|
|
|
|
(3) چۈش ئادەمنى ئويغىتىدۇ. ئادەمنىڭ ئومۇمىي پىسخىلوگىيلىك ھالىتىنى ئومۇمەن ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ رىئال دۇنيادىكى ھالەت ۋە ئۇيقىدىكى ھالەت. ئۇيقىدىكى ھالەتنى يەنە ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، يەنى تولۇق ئۇيقا ھالىتى ۋە يىرىم ئۇيقا ھالىتى. تولۇق ئۇيقا ھالىتى-رىئاللىققا نىسبەتەن سەزگۈلۈرىمىزنىڭ سىزىش ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن، رىئاللىقتىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن ئىنكاس ھالىتى. يىرىم ئۇيقا ھالەت-رىئاللىققا نىسبەتەن سەزگۈلىرىمىز يەنىلا بار، بىراق رىئاللىقتىن كەلگەن ئۇچۇرلار تولۇق مىقدار ۋە ئەسلى مەزمۇنى بويىچە ئەكىس ئەتمەستىن چۈش لوگىكىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى. ئۇيقىدىن ئويغىنىش بولسا، چۈشتىكى مەلۇم غىدىقلىنىش(بۇ ئەلۋەتتە ھىسيات جەھەتتىكى غىدىقلىنىشنىڭ) تەسىرىدىن بولىدۇ. مەسىلەن: قورقۇش-چۈش دۇنياسى بىلەن رىئال دۇنيانى باغلاپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئىپادىسى-ئويغىنىش! ئۇيقا ھالىتىدە بارلىق سەزگۈيىمىز پۈتۈنلەي يوقالمايدۇ. چۈنكى، بىز ئۇخلاۋاتقان بىر ئادەمنى مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلىساق تەسىرنى سىزىش جەھەتتىكى ئىنكاسى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ يەردە بىز مۇنداق بىر ئپادىلەش ئۇسۇلى، يەنى بىز بىر چەمبەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئارقىلىق بارلىق سەزگۈلىرىمىزنىڭ سىزىش ئىقتىدارى ياكى سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى ئىپادىلىسەك، بۇ چەمبەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىزنىڭ سىزىش ئىقتىدارىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇخلاشقا باشلىغان ۋاقتىمىزدا بۇ چەمبەر كىچىكلەشكە باشلايدۇ. بىز تولۇق ئۇيقا ھالىتىدە بۇ چەمبەر ئەڭ كىچىك ھالەتتە بولىدۇ. ئەمدى چۈش دۇنياسىغا ئۆتسەك، چۈش دۇنياسىدىكى ھادىسىلەردە بىزنىڭ سىزىش ئىقتىدارىمىز بولامدۇ-يوق؟ ئېنىق بىر نەرسە دېيىشكە بولىدۇكى، چۈش دۇنياسىدا ئەلۋەتتە سىزىش ئىقتىدارىمىز بولىدۇ. چۈنكى، چۈشنى كۆرىمىزدىكى «كۆرۈش»بولسا، كۆرۈش سەزگۈيىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈشىمىزدە يەنە باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمىز. دېمەك، ئاڭلاش سەزگۈيىمىز يەنىلا مەۋجۇت.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېگىش سەزگۈسى، پۇراش سەزگۈسى،...قاتارلىقلار يەنىلا مەۋجۇتلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرەلەيمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشنى تەجرىبە قۇرالى ۋە تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىپ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. تولۇق چۈش ھالىتىدە، رىئاللىقتىكى سەزگۈيىمىز ئەڭ تۆۋەن قېممەتكە چۈشۈپ، چۈشىمىزدىكى سەزگۈيىمىز ئەڭ چوڭ قېممەتكە يېتىدۇ. بۇ بىزگە رىئاللىقتا يوقاتقان سەزگۈ ئىقتىدارىمىز چۈش دۇنياسىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى دەپ بىرىدۇ. بىز ئەمدى يۇقارقى جەرياننى كەينىگە ياندۇرۇپ، ئۇيقا ھالىتىدىن ئويغىنىش ھالىتىگە ئۆتۈش جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى. چۈش كۆرۈۋاتقان ھالەتتىن ئويغىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندا، چۈشتىكى بىز كۆرۈپ تۇرغان ھادىسە ۋە شەيئىلەر ئىنىقسزلىشىپ بارىدۇ. دېمەك، بۇ جەرياندا چۈش دۇنياسىدىكى شەيئىي ياكى ھادىسىلەرنى بىلىش ئىقتىدارىمىز ئاجىزلىشىپ بارىدۇ. ئەمدى بىز مۇشۇ چاغدا رىئاللىقتىكى ئۆزىمىزگە دېققەت قىلساق، رىئاللىققا نىسبەتەن سەزگۈيىمىزنىڭ ئەسلىگە كىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇلارنى بىز يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلق ئپادىلىسەك: چۈش
|
|
|
|
|
|