مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3444|ئىنكاس: 24

نېفىت ئۇرۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89518
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 03:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نېفىت سىياسىتى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلەيدۇ



(تەرجىمىدە:تىلماچ13)



  مەن بۇ چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتا،گەرچە كەسپىي تەرجىمان بولمىساممۇ،ئەمما تەرجىمە جەريانىدا،ئەينەن بولۇش،ئاممىباپ بولۇش ۋە پاساسھەتلىك بولۇش ئۆلچىمىگە ئىمكانقەدەر رۇئايە قىلدىم.بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتا مەن ئاساسلىقى ئوقۇرمەنلەر بىلەن دۇنيانىڭ ئۆتمىشى،بۇگۈنى ۋە كەلگۇسىدە نېفىتنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە دۇنيانى كونتىرول قىلىشتىكى مۇھىم رولى ئۈستىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى بىردىن-بىر مەخسەت قىلدىم.بۇ ئەسەسرنىڭ ھەجمى چوڭ بولغاچقا،ئوقۇرمەنلەر بىلەن بالدۇرراق ئورتاق تونۇشقا ئېگە بۇلۇشنى مەخسەت قىلىپ،ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىپ يوللاشنى توغرا تاپتىم.تەرجىمە ۋە ئېملا جەھەھتتە خاتالىق ۋە نوخسانلاردىن خالى بولالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن،ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى سەمىمى ئۈمۇت قىلىمەن.



كىتاپنىڭ مۇھىم مەزمۇنى

بۇ كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئۇزۇن يىل دۇنيا نىفىت جۇغراپىئەلىك سىياسىي تەتقىقاتىنىڭ مېۋىللىرىگەئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.كىتاپتا خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى،نېفىت مۇشتۇمزورلىرى ۋە ئاساسلىقى غەرپتىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىتنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرغان جۇغراپىئەلىك سىياسىي كۆرەشنىڭ جانلىق مەنزىرسى تەسۋېرلەنگەن،نېفىت بىلەن ئامېرېكادوللىرى ئوتتۇرسىدىكى قارىماققا ئاددى،ئەمما ئەمىليەتتە سىرلىق بولغان ئىچكى باغلىنىش ئېچىپ بىرىلگەن،نېفىت كىرزىسى،ئىتپاق تۈزمەسلىك ھەركىتى،فوسىسائۇرۇشى،يادرونى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى ۋە گېرمانىيەنىڭ بىرلىكى قاتارلىق زورتارخىي ۋەقەلەر ئارقا كۆرىنىشىنىڭ ھەقىقى سەۋەپلىرى تەھلىل قىلىنىپ، نېفىتنىچۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان بىر ئەسىر داۋاملاشقان، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغانئۇرۇش تارىخى  يورۇتۇپ بىرىلگەن.



نېفىت ئۇرۇشى

خەنزۇچە نەشىرىنىڭ كىرىش سۆزى

مەن ئۇستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ،قەلىمىمنى قولۇمغا ئېلىپ،مەزكۇر كىتاپنىڭ خەنزۇچە نەشىرىنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقتىمدا،ئۆزۇمنى ھەم  پەخىرلىك ھەم تەشۋىشلىك ھېس قىلدىم.چۇنكى جۇڭگۇئۇقۇرمەنلىرى ھەم زېرەك ھەم سەزگۇر،بۇنداق قىسقىلا مۇقەددىمە ئارقىلىق مۇرەككەپ ۋەقالايمىقان دۇنيانىى ئەينەن يورۇتۇپ بىرىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.

ئامېرىكا ھازىر دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت. ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن دۇنيانىڭ ئىشلىرىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناش جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى تارىخى بۇرچى.مۇشۇنداق تارخىي شارائىت ئاستىدا ئامېرىكىنى چۈشۈنىش،ئۇنىڭ ئىلگىركىلەرنىڭ يولىدا مېڭىشتىن قانداق ساقلىنىش،بولۇپمۇ ئەنگىليەگە ئوخشاش خاتالىق ئۆتكۇزۈشتىن ساقلىنىپ، -فوندى تەشكىلاتلىرى،دۇنيا بانكسى قاتارلىق خەلققارا تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ،ئۆزىنىڭ «يۇمشاق ئەمىلى كۈچى»نى شەكىلەندۇرۈش؛ «دەۋىر ژورنىلى»نىڭ ئېجاتچىسى ھېنرى لوس ئېيىتقان «ئامرىكا ئەسىرى» نى قانداق قۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن زورۇر ۋە تەخىرسىز بولغان ئوقۇشلۇقتۇر.

«ئامېرىكا ئەسىرى» بولسا مۇستەملىكچىلىككە قارشىتۇرۇپ، سودا ئەركىنلكى ۋە كارىخانا مۇستەققىلىغى بايرىغىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە  دېمىگۇراتىيەنى «قوللاش»تىن ئىبارەت قۇرۇق شۇئارى ئاستىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ،1945-يىلدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىقى ئېىنقكى دۇنيادا دەرىجىدىن تاشىقىرى رول ئويناپ كەلدى. ئەمما شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىقى كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئارقا تېرەككە،يەنى دۇنيانى يالغۇز كونتىرول قىلىشتىن ئىبارەت ھەربى ئىشلاردىكى مونىپول ئورنى(بىزگە ئەگەشكۇچىلار روناق تاپىدۇ،قارشى چىققۇچىلار ھالاك بۇلىدۇ) بىلەن ئەركىن ئىشلىتىلىشچانلىققا ئېگە پۇلنىڭ باشلامچىلىق ئورنى (ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قاتتىقپۇل ئوبۇرتى،ئامېرىكا بىرلەشمە ئامانىتنىڭ دۇنيادىكى مەركىزى بانكا بولۇشى) غائېگە بوغانلىقىدا.

  1971 -يىلى نېكسۇن زوڭتۇڭ ئۇستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك شەرتنامە مەجبۇرىيەتلەردىن تاق تەرەپلىك ۋاز كېچىشنى قارار قىلىپ،ئامېرىكا بىرلەشمە ئامانىتنىڭ «ئالتۇن كۆزىنىكى» نى تاقاپ،ئامېرىكا ئالتۇن زاپىسىنى تېز نەخلەشتۇرۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئامېرىكاتارقاتقان پۇلنىڭ ئىقتىدارى شۇنىڭ ئۇچۇن چەكسىز زور بولدىكى،پەقەت «ئامېرىكىغا شەرتسىز سادىق بولۇپ،ئۇنىڭغا ئىشەنسىلا» بولدى.بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئامېرىكا دائىرلىرىنىڭ ئۆتكەنكى 30 يىل ئىچىدە چەكسىز بولغان مەبلەغ ئارقىلىق ئۇرۇشنى قوللاپ،بىگۇنالارنى ئۆز مەيلىچە قىرغىن قىلىپ،تىك سىزىق بويىنچە ئۆرلەۋاتقان سوداۋە مالىيە جەھەتتىكى قىزىل رەقەم مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا گېرمانىيەۋە ياپونىيەگە قارىتا غايەت زور سوممىلىق پاسسىپ بالانىس ھالىتىنى ساقلىدى؛يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ۋەزىيەت جۇڭگۇغا ئوخشا ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىقىلىۋاتقان،يېڭىدىن گۇللەنگەن دۆلەتلەرگە كېڭەيدى.ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادائوبۇرۇت پۇلى بۇلۇشتەك ئورنىنى ساقلاش جەريانىدا،دۇنيا سودا ساھەسىدە،نېفىت بىلەن بىر ئورۇندا قويغىلى بولىدىغان ھېچقانداق تۇۋار مەۋجۇت بولمىدى.بۇ دۇنيادا پەقەتدوللەرگە بولغان «ئىشەنچ» لا بولىدىكەن،بۇ سېستىما يەنىلا ھەركەتلىنەلەيدۇ.ۋاشىنگۇتون ۋە ۋال ستىرىت كوچىسىدىكىلەرگە نىسپەتەن بۇ بىر سىرلىق پۇل بېسىش ماشىنىسىدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ،ئەمما ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس.   

بۇگۇنكى«ئامېرىكا ئەسىرى» كۇنسايىن ئاجىزلىشىۋاتىدۇ؛نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق بۇلىدۇ؟ مۇشۇنداق بولىۋەرسە،ئاقىۋەتتە قانداق بولىدۇ؟ بۇ كىتاپنى يېزىشتىكى مەخسەت دەل مۇشۇ ئاساسى مەسىلىگە قارىتا ئوقۇرمەنلەرگە چۇشەنچە بىرىشتىن ئىبارەت.

مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتاپنىڭ نېفىت سىياسىتىدىكى ئامېرىكىچە نەشىرىنىڭ يەشمىسى ئەمەسلىكىنى ناھايتى تېزلا بايقايدۇ.بۇ كىتاپ ئۆتكەنكى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيانقى زوراۋانلىق،جاھانگىرلىك ۋە ئەسىر خوجىسى سىياسىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.

   بۇگۇنكى غەرىپ ئۇنۋېرسېتىتلىرىنىڭ كۇتۇپخانلىرىدا ئەنگىليە ۋە ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ ئامىلىنى ئېنىق چۇشەندۇرۈپ بېرىدىغان تارىخ دەرسلىكى يوق دىيەرلىك.بولۇپمۇ 1941-يىلىدىن كېيىن «ئەنگىيە-ئامېرىكا ئالاھىدە مۇنسىۋىتى» نىڭ ئورنىتىلىشى ئاساسىسدا رۇزىۋېلىت بىلەن چۇرچىل بەرپا قىلغان «فان ئامېرىكىزم»ئىتىپاقى ئاستىدىكى دۇنيا ئېنىق چۇشەندۇرۇلگەن كىتاپلار يوق دىيەرلىك بولۇپ،بۇئىتىپاق 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئەنگىليە-ئامېرىكا دائىىرلىرى تەرىپىدىن«ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئىتىپاقى» دەپ ئاتىلىپ،ئۇنىڭ مەخسىدى پۇتكۈل يەرشارىغا ھۆكۇمرانلىق قىلىشتىن ئىبارەت.ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىتىپاقپارچىلنىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ،ئىتىپاقنىڭ ئاساسىي يېتەكچىللىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا 30 يىل ئىچىدە تاشقى ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاپەت خاراكتىرلىك خاتالىق سادىر قىلدى.

«ئەگەر سەن نېفىتنى كونتىرول قىلساڭ......»

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا،دۇنيا بازىرىدا نېفىتنىڭ باھاسى %400 ئۆرلەپ،ئاشلىق زور دەرىجىدە يېتىشمەي،دۇنياغا ئېغىر  زەربە ئېلىپ كەلدى.ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھېنرى.كېسېڭگېر (ئەينى ۋاقىتتا ۋاشىنگېتون ۋە غەرىپ دۇنياسىدا تەسىرى بار كىشى)مۇنداق دىگەن: «ئەگەر سەن نېفىتنى كونتىرول قىلساڭ،بارلىق دۆلەتلەرنى كونتىرولقىلالايسەن؛ ئەگەر سەن ئاشلىقنى كونتىرول قىلساڭ،بارلىق ئادەمنى كونتىرول قىلالايسەن؛ ئەگەر سەن پۇلنى كونتىرول قىلساڭ،پۇتۈن دۇنيانى كونتىرول قىلالايسەن.»

ھەممىگە چۇشۇنىشلىك بولغان بۇ قىسقىغىنا سۆزگە ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىق پەلسەپەسى خولاسىلەنگەن بولۇپ،ئاشۇ پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان، ئامرېكىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت ئىچى سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ئازساندىكى دانىشمەنلەرنىڭ زوراۋانىلىق پەلسەپەسى.

19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىئاخىرلاشقاندىن كىيىن،ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدە ئىزچىل تۈردە كېڭەيمىچىلىك ئەقىدىچىلكى ئەۋىج ئېلىپ،ئۇنى «ئاللانىڭ تەقدىرى» يەنى ئېلاھنىڭ ئېرادىسى دەپئاتىدى.مۇشۇ ئاساستا ئامېرىكىنىڭ چىگرىسى ئاتلانتىك ئوكياندىن تېنىچ ئوكيانغىچە كېڭەيدى.بۇ جەرياندا يەرلىك ئىندىيانلارنى قىردى ۋە چەكلدى.1898-يىلغاكەلگەندە،تەسىر دائىرسى كېڭىيىپ،پىلىفىن،كۇبا ۋە گاۋايغىچە كېڭەيدى.كېڭەيگەن بىرتەركىۋى قىسىم بولۇش سۈپۇتى بىلەن ئامېرېكا ناھايتى بۇرۇنلا رۇسيەنىڭ قولىدىن ئالاسجا شىتاتىنى سېتىۋالدى.

چەۋەنداز خالفورد.مەكىن ۋەئەنگىلىيە-ئامېرېكىنىڭ نېفىت جەھەتتىكى جۇغراپىئەلىك ئۇستۇنلىك سىياسىتى

مەيلى ھېنرى.كىسېڭگېر ۋە بورگىن.برزېزىنىسكى قاتارلىق روككېفېللېر جەمەتىدىكىلەر ياللانما سىياسەتۋازلار بېكىتكەن «رىئالسىياسىي» سىياسىتى بولسۇن،ياكى دۇك.چېنېي قاتارلىق بىر ئۇچۇم ۋاشىنگېتۇن قۇرغۇيچىللىرى بەلگىلىگەن كونسېرۋاتىزملار ئۇرۇشىنىڭ بويسۇندۇرۇش پىلانى بولسۇن،ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ھۇقۇق ئەقىدىللىرىنى چۇشۈنىش ھەمدەئۇلارنىڭ ئىددىيەۋى مەنبەسى(ئەنگىليە جاھانگىرلىكىنىڭ دانالار قاتلىمى» نىچۇشۈنىشكە توغرا كىلىدۇ.

بۇ كىتاپقا ئالاقىدار بىر قىزىل سىزىق-نېفىتنى كونتىرول قىلىشنى دەۋىر قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان ئۇرۇش بولۇپ،يەنى بارلىق نېفىتنى كونتىرولقىلىش،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نېفىتنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ قىزىل سىزىقنۇرغۇنلىغان ۋەقەلەرنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.ئالدى بىلەن بۇ ئەنگىليە بىلەن ئامېرىكائوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش بولۇپ،توغرىسىنى ئېيىتقاندا،ئەنگىليە نېفىت شىشكىتى(قىسقارتىلىپ «BP» دەپ ئاتىلىدۇ)،بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىليەدىكى دۆلەتلىك شىركەت)بىلەن لوندون روسچىلد كونتىروللىغىدىكى خان جەمەتى گوللاندىيە قاپلىق نېفىت شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش. ئۇنىڭدىن قالسا ئەنگىليە خان جەمەتى مەخپ ىساقچىللىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا،ئەنگىلىيەدىكى بۇ ئىككى چوڭ نېفىت سودىگىرى بىلەنئامېرىكا روككېفېللېر قارمىغىدىكى ئۆلچەملىك نېفىت تووراس ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش.دەل مۇشۇ سەۋەپلىك روككېفېللېرمۇ ئامېرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ زۆرۇر قوغدىشى ۋەقوللىشىغا ئېرىشتى.

مەيلى مېكسىكىدىكى تامپىكو،ئەزەربەيجاندىكى باكۇ بولسۇن،ياكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇراقىسمىدىكى تېكساس ۋە ياكى كالفورنىيە، پىرسىيە،ماۋسىل،رومىنىيەلەر بولسۇن،ئەنگىلىيە-ئامېرىكائىككى تەرەپ نېفىت ۋە نېفىت ئېلىپ كەلگەن غايەت زور بايلىقنى كونتىرول قىلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان شىددەتلىك ئۇرۇشتىن ئىبارەت.ئەنگىليە-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى نېفىت ئۇرۇشى تاكى 1928-يىلغىچە داۋام قىلدى.ئەينى ۋاقىتتا،ئەنگىليە-ئامېرىكىدىكى بارلىق نېفىت چوڭ بايۋەتچىللىرى سۇگلاندىكى ئاچىناكا قەلئەسىگە تولىشىپ،«قىزىل سىزىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى.بۇ كېلىشىم ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرقتە بىر قەدەر چوڭ بولغان نېفىت سىغىمچانلىقى بىلەن تەمىنلىدى.شۇنىڭدىن كېيىن،نۇرغۇنلىغان ئېگىز-پەس تارىخىي باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما دۇنيا ئىزچىل ئەنگىليە بىلەن ئامېرىكا سودىگەرلىرىنىڭ مونوپوليەسى ۋە كونتىروللىقى ئاستىدا بولۇپ كەلدى.

ئۆتۇپكەتكەن يۈز يىل ئىچىدە،نېفىت ۋە تەبئى گازنى كونتىرول قىلىش ئەنگىليە ۋە ئامىرېكا ھەركىتىنىڭ يادروسى بولدى.بۇگۇنكى كۈندە ئەگەر نېفىت بولمايدىكەن،ھەرقانداق بىردۆلەت ئىقسادىي قېيىنچىلىققا دۇچار بولىدۇ.بۇ نۇقتىغا نىسپەتەن،ھېچقانداق دۆلەتنىڭ جۇڭگۇغا بولغان تونىشى ۋە چۇشەنجىسى چوڭقۇر ئەمەس.ئامېرىكىنىڭ نېفىتنى كونتىرول قىلىشى-يوشۇرۇن ئۇرۇش رەقىپلرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جان تومۇرىنى كونتىرولقىلغانلىق ھېساپلىنىدۇ.

خان جەمەتى دېڭىز ئامىيەسىنىڭ ئىستىراتتېگىيلىك تەڭشىشى

   19-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدا ئەنگېلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيە پاراخۇت ئەتىرتى كۆمۇرنىكويدۇرۇپ يېقۇلغۇ ماي ياسىدى.ئەنگىليە دېڭىز ئارمىيىسى ئەڭ ئاۋال مۇشۇنداق ئۆزگەرتىشنىڭ ئىستىراتتىگېيلىك  ئەھمىيتىنىتونۇپ يەتتى. 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدىلا،ياش دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى ۋىنستون.چۇرچىلنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيە پاراخۇتئەتىرتى كۆيدۇرلگەن كۆمۇردىن يېقىلغۇ ماي ياسىدى.چۇرچىل شۇنى چوڭقۇرچۇشۈنەتتىكى،كەلگۈسىدە ئەنگىليە جاھانگېرلىكى دېڭىز-ئوكيانلارنى تولۇق كونتىرولقىلىپلا قالماي،بەلكى گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيسى ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيسىگە  تېزلىكتە يېتىشۋالىغان دەۋىرگە قەدەمقويىدۇ.ئەگىلىيە جاھانگېرلىكى دۇنيانى داۋاملىق كونتىرول قىلىدۇ،مانا بۇ ئەنگىلىيە جاھانگېرلىكىنىڭ ئەندىزىلىك يادروسى.ئەنگىلىيە جاھانگېرلىكى بىر كۈچلۈك ئارال دۆلىتى،شۇنداقلا بىر كۈچلۈك دېڭىز-ئوكيان دۆلىتى.بۇ نام-ئاتاق برىتانىيە جاھانگېرلىكىنىڭ شۆھرىتىنى نامايەن قىلىدۇ.بۇ جۇغراپىئەلىك ئۇستۇنلىك سىياسىيشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى چەۋەنداز خالفورد.مەكىندنىڭ ئېنىقلىمىسى.ئەكىسچە مەكىند ئەنگېليەنى قۇرۇغلۇق كۇچلۇل دۆلىتى دەپ قاريدۇ.

   پەقەت بىر دانا لاھىيە تۇزۈپ،ياۋرۇپا قۇرۇغلىقىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدا قارشىلىشىش پەيدا قىلسا،ئەنگىليە جاھانگېرلىكى غەلبە قىلالمايدۇ.1904-يىلدىكى «تارىخىي جۇغراپىئەلىك تۈگۈن» دىگەن مەشھۇر ماقالىدە مەكىند مۇشۇ خىل نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇرغا قويغان.

مەكىند بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن،1919-يىلىمۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى ئوتتۇرغا قويغان: ئەنگىليەنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشى غايەت زورتەسىرگە ئۇچرىدى.بۇ مەشھۇر سۆزنىڭ قىسىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  كىم شەرقى ياۋرۇپا (گېرمانىيە بىلەن ئەنگىليە) نى كونتىرول قىلسا،شۇ مەركىزى بەلباغ(رۇسيە بىلەن ئوكرائىنا) نى كونتىرول قىلغان بولىدۇ. كىم يادرولۇق بەلباغنى كونتىرول قىلسا،شۇ دۇنيادىكى ئاراللار (جۇڭگۇبىلەن ھېندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرۇ-ئاسىيا دۆلەتلىرى) نى كونتىرول قىلىدۇ.كىم دۇنيادىكى ئاراللارنى كونتىرول قىلسا،شۇ دۇنيانى كونتىرول قىلىدۇ.

بۇنىڭدا مەكىند ئەنگىليەنىڭ تاشقى ئىشلارسىياسىتدىككى سېسىق نامى پۇر كەتكەن، ھوقۇق تەڭپۇڭ بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئىنتايىن غۇۋا كۆرسىتىپ بەرگەن.مەسىلەن: پولشا گىرمانىيەگە،گىرمانىيەرۇسيەگە،رۇسيە تۈركىيە بىلەن فىرانسېيەگە،فىرانسېيە گىرمانىيەگە قاشى تۇرىدۇ،ئۇلارمەڭگۇ سىغىشالمايدۇ.

  مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر،مەخسەت پەقەت بىرلا بولۇپ،رۇسيەنىڭ يادرولۇق بەلباغدىكى كۈچلۈك دۆلەت بولىشى ۋە ياۋرۇپا قۇرۇغلىقىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىداپايدا-مەنپەت ئىتىپاقى ئورنىتىشنى چەكلەشتىن ئېبارەت.

  كېيىن ئەنگىليەنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى جۇڭگۇغا قارىتىلىپ،18-ۋە 19- ئەسىرلەردە  ھېندىستان مۇستەملىكچىللىرى جۇڭگۇغا زور كۆلەمدەئەپيۇن كىرگۇزۇپ،جۇڭگۇنىڭ ئاقىللار قاتلىمنىڭ ئېرادىسىنى خورىتىشقا ئۇرۇندى. 1840-يىلىدىن1860-يىلغىچە جۇڭگۇنى كونتىرول قىلىش ئۇچۇن،ئەنگىليە سېسىق نامى پۈر كەتلەن ئەپيۇنئۇرۇشىنى قوزغاپ،جۇڭگۇنى ئەنگىليەنىڭ تۇۋارلىرىنى شىياڭگاڭ پورتىدا سېتىشقا ۋە شىياڭگاڭغا بولغان ئېگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ،ئەنگىليە جاھانگېرلىكىنىڭ خان تاجىسى ئۈستىدىكى مەرۋايىتقا بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى(ھېىندىستا مۇستەملىكچىللىرىنىڭ يوشۇرۇن تەھدىتى) نى چەكلىدى.

«دۇنيا تېنىچلىقىنى دېمۇگېراتىك ئاساسا قوغداش»

1914-يىلدىن1918-يىلغىچە بولغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگلدە،ھ.ۋېلسۇن زوڭتوڭنىڭ تەشۋېقات قۇرالى -بۇ «بىر مەيدان دېمۇگېراتىيە ئۇچۇن دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئۇرۇشىئېلىپ بېرىش» نى ئامېرىكا خەلىنىڭ ئۆتكۈزۋېلىشىغا ئېلھام بەردى،ئامېرىكا خەلقى بۇنى چۇشەنمەيلا قالماي، ھەتتا زور كۆپ ساندىكى تارىخشۇناسلارمۇ بۇنى چشەنمىدى،ئۇلارپەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى كۆرەلمىدى.

ئەمىليەتتە،تەخمىنەن 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلگىچە،ئىزچىل ھالدا دۇنيا تېررىتورىيەسىنى تالىشىش كۆرىشى ئېلىپ بېرىلدى،كىشىلەر كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاۋاتقان ئەنگىليە جاھانگېرلىكىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كىمنىڭ ئېگەللەيدىغانلىق مەسىلىسىنى تىرىشىپ مۇلاھېزەقىلدى.19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئەنگىليە ئاللىقاچان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۇقۇرى نۇقتىسىغا يەتكەن ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتە تۇرغۇنلۇق پاتقىغىغا چوڭقۇر پېتىپ كەتكەن بولۇپ،قايتا تىرىلىش ئىمكانيتى يوق ئىدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا،ئەنگىلىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىشجەريانىدا،ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدىن ئېبارەت ئىككى ھەقىقى رېقابەتچى بارلىققاكەلدى.بۇ ئىككى دۆلەت سانائەتنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك كېڭىيىشىنى كۈتىۋالدى.پولات ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ توننا سانى،پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ۋەكىشىنى قايىل قلىدىغان ئىقتىساتنىڭ يوشۇرۇن قابىليىتىنى سەپەرۋەر قىلىش جەھەتتە ئەنگىليەدىن ئېشىپ يىراقلاپ كەتتى.  JPسورگانبانكىسى بىلەن روككېفېللېر ئۆلچەملىك نېفىت گوروھىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئامېرېكىنىڭ دانالار قاتلىمىدا 1914-يىلدىكى ئەھۋاللار كۆرۇلىشكە باشلاپ،ئۇلار ئاللىقاچان لوندوندىن جاھانگىرلىكنى ئۆتكۇزۋېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى.

  ئەممائۇلار تېخى پىشىپ يېتىلمىدى.

  ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى خارابىلىق ئىچىدىن قەت كۆتىرىپ،يەر شارىنىڭ خوجايىنىغا  ئايلىنىشى  ئۇچۇن يەنە بىر مەيدان ئېچىنىشلىق ئىقتىسادىي چۇشكۇنلۈكتىن بىر ئورگان قۇرۇشقا مۇھتاج بولدى. شىركەتلەشكەن بىر شەخس ئېگىدارچىلىغىدىكى،دۆلەت ئېگىلىگىدىكى مونىپول تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىسۈرۈشى .بۇ ئورگان سورگان-روككېفېللېر ھامىيلىقىدىكى نىيو يۇرك تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت كېڭىشىدىن ئېبارەت.

  گەرچەئەزەلدىن ئاشكارە قىلىنمىغان بولسىمۇ،ئەمما سورگان بىلەن روككېفېللېر ئەندىزىسى  ئەنگېلىيە شەرقى ھېندىستان شېركىتىنىڭ كۆچۇرۈلگەن نۇسخىدىكى (ئايال پادىشاھ ئالاھىدە ئېجازەت بەرگەن) شەخسىي ئېگىلىكتىكى شېركەت، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئارمىيەسى بار بولۇپ،خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھېمايىسىگە ئېگە ئېرىشىپ،خىيالىغا كەلگىننى قىلىپ،خالىغانچە بۇلاڭ-تالاڭ ئېلىپبېرىپ،ئەپيۇن ئېكىسپورت قىلىپ ئۇرۇش قوزغىدى. شۇنداق قىلىپ پەسكەش دۆلەت ھۆكۇمەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خۇسۇسىي ئىمپېريەلەر ئەمىليەتتە،ھېنرى.لوسنىڭ1914-يىلدىكى «ئامېرىكا ئەسىرى»  نامىلىق داڭلىق باش ماقالىسىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان.

  پۈتكۈل ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش دۇنياغا ھۆكۇمرانلىق قىلىدىغان،دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت رولىنى ئېلىشى-نىيۇ يۇرك تاشقى مۇناسىۋەت كېڭىشى ۋە ئالاقىدارئۇرۇش بىلەن تېنىچلىق تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ بىر قاتار مەخپى يىغىنلىرىدا كۆڭۇل قويۇپ پىلانلىشىدىن ئۆتكەن

بۇ ئورگاننى روككېفېللېر گوروھى روككېفېللېر فوندى ئارقىلىق تەمىنات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن ئىككى يىل بۇرۇن، 1943-يىلى 7-ئايدا تاشقى مۇناسىۋەت كېڭىشى ئەينى ۋاقىتتىكى يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان مەيكىند ۋە ئۇنىڭ جۇغراپىئەلىك سىياسىي تەڭپۇڭلىق تەلىماتىغا قارىتا چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلدى،بۇ«ئامېرېكا «ئەسىرى» نىڭ قانۇنىيتىنى بېكىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم.

مەيكىندنىڭ نۇقتى-نەزىرى تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت كېڭىشى ئىجات قىلغان «دېلۇماتىيە» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىغان بۇلۇپ،ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «مۇكەممەل دۇنيا ۋە تېنىچلىقنى قولغاكەلتۈرۈش» ئىدى.

ئىنتايىن مۇھېم ۋە ھەممىگە چۇشۇنىشلىك بولغان بۇ ماقالىدە،مەيكىند ئۆزىنىڭ قېرىندىشى بولغان ئامېرىكىنى ئوتتۇرغا قويغان،«......ئەگەر سوۋېت ئىتپاقى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتاگېرمانىيەنى بويسۇندۇرغۇچى قىياپىتىدە ئوتتۇرغا چىقسا،ئۇ ئەڭ قۇدرەتلىك بولغان قۇرۇغلۇق دۆلىتى بولۇشى مۇقەرەر بولۇپ،بۇ يەكۇندىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،ئۇ ئىستىراتتېگىيە جەھەتتە ئەڭ قۇدرەتلىك مۇداپىئە ئۇرنىغا ئىگە.يادرولۇقبەلباغ (سوۋېت ئىتپاقى) يەر شارىدىكى «ئەڭ زور تەبئى قورغان.» بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەكلەش ئۇچۇن ۋىنستون.چىرچىل ۋە ئەنگىلىيە دانالىرى ھېچ نەرسىگەقارىماي ئامېرېكىنى قايىل قىلش ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى (NATO) نى قۇرۇپ،سوغوق مۇناسىۋاتلەر ئۇرۇشىنى قوزغىدى.شۇنىڭدىن كېيىن،1946-يىلى چىرچىل ترومان زوڭتوڭنىڭ يۇرتى   مىسسۇرى شىتاتىنىڭ فۇلتوندا «تۆمۇر پەردە» تېمىسىدىكى مەشھۇر نۇتىقىنى ئېلان قىلدى.

ئېنىقكى،پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر سىياسىي جەھەتتە مەيكىندنىڭ جۇغراپىئەلىك سىياسىي نۇقتىنەزىرىنى قولانسىلا،ئاندىن ئۆتكەنكى 100يىللىق تارىخنى بىر قەدەر ئەتراپلىق چۇشۇنەلەيدۇ.تولىمۇ ئەپسۇس،ئەنگىلىيە-ئامېرىكىنىڭ ئازساندىكى دانا ئىستىرارتتىگىيچىللىرىدىن باشقا دۇنيادا ناھايتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلاجۇغراپىئەلىك سىياسىيشۇناسلىق ئىلمىگە ئىتىبار بىرىدۇ.بۇ كىتاپ كىشىلەرنىڭ ئەنگىلىيە-ئامېرىكاجۇغراپىئەلىك سىياسىتىنى قايتدىن ئېنىق تونۇپ يېتىشتە كۆڭۇلدىكىدەك ئوقۇشلۇق بولالايدۇ.يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمەن دەيدىكەن بۇنى تونۇپ يىتىش كېرەك.

ئېراقتىكى ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالى

گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئۇچ دائىملىق كېڭەشتىكى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىشىغا ئۈچرىغان بولسىمۇ،ئەمما بوش ھۆكۇمىتى يەنىلا تاق تەرەپلىكقارار چىقىرىپ،2003-يىلى ئېراققا تاجاۋۇز قىلىپ،پۈتۈن دۇنياغا ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالىنى ياڭراتتى.ئامېرىكا ھۆكۇمىتىدىن باشقا،ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۇمەتلىرى سادام ھۆسەيىننىڭ بازا تەشكىلاتى ۋە بىللادىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى ئېنىق بىلىدۇ.سادام بىللادىننىڭ ۋەيران قىلغۇچى تەلۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.سادامنىڭ زور كۆلەملىك قىرغۇچى قۇراللار بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق.ئېراق ئامېرىكىغا ھېچقانداق تەھدىت پەيداقىلمايدۇ،شۇنداقلا ياۋروپا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ.

دۇنيادىكى نۇرۇنلىغان دۆلەت ھۆكۇمەتلىرى ئورتاق بىر تۇنۇشقا ئېگە بولۇپ،يەنى بوش چېنېي ھۆكۇمىتى پۇتۇن كۈچى بىلەن ئېراقنى ئىشخال قىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى،نېفىتنى كونتىرول قىلىش بولۇپ،كونتىرول قىلغان نېفىت قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.ئېراقنىڭ تېخى ئاچمىغان نىفىت زاپىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسا،دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنداتۇرىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى،جۇڭگۇ،رۇسيەۋە فىرانسىيەنىڭ نېفىت شىركەتلىرى ئاللىبۇرۇن سادام ھۆكۇمىتى بىلەن نېفىت قېزىشكىلىشىمى ئىمزالىغان.1991-يىلى ئامېرىكا-ئېراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن جازانى بېكار قىلىپ، بۇ دۆلەتلەر ئېراقتىكى تېخى قېزىلمىغان نېفىتلەرنى قېزىشقا باشلىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-3 04:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 08:40:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنى ؟ ئاخىرنى يېزۋىتىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 09:28:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر ماتېرىيالدا 2014-يىلى ياكى 2015-يىلى ئارلىقلىرىدا ئامرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ  دۇنيا مىقياسىدا چوڭ تىپتىكى  بىر ئۇرۇش قوزغاش پىلانىنىڭ ئاشكارلانغانلىق توغرىسىدا بىر گەپنى كۆرگەندەك قىلغانتىم.ئۇلارنىڭ (فرې مېششېن)دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر تەشكىلاتىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتاتتى. بۇ توغۇرلۇق بىلىدىغان دوستلار بولسا خەۋەردار قىلساڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91248
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 10:09:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماسون تەشكىلاتى دەيدىغان بىر تەشكىلاتبار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89518
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 11:07:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xaxmas يوللىغان ۋاقتى  2013-9-3 08:40 PM
ئاخىرى قېنى ؟ ئاخىرنى يېزۋىتىڭ

بۇ بىر چوڭ ھەجىملىك كىتاپ،ئاخىرىنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ يوللايمەن.

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19948
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10613 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 11:27:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنابىز ....

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 11:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئوچورلار بىلەن  تەمىللىگىنىڭزگە كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 11:48:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپىسىز، سىزگە  قۇرۇق رەخمەتلەر بىلەن ئىلھام بىرىشتىن باشقىسىنى قىلالمايمىز، تور بەتكە تېما يوللاپ باشقىلارغا يارىتىىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنچە چوڭ ھەجىمدىكى تەرجىمىنى باشقا ئىلىپ چىقماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ھارمىغايسىز!

ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4805
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 12:11:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىنىڭ باش قىسىمىنىلا ئوقىدىم ،بىر ماقالىغا ئادەتتە ئاپتورنىڭ تۈرلۈك ئۆزىگە ياكى ئۆزى تەۋە بولغان  ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىغا ۋەكىل بولىدىغان كۆز قاراشلىرى سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ ، شۇڭا ئاپتورنى چۈشىنىش ماقالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن

ئەسەرنىڭ ئاپتورى كىمكەن ؟
كوممۇنسىتىك پارتىيگە ئەزامىكەن ؟
ئاپتور خۇداغا ئېتقاد قىلغۇچى ،ھەق ناھەق ،دوزاخ جەننەت ئۇقۇملىرىغا ئىگە  ئامىمىدىنمىكەن ياكى پۇل ئىلاھىسىغا ئېتقاد قىلغۇچى،ھەرقانداق ھادىسىنى ئىقىتسادىي پايدا مەنپەئەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغۇچى  ئاممىدىنىمىكەن ؟
بولسا مۇشۇلار توغرىسىدا بىر ئۇچۇر يوللىنىۋەتسە .
مەن مۇشۇ چاغىچە ئامىرىكىنىڭ نېمىشقا ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەبىتلەرنى قوللاش ئارقىلىق نېفىتقا ئېرىشىش يولىنى تاللىماي ،ئۇلارنى ئاغدۇرۇشتەك ئىقتسادىي كۆپ چىقىم كېتىدىغان ، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تامامەن مۇمكىن ھالەتتىمۇ  ئەكسىچە دۈشمەننى كۆپەيتىشەك غەلىتە يولغا كىرىۋالغانلىقىغا قىزىقىپ كېلىۋاتقان ئىدىم .

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 12:22:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە  تەشەككۈرلەر بولغاي!

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش