك ئاۋاز كارتىسى بۇزۇلغان بولىشى مۇمكىن. ئاۋاز كارتىسىدىن بىرنى ئايرىم سېلىپ سىناپ بىقىڭ. ئايرىم ئاۋاز كارتىسى چاتقاندا بەزى كومپيۇتېرلارنىڭ يەنىلا ئاۋاز چىقمايدۇ، چۇنكى بىر كومپيۇتېردا ئىككى ئاۋاز كارتىسى بولغاچقا تۇقۇنىشىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۇچۇن سىز CMOS قا كىرىپ ئەسلىدىكى ئاۋاز كارتىسىنى ئىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ،
ئەگەر يەنە چۈشىنەلمىگەن مەزمۇنلار بولسا ئىنكاسقا قالدۇرۇڭ، كومپىيۇتىر رېمنۇتچىسى سىزگە مەسلىھەت بېرىدۇ.
مەنبە: ئەلخۇش كومپىيۇتىر شىركىتى تور بېكىتى
ئېلان بېرىۋېلايچۇ؟
ئىشەنچىلىك، سۈپەتلىك،ئەرزان باھادا كومپىيۇتىر سېتىۋالاي دىسىڭىز كورلا ئۆزخان كومپىيۇتىر سېتىش مەركىزىگە كىلىڭ، 13070006713