مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 573|ئىنكاس: 13

تۇيۇقلار(5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9730
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 11:01:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇيۇقلار(5)

ئىزدەپ يۈرۈپ مۆكۈنگەننى تاپمىسا،
يا ئويلىنىپ بىر تېپىشماق تاپمىسا،
نادانغا نە مەنا بەرسۇن ھاياتلىق،
ياشاپ ئۇزاق،ھەق يولىنى تاپمىسا؟

تەلمۈرۈپ ئۆتسەڭ قاچاڭدا ئاش قېنى؟
ئەجىرسىز-تەرسىز باداڭدا ئاش قېنى؟
بىۋاقىت ئۆلمەي دېسەڭ ئاچلىق بىلەن،
تەر ئۇرۇق، قىردىن-داۋاندىن ئاش قېنى!

قارا زۇلمەتنىڭ قۇياشنى تۇققىنى،
بىز ئۈچۈن يېڭى ھاياتنى تۇققىنى.
ھەركۈنۈڭ تولسۇن مەناغا،بول داۋام-
ھەق ئادالەتنىڭ قېرىنداش-تۇققىنى!

يانغىنىدەك گويا گۈلخان ئوت ئېلىپ،
قىينىسا يارنىڭ پىراقى-ئوت ئېلىپ،
كۆڭلىنى ئۇتقىن، جانانىڭ بۇيرۇسا:
"كەل قېنى ئاۋۇ ئېتىزدىن ئوت ئېلىپ!"

يەتكۈسى مەنزىلگە پەيتنى تۇتقىنى،
پەيت دىمەك تۇتقا، شۇڭا چىڭ تۇت تۇتقىنى،
ئۆمرىنى كىم زايە قىلىپتۇر ،ئاقىۋەت-
پايدىسىز ئاھ دەپ  پىشانە تۇتقىنى!

چېقىمچىنىڭ ھەريان يۈگرەپ-چاپقىنى،
ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقىنى.
تۈزەلمەيدۇ ئۇنىڭ خۇيى ئۆلگىچە،
ئۇچرىغانلا يەردە ئۇرۇپ چاپ قېنى!

گۈل جاناننىڭ ساڭا قۇچاق ئاچقىنى-
ئوخشىغاي ئېتىك قۇلۇپنى ئاچقىنى.
چىن بەخت پەيزىگە چۆمسەڭ،ھەر دەقىق
ئۇنتۇلار ھەتتا قورساقنىڭ ئاچقىنى.

سەۋرى قىپ ئاقىلغا بىردەم ساقلىدىڭ،
ماھىيەت كۆڭلۈڭدە ۋىجدان ساقلىدىڭ.
ئاقىلۇ-دانا بىلەن ئۈلپەت بولۇپ-
ئەشۇ مەجرۇھ دىل- تېنىڭنى ساقلىدىڭ!

ئەي دېھقان مېھنەتكە قۇچاق ئاچمىساڭ،
تەر بىلەن كۈلپەتكە ئىشىك ئاچمىساڭ،
نەدە سەن كۈتكەن بەخت ھەم مولچىلىق،
ئەشۇ بوز دالا،قاقاسنى ئاچمىساڭ!

مەنبە: ئىجادىيىتىم.





ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hayat + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1197 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر شېئىرىيىنىڭ شەكىللىرىنى ئۆتىۋىتىپ «تۇيۇق»قا كەلگەندە مىسال تاپالماي يۈرگەن ئىدىم. مانا بۇ مۇ ھەل بولدى. تېما ئىگىسى ئەجرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. سىزدىن سورىمايلا دەرىسىمدە ئىشلىتىدىغان بولدۇم.

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86618
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى مىسرالاردىكى  شەكىلداش سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە يەنىمۇ دىققەت قىلسىڭىز بولارمىكىن دەيمەن ، سەمىمى تەكلىبىم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 12:27:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسى سۆز بايلىقىڭىز ناھايىتى مولكەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

نەشتەر ئەپەندى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97311
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 11:12:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ .. يەنە ئازراق تىرىشسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىققۇدەك ...

دۈشمەنلەرگە نەشتەر كەبى سانجىلسام ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 978 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 09:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تۇيۇقلار ياخشى چىقىپتۇ.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 01:09:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆرنەك قىلغىدەك يېزىپسىز،رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9730
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 02:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
narkas يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 10:29 PM
بەزى مىسرالاردىكى  شەكىلداش سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە يەنىم ...

سەمىمى تەكلىپىڭىزدىن سۆيۈندۈم. مەن مۇشۇنداق ئىنكاسلارغا مۇھتاج...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 05:03:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەتتوختى تاغا ، مەن چولپانلاردا كۆرسەتكەندەك ئىش يەنە تەكرارلىنىپ قاپتۇ . ئاساسى جەھەتتىن تۇيۇق ئەمەسكەن . چۈنكى شەكىلداش سۆز دەپ ئىشلەتكەنلىرىڭىز شەكىلداش بولماي قاپتۇ .

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9730
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 11:28:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0999uyghurkizi يوللىغان ۋاقتى  2013-9-2 05:03 PM
مەتتوختى تاغا ، مەن چولپانلاردا كۆرسەتكەندەك ئىش يەنە  ...

ئاساسى جەھەتتىن تۇيۇق ئەمەسكەن... مەسىلەن:....
2-3 تۇيۇقتىكى نۇقساننى دەپ  8-9تۇيۇقنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلسىڭىز بولماس؟....

..........
قېنى، ئۆرنەك كۆرسەتكەيسىز؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش