|
|
|
|
كېلىپ يىراق يېقىندىن، ئورۇن ئېلىپ بېقىندىن، ئېرىپ قارا چېقىندىن، ئوينار قاۋاق قىزلىرى.
قايتا قىلىپ گىرىمنى، كېيىپ مودا كىيىمنى، تىكىپ قايتا جىرىمنى، ئوينار قاۋاق قىزلىرى.
ئېلىپ تاشلاپ ماسكىنى، دوراپ سۆزمەن-كاسكىنى، ئىمىپ قۇرۇق سوسكىنى، ئوينار قاۋاق قىزلىرى.
شاراب ئىچىپ تويغۇچە، رومكا يالاپ قويغىچە، لىڭشىپ زىلۋا بويغىچە، ئوينار قاۋاق قىزلىرى.
چايقاپ لەرزان بېشىنى، تۆكۈپ ئۈنسىز يېشىنى، بۇلغاپ يېگەن ئېشىنى، ئوينار قاۋاق قىزلىرى.
ئۇنتۇپ تۇرمۇش غېمىنى، ئىزدەپ ئەردىن كېمىنى، بۇزۇپ ئىپپەت تېمىنى، ئوينار قاۋاق قىزلىرى.
كېچىپ شەرمى-ھايادىن، يايراپ يوچۇن دۇنيادىن، يانماي سۇنۇق قىيادىن، ئوينار قاۋاق قىزلىرى. مەنبە: ئىجادىيىتىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-2 10:54 PM
|
|
|
|
|
|