مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17314|ئىنكاس: 179

سىرلىق سەپەر (2-بۆلۈم)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97260
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
55e736d12f2eb9389ad9ce1fd4628535e4dd6fa2.jpg



                                      سىرلىق سەپەر(2-بۆلۈم)

قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۇرلۇپ بۇ جىمجىتلىققا چۆككەن شەھەرگە ئۆزنۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چاچمقتا ئىدى .كىشىلەر توپ-توپ بۇلۇپ بەزىلىرى ئىشقا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن يۇگۇرەپ ماڭسا يەنە بەزىللىرى ئۇزىنىڭ ھەشەمەتلەك ماشىنلىرىنى ھەيدىگىنىچە قاتناش چىراقلىرىغا بويسۇنۇشۇپ ئاستا-ئاستا ئالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە.

مۇرات بولسا دوختۇرخانىنڭ ئايرىم  ياتىقىدا ھۇشسىز ياتاتتى ،مىھرىبان ئانا ھەم كۇيۇمچان دادا ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان مۇراتنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بۇلۇپ ئۇنىڭ ھۇشىغا كىلىشىنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتمەكتە .

بىرئازدىن كىيىن بىرقانچە دوختۇرلار سېستىرالارنىڭ ھەمىرالىقىدا مۇراتنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەلدى،ئۇلار بىرقاتار تەكشۇرۇشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ياشتا چوڭ بىر دوختۇر ئېغىز ئاچتى

-مۇراتنڭ ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى ،بىراق ئۇنىڭ قاچان ھۇشىغا كىلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىرنىمە دىيەلمەيمىز ،سەۋىرقىلىڭلار .

ئۇدوختۇر شۇنداق دىگىنىچە باشقىلارنى باشلاپ چىقىپ كەتتى ،مىھرىبان ئانىنىڭ كۇزى يەنە نەملەشتى

-دادىسى ،ئوغلىمىز قاچانمۇ ھۇشىغا كىلەر،بىچچارە بالام قانچىلىك قىينىلىۋاتقاندۇ؟

-بولدى سەۋىر قىلىڭلار ئاپىسى،ئاللاھ شىپالىق بەرسە چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ.-مۇراتنىڭ دادىسىمۇ پەقەت شۇنداقلا دىيەلىدى ،چۇنكى ھازىر دادىمۇ ئۆزئوغلىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەۋاتاتتى ،ئەمما ئۇ بۇنى دەپ ئۇزىنى بوشاشتۇرۋەتسە مۇراتنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرى ھازىرقىدىنمۇ بەكەرەك ئۇزىنى يوقىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن ئىدى .

ئالا ھەزەل چۇشتىن كىيىن سائەت 4لەر بىلەن مۇرات ھۇشىغا كەلدى ،بۇ خوشخەۋەر مۇراتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى.مۇرات كۆزلىرىنى تەسلىكتە ئاچتى ،ئۇنىڭ بېشى قاتتىق ئاغىرۋاتاتتى ،ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۇرۇندى ئەمما پۇتىنىڭ قاتتىق تېڭزىپ ئاغىرشىدىن ئۇزىنى كەينىگە تاشلىدى،مۇشۇ چاغدىلا ئۇ ئۇزىنىڭ بىر قۇلى ۋە بىر پۇتىنىڭ قاتۇر ۋىتىلگەنلىكىنى بىلدى،بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بىرقۇلى ۋە پۇتىنىڭ سۇنغانلىقى مانا مەن دەپ بىلنىپ تۇراتتى .

-مىدىرلىمىغىن بالام –مۇراتنىڭ ئانىسى شۇنداق دىگىنىچە كۆزياشلىرىنى سۇرۇتۇپ مۇراتقا ئانىلىق مىھرى بىلەن تەلمۇردى .

-سىز   سىز كىم ؟-بىچارە ئانا مۇراتنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سۇئالىدىن ھەيران بولدى.

-بالام نىمانداق ئادەم قورقۇتىسەن ،مەن سىنىڭ ئاناڭ جېنم بالام ،قارا داداڭ ۋە سىڭلىڭمۇ بار .

مۇراتنىڭ باياقى سۇئالىدىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئوماق سىڭلىسى گاڭگىراپلا قالغان بۇلۇپ ئۇزىنىڭ نىمە قىلىشىنى پەقەت بىلەلمىدى .

-جېنىم ئاكا ،مىنىمۇ تۇنۇمىدىڭمۇ؟مەن سىنىڭ بودەك سىڭلىڭغۇ؟-مۇراتنىڭ سىڭلىسى شۇنداق دىگىنىچە مۇراتنىڭ ئۇستىگە ئۇزىنى تاشلىدى.مۇرات بۇرۇن سىڭلىسىنى ئۇزىنىڭ جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى ،سىڭلىسىنى دەپ قىلمىغىنى قالمايتى ،ئۇنىڭ سىڭلىسى بىر ئاز سىمىز بولغاچقا مۇرات ئۇنى بودەك قوزام ،بودەك سىڭلىم دەپ ئەركىلىتەتتى .ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ئوماق قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسىگە ئالالمايتى .

-مەن سىلەرنى پەقەتلا تۇنۇيالمىدىم –مۇرات شۇنداق دىگەچ كېسەل كارۋىتى يېنىدا ئۇنتۇنسىز ياش تۇكۇۋاتقان بۇ ئۇچەيلەنگە ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىدى.

مۇراتنىڭ دادىسى بىر ئىشنى چۇشەنگەندەك بۇلۇپ دوختۇرلارنى باشلاپ كىردى ،دوختۇرلار مۇراتنى بىر قۇر تەكشۇرگەندىن كىيىن مۇراتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئايرىم يەرگە چاقىرىپ ،مۇراتنىڭ قىسقا مەزگىللىك خاتىرسىنى يوقاتقانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ بەك جىددىلىشىپ كەتمەسلىكىنى ،بۇ خىل خاتىرسىنى يوقۇتۇش كېسىلىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھۇشسىز ياتقانلىقتىن بولدىغانلىقىنى ،ئامال بار مۇراتقا ئۇنىڭ خاتىرسى يوقۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى كۆپەرەك ئەسلىتىشنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى .

دوختۇرنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇرات ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەندىشىسىن ئازىراق پەسەيتتى ،دىمىسىمۇ مۇرات ئۇچ ئاي ھۇشسىز ياتقان ئىدى.

ئىككى ئايدىن كىيىن مۇراتنىڭ كېسىلى سەللىمازا ساقايدى ،ئەمما ئۇ تېخىغىچە ئۇزىنىڭ قانداق بۇلۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتى .

كىيىن ئۇ بۇرۇن بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىرقۇر ئەسلەشكە باشلىدى.

ھېلىقى كۇنى يېرىم كېچىدە ئەسقەر قاتارلىقلار بوۋاينىڭ ئۇيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان چاغدا سىرىتتا تۇيۇقسىز قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى ،بوۋاي بىر نەرسىنى تۇيۇغاندەك بۇلۇپ مۇراتلارنى دەرھال قېچىشنى تاڭ ئاتقىچە توختاپ قالماسلىقنى تاپىلىدى ،ئۇزى بولسا ھېلىقى پىچىقىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئايەت ئۇقۇشقا باشلىدى.ئەسقەرلەر بۇ ئىشلارنىڭ سەل بىنورماللىقىنى ھىس قىلىپ بوۋاينىڭ دىگىنى بۇيىچە سىرىتقا قاراپ يۇگۇردى ،مۇرات ماشىننى ئوت ئالغۇزۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى ،ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تېخىغىچە ماشىنىغا چىقمىغانلىقىنى بايقاپ دەرھال كەپىگە كىرىپ كەلدى ،بۇ چاغدا كەپە ئىچى شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق تۇس ئالغان بۇلۇپ بوۋاينىڭ ئۇستى بېشى قىپقىزىل قان بىلەن بويۇلۇپ كەتكەن ،ئەسقەر بولسا ئايقىزنى پۇتۇن كۇچى بىلەن يۆلەشكە تىرىشسىمۇ ئەمما ھىچبىر ئۇنۇمى بولمايۋاتاتتى ،ئايقىز خۇددى نەچچە توننا تاشەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ئىككى قۇلى بىلەن بوينىدىكى بىر نەرسىنى بوشۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى ئەمما بۇنىڭ قىلچە پايدىسى يوق بۇلۇپ ئايقىزنىڭ بوينى بارغانچە سىقىلىپ كۆزلىرى قىپقىزىل قانغا تۇلۇپ كەتكەن ئىدى ،مۇرات ئەسقەرنى تارتىپ ئۇنى دىرھال قېچىقا ئۇندىدى ،ئەمما ئەسقەر

-مەن سىلەرگەجېنىمىنى تىكىپ قويدۇم،قېنى كىلىشە مىنى ئۆلتۇرۇش ،مۇردت سەن مەدىنەنى ئېلىپ تىز قاچ ،بۇ ئىشلارنى ئاخىرلاشتۇر –دەپلا قانداقتۇر بىر كۇچنىڭ تەسىرىدە ھاۋاغا كۆتۇرلۇپ ئۇچۇپ بېرىپ ھېلىقى ئۆينىڭ ئوتتۇردىكى تۇۋرۇككە قاتتىق ئۇرۇلۇپ يەرگە چۇشتى،دەل شۇ چاغدا بوۋاينىڭ بېشى ئۇزۇلدى ،مۇرات ئەس ھۇشىنى يوقىتىپ قويايلا دىگەن بۇلۇپ بىر چەتتە كۇچىنڭ بارىچە ۋارقىراۋاتقان مەدىنەنى قۇلىدىن تارىتقىنىچە ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى ،مۇرات ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ بۇ نەس باسقۇر يەردىن تىزىراق قۇتۇلۇشنى ئويلىدى .ئەمما مۇرات نىڭ پۇتۇن ئەس يادى يەنىلا شۇ كەپىدە ئىدى ،شۇ تاپتا ئەسقەر ۋە ئايقىز قانداق بۇلۇپ كەتكەندۇ؟ تۇيۇقسىز مەدىنەنىڭ –مۇرات ماشىنىنى توختىتىڭ ،ئااااااااااااااااااااااااااا،مۇرات-دىگەن ئاۋازى مۇراتنىڭ ئىسىدە قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمىسى ئىدى.

كىيىن ئۇ ئانىسىدىن نەچچە كۇندىن كىيىن ساقچىلارنىڭ تاغ باغرىدا بىر ماشىننىڭ ھادىسىگە ئۇچۇرغانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ نەخ مەيدانغا بارغانلىقىنى كىيىن مۇراتنى قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىنى ،مۇراتنىڭ شۇندىن كىيىن ئۇدا ئۇچ ئاي ھۇشسىز ياتقانلىقىنى بىلدى .

-ئۇنداقتا مەدىنەچۇ ؟-مۇرات ئۇزىنى تۇتۇۋالالماي يېغلاپ تاشلىغان ئىدى.

-شۇ كۇنى ساقچىلار بىزگە سىنىڭ ماشىنا بىلەن ھادىسىگە ئۇچۇرغىنىڭنى ھازىر ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ مېڭىلغانلىقىڭنى خەۋەر قىلدى،بىز ساقچىلاردىن مەدىنەنى سورىدۇق.ئەمما ئۇلار ماشىنىدا پەقەت سىنىلا بايقاپتۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا ھىچنىمىنى بايقىماپتۇ ،كىيىن ھادىسە يۇز بەرگەن يەردىن خېلى يىراق بىر يەردىكى بىر كەپىدىن بىر ئايال ۋە بىر بوۋاينىڭ جەسىدىنى بايقاپتۇ ،ئورمان ئىچىدىن بىر يىگىتنىڭ جەسىدىنى بايقاپتۇ ئەمما ئۇيىگىتنىڭ بېشى ئۇزۇۋېتىلگەن بولغاچقا كىملىكىنى پەرىق ئىتەلمەپتۇ ،مەدىنە بولسا شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزدىرەكسىز غايىپ بولدى.قۇدىللىرىمىز مەدىنەنىڭ دەردىدە تولا يېغلاپ تىشى قۇدىمىز كۇزىدىن ئايرىلىپ قالدى ،مەدىنەنىڭ غايىپ بولغانلىق خەۋىرى كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان مەدىنەنىڭ دادىسىنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي قازا قىلدى بالام ،بولغان ئىشلار مۇشۇ.

مۇرات ئانىسىنڭ سۇزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قاتتىق قايغۇردى،كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى.

نەچچە كۇندىن كىيىن مۇرات ئۆزىنىڭ مەدىنە بىلەن تۇتۇپ ئولتۇرغان ئۇيىگە قايتىپ كەلدى،ئۇ ئۇيان ئاختۇرۇپ –بۇيان ئاختۇرۇپ مەدىنە بىلەن بىللە چۇشكەن سۆرئەتلىرىنى تاپتى ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ  ئۇنسىز ياش تۆكتى ،كىيىن ئۇ مۇراتنىڭ ياستۇقىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇلغان بىر پارچە كونۋىرىتنى كۇرۇپ قالدى ،ئۇ كونۋىرىتنى ئېچىپ ئىچىدىكى بىر پارچە خەتنى كۆردى ئەمما خەتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ئۇزىنى تۇتۇۋالالماي ھۆڭگىرەپ يېغلاپ كەتتى.خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:

ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەڭگۇلۇك ھەمىراھىم ھەم قوغدۇغۇچۇم ،قەدەرلىك يولدىشىم مۇرات

بۇ گۈن مەن شۇنچىلىك خوشال ،بىلەمسىز نىمە ئۇچۇن ؟ مەن نەچچە كۇن بۇرۇن دوختۇرغا تەكشۇرتۇش ئارقىلىق ئۆزۇمنىڭ ھامىلدار بۇلۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم . بۇ خوش خەۋەرنى سىزگە قانداق دىيىشنى بىلەلمىدىم ،مانا ئەسلى مەن بۇگۇن سىزنىڭ بويۇنلىرىڭىزغا ئېسىلىپ تۇرۇپ بۇ خوش خەۋەرنى سىزگە ئېيىتماقچى ئىدىم ئەمما سىز ئەتىگەن بىزنىڭ ساياھەتكە باردىغانلىقىمىزنى ئېيىتتىڭىز ،شوڭا ماڭا يەنە پۇرسەت بولمىدى ،شۇندىمۇ مەن سىزنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋېتىش ئۇچۇن بۇ خەتنى يازدىم ،سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە سىز تۇنجى بۇلۇپ بۇ خەتىنى كۆرسىڭىز ھاردۇقىڭىز چىقىپ چۇقۇم ناھايتى خوشال بولىسىزغۇ دەيمەن.شۇ تاپتا مىنڭ سىزنىڭ خوشال بولغان ھالىتىڭىزنى كۆرگۇم بار ئىدى ،ئەمما سىزنى تۇيۇقسىز خوش قىلىش ئۇچۇن يالغاندىن ئاپامنىڭ ئۇيىگە بارماقچى بولدۇم،ئەگەر خوشال بولسىڭىز دەرھال كىلىپ مىنى ئېلىپ كىتىڭ ،شۇ تاپتا مەن سىزنىىڭ يۇلىڭىزغا تەلمۇرۇپ ئولتۇرۋاتىمەن ، سىزنى مەڭگۇ سۇيۇپ :ئايالىڭىز مەدىنەدىن

مۇرات شۇ كۇنى مېڭىشتىن بۇرۇن مەدىنەنىڭ بىر نەرسەمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ ئۆيگە كىرىپ چىققانلىقىنى ،يەنە سەپەر ئۇستىدە سەپەردىن قايتىپ كىلىپلا مەدىنەنى ئۇدۇل ئاپىسىنىڭ ئۇيىگە ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن دىيىشىدىغان گىپى بارلىقىنى دىگەنلىكى ئىسىگە كەلدى.

-جېنىم مەدىنە ، سىزنىڭ مىنى خوش قىلىش ئۇچۇن بۇنداق قىلىشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن ،شۇ كۇنى ئاپامنىڭكىگە بارمەن دىسىڭىز سىزگە ئاچچىقلىنىپتىمەن ،ماڭا نىمىشقا بۇرۇناراق دىمەيسىز ،ئەمدى مەن ھەممىدىن ئايرىلدىمغۇ سىزدىنمۇ تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالامدىنمۇ! ياق مەن سىزنى چۇقۇم تاپىمەن !

مۇرات شۇنداق دەپ ئۆز ئۇزىگە قاتتىق قەسەم قىلدى.ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ نەرسە كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇردى ،ئۇ ئەتىلا ھېلىقى ئورمانغا قايتا بېرىپ مەدىنەنى تېپىپ كىلىشنى كۆڭلىگە پۇكتى .

ئىشىڭنىڭ تۇيۇقسىز چىكىلىشى مۇراتنى يەنىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى دىمىسىمۇ نەچچە كۇندىن بۇيان ئۇنى يوقلاپ كىلدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۇزۇلمىگەن ئىدى .مۇرات ئىشىڭ ئالدىغا باردى

-كىمۇ؟-مۇرات شۇنداق دىگىنىچە مۇشۇك كۆزدىن سىرىتقا قارىدى،ئەمما سىرىتتا ھىچكىم يوق ئىدى.مۇرات بۇ بەلكىم مىنىڭ خىيالى تۇيغۇمدۇ دەپ قايتىپ كىرىپ كەتتى ،ئارىدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن ئىشىك يەنە چىكىلدى مۇرات يەنە ئوخشاش ئىشىك تۇۋىگە كىلىپ ۋارقىرىدى

-كىم ؟

-مەن –سىرىتتىن تولىمۇ خۇنۇك بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.مۇرات بۇ بەلكىم ئاستىنقى قەۋەتتىكى گۇلنۇر ھەدە بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى ،چۇنكى ئۇ ھەدەش مۇراتنى ئۇزنىڭ بالىسىدەك كۆرەتتى ،ئۇنىڭغا داۋاملىق تاماقلارنى ئىتىپ ئاچىقىپ بىرەتتى ،مۇراتمۇ گۇلنۇر ھەدىگە تولىمۇ ئامىراق ئىدى.شوڭا مۇرات ئىشىكنى دەرھاللا ئاچتى ،ئەمما قۇلىدىكى تېخى قۇيۇشقا ئۇلگۇرمىگەن كۇلدان يەرگە چۇشۇپ پارە –پارە بۇلۇپ كەتتى .مۇرات كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.

-مەدىنە~!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئىككىنچى قىسىمى پات ئارىدا ھۇزۇرىڭلاردا بولىدۇ!



            


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 99 توختاپ قالماڭ !
amannisa + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
مەلىكە + 500 داۋاملىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 699   باھا خاتىرىسى

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7523
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3460 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بولۇپ ئوقۇۋالدىم،........ ھې ھې ھې تېزراق يېزىڭ جۇمۇ، ئىككى تېمىنى تەڭ ئوقۇۋاتىمەن ئىز قوغلاپ..........

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7828
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇن ئېلىپ قۇيۇپ ئىككىنچى قىسمى چىققاندا بىراقلا ئۇقاي . بولمىسا ئاخىرىنى ئۇقۇپ بولغىچە بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97311
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ........ ئاخىرىنى ساقلايمەن ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاپا بولماي بۇرۇنقى ئادىرسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز؟مەن بېشىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40744
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3154
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان چىقا

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29867
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5436
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى قىزىقتۇرۇپ توختىتىپسىز ئەسەرنى،،،فىلىملەردىكىدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97260
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110335-1-1.html
مانا بۇ بىرىنچى قىسىمى !تورداشلارنىڭ ياختۇرشىنى ئۇمۇد قىلىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96466
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇلۈپ قالمىسا بولاتتى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
SAYDULLA520 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7828
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇناسىۋەتسىز گەپتىن بىرنى قىلىدىغان بوپقالدىم كەچۈرۈڭلار . ماڭا فىلىم ئىشلەيدىغان دىتال جىددىي لازىم بوپقالدى . ماڭا بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار . بۇرۇنمۇ ئىشلىتىدىغان دىتالىم بار ئىدى . لىكىن ئۇيغۇرچە خەت تۇنۇمايدۇ . بولسا ئۇيغۇرچە خەت تۇنۇيدىغان ياخشىراق دىتالنى دەپ بەرسەڭلار . بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار تېخىمۇ خۇش بۇلاتتىم  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش