ئەي ئادەملەر
(نەسىر)
(مۇقەددىمە)
ھايات گوياكى بىر پايانسىزسەھنە.بۇسەھنىدە خىلمۇ- خىل روللارىدىكى ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ئۇچىراپ تۇرىشى مۇقەررەر.بەزىلەر ،ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا زادى نىمە ئۈچۈن تۆرەلگەنلىكىنى،ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆزىنى نىمە مەقسەتتە ياراتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ ،ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك خىسلىتىنى ،گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇپ،غۇرۇر ۋىجدانى بىلەن ھالال ياشىسا،بەزىلەر ئۇنىڭ ئەكىسىنچە ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ ئەيشى ئىشرەت،كەيىپ ساپا.................لارغابېرىلىپ ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خار-زەبۇن قىلىپ ياشىماقتا.
(1)
مەنمۇ بۇھايات سەھنىسىدە بىر رول ئالغۇچى بولۇش سۈپىتىمبىلەن ئالدىبىلەن ئىنتايىن غۇرۇرلۇق ،ۋىجدانلىق،ۋاپادار ،قابىليەتلىك ،ئاددى ساددابىر يىگىتنىڭ رولىدا چىقتىم. ئەتىراپىمدا مېنى مەنسىتمەيدىغانلار،مەسخىرە قىلىدىغانلاربەكمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار
مېنىڭ ئاقللۈكۈمنى،مەرىتلىكىمنى دۆتلۈك،ھاماقەتلىك دەپ بىلەتتى،كېچە-كۈندۈزكىتاپقا
بېرىلىپ ئۈگىنىش قىلىشلىرىمنى زاڭلىق قىلىپ كىتاپ خالتىسى....دەپ مەسخىرە
قىلىشاتتى.بىراق ئىمتاھان ۋاقتى يېقىنلاپ قېلىشى بىلەنلا خۇشامەت قىلىپ قىلمىغىنى
قالمايتى .ئازىراق ناھەقچىلىكنى كۆرسەم چىدىيالمايتىم،شۇ سەۋەپلىكساۋاقداشلىرىم،ياتاقداشلىرىم
مېنى ئارىغا ئالمايتى. قىز دوستۇممۇ مېنى نامىرات ئائىلنىڭ بالىسى دەپ مېنىيارتماي تاشلىۋىتىپ
پۇلدار بىرى بىلەن يۈردى . بىراق مەن كەلگەن
بۇ كەلگۈۈكلەرنى خۇدانىڭ ماڭا بەرگەن سىنىقى دەپ بىلىپ ،ھەر قانچە قاراڭغۇ
تۈننىڭمۇ كۈلۇپ تۇرغان قۇياشقا ئورۈن بوشاتماي قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئۈمىدۋارلىق
بىلەن ياشىدىم. دىگەندەك بەخىت ماڭا كۈلۈپ قاراشقا باشلىدى.
ئارقىدىنلا مەن ئىنتايىن كېلىشكەن،لىكىن ئەخلاقسىز،قىزلارغاسۇنى پۇلدەك خەجلەيدىغان
ئويۇنچى بەگزادىنىڭ رولىنى ئالدىم.قىزلار ئەتىراپىمدىن چۆگىلەپكېتەلمەيتى.ئۇلارنىڭ
ئارسىدا مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆردىغانلارمۇ،پۇلۇمنى ياخشى كۆردىغانلارمۇ بارئىدى.ئۆزۇمنىڭ
چىرايىمغا ئىشەنگەچ نى-نى ساددا قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈپ پۇلغا ئۈگۈتۈپ ئەخمەق
قىلدىم. كۈنلىرىم قىزلارنى ئەخمەق قىلىش ئىچىپ-چېكىپ،ئويناش بىلەنلا ئۆتەتتى.مېنىڭ
نەزىرىمدە ساپ مۇھەببەت،ۋىجدان ،دىگەنلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى .تېخىمۇ يامىنى
نەچچە قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىۋەتكىنىم خىيالىمنىڭ بىر بۇرجىكىگە
كىرىپ چىقمايتى.بىراق مېنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرىم ئۆزۈمنىڭ بېشىغا چىقىپ نىجىس
كېسەل بىلەن يىقىلدىم.شۇنىڭ بىلەن ئەتىراپىمدىكى قىزلارمۇ توزغاقتەك توزۇپلاكېتىشتى.سەكىراتقا
چۈشۈپ جان تالىشىپ ياتقانلىرىمدا ئۆمرۈمنى نەقەدەر بىھۇدە ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ھېس
قىلدىم.بىراق ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم.
مەن يەنە بىر باشلىقنىڭ رولىدىمۇ چىقتىم.ئەتىراپىمدا ماڭاخۇشامەت
قىلىدىغانلار ھەددى ھىساپسىز ئىدى.ئۆيۈمگە خىلمۇ-خىل سوۋغا سالاملار كۈندە دىگۈدەك
كىرىپ تۇراتتى.بىراق مەن ئەمىلىمدىن ئايرىلىشىم بىلەنلا ماڭا خوشامەت
قىلىدىغانلارمۇ يوقالدى. ماڭا سالام قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،تەلەتىمگىمۇ قارىماس
بولۇپ قالدى.ھەي ئادەملەر..............
(2)
مەن يەنە ئىنتايىن مەسۇم ،يۇۋاش ،تىرىشچان ھەم چىرايلىق بىرقىزنىڭ رولىنى ئالدىم.ئۆزۈممۇ
چىرايلىق ھەم دەرىستىمۇ ئالدىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەممە ماڭا ھەۋەس بىلەن
قارىشاتتى.يىساۋاقداشلىرىم،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىمنىڭ ھۆرمەتلىشى.يىگىتلەرنىڭسۆيگۈ
كۆزلىرىنى ئىلتىجالىق بىلەن تىكىشى...........كۈنلىرىم شۇنداق مەنىلىك ،خۇشال
خۇرام ئۆتمەكتە ئىدى. بىراق مېنىڭ بۇ ياخشى كۈنلىرىم ئۇزاققا بارمىدى.بىر قوي
تىرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىنىڭ چىن ۆيگۈنى دەستەك ئارام بەرمەسلىكى بىلەن ئۇنىڭ دامىغا چۈشتۈم.دەسلەپ سۆيگۈنىڭ شۇقەدەر ئىللق ھارارىتى بىلەن ئۆزۈمنى شۇقەدەر بەخىتلىك ھېس قىلغان بولسام كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ بۆرەئاخىرى ئۆزىنى ئاشكارلىدى.ئۇ مېنىڭ بارلىقىمنى ۋەيران قىلدى. مەن نومۇسقا چىدىماي ئۆلۈۋىلىشقا مەجىبۇر بولدۇم.ياشقا تولغان كۆزلىرىم بىلەن بىر قەدەھ زەھەرنى ئالدىمدە گۈپىپىدە
كۆتۈرۋەتتىم .مېنىڭ تېخى يەتمەكچى بولغان نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىم بار ئىدى.ياخشى
ئوقۇپ دوكتۇر بولۇپ ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايتىم.ئەپسۇس.مىڭ
ئەپسۇس ئارمانلىرىم بەربات بولدى ،قەلبىم ئۆلدى،بۇرەزىل دۇنيادىن،ئادەملەردىن
شۇنچە سەسكەندىم.
ئاھ ئادەملەر،رەزىل ئادەملەر..............
مەنبە:تۇرمۇشتا كۆرگەنلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazukay2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 07:34 PM
|