يوقۇلۇش
(ھىكايە)
ت.ئا.قوشماق
مەكتەپ رەھبەرلىكى مېنىڭ ھۆسنىخەتنى چىرايلىق يېزىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلكىمنى كۆزدە تۇتۇپ، سىياسى بۆلۈمنىڭ كاتىپى قىلىپ ئىككىنجى قەۋەتكە ئەپچىقىۋالدى. بۇ يەردە راھەت كۆرەرمەنمكىىن دىسەم، ئۆزەمگە ئىش تېپىۋاپتىمەن ئەمەسمۇ! ھېلى بىر مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ ئۇنى تاپ دىسە،ھېلى ئىلمىي مۇدىر كىرىپ، بىر دەم« تەسىرات ماقالىللىرىنى يىغ» دىسە،بىردەم «قارا دوسكا ئىشلە» دەۋاتقان ... بىر دەم مەكتەپ مۇدىرى تايىنى يوق ئىشلارغا بۇيرۇۋاتقان.
ئىشخانىدا ئوقۇتقۇچلار بىلەن ئىمزالانغان بىخەتەرلىك توختامنامىسىنى رەتلاۋاتسام، ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى ئابلىمىت ئەپەندى كىرىپ كەلدى. مۇدىرنىڭ چىرايىغا قاراپ،بىرەر ئىش چىققان ئوخشايدۇ ياكى تاسادىپى يۇقىردىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ يۈرىكىم «قارىتتىدە» قىلىپ، قىلۋاتقان ئىشىمنى توختۇتۇپ، ئورنىمدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتىم.
— خاتىرنى ئالە! — دەپ بۇيرۇق قىلدى مۇدىر.
مەندە خاتىرە كۆپ بولغاچقا؛
— قايسى خاتىرنى؟ — دەپ سوردۇم.
— ھېلىقى موھىم ئىشلار خاتىرسىنىچۇ؟ — دىدى تەرىنى تۈرۈپ.
بۇ خاتىرگە مەكتىپىمىزدىكى رەھبەرلەر سۆزلىگەن، ئوېۇنلارشتۇرغان ئىشلار تەپسىلى يېزلاتتى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلاردىن بىرەر مەسلە چىقىپ قالسا، رەھبەرلەر بىز ئورۇنلاشتۇرغان دەپ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىش ئۈچۈن مەخسۇس تۇتۇلغان خاتىرە ئىدى. خاتىرلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ خاتىرنى ئېلىپ، مۇدىرغا ئىككى قوللاپ سۇندۇم.
— نىمە قىلمەن بۇنى، ماڭا كەينىمدىن! — دىدى مۇدىر.
نىمە بولغانلىقنى ئاڭقىرالماي مۇدىرنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم. مۇدىر يەنە باشقا بىرنەچچە ئىشخانىغا كىرىپ، بىرنەچچەيلەننى چاقىرىپ چىقتى. مۇدىرنىڭ ئادىتى بىرەر ئىش يۈز بەرسە، راستلىقى ئۈچۈن،بىرنەچچە گۇۋاھچىلارنى چاقىرۋالاتتى. بىز مۇدىرغا ئەگىشىپ ئۈچۈنجى قەۋەتكە چىقتۇق. تەجىرخانا ئالدىدا ئىككى ئوقۇغۇچى ۋە بىر قاپ كۆمۈر تۇراتتى.
— كۆردىڭلىمۇ، ئوقۇتقۇچى دىگەن بۇ بىرنىملەر نىمانداق ياغاچ قۇلاق بولۇپ كەتتى؟ ئوقۇغۇچلارنى ئىشقا سالماڭلار، دەپ نەچچە قېتىم دىدۇق. يەنە چۆچىمەي ئىشقا سالغىننى. ئۆتكەندە تۇنسا دىەەن ساراڭ بىر ئوقۇغۇچىنى لەڭپۇڭغا چىقرىپ قويۇپ،قاشناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ،ئاز دەرد تارىتتۇقمۇ؟ بالىلارغا ئېغىر نەرسە كۆتىرتىپ، بىرەر مەسلە كۆرۈلسە، كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئىشخانىدا قالايدىغان كۆمۈرنىمۇ ئوقۇغۇچلار ئەپچىقىپ بەرسە،ئوقۇغۇچلار ئوقۇتقۇچلارنىڭ قۇلىمۇ؟ كۆمۈر توشۇتقان ياغاچ قۇلاقنىڭ مائاشىدىن 200يۈئەن تۇتۇلسۇن، يىل ئاخىردا سىنىپ تەكشۈرۈشتە مۇنەۋۋەر باھالانمىسۇن، يازە! — دىدى مۇدىر ماڭا بۇيرۇق قىلىپ. مەن تىز تىز يېزىشقا باشلىدىم.
— قايسى سىنىپتا ئوقۇيسىلەر؟ — دەپ سوردى مۇدىر ئوقۇغۇچلاردىن.
— 7-يىللىق 8-سىنىپتا.
— كۆمۈر ئەپچىقىشقا كىم بۇيرۇدى؟
— ئادىلە خانىم.
مۇدىر تۇرۇپلا قالدى. ئادىلە خانىم ئۇنىڭ ئايالى ئىدى.
— يوقىلىشە كۆزۈمدىن!
مۇدىر شۇنداق دەپلا تىز- تىز مېڭىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى. بۇ بۇيرۇقنى بىزگە دىدىمۇ، ھېلىقى ئوقۇغۇچىلارغا دىدۇقمۇ ئۇقمىدۇق. ئەھۋالدىن قارىغاندا ھەممەيلەنگە دىگەندەك قىلاتتى. مەن خاتىرنى يېپىپ ئىشخانامغا قاراپ ماڭدىم.
شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى 2005-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى