|
|
|
|
ھايۋانلارمۇ ئۆچ ئالامدۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋانلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ۋاستىسى ھەرخىل بولىدۇ.ئۇنداق بولسا ھايۋانلاردىكى ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى قانداق شەكىللەنگەن،ئۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەركىتىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟بۇھەقتە ئالىملارنىڭ يەنىمۇ تەتقىق قىلىشى ۋە ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ.
تۆگىنىڭ ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى
كۆپ ساندىكى كىشىلەرتۆگىنىڭ قۇملۇقتا ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشكە چىداملىق ،جاپادىن قورىقمايدىغان ياخشى خۇسۇسىيتى بارلىقىنى بىلىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ كۈچلۈك ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىغا ئىگە ھايۋان ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.ئەگەر تۆگىنىڭ ئىگىسى ئۇنى خارلىسا ،ئۇ بۇنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇۋېلىپ پۇرسەت تاپقاندا ئۆچ ئالىدۇ.سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر جۈۋۋازخانا خوجايىنى بار بولۇپ ،ئۇبىر تۆگە باققان .بىرقېتىم ئۇ سودىدا زىيان تارتىپ ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن قامچابىلەن تۆگىسىنى قاتتىق ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقارغان.بىرقانچە ئايدىن كىيىن ھېلىقى تۆگە ئىگىسىنىڭ چېدىرىغا بېسپ كىرىپ زەھەر خەندىلىك بىلەن ئۇنىڭ كارۋىتىنى ئۆرۈۋەتكەن،بەخىتكەيارىشا ئۇكۈنى سودىگەر چېدىردا بولماي قالغان.
تۆگە ئاچچقىنى چىقىرالماي ئىگىسىنىڭ ئېسىپ قويۇلغان ئىشتىنىنى چىشلەپ پارە-پارەقىلىۋەتكەن،چېدىردىكى قاچا-قۇچىلارنى دەسسەپ-چەيلەپ ماكچايتىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن بولدى قىلغان .تۆگىنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا قارىتا ئەرەپلەردە بىرخىل ئۆزىنى قاچۇرۇش چارىسى ئاستا-ئاستا شەكىللەنگەن .يەنى ئۇلار تۆگىنى راسا تېرىكتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئادەم شەكلىگە كەلتۈرۈپ تۆگە ئۆتىدىغان يولغا قويۇپ قويىدۇ.تۆگىلەرئۇنىڭ يالغان ئادەملىكىنى بىلمەي ئۇكىيىملەرنى چىشلەپ ۋە دەسسەپ رەسۋا قىلىۋىتىدۇ.تۆگىلەرنىڭ ئاچچىقى بېسىلغاندىن كىيىن بىر ياققا مۆكۈۋالغان تۆگىنىڭ ئىگىسى پەيدا بولىدۇ.ۋەتۆگىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورىقمايدىغان بولىدۇ.
پىلنىڭ ئۆچ ئېلىشى
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەسىراتىدا پىل بىرخىل ياۋاش ھايۋان بىراق پىللارنىڭ مۇھەببەت نەپىرىتى ئېنىق بولۇپ ،ئاداۋەت ساقلاشنى بىلىدۇ.ھەمدە پۇرسەت كەلگەندەئۆچ ئالىدۇ.ئىلگىرى ھىندىستاندا مۇنداق بىر ئىش بولۇپ ئۆتكەن :بىر ئايال دېرىزىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىر يۇيۇۋاتقانداتوساتتىن بىر پىل خۇددى ئۆي ئىچىنى مارلىغاندەك دېرىزىدىن بۇرنىنى تىققان ،ھېلىقى ئايال پىلنىڭ بۇھالىتىنى كۆرۈپ قىزىقارلىق ھېس قىلغان ۋە قولىدىكى يىڭنىنى پىلنىڭ بۇرنىغا سانجىغان ،پىل ئاغرىققا چىدىماي بۇرنىنى تارتىۋىلىپ دەرھال قېچىپ كەتكەن .ئويلىمىغان يەردىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ھېلىقى پىل يەنە قايتىپ كەلگەن .ئۇ كۆلچەكتىكى سۇنى بۇرنىغا لىق تولدۇرۋىلىپ ھېلىقى ئايالنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇرنىدىكى سۇنى ھېلىقى ئايالغا پۈركۈگەن ،بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي يەنە شىرەدىكى يېڭىدىن پىچىلغان رەخىتلەرگمۇ سۇ پۈركۈپ قالايمىقان قىلىۋىتىپ كېتىپ قالغان .
يىلاننىڭ ئۆچ ئېلىشى
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن باشقا قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارمۇ ئۆچ ئالىدۇ.20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرنىڭ باشلىرىدا بنگالنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كەنىتتەكۆزەينەكلىك يىلانلار دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەسلىدەبىر قانچە كۈن ئىلگىرى بۇ كەنىتتىكى بىر دېھقان ئۆيىگە كىرىپ قالغان بىر كۆزەينەكلىك بىر يىلاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولغان.بىراق يىلان يارلىنىپ قېچىپ كەتكەن.ئويلىمىغان يەردىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىنكى بىر كۈنى سەھەردە ھېلىقى دىھقان ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا بىرمۇنچە كۆزەينەكلىك يىلانلارنىڭ ئۆز ئۆيىنى قورشىۋالغانلىقىنى بايقىغان.ئۇنىڭ قوشنىللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ياردەملىشىشكەكەلگەن ،ئەمما بۇيىلانلار بەك ۋەھشىي بولغاچقا كىشىلەر ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىگەن .شۇنىڭدىن كىيىن ھەركۈنى 50 نەچچە تال كۆزەينەكلىك يىلان توپلىشىپ كەنىتكە كېلىدىغان بولغان،قورقۇپ كەتكەن ھېلىقى دىھقان ئامالسىزلىقتىن ئىشىك دېرىزىللىرىنى تاقىۋىلىشقا مەجبۇربولغان . ئاخىرى كەنىتتىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن كۆچۈپ كەتكەن.
مەنبە: يەر شارىدىكى سىرلار
|
|
|
|
|
|