ئاداش، يەۋاتقىنىمىز تۈلكە گۆشى ئەمەستۇ
(كۈلدۈرگە)
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
ھامۇت بىلەن مامۇت كەچلىك تاماقتا بىرگە بولۇپ، ئۆز – ئارا سۆھبەتكە چۈشىدۇ. ھامۇت گەپ باشلايدۇ:
ـــ ئاداش، يەۋاتقىنىمىز تۈلكە گۆشى ئەمەستۇ؟ مامۇت جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
ـــ نېمانداق گەپ قىلىسەن، قانداقسىگە تۈلكە گۆشى بولغىدەك؟
ـــ يېقىندىن بۇيان خەۋەرلەرگىمۇ دىققەت قىلىۋاتقانسەن. ھازىر سىرتلاردا سېتىلىۋاتقان گۆشلەرگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن، قىسمەن مەككار سودىگەرلەر ۋاسىتىسىز پۇل تېپىشنى نومۇس بىلمەيدىغان، قانۇن ۋە ئەخلاققا پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇدەك.
ـــ نېمىلەرنى دەۋاتقىنىڭنى تازا ئېنىق چۈشەنمىدىم؟
ـــ مۇنداقچە ئېيىتسام، بەزى مەككار سودىگەرلەر ئىت – ئېشەك، تۈلكە – تايغان، چاشقان – چايان، ھۆپۈپ - ھوقۇش گۆشلىرىنى زامانىۋى زاۋۇتلاردا پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇنى قوي، كالا، توخۇ، كەپتەر گۆشلىرى قاتارىدا سېتىۋېتىپىمىش، شۇڭا ئېھتىيات قىلماي يەپ سالمىغاندىمىز دەيمەن.
ـــ ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەملەر قايسى ھايۋاننىڭ گۆشىنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، شۇ ھايۋاننىڭ مىجەزىنى ئېلىپ قالارمىش. دېمەك تۈلكە گۆشى يېسەك تۈلكىدەك ھىلىگەر بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ـــ شۇنى دېمەمسە، قىسمەن پايدىنىلا ئويلاپ، سەن بىلەن مېنىڭ ھاياتىمنى ئويلاشنى بىلمەيدىغان مەككارلارنىڭ ھىيلىدىن ھالۋا، پىلىدىن پالما ياسىيالايدىغانلىقىغا يۈزدە – يۈز ئىشىنىش كېرەك.
ـــ ئاڭلىشىمچە، ئۇ مەككار سودىگەرلەرنىڭ سودا شوئارى «بازار چاققاننىڭ، ئۆچكە باققاننىڭ، سۈت ساغقاننىڭ» مىش، ئۇلار پۇلۇڭنى ئالغۇچە قۇغۇن پىچاي دەيمىش، ئېلىۋېپلا ئاغزىڭغا چىچاي دەيمىش.
ـــ شۇنى دېمەمسەن، ئاداش. لەڭپۇڭچى لەڭپۇڭدەك تىتىرەپ، ئاشپەز لەڭمەندەك سوزۇلۇپ، ناۋاي كۆسەيدەك كۆيۈپ، ئۇسسسۇلچى يىلاندەك تولغىشىپ، كۆمۈرچى كۆمۈردەك قارىداپ، كاۋاپچى زىخلاپ، ياماقچى مىخلاپ، مۇخبىر ماختاپ، شوپۇر قىستاپ، ناخشىچى ئوقۇپ، دوغچى چوقۇپ، گىلەمچى توقۇپ تاپقان پۇللار مەككار سودىگەرلەرنىڭ چۆنتىكىگە سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتمامدۇ.
ـــ راست دەيسەن، بۇ مەككار سودىگەرلەرنى – زە، سۈرىشى ھوزۇر، كىيىشى پوزۇر. سورۇنلاردا ھاراق دېگەننى قويۇۋاتقان، توخۇم دېگەننى سويۇۋاتقان، قوغۇن – تاۋۇزنى ئويۇۋاتقان، كاۋاپ دېگەننى قورۇۋاتقان، پۇل دېگەننى سورۇۋاتقان.
ـــ «ئالدامچىنىڭ گېپى چىرايلىق، سىم قامچىنىڭ سېپى» دەپ، بۇ مەككارلارنىڭ گېپى، ئۇلارنىڭ ئېغىزىنىڭ يېلى دېگىنە.
ـــ مەككارلارغا بوش كۆرۈندۈڭ، يەيدىغانغا گۆش كۆرۈندۈڭ، ئاداش.
ـــ قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان، قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپ، ساختا مالنى ھايىنىغا ساتىدىغان ھەييار سودىگەرلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بازاردىكى قايسى مەھسۇلاتنىڭ راست، قايسىسىنىڭ يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشمۇ قىيىن بولۇپ كەتتى، خۇددى بازاردىكى ھەممە نەرسىگە ھىيلە ئارلاشقاندەكلا.
ـــ شۇنى دېمەمسەن، ھازىر سودا – سېتىقتا بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، قېنى ئىككىمىز مىسال كەلتۈرۈپ باقايلى!
ـــ بولىدۇ. مەسىلەن، بازاردىن كاۋاپ يېسەك، يەپ بولۇپ چاشقان گۆشىنى يەۋالغاندىمەنمۇ، تۈلكە گۆشىنىمۇ دەپ كۆڭلىمىزنى غەش، خىيالىمىزنى بەش قىلساق.
ـــ تۈنۈگۈن سېتىۋالغان ئايىقىمىزنىڭ بۈگۈن پاشنىسى چۈشۈپ قېلىۋاتسا، پايپاق سېتىۋالساق ھەپتە بولماي باش بارمىقىقىز پايپاقنىڭ ئۇچىدىن تولۇم چاشقاندەك مارىلاپ قېلىۋاتسا.
ـــ دورا سېتىۋېلىپ چاچساق ھاشاراتلار مەستلىكتىن يېشىلىپ ئۆيىمىزدە غۇڭۇلداپ ئۇچۇپ يۈرسە، چاشقان دورىسدا چاشقان ئۆلمەستىن، ئەكسىچە پاخلاندەك سەمىرىپ كېتىۋاتسا.
ـــ دۇكاندا چىكىلداپ مېڭىۋاتقان سائەتنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئەكەلسەك توختاپ قېلىۋاتسا، «ئالما» ماركىلىق يانفون سېتىۋالدىم دەپ «ئامما» ماركىلىقنى، «سامسۇڭ» ماركىلىق يانفون سېتىۋالدىم دەپ «سانسۇڭ» ماركىلىقنى، «خەيئېر» ماركىلىق يانفون سېتىۋالدىم دەپ «خەيىر» ماركىلىقنى سېتىۋېلىپ، بىكاردىن زىيانغا ئۇچراۋاتساق.
ـــ خىمىيۋى ئوغۇتسىز يەرلىرىمىزدىن بىر تال دان ئۈنمىسە، دورىلىق ئوكۇلسىز بېغىمىزدىكى مېۋىلەر ھوسۇل بەرمىسە.
ـــ يەپ – ئىچىۋاتقىنىمىز سۈنئىي بولغاچقا دوختۇرخانىلىرىمىزنىڭ بىنالىرى ئېگىزلىگەنسېرى، بىمارلارنىڭ ئۆچرىتى دوختۇرخانا ئالدىنى بىر ئالسا.
ـــ سۈتىمىزدىن سۇ، ھەسىلىمىزدىن شېكەر، بوتۇلكىلىق ئچىملىكلىرىمىزدىن چىرىتىشتىن ساقلىغۇ، رېستۇراندىكى تاماقلىرىمىزدىن سۈپەتسىز تېتىتقۇ، ئاچچىقسۇلىرىمىزدىن مەينەت سېستقۇ ئايرىلمىسا.
ـــ سامسا يېسەك گۆشى، چۆچۈرە ئىچسەك قىيمىسى چىقمىسا.
ـــ يۈزىمىزگە سۈرگەن يۈز مېيىمىز قېشىمىزنى چۈشۈرۈپ، يۈزىمىزدىن پۇرچاق ئۈندۈرۋاتسا.
ـــ ھەي ئاداش، بۇنداق مىساللارنى سەن بىلەن مەن بىر كۈن سۆزلىسەكمۇ تۈگىمەيدۇ.
ـــ كېيىنچە ئادەمنىڭمۇ ساختىسى چىقىپ كەتسە، خوتۇن بالىلىرىمغىمۇ ئىشەنمەس بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.
ـــ شۇنى دېمەمسەن، بەزىدە، ئاشۇ مەككار سودىگەرلەرنى قانداق ئادەملەردۇ، دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ـــ قانداق ئادەملەر بولىتى، شۇ سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش دولىسىنىڭ ئۈستىدە بېشى، كۆزىنىڭ ئۈستىدە قېشى، سوزارغا بىلىكى، يايارغا ئىتىكى بار، بويى ئېگىزدىن پاكار، پاكاردىن ئېگىز، جۇغى بىر – بىرىدىن سېمىز، يەپ - ئىچىشى راڭپىزا ۋە قىمىز كىشىلەر دېگىنە.
ـــ قاچانمۇ تۈگەر ئاشۇ تۇخۇمنى كېپەكتىن، توخۇنى پېپەكتىن ياساپ، خېرىدارلارنى قاقتى – سوقتى قىلىدىغان «يۈزى نېپىز» مەككارلار.
ـــ ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، ئاداش.
ـــ بەزىدە پەشتىكى يوق مورا ئوچاققا چەپچىكى يوق چۆگۈننى ئېسىپ، ئوتۇن سالماي ئوت يېقىپ، سۇ قۇيماي چاي قاينىتىدىغان، تۈۋى چۈشۈپ كەتكەن پىيالىدا چاي ئىچىپ، تۆت بۇرجىكى يوق داستىخاننى يېيىۋېلىپ، ئوتتۇرىسى قالمىغان لېگەندە قولىمىزنى يېڭىمىزدىن چىقارماي غىزالىنىدىغان چېغىمىزغا ئاز قالغانمىكىن، دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ـــ بۇ ئويلىغىنىڭمۇ ئاساسسىز ئەمەس. ئارىمىزدا شۇنداقمۇ سودىگەرلەر باركىن، ئۇلار سۈپىتى بۇزۇلغان بېلىق، سېسىق توخۇم بىلەن قورۇما قۇرۇپ «ئالىي قۇرۇما» قاتارىدا، ئاشخانىلاردىن ئاشقان يۇندا مايلارنى يىغىپ سۈزۈلدۈرۈپ، ئالىي دەرىجىلىك مايلارنىڭ بوتۇلكىلىرىغا قاچىلاپ «ئالىي ماي» قاتارىدا ساتماقتا.
ـــ ئاشۇنداق تادان تۈلكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇنلار يوقمىدۇ دەيمەن.
ـــ بار، بىراق بۇ مەككارلارنىڭ بىرىنى يىغىشتۇرسا يەنە بىرى چىقىدىكەن، ئۇياقتىن تۈگەتسە، بۇياقتىن پەيدا بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟
ـــ مۇنداق دېگىن، «تۆرگە مۈشۈك چىقتى، دەرۋازا باقتى ئىت، چېقىشتا بۈرگە چاقتى، تۇتۇلۇپ قالدى پىت» دەپ، ساختا مەھسۇلاتنى ساتقانلار تۇتۇلۇپ، ياسىغانلار قانۇن تورىدىن سىرغىپ چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغانىدىم.
ـــ «راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان قاچىدۇ» دېگەن گەپ بىكارغا ئېيتىلمىغاندە، بۇ ساختىپەز سودىگەرلەرنىڭ قالقىنى ھىيلە، ئۆزى خۇددى قوي تېرىسىغا ئورىنىۋالغان بۆرە.
ـــ راست دەيسەن، مەنچە مەككارلارغا ماڭىدىغان داغدام يول ئېچىپ بەرمەسلىكنىڭ ئامالى شۇكى، نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا ئەرزىنىغا يۈگۈرمەستىن، ئەستايىدىل سۈرۈشتۈرۈپ سېتىۋېلىش، يالغان گۆش – ياغلارنى پەرقلەندۈرىدىغان ئاددىي ئۇسسۇللارنى ئۆگىنىۋېلىش، مۇبادا ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى بايقىساق، كۆزۈمىزنى مۈشۈكتەك يۇمۇۋالماستىن 12315 كە تېلفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىش.
ـــ دېگىنىڭ توغرا ئاداش، بىزدە «خېرىدارنىڭ كۆزى بولسا كاسىپ ئاچلىقتىن ئۆلەر» دېگەن گەپ بار، بىز ئىستىمالچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە مەككارلارنىڭ قۇيرىقىنى قۇم باستۇرىدىغانلار بولساق، ئۇلارنىڭ ئارىمىزدىن يوقىلىشىنى ئېشەككە مۈڭگۈز چىققىچە، تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكىچە ساقلىمىساقمۇ بولىدۇ.
ـــ ئۇنداقتا بىز، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئىشلىمەي بەل سىلايدىغان، تەر تۆكمەي تەلەي سىنايدىغان، بۇغداي تېرىماي ئاق نان يەيدىغان، چارۋا باقماي پاقلان يەيدىغان مەككارلارغا ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرايلى! خەيرى – خوش، ئامان بولغىن، دۆلىتىڭ زىيادە، دۈشمىنىڭ پىيادە بولسۇن!
(بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sansiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-3 08:35 PM