مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 50855|ئىنكاس: 141

قورقۇنۇشلۇق ھېكايە ( ئوخشاش ئۈچ جەسەت )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

impiria سالونى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6585
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12387
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 02:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوخشاش ئۈچ جەسەت  

قورقۇنۇشلۇق ھېكايە

1- بۆلۈم

1985- يىلى 6- ئاي

مەھەللىدىكى ئۆستەڭ بويى كۈندۈزى ئىنتايىن ئاۋات، چوڭ ئادەملەر، ياشلار، بالىلار ھەممىسى دىگۈدەك ياز كۈنلىرى ئۆستەڭدە سۇغا چۈمۈلۈشۈپ سالقىنلاپ كىتىشىدۇ. ئۆستەڭنىڭ نىرىقى قىرغىقىدا خەنزۇلارنىڭ كۆكتات ئىتىزلىقى بولۇپ، ئۆستەڭ بىلەن كۆكتاتلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا رەتلىك بىر ياڭاق رىتى بار. بۇ ياڭاقلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىگىمۇ بىر ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدۇ. ياز كۈنلىرى بۇ ياڭاقلارنىڭ ئىگىلگەن شاخلىرى ئۆستەڭنىڭ سۈيىگە تىگىشىپ قالىدۇ. سۇغا چۈمۈلۈۋاتقانلار شۇ شاخلارغا ئىسىلىۋىلىپ ئوينىشىدۇ. كۈندۈزلىرى شۇ قەدەر ئاۋات بولۇپ كىتىدىغان بۇ ئۆستەڭنىڭ بويى كەچلىرى شۇ قەدەر جىمجىت ۋە سۈرلۈك، بۇنداق بولۇشىغا بەلكىم ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ياڭاقلىقتا جىن بار، قاراڭغۇ چۈشكەندە ياڭاق تۈۋىگە بارمىغىن دەپ داۋاملىق جىكىلەپ تۇرۇشلىرى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆستەڭنى بويلاپ ماڭىدىغان يولنىڭ نىرىقى بىشىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار بولۇپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغان ئوقوغۇچىلار ھەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىككى ئاي بۇرۇن مەكتەپكە كەچلىك ئۈگىنىش قىلغىلى بارىدۇ ۋە كەچتە ئۆيىگە قايتقاندا مۇشۇ يولدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

قۇددۇس ئۇستام مۇشۇ مەھەللىدىكى ماشىنىدىن تارتىپ تاكى كىشىلەرنىڭ بۇزۇلغان قولچىراقلىرىغىچە ئوڭشاپ بىرىدىغان رىمونتچى ئۇستا. ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمانمۇ دادىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ ئانچە مۇنچە ئىلىكتىر بىلىملىرىنى ئۈگىنىۋالسا كىرەك. بىر كۈنى ئابلىمىت، ئابدىرىھىم، ئابدۇرىشىت قاتارلىق بالىلارغا ئۆزىنىڭ بىر ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. قانداق ھۈنەر دىمەمسىلەر، ئىككى تال باتارىيىنى قەغەزگە ئوراپ، بىر تال قولچىراق لامپۇچكىسىنىڭ سىم چاتىدىغان ئىككى ئورنىغا ئىككى تال سىمنى ئۇلىۋىلىپ، ئىككى تال سىمنى باتارىيىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تەككۈزسە ھىلىقى لامپۇچكا يانىدىكەن. بىر تەككۈزۈپ، ئاجرىتىپ، يەنە تەككۈزۈپ ......................  لامپۇچكا توختىماي يىنىپ ئۆچۈپ تۇرىدىكەن. ئەمدىلا بەش – ئالتە ياشلارغا كىرگەن بۇ سەبىيلەر ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن ئادەتتىكى تېخنىكا ئەمەس ئىدى. ھەممە ئىش مۇشۇ يىڭى تېخنىكىدىن باشلاندى. ئابلىمىت ئۆزىنىڭ يىڭى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەچتە كەچلىك ئۈگىنىشتىن قايتقان ئوقوغۇچىلار ئۆستەڭ بويىدىكى ياڭاقلىق ئارىسىدىن چىقىۋاتقان بىر يىنىپ – بىر ئۆچۈۋاتقان نۇرلاردىن قورقۇپ چىقىرىشىپ، قىچىشتى. ئوغۇل – قىزلارنىڭ قالايمىقان ۋاقىراشلىرى، گۈلدۈرلەپ قىچىشلىرى نەتىجىسىدە بۇ ئۆستەڭ بويى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر ھالغا كىلىپ، ئەسلىدىكى سۈرىگە يەنە نەچچە ھەسسە سۈر قىتىلغانىدى. ھەر بىر ياڭاق ئارىسىدىكى ئارىلىق 20 – 30 مىتىر ئەتراپىدا كىلەتتى. ئابلىمىت، ئوسمان، ئابدىرىشىت، ئابدىرىھىم، مەردان، راخمان قاتارلىق 6 بالا ياڭاق دەرىخى ئارىسىدا بىردىن ئارىلىق تاشلاپ ياڭاقلارغا چىقىۋىلىپ كۈندۈزدە ئۈگەنگەن يىڭى تېخنىكىسىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. تۇيۇقسىز مەردان ئۆزى چىقىۋالغان ياڭاق دەرىخىنىڭ ئىككى يىنىدىكى دەرەخلەر ئۈستىدىمۇ ئۆزلىرى بايا چىقارغاندەك نۇر چىقىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. ھەممەيلەن ئارىسىدا بىردىن دەرەخنى تاشلىۋىتىپ چىققان تۇرسا، ئىككى تەرەپتىكى ياڭاق دەرىخىنىڭ ئۈستىدە ئادەم بولماسلىقى كىرەكقۇ؟ مەرداننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى دەرەخكە ئوسمان، سول تەرىپىدىكى دەرەخكە  ئابدۇرىشىت چىققانىدى. قورقۇمسىراپ ئاۋازى ئاران چىقىۋاتقان مەردان تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن: ئوسسسسسسسسسمان، ئابدۇرىشىىىىىىىىىىىىىت دەپ چاقىردى. بىراق ئىككى ياندىكى دەرەخلەردىن سادا يوق، چىراق نۇرى بىر خىلدا ئۆچۈپ يىنىپ، ئۆچۈپ يىنىپ تۇراتتى. قارىغاندا ئاۋازىمنى ئاڭلىماي قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان مەردان تېخىمۇ ئۈنلۈكرەك ئاۋازدا ئۇ ئىككىسىنى چاقىردى. تۇيۇقسىز چىققان « ئاااااااااااااااااااااااااااااااااااا» دىگەن ئاۋازدىن كىيىنلا « پولتوڭ » قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. چاققانلىق بىلەن ئۆستەڭدىكى سۇغا قارىغان مەردان ئوڭ تەرىپىدىكى دەرەختىن سۇغا خىلى چوڭ بىر نەرسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى بايقىدى ۋە ئىختىيارسىز ئۇ ياڭاق دەرىخىگە قارىدى. بىراق، ياڭاق دەرىخىدىن چىقىۋاتقان چىراق نۇرى ئوخشاش بىر خىل يىنىپ – ئۆچۈپ تۇراتتى. قورقۇپ يۈرىكى قىپىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغان مەردان دەرھال دەرەختىن چۈشۈشكە باشلىدى. چاتاق!!!، بىر نەرسە ئۇنىڭ مايكىسىنى تۇتۇۋىلىپ ئۈستىگە تارتىۋاتاتتى. قورقۇپ كەتكەن مەردان تارتىۋاتقان نەرسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جان – جەھلى بىلەن تېخىمۇ تىز ھەركەت قىلىدى. جارت قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ مايكىسى يىرتىلىپ كەتتى. چۈشۈپ بولاي دەپ قالغان مەردانمۇ ئۆزىنى يەرگە ئاتتى. قانداق تىز چۈشكەن بولسا شۇنداق تىز ئورنىدىن تۇرغان مەردان ئەتراپىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان بەش دوستىنى كۆرۈپ يۈرىكى جايىغا چۈشتى – يۇ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ياڭاق ئۈستىدە ھىلىمۇ يىنىپ – ئۆچۈپ تۇرۇۋاتقان چىراققا قاراپ يەنە قورقۇپ كەتتى ۋە سورىدى:

بۇ يەرگە ئالتەيلەن كەلگەن تۇرساق، ھەم ھەممەيلەن مۇشۇ يەردە تۇرساق ماۋۇ ئىككى ياڭاقتىكى چىراقلار تېخى يىنىپ ئۆچۈۋاتىدىغۇ؟ شۇنداق دەۋىتىپ تۇيۇقسىز ئۇزى ھازىر چۈشكەن دەرەخنىڭ ئۈستىدىمۇ ئوخشاش بىر نۇرنىڭ ئۆچۈپ – يىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە تېخىمۇ قورققان، ھەيران بولغان ھالدا :

بالىلار قاراڭلار! باتارىيە بىلەن لامپۇچكا ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىدا تۇرسا، قانداقسىگە مەن ھازىر چۈشكەن ماۋۇ ياڭاقنىڭ ئۈستىدىمۇ چىراق يانىدۇ؟

تەڭلا ئۈستىگە قارىغان بالىلار ھەيرانلىق ھەم قورقۇنچتىن ئىسىنى يوقىتىپ قويۇپ، ۋاقىراشقان پىتى مەھەللە تەرەپكە قاراپ قېچىشتى. چۈنكى ھەممە ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدە شۇنداق چىراق نۇرلىرى ئۆچۈپ – يىنىپ تۇراتتى. خۇرسىنغاندەك، ئىچىگە چوڭ تىنغاندەك بىر خىل سۈرلۈك ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممە ياڭاق دەرەخلىرى بىر قىتىم قاتتىق سىلىكنىپ، شالدىرلاپ ياڭاقلىق ئەسلىدىكى جىمجىت ھالىتىگە قايتتى.

ئۆستەڭ بويىدىن يۈگۈرگەن پىتى ئۆيىگە كىرىپ ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئىسەدىگەن پىتى ئۇخلاپ قالغان مەرداننى كىچىچە قارا بىسىپ چىقتى. چۈشىدە ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر جۈپ كۆز ئۇنىڭغا تىكىلىپلا تۇراتتى. بىردەمدە ئۆستەڭدىكى سۇدىن كىملىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، پۈتۈن بەدىنىدىن قان ئىقىپ تۇرغان ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر بالا قوللىرىنى ئارىدەك كېرىپ ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ كىلەتتى......................

ئەتىگەندە كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان، چىرايىدا قان يوق ھالدا ئويغانغان مەردان ناشتىمۇ قىلماي تۇرۇپ ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ كەتتى. نىمىدۇر بىر نەرسە ئۇنى چاقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆستەڭ بويىغا چىققان مەردان مەسچىتتىن يانغان جامائەتنىڭ بىر نەرسىنى ئورىۋىلىشقىنىنى كۆرۈپ قىزىقىپ ئۇ يەرگە باردى. ئۆستەڭنىڭ ئاياق ئىقىنى تەرەپتىن بىرەيلەن ئەتىگەندە ئۆستەڭگە نامازغا تەرەت ئالغىلى چىقىپ ئۆستەڭگە چىقىپ قالغان دەرەخ يىلتىزىغا ئىلىنىپ قالغان بىر نەرسىنى كۆرۈپ سۇدىن سۈزۈۋىلىپ قارىسا ئۇ بىر ئوغۇل بالىنىڭ جەسىتى ئىكەن، بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى بالىسىنى تونۇۋالسۇن دەپ بۇ يەرگە ئىلىپ كەپتۇ. بالىنىڭ كىيىملىرى ۋە يۈز كۆزلىرى تىتىلىپ كەتكەن بولۇپ، چىرايىدىن كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. مەرداننىڭ كۆزى بالىنىڭ كىندىكىنىڭ ئۈستىدىكى دۈم ھىلال ئاي شەكىللىك قوڭۇر مەڭگە چۈشتى. بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنى سۇنىڭ تەسىرىدە ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ قوڭۇر مەڭ تېخىمۇ ئىنىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. جامائەت پىداكارلىق بىلەن باش ئىقىن ۋە ئاياق ئىقىن تەرەپلەرگە ئادەم ماڭدۇرۇپ كىچىدىن بالىسى ئۆيگە كىرمىگەن كىشىلەرنى ئىزدىدى. بىراق ئۇنداق ئادەم تىپىلمىدى. جامائەت بالىنىڭ نامىزىنى پىشىنغا چىقىرىپ يەرلىككە قويۇۋىتىشتى.

2- بۆلۈم

ئالدىنقى ۋەقەدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپلا ئۆستەڭ بويىدىكى ھىلىقى قورقۇنلۇق سەرگۈزەشتىسىنى ئۇنتۇپ قىلىشقان بالىلار يەنىلا ئۆستەڭ بويىدا سۇغا چۈمۈلۈشۈپ ئويناۋاتاتتى. ئاشۇ كۈندىن بىرى ئوسمان غەلىتىلا بولۇپ قالغان ئىدى. بۇرۇنقى شوخلۇقى يوق، بىرەرسى ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسا قوغلاپ ئۇرۇپ كىتىدىغان ئوسمان ئەمدىلىكتە ئاچچىقىنى كەلتۈرگۈچىگە بىر خىل سوغۇق نەزەر بىلەن قاراپلا تۇراتتى. كۆزلىرىدىن بىر خىل سوغۇق ئۇچقۇن چاقنايتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ سالغان ئادەم ئىختىيارسىز بىر قورقۇنچ ئىچىدە كۆزىنى ئىچىپ قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى.

سۇغا چۆمۈلۈپ توڭلىغان بالىلار ئاپتاپ چۈشكەن قىززىق توپىغا كۆمۈلۈپ توڭلىغان بەدەنلىرىنى ئىللىتاتتى. مەردان يىنىدا توپىغا كۆمۈلۈپ، ئوچۇق ئاسمانغا تىكىلىپ جىمجىت ياتقان ئوسماننىڭ كىندىكىگە كۆزى چۈشۈپ چاقماق سوققاندەك بىر خىل تۇيغۇدا چۈچۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىگىسى چىقمىغان ھىلىقى جەسەتنىڭ كىندىكىنىڭ ئۈستىدە كۆرگەن دۈم ھىلال ئاي شەكىللىك قوڭۇر مەڭ ئوسماننىڭ كىندىكىنىڭ ئۈستىدىمۇ تۇراتتى.

- بالىلار قاراڭلار، ماۋۇ كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن ھىلىقى بالىنىڭ قورسىقىدا ماۋۇ ئوسماننىڭكىدەك مەڭ بار ئىدى .............................

چاڭ قىلىپ تەگكەن بىر تەستەكتىن مەرداننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى. چاچراپ ئورنىدىن تۇرغان مەردان ئۆزىگە تىكىلىپ ياتقان ئوسماننىڭ كۆزىدىن چاقناۋاتقان غەلىتە ئۇچقۇننى كۆرۈپ ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولاشتى.  تۇيۇقسىز ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ ھىلىقى كۈنى چۈشىدە كۆرگەن يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قانغا بويالغان بالا قوللىرىنى ئارىدەك كېرىپ ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كەلدى. مەردان مەھەللىدىكى مەمتىمىن قارىمدا ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ خەلپىتى بولۇپ، ئۇ ساۋاغدا ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىدى. ھەجىلەپ ئوقۇش، ھەپتىيەكلەرنى تۈگىتىپ قۇرئان ئوقۇشقا، ياسىن، تابارەك دىگەندەك سۈرىلەرنى يادىلاشقا چۈشۈپ بولغانىدى، جۈملىدىن ئايىتەلكۈرسىنى يادلاپ بولغانىدى. مەردان ئۇ بالىغا قاراپ كەينىگە يانغاچ كۆڭلىدە ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. ۋااااااااااااااااااااااااا، قاتتىق ئاغرىقتىن چۈچۈپ ئىسىگە كەلگەن مەردان دەرھال ئىڭىشتى. ئۇ ئاشۇ قورقۇنچتا كەينىچە مىڭىپ ئۆستەڭ بويىدا خەق تاشلىۋەتكەن بوتۇلكىنىڭ سۇنۇقىغا دەسسىۋالغانىدى. بالىلار ھەممىسى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئابلىمىت دەرھال كۆينىكى بىلەن مەرداننىڭ كىسىلگەن پۇتىنى يۆگىدى، بالىلار ئۇنى يۆلەپ ئۆيىگە ئىلىپ مىڭىشتى. مەردان ئۆز جايىدا قىمىر قىلماي قاراپ ئولتۇرغان ئوسمانغا شۇنداقلا قاراپ يەنە بىر قىتىم قاتتىق ۋاقىرىۋەتتى. چۈنكى ئوسماننىڭ قورقۇنچلۇق كۆزلىرىدىن قان ئىقىۋاتاتتى. مەردان يەنە ئىختىيارسىز ۋاقىرىۋەتتى:

- قاراڭلار، قاراڭلار! ئوسماننىڭ كۆزىدىن قان ئىقىۋاتىدۇ.

تەڭلا كەينىگە قاراشقان بالىلار تەرەپ – تەرەپتىن چۇقىراشتى:

-    نەدە قان ئىقىۋاتىدۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن، قان دىگەن ھازىر سىنىڭ پۇتۇڭدىن ئىقىۋاتىدۇ.

-    ماۋۇ ئىلىشىپ قاپتۇ، جىن سوقۇۋەتتىمۇ نىمە بۇنى

ئوسمانغا تىكىلىپ تۇرغان مەردان، ئۇنىڭ ئىنتايىن سوغۇق بىر ھىجايغىنىنى، ئاندىن ئاغزىنىڭ مىدىرلىغىنىنى كۆردى، ئىنتايىن بوغۇق بىر ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. ئوسمان ئۇنىڭغا سوغۇق تىكىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتاتتى:

- ئەمدى نىمە كۆرسەڭ ئىغىزىڭنى يۇم، كۆرگەن، ئاڭلىغان ھەممىنى سۆزلەۋەرسەڭ مەندىن يامانلىما!!!

بۇ سۆزلەرنى مەردان ئىنتايىن ئىنىق ئاڭلىدى. بىراق بۇ ئوسماننىڭ ئاۋازى ئەمەس ئىدى. ئەمدى مەردان ئوسماننىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغانلىقىنى بالىلارغا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

مەرداننى يۆلەپ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ قايتىپ چىققان ئابلىمىت ئاپىسى لالىخاننىڭ قىشىغا كىرىپ بولغان ئىشلارنى يەنى ئالدىنقى كۈنى سۇدا ئۆلۈپ كەتكەن بالا بىلەن ئوسماننىڭ قورسىقىدىكى مەڭنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، مەرداننىڭ ئاشۇنى دەپ قويۇپ ئوسماندىن تاياق يىگەنلىكىنى، ئۆزىچە كەينىگە مىڭىپ، بوتۇلكا سۇنۇقىغا دەسسەپ يارىلانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئاقكۆڭۈل ساددا ئايال ئەمدى ئوسمان بىلەن بىللە ئوينىماسلىق توغرىسىدا ئابلىمىتقا ئازىراق تەربىيە بەرگەندىن كىيىنلا بالىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى كوچىغا چىقىپلا يىغىلىپ ئولتۇرغان ئاياللارغا بىراق تۆكۈپ تاشلىدى. بۇ چاغدا ئابلىمىت ئۆيدە ئۇخلاپ قالغانىدى.

قوپال بىر نوقۇشتىن ئابلىمىت چۈچۈپ ئويغاندى. كۆزلىرىنىڭ قارىسى يوق، كۆز جىيەكلىرى قان يۇقى ئوسمان ئۇنىڭ بىشىدا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئاجايىپ قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئابلىمىت ۋاقىرىماقچى بولدىيۇ، بىرى كانىيىنى بوغۇۋالغاندەك ئاۋازى چىقمىدى. ئوسمان ناھايىتى تەبىئى بىر ھەركەت بىلەن ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى. ئىختىيار ئابلىمىتنىڭ ئۆزىدە ئەمەس ئىدى. ئىختىيارسىزلا تىككىدە تۇرۇپ كەتتى، ئەمدى ئوسمان ئۇنىڭغا ئۆزىگە يىقىنلىشىشنى ئىشارەت قىلىۋاتاتتى. ئابلىمىت پۇتلىرى مىدىرلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا مۇئەللەقتە لەيلەپ ئوسمان تەرەپكە قاراپ سىلجىدى. ئوسمان قىشىغا يىقىن كەلگەن ئابلىمىتنىڭ ئىككى لىۋىنى چىڭ تۇتۇپ ئاستى – ئۈستىگە كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى. قاتتىق ئاغرىق ئازابىدا ئابلىمىت تولغىنىپ كەتتى، ۋاقىراي دىسە ئاۋازى چىقمايتتى. ئوسمان ئەمدى ئابلىمىتنىڭ ساڭگىلاپ قالغان تىلىنى كۈچەپ بىرلا تارتىپ سۇغۇرۇۋالغاندىن كىيىن ئاغزىغا سىلىپ ماچىلدىتىپ چايناشقا باشلىدى. ئەمدى ئوسمان مۇئەللەقتە لەيلەپ تۇرغان ئابلىمىتقا قارىتىپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ بىرلا ئىشارەت قىلىۋىدى، ئابلىمىتنىڭ قورسىقى يىرىلىپ ئۆپكە، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان – ئۈچەيلىرى بىراقلا ساڭگىلاپ چۈشتى. ئابلىمىت ئۆز ئىچكى ئەزالىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتتى. ئوسمان بولسا ئالدىرىماي ئالدى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى، ئاندىن جىگىرىنى، يىيىشكە باشلىدى. ..................

كەچلىك تاماق تەييارلاشقا ئۆيگە كىرگەن لالىخان قاتتىق چىقىرىۋەتتى. ئابلىمىت يەردە، كۆزلىرى چانىقىدىن چاچراپ چىققان، چىشلىنىپ يىرىمى ئۈزۈلۈپ قالغان تىلى ساڭگىلاپ تۇرغان ھالدا ياتاتتى. ئۆي ئىچىنى بىر خىل مۇدھىش سوغۇق چىرمىۋالغان ئىدى. شۇ چاغدا ئىشىك شەپىسىزلا تاقىلىپ قالدى. دەرىزىلەرمۇ ئۆزلۈكىدىن يىپىلىپ قالدى. ياردەمگە ئادەم چاقىرماقچى بولغان لالىخان ھەر قانچە قىلىپمۇ ئىشىكنى ئاچالمىدى ۋە ئۆينىڭ ئىچىدىن كەلگەن، ئۆزىنى چاقىرىۋاتقان بىر خىل بوغۇق  ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلدى. كۆز چاناقلىرى قىپقىزىل، ئىغىزلىرىدىن قان تىمىپ تۇرغان، كىيىملىرىنىڭ ئالدى قانغا مىلەنگەن ئوسمان ئۇنىڭغا مىختەك تىكىلىپ تۇراتتى. ئەزەلدىنلا يۈرىكى ئاجىز بۇ ئايال بۇ كۆرۈنۈشكە تاقەت قىلالمىدى، يۈرىكىنى قاماللىغان پىتى يىقىلىپ چۈشتى، كۆزلىرى چانىقىدىن چاچراپ چىققانىدى.


داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ھەجىمى بىرئاز كۆپرەك بولغاچقا ئالدى بىلەن ئىككى بۆلۈمنى يوللىدىم. قالغان مەزمۇنلار تىزلا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.


3- بۆلۈم
1988- يىلى 10- ئاي
1- باشلانغۇچ مەكتەپتىن چۇۋۇلۇپ چىققان بالىلار يولنى بىر ئالغان ئىدى. بىر مەھەللىدىن مۇشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ بىر سىنىپتا بىللە ئوقۇۋاتقان مەردان، ئوسمان، ئابدۇرىشىت، ئابدۇرىھىم، راخمانلارمۇ بىللە مەكتەپتىن قايتىشقانىدى. بۇ بالىلارنىڭ شوخلىقىغا، كەپسىزلىكىگە گەپ توغرا كەلمەيتتى. راخمان بىلەن ئابدۇرىھىم چوڭ يولنىڭ ھەممە يىرىدە تەڭ يۈگرەپ، ئاندا – ساندا ئۆتۈپ قالىدىغان ماشىنىلارنى ھەيدىگەن شوپۇرلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ساراڭ قىلىۋىتەتتى. ئابدۇرىشىت بىلەن مەردان بولسا دۇكانلارنىڭ ئالدىغا خىرىدارلار ئاياقلىرىنى سۈرتۈپ كىرىشى ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان پالازلارنى تارتىپ سۆرەپ قىچىپ كىتەتتى – دە دۇكاندارلار ئۇلارنى ھارغىچە قوغلايتتى. چوڭ يول بىلەن پىيادىلەر يولىنى ئايرىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە ئىرىق بويىدا جىمجىت ماڭغان ئوسمان تۇيۇقسىز ئوقتەك ئىتىلىپ چوڭ يولغا چىقتى – دە، تىز كىلىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قالغان ئابدۇرىھىمنى قاتتىق ئىتتىرىۋەتتى. بىراق، ماشىنا ئوسماننى بىسىپلا ئۆتۈپ كىتىپ خىلى يىراقتا توختىدى. دۇكاندارنىڭ قوغلىشىدىن خىلى يىراقلاپ كىتىپ قالغان مەردان بىلەن ئابدۇرىشىت ماشىنىنىڭ ئەنسىز تورمۇز ئاۋازى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دۈكۈرلىشىپ يۈگۈرۈپ مىڭىشلىرىدىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا يۈگرەشتى. قىستىلىپ ئالدىغا بويۇندىشىپ قاراپ تۇرغان ئادەملەر ئارىسىدىن ئاران بالالىقتا ئالدىغا ئۆتكەن مەردان داڭقىتىپ تۇرۇپ قالدى. ماشىنىنىڭ چاقى بالىنىڭ بېشىنى يانچىپلا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، كىيىملىرىدىن ياتقان بالىنىڭ دەل ئوسمان ئىكەنلىكى مەلۇم ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئالدى تۈگمىلىرى ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، كىندىكىنىڭ ئۈستىدىكى دۈم ھىلال ئاي شەكىللىك قوڭۇر مەڭ ئىنىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. قورقۇنچتىن ئىسىنى يوقاتقان مەردان ئۆزىنىڭ قانداقلارچە كىشىلەر توپى ئارىسىدىن چىقىپ ئۆيى تەرەپكە ماڭغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتكەن مەردان دەرھال ئېسىنى يىغىپ كەينىگە قارىدى. قارىدىيۇ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا ئوسمان يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقنىتىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايى ياكى تۇرقىدىن ھىچقانداق بىر ھادىسىگە ئۇچرىغان ئالامەت كۆرۈنمەيتتى. مەردان يىراقتىكى كىشىلەرگە قارىدى، ئۇ كىشىلەر تېخى تارقاپ كەتمىگەن بولۇپ، مەردان ئوسمانغا گەپمۇ قىلماي، كەينىگە يىنىپ بىرىپ، ھىلىقى ھادىسىگە ئۇچرىغان بالىغا بىر قاراپ باقماقچى بولغانىدى. ئوسمان ئۇنىڭ خىيالىنى بىلگەندەك ئالدىنى توسۇپلا:
- كۆرگەن، بىلگەن، ئاڭلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرسەڭ مەندىن ئاغرىنما – ھە!!! دەپ ناھايتى سۈرلۈك بىر ھالەتتە ئۇنىڭغا تىكىلدى. دەل شۇ چاغدا ئابدۇرىشىت يىتىپ كىلپلا:
- ھەي ئوسمان، بايا ماشىنىنىڭ ئاستىدا قالغان سەن ئەمەسما، كىيىمىڭمۇ ئوخشايدىكەن، كىندىكىڭنىڭ ئۈستىدىكى مەڭمۇ ئوخشاش ئىكەن، ھەر نىمە بولسا سەن بۇ يەردە بار ئىكەنسەن...................
ئوسماننىڭ سوغۇق نەزىرى بىلەن مەرداننىڭ ئايانچلىق نەزىرى تەڭلا ئابدۇرىشىتقا تىكىلدى. ئاندىن ئوسمان گەپ قىلمايلا بۇرۇلۇپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئابدۇرىشىت ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغان، گاڭگىرىغان بىر خىل ھالەتتە مەردانغا تىكىلدى:
- بۇ گەپلەرنى ھىچ ئىنسانغا تىنما ئاداش، بولمىسا بالا – قازاغا يولۇقىسەن، دىدى مەردان ئابدۇرىشىتقا.
- نىمىشقا؟ سەۋەبىنى دەپ بىرە ئاداش ئەمىسە، ئابدۇرىشىت يىلىنغا ھالدا مەرداندىن ئۆتۈندى.
- بۇنىڭ سەۋەبىنى مەنمۇ ساڭا دەپ بىرەلمەيمەن. نىمە ئۈچۈنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، بىراق، كۆرگەن، بىلگەن ئاڭلىغانلىرىڭنى باشقىلارغا دەپ بەرسەڭ ئۆزەڭ بىلەن تەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭمۇ بالا – قازاغا يولۇقىدىغانلىقىنىلا بىلىمەن. تۆت يىل ئاۋالقى ئابلىمىت بىلەن لالىخاننىڭ قاندق ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىسىڭدىمۇ، شۇ چاغدا ئابلىمىت بولغان ئىشلارنى ئانىسىغا سۆزلەپ بەرگەنىكەن. دەپ بىرەلەيدىغىنىم شۇكى: ئوسمان ئادەم ئەمەس، ئۇ جىن، سەن ئايىتەلكۇرسىنى يادلىۋالغىن، ئوسمان ساڭا تىكىلگەن ۋاقىتتا ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇساڭ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
قورقۇپ كەتكەن مەردان ھىچنەرسىگە قارىماي ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بۇ بىچارە كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئاتا – ئانىسىغا، قىرىنداشلىرىغا سۆزلەپ بىرىشكە ئامالسىز، قورقۇنچتىن يۈرەكلىرى تىترەپ، تۈگۈلۈپ يىتىپ ئۇخلاپ قالدى.
بايا بولغان ئىشلاردىن زىيادە قورقۇپ كەتكەن ئابدۇرىشىت مەرداننى سۆزلىرىنىڭ ۋەزنىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغانىدى. ئۇ بىرىپلا ئابدۇرىھىم بىلەن راخماننى تېپىپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ھەم مەرداننىڭ دىگەنلىرىنىمۇ قوشۇپ ئۇلارغا دەپ بەردى ۋە ئوسمان زىيان يەتكۈزمەكچى بولسا ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇسىلا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنىمۇ دەپ بىرىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئايىتەلكۇرسىنى ئۈگەنمەكچى بولۇشتى. شۇ چاغدا ئابدۇرىشىتنى ئانىسى چاقىرىپ كۆۋرۈك بىشىدىكى دۇكاندىن سەي – كۆكتات ئەكىلىپ بىرىشكە بۇيرىدى. ئۈچ دوست بىللە بىرىپ كەلمەكچى بولۇپ مىڭىشتى. ئۇلار دۇكاننىڭ ئالدىغا كىلىشىگىلا ئوسماننىڭ ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى، كۆزىدىن ھىلىقى ۋەھىمىلىك نۇرنىڭ چاقناۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتى – دە، دۇكانغا كىرىپ كەتمەكچى  بولۇشتى. ئۇلار ھەتتا كەينىگىمۇ بۇرۇلالمىدى. ئولتۇرغان ئوسمان تۇيۇقسىزلا ئولتۇرغان پىتى يەردىن بىر مىتىر ئىگىزلىككە كۆتۈرلۈپ قالغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە كىلىشكە ئىشارەت قىلىۋاتاتتى. ئىختىيار ئۆزلىرىدە ئەمەس، بۇلار قانداق تۇرغان بولسا شۇ تۇرقى بىلەن مۇئەللەقتە ئۇچۇپ ئوسمان تەرەپكە كىتىۋاتاتتى. ۋاقىرىماقچى بولۇشتى، ئاۋازى چىقمايتتى. ئەتراپىغا ئالاق – جالاق قارىشىپ ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولۇشتى، دۇكاندار بولسا دۇكاننىڭ ئالدىغا چىقىپ گازىر چېقىپ  تۇراتتى، كۆۋرۈكتىن كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئوسمان لەيلەپ تۇرغان يەرنىڭ ئاستىدىلا بىر ئايال چىلەككە سۇ ئىلىۋاتاتتى. كۈپ – كۈندۈز، ئەتراپتا شۇنچە كۆپ ئادەم بار، بۇ بالىلار بۇ ئىشلارنى ئەقلىگە سىغدۇرالماي، ياردەمگىمۇ ئىرىشەلمەي تۇرغاندا بىردىنلا ھەممە ئەتراپ قاپ قاراڭغۇ بولۇپ كەتتى. بۇ ئۈچ دوست يەنىلا مۇئەللەقتە لەيلەپ تۇراتتى. بىردىنلا ئوسمان ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولدى. ئۇنىڭ قارىچۇقى يوق كۆزلىرىدىن قان تامچىلاپ تۇراتتى. كىيىۋالغان ئاپپاق كىيىملىرى بىر خىلدا لەپىلدەپ تۇراتتى. ئوسمان ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ ئابدۇرىشىتقا قارىتىپ پەسكە ئىشارەت قىلىۋىدى، ئابدۇرىشىت خۇددى تاغدىن غۇلىغان تاش پارچىسىدەك شىددەت بىلەن يەرگە ئۇرۇلدى. بۇ ئۇرۇلۇشتىن ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى پارە – پارە بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى چۇۋۇلۇپ، قانلىرى ھەممە يەرگە چاچرىدى. راخمان بىلەن ئابدۇرىھىم بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئىشتانلىرىغا سىيىۋىتىشتى. ھەتتا سۈيدۈكىنىڭ يوتىلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئىقىشلىرىنى ئىنىق ھىس قىلىشىۋاتاتتى. ئەمدى ئوسمان كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئايلاندۇرۇشقا باشلىۋىدى، راخمان بىلەن ئابدۇرىھىم پىقىراشقا باشلىدى. بۇنداق تىز پىقىراشتىن ئۇلارنىڭ ئىچ باغرى قالايمىقانلىشىپ كۆزلىرىدىن، قۇلاقلىرىدىن، ئىغىز – بۇرۇنلىرىدىن قان ئىقىشقا باشلىدى. ئوسمان ئۇلارنى ئاشۇنداق پىقىرىتىپ تۇرۇپلا غايىپ بولدى.
ئەتىسى ئەتىگەن كىشىلەر ئۆستەڭنىڭ ئاياق ئىقىنىدىكى تۈگمەننىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى تىيىز ئىقىندىن راخمان بىلەن ئابدۇرىھىمنىڭ جەسىتىنى بايقاشتى.

4- بۆلۈم
2012- يىلى 8- ئاي
مەھەللىدىكى چىقىلىپ كەتكەن مەسچىتنىڭ ئورنىغا بىرىلگەن يەر بىر پارچە ئىتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، بۇ ئىتىزلىق 3 مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. مەسچىت قۇرۇلۇشى ئالدىراش كىتىپ باراتتى. مەسچىت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى ساقلاش ئۈچۈن مەھەللىدىكى ياشلار ھەر كۈنى كىچىدە ئىككىدىن نۆۋەتچى بولۇپ مەسچىت قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان قۇمغا ئورۇن سىلىپ يىتىشاتتى. بۈگۈن مەردان ئۆزى تەلەپ قىلىپ، خوشنىسى ئالىمجان بىلەن بىللە مەسچىتنى ساقلاپ ياتقان ئىدى. تۇيۇقسىز ئىتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۆي پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ئۆينىڭ تاملىرى يۇلغۇن ياغىچىدىن توقۇپ ياسالغان بولۇپ، سىرتتىن قاراپ ئۆي ئىچىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەردان ئىختىيارسىزلا ئۆينىڭ كەينى تەرىپىگە بىرىپ قالدى ۋە يۇلغۇن ئارىسىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە قارىدى. ئۆينىڭ ئىچىدە قاپقارا كىيىنگەن، بەدەشقان قۇرۇپ ئۆزىگە كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردى. مەردان ئىختىيارسىز تام ياقىلاپ ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە سۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئۆينىڭ ئىشىك ئورنى قۇرۇقلا بولۇپ، ئۆينىڭ تورۇسلىرىمۇ يوق، ئۈستى ئوچۇق ئىدى. ھىلىقى ئولتۇرغان ئايال بولسا بىشىنىمۇ كۆتۈرمەي بىر نىمىلەرنى پىچىرلاپ ئولتۇراتتى. مەردان ئۇ ئايالغا سەپ سىلىشقا باشلىدى. بۇغداي ئۆڭ، كۆزلىرى گۆردەك ئىچىگە ئولتۇرۇشقان، بۇرۇن قۇلاقلىرى يوغان، يۈزى سوزۇنچاق كەلگەن ئايال ئىدى. ئۇ ئايال تۇيۇقسىز بىشىنى كۆتۈردى ۋە مەردانغا تىكىلىپ قارىدى. ھىچقانداق بىر قورقۇنچلۇق ئەھۋال كۆرۈلمىسىمۇ مەرداننى ئىختىيارسىز سۈر بىسىپ قورقۇپ تۇراتتى. ئۇ ئايال ئوڭ قولىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئۆزى تەرەپكە ئىگىپ مەرداننى ئالدىغا كىلىشكە ئىشارەت قىلدى. مەردان ئىختىيارسىز ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەتتى ۋە يۇلغۇن تامنىڭ ئىككى قىرغىقىنى چىڭ تۇتۇۋالدى. بىراق كۈچ ئىلىشالمىدى. غايەت زور بىر كۈچ ئۇنى ئالدىغا تارتىۋاتاتتى. ئاخىرى مەردان ھىلىقى ئايالنىڭ ئالدىغا گۈپپىدە تىزلىنىپلا چۈشتى. ھىلىقى ئايال كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن كۆتۈرۈلۈش ئىشارىتى قىلىۋىدى، مەردان شۇ تىزلانغان پىتى يەردىن ئۈزۈلۈپ لەيلەشكە باشلىدى. توساتتىن ئۇنىڭ بىر پۇتى تۈزلىنىپ ئۇ ئايال تەرەپكە قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلىدى ۋە ئۇنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كىتىشكە باشلىدى. ئادەم بەدىنىنىڭ قىززىق ھارارىتى ئۇنىڭغا ئىنىق بىلىنىۋاتاتتى. باشتا ئوشۇققىچە، كىيىن تىزغىچە، يوتىغىچە كىرىپ كەتتى. مەرداننىڭ پۇتى بۇ ئايالنىڭ بەدىنىگە كىرگەنچە بۇ ئايالنىڭ پۇتلىرى مەرداننىڭكىگە ئوخشاش ئۆزگىرىۋاتاتتى. بۇ چاغدا مەردان تۇيۇقسىز ھۇشىنى تىپىۋالدى ۋە دەرھال كۆڭلىدە ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. « ۋەسىئە كۇرسىييۇھۇس سەماۋاتى ۋەلئەرز » ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ھىلىقى ئايال قاتتىق بىر سىلكىندى، دەل شۇ ۋاقىتتا مەردان قاتتىق بىر سىلكىنىش بىلەن يىراققا ئۇچۇپ كەتتى. چۈچۈپ ئويغانغان مەردان ئۆزىنى قارا باسقانلىقىنى، بايىقى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە خۇداغا شۈكرى ئىيتتى. ئەتراپ تىمتاس، ئالىمجان بىر خىل پۇشۇلداپ تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇيقۇسى قاچقان مەردان تەرەت ئىلىپ نامازغا تۇردى.
ئەتىسى دۇكاندا ئولتۇرغان مەردان « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » دىگەن بوغۇق ئاۋازدىن بۇرۇلۇپ كەينىگە قارىدى. دۇكان ئىشىكىدە كۆرۈشمىگلى يىگىرمە يىلچە  بولغان كونا دوستى ئوسمان كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. ھىلىقى ۋەقەدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇددۇس ئۇستاملار كۆچۈپ باشقا يۇرتقا كەتكەنىدى. ئوسمان كۆپ ئۆزگىرىپتۇ. مەرداننىڭ ئىسىدە قالغان سوغۇق نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلەرنىڭ ئورنىنى كۈلۈپلا تۇرىدىغان كۆزلەر ئىگىلىگەنىدى.
-        ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇرادەر قانداق ئەھۋالىڭ؟
ياخشى، تىنچ تۇردۇڭمۇ، سەن بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايدىغان جىددى ئىش بارئىدى، شۇڭا سىنى ئىزدەپ كىلىشىم، - ئوسمان سالام سەھەتتىن كىيىنلا تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي گىپىنى باشلىدى.
- قۇلىقىم سەندە ئاداش، قىنى سۆزلەۋەر
- بۇ ئىشنى ئىككىمىزلا بىلىمىز. بىزدىن باشقا بىلىدىغان ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى، ئانام – بىلەن داداممۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بەك ئىچىنىشلىق بولدى، سەن شۇ كىچىك ۋاقتىڭدا بىلىدىغان ئايىتەلكۇرسىنىڭ خاسىيىتى بىلەن بۇ بالالاردىن ئامان ئىسەن قالدىڭ، مەنمۇ بىر دىمىدە سۈيىنىڭ خاسىيىتى بىلەن بۇ بالادىن قۇتۇلدۇم. لىكىن، بۇ بالا – قازا بىزنى ماراپلا تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇ يىقىندىن بىرى چۈشۈڭ بۇزۇلىدىغان، قارا باسىدىغان ئىشلار يۈز بەردىمۇ؟
- تېخى ئاخشاملا، مەسچىت قۇرۇلۇشىنى ساقلاپ يىتىپ قارا باستى، - دەپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى مەردان ئوسمانغا.
- مەن ئۇياندىن قۇتۇلۇپ بولغىچە سىنى ئىزدەپ كەپ بوپتۇ مانا، ئەگەر ئىككىيلەن بىرلىشىپ بۇ بالا – قازانى يوقاتمىساق، بۇ ئەرۋاھ يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ بىشىغا چىقىدۇ.
- ھەي ھەي، مەن چۈشەنمەيلا قالدىم، نىمانداق باش ئايىغى يوق گەپ قىلىسەن، بۇ زادى قانداق ئەرۋاھ، نىمە ئۈچۈن سەن، بىز بىلەن ئىيتىشىدۇ؟
- بىز ياڭاققا چىقىپ چىراق ياندۇرۇپ ئوينىغان ھىلىقى ئاخشام يادىڭدا بارمۇ؟
- بولمامدىغان، قانداق ئۇنتۇپ قالغىلى بولىدۇ، ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئاخشامنى.
- توغرا دەيسەن، شۇ كۈنى ھەممەڭلار ئۆيلىرىڭلارغا قىچىپ كىتىشتىڭلار، يىنىڭدىكى دەرەختىن بىر نەرسە سۇغا چۈشكەندەك قىلغانمىدى، ئاشۇ دەل مەن ئىدىم. ئۆزەمنىڭ قانداقلارچە ئۇ دەرەختىن بۇ دەرەخكە يۆتكىلىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق بىر سوغۇق شامال كەلگەندەك قىلدى. قارىسام ھەممە دەرەخلەردە چىراقلار يىنىشقا باشلاپتۇ. ھەممە يەر يوپيورۇق بوپ كىتىپتۇ. شۇنداقمۇ قورقۇنچلۇق بىر مەخلۇق يىنىمدىكى شاختا ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتىكەن، قورقۇپ كەتتىم. ئىختىيارسىز قوللىرىم دەرەخنىڭ شىخىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ. سۇغا چۈشۈپ كەتتىم. ھىلىقى نەرسىمۇ مەن بىلەن بىللە سۇغا چۈشتى ۋە مىنى ھەدەپ ئىچىگە تارتىشقا باشلىدى. ئىسىڭدە بارمۇ؟ مەن چىققان دەرەخ نەق ھىلىقى ئالتە ئاچىماق، بىز ئالتە قوش دەپ ئاتايدىغان ھىلىقى ياڭاق ئىدى.
- ھەئە، ئىسىمدە بار،
- ئاشۇ ئالتە قوش دىگەن ھىلىقى جىننىڭ ئۇۋىسىكەنتۇق، مەن بىلمەيلا ئۇنىڭغا چىقىپ قاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دەخلى قىلىپ قويۇپتۇق. ئاخىرى مەن ئۇنىڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي كىرىپ كەتتىم. ئۇندىن كىيىن بولغان ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن.
- ئەمىسە قانداقلارچە قۇتۇلدۇڭ ئۇ جىندىن؟
- دادام ئاناملار بۇ ئىشتىن بالدۇرلا خەۋەر تاپقانىكەن، بىر نەچچە داخانلارغا، جىنكەشلەرگە كۆرسىتىپ ئوقۇتۇپمۇ بىقىپتۇ. بىراق ئامالى بولماپتىكەن، دادام – ئاپاملارمۇ دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇ جىننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىكەن. دادام ئاپاملار  تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن مەن ئۆيىمىزگە مىراسخورلۇق قىلغان تاغاملار بىلەن بىللە تۇرۇپتىمەن. ئۇ كىشى بەكمۇ دىندار، قەلبى پاك، نەپسىنى ھارامدىن ساقلىغان بىر تەقۋادار موللا كىشىنى تونۇيدىكەن. مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئاشۇ كىشىگە ئىيتىپ بىرىپتۇ. ئۇ كىشى، ئايىتەلكۇرسىنى ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئۈچ مىڭ ئوقۇپ سۇغا دىمىدە قىلىپ ئىچكۈزۈشنى تاپىلاپتۇ ھەم ئۆزى دىمىدە قىلىپ بىرىپتۇ. ئاشۇ دىمىدىنى ئىچىشكە باشلىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە قاتتىق قىينىلىپتىمەن. پۇت – قوللىرىمنى باغلاپ، يالغۇز ئۆيگە سولاپ قويۇشۇپتۇ. يەتتىنچى كۈنى كەچتە تاغام خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كىرىپ قارىسا ئۇخلاپ قاپتىمەن. تاغام يەنە ئىشەنچ قىلالماي مىنى يالغۇز قويۇپ چىقىپ كىتىپتۇ. ئەتىسى سەھەردە كىرگەندە مەن نورمال ئادەملەردەك ئۇنىڭغا مىنى يىشىۋەتسىڭىز بولاتتى، قورسىقىم ئىچىپ كەتتى، دەپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ، مىنى يىشىۋەتتى ۋە نەچچە ۋاقىتتىن بىرىقى ئەھۋالىمنى سۆزلەپ بەردى.
- جىن سىنىڭ سۈرىتىڭگە كىرىۋالغان تۇرسا مىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى بىلىدىغانلىقىمنى سەن قانداق بىلىسەن؟
- ھىلىقى ۋاقىتتا ئۆستەڭ بويىدا مىنىڭ كىندىكىمنىڭ ئۈستىدىكى دۈم ھىلال ئاي شەكىللىك قوڭۇر مەڭنى كۆرگەن ۋاقىت ئىسىڭدىمۇ؟
- ھەئە، ئىسىمدە،
- دەل شۇ ۋاقىتتا، سەن ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇدۇڭ، ئەگەر ئوقۇمىغان بولساڭ، شۇ چاغدىلا ئۆلەتتىڭ. سەن ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا ھىلىقى جىن مەندىن ئاجراشقا باشلىغان، مەن ئۆزەمنى ھىس قىلىۋاتقان ئىدىم. شۇ چاغدا ئەگەر سەن ئايىتەلكۇرسىنى تولۇق ئوقۇپ تۈگىتەلىگەن بولساڭ، مەن ئۇ جىندىن تامامەن قۇتۇلۇپ كىتەلەيتتىم. بىراق سەن جىننىڭ پۇتلىشىغا يولۇقتۇڭ، پۇتۇڭ كىسىلدى، ئوقۇشتىن توختىدىڭ، ئۇ يەنە ماڭا يىپىشتى. مەن قايتىدىن ئۇنىڭ ئەسىرى بولدۇم.
- ھە، ئەمدى چۈشەندىم، ئىيتە، ئەمدى قانداق قىلساق، ئۇنىڭ خەتىرىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟
- بۇ بەك قىيىن ھەم خەتەرلىك ئىش، سەللا جايىدا قىلالماي قالساق، بىزلا ئەمەس يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. ھىلىقى موللامنىڭ دەپ بىرىشىچە بۇ بەكمۇ ۋەھشى جىنلار قەۋمىدىن بولۇپ، ئىنساننى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ بىلىدىكەن. ئىنسانغا زىيانكەشلىك قىلمايدىغان بىرمۇ كۈنى يوق ئىكەن. ئۇنى ۋە جەددى جەمەتىنى يوقىتىشلا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئىكەن.
- دىسەڭچۇ، ئۇنى قانداق يوقىتىدىكەنمىز؟
- ئەڭ ئالدى بىلەن پاك ھالىتىمىزدە تاھارىتىمىز بىلەن سەگەك تۇرۇپ، يىتەرلىك سۇغا ئايىتەلكۇرسىنى ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئۈچ مىڭ قىتىم، دەھقافنى ئۈچ مىڭ ئۈچيۈز ئوتتۇز ئۈچ قىتىم ئوقۇپ دىمىدە قىلىمىز، شەرتى شۇكى، سان بىرى ئارتۇق ياكى كەم بولماسلىقى كىرەك، بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىقىڭ بولسۇن. ئاندىن ھىلىقى ئالتە قوش دىگەن ياڭاق دەرىخىنىڭ بىرەر تال شېخىنىڭ ئۇچىمۇ چىقىپ قالمىغۇدەك قورشاپ ئايلاندۇرۇپ ئاشۇ دىمىدە بىلەن چەمبەر شەكلىدە دائىرە سىزىۋالىمىز.
- ئاندىنچۇ؟
- ئاندىن ھەر ئىككىمىز غۇسلى تاھارەت ئىلىپ، دىمىدە سۇدىن ھەر بىرىمىز يەتتە يۇتۇمدىن ئىچىۋالىمىز. ....................................


5- بۆلۈم

ئوسمان بىلەن مەردان ئىش باشلىغىلى بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، دىققىنى يىغقانسىرى ئۇيقۇسى كىلىپ مۈگىدىشىپ، ساننى خاتا ساناپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئوقۇشتىن توختاپ، ئۇخلىۋىلىپ، يەنە داۋاملاشتۇرۇپ دىگەندەك، ساننى ئاۋۇتالماي بەكمۇ تەستە ئۆتتى بۇ ئۈچ كۈن، ساننى بەك تىز ئاشۇرالمىغان بىلەن ھەر ئىككىسى خاتالاشماي توغرا ساناپ ئوقۇۋاتاتتى، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە بۇلارنى ئۇيقۇدىن باشقا نەرسە ئاۋارە قىلمىدى. ئۇلار بەش ۋاق نامىزىنى ئوقۇغان، تاماق يىگەن ۋە ئۇخلىغان ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئايەت ئوقۇش بىلەن تۇرۇپمۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە ساننى 10 مىڭدىن ئاشۇرالمىغانىدى. تۆتىنچى كۈنى پىشىننى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بىرەر سائەت ئوقۇشتى، بىر چاغدا ئوسمان :
- مانا ئون بىر مىڭنى ئوقۇپ بولدۇق. : - دەپ بىر تال تاشنى تاشلىشىغىلا ئىشىك  ۋە دىرىزىلەر جالاق – جۇلۇق قىلىپ تەڭلا ئىچىلىپ كەتتى. بۇ ئىككىيلەن نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچىلا يەنە جالاقشىغىنىچە چىڭ يىپىلدى. بۇ ئىككىيلەن ھەيران بولۇپ بىر بىرىگە قارىشىۋىتىپ، ئىشىك يىنىغا كىلىشتى ۋە ئىشىكنى تارتتى. بىراق ئىشىك ئىچىلمىدى. تۇيۇقسىزلا ئۆي ئىچى قاپ – قاراڭغۇ بوپ كەتتى. مەردان ئىشىك يىنىدىكى توكنىڭ يىپىنى تارتتى. توك ياندى، ياندىيۇ، لاپ – لاپ قىلىپ بىر يىنىپ بىر ئۆچۈپ، ئاخىرىدا قاتتىق بىر يورۇپلا گۈم قىلىپ پارتلاپ كەتتى. ئىشىك – دىرىزىلەر ئىچىلمايۋاتاتتى. ئۆينىڭ ئىچى گۆردەك قاراڭغۇ، ھەتتا بۇ ئىككىسى ئۆز قوللىرىنى كۆزىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپمۇ كۆرەلمەيۋاتاتتى. ھەر ھالدا ئۆي ئىچى ئۇلارغا تونۇش بولغاچقا ئىككى قوللىرىنى چىڭ تۇتۇشۇپ، ساناپ بولغان تاشلار بىلەن سانالمىغان تاشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاۋايلاپ دەسسەپ، سۇپىغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى مەلۇم ئەمەس، بىر ۋاقىتتا ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنىڭ تورۇسلىرىدىن ئاجىز بىر يىشىل نۇر چاقناشقا ۋە بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. نۇرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ مەردان بىلەن ئوسمان بىر بىرىنىڭ چىرايلىرىنى پەرق ئىتىشكە باشلىدى. تۆت بۇلۇڭدىكى يىشىل نۇرلاردىن كۆزىنى ئۈزۈپ ئوسمانغا قارىغان مەردان قاتتىق ۋاقىرىۋەتتى. ئوسماننىڭ چىرايى ئۆزى كىچىك ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن كۆزىنىڭ قارچۇقى يوق، ھىلىقى بەدبەشىرە كۆرۈنۈشتە، يۈزىنىڭ رەڭگى ئاقۇچ كۆك رەڭدە بولۇپ، ئىنتايىن سوغۇق ھىجىيىۋاتقان لەۋلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۈستىدىكى ئىككى تال قوزۇق چىشى چىقىپ تۇراتتى. مەرداننىڭ تىلى شۇ ھامان نەچچە كۈندىن بىرى تولا ئوقۇپ ئىغىزلىرى كۆنۈپ كەتكەن ئايىتەلكۇرسىغا كەتتى. ئوسمانغا تىكىلىپ تۇرۇپ پىچىرلاپ ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئەمدى ئوسمان ئۇنىڭغا ۋەھشىيلەرچە بىر نەزەر بىلەن قارىماقتا، ئاستا – ئاستا ئۇنىڭغا يىقىنلاشماقتا، قان تامچىپ تۇرغان، بۇردا – بۇردا گۆشلەر ساڭگىلاپ تۇرغان قوللىرىنى مەردانغا سوزۇپ كەلمەكتە ئىدى. مەردان جىددىيلىشىپ تېخىمۇ تىز ئوقۇماقتا « ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما ۋەھۇۋەلئەلىييۇل ئەزىيىم » دەل ئوسماننىڭ قولى مەرداننىڭ گىلىغا كىلىپ بولۇشىغىلا مەردانمۇ ئوقۇپ تۈگەتتى – يۇ، قورقۇنچتىن ھۇشىدىن كەتتى.
ئۇ كۆزىنى ئاچقاندا ئوسمان ئادەتتىكىدەكلا ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ، پىچىرلاپ ئايەت ئوقۇۋاتاتتى. ئۆي ئىچىدە ھىچقانداق بىنورماللىق يوق، چىراقمۇ جايىدا، ئوسمانمۇ بىر خىل خاتىرجەم ھالەتتە پىچىرلاپ ئولتۇراتتى. گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن مەرداننى ئوسمان يىنىك قول ئىشارىتى بىلەن توسۇپ قويدى. خالىغان ۋاقىتتا گەپ قىلسا ساننى ئىزىقتۇرۇپ قويۇش، ياكى خاتا ئوقۇپ قويۇش ئىھتىماللىقى بولغاچقا مەردانمۇ ئۇنىڭغا ئۈن – تىنسىز بويسۇندى. ئوقۇۋاتقىنىنى ئوقۇپ بولدى بولغاي، ئوسمان ئۇنىڭغا سۇئال تەرىقىسىدە تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدى:
- نىمە بولدى ئاداش، ئولتۇرغان يىرىڭدە ئولتۇرۇپ، گۈپلا چۈشۈپ ئۇخلاپ كەتتىڭ؟
- ئادااااااااش، مەن ئۇخلاپ كەتمىدىم، دىدى مەردان ئوسمانغا ۋە كۆرگەنلىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى. قاتتىق ھەيران بولغان ئوسمان دەرھال ھىلىقى ئۆزىگە تەلىم بەرگەن كىشىگە تىلفۇن قىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ كەچتىلا ئۇلارنىڭ قىشىغا يىتىپ بارىدىغانلىقى، ئۆزى بىرىپ بولغۇچە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرماسلىقى كىرەكلىكى، ئىككىيلەننىڭ سىرتقا چىقماسلىقى، بىتاھارەت يەرگە دەسسىمەسلىكىنى ئىيتىپ تىلفۇننى قويۇۋەتتى.

6- بۆلۈم
ئەمدى بۇ ئىككىيلەنگە ئاشۇ كىشىنىڭ كىلىشىنى ساقلىماقتىن بۆلەك چارە يوق ئىدى. قاراڭغۇ بولسا چۈشۈپ كىتىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق، دىرىزىلەرمۇ، ئۆينىڭ كەينى تىمىدىكى ھاۋادانمۇ ئوچۇق تۇرغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ قاراڭغۇ ناھايتى تىز چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. تېخى ناماز شام بولماي تۇرۇپلا ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بوپ كەتتى.
- ئەجەپ غەلىتە، تېخى ناماز شام بولماي تۇرۇپلا قاپقاراڭغۇ بوپ كەتتىغۇ ما ئۆينىڭ ئىچى؟
مەرداننىڭ ئايانچلىق سۇئالىغا ئوسمان بىر خىل پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاپ بەردى.
- كەچ بولسا قاراڭغۇ چۈشىدىغان گەپ شۇ ئاداش، قورقما، ھىچ ئىش بولمايدۇ.
ئوسماننىڭ بۇ گىپى مەردانغا تەسەللىي ياكى يۈرەك بەرمەك تۈگۈل ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك، تۇيۇلۇپ تېخىمۇ قورقۇشقا، يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئادەم كىلىدىغان شەھەردىن بۇ يەرگە ئەڭ تىز ماڭىدىغان ماشىنىلارمۇ ئىككى يىرىم سائەتسىز يىتىپ كىلەلمەيتتى. ئۇ ئادەم كىلىمەن دىگىنىگە ئەمدى تېخى بىر يىرىم سائەتلەرچە بولغانىدى. باياتىن كۆرگەنلىرى مەرداننىڭ كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ ئوسمان بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشتىن قورققانسىرى سائەتنىڭ سىترىلكىسىغا تۈگمەن تېشى ئىسىپ قويۇلغاندەك ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى. تۇيۇقسىز چىراق لاپپىدە ياندى، چۈچۈپ كەينىگە قارىغان مەردان ئوسماننىڭ نىرىدا ساناۋاتقان تاشلارنىڭ يىنىدا بەخىرامان ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇنىڭ چىراقنىڭ يىپىنى تارتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ ھامان ئىشىك دىرىزىلەر جالاققىدە قىلىپ يىپىلىپ، چىراق تېخىمۇ كۈچلۈك يىنىشقا، بىر خىل سوغۇق، كۆكۈچ نۇر تارقىتىشقا باشلىدى. قورقۇپ يۈرىكى قىپىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغان مەردان قايتا ئوسمانغا قارىدى. ئوسمان ئولتۇرغان يىرىدە يەردىن بىر مىتىر ئىگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ قالغان بولۇپ، مۇئەللەقتە لەيلەپ ئولتۇراتتى. كۆزلىرىنىڭ قارچۇقى يوق، كۆزىدىن ئىغىزىدىن، قۇلاق ۋە بۇرۇنلىرىدىن قان ئىقىپ تۇراتتى. ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى تال ئوق چىشى لەۋلىرى ئارىسىدىن ئۇزىراپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى تال چىشنىڭ ئۇچىدىنمۇ قان تىمىپ تۇراتتى. مۇشۇ تاپتا مەرداننىڭ يادىغا ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇش كەلگەن بولسىمۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ تىلىغا كەلمەيۋاتاتتى. ئەجىلىم توشۇپتۇ دەپ ئويلىغان مەردان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى. يۇمۇۋالدىيۇ، ئۆزىنىڭ مۇئەللەقتە لەيلەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ دەررۇ كۆزىنى ئاچتى. راستىنلا ئۆزىمۇ مۇئەللەقتە لەيلەپ قالغان بولۇپ، ئوسماننىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئوسمان ئۇنىڭغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھىجىيىپ، ھىلىقى ئىككى تال چىشىدىن قان تىمىتىپ قاراپ تۇراتتى. يىنىك بىر شامال بىلەن تەڭ ئوسماننىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئالدى ئىچىلىپ كىندىكىنىڭ ئۈستىدىكى دۈم ھىلال ئاي شەكىىللىك مەڭ كۆرۈندى ۋە قوڭۇر مەڭ ئاستا قىزىرىشقا، نۇرلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان قىزىل نۇر مەردانغا قاراپ سۈرۈلۈپ كەلگەنسىرى كىڭىيىپ، مەرداننى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئىلىشقا باشلىدى. بۇ نۇر شۇنچىلىك قىزىق ئىدىكى مەردان ئۆزىگە يىقىنلىشىۋاتقان نۇردىن ئۆزىنى پارغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى. مەرداننىڭ ۋۇجۇدى، روھى بىر خىل ئۆزگىرىشكە ئەسىر بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. مەردان ئەڭ ئاخىرقى ھىس تۇيغۇلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ئۆزىنى قۇتقۇزمىسا ئەمدى مەڭگۈ ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايدىغاندەك ھىس قىلىپ، ئاداققى كۈچ – مادارى بىلەن ئاللاھ دەپ نىدا قىلدى. قاقاقلاپ كۈلگەن مەردان مەڭگۈ ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ھىلىقى چاغدا ئۆستەڭ بويىدا ئوسمان تەرەپتىن ئاڭلانغان ھىلىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ۋە شۇنچىلىك بوغۇق، سۈرلۈك ئىدى.
- ھاھ، ھاھ، ھاھ، ھا .................. سىنى مىنىڭ قولۇمدىن ئەمدى ھىچنەرسە قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ساڭا، سىنىڭ قالقىنىڭغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ مادار يىغدىم. ئەگەر سەن ئوقۇيمەن دىگەنلىرىڭنى تولۇق ئوقۇپ تۈگىتىشىڭگە يول قويسام، ئۇ چاغدا ئىش باشقىچە بولاتتى. سىنى يوقاتساملا، مەن خالىغىنىمنى قىلالايدىغان كۈچ قۇدرەتكە ئىرىشىمەن. بۇ دۇنيادا مىنى توسىدىغان ھىچقانداق كۈچ بولمايدۇ. ھىچكىم مىنىڭ سىرىمنى بىلمەيدۇ. بىلىدىغان، مىنى توسالايدىغان بىر دىنبىر ئادەم سەن ئىدىڭ، ئەمدى سەنمۇ تەلتۆكۈس مىنىڭ ئالقىنىمغا چۈشتۈڭ، ئارتۇق ئۇرۇنما!
تۇيۇقسىز ئۇ ئالۋاستى ئىشىككە قارىدى. مەردانمۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىككە قارىدى. ئۆينىڭ ئىشىگى كۆيۈۋاتاتتى. ئىشىكتىكى ئوتنىڭ ئارىسىدىن بىشىغا ئاق سەللە يۆگىگەن، ئاپپاق ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان، قولىدا قامچىسىمان ئوت تۇتۇۋالغان ئاپپاق ساقاللىق بىرى كىرىپ كەلدى ۋە قولىدىكى قامچىسىنى ئالۋاستىغا شىلتىدى. ھىلىقى ئالۋاستى ئىچىنىشلىق بىر چىقىراپ ئۆزىنى ئۇيان بۇيان ئىتىشقا، ئۆينىڭ ئىچىدە پىقىراشقا باشلىدى. ھىلىقى كىشى ئوت قامچىسىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ يەنە بىر سىلكىپلا ئۇنى قامچىغا يۆگەپ باغلىۋالدى دە تارتىپلا جايىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئىشىك – دىرىزىلەر تېخىچە كۆيۈۋاتاتتى. مەردان بولسا مۇئەللەقتە لەيلەپ تۇرغان ھالەتتە تۇراتتى. بۇ كىشى مەردانغا قاراپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئاستا تۆۋەنگە چۈشۈش ئىشارىسى قىلدى. مەردان يەرگە يەڭگىل دەسسىدى.
- ئولتۇر ئوغلۇم، دىدى ھىلىقى كىشى مەردانغا قاراپ يىقىملىق تەبەسسۇم قىلىپ: مەن سىلەر بۈگۈن يولۇققان بۇ دىشۋارچىلىقلارنى ئالدىن پەرەز قىلغانىدىم، بۇ ئەبلەخنىڭ بۇ قەدەر كۈچلىنىپ كىتىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ھىلىمۇ دەل ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كەپتىمەن. بولمىسا تېخىمۇ چوڭ ئىش چىقاتتىكەن.
ئۇ كىشى گىپىنى تۈگىتىپ ئالۋاستىغا قارىدى. ئوت قامچا بىلەن يۆگىلىپ چىڭ بوغۇلغان ئالۋاستى، تاقەتسىزلىك بىلەن چىقىرايتتى، ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇراتتى.
- سىنى ھازىر ئۆلتۈرمەيمەن. بىر قوشۇق قىنىڭدىن كەچتىم، دەرھال يوقال، ئەمدى بۇ ئەتراپقا قايتا ئاياق باسساڭ، جەددى جەمەتىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىمەن. ئۇ كىشىنىڭ گىپى تۈگىشى بىلەن تەڭلا قامچىدىكى، ئىشىك – دىرىزىلەردىكى ئوت تەڭلا ئۆچتى. چىراقمۇ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتتى. ئوسمان بولسا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا تاتلىق ئۇخلاپ ياتاتتى.

7- بۆلۈم
مەردان ئۇ كىشىنى بۇرۇندىن تونۇيدىغاندەك، ئۇزۇن ۋاقىتلار بىللە يۈرگەندەك ھىس قىلىپ قالدى. بىراق نەدە كۆرگەنلىكىنى، نىمە ئىشلار بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى.
- سىز كىم بولىسىز؟ بايا ئۇ ئالۋاستى ماڭا دۇنيادا مىنىڭ سىرىمنى بىلىدىغان سەندىن باشقا ئادەم يوق، سىنى يوقاتسام دۇنيادا مىنى توسايدىغان كۈچ قالمايدۇ دەۋاتقانىدى، لىكىن سىز .....................
- ئالدىرىما بالام، ساڭا ھەممىنى سۆزلەپ بىرىمەن. : دىدى  ئۇ كىشى ۋەزمى بىر ئاھاڭدا، ھەممە ئىشلار ناھايتى تىزلا ئايدىڭ بولىدۇ. : - ئىسمىم موللا ماران، ئاتاقلىق جىنكەشلەرنىڭ ئەۋلادى بولىمەن. مىنىڭ بوۋام بىر دىيانەتلىك ئالىم كىشى بولۇپ، جىنلار ۋە ئالۋاستىلارنى كۆرەلەيدىغان، ئۇلارنى كونتىرول قىلالايدىغان كارامەتنى خۇدا ئۇ كىشىگە بەرگەنىكەن. بوۋام ياشىنىپ قالغان زامانلاردا خوشنىسىنىڭ ئوغلى ئەخلەتخانىنىڭ يىنىدا كىچىك تارەت قىلغان باھانە بىلەن بىر پۇتى باسماس، بىر قولى تۇتماس بولۇپ قاپتۇ، بوۋام ئۇ يىگىتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چاپلاشقان ئالۋاستى بىلەن پاراڭلىشىپتۇ ۋە ئۇنى يىگىتنىڭ تىنىدىن چىقىپ كىتىشكە، بۇ يەرلەرگە قايتا قەدەم باسماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. بىراق ئالۋاستى ئۇنىماپتۇ. چۈنكى ھىلىقى يىگىتنىڭ كىچىك تەرىتى ئالۋاستىنىڭ يەتتە بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانىكەن. ئۇ ئالۋاستى، جانغا جان، قانغا قان ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالغاچقا بوۋام، زىيانغا ئۇچرىماي دىسەڭ، ئىنسانلاردىن يىراق ياشىشىڭ كىرەك ئىدى، ئۆزەڭ ئىنسانلاردىن ماكان تالاشقان تۇرۇپ، ئەمدى بۇنداق دەۋا قىلساڭ بولمايدۇ، بۇ يەردىن كەت دەپ مەجبۇرى كەتكۈزۈۋەتكەنىكەن، قايسى كۈنى مەن ئوسماننى دەسلەپتە قۇتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن بۇ ئالۋاستى بىلەن سۆزلەشكەنىدىم. ئەسلى ئوسمان ھىلىقى چاغدا ئالۋاستىنىڭ يەتتە بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بالىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن، ئوسماننىڭ بوۋىسى توي قىلىپ، تۇنجى بالىسى تۇغۇلغان چاغدا ئالۋاستى، نىشانىنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن تۇغۇلغان بالىنىڭ كىندىكىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بەلگىسى يەنى دۈم ھىلال ئاي شەكىللىك مەڭنى چاندۈرماي پۈتۈپ قويغانىكەن. بوۋامنىڭ بۇ كارامىتى كىيىن دادامغا مىراس قاپتۇ، دادام بوۋامدىن قالغان ۋەسىيەت بويىچە بۇ ئالۋاستىلارنىڭ كىشىلەرگە داۋاملىق زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەپ، شەھەرنىڭ بىر چىتىدىكى ئۆستەڭ بويىغا تىكىلگەن ياڭاق دەرەخلىرىدىن بىرىگە بەنت قىلىۋەتكەنىكەن. شۇڭا بۇ ئالۋاستلار ئوسماننىڭ دادىسىغا  زىيان يەتكۈزەلمىگەنىكەن، تەقدىر شۇنداق پۈتكەن ئوخشايدۇ. ئاشۇ سىلەر كىچىك ۋاقتىڭلاردا  ئوسمان تاسادىپىيلا ئاشۇ ئالۋاستىلار بەنت قىلىنغان دەرەخكە چىقىپ قاپتۇ. دەرەخ دائىرىسىدىن چىقالمايدىغان ئالۋاستىلار دەرەخكە چىققان، دائىرىگە كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنى تەكشۈرۈپ باقىدىكەن. ئوسماندا ھىلىقى بەلگە كۆرۈلگەندىن كىيىن ئۇ دەرھال ئوسماننىڭ ئىچىگە كىرىپلا ياندىكى دەرەخكە چىقىپتۇ، ئاندىن سۇ ئارقىلىق دائىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ. بىر بالىسىنى قۇربان قىلىپ، ئوسماننىڭ دەسلەپتىكى يالغان جەسىدىنى قالدۇرۇپتۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇ ئوسماننىڭ ۋۇجۇدىغا  ئۆزى بىلەن بىللە ئۈچ بالىسىنى كىرگۈزگەنىكەن. بۇ ئالۋاستى بەنتتىن قۇتۇلغىلى 18 يىل بولدى، مۇشۇ جەرياندا ئالۋاستىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ نۇرغۇن ماھارەتلەرنى ئىگەللەپتۇ. ئالدىنقى قىتىم مەن ئۇنى ئوسماننىڭ تىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كىيىن، سىلەر ئىش باشلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ يەنە بىر بالىسىنى ئوسماننىڭ تىنىگە جايلاشتۇرۇپ بوپتۇ. بۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوسمان ئالۋاستى تىنىدە بولغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە بىر قىتىم ھادىسىگە يولۇقۇشى كىرەك. شۇندىلا ئالۋاستى ئۆز ئىنتىقامى ئۈچۈن يەنە بىر بالىسىنى قۇربان قىلىپ، ئوسماننىڭ تىنىدە يالغۇز ئۆزىلا قالىدۇ. شۇ چاغدا بىز ھۇجۇم قىلساق ئاندىن بۇ ئالۋاستىنى يوقىتالايمىز. مىنىڭ بايا بۇ ئالۋاستىنى ئۆلتۈرمەسلىكىمدىكى سەۋەپمۇ شۇ.
مەردان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆزىنى قىيناپ كىلىۋاتقان نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدى.
- بىراق، ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ ئوسمان قانداق ھادىسىگە يولۇقىدۇ؟ بۇ ئوقۇشنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ؟ بۇ ئىشلارغا ئەمدى ئوسمان قاتنىشالامدۇ يوق؟
- ئوسمان ئەلۋەتتە قاتنىشىدۇ. ئوسماننىڭ قانداق ھادىسىگە يولۇقۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ھادىسىدە ئوسمان ئەمەس، ئوسماننىڭ ئىچىدىكى ئالۋاستىنىڭ بالىسى ئۆلىدۇ. مەن سىلەرنى قوغدايمەن. ئەمدى سىلەر ئوقۇپ تۈگەتكىچە بولغان ئارىلىقتا سىلەرنى ھىچقانداق نەرسە ئاۋارە قىلمايدۇ. تاڭ ئىتىپ قالدى، ئەمدى ئوسماننى ئويغاتقىن، ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ، تاھارەت ئىلىپ، بامداتنى مەسچىتتە ئوقۇيلى ۋە بامداتتىن يىنىپلا ئىشىمىزنى باشلايلى. ھەممەيلەن تەق بولغاندىن كىيىن موللا ماران ھىلىقى قامچىسىنى يەرگە قارىتىپ پۈتۈن قورانى بىرنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇنىڭ قامچىسىنىڭ سېپى ئۇچىدىن ھەر قەدەمدە بىر تامچە سۇ تامچىلاۋاتاتتى.

8-بۆلۈم
مەردان بۇنىڭدىن ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ھەيرانلىق ئىلكىدە تىكىلگەن كۆزلىرىگە موللا ماران جاۋاپ تەرىقىسىدە سۇسلا بىر تەبەسسۇم قىلىپ قويۇپ ئۆستەڭ تەرەپكە ماڭغاچ سۆزلىدى:
- ئەجدادىمدىن قالغان بىر مەخپى دۇرۇت بار، ئۇنىڭ ئىسمىنى دۇرۇدى نار دەيدۇ. بۇ دۇرۇدنى نىسابىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇيالىغانلار دۇنيا تارىخىدا 30 ئادەمگىمۇ يەتمەيدۇ. مەن بۇ دۇرۇتنى بىلگەندىن بىرى توختىماي داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. تېخى نىسابىغا يەتكۈزۈپ بولالمىدىم. ئەگەر كىشى بۇ دۇرۇتنى ئوقۇپ، نىسابىغا يەتكۈزسە  جاھانغا ئوت قويىمەن دەپ ئوت قويالايدۇ. سەن سەھەردە كۆرگەن قامچامدىكى، ئىشىك – دىرىزىلەردىكى ئوت دەل شۇ دۇرۇدى نارنىڭ خاسىيىتى بالام.
كىچىكىدە دادىسىدىن تاھارەتنى ياش يىگىتلەردەك چاققان ئىلىش، نامازنى بوۋايلاردەك ئاستا ئوقۇش توغرىسىدا تەلىم ئالغان مەردان ئۆستەڭ بويىغا بىرىپ ناھايتى تىزلا تاھارەت ئىلىپ بولدى، پۇتلىرىنى يۇيۇپ، ئاياقلىرىنى كىيىپ ئورنىدىن تۇرغان مەردان موللا ماراننىڭ يوغان بىر تاشنى ئىلىپ ئوسمان تەرەپكە ماڭغىنىنى كۆرۈپ، ئاغزىنى ئاچاي دىيىشىگە موللا ماران يۈزىنى يۇيۇۋاتقان ئوسماننىڭ بىشىغا ھىلىقى تاشنى كۈچەپ ئۇردى ۋە كەينىگىمۇ قارىماستىن مەردانغا:
- يۈر بالام! مەسچىتكە كىچىكىپ قالمايلى. دىگىنىچە كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. تارتىشىپ كەينىگە قارىغان مەردان سۇغا يىقىلغان ئوسماننىڭ لەيلەپ، كۆپۈپ قالغان كۆڭلىكىنىڭ ئىچىلىپ قالغان يىرىدىن كىندىكىنىڭ ئۈستىدىكى دۈم ھىلال ئاي شەكىللىك قوڭۇر مەڭنى ئىلغا قىلدى، جەسەت سۇدا لەيلەپ ئاستا  ئىقىپ كىتىۋاتاتتى.
دۇئادىن يىنىپ مەسچىتتىن قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان مەردان كەينىگە قايرىلىپلا ۋاقىرىۋىتىشكە تاس قالدى. ئۇنىڭ كەينىدىكى سەپتە ئولتۇرغانلار بىلەن ئوسمانمۇ تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇۋاتاتتى. ئۇلار مەسچىتتىن چىقىپ كۆۋرۈك بىشىغا كەلگەندە نۇرغۇن ئادەملەر سۇدىن سۈزۈۋىلىنغان، بىشى مىجىلىپ كەتكەن بىر جەسەتنى ئورىۋىلىشقانىدى. بۇلارمۇ ئەل قاتارى بىرىپ بىر قاراپ قويۇپلا دەرھال ئۆيگە قايتىپ ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىشتى.
ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئەمدى ئوڭۇشلۇق كىتىپ باراتتى. بىرەر ئايغا بارار بارمايلا ئوقۇيدىغان ۋەزىپىلىرىنى ئوقۇپ تۈگىتىشكەن بۇ قەھرىمانلىرىمىز موللا ماراننىڭ ئىغىزىغا قاراشتى. ئۇلار ئوقۇپ تۈگەتكەن كۈن جۈمە كۈنى بولۇپ، موللا ماراننىڭ دىيىشىچە چارشەنبە كۈنى كەچكە ساقلايدىكەن. چارشەنبە كۈنى ناماز خۇپتەندىن كىيىن ھىلىقى جىننىڭ ئۇۋىسى بولغان ئالتە قوش ياڭاقنىڭ تۈۋىگە بىرىپ موللا ماراننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسىلا ھەممە ئىش تاماملىنىدىكەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ – خاتىرجەم ياشايدىكەن. مەردان بىلەن ئوسمان چارشەنبە كەچنىڭ كىلىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى.
مانا، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن چارشەنبە كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى، ناماز خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇغان بۇ ئۈچ كىشى ئۆيگە قايتىپ كىلىپ نەچچە ۋاقىتتىن دىمىدە قىلغان سۇلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆستەڭ بويىدىكى ياڭاقلىققا كەلدى. موللا ماران مەردان بىلەن ئوسمانغا دىمدە سۈيى بىلەن ياڭاق دەرىخىنى ئايلاندۇرۇپ دائىرە سىزىپ چىقىشنى بۇيرىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دائىرە ئىچىگە ھەرگىزمۇ كىرىپ قالماسلىقىنى ئالاھىدە تاپىلىدى. ئۆزى نىرىراق يەردە ئولتۇرۇپ قامچىسىنى ئالدىغا قويۇۋىلىپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ قامچىغا ۋە ئۆزىگە ھۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ئىككىيلەن ياڭاقنى ئايلاندۇرۇپ دائىرە سىزىپمۇ بولۇشتى. موللا ماران ئۇلارنىڭ قىشىغا كىلىپ:
- ئەمدى مەن ئىچىگە كىرمىسەم بولمايدۇ. ھەر ئىككىلەڭلار سەگەك بولۇڭلار، دىمىدىدىن يەتتە يۇتۇمدىن ئىچىڭلار، ئاغزىڭلاردا ئايىتەلكۇرسىنى داۋاملىق ئوقۇڭلار، بىر دەم توختاپ قالساڭلار چاتاق چىقىدۇ. سەل تۇرۇپ مەن ئوسماننى چاقىرىمەن، دەرھال مىنىڭ قىشىمغا، دائىرىنىڭ ئىچىگە كىرىسەن، قىلىدىغان ئىشىمىز بار. شۇنداق بولغاندا ئاندىن بۇ ئاۋارىچىلىقتىن بىراقلا قۇتۇلىسەن. مەردان، سەن ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇغان ئىچىگە دىققەت قىلىپ تۇرىسەن، ھەر قانداق ئىش كۆرسەڭمۇ قورقۇپ كەتمىگىن، ھەم ۋاقىرىمىغىن!
گىپىنى تۈگەتكەن موللا ماران بىسمىللا دەپلا ھىلىقىلار سىزىپ قويغان دائىرىدىن ئىچىگە ئاتلىدى، شۇ ھامان ئۇلار سىزىپ قويغان دائىرىدە ئىزى كۆيۈۋاتقان ئوتقا، يالقۇنغا ئايلاندى. ئىككىيلەن ئوتنىڭ ئىچىگە، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى. موللا ماران قولىدا ئىلىۋالغان بوتۇلكىدىكى دىمىدە سۇنى ئالدى بىلەن ياڭاق دەرىخىنىڭ تۈۋىنى ئايلاندۇرۇپ تۆكتى. شۇ ھامان ياڭاق دەرىخىنىڭ شاخ – شاخلىرىدىن نالە – زار قىلغان، چىقىراشقان، خىرىلداشقان ئاجايىپ بوغۇق، سەت ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا، ياڭاق دەرىخى بولسا سىلكىنىشكە، دەرەخنىڭ شاخ – يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ياڭاقنىڭ پۈتكۈل ئومومى گەۋدىسىدىن بىر خىل كۆكۈچ ئاق نۇر تارقىلىشقا باشلىدى. ئاشۇ نۇرلار ئىچىدە مەردان بىلەن ئوسمان ھەر خىل بەدبەشىرە مەخلۇقلارنى، بەدىنىدە ئازىراقمۇ گۆش بولمىغان ئىسكىلىتلارنىڭ قاتتىق ئازاپتىن تولغىنىپ نالە – زار قىلىشىۋاتقانلىرىنى كۆردى. تۇيۇقسىز مەردان كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئابلىمىت، لالىخان، ئابدۇرىشىت، ئابدۇرىھىم، راخمانلارنى كۆردى، ئۇلارنىڭ كەينىدىلا قۇددۇس ئۇستام بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئىچىنىشلىق چىقىراۋاتاتتى. بۇ ھالنى كۆرۈپ دەرھال ئوسمانغا قارىغان مەردان ئوسماننىڭ قورقۇنچتىن چەكچىيىپ قالغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇنىڭ قىشىغا كەلدى دە تۇيۇقسىز ۋاقىراپ سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىغىزىنى تۇتۇۋالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا موللا ماران ئوسماننى چاقىرىپ قالدى. ئوسمان دائىرە ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا دائىرە شەكىللىك ئوت  نەچچە ھەسسە ئۇلغىيىپ دائىرە ئىچىدىكى ئوسمان بىلەن موللا ماراننىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولمىدى. مەردان قىزىقىپ ئالدىغا سۈرۈلۈپ، سۈرۈلۈپ ئوتنىڭ يىنىغىلا كىلىپ قالغانىدى.
- كەينىڭگە يااااااااااااااااااااااااااان !
موللا ماران ۋاقىراپ بولغۇچە ئىچىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن بىر ئىسكىلىت قول مەرداننىڭ كانىيىدىن تۇتۇپلا ئىچىگە تارتىپ كىرىپ كەتتى. ئەسلىدە مەردان بەك يىقىن بىرىپ بۇرۇن سىزىپ قويغان دائىرە سىزىقىغا دەسسەپ سالغان، دائىرىدىن يوچۇق ئىچىلىپ قالغانىكەن. ئاشۇ ئىچىلغان يوچۇقتىن پايدىلانغان ئالۋاستى مەرداننى سۆرەپلا ئىچىگە ئەكىرىۋالغان ئىكەن. تارس قىلغان قامچا ئاۋازىدىن كىيىنلا مەرداننىڭ كارنىيىنى سىقىۋالغان قول بوشىدى، مەردان گۈپ قىلىپلا يەرگە يىقىلدى، ئوسمان قولىدىكى دىمىدە سۈيىنى مەردانغا قارىتىپ چاچتى.

9- بۆلۈم
موللا ماران قولىدىكى قامچىسىنىڭ ئۇچىنى ئوسماننىڭ كىندىكىنىڭ ئۈستىدىكى دۈم ھىلال ئاي شەكىللىك مەڭگە تەككۈزدى. شۇ ھامان ئوسماننىڭ كىندىكىدىن باشلانغان ئوت قامچا دەستىسى ئارقىلىق موللا مارانغا، ئۇنىڭدىن ئۇ تۇتۇپ تۇرغان ياڭاققا تۇتاشتى. موللا ماران دەرەخكە ئوت تۇتاشتۇرۇۋىتىپ ئوسماننى سۆرەپلا مەرداننىڭ قىشىغا كەلدى، ئىككىيلەننىڭ ئۈستى بىشىدا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، موللا ماران مەرداننى يۆلەپ تۇرغۇزغانىدى، ئوت ئۇنىڭغىمۇ تۇتاشتى، ھەيران قالارلىقى بۇ تۇتاشقان ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرمەيۋاتاتتى. موللا ماران ئىككىيلەننى ئىتتىرىپ دائىرىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋىتىپ ئۆزى دائىرىنىڭ ئىچىدە قالدى. دائىرىنىڭ سىرتىغا چىقىشىغىلا ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئۈستى بىشىدىكى ئوت ئۈچۈپ قالغان، كىيىم – كىچەكلىرىمۇ ھىچنەرسە بولمىغان ھالەتتە ئىدى. بىراق ئوت ئىچىدىكى موللا ماران بەكمۇ قىينىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، تەرەپ تەرەپتىن يىپىشقان ئىسكىلىتلار ئۇنىڭ ساق يىرىنى قويمىغان، پۈتۈن بەدەنلىرىدىكى گۆشلىرىنى تارغاقتا تارىۋەتكەندەك بىر ھالغا كەلتۈرگەن، موللا ماران بولسا قان سورۇپ يۈرۈپ، ئالۋاستىلارنى قامچىلاۋاتقان، بارغانسىرى دەرەخ تەرەپكە قاراپ سىلجىۋاتقان بىر ھالەتنى كۆرۈپ بۇ ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ياردەم بىرەلمەي بەكمۇ ئازاپلىنىپ كىتىۋاتاتتى. بۇ چاغدا ئالتە قوش ياڭاقنىڭ ئالتە تەرەپكە سوزۇلغان يوغان شاخلىرى ئالتە تەرەپكە تەڭلا يىقىلدى. ئوتتۇرىسى يىرىلىپ يىرىقتىن قان يىرىڭلار بىلەن تەڭ ئاجايىپ دەھشەتلىك بىر مەخلۇقنىڭ بېشى كۆرۈندى. بۇ مەخلۇقنىڭ چاچلىرى ياڭاق يۇپۇرمىقىدەك، كۆزلىرىنىڭ ئىقى يوق، بۇرنىدىن يىلانلار بىشىنى چىقىرىپ تۇرغان ھالەتتە، چىشلىرى يوق يوغان ئاغزىنى چوڭ ئىچىپ پۈتۈن دۇنيانى يۇتۇۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا ھۆكىرىمەكتە ئىدى. موللا ماران دەرەخنىڭ تۈۋىگە يىتەي دىگەندىلا يەرگە يىقىلدى ۋە قولىدىكى قامچىسىنى دائىرىنىڭ سىرتىدىكى ئىككىيلەنگە قارىتىپ ئاتتى. نىمە ئىش قىلىش كىرەكلىكىنى چۈشەنگەن ئوسمان ھاۋادا ئۈچۈپ كىلىۋاتقان قامچىنى سەكرەپلا تۇتۇۋىلىپ ئۆزىنى دائىرىنىڭ ئىچىدە ئاتتى ۋە چاقماق تىزلىكىدە بىرىپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىشىنى كۆتۈرۈۋاتقان ئالۋاستىنىڭ ئىغىزىغا تىقتى. دەھشەتلىك بىر نەرە ئاۋازىدىن كىيىن قاتتىق بىر قۇيۇن كۆتۈرۈلدى ۋە يەرگە يىتىپ بولغان ئالتە شاخ قايتىدىن تىكلىنىپ جىسىپلىشىپ پۈتۈن بىر دەرەخ غولىغا ئايلاندى، قۇيۇننىڭ زەربىسىدە ھۇشىنى يوقاتقان مەردان ھۇشىدىن كەتتى.

خاتىمە:
ھۇشىغا كىلىپ كۆزىنى ئاچقان مەردان ئۆزىنىڭ دوختۇرخانا بالنىستىدا ياتقانلىقىنى، ئەتراپىدا بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۆزىگە قارىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇ كىشىلەر ئوسمان بىلەن مەرداننى بەدىنىنىڭ يىرىمى ئۆستەڭ سۈيىگە چىلاشقان، كىيىملىرى تىتما تالاڭ بوپ كەتكەن ھالەتتە ئۇچرىتىپتۇ. ئوسمان قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، دۇختۇرخانىدا قازا قىپتۇ. مەرداننىڭ ياتقىنىغىمۇ ساق بىر ھەپتە بولۇپتۇ. مەردان بولسا نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆستەڭ بويىغا بارغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمىدى.
تۈگىدى.


بۇ پۈتۈنلەي توقۇلما ئەسەر  بولۇپ ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-8 12:25 PM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sumayya416 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
SAYDULLA520 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
YaR~KiN + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك بەك .
zulayha + 500 دەلىللەر يېتەرلىك
مەلىكە + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
hayat + 300 ئوقۇمايلا جىنىم چىقتى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1320   باھا خاتىرىسى

impiria سالونىغا قوشۇلۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئەمەلىي بىلىملەر ئىمپېرىيە سالونىدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7416
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 08:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئوقۇيچۇ

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.
bagzada098 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 08:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44468
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...... بۇ ئىككى بالىنىڭ ئىچىنىشلىق ئۆلۇمى ئادەمنىڭ ھەجەپمۇ ئىچىنى ئىيچىشتۇردىغۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44468
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:18:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىلىقى نائەھلى قانداق پەيدا بۇلدىكىن..............بىكاردىن -بىكار ئىككى بالىنىڭ بىشىغا چىقتىغۇ....

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا قورقۇنۇچلىق ئىكەن

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
007tanha + 10 راستىنلا قورقۇپ كەت.
SAYDULLA520 + 10 ئاخىرىمۇ بارمىىكەن ت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44468
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:19:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى كەچتە ئۇقۇپ قاپتىمەن دىسە..........ئەمدى كىچىچە قۇرقۇنچ ئىچىدە ئۇخلىيالمايدىغان بۇلدۇمدە...
    ئاخىرىغا تەشنامەن................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4656
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3949 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:32:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادامنى قورقۇتقىدەك يەنەبىر ئەسەر باشلىنىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:44:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە ئوقۇياي ، كىچىچىە قورقۇپ ئوخلىيالماي قالماي يەنە .

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96579
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:59:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ULUGZAT + 10 ماڭا جىن چاپلىشىدىغان.
@sirdax + 10 ياخشى چىقىپتۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش