مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1321|ئىنكاس: 18

پېشۋا ئەدەبىيات تورى قۇرۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 04:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېشۋا  ئەدەبىيات تورى قۇرۇلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۆھتىرەم قىرىنداشلار، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! جەمىئەتنىڭ، پەن-تىخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يىقىنقى  ئون يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تىز كۆپىيىپ،ئىنتىرنىت تورى نۆۋەتتە ھەربىر كىشىنىڭ بىلىم ئىلىش، جەمىئەتنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىش، تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئىلىش، ئالاقە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى. شۇنىڭغا ياندىشىپ ئوقۇرمەن ، يازغۇچىلىرى ھەر كەسىپ،ھەر ياش باسقۇچىدىن تەركىپ تاپقان  تور ئەدەبىياتىمۇ تور دۇنىياسىدىن بەلگىلىك كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىرىشىپ، ئوقۇرمەنگە كەڭ ،خىلمۇ-خىل ئەسەرلەردىن زوقلىنىش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغىمۇ ئۆز ئىقتىدارىغا ماس بولغان ، ئۆزى تاللىغان ئۇسلۇپ،ئۆزى ياقتۇرغان ژانىر، ئۆزى ئىقتىدارغا لايىق ئەسەر سەھىپىلىرى ۋۇجۇدقا چىقتى. پېشۋا ئەدەبىي ئىجادىيەت تورى ئۆز نۆۋىتىدە كەڭ ئوقۇرمەن، كەڭ قەلەمكەشلەر قوشۇنىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ چوڭ سىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھبە قوشۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تورداشلارنى تىخىمۇ پاكىز، ئېسىل ،بىرىنچى قول ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش، جەمىئەتتىكى ھەرساھە، ھەر كەسىپ، ھەرخىل ياشتىكىلەرگە كۆڭۈلدىكىدەك ئىجادىيەت سەھنىسى، ئۆزىنى چىنىقتۇرۇش، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تور ئەدەبىيات ئىشلىرىنى ئۆزگىچە يوسۇندا ئىلىپ بىرىپ، ئاۋامنىڭ قەلبىگە تىخىمۇ يىقىنلىشىش، خەلقنىڭ كۈلكىسىگە كۈلىدىغان، يىغىسىغا يىغلايدىغان ھەقىقي مەنىدىكى خەلقچىل تور بەرپا قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. تور بىتىمىز:
1.  تور بېتىمىز ئەدەبىي ئىجادىيەت تورى بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى، ساپ ئىجادىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،  تور بەتتە پەقەت ئەزالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، باشقا بەتلەردىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كىلىش، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى ۋاكالىتەن ئېلان قىلىش، مۇشۇ تور بەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ. پەقەت مەشھۇرلار ئىزلىرى سەھىپىسىدىلا  چەت-ئەل، جوڭگو ۋە ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدىكى ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە، دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەسەرلىرى چەكلىك ساندا يوللىنىدۇ، تىپىك يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالى، ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە دائىر ئەسەرلىرى، ۋە تەرجىمىھال كەچمىشلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇ سەھىپىگىمۇ باشقۇرغۇچىلارلا ئەسەر يوللىيالايدۇ.
2. تور بېتىمىز ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قاتتىق بولغان، ئەزا تىزىملاش، باشقۇرۇش، ئەسەر تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئەزالارنىڭ ھەقىقي سالاھىيتى بىلەن تېزىملتىش ۋە باشتىن –ئاخىرى ھەقىيقى سالاھىيەت بىلەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللىي ۋە دىننىي سەزگۈر تېمىلار، ئەنئەنىدىن چەتنىگەن، مىللىي ئەخلاققا زىت بولغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ، قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار، تەكرار ئاگاھلاندۇرش بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ ئەزالىق نامى چەكلىنىدۇ، زۆرۈر تىپىلسا IP ئادىرسى بىلەن قوشۇپ ماتىرىياللىرى قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىدۇ، شۇڭا  تورداشلارنىڭ تور بىكىتىمىزگە بۇ جەھەتتە مەتبۇئاتلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
3. ئىنتېرنىت تور ئىشلىرىمىز نۇرغۇن تەرەققياتلارغا ئىرىشكەن بولسىمۇ ، ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان باللىرىمىز ئۈچۈن ئاجىراتقان سەھىپىلىرىمىز ، توردىكى بالىلارغا ئائىت مەزمۇنلار كىشىنى يەنىلا قانائەتلەندۇرمەيدۇ، تور بىكىتىمىز ئانا تىل مائارىپىغا يىقىندىن كۈچ قوشۇش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان ئالاقە بوشلۇقىنى تولدۇرۇش، بالىلارغا ماس بولغان تور ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىش سەھنىسى ھازىرلاش مەقسىتىدە مەخسۇس بالىلار ئەدەبىياتىغا ئورۇن ئاجىراتتۇق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەخسى ياكى بىر سىنىپ كوللىكتىپى نامىدا تور بىكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ ، ئۆزىنىڭ مەشىق ئەسەرلىرىنى يوللىشىنى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
4. تور بىكىتىمىز ئاشكارە بولغان تۆھپە باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ،تور بىكىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى، ئاۋاتلىقى، ھەجىمى، بىرىلگەن باھا قاتارلىقلارغا قاراپ تەڭگە تارقىتىپ، قەرەللىك ھالدا مۇۋاپىق مۇكاپاتلاپ ، رىغبەتلەندۈرۇش ئىلىپ بارىمىز. مەخسۇس سەھىپىدە تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرىلىدۇ. مۇكاپاتلىق ئەسەر پائاليتى ئىلىپ بىرىپ، مەتبۇئاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئالاھىدە ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى نەشىرگە ئورۇنلاشتۇرش ئىلىپ بارىمىز.
5. تور بىكىتىمىزنىڭ بىكەت مۇلازىمتى سەھىپىسى مەخسۇس ئەزالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئەزالارنىڭ پىكىر-ئالماشتۇرۇش، مۇلاھىزە، مۇنازىرە قىلىش سورۇنى بولۇپ، ئەسەرلەرگە باھا بىرىشكە توغىرا كەلسە مەخسۇس سەھىپىدە مۇكەممەل ئوبزور ۋە باھا يىزىشنى تەكىتلەيمىز. بىكىتىمىز مەخسۇس تەجرىبىلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ۋاقىت بەلگىلەپ تېمىلىق مۇنازىرە ۋە سۆھبەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىمىز. ھەم تەجرىبە ۋە مۇلازىمەت سەھىپىسىدە مەخسۇس يىزىقچىلىق ھەققىدە، تورغا ئەسەر يوللاش ھەققىدە مەسلەھەت بىرىش ، تەجرىبە، ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
6. مەخسۇس يازغۇچىلار ئىستونىدا بېكىتىمىزنى ئالاھىدە قوللىغان، ئەسەرلىرى بەلگىلىك ساننى ئىگەللەيدىغان، دائىملىق يازغۇچىلارغا ئاجىراتقان مەخسۇس سەھىپە بولۇپ، ئىدارە، كارخانا، ئورۇن، مەكتەپلەرگىمۇ مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سىستىملىق ،تولۇق تۈردە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.
7. پېشۋا ئەدەبىيات تورى  ئەزالارغا تىنىچ، پاكىز بولغان ئەسەرلەردىن زوقلىنىش، ئىجادىيەت قىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا  شارائىتتا ئىجادىي يازمىلاردىن سىرىت، ئۈن، سىن، رەسىم، خاتىرە ، مىكرو بىلوگ خاتارلىقلارنى يوللاش، تارقىتىش چەكلىنىدۇ، قىسمەن سەھىپىلەردىن سىرىت باشقا ئەسەرلەرگە يازما ئىنكاس يىزىش چەكلىنىدۇ. ئەسەرلەرگە باھا بىرىشكە توغىرا كەلسە مەخسۇس سەھىپىدە سىستېمىلىق ئوبزور يىزىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
8. بىز ئەزالارنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تور بىكتىمىزدە مەڭگۈ، تولۇقى بىلەن ساقلىنىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسىنىڭ تور بىكىتىمىزدە تۇنجى ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، باشقا تور بىكەتلەر ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسا تور بىكىتىمىزنىڭ ۋە ئەسەر ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئىلىشى كىرەك.
9.ئارزۇلىرىمىز ئۇلۇغ، لىكىن «ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق»  بىز بارلىق ئوقۇرمەنلەر، يازغۇچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت تور بىكەت باشقۇرۇش، سەھىپىلەر، ئەسەرلەر ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بىرىشنى، تور بىكەتنى بىرلىكتە باشقۇرۇشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئەزالار بىلەن بىللە تور بىكەتنى ياخشى باشقۇرۇشقا كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئۇزاق مەزگىل تور تېخنىكى، باشقۇرغۇچى، مۇھەررىر، كوررېكتور، كەسپىي يازغۇچى، تور بەتلەر،شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
پېشۋا ئەدەبىيات تورى
http://www.pixwa.cn
ئالەقە توپ نۇمۇرى:  232963054


ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn

نەشتەر ئەپەندى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97311
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 07:40:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ ..
بولسا مۇشۇنداق تور ناملىرى قاتارلىق ئىسىملاردا توغرا بولغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتسەك ..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pixwa + 10 تىرىشىمەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلەرگە نەشتەر كەبى سانجىلسام ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13098
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1143 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 07:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى گەپ، يەنە بىر تور ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. قېرىندىشىم سىزدىن سوراپ باقسام مۇنبىرىڭىزدە ئۆزىمىز يازغان تىمىلارغا نىسبەتەن چەك قاتتىق قويۇلامدۇ؟ ھەۋەسكارلارمۇ ئەسەرلىرىنى يوللاپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئالالامدۇ ياكى باشقۇرغۇچىلار قاراپلا شىئىرغا ياكى ئەسەرگە ئوخشىماي قاپتۇ دەپ ئەخلەتخانىغا تاشلامدۇ شۇنى بىلىپ باقسام .
ئىنكاسلاردا ئالاھىدە بەكرەك ئوبزۇر يېزىشنى تەۋسىيە قىلىپسىز بۇنى ياخشى پىكىر بولدى، ئىشلىرىڭىلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ئاۋۋال زىيارەت قىلىپ كىرەي. ئاندىن سىلەر بىلەن مۇنبەرنى تەڭ گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىمەن. سىلەرمۇ چوقۇم ئەسەرلەرنىڭ يوقالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭلار كىرەك، ئۇنداق بولمىسا بىز سىلەرنىڭ مۇنبىرىڭلاردا خاسلىق بىلەن ئەسەر يوللاپ ، كېيىن يوقاپ كەتسە بۇ ياخشى بولمىغى. ئەدەبىيات ئۈچۈن باسقان قەدەملەر نۇرلۇق بولسۇن!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 08:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ ،،، قولايمىز

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10208
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2334 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 09:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىش بوپتۇ  قۇتلۇقلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2554 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 11:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىشۋا ئەدەبىيات تورىنىڭ يېڭى شەيئى سۈپىتىدە زور ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىشىغا تىلەكداشمەن...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 11:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللاشقا نىسپەتەن قويۇلغان تەلىپىڭلار يۇقۇرى ئىكەنغۇ......

مۇنبىرىڭلارنىڭ گۈللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10159
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63981
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7999 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 02:30:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پىشۋا مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ھەم ئېسىلنىڭ سۆزىنى،مەدەنىيەتنىڭ كۆزىنى،بىلىمنىڭ، ئىلىمنىڭ پەللىسىنى،جەمىيەتنىڭ ئاچقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرلەپ ئەڭ ياخشى مۇنازىرە سورۇنى بولۇپ چىقىشىغان تىلەكداشمەن.


ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6035
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1019 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 03:38:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەزگۈر دىننىي مىللىي تىمىلار دىگەننىڭ ھازىر دائىرىسى كەڭرى بولۇپ كەتتى.ئاتايىتەن يازغان نەرسىدە ئۇف تىنغۇدەك بوشلۇق يوق دىگەندەكرەك بىر جۈملە بولسا سەزگۈرلا دەۋەتسە ئىش تامام ھىچنىمە دىگىلى بولمايدۇ.نەگە ئاپىرىمەن دىسە ئاپىرالايدۇ.ئىشقىلىپ شەرت بەك يۇقىرىكەن.مەن تازا ئۈمىدلىنىپ كەتمىدىم.كەچۈرۈڭ ھە.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 09:55:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Janbar يوللىغان ۋاقتى  2013-8-29 07:46 PM
ياخشى گەپ، يەنە بىر تور ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغان ...


ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاۋال ئەمەلىي قىممىتىگە قارايمىز، ژانىر ئىككىنچى مەسىلە. ئاۋامغا جان ۋە قان ئاتا قىلىدىغان بولۇشنى قاتتىق تەكىتلەيمىز.  قانداق ژانىردىكى قانداق شەكىلدىكى كاتتا ئەسەر بولسۇن بەلگىلىك قىممىتى يوق، ئەزالارنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنىنى ئىسىراپ  قىلىدىغان ئەسەرلەر ئەلۋەتتە ئەخلەت قاتارىغا يوللىنىدۇ.
بىز يىڭى يولغا چىقتۇق، قالغىنى بىز تەنقىدتىن تەكلىپكە بەكرەك تەشنامىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pixwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-30 10:01 AM  


ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش