كارىز بويىدىكى تاكىراڭلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئادىل غاپپار كارىزى
1)تاكىراڭلارنىڭ سانى
تاكىراڭخانىدا ئىشلەيدىغان تاكىراڭلارنىڭ ھەرقايسى يىللاردىكى ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. 1995-يىللاردا، يەنى تۇرپاندا تاكىراڭخانىلار يېڭى ئېچىلىپ، خېرىدار مەنبەسى كۆپ بولمىغان ۋاقىتلاردا، تاكىراڭلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ئىدى. 2000-يىللاردىن باشلاپ،تۇرپاندا تاكىراڭخانىلار كۆپلەپ پەيدا بولۇپ، 2003-يىللارغا بارغاندا، ئەڭ كۆپ سانغا يەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ يەردە ئىشلەيدىغان تاكىراڭلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن 2011-يىلدىكى سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى ئاشخانا، ئارامگاھ، KTV كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ۋە مېھمانخانا قاتارلىق ناملاردىكى تاكىراڭخانىلاردىكى تاكىراڭلارنىڭ سانى 387 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تاكىراڭلار 292 نەپەر، خەنزۇ تاكىراڭلار 95 نەپەر ئىدى. بۇنىڭ ئىچىگە، شەھەر ئىچىدىكى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىكى خۇسۇسىي ئۆيلەرگە جايلاشقان تاكىراڭخانىلاردىكى، يېزا-بازارلاردىكى ئاۋات بازا بويىغان جايلاشقان ئائىلىۋىي تاكىراڭخانىلاردىكى ۋە توقسۇن، پىچان، ئۈرۈمچى ۋە باشقا يۇرتلاردىن كېلىپ كېتىپ يۈرىدىغان سەييارە تاكىراڭلارنىڭ سانى سىتاتېستىكىغا كىرگۈزۈلمىگەنمىدى. بۇ جايدىكى تاكىراڭخانىلاردا ئاز دىگەندە 2-3 نەپەر، كۆپدىگەندە 7-8 نەپەر تاكىراڭ بار ئىدى.
2) تاكىراڭلارنىڭ رايۇن تەۋەلىكى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا،تاكىراڭلار ئىچىدە يەرلىكلەر ئاز، سىرتتىن كەلگەنلەر كۆپرەك ئىدى. تاكىراڭلار ئىچىدە، تۇرپان شەھەر ۋە يېزا تەۋەسىدىن 29 نەپەر، توقسۇندىن 44 نەپەر، پىچاندىن 38 نەپەر،كۇچادىن 74 نەپەر، ئاقسۇدىن 41 نەپەر، بايدىن 28 نەپەر، شاياردىن 21 نەپەر،قەشقەردىن 4 نەپەر، ئۈرۈمچىدىن 13 نەپەر، ئىچكىرىدىن(سىچۋەن، خېنەن، خۇنەن قاتارلىق جايلاردىن) 95 نەپەر تاكىراڭ بار ئىدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، تاكىراڭلار ئىچىدە يەرلىكلەر ئاز، سىرتتىن كەلگەنلەر كۆپرەك بولۇپ، ئادەتتە تاكىراڭلار يۇرت ئاتلاپ تېرىكچىلىك قىلاتتى.
3) تاكىراڭلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى 17 ياش، ئەڭ چوڭى 44 ياش ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 41نەپەر، 21 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 98 نەپەر، 26 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 121 نەپەر، 31 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 87 نەپەر،36 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 31 نەپەر، 41 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 19 نەپەر ئىدى.
يۇقۇرقى ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارئىچىدە ياشلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، 17 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان تاكىراڭلار 347 نەپەر ئىدى، بۇ ئومومىي تاكىراڭ سانىنىڭ %89.66 تىنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارمۇ بار ئىدى. بۇ بىزنى تۇلىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال...
4) تاكىراڭلارنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىكاھتىن ئاجرىشىپ چىقىش يولى تاپالمىغانلار ئىدى. 387 نەپەر تاكىراڭ ئىچىدە، نىكاھلانمىغانلار 63 نەپەر، بىر قېتىم نىكاھلىق ئاجراشقانلار 186 نەپەر، ئىككى قېتىم نىكاھلىق بولۇپ ئاجراشقانلار 97 نەپەر، ئۈچ قېتىم نىكاھلىق بولۇپ ئاجراشقانلار 41 نەپەر ئىدى.
يۇقۇرقى ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارئىچىدە بىر قېتىم ياكى كۆپ قېتىم نىكاھلانغانلار كۆپ بولۇپ، تېخى نىكاھلانمىغانلارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگەللەيتتى. تېخى نىكاھلانمىغان قىزلارنىڭ بۇنداق جايدا بولىشى، بىزنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە.
5) تاكىراڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. 387 نەپەر تاكىراڭ ئىچىدە، ساۋاتسىزلار 16 نەپەر، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 174 نەپەر،تۇلۇقسىز مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 109 نەپەر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 78 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 13 نەپەر، تۇلۇق كۆرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر 7 نەپەر ئىدى.
يۇقۇرقى ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئومىيۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكىلەر بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىللەيدۇ. دېمەك، مەدەنىيەت ساپانىڭ تۆۋەن بولىشىمۇ، تاكىراڭلارنىڭ تاكىراڭلىق يولىغا مېڭىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.
6) تاكىراڭلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى
تەكشۈرۈش ۋە سىتاتېستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. 387 نەپەر تاكىراڭ ئىچىدە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار 31 نەپەر، سۆزنەك قاتارلىق يۇقۇملۇق جىنسى كېسەللەر 103 نەپەر، بالىياتقۇ ۋە جىنسى يول ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر 81 نەپەر، جىگەركېسىلى 17 نەپەر، ئۆپكە تۇبىركىلىيوز كېسلى 9 نەپەر، نەپسلىنىش يولى ياللۇغى ۋە بۇرۇن ياللۇغى بارلار 33 نەپەر، مەقەت يولى ياللۇغى ۋە قەۋزىيەت بولغانلار 17نەپەر، يۈرەك كېسەل 3 نەپەر، باشقا كېسەللەر 23 نەپەر، ساغلام بولغانلىرى 70 نەپەر ئىدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، تاكىراڭلارنىڭ كۆپىنچىسى خىلمۇ-خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلەشكەن، سالامەتلىكى ۋە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار جەمئىيەتتە ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ھالدا خىلمۇ-خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ۋە تارقاتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن زور يۇشۇرۇن خەۋپ ئىدى.
7) تاكىراڭلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە پىسخكىسى
تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، تاكىراڭلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتىن زەربە يىگەن، نىكاھتىن تەلىي چىقمىغان، ئىقتىساددىي قىينچىلىقتا قالغان، زەھەر چىكىدىغان قىز-چوكانلار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار مۇشۇ ئىشنى تۇرمۇش تېرىكچىلىكىنىڭ ۋاستىسى قىلۋالغانىدى. ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز يۇرتىدا ئاشكارە قىلسا، تۇنۇش بىلىشلىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشى ۋە بىلىپ قېلىشى، ئاندىن يۇرت-مەھەللىلەردە سۆز-چۆچەك قىلىپ يۈرىشىدىن ئەنسىرەپ، باشقا يۇرتلاغا بېرىپ مۇشۇ يولغا مېڭىشقا مەجبور بولغانىدى. يەنە بەزىلىرى، زەھەرگە خۇمار بوپ قالغانلىقتىن، زەھەر ئېلىپ خۇمارىنى باسقىدەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، تېخى توي قىلماي تۇرۇپلا مۇشۇ يولغا مېڭىپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ئايال خۇجاينىلارغا ياللىنىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىنى دەسيمىي سېلىپ، كېچە-كۈندۈز پۇل تېپىش ئۈچۈن ناشايان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاساسەن ئۇلارنىڭ كېچىسى بىلەن كۈندۈزى ئالماشقان بولۇپ، كېچىسى ئىشلەپ، كۈندۈزى ئارام ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىيىتى زەئىپلىشىپ، كېسللەر چىرمىغانىدى.
ئۇلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆزى خالاپ قىلمىغان، بەلكى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى ئۇلارنى مۇشۇ يولنى تاللاشقا مەجبور قىلغانىدى. ئۇلار دەسلەپ، ئايال خوجايىنلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىرەر ئاي ئىشلەپ، ئازراق پۇل جۇغلىۋېلىپ، قايتىپ كېتىشنى مەقسەد قىلىپ، مەقسىدىنى ئايال خۇجايىنلارغا ئېيتقان. ئۇلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ، ئىشلىتىدىكەن، پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەيدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانچە، ئۇلارنىڭ بەدىنى مۇشۇ ئىشلارغا كۈنۈپ قالىدىكەن، شۇ ئىشلارنى خالايدىغان، قىلغۇسى كېلىدىغان خۇمار بوپ قالىدىكەن. بەزىلىرى پۇل تېپىپ قايتىپ كېتىپ، خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ روھىمۇ مۇشۇ خىل تۇرمۇش ئۇسلۇبىغا كۆنۈپ قالىدىكەن، خۇمار بوپ قالىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-2 02:01 AM