سېغىنىش
ئۇيقۇ قاچتى كۆزۈمدىن بۈگۈن،
سېغىنىشتا يالتىراپ كۆزلەر.
ھىچ ئېسىمدىن كەتمىدى يەنە،
يۈرىكىڭدىن سەن قىلغان سۆزلەر.
كۆرەلمىدىم كۆزلىرىڭ نىچۈن،
سەنسىز ئاسمان ماڭا بولدى تار.
چۈشەنمدىدم تەغدىر قىسمىتى،
نىچۈن قىلار بىر ۋىسالغا زار.
ۋىسالسىزلا تەغدىر ئايرىسا،
ئىللىتالماس قەلبىمنى قۇياش.
مۇز ئوكياندا ياشايدۇ يۈرەك،
قېتىپ قالار كۆزلىرىمدە ياش.
تەغدىر بىلەن ئېلىشىپ سۆيگۈ،
ئىزلەر يۈرەك سەن قەيەردە دەپ.
قىيناپ يۈرەك ۋىسالسىز سۆيگۈ،
سېغىنىشلار كەتتىغۇ ئەدەپ.
يۈرەك سېنى ئىزدەۋاتىدۇ
سۆزلىرىڭنى سۆزۈم دەپ بىلىپ،
كۆزلىرىڭنى كۆزۈم دەپ بىلىپ،
ئاسىيلىقنى ئۆلۈم دەپ بىلىپ،
بارلىقىڭنى جېنى دەپ بىلىپ،
يۈرەك سېنى سۆزلەۋاتىدۇ.
زىمىستاننى ئىللىتقان چاغلار،
يۈرەك كۈلگەن كۈلدۈرگەن ئايلار،
مېھىرلەردە كۆكلىگەن باغلار،
يۈرەككىلا يېزىلغان بۇلار،
يۈرەك سېنى سېغنىۋاتىدۇ.
چېھرى قۇياش ئۇ يۈزلەر قېنى،
مېھىر بېرەر ئۇ كۆزلەر قېنى،
ئابىھايات ئۇ سۆزلەر قېنى،
بىرگە سوقار ئۇ يۈرەك قېنى،
يۈرەك سېنى ئىزدەۋاتىدۇ.
يۈرەك سېنى سۆزلەۋاتىدۇ،
يۈرەك سېنى سېغنىۋاتىدۇ،
يۈرەك سېنى ئىزدەۋاتىدۇ،
يۈرىكىنى ئىزدەۋاتىدۇ،
بىرگە سوقار ئۇ يۈرەك قېنى؟
ئاشىق كۈلسۇن
قەلبىڭنى بەر مېھرىڭنى بىرگە،
چۆللەر كېزىپ قالمىسۇن ئاشىق.
مۇھەببەتنىڭ گۈزەل بېغىدا،
كۈلسۇن مەڭگۈ بۇ گۈزەل ياشلىق.
سۇغۇرۇپ تۇر گۈلۈڭنى يەنە،
سۇغا قانسۇن سۆيگۈدە قەلبى.
رىشتەڭ گۈلگە باغلانسۇن مەھكەم،
يىلتىز تۇپراق ئايرىلماس كەبى.
مۇھەببەتتىن گۈزەلدۇر دۇنيا،
ئاشىق كۈلسۇن بەختى ئېچىلىپ.
كۈلسۇن قۇياش ئاشىق چېھرىدە،
يولغا يورۇق نۇرلار چېچىلىپ.
مەنبە: گاللاشقان قەلىمىمدىن.
2013-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى