ئىزتىراپلىق خىياللار
ئويلاپ ئۇزاق ئازابلارغا بولىمەن غەرق،
ئادەملەرگە قاراپ بەزى،ياقا تۇتىمەن.
نىمە ھايۋان بىلەن ئادەم ئارىدا پەرق،
قىيناپ مېنى تالاي سوئال،ئازاب يۇتىمەن.
بەخت ئۈچۈن بەدەل بېرىپ رىيازەت چەكسەك،
كېتەر ئىكەن يىراقلارغا بىردەمدە تاشلاپ.
ئاھ ئېسىت دەپ قالار ئارمان،قالاركەن ئىستەك،
ئۈلپەت بولۇپ قىينايدىكەن يەنىلا ئازاب.
ئادەملەردە يوقالغاندا ئەقىدە-ئىمان،
بولار ئىكەن يۈرىكى تاش،ئاجىزنى كۆرسە.
قوزغىلاركەن ئادەم تۇرۇپ ئادەمگە گۇمان،
يىتىملەرنىڭ يېشى بىلەن ھالاۋەت سۈرسە.
سۆيمەك بولساڭ بىر جاناننى ئەقىدەڭ بىلەن،
نازلىق باققان خۇيى سېنى ئەيلىسە ئەسىر.
تاشلاپ سېنى ، بىراۋ بىلەن ئېيتاركەن ئۆلەن،
ئايلىناركەن خارابلىققا،ئۇ تۇرغان قەسىر.
قەددى چىنار ئەركەكلەرمۇ بۇدەم بەك چۈشكۈن،
ئويلىمايدۇ ئۆزىمىز كىم، كىمنىڭ ئەۋلادى؟
ھاياتلىقتىن ئاسان يولنى تاپسىلا ئۈچ كۈن،
كىرمەس ئەسكە، مەزلۇملارنىڭ ھىچ ئاھۇ-پەريادى!
ئەۋلاد شۇدەم قاچار ئىلىم-ئىرپاندىن يىراق،
ئاتىلارنىڭ كۆيۈنگىدەك بولمىغاچ ھالى.
ئويغاقلارنىڭ تىلار داۋام باغرىنى پىراق،
نېمە قىلسا بولالمىغاچ ئازابتىن خالى.
تۈنلەر بىدار، ئىزتىراپلىق خىياللار ئارا،
تىلەپ دائىم:دىنداشلارغا تەۋپىق ۋە ئىمان.
تۇيۇق يولنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى قارا،
ھىس قىلمايسەن،كۆز ئالدىڭنى توسىغاچ تۇمان.
ھاياتلىقتا تىنىق پۇرسەت، تىنىق غەنىمەت،
رەببىمىزنى كۆز ئالدىڭدا قىلغاندا خىيال.
تەپەككۇردىن زېھىن ئۈزمەس ئويغاق ئەزىمەت،
ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدا قۇچىدۇ ۋىسال!
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-3 11:34 AM