قېرى قىز

باغــلاردىـكى تـوڭ غورىـلار ئالـما بوپتۇ،
بىر خېنىمنىڭ يۈرەكىـگە دەرت تولۇپـتـۇ.
15ياشــتا كۆڭـۈل بەرسەم ياراتمغان ،
مانـا ئەمــدى چاچلىـرىـغـا ئاق قونۇپـتۇ .

ئەلچى كەلسە ھال تارتىپ ياراتماي تېخى،
ئۆزىنى بىر شاھ قىزى دەپ قالغان چېغى.
ياشلىق قىسقا ئەمما يىل شۇنچىلىك سېخى،
ئايـدەك ھـۆسـنى- جامالىمـۇ ھەم سولۇپتـۇ .

ئۇ دېگەنتى ئۆزىنى بـىر ئەڭ ئېگىـز شـاخ ،
ئوينـاتـقـانـتى يىگىـتلەرنى خـېلى بىر ۋاخ .
ئەمدى دەيدۇ يايرىم مېنى مەن دېدىم ياق ،
سۇنغان شاخقا مەندەك يىگىت نە تۇرۇپتۇ .

سۆيگەن يايرىم بارمۇ سىز دەپ يېقىن كەلسە،
كۆزىدە ياش قاراپ كەتتى ئۇ بىـچارە .
ئەلـلەر-ئـاۋام ئېـغىزىدا شـۇ ھـېكايـە ...
قـېرى قىزچاق دەرت-ئەلەمدە ئولتۇرۇپتـۇ .
******
مەنبەسى: ئەپچىلەم