مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5136|ئىنكاس: 16

نىكاھ ، تۇرمۇش،غەم قايغۇ ۋە ئازاپقا جاسارەت بىغىشلىغۇچى 277 ھىكمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7992
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 02:52:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىكاھ ،  تۇرمۇش،غەم قايغۇ ۋە ئازاپقا جاسارەت بىغىشلىغۇچى  277 ھىكمەت

گۆھەرقىز ئىبرايىم (تەسەللى )


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% v- |/ L, x, d8 R* a/ \# [4 X, c1 }" l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 \- A  U9 S, D3 {2 k! ]6 V5 B

نىكاھ ۋە  تۇرمۇشتىكى ھىكمەتلەردىن 111

1.ئايال كىشى  تۆت  تەرەپتىن  تاللىنىدۇ  يەنى  نەسەبى ،ئىقتىسادى،جامالى ۋە  دىنى؛

2. دىندار  ئايالنى  ئالغىننىلا  بەرىكەت تاپور؛

3.قارشى تەرەپنىڭ خاتالىغىدىن ئۆز خاتالىغىنى تىپىش سۆيگۈنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى؛

4. باراۋەرلىك- سۆيگۈنىڭ تۈپ تۈگۈنى؛

5.بەختنى ھىس قىلالمىغان نىكاھ نادامەتلىك نىكاھتۇر؛

6.ئىرشەلمىگەن نەرسە مەڭگۈ قەدىرلىك بولۇر؛

7.يوقالغان مۇھاببەتنىڭ ئۇنتۇلمىغى تەس؛

8.مۇھاببەت ۋاختىڭىز چىققاندا قەدىرلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇردىغان نەرسە ئەمەس؛

9.تۇرمۇشتا ئاددى ئازادە بولۇپ،كۆپ بىسىملەرنى يۈتىۋالماسلىق كىرەك،شۇندىلا بەخت كەڭ قۇچىغىنى ئاچىدۇ؛

10.قەدىرلىنىش ياكى تاشلىنىش ھاياتلىقتا بىسىپ ئۆتىدىغان مۇقەررەر جەرياندۇر؛

11.قانچە قەدىرلەشنى بىلگەنلەرنىڭ ئىرشىدىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛

12.مۇكەممەل سۆيگۈ مەھجۇت ئەمەستۇر؛

13.غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق ؛ تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك ؛ يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ ؛ كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ،مانا بۇ تۇرمۇشتۇر؛

14.قىممەت باخالىق ئىسىل كىيىملەرنى كىيگەن،  قارشى ئېلىشقا سازاۋەر بولغان، پۇلى جىق، چىرايلىق داڭلىق كىشلەرگە ھەۋەس قىلماستىن، تۇرمۇشتا ئۆزىنى ھەقىقى رىغبەتلەندۈردىغان ھەقىقى سۆيىدىغان كىشلەرنى بايقاش ئاقىلانىلىك؛

15.كۆڭۈلنى، مېھىر – مۇھەببەتنى، ساغلاملىقنى، ساداقەتنى قۇربان قىلىپ،ئىرىشكەن پۇل، نام – مەنپەئەت، مال – دۇنيالار يوقاتقان بۇ قىممەتلىك  مەنىۋىي بايلىق ئالدىدا پۇشايمانلىق ئۇھ تىن ئىبارەت؛

16.ئايالسىز ئەر ھايات چۆلدىكى، ئەرسىز ئايال ھاياتنىڭ بوران چاپقۇنلۇق دالاسىدىكى تەنھا يولوچى؛ ئىناق ئەر -خۇتۇن چىمەنلىكتىكى بىر - بىرىگە يار- يۈلەك سەپەرداش؛

17.ئەرلەر مەسئۇليەتسىز جەمئىيەتتە تول ئايال، پاھىشلەر كۆپىيىدۇ؛ ئاياللار مەسئۇليەتسىز جەمئىيەتتە ئىلىم- ھۈنەرسىز ئوغۇللار،سەرگەردان بالىلار كۆپىيىدۇ؛

18.ئۆزىنى يوقاتقان ئايال پۇراپ قالغان گۈشكە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا قۇندىغان چىۋىن شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛

19. ئەر كىشى غورور بىلەن ، ئايال كىشى ئىپپەت بىلەن ئۇلۇغدۇر؛

20.ئاياللارنىڭ يولدىشى بىلەن ئۇرۇشمايدىغان بولۇپ قېلىشى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن؛ ۋاتىلدىمايدىغان بولۇپ قېلىشى كۆڭلىنىڭ سوۋۇغانلىقىدىن؛ ئەركىلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشى قىزغىنلىقىنىڭ قالمىغانلىقىدىن؛  دېرىكىنى قىلماسلىغى ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىدىن؛ ھەرىكىتى ۋە قارىشى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەسلىگى زېرىككەنلىكىدىن؛ تۇرمۇش ۋە خىزمەت توغرىسىدا پاراڭ قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىشى يىراقلاشقانلىقىدىن؛ خۇشاللىق ۋە قايغۇسى بىلەن ئورتاقلاشمايدىغان بولۇپ قېلىشى   ئىشەنمەيدىغانلىقىدىن؛ جىمغۇر بولۇپ كېتىشى ئايرىلىش ئالدىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛

21.ئاياللار جۆرىسى ئالدىدا روھسىز جەسەتكە ئوخشاپ قالغاندا بار يوقلىغىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن زىننەتلىنىش، ناز قىلىش ۋە ئەركىلەش، ھەم پىكىر بولۇش غېمىنى يىيىش ۋە يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىش كىرەك؛

22.نىكاھىغا ئىلىپ ئايالىم دەپ قەدىرلىشى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئەڭ ئالىي كۆڭۈل سوۋغىسى ۋە شەۋكەتلىك نامىدۇر؛

23.ئايالسىز، خوتۇنسىز ئەر ئېچىلمىغان بوز يەر؛

24.تۇرمۇش گۇزەللىك بىلەن رەزىللىكنىڭ، بەخت بىلەن بەخىتسىزلىكنىڭ، ئۈمۇت بىلەن ئۈمۇتسىزلىكنىڭ يۇغرۇلمىسىدىن پەيدا بولىدۇ؛

25. ئەر-خوتۇنلار ھە دېسىلا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن؛ ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقۇرۇشتىن؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولىۋېلىشتىن؛ ئۆيگە سەۋەپسىزلا كېچىكىپ كېلىپ ۋە سەۋەپسىز سىرتتا قۇنۇپ قېلىشتىن؛ سىرتتىكى ئاچچىقىنى ئۆيگە كېلىپ چىقىرىشتىن؛ ئۆزئارا گۇمانلىنىشتىن؛ پەرزەنتلەر ئالدىدا بىر-بىرىنىڭ ئەيبىنى ئېچىشتىن؛ تەرەپلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئورۇق-تۇغقانلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قېلىشتىن مۇھاببەت ۋە ئائىلىگە دەز كىتىدۇ؛

26.ئەركىشىنىڭ بەختىنىڭ كەلگىنى ياخشى خوتۇن ئالغىنىدۇر؛

27.ياخشى خوتۇن ئەركىشىنىڭ ئىمانىنى پۈتۈنلەيدىغان پەرىشتە؛

28.ئۆز ئىمانىغا،ۋىجدانىغا،كىشىلىك قارىشىغا،ئۆز قەۋمى مەنپەئەتىگە زىيان ئىلىپ كەلمەيدىغان خىزمەت ،رايىش ،مۇسلىمە خوتۇنى بولىشى ئەركىشى پۈتۈن ئۆمرىدىكى بەخت ۋە خاتىرجەملىكتۇر؛

29.خوتۇن ئىرىگە تەڭرىنىڭ ئامانىتى ، ئەر خوتۇنىغا ئانىنىڭ ئامانىتىدۇر؛

30.تۇرمۇشتا زادى خوشاللىق تاپالمىغاندا ئۆز ـ ئۆزىنى تەكشۈرۈش، زادى ئىلگىرى باسالمىغاندا ئۆز ـ ئۆزىنى ئاختۇرۇش،   كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئازاپتا قالغاندا ئالدى بىلەن مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزلەش ئاقىلانىلىكتۇر؛

31.ئەردە مەسئۇليەتچانلىق، پەم – پاراسەت، ھەقىقىي ئەرلىك سالاپەت، ئايالدا ھەقىقىي ئاياللىق خۇسۇسىيەت بولغان ئائىلىدە، ئەرنىڭ شان - شۆھرىتى ئۇنىڭ غەيرەت، جاسارىتى، مەردانىلىكى، غۇرۇرى ۋە ئەرلىك سالاپىتى بىلەندۇر؛

32.ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلدىغانلاردۇر؛

33. ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان بەختىنى قوغلاشماي، قانداق قىلغاندا باشقىلاردىن بەخىتلىك بولۇشنى قوغلاشسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم بەخىتتىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ؛

34.ئەركەكلىك غۇرۇرى، ئەرلىك مەسئۇليەتچانلىغى، ئاتىلىق خىسلىتى بىلەن ياشاپ كىلىۋاتقان ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتى چەكسىزدۇر؛

35. ھەقىقى ئايال يولدىشىنىڭ سىرداش دوستى، ۋاپادار ھەمرايى،مىھرىبان ئانىسى ، مەنىۋىيتىدىكى يۆلەنچۈكى بولۇپ، يولدىشىنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشغا يىشىل چىراغ يىقىپ بەرمەيدۇ؛

36.ئەرلەرنىڭ قىسمىتى _ ئاياللار ئۈچۈن توزاق؛

37.ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ، ئائىلە ــــ ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ؛

38. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەر، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، شۇڭا اقەدىرلەيلى؛

39. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز؛

40.نىكاھ بىر جۈپ ئۆتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەم بىلىدۇ؛

41. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر؛

42. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاپ گۇمان تۇمانلىرىنى تارقىتىۋىتىپ، تۇرمۇشقا ئىشەچ تۇرغۇزۇش-ئىناق تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى؛

43.ئەرنىڭ ئايالغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشى- ئايالنىڭ ھەققى؛

44.قىز بالىنىڭ ساپاسى - ئاتا -ئانىغا باھا بىرىشنىڭ تارازىسى؛

45.ئەرگە قىلىنغان ھۆرمەت _ ئائىلىنىڭ ئوبرازىغا سىلىنغان دەسمى؛

46. ئانىنىڭ پەزىلىتى- ئەۋلاتنىڭ پەزىلىتى؛

47.ئاتا_ئانىغا ياخشىلىق قىلىش،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش،ئۇلارنى ھەر قانداق ئادەمدىن ھەتتا خوتۇن باللىرىدىن ئۈستۇن كۆرۇش- ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ يولىدا قىلغان ئۇلۇغ ئىشى؛

48. ۋاپادار ئايالغا كەڭ قۇساق ئەپۇچان سەۋرلىك بولۇش _ ئەرلەردىكى گۇزەل خۇلۇقتۇر؛

49.ئايالنى ئۇرۇش _ ئەرنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىگىنىڭ دەلىلى؛

50. ئىپپەت ھايا ۋە قانائەت _ياخشى ئايالنىڭ خسلىتى؛

51.ئورۇنسىز ئايالغا ئازار بەرگەن ئەرنىڭ غالجىر ئىتتىن پەرقى يوق؛

52.دادىلىق ھۆرمەت _  بالىلار قەلبىدىكى مۇھاببەتنىڭ ئىنكاسى،دادىلىق مەسئۇلىيەت _ بالىلار قەلبىنى سۇغىرىدىغان بۇلاق سۈيى؛

53.بالىلاردىكى ئەدەپ -ئەخلاق _ ئائىلە ئەخلاقىنىڭ ئەينىگى؛

54.دىيانەتلىك ئايال _ھۆرمەتكە سازاۋەر گۈزەل ئايال بولۇپ،ئەقىل ۋە ۋىجدان ئۇنىڭ قۇرالدۇر؛

55.ئەرنىڭ شان - شۆھرىتى ئۇنىڭ غەيرەت، جاسارىتى، مەردانىلىكى، غۇرۇرى ۋە ئەرلىك سالاپىتى بىلەندۇر؛

56. ئەرلەردىكى بەش چوڭ بوسۇغا ـ غېرىبانىلىق، ئۆچەكىشىش، دىلى سۇنۇقلۇق، قىسىلىش، تەشۋىشلىنىش مانا مۇشۇ باسقۇچتا باشلىنىدۇ ؛

57.ئەرلەر مائاش ۋە ئەمىلىنىڭ ئۈسكىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ،ئاياللار تۇغۇلغان كۈن،توي خاتىرە كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛

58.ئەرلەر دەرەخقە ئوخشايدۇ،ئاياللار ئۇلارنى ئاسراپ تۇرمىسا قۇرۇپ قالىدۇ.ئاياللار گۈلگە ئوخشايدۇ،ئەرلەر ئۇلارنى ئاسراپ تۇرمىسا سۇلىشىپ قالىدۇ؛

59. سۆيىمەن دېگەن سۆزلەرگە ئەمەس چىن ئەقىدە بىلەن ياش تۆككەن كۆزلەرگە ئىشەن؛

60.بىراۋنى سۆيسە ئاجىزلىغى ۋە ئەيىپلىرى بىلەن سۆيۇش- مەڭگۈلۈك سۆيۈشتۇر ؛

61.سويگىنىڭنىڭ نىمىلەرنى قىلىپ بىرىشى مۇھىم بولماستىن نىمىلەردىن كىچەلىشى مۇھىم؛

62.ئاقىل ئەرلەر دەيۈز بولماستىن ، ئۆز ئۆيىنىڭ تەدبىرىنى ياخشى قىلىپ،ئۆز ئۆيىگە ياخشى ئىگە بولۇپ، ئايالىغا ياخشىلىق قىلىپ، يۇمشاق دىللىق سوغا سالاملىق بولۇپ ئايالىنىڭ دىلىنى رام قىلىۋالالايدۇ؛

63.نىكاھىڭغا خىيانەت قىلما، رەسۋا بولىسەن؛شىرىگىڭگە خىيانەت قىلما تەنھا قالىسەن؛

64.ھالالدىن تاپقان بىر يۇئەن پۇل ھارامدىن تاپقان مىڭ يۇئەندىن ياخشى،ئۆز ئۆيۈڭدە يىگەن قاتتىق نىنىڭ،مەھبۇس بولۇپ،خارلىق ئاھانەتتە يىگەن گۆشتىن ياخشى؛

65.ئاياللارنىڭ بەختى، قەدىر-قىممىتى ئەرلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ؛

66.تالاي ئابرويلۇق ، قىزىل يۈزلۈك ئەر ، خوتۇنـلار تۈپەيلى ئۆزى بولــدى يەر؛

67.ئەردە مەسئۇليەتچانلىق، پەم – پاراسەت، ھەقىقىي ئەرلىك سالاپەت، ئايالدا ھەقىقىي ئاياللىق خۇسۇسىيەت بولغان ئائىلىدە ھېچقاچان ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالمايدۇ، ئەر كىشىمۇ ھېچقاچان ئايال كىشىنىڭ كۆرپىسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ؛

68.ئەر كىشى تىكلىگەن ئۆينى ئايال ۋەيران قىلالايدۇ،ئەمما ئايال تىكلىگەن ئۆينى شەيتانمۇ ۋەيران قىلالمايدۇ؛

69.ۋىسال شارابىنى ئىچكەنلەر ھېجرانغا خۇمار بولماي قالمايدۇ،ئالەم بېغىدا نەدىمۇ تىكەنسىز گۈل بولسۇن؛

70.ئىنسان ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ؛

71.ھەممە سوغاتىن ھەقىقى سۆيگۈ ، سەمىمى قەدىرلەش، چىن ۋاپا ئىسىل سوغاتتۇر؛

72.قەلىپتە قانچىلىك كىبىر بولسا،ئەقىلدە شۇنچىلىك نۇقسان بولىدۇ؛

73.بىلىم ئۈگىنىش ئائىلە ئىتىپاقلىغىنىڭ جەۋھىرى؛

74.سەۋىر تاقەت ئىناق تۇرمۇشنىڭ بايلىغى؛

75.پەرزەنت چىن ئەقىدىنىڭ يىلتىزى؛

76.بىر-بىرىگە مەپتۇن بولۇش ئائىلى ئىناقلىغىنىڭ ئاساسى؛

77.مۇھاببەتنىڭ ئاساسى ئۆز-ئارا ئىشىنىشتۇر،ئىشەچ بولغان يەردە مۇھاببەت بولىدۇ، ھەر ئىككىسى بولغان يەردە غەلبە بولىدۇ؛

78.قارشى تەرەپنىڭ نادانلىقىنىڭ ئوتىنى سەۋرى سۈيى بىلەن ئۆچۈرۈپ،قەھرى غەزەپ تىكەنلىرىنى ئەخلاق ئۇتى بىلەن كۆيدۈرۈپ، ھەسرەت تۇتۇنلىرىنى ئىشەچ بىلەن يوقىتىپ، كۆڭلىدىكى ئاداۋەت نەققاشلىرىنى كەڭ قوساق ئەپۇچانلىق بىلەن تۈزىتىپ، ئىغىر كۈنلەردىكى ئازاپ بىسىملىرىنى ئۈمىت ۋە جاسارەت بىلەن تۈگىتىپ ماڭالىغانلارنىڭ نىكاھى مۇۋاپىقيەتلىك نىكاھتۇر؛

79.ھېسسىيات ئەقىلنى ئەمەس، ئەقىل ھېسسىياتنى باشقۇرۇشى كېرەك؛

80.خاراكتېر ساغلاملىقى روھى ساغلاملىقنىڭ ئىپادىسى، خاراكتېر گۈزەللىكى ئادەمنىڭ ئىچىكى گۈزەللىكى بىلەن تاشقى گۈزەللىكنىڭ بىرلىكى ھېسابلىنىدۇ؛ساغلام قەلىپ مۇھاببەتنى پەرۋىش قىلالايدۇ؛

81. مۇھاببەت-ساداقەت، مەسئۇلىيەت، ھۆرمەت كەچۈرۈمنىڭ يۇرۇلمىسى؛

82.ساداقەت، ئەپۇ قىلىش ، چۈشىنىش ، ئىشىنىش ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىللىق ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسى؛

83. . دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە- مۇھەببەت،  ئەڭ كۈچلۇك قورال –تەسىرلەندۇرۇشتۇر؛

84. قارشى تەرەپتىن ئاغرىنىش، گۇمانلىنىش ۋە بىزار بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە زادى قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگىننى ئويلاش دانالىقتۇر؛

85.ئىپپىتىنى ساقلىمىغان ئايال مۇھاببەت ۋە ئىلتىپاتقا ئىرشەلمەيدۇ؛

86. ئىپپەتنىڭ پەردىسى،ۋىجداننىڭ خىتابى- ھايادۇر؛

87. نادانلار-نۇمۇس؛چىن سۆيگۈ؛ ئەقىدە؛ ئىززەت ۋە كىشىلىك قەدىر قىممەتنى چۈشەنمەيدۇ؛

88. نىكاھ روھنى روھقا تۇتاشتۇردىغان بىر كۆۋرۈك ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتتۇر؛

89.ھەر قانداق ئادەم ياش تۆكۈشكە  ئەرزىمەيدۇ، ياش تۆكۈشكە ئەرزىيدىغان ئادەم يىغلاتمايدۇ؛

90.ئەقىدە قىلغاننى بىلمەيدىغان ئادەملەر ئۈچۈن بەدەل تولىمەسلىك كىرەك؛

91. ھۆرمەتلەيدىغان ۋە سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇ يەر جەننەتتۇر؛

91.مۇھاببەت ئۈچۈن قۇربان بىرىش ئاسان، لىكىن قۇربان بىرىشكە ئەرزىگۈدەك مۇھاببەت تاپماق تەس؛

92. ئىشەنچىسىز ئادەمگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئابرويىنى تىلەمچىلىككە سالغاندەكلا بىر ئىش؛

93. ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى بولمىغان ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىت يىتىشپ چىقمايدۇ؛

94. ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر، پەرزەنتىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھۆرمەتكە ئىرشەلمەيدۇ؛

95. دۇنيانىڭ گۈزەللىگىنى ئاياللار، بەخت سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ؛

96. ئاياللارنىڭ دەرت ئازاۋىنى ۋە تولغىقىنى بىلگەن ئەرلەر ئاياللارنى خورلاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ؛

97. ئەرلەر زىيادە ئەركىن بولسا مىللەت بۇزلىدۇ، ئاياللار زىيادە ئەركىن بولسا دۇنيا بۇزلىدۇ؛

98. بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغان ئەر بىر سۆيۈپمۇ تاشلىيالايدۇ؛

99.ئاياللارنىڭ بىچچارىلىگى ئەرلەرنىڭ نامەرتلىگىدىن كىلىدۇ؛

100. ئاياللار پاكلىغى ۋە نا پاكلىغى بىلەن دۇنيانى زىل-زىلىگە سالالايدۇ؛باھاسى بار ئاياللارنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ؛

101.مۇھاببەت بىنجىلىنگە ئۆخشايدۇ، تاتلىق بولغىنى بىلەن تىزلا ئىرىپ كىتىدۇ، نىكاھ دورىغا ئوخشايدۇ، ئاچچىق بولغىنى بىلەن ئىچمەي ئامال يوق؛

102.مۇۋاپىقيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى قوللىغان بىر ئايال بار، ئۇۋاپىقيەت قازانغان ئايالنىڭ كەينىدە ئۇنىڭغا زەربە بەرگەن بىر ئەر بار، ئائىلىسى بۇزلۇپ يىغلىغان ئايالنىڭ كەينىدە، ئۇنى يىغلاتقان يەنە بىر ئايال بار؛

103.بۇرۇنقى ئاشۇق مەشۇقلار بىر-بىرىگە جىنىنى قۇربان قىلسا، ھازىرقى ئاشۇق مەشۇقلار تىنىنى قۇربان قىلىدۇ؛

104.ئەر جۇشقۇن، ساغلام،ئەقىدىلىك بولسا، پاخشىنىمۇ تەقۋا خوتۇن قىلالايدۇ، بوشاڭ زەئىپ ئەرلەر مۆمىن خوتۇننىمۇ يولدىن چىقىرۋىتىدۇ؛

105. ئەخلاق يىرتىلغان ،جىنسىيەت ئىچىۋىتىلگەن جايدا ئالدى بىلەن ئەرلەر ئاجىزلايدۇ، ئاندىن ئاياللار قۇترايدۇ؛

106.بىرەر مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن يالغاندىن مۇھاببەت ئىزھار قىلىپ ئىخلاس قىلىش ئەڭ پەسكەشلىكتۇر؛

107.ئايرىلىشنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرمەسلىك، سۆيمەسلىك ۋە ۋاز كىچىشتۇر، يىلىنىپ يالۋۇرۇپ غورۇرنى يوقاتماسلىق كىرەك، قارشى تەرەپ ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، چۈنكى دۇنيا شەخسىيەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان؛

108.قىزنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئىنىلەر خىيانەتچىدۇر؛

109.مۇھاببەتنىڭ دورىسى:مىھرىبانلىق؛ كۆيىنىش؛ پاك قەلب؛ سۆيۈش ؛ سىغىنىش؛ چىن ئەقىدە؛ كۈتۈش؛ كۆيۈمچانلىق ۋە كۈندەشلىكنى قوشۇپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچۈك ئەگلەكلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئاشىقلىق ئوتىدا كۆيدۈرۈپ، ساپ مۇھاببەت قالغۇچە ھاياتنىڭ قازانلىرىدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا تارام-تارام ياشلارنى تۆكۈپ ياسىلىدۇ؛

110.سۆيگۈ-خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ئازاپ، شاتلىق بىلەن دەرت-ئەلەم، كۈتۈش بىلەن تاقەت،ئىرىشىش بىلەن يوقىتىش،ۋىسال بىلەن جۇدالىق يىغىنچاقلانغان ناخشا، كىشىنى خۇمار قىلىدىغان شاراپتۇر؛

111. بىر بالا ئەگەر تەنقىد ئىچىدە ياشىسا ئەيىبلەشنى؛ دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا كۈرەش قىلىشنى؛ ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا غەم - قايغۇنى؛ ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا ئۆزىنى ئەيىبلەشنى؛ مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا يۈرەكسىزلىكنى؛ ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا قىزغانچۇقلۇقنى؛ ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا جىنايەت تۇيغۇسىنى ؛ رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا ئىشەنچنى؛ سەۋرى - تاقەت ئىچىدە ياشىسا سەۋىرچانلىقنى؛ تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا مىننەتدارلىقنى؛ رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا قەدىرلەشنى ؛ تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا مەردانىلىقنى؛ ئازاپ ئىچىدە ياشىسا يىغلاشنى ئۈگىنىپ قالىدۇ، پۇتۇن ۋاختىنى ئويۇن تاماششا ۋە ئۆز ئارا جىدەل ماجراغا بىغىشلىغان ئەر-ئاياللار كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇربانلىق بىرىشنى ئويلاپ قويىشى باش تارتىپ بولمايدىغان ئەقىللى بىر قائىدىدۇر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ x8 \' p5 T* _) x* g- E
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Q: Y/ ^, R" x7 W& v/ l. w

غەم قايغۇ ۋە ئازاپقا جاسارەت بىغىشلىغۇچى   ھىكمەتلەردىن 166

1.بۈگۈننىڭ ئۆزىلا ئىنسان ئۈچۈن ھېممەت؛ بۈگۈننىڭ قەدرىگە يىتەلەيدىغان كىشىلا ئەتىنىڭ قەدىرىگە چوقۇم يېتىدۇ؛

2. بۈگۈننى قەدىرلەش-ھاياتقا، تۇرمۇشقا مەسئۇل بولغانلىق؛

3.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق-بۈگۈندىن نەتىجە قازىنىشنىڭ، ئەتىگە ئۈمىد بىلەن مەغرۇر يول ئېلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛

4. ئۆزىنى ئۆزى خالىمايدىغان ئىشنى قىلىشقا زورلىماسلىق ئاقىلانىلىك؛

5.ھەر قانداق چاغدا ئۆزىگە سادىق بولۇش، ئۆزىنىڭ ئىتىقادىنى چىڭ ساقلاش باتۇرنىڭ ئىشى؛

6.مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگۈچى- چارە تىپىپ مەغلۇبىيەتنىڭ خىرىسىقا تاقابىل تۇرغۇچىدۇر؛

7.باشقىلارنىڭ بىسىمىدىمۇ ياشىماي، ئۆزىمۇ باشقىلارغا بىسىم پەيدا قىلمايدىغان ئادەم -كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نەمۇنچىسىدۇر؛

8.تولىمۇ مۇكەممەللىكنى قوغلاشقۇچى-ئەتراپىدىكىلەرنى چارچىتىپ قويغاندىن سىرىت ئۆزىنىمۇ چارچىتىپ قويغۇچىدۇر؛

9.ۋاقىتنىڭ خوجايىنى بولۇشنى بىلىش-غەلبىنىڭ كاپالىتى؛

10. چېنىقىش ئارقىلىق بېسىمنى تۈگىتىش ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى ساقلاش ساغلام ياشاشنىڭ ياخشى چارىسى؛

11.ئۆزىگە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى كۈرىدىغان پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش- ئۆزىنى قەدىرلەشنىڭ ئىپادىسىدۇر؛

12.ئۆزىگە ئالاھىدە چىرايلىق بىلىنگەن شەيئىلەرنى ئىسىدە تۇتۇپ ئۈمىتسىزلەنگەندە ئەسلەش-ئۆزىگە تەسەللى بىرىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى؛

13. ئەتراپىنى چۇشۇرىدىغان چۈشكۈنكەشتۇردىغان ئەمەس مەدھىلەيدىغان ،روھىي مەدەت بىرىدىغان كىشلەرنىڭ ئوراپ تۇرىشى-ئەڭ روھىي ئوزۇقتۇر؛

14. جىسمانى ، جىنسى ، ھېسىيات جەھەتتىن بېسىم خارلىنىش ھىس قىلغاندا قايمۇقماستىن دەرھال سەۋەبىنى تىپىپ ئۆزىنى ئوڭلاش دانالىقتۇر؛

15.ئۆزىنىڭ كەمچىلىگىنى، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۆپرەك ھىس قىلغان ئادەم-ئەقىللىق ئادەمدۇر؛

16.دۇنيادىكى مۇكەممەللىك - كاللىدىن ئۆتكىنى ۋە چۈشەنگەننىڭ ئۆزىدۇر؛

17.ھاياتلىق باراۋەر ئەمەس، ئاغرىنماستىن قوبۇل قىلىش -ياخشى ئادەتتۇر؛

18.ھاياتلىقتا ھۆرمەت تىپىشتا- ياخشى بىر نەتىجە يارىتىش مۇھىمدۇر؛

19. باشقىلاردىن توق نەپسى بولۇش ئۈچۈن    ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ  كاللىسىدىكىنى ئۈگىنىش زۆرۇلدۇر؛

20.بايلىق ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بايلىق  پەقەت ھالال تەرىنىڭ جەۋھىرى؛

21.كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇ سەۋەبلىك ئاچچىق يۇتۇش-ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك ۋە ساراڭلىقتۇر؛

22.يىغلاشقا يۈز سەۋەب تاپالىغان يەردە، كۈلۈشكە مىڭ سەۋەب تىپىپ  كۈلۈپ ياشاش زۆرۇلدۇر؛

23.ئەدەب-ئەخلاقلىق بولغاندا ھۆرمەتكە،تىرىشچان بولغاندا نەتىجىگە، رەتلىك، پاكىز بولغاندا كۆڭۈل ئازادىلىككە، ئىلمىي تۇرمۇشقا بېرىلگەندە ساغلاملىققا،كىتابنى دوست تۇتقاندا باي مەنىۋىيەتكە، ئۆزئارا ياردەم قىلغاندا ياردەمگە، ئۆزئارا ئىناق ئۆتكەندە خاتىرجەملىككە، ئەلنى سۆيگەندە سۆيۈنۈشكە، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگەندە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ؛

24.ئىسراپچىلىق قىلماسلىق ئاچ-يالىڭاچ،تىرىشىپ ئىشلەش پۇلسىز،تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق دوستسىز،ئاچكۆزلۈك قىلماسلىق خىجالەتچىلىكتە، دانىشمەنلەردىن دوست تۇتۇش نىشانسىز، قەدىرلەشنى بىلىش پۇشايماندا، ئۈمىدۋار بولۇش چۈشكۈنلۈكتە، ئەپۇچان بولۇش ئازاپتا، سەمىمىي بولۇش دوستسىز قالماسلىقنىڭ كاپالىتى؛

25.گۆش يەۋېتىپ،ئۇماچ ئىچكەنلەرنى زاڭلىق قىلىش نادانلارلىقنىڭ بەلگۈسى؛

26. غېرىب - غۇرۋالارغا بېرىشكە كۆڭلى ئۇنىمىغاننى ئاتا- ئانىغا بىرىشمۇ ۋاپادارلىق؛

27.ياش تۈكۈۋاتقانغا تەسەللىي بېرىشنى خالىماستىن ئىچىدە كۈلۇش دۇشمەننىڭ ئىشى؛

28. ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى بوزەك قىلىش نامەرتنىڭ ئىشى؛

29. ھايات كۈلۈپ باقمىغاندا ھاياتقا كۈلۈپ ياشاش كىرەكتۇر؛

30.ئوڭۇشسىزلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خۇشاللىق ۋە غەلىبە؛

31.يۇرەكلىك بۇلۇش، ئۆزىدە بار بولغان بارچە ئىقتىدارلارنى تۇلۇق ئىشلىتىشكە نىيەت باغلاش ، چىرايىدىكى قايغۇنى كۈلكىگە، ئۈمۈدسىزلىكىنى ئۈمۈدكە ، پۇل-مالغا ھىرىسمەنلىكنى مەرىتلىككە، ئاچچىقنى سەبىرگە ئۆزگەرتىش-  مۇۋاپىقيەتنىڭ بوسۇغۇسى؛

32.دۇشمەن ئالدىدا   قەددىنى رۇسلاپ، نەزىرىنى ئەخلەت ـ چىرىندىلارغا ئەمەس ئېگىز چۇققىلارغا تىكىش-غالىپنىڭ ئىشى؛

33.ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئىچىدە ياشىغۇچى ئاجايىپ مېھىرلىك ۋە نۇرلۇق ئادەم؛ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئاكتىپ روھى ھالەتتە ياشىغۇچى ئاجايىپ سالاپەتلىك ۋە روھلۇق ئادەم ؛ مېھرى ـ مۇھەببەت، ئىنسانىي بۇرچ ئىچىدە ياشىغۇچى ئاجايىپ جەلىپكار ۋە سېھىرلىك ئادەمدۇر؛

34.قايغۇرماي باتۇرلارچە ياشاش-ئۇمىتۋارنىڭ خىسلىتى؛

35.كەمتەر بولۇپ، ئاز كۆرەڭلەپ كۆپ ئىش قىلىش، قىيىنچىلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىش-قەيسەرنىڭ ئىشى؛

36.ئۆزىنى قورقۇتماي،ئۆزىگە ئىشىنىپ،باشقىلارنى دورىماي ئۆزىنىڭ رولىدا ياشاش-ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ماياكتۇر؛

37.  ئەڭ قۇرقۇنۇشلىقى ئۈمىتنىڭ ئۈزلىشىدۇر؛

38.غايىدىن ۋاز كەچمەي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلبە دىمەكتۇر؛

39. مەغلۇبىيەت _ مۇھاپپىقيەتنىڭ ئانىسى،ئىنسان ھەر ۋاقىت ئورنىدىن تۇرالايدىغىغا ئىشىنىش-مەغلۇبىيەتنى يىڭىشتىكى قۇرالدۇر؛

40. ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەستىن خاتالىغىنى شېرىن مىۋىگە ئايلاندۇرۇش ئاقىلنىڭ ئىشى؛

41.تەقدىرىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىگىگە ئىشەنگەن ئادەم يىقىلىپ چۈشۈشتىن قورقماستۇر؛

42.پاسسىپ ئويلاردىن تىزرەك قۇتۇلۇپ،ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بىلىمىنى يىڭىلاپ، قورقۇپ كەتمەي، سالماقلىق بىلەن مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قاراپ، قىيىنچىلىقنى دادىللىق بىلەن قارشى ئالالىغان ئادەم- مۇۋاپىقيەت قازانغۇچىدۇر؛

43.كەڭ قورساق بولۇپ، تەنقىتنى توغرا قوبۇل قىلىپ،بىر قەدەم يول قويۇپ ئۆز خاتالىغىنى ئۆزى تۈزىتىش ئىسىل پەزىلەتتۇر؛

44. تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە يىراقلارغا نەزەر سىلىش-ياخسى خىسلەت؛

45.قولىدىكىنى قەدىرلەشنى بىلىش كۈلۈپ ياشاشنىڭ دورىسى؛  

46. ئەتىكى ئۈمىدنىڭ بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇردىغىنىغا ئىشىنىشنىڭ ئۇمۇتتۇر؛

47. دۇنيادا ئازاپ ئوقىبىتى يوق ئادەم يوقلىغىنى بىلگۈچى- پۇشايمانسىز ھايات ئىزلىگۈچىدۇر؛

48.ئۈمىتۋار پوسىسىيەنى يىتىلدۇرۇپ ھەر بىر كۈننى ئىللىق چىراي كۈتىۋىلىش بەختنى ھىس قىلغۇچىلارنىڭ ئادىتى؛

49.ئاچچىقلىنىش ئەخمەقلىقتۇر؛

50.ئەستايىدىل ئويلىشىپ،جۈرئەتلىك بولۇپ،ئۆتمۇشنى ئۇنتۇپ، كەمچىلىكىگە ئىسلىۋالماستىن تۈزىتىپ،ئارتۇقچىلىغىنى جارى قىلدۇرۇش_غايىلىكلەرنىڭ پەزىلىتى؛

51.بۇگۇننى تۈنىگۈنگە ئىگەللىتىۋىتىش-ئىرادىسىزنىڭ قىلمىشى؛

52. ئەتراپتىكىلەرنىڭ قۇللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ئىززەت ھورمىتى _ ئازاپنى مەغلۇبىيەتنى يىڭىشتىكى مەدەت تۇۋرىكىدۇر؛

53. مۇستەھكەم ئىرادە_نەتىجىنىڭ كاپالىتى؛

54. جاسارەتنى يوقىتىش_ھەممىنى يوقاتقانغا باراۋەر؛

55. ئۆزىگە ئىشىنىش _ يىرىم مۇۋاپىقيەت بىلەن تەڭ، ئۇمىتسىزلىك _ يىرىم ئۆلگەن بىلەن باراۋەر؛

56.يۈتۇپ كەتكەن نەرسە يوقالدى، ئۇنىڭغا ئىچىنىش ئاخمەقلىقتۇر؛

57. ھاياتلىقتىكى ھەر -بىر كۈن ئەڭ گۈزەل كۈندۇر؛

58. ھەر كۈن بىر قېتىم «مەن يارايمەن!» دەپ ئۆزىگە مەدەت بىرىشنى بىلگۈچىگە-پۇتكۇل دۇنيامۇ مەدەت بىرىدۇ؛

59. قۇياشقا يۈزلىنىش_ ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىدىن يوقىتىشتۇر؛

60. ئىلكىدە بارىدا قەدىرلىمىگۈچى- ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلغۇچىدۇر؛

61. بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلەرنى ئۆتمۈشكە مەنسۇپ دەپ ئۇنتۇپ كېتىش_يىڭى نىشاننىڭ باشلىنىشىدۇر؛

62.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛

63.ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا يىغلاپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغاندا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ؛

64.تىرىشىپ ئۆگەنگەندە بىلىملىك، تەنقىدتىن قورقمىغاندا غەيرەتلىك، ئويلاپ سۆزلىگەندە ئىناۋەتلىك، دوستىنى توغرا تاللىغاندا خۇشال، جۆرىنى توغرا تاللىغاندا بەختلىك، كەسپىنى توغرا تاللىغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىسىز؛

65. خۇشاللىق بىر خىل پوزىتسىيە، بىر كىشى خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم ئىرشەلەيدۇ؛

66.خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى:ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ، ئۆزگىنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزگىنى جازالىماسلىقتۇر؛

67. نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى-ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، يەنى سېلىشتۇرغاندا قولدىن بىرىپ قۇيغان نەرسىگىلا ئىسىلىۋىلىپ،ئېرىشكەنلىرىگە سەل قارىغانلىقتۇر؛

68. ھاياتلىقتا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش ــــ بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر، ئېزىپ قېلىش ــــ بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر؛

69. مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئىرىشكىلى، ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغىلى بولىدۇ؛

70.مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلانسۇن ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كېيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇش،مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشسۇن، ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماسلىق لازىمدۇر؛

71. ئادەم قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى؛ باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ؛

72. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچ بىلەن تىرىشىپ ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىش كىرەكتۇر؛

73. ئۇچالايدىغان ۋاقتىتا ئۇچۇشتىن،سۆيەلەيدىغان ۋاقتتا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەسلىك لازىمدۇر؛

74. ئاۋۋال ئۆزى ئۆزىنى كۆزگە ئىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلار كۆزگە ئىلىدۇ؛

75. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ؛

76. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق، مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمگەنلەر مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىرشەلمەيدۇ،غەلبىمۇ قىلالمايدۇ؛

77. كەم - كۈتىسىز دوست ئىزدىگۈچىلەر- مەڭگۈ دوست تاپالمايدۇ؛

78. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئاقىللاررنىڭ خىسلىتى؛

79.ئىنسان ئۆزى قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى،ئەڭ ياخشىسى ئۆزى بولىشى،باشقىلارنى دورىماسلىغى لازىمدۇر؛

80.تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن،ئىنسان ئاۋۋال ئۆزىڭنىڭ خوجايىنى بولۇشنى بىلىش لازىمدۇر؛

81.ئىلگىرى ئېرىشكەنلەرنى ئۇنۇتماسلىق، ھازىر ئىلكىدە بولغانلىرىنى قەدىرلەش، ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەسلىك، ئېرىشمەكچى بولغانلىرى ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشىش،قولدىن بېرىپ قويغانلىرىنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈش-دانالىقتۇر؛

82.   باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىسۇن دىگۈچىلەر ئالدى بىلەن شۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم بولىشى كىرەكتۇر؛

83. تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە چوقۇم غەلىبە قازىنىش ناتايىن، بىراق ۋاز كەچكەندە چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ؛

84. ئۆزىنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، خاتا بولغاندا ئاچچىقلىنىشقا يول يوق، ئۇنداقتا يەنە ئاچچىقلىنىشقا ئەرزىمدىكىن؟؛

85.تاللاش خۇشاللىق ئىش، تاللاش ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، تاللاش يەنە ئازابلىق ئىش، چۈنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزى تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كىلىدۇ؛

86.ئامال بار ئۆزى ياخشى كۆرگەننى تاللاش، تاللىغىنىنى ياخشى كۆرۈش ئىرادىلىكلەرنىڭ خىسلىتى؛

87.ئىنسان ئۆزى تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ بىراق ئۆزى تۇرغان مۇھىتقا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛

88.ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىكە، ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنگە،ئەڭ كۆپ ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىش نىشاندۇر؛

89.ئىنساندا خۇشاللىق ۋە ھەسرەتنىڭ ماكانى بولغان ئىككى يۈرەك دالانچىسى بولغاچقا بەخت قايغۇنى توغرا تونۇيدۇ؛

90.ئوي -پىكىر ھەرىكەتنى، ھەرىكەت ئادەتنى، ئادەت مىجەز - خاراكتېرنى ،مىجەز - خاراكتېر تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ؛

91. ئېرىشكەنلىرى بىلەن ھېسابلاشماي توختىماي تەر تۆككۈچىلەر ھامان پايدىسىنى كۆرگۈچىلەردۇر؛

92. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، ئىنسان ئۆزىنىڭمۇ نۇر چاچالايدىغىنىغا ئىشىنىش لازىمدۇر؛

93. ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى،دانالارنىڭ روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ؛

94.ئالتۇن بولغۇچىلار كۆمۇلۇپ قالسىمۇ ھامان پارقىرايدۇ؛

95.قىزغانچۇق بولماستىن خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىش-خۇشال بولۇشنىڭ سىرى؛

96.ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىشنى ئۇنۇتماسلىق-دانالىقتۇر؛

97.بارلىق غەلىبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ؛ بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ؛

98. ھاياتلىقتا مۇھىمى- تۇرغان ئورۇن بولماستىن يۈزلەنگەن نىشاندۇر؛

99.ھاياتلىق بەك قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەنگە ئەتە ئېرىشش ناتايىن؛

100. تالانت -بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن تۇقسەن تۇققۇز پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر؛

101.ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ؛

102.ئۆزىنى ۋە يىنىدىكى كىشىلەرنى ئەھمىيىتى بىلەن قەدىرلەش لازىمدۇر؛

103.بىلمىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋىش- تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋىلىشنىڭ ئاچقۇچى؛

104. بارلىق ئۇلۇغ ھەرىكەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ؛

105.ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە، جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي، ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىش، ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماسلىق لازىمدۇر؛

106. پۇرسەت - تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ؛

107. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى: ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشنى خىزمەت قىلىپ خۇشاللىق تېپىپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىنى بەختىيار ھېس قىلىپ، ئىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش؛

108.ئىنسان خۇدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن دۇنيانى رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايدۇ؛

109. ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ، ئائىلە ــــ ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ؛

110.مەغلۇپ بولغاندا چۈشكۈنلەشمەي تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئىسىدە ساقلاش ئۆزىنى ئوڭلاشنىڭ سەرمايىسىدۇر؛

111.باشقىلارنىڭ خىيال ئارزۇسىنى مەسخىرە قىلماي،ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى، ئەمگىگىنى قەدىرلەشنى،ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنى دەپ دوستلۇققا تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى بىلىش-پىشىپ يىتىلگەنلىكنىڭ نامايەندىسى؛

112.قىلماقچى بولغان ئىشىغا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قاراش-بىلىملىكلىكتۇر؛

113.ياخشى كۈنگە ئىرىشكىنىدە بۇرۇنقى غىرىپ كۈنىنى ئۇنۇتماسلىق،سۆيگەن ئادىمىگە ۋاپادار بولۇش-ئىسىل خىسلەتتۇر؛

114.يىقىلغان يىرىدىن ئۆزى تۇرۇش-جاسارەتلىكلەرنىڭ خىسلىتىدۇر؛

15.ئىرشەلمەيدىغان نەرسىگە قارىغۇلارچە ئىنتىلىش- ناداننىڭ ئىشى؛

116. بۇگۈنكى پۇرسەتنى ئەتىگە قويغۇچى_ مەغلۇپ بولغۇچىدۇر؛

117.بىر پۇرسەت قولدىن كەتسە ئۈمىت ئۈزمەي ئىككىنجىسىنى چىڭ تۇتۇش -ئاقىلانىلىك؛

118. ھەممىلا ئادەم سەمىمى راستچىل ئەمەستۇر، باشقىلارغا بارلىغىنى بىرىپ ئىشىنىپ كىتىش نادانلىقتۇر؛

119.باشقىلارغا ئۆزىنى ئەخمەقلارچە ئاتىۋەتمەي،ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىش تادانلىقتۇر؛

120.ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ياش بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ؛

121. باشقىلاردىن بەخت تىلەپ ئىززەت ھۆرمەت ۋە غورۇرىنى يوقىتىش-ئەخمەقلىق؛

122. كۆڭلى يىرىم بولغاندا كۈلكىگە پىخسىقلىق قىلىش-چوڭ بىر خاتالىقتۇر؛

123. تىرىشچانلىق نەتىجىگە ئىرشەلمىسە -ئۈمىتسىزلەنمەستىن ھەممە ئىشنىڭ نەتىجە بىرىشى ناتايىن دىيىش لازىمدۇر؛

124.ھاياتلىقتا: ئۆزىنى، دوستىنى ۋە دۇشمىنىنى ئەپۇ قىلىپ ياشاش، ھۆرمەت تىپىپ ئۇزۇن ياشاشنىڭ ئاچقۇچى؛

125.شۈكرى-قانائەت قىلمىغۇچىلار- خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغۇچىلار؛

126. ئۆزىگە ئۆزى ئىشەنچ باغلاش- باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىششنىڭ ئاچقۇچى؛

127. ھايات بىر ئەينەك، باشقىلارغا كۈلۈپ قارىغاندىلا باشقىلارمۇ كۈلۈپ قارايدۇ؛

128.تەييار تاپ بولماستىن، بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرماستىن قىلالايدىغان ئىشقا قول سوزۇش- تىرىشچاننىڭ خىسلىتى؛

129.ئۆز غايىسىنى باشقىلارغا زورلاپ تىڭىش زوراۋانلىقتۇر؛

130. تۇرمۇشنىڭ ئۆزى رەھىمسىزلىكتىن تۈزۈلگەن جەرياندۇر؛

131.ھايات ـ غەلبە ئۇيۇشقانلارغا ۋە ئۇمىتلىكلەرگە مەنسۇپ بولىدىغان كۆرەش دىمەكتۇر؛

132.ھاياتلىقتا ئىنساننىڭ بىر ئۆمۇر ھەمراھ بولدىغان كىشىسى يوق بولغاچقا يالغۇزلۇقنىمۇ ئۈگىنىپ قويۇشى، بىر ئۆمۇر ياردەم قىلىدىغان ئادەمى يوق بولغاچقا تىرىشىشنى ئۈگىنىپ قويۇشى ئاقىلانىلىقتۇر؛

133.كۆرەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت بولماسلىغى ناتايىن، كۆرۈش دائىرە يىتەرلىك بولسۇن؛

134.ھەسرەتتە قالماي دىگۈچى نەزىرىنى يىراققا تىكىشى كىرەك؛

135.يالغان سۆز يۈز قىتىم تەكرارلانسا راسقا ئايلىنىدۇ.يالغانچىلىق بىلەن باشقىلارنى ئالدىغۇچى ئاقىبەتتە ئۆزىنى ئالدىغۇچىدۇر؛

136.بۈگۈننى ئۆمۇرنىڭ تۇنجى كۈنى، تۇنىگۇننى ھاياتنىڭ ئاخىرقى كۈنى دەپ بىلىش-ياخشى خىسلەت؛

137.ئازاپ ۋە دەرتكە مۇپتىلا بولغاندا چۈشكۈنلەشمەستىن، ھاياجانلانغاندا ئۆزىنى تۇتىۋىلىش-ئاقىلانىلىك؛

138.ئازاپلانغان قايغۇرغان ۋاقتتا تەسەللى بەرگۈدەك ئادىمىنىڭ يوقلىغى ئۆزىنى سىنايدىغان پۇرسەتتۇر؛

139.ھاياتلىقتىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ، ئىككىنچى ياشلىق ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن يارىتىلىدۇ؛

140.ئاتا ئانىسىغا رەھىمسىز، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق،پايدىنىلا كۆزلەيدىغان،ئىككى يۈزلىمىچى، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، زەھەرخەندە، دىيانەتسىز، يالغانچى ئادەم _دوست ئەمەستۇر؛

141.پۇلنى بايلىق ئورنىدا كۆرۇش-ئىنسان روھىيىتىنى نامراتلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ؛

142.ئۆز ئارتۇقچىلىغىنى كۆز- كۆز قىلىش- باشقىلار ئالدىدا كەمچىلىگىنى نامايەن قىلىشتۇر؛

143.تەۋەككۇلچىلىك قىلمىسا-زىيانكەشلىككە تەڭقىسلىقتا ئۇچرىمايدۇ؛

144.مەڭگۈلۈك جۇدا بولۇپ قىلىشمۇ مۇمكىنغۇ؟ ئۆيدىن چىققاندا ئائىلىدىكىلەرگە خوش دىيىش ياخشى ئادەتتۇر؛

145.ھاياتلىق ھەمىشىلا مەنىلىك ئۆتمەيدۇ دەپ،ئوڭۇشسىزلىققا، پىشكەللىككە يولۇققاندا ئۆزىگە تەسەللى بىرىش-دانالىقتۇر؛

146.دۇشمەنلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ياش تۆكمەسلىك-ھەقىقى ئۇلۇغلۇقتۇر؛

147. روھىي كەيپىيات تۇراقسىز ۋاقىتتا بىرەر قارار چىقىرىش- نادانلىقتۇر؛

148.بەزى ئىشلارنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە بولىدۇ،بەزى ئىشلاردىن ۋاز كىچىشمۇ ئاقىلانىلىك؛

149.كەمتەر بولۇش، بىلەرمەنلىك قىلماسلىق، مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق-ئىسىل پەزىلەتتۇر؛

150.يىڭى دوست تۇتقاندا كونا دوست بىلەن مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش لازىمدۇر؛

151.سىرلىرىم ئاشكارىلىنىپ كەتمىسۇن دىگۈچى- سىرلىرىنى ساقلاشنى بىلىشى كىرەك؛

152.ئۆزىدە ئىشەچ ۋە ئىرادە تۇرغۇزۇش-شىجائەتلىكلەرنىڭ خىسلىتى؛

153.مال دۇنياغا كەمبىغەل بولسىمۇ ئەقىل پاراسەت ۋە پەزىلەتتە باي بولۇش-دانالارنىڭ خىسلىتى؛

154. ئۆزىدىن باشقا ئادەمگە ۋاقىت ئاجرىتىشنى خالىمايدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ۋاختىنى زاقىلماسلىك ئاقىلانىلىك؛

155. باشقىلارغا زىيادە ھەۋەس قىلىپ كەتكۈچى-ئاقىبەتتە ھەسەتخور ئادەمگە ئايلىنىپ قالغۇچى؛

156. خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى قايتا خاتالىق ئۆتكۈزمەستىن،مەردانىلىق بىلەن تۈزەتسىلا كىچىرىش لازىمدۇر؛

157. ئازاپلىنىدىغان ئىشنى ئۆزى تاپقۇچى- باشقىلارغا زارلانماي ئۆزىلا ھەل قىلىشى ئاقىلانىلىك؛

158. راستچىل، سەمىمى بولۇپ لەۋزىدە تۇرۇشنى دوست قىلىش- ئىسىل خىسلەتتۇر؛

159. پۇشمان خاتالىقتىنمۇ قورقۇنۇشلۇق ئاپەتتۇر؛

160. ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرمىغۇچى باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلغۇچىدۇر؛

161.قولىدىكى بەختنى قەدىرلىمەي بىپەرۋالىق بىلەن قولدىن بىرىپ قويغۇچى- پۇشمان ئوتىدا كۆيگۈچىدۇر؛

162. ئىككى يۈزلىمە مۇناپىق كىشىلەر ئۆز بەخىتسىزلىگىنى پەدازلاپ كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپنى تەڭ ئالداپ بولغاندىن كىيىنلا ئۆز يولىغا راۋان بولىدىغان يولۇچىلاردۇر؛

163. باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەسلىگىدىن رەنجىمەي ئۆزىنىڭ باشقىلارنى چۈشەنمەسلىگىدىن ئەنسىرەش لازىمدۇر؛

164. ھايات مەشرىپىنىڭ ئاچچىق تايىغىنى تاتلىق چىيىنى قوبۇل قىلىپ جەسۇر ياشاش ئىنساننىڭ مۇقەررەر تاللىشى؛

165. قاتتىق بولسا سۇنىدۇ، يۇمشاق بولسا سىقىلىدۇ،سۇخەنچى بولسا نەپرەتكە قالىدۇ،ۋىجدانسىز بولسا نەپرەتكە قالىدۇ، ئىنساننىڭ ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن ياشىشى لازىمدۇر؛

166."ئازاپلىرىڭغا ئاللاھ يولىدا سەۋرى قىلىمەن ، سەنمۇ ئازاپلىنىدىغان كۈنۈڭنى كۈت" دىيىش تەقۋالىقتۇر.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. [: x) o1 y9 H1 U3 ^

       مەنبە تورلار دۇنياسىدىن يىغىپ رەتلىگەن جەۋھەرلەر


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' d& A' d' x/ X6 y6 f+ ~ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-30 02:59 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! x: f8 |6 {6 V- w

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Q! W0 x$ c, @7 k' O* n

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Rujak + 40 ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 40   باھا خاتىرىسى

بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13563
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 08:02:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھىكمەتلەرنى يوللاپسىز ،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە.
قاتتىق يامغۇردىن كىيىن ھاۋانىڭ ئىچىلىشىغا ئىشىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86618
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 09:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكمەتلىك سۆز قىممەتلىك بايلىق ، تەشەككۈرلەر بولسۇن سىزگە .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4296
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 10:39:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم. خېلى ئەجىر قىپسىز
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ x4 s7 n; f( ]& |

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 11:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
64-قۇرغا ھەممىمىز ئەمەل قىلساق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88065
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 02:44:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياختۇردۇم ،ساقلىۋالدىم ،ئىسىل ھېكىمەتلەركەن ..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 1527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5325
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1349 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 02:58:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھېكمەتلەر ئىكەن.  ساقلىۋالدىم رەھمەت سىزگە  . ئاللاھ  سىزدىن رازى بولسۇن....

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 4256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8236
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1925 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 03:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال  كىشى   تۆت  تەرەپتىن  تاللىنىلدۇ  .   ئىقتىسادى  ...  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) w1 A0 C$ l% C6 dبۇنى  قانداق  چۈشىنەي  ؟   مەنچە  بۇگەپلەر   قەدىمكى  ئوردىلاردا   ۋەزخانلىق قىلىپ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! _7 q; }8 E. T- U' H( f9 hيۈرىشىدىغان   بىكارچى   پەيلاسۇپلارنىڭ   گېپىمىكىن  ؟  يا   قەلەمنى  جان  بېقىشنىڭ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. g  T- [" H7 q& Gۋاستىسى   قىلىۋالغانلارنىڭ  ....   بۇنداق   گەپلەرنىڭ  ھەممىسىگە  ئىشىنىپ كەتكىلى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 s8 O" V0 k* mبولمايدۇ .  بەخىتلىك  تۇرمۇش  ،  نىكاھنىڭ   قېلىپى  ،  فورمۇلاسى  يوق  . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* }9 W: j1 t- }7 {
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-31 03:52 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( [# S, t; I4 |; X6 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! z. V; ~) `! M' Y" c

قائىدىسىز    كىشىلەر     كىشىلەرنىڭ  تۆۋىنىدۇر .

قۇتادغۇبىلىكتىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4598
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 04:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكمەتلەر ئىكەن ساقلىۋالدىم .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 _0 u  k; S4 o4 J

سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 05:24:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 03:42 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' y5 N; L1 m) Q( w+ s* V, @+ oئايال  كىشى   تۆت  تەرەپتىن  تاللىنىلدۇ  .   ئىقتىسادى  ...   ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" }- O: @4 {; O' a1 Bئىقتىسادى دىگەن پۇلى جىق دىگەن گەپ شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭزما؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش