مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1385|ئىنكاس: 14

تىپىلىپ قالغان خاتىرەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10159
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2321 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 02:12:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارىلىق ئەزىرلىرىم ئالدى بىلەن كەمىنە دوستۇڭلەر مەغرۇرجاندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەر بىر كۈنۈڭلارنىڭ خوشاللىق ئىچىدە ئۈتىشىگە تىلەكداشمەن،ئەمدى ئۆز گىپىمگە  كەلسەم ئالدىنقى بىر كۈنلەردە ماتىرىيال ئىزدەش ئۈچۈن كومپىيوتىرىمنى رەتلەۋىتىپ تاساددىبىيلا ئۆزۈم يازغان كۈندىلىك خاتىرەمنى ئۇچىرىتىپ قالدىم راستىمنى ئىيىتسام بۇ كۈندىلىك خاتىرەمنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدىم سەۋەبىي مەن قۇلۇمغا قەلەم ئىلىپ خاتىرە يىزىپ باقمىغىلى قاي زامان ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۈندىلىك خاتىرە يازغان ۋاقتىممۇ ئىسىمدە قالماپتۇ، ئەمما مەن ئۆزۈمنى قەتئىيلا خاتىرە يازمايدىغان ئادەملەردىن دەپ قارىمايمەن يىقىنقى بىر نەچچە يىلدا يىزىپ باقمىغىنىم بىلەن بۇرۇن پات پات كۈن ئارلاپ بولسىمۇ يىزىپ تۇراتتىم شۇنداق بولغاچقىمىكىن بۈگۈن تاساددىبىي تىپىلىپ قالغان  خاتىرەم ماڭا بىر خىل يىڭىلىق تۇيۇلۇپ كىتىپ باراتتى گەرچە بۇ خاتىرىنىڭ ئۆزۈم تەرپىدىن قاچانلاردا كومپىيوتىرىمغا كۈچۈرۈپ قۇيۇلغىنىنى بىلمىسەممۇ لىكىن  خاتىرە مىنىڭ ئىدى..  شۇنداق قىلىپ تەققەززالىق قىزقىشلار ئىچىدە بۇ تاسادىبىي تىپىلىپ قالغان خاتىرەمنى ئاچتىم  خاتىرەمنىڭ بىشىدىكى يىل ئاي كۈندىن بۇ خاتىرىنىڭ بۇندىن 5يىل ئىلگىرى يىزىلغان كونا خاتىرە ئىكەنلىكىنى بىلدىم بۇ ئىككى كۈنلۈك خاتىرەم بۇلۇپ ئوقۇپ شۇنى ھىس قىلدىم يازغىنىم كۈندىلىك خاتىرە ئەمەس چاتما خاتىرىگە بەكرەك ئوخشاپ قاپتۇ ئىشقىلىپ قانداقلا خاتىرە بولسۇن بۇ مىنىڭ تىپىلىپ قالغان كونا خاتىرەم !قىنى ئەمسە مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرەمنىڭ قۇرلىرىغا مەرھەممەت قىلىڭ.

بۈگۈن 2008-يىلى 9-ئاينىڭ30-كۈنى ھاۋا ئۇچۇق ‹‹ئۈرۈمچى››

ئەسسالام خاتىرەم ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئۇزۇن بوپتۇ سەن بىلەن ئەھۋاللاشمىغىلى مەن يوق كۈنلەردە غىرىپسىنىپ قالغانسەن ھە!ساڭا دىسەم خاتىرەم يىقىنقى مەزگىللەردە 6يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقىي خۇلاسە ئىمتاھاننىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بوپ قالدىم، كۈنۈم ئەتىگەندە ھەدەم بىلەن مەكتەپكە بىرىش، 6سائەتلىك دەرىسنى سىنىپتا مىختەك ئولتۇرۇپ 100%دىقىتىمنى بىرىپ ئاڭلاش بىلەن ئۆتىتى ،ۋاي  6سائەت دەپتىمەنغۇ 7سائەت ھازىر پۈتتۈرسىلەر دەپ بىر سائەت تەكرار قۇشۇلدى  بەك چارچاپ كەتتىم ئىمتاھاننى دەپ سەن بىلەن ئازراق بولسىمۇ ئەسرالىشىپ تۇرالمىدىم مىنى كەچۈر ،ئۆيگە كەلسەم  تاپشۇرۇق تۇرغان ئىشلەپ بولغۇچە سائەت 10دىن ئاشىقان ھارغىنىمدىن ئۇخلاشقا ئارانلا ئۈلگۈرىمەن بىچارە ھەدەممۇ ماڭا دەرىس تەكرارلاپ بىرىپ مەن بىلەن تەڭ ئۇخلاۋاتىدۇ  ھىلىمۇ شۇ ھەدەم بوپ قاپتىكەن ئىنشائاللا.. ئىشقىلىپ بۇ قىتىملىق پۈتتۈرۈش ئىمتانىغا پۈتۈن كۈچۈن بىلەن تەيارلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماڭا سىڭدۇرگەن ئەجىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتىم ئەڭ مۇھىمى مىنىڭ 6يىللىق ئوقۇشۇمغا ئەڭ چوڭ ياردەمدە بولغان مەن ئۈچۈن ئاز بولمىغان قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئاشۇ مىھرىبان ھەدەمنى دەپ بولسىمۇ تىرىشتىم ،مانا بۇ ئىمتىھانلار ئاخىرى تۈگىدى ھازىر نەتىجەمنى ساقلاۋاتىمەن، ساڭا دىسەم خاتىرەم بۇ نەتىجىنىڭ ئەمدى ماڭا ئەھمىيتى يوق بۇ پۈتتۈرۈش ئىمتاھانى مەن ئۈچۈن مەكتەپ قوينىدىم ئايرىلىش مارىشى بوپ قالدى ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكى تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەن ئەمدى ئوتتىرا مەكتەپنى ئوقۇيالمايدىغان بولدۇم ...ۋاي ۋاي كۆزۈمدىن ياش چىقىۋاتىدىغۇ  بۇ نىمە بولغىنى  ماڭا بولدى قىل دىگىن خاتىرەم ئوغۇل بالىغا يىغا ياراشمايدۇ دىگىن  توغرا ئوغۇل بولغان ئىكەنمەن كۆزۈمدىن بۇنچە ئاسان ياش ئاخسا قاملاشمايدۇ .شۇ ئۆيدە ئوقۇيدىغان بولدۇمغۇ  يەنە ئوقۇيمەن ئوخشاشلا ئەمما شەكىل ئازراق ئۆزگەردى خالاس، ماڭا قۇلاي بولدى مەن خوشال ئىنتايىن خوشال بايىقى كۆزۈمدىن تامچىپ چۈپكەن ياش بەلكىم ئانا مەكتىپىمگە ئۇستازلىرىمغا بولغان قىيالماسلىقىمدۇ .. خاتىرەم سەن بىلەن دىدارلاشمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ بۈگۈن سەل كۆپرەك سۆزلەپ قۇيدۇم ،بۈگۈن ھاۋا نىمانچە ئىسسىق ھە قۇياش پارلاپ تۇرىدۇ بىلگىنكى خاتىرەم ئىگەڭنىڭ كەلگۈسى ئاللا خالىسا ئەنە ئاشۇ پارلاپ تۇرغان قۇياشتەك پارلاق بۇلىدۇ ،،بۈگۈن ھاۋا ياخشىكەن چىنىقىشقا چىقاي سەن بىلەن دىدارلىشىپ ھەقىقەتەن خوش بولدۇم  خەيىر خاتىرەم  ئەمدى ھەرگىز  يالغۇز قالمايسەن.

2008-يىلى10-ئاينىڭ 1-كۈنى تاڭ سەھەر ‹‹ئۈرۈمچى››

ئەسسالام خاتىرەم بۈگۈنكىدەك گۈزەل سەھەردە سەن بىلەن دىدارلاشقىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن ئەمما بۈگۈن سەن بىلەن باشقىچە ئۇسۇلدا ئەسرالىشىپ قالدىم يەنى مەن سەن بىلەن سۈتتەك ئاق كونسىپىت ئىچىدە ئەمەس بەلكى تىلغۇنىمنىڭ ئۇچۇر يىزىش بىتىدە ئەسرالىشىشقا مەجبۇر بولدۇم سەۋەبىي مەن ھازىر دوختۇرخانىدا، چۈچۈپ كەتمىگىن يەنە بۇ ئىگەمگە نىمە بولدىكىن دەپ مەن ئىنتايىن ياخشى ماڭا قارا ،بۇ ھايات ئەنە ئاشۇنداق ئۆزگىرىشچان بۇلامدۇ ھىچ بىلمىدىم، تۈنۈگۈن مەن سەن بىلەن خوشلىشىپ چىنىقىشقا چىقىپ كىرسەم  ئۆينىڭ تىلفۇنى تۇيۇقسىز سايراپ قالدى  دوختۇرخانىدىن كەلگەن تىلفۇنكەن مۇمام خەنچىنى چۈشەنمىگەچكە تىلفۇننى ماڭا بەردى تىلغۇننى ئىلىپ ھاڭ- تاڭ قالدىم  نەچچە ئاي ئالدىدا خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇختۇرۇش قىلىشى بىلەن دوختۇرخانىغا بىرىپ ھۈكىمەت تەرپىدىن ھەقسىز تۈرلەر بۇيىچە ئاپراسسىيە قىلىپ داۋالاش تۈرىگە قاتناشقان ئىدىم مەن پىلانغا تاللىنىپتىمەن  دوختۇر دەرھال دوختۇرخانىغا كىلىشىمنى ھەممە ئىش نۇرمال بولسا ئەتىلا ئەپرەس قىلىدىندىغانلىقىمنى ئۇختۇردى شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىدا سەن بىلەن مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئەسرالىشىپ قالدىم يەنە نەچچە سائەتتىن كىيىن ئاپرەسيەگە كىرىمەن تۈنۈگۈن بىر چۈشتىن كىيىن دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈشلەردە بولدۇم بىلەمسەن خاتىرەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن  تىپىپ بولغان ئائىلە ئوقۇتقۇچۇم قايتۇرۋىتىلدى  نىمە دەي ئەمدى ساڭا نىمە دەي؟ بىلەمسەن بەك كۆڭلۈم يىرىم بولدى بىر ئاپرەسنىڭ ئىشى بىلەن پۇتكۈل پىلانلىرىم يوق بولدى ئەمدى ئىمتاھاننى تۈگىتىم ئارام ئالاي دەپ تۇرۇشۇم بۇ ئىش چىقتى  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چوڭ ئاپرەسكەن مەنغۇ كەلگۈسۈم ئەتەم ئۈچۈن چىدايمەن ئەمما....ئەتراپىمدا بۇۋام ۋە مۇمامدىن باشقا بىر كىچىك ئاپاملا بار  بۇۋام بىلەن مۇمام ياشقا چوڭىيىپ قالدى ئۇلارغا ئىغىرلىقىم چۈشۈپ قالامۇ؟ ئەڭ ئاددىيسى تۈنۈگۈن مىنىڭ ئاپرەسيەگە قۇشۇلىش كىلىشىم نامىسىگە قول قۇيىدىغان بىر ئادەم چىقمىدى ئۇنداق دىسەم ماڭا دەرت ئىيتىۋاتىدۇ دەپ قالمىغىن ئاپام بولسا مەندىن يىراقتا  ۋاپاسىز دادامغا تۈنۇگۈن بىر چۈشتىن كىيىن تىلفۇن قىلىپ چىقتىم ئاران تەستە ئالدى تىلفۇننى  مەن ئىشلەۋاتىمەن ئىسمىنا دەيدۇ  توۋا ئويلاپ باققىنچۇ خاتىرەم بىر دادا بولغان ئەر ئۆز پەرزەنتىنىڭ جىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشتا مەن ئىشلەۋاتىمەن دىسە توۋا بەك ھار كەلدى ماڭا  بۇۋام مەن قويەي دىگەن بولسىمۇ دوختۇر بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن كەممەيدۇ دەپ  قۇيۇپ مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ  ياخشى ئارام ئال بولدى ئويلىمىغىن يىگىت دەپ قۇيۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ياتاقتىن چىقتى مەن ئاران ئالدىم كۆزۈمدە ئۇيقۇ كۆرۈنمەيتى  يىرىم كىچە بولغاندا ياتاق ئىشىكى چىكىلدى بۇ دادام ئىدى  ئانچە مۇنچە ئاھۋال سوراشتۇق ئاندىن دادام ئەتە غۇلجىغا بارىدىغانلىقىنى قولنى قويۋىتەي دەپ كەلگەنلىكىنى ئىيىتتى قەلبىم راستىنلا ئازاپلاندى مەن جان غىمىدە يۇرسەم دادام نىمىنىڭ غىمىدە ؟ ھىلىمۇ ئۆزۈمنى تەڭشەشكە ماھىركەنمەن بۇنى ئىچىمگە سالمىدىم چۈنكى دادام ئەسىلدىنلا مۇشۇنداق ئىدى ...خاتىرەم بەك جىق سۆزلەپ كەتتىم سەنمۇ مۇڭغا چۈمۇپ كەتكەندەك قىلىسەن... ھازىر مەن شۇنداق ياخشى ھەممە ئىش نۇرمال  ئەرگە سىناق مىڭ دەپتىكەن مەن چۇقۇم بۇ سىناقتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارتىمەن خەيىر خاتىرەم  ماڭا ئىشەنگىن ‹‹ئىگەڭنىڭ كەلگۈسى چۇقۇم نۇرلۇق قۇياش كەبىي پارلاق بۇلىدۇ››ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم سەن بار يەردە غەم مەندىن يىراق مەيلى ئۇ ۋاپاسىز كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن  مىنىڭ يىنىمدا ئادەم كام ئەمەس  بولدى بۈگۈنكى خاتىرەم مۇشەگىچە بولسۇن ئەمدى ئۆزۈمگە بىر كۈلۇمسىرەيدە ئاپرەسيەنىڭ تەييارلىقىىنى قىلاي  خەيىر ئاللاغا ئامانەت.

بۇ تاساددىبىي تىپىلىپ قالغان خاتىرەمنىڭ قۇرلىرى مانا مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى بۇ خاتىرە مىنىڭ 5يىل ئاۋالقى ئۆزۈمنى سۈرەتلەپ بەردى ھەم ھاياتىمدىكى ئەڭ سىناقلارغا تولغان مەزگىلىنى ئەسلەتتى  مەن ھازىرمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئانچە مۇنچە خاتىرە يىزىپ تۇرمۇشتىن كارتىنا قالدۇرۇپ قۇيىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .بۇ يازمام تىپىلغان خاتىرەم ئاساسىدا يىزىلدى خاتىرە مەزمۇنى ئۆز پىتى ئىلىندى  ماس ھالدا سۆز  جۈملىلەر تەھرىرلەندى.

مەنبە ؛ئۆز خاتىرەم ۋە قەلىمىم

ئاپتورى:مىرئادىل


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-2 12:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 01:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇندىلىك خاتىرە دىگەن مەخپىيەتلىك بوممامدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 01:31:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىمىگەن بولسىڭىز تېخىمۇ تەبىئىي، چىن، گۈزەل چىقاركەن، شۇنداقتىمۇ شۇ گۈزەل مىنۇتلاردىكى ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 01:32:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىمىگەن بولسىڭىز تېخىمۇ تەبىئىي، چىن، گۈزەل چىقاركەن، شۇنداقتىمۇ شۇ گۈزەل مىنۇتلاردىكى ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

مەحمۇت شىحو

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23466
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7124
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 01:32:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك قۇرلار خاتىرلىنىپتىكەن.كىچىكلا تۇرۇپ شۇ چاغدا ئاشۇنچىلىك ئشلارنى ئويلاپ يىتەلەپتىكەنسىز.

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 01:32:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىمىگەن بولسىڭىز تېخىمۇ تەبىئىي، چىن، گۈزەل چىقاركەن، شۇنداقتىمۇ شۇ گۈزەل مىنۇتلاردىكى ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 02:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خاتىرە يىزىپ ئانچە مۇنچە ئەسلىمە قالدۇرۇپ قويسام دەيمەن ، ئەمما مىنڭمۇ ئاشۇنچىلىك ۋاقتىمدا  ئاپام نەسىھەت قىلىپ بالام كۈندۈلۈك خاتىرە ۋاقتى كەلگەندە ساڭا دۈشمەن بوپ قالدۇ ، يازما دەيتى .

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

ئاللاھ خالىسا كۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24077
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7454
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 818 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 02:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن.لېكىن ئاپامنىڭ ئوقۇۋىلىشىدىن قورقىمەن  شۇڭا يازمايمەن

بۇ شۇنداق ئاتالمىغان ئوقىدىن ،چىچالمىغان پوقىدىن كۆرۈپ ياشايدىغان زامانكەن

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتىرىنى ياخشى يېزىپتىكەنسىز ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۋاتقانسىز ..ھە

نەشتەر ئەپەندى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97311
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا شۇ ئادېتىڭىزنى يەنە قايتا باشلىۋىلىڭ ..

دۈشمەنلەرگە نەشتەر كەبى سانجىلسام ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش