[ئىزدىنىش تورىدىن ۋاپادارىم يازمىسى]
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر ،2006-يىلى 4-مارت كۈنى باشلانغان بىر سوم پىلانىنى بىلگەن ،چۈشەنگەن ھەم 7يىلدىن بېرى قاتنىشىپ ئىقتىسادى ياردەملىرىنى بېرىپ كېلىۋاتقان ئىزدىنىش تورداشلىرى ۋە باشقا تور ۋەھاكازالاردىكى بارلىق تۇغقانلارغا بىر سوم پىلانىدىن بىلدۈرگۈ :
شۇنداق قىلىپ بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىمۇ باشلىنىپ قالدى ،بىر سوم پىلانى نامىدا تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا ،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ياردەم پۇلى ھېچ گەپ ئەمەس ،مەسلە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار بولۇپ قالدى .بىز ياردەم بېرىۋاتقان سىتۇدىنىت قىز 4نەپەر بولۇپ بىرى ئۈرۈمچىدە ،بىرى شىئەندە ،ئىككىسى سىچۈەندە ئىدى .
روزى ھېيىتتىن جەريانىدا يېنىمدىكى بالىلاردىن يىغىلغان پۇلدىن 4000 سومدىن ئارتۇق پۇلنى توردىكى مۇراجەتنامىلەر ،بورتالادىكى قىيىنچىلىقتا قالغانلار ،سىچۈندە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا تارقاتتۇق ،ھازىر مەندە 4000 سوم پۇل بار ، بىز ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ ، شىئەندە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلىغا پۇل لازىم .(سىچۈەندە ئوقۇۋاتقان قىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا ھەر ئايلىقى ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز سىچۈەندىكى بۇ ئىككى قىزغا ئادەتتە بورتالادا سۈننەت تويلاردا چۈشكەن پۇللارنى ئەۋەتىپ بېرىۋاتىمىز )،ئۇندىن سىرىت توردىشىمىز باپكار ئارقىلىق ئاقتۇ ناھىيىسىدكى بىر قىزنىڭ مۇراجىتىدىن خەۋەدار بولدۇم.ھازىر ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك قىز سىتۇدىنىت 4 نەپەر بولدى .
گەپنىڭ خۇلاسىسىنى دېسەم، ھازىرقى 4000 سوم پۇلغا يەنە 7000-8000غىچە پۇل لازىم ،ياردەم بېرىشنى خالايدىغان بۇرادەرلەر ئاتىغان پۇللىرىڭلارنىڭ نەق جايىغا چوقۇم بارىدىغىنىغا ئىشەنىچ قىلىپ يادەمدە بولۇشىنى سورايمەن ،باشقا تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاقە دائىرسىدە بۇ ئۇچۇرلارنى قۇدىرىتى بار يار-بۇرادەرلىرىگە دەپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،مۇمكىن بولسا بىر چاي بىر گۇرۇپپا بولۇپ بىردىن قىزنڭ ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى "كۆتۈرىگە "ئېلىۋىلىشىڭلارنى تېخىمۇ ،تېخىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن .
بىزنىڭ سىڭىللىرىمىز ،ئوقۇشقا ئىشتىياقى بار ،تىرىشچان سىڭىللىرىمىز ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلى بويۇن سىقىپ قالغانلىرىدا بىز ئەركەكلەرنىڭ سورۇن سورۇنلاردا ،كىيگەن ماركىلىق كىيىملىرىمىز ،ئىچىۋاتقان چەتئەل ھاراقلىرىمىز ،چېكىۋاتقان نوچى تاماكىلىرىمىز ،ئولتۇرىۋاتقان ئېسىل ماشىنىلىرىمىز بىلەن بەسلىشىپ ئولتۇرۇپ ،مەسچىلىكتە ئاھ مىللىتىم ،ئاھ خەلقىم دەپ سۆزلەپ كېتىشلىرىمىز ،قۇرۇق قۇرۇق قۇرۇق قايناشلىرىمىز بىزنى ئوتقا باشلىغۇچى ئوتقا !
ئاللاھ ،ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ،بۇ قىزلار بىزگە موھتاج !قېرىنداشلىرىم ،بىزگە موھتاج ،
سىز ۋە مېنىڭ ياردىمىمدە 5يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتلىرىنى تامام قىلغان سىڭىللىرىمىزدىن ئىككىسىنىڭ خىزمەتكە چىقىپ بىر سوم پىلانىغا ياردەمدە بولۇۋاتقانلىرى رىئاللىقتۇر قېرىنداشلىرىم ،ئاللاھ خالىسا سىز ۋە مېنىڭ ياردىمىمدە مانا مۇشۇ قىزلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تۈگىتىپ سېپىمىزگە قابىللاردىن بولۇپ قېتىلغۇسى .......
تەپسىلاتنى بىلمەكچى بولغانلار تېل قىلارسىلەر :
بىر سوم پىلانىغا مەسئۇل ۋاپادارىم912
بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى ئەيساجان نىزامىدىن ،
يانفوندا13565777257
ئۈندىداردا 365199404 نى ئىزلىسىڭىز بولىدۇ .
ئەسلى مەنبە
تىما يوللۇغۇچىنىڭ ئويلىغانلىرى:
كەمىنە بۇگۇن ئىشتىن چۇشۇپ چۇشلۇك تاماق يەي دەپ ئويگە كەلدىم كۇندىلىك ئادىتىم بۇيىچە، ياخشى كورىدىغان مىسرانىم مۇنبىرىنى ئىچىپ << كىلىن بولماق تەس>> دىگەن تىمىنى ئوقۇپ، بەزەنبىر ناچار قىيىن ئانا، قىيىن ئاتا، قىيىن ئاچا سىڭىللارغا نەپرىتىپ ياغدى. شۇنداقلا بۇنىڭغا نىمە دىگۇلۇك دەپ ئۇھ سىنىدىم. باشقا مۇنبەر بولغان ئىزدىنىش مۇنبىرىگە كىرسەم . ئىزدىنىش مۇنبىرى ئەزاسى بولغان.... ( بىر سوم ياردەم پۇلىنى تەسىس قىلغان)ئەل سۆيەر، ئوزى بىر ئاددى توك ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى بولسىمۇ، بارلىقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، كىلەچەكنىڭ غۇنچىسى بولغان مايسىلىرىمىزغا، قۇرغۇچىلىرىمىزغا، سۆيۇملۇك ئىستۇدىت قىز يىگىتلىرىمىزغا ياردىمىنى قولىنىڭ كىلشىچە، مادارىنىڭ يىتىشىچە ياردەم ياردەم قىلۋاتىدۇ.. بىز بۇ ئەخلاق پەزىلىتى ئىسىل، كۇيۇمچان ئەيساجان ئاكىمىز بىزنىڭ ئوگۇنۇش ئۇلگىمىز!!!!!!!!!!!!!
ئەيساجان ئاكىمىز(بەلكىم مەندىن، بىزدىن چوڭ بولىشى مۇمكىن) شۇنچىۋالا ئىستۇدىتلارغا پەقەت ئوزىنىڭلا كۈچىسە ياردەم قىلىپ بولالمايدىغانلىقى، جەمىيەتتىكى ھەرساھا ھەر كەسىپتىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ، زىيالى ، كارخانچى ئۇقۇمۇشلۇق، مائارىپىمىزنى سۆيىدىغان كىشلىرىمىزنىڭ،قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك،ئىستۇدىتلىرىمىزغا ياردەم قولىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ، ياردەم بىرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇشبۇ<< مۇراجەتنامىنى>> چىقىرىپتۇ.... شۇ مۇنبەردىكى تورداشلار ، باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشنى ، تىخمۇ كۆپ تورداشنىڭ بۇ تىمىنى كۆرۇش ئارقىلىق، تىخىمۇ ئىسىل كىشلىرىمىزنىڭ (بىرسوم ياردەم پىلانىغا) قاتنىشىشنى،ئىختىسادى بارلار ياردەم قولىنى ئايىماستىن ياردەم ياردەم قىلىشنى، يوقلىرى بولسا، كۈچى ،ئەقلى، زىھنى ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىشنى ئوتۇنۇپتۇ....
مەنمۇ بىر ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۇرگەن.سىنىپىمىزدا، تىللابۇ دىگەن قىز ساۋاقدىشىمىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى، ئوقۇش پۇلىنى راسلىيالمىغانلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتىن چىكىنىپ، يامان يوللارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۇپ ئىچىنغانمەن. شۇ ئىچىنىش بىلەن ھىش ئىش ھەل بولمىغان... ئۇ بىر سىنىپىمىزنىڭ ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى...
بىر ئىقساد يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ،كەلگۇسى ئىتىقبالى نابۇت بولدى دىگەن گەپ.. كىيىن ئورۇنغا كەلتۇرگىلى بولامدۇ...؟
باشقۇرغۇچىلاردىن ئوتىنىدىغىنىم: باشقا مۇنبەردىكى تىمىلارنى تەستىقلىماسلىق دىگەن قائىدە مىزاننى بۇگۇن بىرقىتىم بۇزۇپ تاشلاپ،بۇ مۇراجەتنامىنى تەستىقلاپ قويۇشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن.. بۇ نى تەستىقلىغىنىڭلار شۇ ئىستۇدىتلارغا قىلغان ئەڭ چوڭ ياردىمىڭلار!
مۇنبەرداشلار سەمىگە:
تورلاردا بۇ خىل مۇراجەتنامىلەر بەكلا كۆپ. قايسى بىر سىغا يادەم قىلىشنى، ئۇققىىلى بولمايدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ.. بەجبۇرلاش يوق.. پەقەت باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقى مىنىڭ قىيىنچىلىقىم مىنىڭ قىيىنچىلىقىم دىگەن ئىسىل پەزىلەتنى جارى قىلدۇرۇپ.. قولىڭلاردىن كەلگۇچە ياردەم قىلساڭلار. تەشۋىق قىلساڭلار...
ئىلگىرى( مىھرىبان ئانىلار، ئاتىلار كوللىكتىپى قىيىنچىقى بارلارغا ياردەم قىلىپ كىلىۋاتىدۇ... ھوكۇمەتمۇ قىيىنچىلىقى بارلارغا قاراپ تۇرماي ياردىمىنى قىلىۋاتىدۇ.
شۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن!
بىزمۇ شۇنداق سەپلەرگە قوشۇلساق ياردەم بىرشنى كۈچەيىتسەك دەيمەن..
شۇ قىلغانلىرىمىزغا ئاللاھ ئەجرىمىزنى بىرىدۇ.. بىرگە مىڭنى بىرىدۇ....
شۇنىڭغا ئىشىنەيلى@!!!!!!!!!!!!!!
خەيىر: كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ بىرىشنى ئومۇد قىلىمەن!
ئاللاھ ئەجرىمىزنى بەرسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 04:20 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-29 11:26 PM):
بانكا نۇمۇرى9559982980538213019 ئەيساجان نىزامىدىن.يىزا ئىگىلىك بانكىسى
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-29 11:28 PM):
دوسىتلارنىڭ بىر-بىرسى بىلەن ئىناق ئىجىل ھالدا پاراڭلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن