مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7949|ئىنكاس: 45

ئاجىز قىز ۋە پۇل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 11:43:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇگۈن يۇرتىمغا قايتىپ كەلدىم. ئانام بىلەن ئىككى سىڭلىم ئىنتايىن خوش بولوپ كەتتى.
-قانداق ئەھۋالىڭ ئانا؟ ئۆي ئىچى تىچلىقتۇ،-ئۇلارنى ناھايىتى سېغىنغان بولساممۇ، ئەھۋال سورىشىمىز ناھايىتى ئاددى بولدى.
-بىز ياخشى قىزىم ئۆزۈڭچۇ؟ قىنى ئولتۇرە، ئۇسساپمۇ قالغانسەن كەلگۈچە؟ چاي بىرەي ساڭا.
    ئانام شۇنداق دىگەن پىتى چىقىپ چاي تەييارلىغىلى تۇردى، مەن ئۈنىمنى چىقارماي ئاران ئولتۇراتتىم.
-قىنى، چاي ئىچكەچ ئولتۇر قىزىم، خىزمىتىڭ ئالدىراشمۇ؟ سالامەتلىكىڭ ياخشىدۇ؟
-مەن ياخشى تۇرىۋاتىمەن ئانا، ھە راس، مەن ماۋۇ 3 ئايلىق مائاشىمنى ساڭا بىرەي. سەن ئىشلەتكىن، ھازىر تاماق ۋە ياتاقنى شىركەتتىن بىرىۋاتىدۇ . كىيىنچە تىخمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ.مەن جىق پۇل تىپىپ سىلەرنى ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كىتىمەن...
-بۇنىڭ ھەممىنى ماڭا بىرىۋەسەڭ سەن قانداق قىلىسەن قىزىم؟ مەندە خىلى جىق پۇل بار ھازىر سەن ئىشلىتىپ تۇرغىن.
-دىدىمغۇ؟! ھەممە نەرسىلەرنى شىركەتتىن تەييار قىلىپ بىرىۋاتسا، يەنە نىمىگە لازىم بولاتتى ماڭا؟ بولدى سەن ئىشلەتكىن، بىز بىللە لەغمەن ئىتەيلى، قوسۇقۇم ئىچىپ كەتتى.
    ئانا-بالا شۇنداق دىگەن پىتى تاماققا تۇتۇش قىلدۇق. بىز گۆشسىز سەي بىلەن لەغمەن يىدۇق.مىنىڭ بەدەنلىرىم قاتتىق ئاغرىۋاتقان بولسىمۇ ،يەنىلا بىچارە ئانامنى ئاياپ ھىچ نەرسە دىمىدىم،. تاماق يەۋاتقۇچە ئاغرىق ئازابىدا كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلۈپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن ئانام
-نىمە بولدى قىزىم؟ نىمىشقا يىغلايسەن؟
-ھىچ ئىش يوق ئانا، دادام رەھمەتلىكنى سىغىنىپ قالدىم...
   ئانامنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلدى، مەن تاماقنى يەپ بولوپلا ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلدىم، ئارلىقتا ئانام:
-كىلە قىزىم، بىردەم پاراڭلىشايلى ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، ئورۇقلاپ كىتىپسەن،ھىرىپمۇ قالغانسەن بەدەنلىرىڭنى تۇتۇپ قوياي.
-بولدى ئانا، بۇگۈن بەك چارچاپ كەتتىم، ئەتە پاراڭلىشايلى. سەنمۇ بالدۇرراق ئارام ئالغىن.
    شۇنداق دەپ ئانامنى ياتاق ئۆيۈمدىن چىقىرىۋەتتىم. بۇرۇن ئانام بىر قىتىم بەدىنىمدىكى تاياق ئىزىنى كۆرۈپ قىلىپ، شۇنداق يىغلاپ كەتكەن ئىدى. مەن ئانامغا «يىقىلىپ چۈشتۈم باشقا ئىش يوق» دەپلا تۈگەتكەن. يەنە كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مانا بۇ بىر ئىغىز قاراڭغۇ ئۆينى ئايرىم قىلىۋالغان ئىدىم. تاياق دەستىدىن قورسىقىم بەك قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.
    ئون يىل بۇرۇن دادام راك كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. دادامنى داۋالىتىمىز دەپ ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلدۇق. بىراق، ئەجەل كىلىۋىدى دادامدىنمۇ ئايرىلدۇق. ئانامنىڭ ھىچبىر ئۇرۇق-تۇققانلىرى يوق ئىدى. دادام ئاغرىپ يىتىپ قالغاندا بولسا دادامنىڭ تۇققانلىرى دادامنىڭ ساقىيالمايدىغانلىقىنى بىلىپ بىزنى تاشلىۋەتكەن ئىدى. مەن شۇ چاغدا 12 ياش ئىدىم، ئوتتىرانچى سىڭلىم 5 ياش، كىچىك سىڭلىم 2 ياش ئىدى. بىز پەقەت ئۈچ قىزلا ئىدۇق، شۇنىڭدىن كىيىن بىچارە ئانام بىز ئۈچ قىزغا ھەم ئانا، ھەم دادا بولوپ تارتمىغان جاپاسى قالمىدى. نەچچە يىل بۇرۇن مەن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەتتىم.
    بارغان ۋاقتىمدا بۇ يىڭى تۇرمۇشقا پەقەتلا كۆنەلمىدىم. بۇنداق شەھەرنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى. ئانام باشتا مىنىڭ يالغۇز بىرىشىمغا پەقەتلا قوشۇلمىغان، لىكىن مەن نۇرغۇن سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ تۇرىۋالغان ئىدىم. ئاناممۇ كۆزى قىيىمىغان ھالدا مىنى ئەۋەتكەن، مەن كەلگەن كۈنى يۇرتىمىزدىن بۇرۇن چىقىپ كەتكەن ئەمەت ئاكامنىڭ تونۇشتۇرىشى ئارقىلىق، كىيىم-كىچەك ساتىدىغان دۇككاندا ئىشلىدىم.  ئۈرۈمچى دىگەن بۇ شەھەردە خىزمەت تاپماق ئۇنداق ئوڭاي بولمىسىمۇ، ماڭا ئاسانغا توختىدى. ئىش ھەققىمنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي ئىشلىدىم، ياتىدىغان يىرىم ئەمەت ئاكامنىڭ ئۆيى بولدى. ئەمەت ئاكام بىزنىڭ يۇرىتتىكى ياخشى بىر ئائىلىنىڭ بالىسى ئىدى. ئۇمۇ نەچچە يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كىلىپ مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. يۇرتقا ئانچە-مۇنچە بىرىپ قوياتتى، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ھەدەممۇ ماڭا ئامراق ئىدى ۋە ماڭا كۆيۈنەتتى .مەن مۇشۇ ئۆيدە ئەتىگەن ۋە كەچلىك تاماق ئىتىش، ئۆيلەرنى تازلاش... ئىشقىلىپ ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى دىگۈدەك مەن قىلاتتىم. گۈلنۇر ھەدەم بەزىدە:
-ئاينۇر بولدى قىلىڭ، كىيىن قىلساقمۇ بولىدۇ، چارچاپ قالىسىز ئۇكام،-دەيتى، لىكىن مەن «ماقۇل» دەپ قويۇپلا، ئىشلارنى بىر قوللۇق قىلىپ تۈگىتىۋىتەتتىم. ئەتىگەندە ئىشقا مىڭىشتىن بۇرۇن ئۆيدە ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ قويۇپ، سەھەردىلا دۇككانغا قاراپ ماڭاتتىم. كەچلىرى ئۆيگە بالدۇر قايتىپ كىلىپ يەنە ئۆي ئىشىغا چۈشۈپ كىتەتتىم. بەزى كۈنلىرى گۈلنۇر ھەدەم ماڭا خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگىلىسچە ئۆگۈتۈپ قوياتتى.
گۈلنۇر ھەدەم ئەمەت ئاكام بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇنۇشۇپ قىلىپ توي قىلغان ئىكەن. ئۇلار بىر-بىرگە شۇنداق ئامراق ئىدى، گۈلنۇر ھەدەم ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەيتى، ھەم ئىشتىن سىرىتقى كۈنلىرىدە تەكلىپ بىلەن كۇرۇسلاردا چەتئەل تىلى دەرسى بىرەتتى. ئۇنىڭ مۇلايىم، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ھەم چىرايلىقلىقىغا گەپ كەتمەيتى.  مۇشۇ تەرىققىدە نەچچە ئاي ئۆتتى.
    مىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىمنى گۈلنۇر ھەدەم ئۆزى ئورۇنلاشتۇراتتى، ئىش قىلىپ مىنى ئۆز سىڭلىسىدەكلا كۆرەتتى. ئەمەت ئاكاممۇ شۇنداق،  ئەمەت ئاكاممۇ خىلى قولى ئوچوق ئادەم ئىدى.
    ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل چەتئەللىكلەر بىلەن سودا قىلىپ يۈرگەن ھەم ئىچكىر تەرەپلەرگىمۇ ئانچە-مۇنچە بىرىپ كىلەتتى. مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ خىلى پۇل تىپىۋالغان، ئۆزى بەش ناماز ياخشى ئادەم ئىدى. مەن كۈنلىرىمنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزىۋەردىم، ئىش ھەققىمنى ئەمەت ئاكام ئۆزى ساقلاپ بىرەتتى ھەم كۆپىرەك يىغىلغاندا ئۆزىمۇ ئازراق قۇشۇپ ئانامغا ئەۋەتىپ بىرەتتى.
   بىر كۈنى گۈلنۇر ھەدەم:
-ئاينۇر ئەتىگەن ۋە كەچتە بىزنىڭ شىركەتنىڭ تازلىقىنى قىلامسىز؟،-دەپ سوراپ قالدى، مەنمۇ ئىكىلەنمەيلا قوشۇلدۇم. ئەتىگەندە دۇككانغا بىرىشتىن بۇرۇن ۋە ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن مەن بېرىپ شىركەتنىڭ تازلىقىنى قىلدىم، ۋاقىتنىڭ قولايلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن گۈلنۇر ھەدەم ئۆزى كىپىل بولوپ شىركەتنىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا ئىلىپ بەردى. مەن ئىشخانىغا بارغاندا داۋاملىق ئادەم يوق بولاتتى، ئىككى خىزمەتنى تىپىۋالغانلىقىمدىن بەكمۇ خوش بوپ كەتكەن ئىدىم. نەچچە ئايدىن كىيىن ئانام مىنى تۇنجى قىتىم ئۈرۈمچىگە يوقلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمەت ئاكام ۋە گۈلنۇر ھەدەم ئانامنى ياخشى كۈتىۋالدى، ئانام ئەمەت ئاكام ۋە گۈلنۇر ھەدەمنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئىيتتى ۋە بىر ھەپتە تۇرۇپلا قايتىپ كەتتى. ئانام كەتكەندىن كىيىن مەنمۇ بۇ ئىككى خىزمەت ۋە ئۆي ئارىسىدا يۈرۈپ نەچچە ئاينى ئۆتكۈزدۈم. گۈلنۇر ھەدەم بىر كۈنى كەچتە مىنى چاقىرتىپ:
-سىڭلىم ھازىر ئەمەت ئاكىڭىزنىڭ سودىسى ياخشى بولوپ تۈركىيەگە بارماقچى بولىۋاتىمىز، ھەم باللارنى شۇ يەردە ئوقۇتماقچى، بىز ئىككى يىلدا قايتىپ كىلىمىز. سىزمۇ يۇرتىڭىزغا قايتىپ كىتىڭ، بۇ يەردە بىزدىن باشقا تۇققىنىڭىز يوق، سىز بىر قىز بالا بۇ يەردە يالغۇر يۈرسىڭىز بولمايدۇ. بۇ ئۆينى ئىجارىگە بىرىدىغان بولدۇق، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ماڭماقچى بولىۋاتىمىز.
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىشىم پۇررىدە قىيىپ كەتتى، مەن يۇرىتقا كەتسەم ئانام بىلەن سىڭىللىرىم قانداق قىلىدۇ؟ كۈنلىرىمىزنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟ دىگەندەك خىياللارنى ئويلىدىم، لىكىن ئامال يوق .بۇ دىگەن خەقنىڭ ئىشلىرى، ئۇلار مىنى دەپ ئۆز ئىشلرىغا تەسىر يىتىپ قالسا بولمايدۇ. مەن يەنىلا ئۈرۈمچىدە قىلىش ئويىغا كەلدىم ھەم گۈلنۇر ھەدەمگە ئىيتىم:
-گۈلنۇر ھەدە، مەن بۇ يەردە قالماقچى، سىزمۇ بىلىسىز ئائىلەمنىڭ شارائىتى بەك ناچار، يىزىدا ماڭا قىلغۇدەك ئىش يوق. شۇڭا بۇ يەردە قىلىپ ئىشلەيمىكىن دەيمەن، مەندىن خاتىرجەم بولوڭلار.سىلەر كەلگەندە ئالدىڭلارغا ئلغىلى چىقىمەن خۇدا بۇيرىسا...
-سىڭلىم ئەمسە ئانىڭىزدىن رۇخسەت ئىلىڭ، مەنمۇ ئەمەت ئاكىڭىز بىلەن مەسلەھەتلىشىپ باقاي.
   مەن ئانامغا شۇنچە يالۋۇرۇپ ئاخىرى ماقۇلغا كەلتۈردۈم، كىيىن ئەمەت ئاكام مىنى چاقىتىپ:
-سىڭلىم بۇ يەردە قالسىڭىز مەن تازا خاتىرجەم بولالمايمەن، لىكىن سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزمۇ توغرا، ئەمسە بۇ ئۆينى مەن سىزگىلا بىرەي سىز ئىشلىتىڭ، پۇل تەلەپ قىلمايمەن!
     ئەمەت ئاكامنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا بىر ئاكىنىڭ ھەقىقى ئاكىنىڭ مىھرىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. لىكىن مەن بۇنى قوبول قىلسام بولمايتى، بۇ ئۆينى ئىجرىگە بەرسە، ئىككى يىلدا كام دىگەندىمۇ ئون نەچچە مىڭ يۈۋەن بولىدۇ. يەنە كىلىپ بۇلار چەتئەلگە چىقىدۇ، بۇلارغىمۇ پۇل كىرەكتە؟ ماڭا نەچچە يىلدىن بىرى ياخشى قاراپ كىلىۋاتىدۇ، ئەمدى بۇلارغا يۈك بولغۇم كەلمىدى، مەن ئەمەت ئاكامغا:
-رەھمەت سىزگە ئەمەت ئاكا، بۇ ئۆينى باشقىلارغا ئىجارە بىرىڭ، مەن باشقا يەردىن نەچچە قىزلار بىلەن بىرلىشپ بىر ئىغىز ئۆيدە تۇرسام شۇ كۇپايە. سىلەر ماڭغۇچە مەن تەييارلىق قىلىۋالاي، ماڭا نەچچە يىلدىن بىرى ياخشى قاراپ كەلدىڭىز، ھامان بىر كۈنى سىزگە بۇ قەرىزنى قايتۇرىمەن.
    شۇنداق قىلىپ ئەمەت ئاكامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۆينى رەت قىلدىم. ئەمەت ئاكاملار ماڭغۇچە مەن ئۆي ئىزدىدىم. قارىسام مەن ئىشلەيدىغان دۇكاننىڭ يىنىدىكى نەچچە ئىشلەمچى قىزلار، بىرلىشىپ ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۇلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە بۇ قوشۇنغا كىردىم. ئەمەت ئاكاملارنىڭ ماڭىدىغان كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى، ئۇلارنى ئۇزاتقىلى مەن چىقتىم. بەك كۆڭلۈم يىرىم بولدى، گۈلنۇر ھەدەم بىلەن خوشلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئىختىيارسىزلا كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى. گۈلنۇر ھەدەممۇ يىغلاپ سالدى، مۇشۇنداق چىداشمىغان ھالەتتە ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ يەككە يىگانە تۇرمۇشۇم باشلاندى. مەن ھىلىقى قىزلار بىلەن بىللە تۇردۇم. بىز جەمىي8 قىز ئىككى ئىغىز ئۆيدە تۇراتتۇق. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئەڭ كىچىكى ئىدىم، ھەركۈنى ئەتىگەندە تۇرۇپ ئۆينى سۈپۈرۈپ تازلاپ قويۇپ ئىشقا ماڭاتتىم. كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتىۋەردى، مەن تاپقان پۇللىرىمغا پەقەت شۇكرى قىلمىدىم. دىمىسىمۇ ئازدە؟ شۇنىڭ بىلەن كەچقۇرۇنلىرى ئۈرمچىدىكى شىڭفۇ يېشى دىگەن كەچلىك بازاردا يىمەكلىك ساتتىم. خۇداغا شۈكۈرى گۈلنۇر ھەدەم ئۆيدە پۇشۇرغاندا ئۆگىنىۋاپتىكەنمەن، ئەمدى ئەس قاتتى دىسە؟!
    مۇشۇنداق تىرشىپ تىركىشىپ كۈلەرنى ئۆتكۈزدۈم. بازىرىم ياخشى ئىدى، بىر ئايدا مۇشۇ ئۈچ كەسىپ بىلەن يۈرۈپ ئىككى مىڭ كوي تاپاتتىم.  بىر كۈنى «ھاكىم يەپتۇ تاماقنى يىتىم يەپتۇ تاياقنى» دىگەندە ئىش بولدى. بىر نەچچە ئوغۇل بالا كەچتە مىنىڭ يايمامغا كىلىپ:
-ھەي قانجۇق! قاچاندىن بىرى كىلىۋالدىڭ بۇ يەرگە؟! بىرىپ مىھمان كۈتۈشلەردە يۈرمەي، بىزنىڭ سودىمىزنى يوق قىلماي، ماۋۇ ئورۇننى بىكار قىل! بولمىسا بىرەر ئىش بوپ قالسا بىزدىن كۆرمە! ئەتىدىن باشلاپ كەلگۈچە بولما ، ھۇ ئاناڭنى رەسۋا!
    دەپ ھەيۋە قىلىپ كەتتى. ئەتراپتىكىلەر دىگۈدەك خەنزۇلار بولغاچقا نىمە ئىش بولغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدى. ئەسلى ئۇ باللارمۇ بۇ يەردە يايما ئاچىدىكەن، لىكىن مىنىڭ سودام بۇلارنىڭكىگە قارىغاندا ياخشى ئىدى. بۇلار سودىسىنىڭ ئاقمىغانلىقىنى مەندىن كۆرۈپ مۇشۇنداق قىپتىكەن. مەن ئەتىسى يەنە بۇرۇنقىدەكلا كىلىۋەردىم، شۇ كۈنى دۇككانى تاقاپ قايتاشىمدا ھىلىقى باللار مىنى يولدا توسىۋالدى، مىنى تۇتىۋىلىپ 4 ئوغۇل بالا بەك ئۇرۇپ كەتتى. بەك كەچ بولغاچقا يولدا ئادەم كۆرۈنمەيتى، ئۇلار ماڭا:
-ھۇ پاسكىنا، كەلمە دىسەك يەنە كەپسەنغۇ؟! جاندىن تويمىغانسەن؟ مىھمان كۈتۈشتە ئەر چىقمىغان بولسا كىلە مانا بىز!،-دەپلا قولۇمدىن تارىتقىلى تۇردى. مەن بەك قوقۇپ كەتتىم، ئۇلارغ يالۋۇردۇم:
-جىنىم ئاكىلار ماڭا رەھىم قىلىڭلار، مەن بۇ تۇرمۇشقا ئىھتىياجلىق، ماڭا چىقىلمىساڭلار سىلەردىن خوش بوپ كىتەي، مەن دىگەن بىر قىز بالا ماڭا بۇنداق زۇلۇم قىلماڭلار...
-ئەمدى بولدى قىلىش! مۇشۇنچىلىك بولسا يىتەر، بىز بۇنداق قىلىمىز دىيىشمىگەن، بولمىسا مەندىن ئاغرىنىشما!،-دىدى ئارىسىدىن بىرسى، ئۇلارمۇ جىم بولوشتى. مەن قاچاي دەپ يۈگۈرۈشۈمگە بىرسى چىچىمدىن تۇتىۋىلىپ:
-مەن ساڭا يەنە بىر قىتىم دەي، ئەگەر يەنە كەلسەڭ بىز سىنى بوش قويىۋەتمەيمىز! يەنە بىر ئىش، ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچى بولما! ئەگەر شۇنداق قىلساڭ مەندىن ئاغرىنما، ھۇ جالاپ!
    مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم بۇنداق سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەندىم. تۇنجى قىتىم تاياق يىدىم، مەن يا بىر ئوغۇل بالا ئەمەس، يا مىنىڭ ئاكام يوق، پۇتۇمنى سۆرىگەن پىتى ئۆيگە كىردىم.
    ئۆيدە ھىچ كىشى يوق ئىدى. بۇ قىزلارنىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولمايتى، بەزىدە كەچتە ھاراق پۇراپ كىرەتتى، بەزىدە كىچىچە قايتىپ كەلمەيتى. ھەممىسىنىڭ بەدىنى سىسىق تاماكا ئىسى پۇراپلا تۇراتتى. يۈزمدىكى قان دىغىنى يۇيىۋىتىپ يىتىشقا تەمشەلدىم، ماڭا بۇ بىر كۈن شۇنداق ئىغىر كەلدى. دادامنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى، باللىق ۋاقىتلىرىمنى سىغىندىم، لىكىن ھىچ ئامال تاپالمىدىم.
   ماڭا جاندىن بەكرەك پۇل كىرەك، پۇل بولغاندىمۇ ھالال بولىشى كىرەك ئىدى.مانا شۇنداق ئۆكۈنۈش ئىچىدە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى يەنە نورمال ھالەتتە ئىشقا ماڭدىم. تۈنۈگۈنكى تاياقتا يۈزلىرىم ئىششىپ كەتكەن ئىدى.
  دۇككان خوجايىنى كۆرۈپ قىلىپ:
-نىمە ئىش بولدى سىزگە؟ يۈرۈڭ دوختۇرغا ئاپىراي.
-ياق بولدى، ئاخشام يىقىلىپ چۈشتۈم، باشقا ئىش يوق، ئەنسىرىمەڭ،
   مۇشۇنداق دەپلا قۇتۇلدۇم، ئۇنى گۇمانلاندۇرۇپ قويغۇم يوق ئىدى، ئۇمۇ ئۆزىگە ئىش تىپىۋىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ-دە؟ بۇ دىگەن خەنزۇ تۇرسا نىمە قىلىپ بىرەلەيتى؟  مەن كەچتە يەنە بازارغا باردىم.
   تاياق يىسەممۇ مەيلى لىكىن مۇشۇ پۇلنى تاپمىسام بولمايتى، ئۇ كۈنى خۇدانىڭ رەھمىتى كىلىپ قالدىمۇ قانداق؟ ئۇلار مىنى ئىزدەپ كەلمىدى. بىر ھەپتىگىچە جىمجىت ئىدى. مەن يۇرىتقا بارمىغىلى خىلى ئۇزۇن جاھان بولوپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئۈچ كۈندىن كىيىن بىرىپ كىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم. دەل ئەتىسى ماڭىدىغان كۈنى ھىلىقى باللار كىلىپ، كەچتە يەنە يولىمنى توسۇپ مىنى كالتەك بىلەن ئۇردى. خۇداغا شۈكۈرى يۈزىمدە ئىز يوق ئىدى. ئەتىسى ئۆيگە قايتتىم، ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ شۇنداق خاتىرجەم بولوپ قالغان ئىدىم. ئانام مىنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمنى تەپسىلى سوراپ تۇرىۋالدى:
-قىزىم، سەن ئۆزۈڭ يالغۇز نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن، نەدە تۇرىۋاتىسەن؟
-خاتىرجەم بول ئانا، ئەمەت ئاكاملار كەتكەندىن كىيىن مەن بىر سودا شىركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن، ياتاقنى شىركەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. تۇرمۇشۇم بۇرۇنقىدىن ياخشى بوپ كەتتى، ھازىر مەن ئۇ ئۆيدە شىركەتتىكى باللار بىلەن بىللە تۇرىۋاتىمەن، خۇدا بۇيرىسا شىركەت ماڭا يىڭى ئۆيدىن بىرنى بىرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنى ئىلىپ كىتىمەن، بىللە تۇرىمىز دىگىنە؟
   ئانامنى شۇنداق دەپ خاتىرجەم قىلدىم، ئەمىلىيەت بولسا ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر راستىنى دىسەم ئانام مىنى ھەرگىز ئەۋەتمەيدۇ، ئۇ ماڭا كۆيۈنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. لىكىن مەن بارمىسام بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالى بۇنداق تۇرسا، كىيىن قانداق قىلىمىز؟ شۇ كۈنى ئانام بەدىنىمنى تۇتۇپ قويغاچ يىگەن تاياق ئىزىنى كۆرۈپ قىلىپ بەك يىغلاپ كەتتى، مەن ئۇنىڭغا:
-بولدى ئانا، مەن قايسى كۈنى پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشتۈم، باشقا ئىش يوق،- دەپلا تۈگەتكەن، ھەم شۇندىن كىيىن ئۆينى ئايرىم قىلىۋالغان ئىدىم. مۇشۇ نەچچە ئايدىن بىرى مۇشۇنداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزپ كىلىۋاتاتتىم.

    مەن بۈگۈن شۇ خىياللارنى سۈرگەچ ئۇخلاپ قالدىم، ئەتە يەنە شەھەرگە قاراپ ماڭمىسام بولمايتى. ھاۋا سوۋۇپ قىلىۋاتىدۇ، مەن قىشتا باشقا ئىش قىلىشىم كىرەك ،شۇ ۋاقىتقىچە يەنە ئازراق پۇل تىپىۋالمىسام بولمايدۇ. ئەتىسى ئۆيدىكىلەر بىلەن چۈشكىچە بىللە بولدۇم، چۈشتىن كىيىن يەنە يولغا چىقتىم. نىمىشقىدۇ بۇ قىتىم بەك خوش بولدۇم، ماشىنا يولدا كىتىۋاتاتتى. مەن نۇرغۇن خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەننىمۇ تۇيىماي قاپتىمەن. شوپۇر مىنى چاقىرغاندىن كىيىن ئاندىن ھۇشۇمنى تاپتىم. مەن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ ئەتىنىڭ تەييارلىقىنى قىغىلى تۇردۇم. باشقا قىزلار بولسا بۈگۈن كەچكى سورۇن ئۈچۈن گىرىم قىلىۋاتاتتى، ئۇلار ماڭا قاراپ نىمىلەرنىدۇ كۇسىرلىشىپ مىنى زاڭلىق قىلغان ئىپادىدە قاراپ قويىشىۋاتاتتى. مەن ئۆز ئىشلىرىمنى قىلىۋەردىم، بۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدا نىگارە ئىسىملىك بىر قىز يىنىمغا كىلىپ:
-ئاينۇر قاچانغۇچە بۇنداق يۈرىسىز؟ بولدى بۇ ئىشلىرىڭىزنى تاشلاڭ، جاپا تارتىپمۇ ئىشمۇ ئەمدى؟ بىز بىلەن بىللە مىڭىڭ، سىز بىر ھەپتىدە تاپقان پۇلنى بىز بىر كۈندە تاپالايمىز.
   مەن ھەيران قالدىم، ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنىق بىلمەيتىم، مەن ئۇلاردىن:
-نىمە ئىش دەيسىلەر قىزلار؟ مەن چۈشۈنەلمىدىم، ئەجىبا شۇنداق ئاسان ئىشما؟
-ھەي ئاينۇر، سىزگە دەپ بىرەي، بىز ھەركۈنى يىڭى يىڭى سورۇنلاردا ئوينايمىز، بايۋەتچە ئوغۇللارنىڭ ھارىقىنى ئىچىشىپ بىرىمىز، پەقەت ئۇلارغا سورۇندا ھەمرا بولوپ ئولتۇرساقلار بولدى. ئۇلار بىز قۇچاقلاپ ئولتۇرغانغا خوش، بىز سورىندىن قايتىدىغاندا ئۇلاردىن پەقەت بىرەيلەن پۇل ئالىمىز، ھەم بۇ پۇلنى قايتقۇچە يولدا بۆلىشىۋالىمىز خالاس. بۇ يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە بىرەرسى ياراپ قالسا نىكاسىز ئەر خوتۇنلاردىن بولوپ قالسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.
    بۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مەن ئۆزۈمنى بىر...قا ئوخشۇتۇپ قالدىم. ۋە بەك نۇمۇس قىلدىم، بۇلار بىلەن بىللە تۇرغانلىقىمدىن سەل پۇشايمان قىلدىم. ۋە دەرھاللا بۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم، ھەم بۇلارغا:
-رەھمەت قىزلار كۆرسەتكەن يولۇڭلارغا، ماڭا ھالال رىزىقىم يىتىپ ئاشىدۇ، مەن باشقىلارنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىسى بولىشنى خالىمايمەن، ئەتىلا باشقا يەرگە كۆچۈپ كىتەي، سىلەر بۇ يەردە ئۆز ھاياتىڭلارنى نابۇت قىلىپ تۇرىۋىرىڭلار! مەن يەنىلا شۇ جاپانى ھالال رىزىقنى ياخشى كۆرىمەن، ياراتقۇچىغا بىرىدىغان جاۋاپنى ئىزدەيمەن.
    قىزلار جىم بولوشتى، ۋە دەرھاللا يوقۇلىشتى مەن ئەتىسى دۇككاندىن بىر كۈنلۈك رۇخسەت ئىلىپ ئۆزۈم يالغۇز تۇرىدىغان ئۆيدىن بىرنى تاپتىم. پەقەت ئىككى ئايلىق، شارائىتى بىر ئاز ياخشى ئىدى، پۇلى سەل قىممەت بولسىمۇ ئامال يوق. كۈلىرىمنى يەنە شۇ ئۈچ كەسىپ بىلەن ھەم قوشۇمچە تاياق يىيىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. تاياق يىسەممۇ ئامال يوق، بۇ ھالال تۇرمۇش ۋە ئانامنىڭ دۇئاسى ئاتامنىڭ روھى ماڭا بىر خىل راھەت بىغىشلايتى. مەنمۇ ھىلىقى باللارنىڭ تايىقىغا كۆنۈپ قالدىم، مىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بولمىغاندىن كىيىن مۇشۇنداق تۇرمۇشقىمۇ خۇداغا شۈكرى قىلماي نىمە ئىلاج؟ بەلكىم ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى باردۇ. شۇنداق قىلىپ قىشمۇ كەلدى. مەن بازارغا بارمىدىم ھەم تاياقتىنمۇ قۇتۇلدۇم. لىكىن بازاردىن تاپىدىغان پۇلنى ئويلىسام سەل ئىچىم ئىچىشىدۇ.
      لىكىن شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن دۇككاننىڭ ئىشى بولغاندىن كىيىن، خاتىرجەم يۈرىۋەردىم. بارا-بارا دۇككانىڭ سودىسىمۇ ئاقمىغىلى تۇردى، دۇككان خوجايىنى دۇككانىڭ ئىجارىسىنىمۇ تۆلىيەلمەس بوپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ خىزمەتتىن قۇرۇق قالدىم، بىشىم بەك قىتىپ كەتتى ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟
     مىنى بۇ يەردە ھىچ كىشى ئىشلەتمەيدۇ، يۇرتىمغا قايتىپ كەتسەم تىخىمۇ بولمايدۇ. نەگە بىرىپ، نەدە تۇراي؟ نىمە قىلاي؟ دەپ ئويلاپ ئىچىم سىقىلاتتى، شۇ باش قىتىقچىلىقىدا بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم.
     بىر كۈنى تۇيۇقسىز يولدا <<ناخشا-ئۇسۇل كۇلۇبىغا قىز مۇلازىمەتچى قوبۇل قىلىمىز>> دىگەن بىر ئىلاننى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. بۇ يەردە ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىك توغرىسىدا خىلى ئويلاندىم. ئىشلىمەي دىسەم مەن بۇ يەردە نىمە قىلىمەن؟ ئىشلەي دىسەم بۇ ياخشى يەر بولمىسا، ئويلاپ ئويلاپ ئاخىرى ئىشلەش قارارىغا كەلدىم. بۇ يەرگە مەن تۈز كىرىپ تۈز چىقسام بولىدىغۇ؟ مەن يا خاتا ئىش قىلمىسام؟ يەنە كىلىپ كەچتە ئىشلەيدىكەنمەن، باشقا چاتاق چىقماس؟ دەپ بىرىپ تىزىملاتتىم . مۇلازىمەتچى تىزىملايدىغان يەردە بىر25 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا ئولتۇرۇپتۇ. مەن مۇلايىملىق بىلەن:
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن سىلەرنىڭ ئىلانىڭلارنى كۆرگەن بۇ يەردە ئىشلەپ قالسام دەيمەن، قانداق شەرىتلىرىڭلار بار؟ ئاڭلاپ باقسام...
   ئۇ كۆزلىرىمگە بىر خىل قاراپ:
-ئاپپاق قىز سىزنى ئۆزۈملا تىزىملىۋىتىمەن، خاتىرجەم بولوڭ! بۇرۇن بۇنداق يەردە ئىشلەپ باقماپتىكەنسىز-دە؟ كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە سىزگە ئۆزۈم ھەممىنى ئۆگۈتۈپ قويىمەن. تىلىفۇن نۇمۇرىڭىز قانچە؟ كەچتە يۆخۇي قىلايلى!
    مەن بۇ بالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەل ھۇدۇقۇپ كەتتىم:
-كەچۈرسىز مەن ئوغۇللار بىلەن كۆرۈشكىلى چىقالمايمەن، بولمىسا مەن باشقا يەردىن خىزمەت ئىزدەپ باقاي، بولدى خوش.
-ھەي،ھەي! توختاڭ قىزچاق! نىمانداق ئالدىراڭغۇ سىز؟! بولدى بولدى، كىيىنچە بىر گەپ بولسۇن !كىملىكىڭىزنى بىرىڭ، ھازىر تىزىملىۋىتەي، ئاندىن بۇنى ئوقۇپ چىقىپ قول قويىۋىتىڭ!
   مەن بىرىلگەن توختامنى تەپسىلى ئوقۇدۇم، خىزمەت ۋاقتى،كىيىم كىچەك مائاش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى تەپسىلى يىزىقلىق ئىدى. مەن بۇ توختامغا قول قويدۇم.
-مانا توختام، قاچان ئىشقا چۈشىمەن؟
-يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ،ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ!
     مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىپ قايتتىم. بىردە خوشال بولسام بىردە ئەنسىرەيتىم، ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە ماۋۇ مازنىڭ قىلىقىنى قارا، خۇددى ئاچ قالغان ئىتقا ئوخشاش،نىمىلا بولمىسۇن يەكشەمبە كۈنى بىرىپ سىناپ بىقىشنى ئويلايتىم. بىردە خوش بولسام بىردە ئەنسىرەيتىم، بۇ يەردە تاپقان پۇلۇم مىنىڭ چىقىمىمنى كۆتۈرۈپ يەنە قولۇمغا پۇل ئىشىپ قالىدىكەن.لىكىن، كەچتە ئىشلەيدىكەنمەن، ئەگەر ئالدىنقى قىتىمغا ئوخشاش باشقىلار بوزەك قىلسا قانداق قىلغۇلۇق؟ يەنە تىخى بۇنداق يەردە ئىشلىگىنىمنى ئانام بىلىپ قالسا تۈگەشكىنىم شۇ!
    شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن يەكشەمبىمۇ كەلدى، مەن پىلانىم بويىچە ۋاقتىدا باردىم، ئاۋال ھەممەيلەن بىر قۇر دەرىس ئاڭلىدۇق، بىر ئازدىن كىيىن زالغا چىقىپ تازلىق قىلىپ تەييارلىق قىلدۇق. تىخى مىھمانلار كەلمىگەن ئىدى، زال ئىچى جىمجىت ھەم سۈرلۈك ئىدى، سائەت 7 لەر ئەتراپىدا مىھمانلار كىلىشكە باشلىدى، بۇ يەرگە كىرىۋاتقان قىزلارنىڭ كىيىملىرى، ئوغۇللارنىڭ توپ توپ بولوپ ئولتۇرۇشلىرى مىنى سەل خىجىل قىلىپ قويدى ھەم جىددىلەشتۈرۋەتتى. قارىسام باشقىلار نورمال ھالەتتە ئىشلەۋىتىپتۇ، مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئۆگۈتۈلگەن بويىچە بىرىپ ئىشىمنى قىلدىم.
     تۇنجى كۈنى بولسىمۇ بۇ يەردىكى قۇلاقنى يىرىۋەتكۈدەك ئاۋازنى ھىساپقا ئالمىغاندا خىلى بوپ قوياتتى، كۈنلىرىم مۇشۇ تەرىققىدە ئۆتىۋەردى. ئىككى ئايلىق ئىجارە ئالغان ئۆينىمۇ بىر يىللىق ئىلىۋەتتىم، كىلەر يىلى يەنە باشقا ئىش قىلىپ قالسام. مۇشۇ ئۆي ئەس قاتقۇدەك. كىچىلىرى ئىشلەپ كۈندۈزى ئارام ئالدىم <<ئەخلاقنى كىمدىن ئۆگەندىڭ دىسە ئەخلاقسىزدىن>> دىگەندەك، بۇ يەرگە كىرىپ چىقىۋاتقان قىزلارنىڭ ئىچىش-چىكىشلىرى، كىيىۋالغان يىرىم ياتا كىيىملىرىنى كۆرۈپ توۋا قىلاتتىم. بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ناماز ئوقۇپ قوياتتىم، لىكىن بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كىيىن نامىزىمنى تاشلىمىدىم. بەش ۋاخ ساق ئوقۇپ يۈردۈم، بۈگۈن يەنە ئىشلىگىلى ماڭدىم. يولدا خىيال سۈرۈپ يۈرۈپ ئىش ئورنىمغا كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەي قاپتىمەن. بۈگۈن يەنە باشقا كۈندىكىگە ئوخشاش ئىشلىدىم، مۇزىكا باشلىنىپ خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بىر توپ ئوغۇل قىزلار كىرىپ ماڭا بۆلۈنۈپ بەرگەن رايۇندا ئولتۇرۇشتى. مەن تىزىملىكنى ئىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردىم،
بىرىپ سەل ھودۇقۇپ كەتتىم. بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن بۇرۇن بىللە تۇرغان نىگارە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ قىز بار ئىدى. بۇ تۆت كونا تۇنۇشلار مىنى كۆرۈپ :
-قاراڭلار بۇ ئاينۇرغۇ؟ بىچارىنىڭ ھالىنى نىمە بوپ كەتكەندۇ ؟بۇ قىز، كۈنىنى ئالالماي قاپتۇ-دە؟ ئايرىپ قويغان زاكات بولسا بەرسەك بوپتىكەن!،- قىزلار ئارىسىدا بىر چاڭ ماز كۈلكە پەيدا بولدى. بۇلار بىلەن تىركەشكۈدەك جان نىمە قىلسۇن مەندە؟ بۇلارنىڭ گىپى ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. زاكات دىگىنىنى، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. لىكىن ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ يەنە مۇلايىملىق بىلەن:
-ھارمىغايسىلەر  سىلەرگە نىمە كىرەك؟ ،-دەپ سورىدىم، ئوغۇللار سوغۇق ئىچىملىك بۇيرشتى. قىزلار بولسا ھاراق بۇيرۇشتى،قاراپ ئىچىمدە توۋا دەپ قالدىم. مەن ئۇلارنىڭ دىگىنىنى ئەكىلىپ بىرىپ ئۆز ئورنۇمغا بىرىپ تۇردۇم.
     قۇلاق تۈۋىمد قىزلارنىڭ قىلغان گەپلىرى كەتمەيتى. مەن ئىچىمدە ئەجىبا بۇ قىزلاردىن نەرىم كام؟ نىمىشقا مۇشۇنداق شۇم پىشانە بولوپ قالغاندىمەن؟ دەپ ئاھ ئۇراتتىم. خۇدانىڭ قۇدىرىتى ئۇلۇغ ئىكەن، ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندە نىگارە سەھنە ئوتۇرىسىدا يىقىلىپ چۈشتى. مۇزىكىمۇ توختىدى، قارىسام نىگارە قاتتىق مەس بوپ كىتىپتۇ. باشقا قىزلار ساپادا ئۇخلاپ قاپتۇ.  بۇلار بىلەن بىللە كىرگەن ئوغۇللار خىجىل بولدى بولغاي، بىرسىنىڭمۇ قارىسى كۆرۈنمەيتى. «تىكىۋەتكەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدىم. ئامانلىق خادىملىرى بۇ قىزلارنى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى. ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالدى،  شۇ ھامان خۇدادىن بۇنداق رەسۋاچىلىققا قىلىشتىن پاناھلىق تىلىدىم. لىكىن ئاشۇ قىزلارغا ئىچىم ئاغرىدى، ئۇلار بۇ يولغا ئۆزى خالاپ قەدەم باسمىغان، مۇشۇ تۇرمۇش مەجبۇرلىغان، لىكىن بۇلار بۇ تۇرمۇشقا بوي سۇنغانلار ئىدى. ئامال يوق، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىزگە ئىككى كۈنلۈك دەم ئىلىش بەردى. ھەم مۇئاشىمىزنىمۇ تارقىتىپ بەردى، مەن خوشاللىمدا دەرھال يۇرىتقا بىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىم. ئەتىسى ئەتىگەندىلا يولغا چىقتىم. بۇ قىتىم يول ماڭا سەل ئۇزۇن تۇيۇلۇپ قالدى، ئانامنى كۆرۈشكە ئالدىرىغان بولسام كىرەك...
     ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ياغقان ئاپپاق قاردا بۇ يىزا تىخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئاخىرى ئۆيگە يىتىپ كەلدىم:
-ئەسسالام ئانا، ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم، قانداق ئەھۋالىڭ؟ بۇ قىتىم ھەجەپ ئۇزۇندا كەلدىڭ، شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ۋوي، مۇبارەك بولسۇن قىزىم بىشىڭدىكى ياغلىق يارىشىپتۇ، ئاتاڭ رەھمەتلىكنىڭ روھى خوش بولىدىغان بولدى!
   راستىلا بىشىمدا ياغلىق بار ئىدى، ئەمدى چوڭ بوپ قالدىم. بۇ ياغلىق بولمىسا بىرنچىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايمەن، ئىككىنجىدىن باشقىلارنىڭ مازاق قىلىش نىشانى بوپ قالىمەن. شۇڭا ئارتىۋالغان ئىدىم.
-ھەئە ئانا ، قوسۇقۇم بەك ئىچىپ كەتتى، ماڭا تاماق بەرمىسەڭ شەھەرگە قايتىپ بىرىپ يەپ كىلەيمۇ يە؟
-نىمە دەيدىغانسەن قىزىم ، سەن تۈنۈگۈن تىلىفۇن قىلغاندىن باشلاپلا سەن ئەڭ ئامراق ئۆپكە ھىسىپ تەييار قىلىۋاتقان، نەپسىڭنى بىردەم چىگىپ قوي،ھازىرلا تەييار بولىدۇ!
   مەن كىرىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ تاماققا ئىشتاھا ساقلاپ ئولتۇردۇم. بىر چاغدا ئانام بىر لىگەن ئۆپكە ھىسىپنى ئەكىردى، شۇنداق جىق يەۋالدىم. ئاندىن ئۆيدىن چىقماي، ئانام ۋە ئىككى سىڭلىم بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. بۇ قىتىم بەدىنىمدە تاياق ئىزى بولمىغاندىن كىيىن، خاتىرجەم ئانامنىڭ قوينىغا كىرىپ يىتىۋالدىم. ئانام دۈمبەمنى سىلاپ قويدى، شۇنداق راھەت نەچچە يىلدىن كىيىن يەنە بىر قىتىم مۇشۇنداق راھەتنى كۆرۈۋاتىمەن. كىچىچە ئۇخلىماي ئانام بىلەن پاراڭلىشىپ چىقتىم. ئەتىسى يەنە شەھەرگە قاراپ يول ئالدىم. ئانامدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتاتتى.
     شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئىلاج يوق، مەن قايتىپ كىلىپ ئۆيلەرنى بىر قۇر تازلاپ چىقتىم. ئۆيدە ئولتۇرسام يىنىمدىكى قوشنام كىرىپتۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم كىرىشى ئىدى، ئالدىغا داستىخان سالدىم؛ئۇ بىر ئازدىن كىيىن گەپ باشلاپ:
-سىڭلىم، تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىر قىز بۇ يەرگە ئۆي ئىزدەپ كەپتۇ، ئاقسۇدىن ئىكەن، ئۆزى يالغۇز، سىزمۇ يالغۇز تۇرىۋاتقاندىن كىيىن، بىر ئىغىز ئۆينى ئۇنىڭغا ئىجارە بىرەمدىكىن؟ دەپ سىزدىن سوراپ باقاي دىگەن. ئۇ قىزنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى مەن ئىلىۋالدىم،ئىككىلىڭلار يالغۇز ئىكەنسىلەر ئۇ سىزگە ھەمرا بولىدۇ، قانداق قارايسىزكىن؟
   مەن ئاۋال ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بىقىش قارارىغا كەلدىم ۋە ئۇنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى سورىۋىلىپ ئەتىسى ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز، سىز ئايگۈل بولامسىز؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن شۇ، ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
-مەن ئاينۇر، تۈنۈگۈن سىز ئۆي ئىزدەپ كەپتىكەنسىز.
-ھە تونۇدۇم،
-سىز ھازىر ئۆيگە كىلەلەمسىز؟
-بولىدۇ ھازىرلا باراي،
    مەن ئۇنى ئۆيدە ساقلاپ ئولتۇردۇم، يىرىم سائەتكىچە ئۇمۇ كەلدى، قارىسام يامان ئەمەس قىز بالا ئىكەن، ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەپتۇ، بۇرۇن باشقىلار بىلەن بىللە تۇرۇپتىكەن. بىز ئۆينىڭ ئىجارىسىنى يىرىمدىن چىقىرىدىغان بوپ دىيىشتۇق، ئۇمۇ قوشۇلدى،
شۇنداق قىلىپ بىز بىر ئۆيدە تۇرۇپ قالدۇق. ئۇنى كۈندۈزى كۆرەلمەيتىم، كىچىسى مەن ئىشلەيمەن، ئۇ ئەتىگەندە ناشتىلىقنى تەييار قىلىپ قويۇپ كىتەتتى. مەن كەچلىك تاماقنى تەييار قىلىپ قويۇپ كىتەتتىم، ئارىمىزدا بەزى ئىشلار سىر بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ياخشى ئۆتەتتۇق. مۇشۇنداق قىلىپ ئارىدىن نەچچە كۈنلەر ئۆتتى، يەكشەمبە كۈنى مەن ئىشقا كەتتىم. بۈگۈن كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس ئىدى، مەن زالدا تازلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىدىم. مەن ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا بىرسىنىڭ گىپى قۇلىقىمغا چۈشۈپ قالدى:
-قارا ھەجەپ چىرايلىق نىمىكەن، بۇرۇندىنلا كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان بىر پۇرسەت تاپسام...
  يەنە بىرسى:
-ھازىر پۇرسەت دىگەن شۇ، بىرىپ ئەركىلىتىپ باق، ئىندەككە كەپ قالسا بۈگۈن ئەرگە ئايلىنىسەن،
  ئارىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى، كۆڭلۈم ئىندىشە ئىچىدە تۇرىۋاتاتتى، شۇ جىددىچىلىكتە ئىشىمنى قىلىپ تۇرسام بىرسى كەينىمدىن كىلىپلا مىنى قۇچاقلىۋالدى، ۋارقىرىۋەتتىم، ئاندىن ئۇ قولىنى تارتىپ:
-بولدى، نىمىگە ۋارقىرايسەن؟! سەندەك قىزلارنى جىق كۆرگەن مەن، ئۆزۈڭنى پاك كۆرسۈتۈپ بۇ يەردە ۋارقىرىغىنىڭ بىلەن كەچتە كىملەر بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلىسەن كىم بىلىدۇ؟! ئەڭ ياخشىسى مىنىڭ بىلەن چىرايلىق يۈر بولمىسا قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ دەيمەن؟!
   ئۇ گىپىنى تۈگۈتۈپ تۇرىشىغا باشقا قىزلار يىغىلدى، ھەم ئامانلىق خادىملىرىنى تىللاپ كەتكۈزۋەتتى، ئاندىن ماڭا:
-خاپا بولماڭ ئاينۇر، ھازىرقى ئوغۇللىرىمىز مۇشۇنداق بوپ كىتىۋاتىدۇ، بىز قىزلارنى بىر ئۇيۇنچۇق قاتارىدا كۆرىدۇ خالاس،.
   مەن يىغلىغان پىتى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، ئىشلىمەسلىك قارارىغا كەلگەن بولساممۇ لىكىن يىنىۋالدىم. ئىشلىمىسەم مەن قانداق قىلىمەن؟ بۇ ئىشلارنى ئايگۈلگىمۇ دىمىدىم، ئۇنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتىم. كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئۆتىۋەردى، بۇ يەردىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىمۇ جىمىپ قالدى. مەن كۆڭلۈمدە «بۇلار پۇشايمان قىلدى» دەپ ئويلىدىم.
   نەچچە كۈندىن كىيىن ئايگۈلدە ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى، ئۇ كۈندۈزلىرى ئۆيدىن چىقماي كىچىسى چىقىپ كىتىدىغان بوپ قالدى، ئۇنى ھەر قىتىم قىزىل رەڭلىك بىر ماشىنا ئالغىلى كىلەتتى.
   مەن ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمەيتىم، بىر كۈنى مەن سىرىتقا نەرسە كىرەك سىتىۋالغىلى چىقتىم، بازاردا خىلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىم، قايتاشىمدا قارىسام ئۆينىڭ ئاچقۇچى يوق ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئايگۈل ئۆيدە قالغان ئىدى، ئۆيگە مەن قايتىپ ئىشىكنى چەكسەم ئاچىدىغان ئادەم يوق،  مەن ئايگۈلنىڭ قول تىلىفۇنىغا تىلىفۇن قىلدىم،
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئايگۈل مەن ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،سىز سىرىتتىمۇ؟
-مەن ھازىر خان تەڭرى تىز تاماقخانىسىغا قاراپ كىتىۋاتىمەن، سىزمۇ شۇ يەرگىلا كىلىڭ، بىللە تاماق يەيلى،
مەن ماقۇل دەپ تىلىفۇننى قويىۋىتىپ باردىم، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بىقىش ئويىغا كەلدىم، مەن يىتىپ بارغاندا ئۇ سىرىتتا يوق، مەن ئۇنى ئىچىدىن ئىزدىدىم، ئۇ مىنى كۆرۈپ قول پۇلاڭلاتتى، ئۇنىڭ يىنىغا باردىم  ئۇنىڭ يىنىدا 40 ياشلار چامىسىدىكى بار ئادەم ئولتۇراتتى، ئايگۈل مىنى ئۇ ئادەمگە تونۇشتۇردى، لىكىن ئۇ ئادەمنى ماڭا تونۇشتۇرمىدى
بىز تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ھىلىقى ئادەم
- يۈرۈڭلار سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي
دەپ ماشىنىسى بىلەن ئاپىرىپ قويدى، بۇ ماشىنا دەل ئايگۈلنى ئالغىلى كىلىدىغان ماشىنا ئىدى، مەن بۇ ئادەمنى ئۇنىڭ بىرەر تۇققىنى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، قاتقاندىن كىيىن مەن ئالدىراپلا نەرسە كىرەكلەرنى قويۇپ قويۇپ ئىشقا ماڭدىم، بۈگۈن كەچتە ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار يەنە مىنى بوزەك قىلدى، بۇ قىتىم كىلىپلا بەدىنىمگە قول ئۇزاتتى، مەن ئۇنى بىر كاچات سىلىپلا ئىشنىمۇ تاشلاپ يىنىپ كەلدىم، مىنىڭ گىپىم ئۇ يەردە ئاقمايدۇدە، قايتىپ كىلىپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ بولىشىغا يىغلىدىم، ئەجىبا مۇشۇنداق ئوغۇللارنىڭ سەۋەبىدىن ماڭا باش تىققۇدەك بىرەر يەر تىپىلماسمۇ دەپ يىغلايتىم، ئۆزۈمنىڭ ئاجىز بوپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنەتتىم، بىر چاغدا ئايگۈل يىنىمغا كىردى،
-نىمە بولدى ئاينۇر نىمانچە يىغلايسىز، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
مەن ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى دەپ بەردىم ئۇ بىر ئاز قاراپ تۇرىۋىتىپ
-بىز قىزلار مۇشۇنداق ئاجىز يارالغان، نەگىلا بارساق بوزەك قىلىشقا ئۇچرايمىز، بىز قىزلار ئەسلى مىللەتنىڭ ئانىسى ئىدۇق، ئالىملارنىڭ ئانىسى ئىدۇق، مۇشۇنداق نامەردلەرنىڭ قولىدا تۈگۈشۈپ كىتىۋاتىمىز، بولدى كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،
دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، مەن ئەمدى ئۇ يەرگە ئىشلىگىلى بارالمايتىم، ئەمدى كۈنۈمنى قانداق كۈن ئىتىمەن دەپ ئويلايتىم، ئەتىسى ئايگۈل بىللە سىرىتنى ئايلىنىپ كىرىشنى ئىيتتى، ئىچىم سىقىپ تۇرغاچقا مەنمۇ قوشۇلدۇم، بىز بىرگە ئايلاندۇق، مەن يولدا ماڭغان ھىلىقى كىشىنىڭ كىملىكىنى سوراپ باققۇم كەلدى،
-ئايگۈل ھىلىقى ئادەم كىم بولىدۇ،
-مىنىڭ ئىرىم،
-نىمە،
بۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدىم، ئەجىبا ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ ئادەم، ئۆز ئىرى بولسا نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمايدىغاندۇ دەپ گۇمانلاندىم، شۇ خىياللارنى سۈرۈۋاتسام ئايگۈل گەپ باشلىدى
-ئاينۇر قاراڭ بۇ كىشىلەرگە ھىچ كىشىنىڭ بىز بىلەن كارى يوق، ئەگەر پۇرسەت تاپسىلا بىزدەك يىتىم ئاجىز يارالغان قىزلارنى بوزەك قىلىدۇ،  مەنمۇ بۇرۇن سىزگە ئوخشاش ئۈرۈمچىدە ئىشلىگەن، تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى قىز بولغۇم بار ئىدى، مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا يىتىم مەن، لىكىن مەن تىرىك يىتىم، ئاتا-ئانام ئاجىرىشىپ كەتكەن، ئۇلار ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن دادام مىنى باقالماي ئانامغا بەردى، ئانام شۇنچە ئۇزۇن كۈتۈپ دادامنى قايتا تاپالماي يەنە توي قىلغان ئىدى، ئۆگەي ئانانىڭ قىلغانلىرىنى ئاڭلايتىم، لىكىن مەن ئۆگەي دادامنىڭ كۆزىگە پەقەت سىغمىدىم،
ئانامنى يەنە ئازاپلاشنى خالىماي مەن چىقىپ كەتكەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن مەنمۇ شۇنداق خورلۇقلارغا ئۇچىرىدىم، ھەممە يەردە قىقىلىپ سوقۇلۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا ھىلىقى ئادەم ماڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى قىلدى، ئۇنىڭمۇ ئائىلىسى بار، مەن دىمەتلىك كىلىدىغان قىزىمۇ بار، كىيىن ئۇ ماڭا ئۆزى ئىغىز ئاچتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلاندىم، مىنىڭ ئاتائانام بولمىغاندىن كىيىن كىمدىن سورايتىم، نىكاھلىنىۋەردىم،  ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىلى مۇشۇنداق يۈرىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى، مىنىڭ يالغۇز تۇرۇشىمدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا مىنى بىرەرسى بىلەن بىللە تۇرۇشنى تاپىلىغان، بەختىمگە يارىشا سىز ئۇچراپ قالدىڭىز ، ئۇ ماڭا يەنە 3 يىلدىن كىيىن ئۈرۈمچىدىن ئۆيدىن بىرنى ئىلىپ بىرىدىغان بولدى، ماڭا ئۆي ئىلىپ بەرگەندىن كىيىن بىز بالىلىق بولىدىغان بولدۇق، ھازىرچە تۇغسام بولمايدۇ، مەن بىر ئوغۇل تۇغسام ئۇ يول بۇيىدىكى دۇككاندىن بىرنى سىتىۋىلىپ مىنىڭ نامىمغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغان ھەم ماشىنىدىن بىرنى ئىلىپ بىرىدىغان بولدى، ئۇ يەر مۈلۈك سودىسى قىلىدۇ، پۇلى خىلى كۆپ، لىكىن قىزلارغا بەك ئامراق، نىمىلا دىمىگەن بىلەن مەن بۇرۇنقىدەك قىينالمىدىم، ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ئابدۇللا، مەن ئۇنى ئاكا دەپ چاقىرىمەن، بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ خوتۇنى بىلمەيدۇ،
مەن ئايگۈلنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، بىز كەچلىك تاماقنى سىرىتتا يەپ قايتتۇق، ئۇنى ھىلىقىدەك قىز دىيىشكە تىخى بولمايتى، ياخشى قىز دىيىشكە تىخى بولمايتى، مەن گاڭگىراپ قالدىم، ئىككى كۈن سىرىتتنى ئايلاندىم، خىزمەت ئىزدىدىم، لىكىن تىپىلىدىغاندەك ئەمەس، ئىچىم پۇشۇپ تۇرسام ئايگۈل تىلىفۇن قىلدى،
-ئاينۇر ياخشىمۇسىز، ھازىر يەنئەن يولىدىكى دىپلۇمات دىگەن ئاشخانىغا كەلسىڭىز، مەن شۇ يەردە،
مەن ئۇنى ھىلىقى ئادەم بىلەن بىللە دەپ ئويلاپ رەت قىلدىم، لىكىن ئۇ بەك چىڭ تۇرىۋالدى، مەن بىرىشقا ماقۇل بولدۇم، ئۇ يەرگە بىرىپ ئىچىگە كىردىم، ئىچى خىلى ئالىې بىزەلگەن بولوپ ياۋرۇپادىكىدەك ھىسياتقا كىلىپ قالدىم، بۇنداق يەرگە تۇنجى قىتىم كىرىشىم ئىدى، ئۇ يەردە ئايگۈل ۋە ھىلىقى ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەم ئولتۇراتتى، مەن كۆڭلۈمدە بۇ كىمدۇ ئەمدى، بۇمۇ ئىرىمىدۇ دەپ ئويلىدىم، بىرىپ ئۇلار بىلەن چىرايلىق سالاملاشتىم، ۋە ئايگۈل يىنىدا ئولتۇرۇشۇمنى ئىيتتى ۋە، مىنى يەنە بىر قىتىم تونۇشتۇرۇپ
-بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئاينۇر، بىز بىللە تۇرىمىز،   ئاينۇر، بۇ كىشى مەن سىزگە گىپىنى قىلىپ بەرگەن ئابدۇللا ئاكام بولىدۇ، بۇ كىشى بولسا ئەسقەر ئاكام،
مەن ئۇلارغا قاراپ بىشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم، بىز تاماق يەپ ئولتۇرغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇ ئىككى ئادەم بىزنى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇڭلار دىگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى، ئايگۈل بىلەن مەن ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇردۇق، بىز قايتىدىغان ۋاقىتتا ئەسقەر دىگەن كىشى ئۆزىنىڭ piradoo ماركىلىق ماشىنىسى بىلەن ئاپىرىپ قويدى، ۋە ماڭا قاراپ
-بىرەر ئاۋارىچىلىققا يولۇقسىڭىز مىنى ئىزدەڭ دەپ ئىسىم كارتىسىنى بىرىپ قويۇپ كەتتى،
مەن بۇ ئىش توغۇرلۇق ئايگۈلدىن گەپ سورىمىدىم، ئۇنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارلاشقۇم  يوق ئىدى، ئارلىقتا نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ماڭا يۇرىتتىن ئانامنىڭ قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدا تىلىفۇن كەلدى، مەن ئايگۈل بىلەن خوشلىشىپلا يۇرىتقا قاراپ ماڭدىم،بارسام ئانام ناھىيە دوىتۇرخانىسىدا يىتىپتۇ، ئانام ھۇشسىز ياتاتتى، مەن دوختۇردىن ئانامنىڭ ئەھۋالى توغۇرلۇق سورىدىم، دوختۇ ماڭا؛
-ئانىڭىز ئاق قان راكى كىسىلى ئىكەن، دەر ھال چوڭ دوختۇخانىغا ئاپىرىڭ، ۋاقىت ئۇزراپ كەتسە بولمايدۇ،
مەن قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىنى سورىدىم، مەندە چوڭ دوختۇخانىغا ئىلىپ باغۇدەك پۇل يوق ئىدى، دوختۇر ماڭا بىر ھەپتە ئىچىدە يۆتكەپ كىتىشىمنى ئىيتتى،
مەن دەرھال بىرىپ بىزنىڭ باغ ۋارن ئىشقىلىپ پۇلغا يارىغۇدەك ھەممە نەرسىنى ھىساپلاپ كۆردۈم، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 20مىڭ يۈۋەن بولىدىكەن، مەن دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ دوختۇرخانا ئۇقۇشتۇم، بۇ كىسەلنى داۋالاشقا كام دىگەندىمۇ70 مىڭ يۈۋەن كىتىدىكەن، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىشىم قىيىپ كەتتى، بۇ يەردە ھىچ كىشىنى تونىمىسام قەرىز ئالىدىغانغا ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك دىگەندەك ئىشلارنى ئويلايتىم، لىكىن نىمىلا بولمىسۇن ئاۋال بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ساتاي، ئانامنى يۆتكەپ كەلگەندىن كىيىن بىر گەپ بولا دەپ خىرىدار ئىزدەشكە چۈشتۈم، لىكىن ھىچ يەردىنبىرمۇ ئادەم تاپالمىدىم، ئارلىقتا ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى، مەن بۇ ئىشلارنى ئايگۈلگە دەپ بىقىش ئۈچۈن ئۆيگە باردىم، ئىشىكتىن كىرىپلا ئايگۈلگە مەن گەپ قىلاي دەپ تۇرىشىمغا ئايگۈل ماڭا
-سىزگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار، ئاۋال مىنىڭكىنى ئاڭلاڭ،
دەپ تۇرىۋالدى، مەنمۇ ئاڭلاپ بىقىپ ئاندىن گەپ قىلاي دەپ ئۇنىڭغا ئىشارە قىلدىم، ئۇ گەپ باشلاپ
-قايسى كۈنى بىز كۆرۈشكەن ئەسقەر ئاكام يادىڭىزدىمۇ، ئۇنىڭ سىزگە كۆزى چۈشۈپتۇ، ئۇ ئابدۇللا ئاكمدىنمۇ باي، 13 كىرگەن بىرلا ئوغلى بار، ئۆزى 39 ياش، ئەگەر خالىسىڭىز ئۇنىڭغا نىكاھلىنىڭ، ھەممە تەلەپلىرىڭىزنى قاندۇرالايدۇ، ئەگەر ياق دىسىڭىزمۇ سىزنى زورلىمايمەن، مەنمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن، بىراق مىنىڭ سىزگە مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق يامان بوپ قالغۇم يوق، مەن سىزنى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرىمەن، بۇ ئىسلامدىمۇ توغرا، بىز خاتا يولدا ماڭمىدۇق،
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولدىدە بۇ، مەن يەنىلا ئۆزۈمنى بىسىۋىلىپ ئۇنىڭغا
-ئەمدى مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاڭ، ئانام ئاق قان راكى بوپ قاپتۇ، ئۇنى داۋالىتىشقا 70 مىڭ يۈۋەن پۇل كىتىدىكەن، ھازىر باشقا ئىشنى ئويلىغۇدەك كاللام يوق، ماڭا پۇل بىرىپ تۇرسىڭىز مەن چوقۇم قايتۇراتتىم،
-ئاينۇر، يىنىمدا ئۇنچە جىق پۇل بولمىسىمۇ 10مىڭ يۈۋەندەك چىقىدۇ، مەن ھازىر ئابدۇللا ئاكامدىن يەنە 10 مىڭ يۈۋەن ئالالايمەن، مەندە مۇشۇنچىلىك بار سىزگە بىرەي، ئاۋال ئانىڭىزنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىڭ، ھازىرلا يولغا چىقىڭ، مەنمۇ تەييارلىق قىلغاچ تۇراي،
ئۇنىڭ ئالدىنقى گەپلىرى ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ بۇ گىپى مىنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتكەن ئىدى، مەن دەرھال يولغا چىقىپ ئانامنى ئىلىپ كەلدىم، ئايگۈلنىڭ ياردىمىدە ئانامنى تىببى ئۇنۋىرسىتىت تارمىقىدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئايگۈل دىگىنىدەك 20 مىڭ يۈۋەن تەييارلاپتۇ، مەن بۇ پۇلنى ئاۋال دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇپ بەردىم، ئىككى سىڭلىم يىزىدا قالغان ئىدى، ئانامنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دەر ھال ئەمەت ئاكام يادىمغا يىتىپ ئۇنى ئىزدەپ باقتىم، لىكىن ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدىم،ئانام دوختۇرخانىغا كىلىشتىن ئىلگىرى پەقەتلا ئۇنىمىغان ئىدى، ئۇ ماڭا
-قىزىم، بىزدە بۇنچە جىق پۇل يوق، بولدى قىل رىسقىم شۇنچىلىك ئوخشايدۇ، ئىككى سىڭلىڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال، مىنى داداڭ بىلەن بىللە قويۇڭلار
دەپ پەقەتلا ئۇنىمىغان ئىدى، مەن ئۇنىڭغا
-خاتىرجەم بول ئانا مەن دىەەن ھازىر شىركەتنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ بىرى ئازراق پۇل دىگەنگە كۈچۈم يىتىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە دوسلىرىممۇ خىلى كۆپ
دەپ قويۇپ ئۇنى ئالدال سىلاپ ئىلىپ كەلگەن ئىدىم  لىكىن بۈگۈنكى دەردىمنى ھىچ كىشى چۈشەنمەيدۇ
  ئارىدىن خىلى كۈنلەر ئۆتتى، مەن بولسام پۇل تاپالماي قىينىلىپ يۈرەتتىم، يەنە ئايگۈلدىن سوراشقا يۈزۈم چىدىمىدى، شۇ كۈنلەردە ئايگۈل ھىلىقى گەپ توغۇرلۇق ئىغىز ئاچمىدى، ماڭا ئىغىر كىلىشىدىن ئەنسىرىدى بولغاي، مەنمۇ ئۇنىڭغا پۇل توغۇرلۇق ھىچنەرسە دىمىدىم، مەن سىرىتتكى ۋاقتىمدا ئانامنىڭ ھالىدىن ئايگۈل خەۋەر ئالاتتى، بىر كۈنى دوختۇرخانىدىن پۇل تۈگىگەنلىكى ئىككى كۈن ئىچىدە پۇل تاپشۇرمىسام بولمايدىغانلىقى توغۇرلىق خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئايگۈل يىنىمدا بار ئىدى، دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاينۇر ماڭا ھىلىقى ئادەم توغۇرلۇق يەنە ئىغىز ئاچتى،
-ئويلىشىپ بىقىڭ ئاينۇر، ئەگەر قوشۇلسىڭىز ئانىڭىزنىمۇ داۋالىتالايسىز، كىيىنكى كۈنلىرىڭىزمۇ ياخشى بولىدۇ، سىزنى زورلىغىنىم ئەمەس، بىزدە نىمە ئامال بار دەيسىز،
مەن خىلى ئۇزۇن ئويلاشتىم، مەن ئاينۇرغا
-ئاينۇر ئەسقەر دىگەن ئادەم بىلەن ئۆزۈم يالغۇز پاراڭلىشىپ باقسام دەيمەن، بۈگۈنلا،
-بولىدۇ، مەن ھازىرلا خەۋەر قىلاي،
ئۇ شۇنداق دىگەن پىتى تىلىفۇننى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى، بۇ ئىشلارنى ئانامغا دىگىلى بولمايدۇ، كەچتە مەن ئانامغا قىلىدىغان مۇھىم ئىش بارلىقىنى دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتىم، كەچتە مەن ئەسقەر ئاكام بىلەن دىيىشكەن جايدا كۆرۈشتۈم، مەن ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئىيتىمەن، ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئادەم بولسا ماڭا ياردەم قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىسا گىپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىنلا چىقىپ كىتىدۇ دەپ ئويلىدىم، ئۇنىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم، ئۇ بۈگۈن خۇددى باللاردەك كىيىنىۋالغان ئىدى، تىخى ماڭا بىر تال ئەتىرگۈل ئالغاچ كەپتۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ بەك ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم، ئارىدا بىر ئاز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى ئۇ گىلىنى قىقىۋىتىپ گەپ باشلىدى
- شۇنچە كۈلەر ئۆتۈپتۇ، كۆرۈشمەپتۇق، ماڭا تىلىفۇنمۇ قىلمىدىڭىز، ئايگۈل ھەممە ئەھۋالنى سىزگە دىگەندۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام، قىنى شەرىتلىرىڭىز بولسا دەڭ،
مەن بىر دەم ئويلىنىۋىلىپ ئۇنىڭغا مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ھەممە ئەھۋالنى دەپ بەردىم، بىرنىمۇ قويمىدىم، ئۇ بۇ گەپلەرنى تەمكىنلىك بىلە ئاڭلاپ ئولتۇردى، چىراي ئىپادىسى باشتىن ئاخىرى كۈلۈمسىرىگەن ھالەتتە ئولتۇردى، ئۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بولوپ گەپ باشلدى
-ئەگەر ماڭا ماقۇل بولسىڭىز ھازىرقى ھەممە ئىشلىرىڭىزنى مەن ھەل قىلىپ بىرىمەن، يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن سىزگە ئۆي ئىلىپ بىرىمەن، مەن بەزىدە چەتئەلگە سودا ئىشلىرى بىلەن چىقىپ قالىمەن، مەن بىلەن بىللە بىرىپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىزنىڭ ھەققىڭىزنى ئادا قىلالايمەن،
-ئەسقەر ئاكا دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، مەن بۇنداق بولىشىنى ئويلاپ باقمىدىم، مەن ھازىر ھەممە نەرسىگە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن، خالىسىڭىز ماڭا ياردەم قىلىڭ، بۇ پۇلنى مەن چوقۇم قايتۇرىمەن،
قىلغان رەھمىتىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، مەن دادامدىن يىتىم قالدىم، ئەمدى ئانامدىن يىتىم قالغۇم يوق، ئاللاھنىڭ نامىدا بولسىمۇ مىنى بۇنداق قىينىمىسىڭىز،
كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى، ئۇ بىر تال تاماكىنى چىكىۋىتىپ
-كىيىن كۆرۈشەيلى
دەپلا چىقىپ كەتتى، مەن ئولتۇرغان يىرىمدا قىتىپلا قالدىم، ئەمدى ئانامدىنمۇ ئايرىلدىم دەپ ئىچىمدە بىرنىمىلەرنى دەيتىم، پۇت قولۇم تىترەپ كىتىۋاتاتتى، خۇددى روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا بولوپ قالدىم، ئۈمىدسىز كۆزلىرىم بىلەن ئانامنى ئاخىرقى قىتىم كۆرىۋىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاپ ماڭدىم، ئەگەر مەن بۇ ئادەمگە خوتۇن بولوپ ئانامنى داۋالاتسام، كىيىن ئانام مىنى توي قىل دىسە مەن نىمە دەيمەن، ئانام بۇ ئىشلارنى بىلىپ قالسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ، بۇ ئانامغا ھەممدىن بەك ئىغىر كىلىدۇ، ئاتامنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ، ئانامنىڭ باققان ئەجرىنى يوق قىلغان بولىمەن، ئانام بىز ئۈچۈن توي قىلماي ئۆتتى، پەقەت بىزنىڭ ياخشى ئادەم بولىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇ يەرگىچە ياشاپ كەلدى، كىيىن مەن ئانامنىڭ قاتىلى بولسام قانداق قىلىمەن،؟ ياكى بۇ ئادەم بىلەن توي قىلىپ ئانام ساقايغاندىن كىيىن مەن ئۆزۈمنى بىنادىن تاشلىۋالايمۇ؟ دىگەندەك ئەخمىقانە خىياللارنى قىلاتتىم، دوختۇرخانا ئىشىكىگە كىرىپ ھەيران قالدىم، ئايگۈل بىر پوسۇلكىدا پۇلنى تۇتۇپ تۇراتتى، مەن ئۇنىڭدىن بۇ نىمە پۇل دەپ سورىسام ئۇ ئەسقەرنىڭ بىر پارچە خەت بىلەن ئەۋەتكەنلىكىنى دەپ پوسۇلكىنى ماڭا بەردى، مەن خەتنى كۆرمەي تۇرۇپلا پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇۋەتتىم بۇ پۇل جەمئىې 100 مىڭ يۋەن ئىدى، ئاندىن مەن خەتنى ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم، خەتتە مۇنداق يىزىقلىق ئىدى
-سىڭلىم ئاينۇر مىنى كەچۈرۈڭ، مىنىڭ باشقا نىيىتىم يوق ئىدى، مىنىڭ راستىنلا سىز بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالغۇم بار ئىدى، لىكىن مەن بۇ تەلەپنى ئارتۇق قويۇپتىمەن، مەن پەقەت پۇل بولسىلا بولدى، پۇلدىن قادىر ھىچنىمە يوق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، قىز دىگەن پەقەت يىيىش ئىچىشنىلا بىلىدىغان دۆت بىرنىمىلەر دەپ ئويلايتىم، لىكىن سىز پۇلدىن    جاپالىق ھالال تۇرمۇشنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىپسىز،بەخىتتىن كىچىپ ئانا مىھرىنى ئادا قىپسىز، ھاياتتىن كىچىپ ھايانى قوغداپسىز، مانا مۇشۇ ئىشلىرىڭىز مىنىڭ ئادىمىيلىكنى ئۇنۇتقانلىقىمنىڭ ئىسپاتى، مەن بۇنىڭدىن كىيىن ئارتۇق پۇل خەجلىمەي سىزدەك قىزلارنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، مىنىڭ سىزگە قارىغۇدەك يۈزۈم يوق، ئەگەر سىزگە يەنە پۇل لازىم بولسا مانا مەن بىرەي، مەن ئۆزۈم بارالمىدىم، كەچۈرسىز، ئاز بولسىمۇ سىزگە بۇ پۇلنى ئەۋەتتىم، سىزدىن يەنە بىر قىتىم كەچۈرۈم سورايمەن، خلىسىڭىز مەن سىزنى سىڭىل قىلىۋالاي،                              ئەسقەر،
مەن ئۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمىدىم،نىمىلا بولمىسۇن پۇل تىپىلدى، ئەسقەر ئاكاممۇ ماڭا يامانلىق قىلمىدى، مەن ئانامنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى تىپىپ ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ قويىشىم كىرەك،
شۇ كۈندىن باشلاپ كۆڭلۈم خىلى ئارام تىپىپ قالدى، ئانام دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىيىشنى ئويلىشىۋاتاتتىم، بۈگۈن يەكشەمبە مەن ئىككى سىڭلىمنى ئىلىپ بازار ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قلىۋاتقان ئانام بىزگە قاراپ ياتتاتى، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ئەۋالى ئۆزگۈرۈپ قالدى، مەن جىددىلىشىپ دوختۇرنى چاقىردىم ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپ تۇراتتى، مەن خۇدادىن ئانامنىڭ سالامەتلىكىنى تىلەيتىم، ئىككى سىڭلىمغا قارىسام يۈرۈگۈم ئىزىلىپ كىتەتتى، خىلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كىيىن دوختۇر جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىقتى، ئۇ ماڭا
-  ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار، بىز ھەممە ئامالنى قىلىپ باقتۇق بىزنى كەچۈرۈڭ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىۋىلىڭلار،
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم، ئانام بۇ ئۆمرىدە شۇنچى جاپالارنى تارتىپ ئەمدى راھەت كۆرەي دىگەندە ئەجەل ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەتنى بەرمىدى، باللىرىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى كۆرەلمەي كۆز يۇمىدىغان بولدى، ئەمدى ئىككى سىڭلىم يىتىملىق جاپاسىنى تارتىدىغان بولدى، بۇ ئىشلارنى ئويلىسام پەقەتلا ياشىغۇم كەلمەيتى، مەن ئانامنىڭ يىنىغا كىردىم، ئۇنىڭ  جانسىز كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى، لىكىن مەن ئۆزۈمنى بىسىۋالدىم، ئانام ماڭا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھىچ ئىش قىلالمىدى، ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ چىقمايۋاتاتتى، ئۇ ئىككى سىڭلىمنى كۆرسۈتۈپ ئىشارە قىلاتتى، مەن ئۇنىڭغا
-ئانا قىزلىرىڭدىن خاتىرجەم بول، مەن ئۇلارغا ياخشى قارايمەن، دادامغا سالىمىمىزنى ئىيتىپ قوي، بۇ ئىشلار پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن،
دەپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى، مىنىڭ ئەسلى بۇنداق دىيىشىم توغرا ئەمەس لىكىن ئانام نىمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ يەنە قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ خاتىرجەم كۆز يۇمۇشى ئۈچۈن مۇشۇ گەپلەرنى ئامال يوق قىلدىم، ئانام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئىككى سىڭلىم ئانامنىڭ قولىنى تۇتۇپ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايلا تۇراتتى، شۇ ئارلىقتا ئانام جىمىپ قالدى، بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى، بۇ ئازاپلىق دۇنيادىن خوشلاشقان ئىدى، قىزىنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن ئىدى، مەن بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي كۆزلىرىمدىن يىشىمنى ئىقىتىپ ئولتۇراتتى، بۇ ئارلىتا ئايگۈل كىرىپ كەلدى، ئۇ ئانامنى كۆرۈپ مىنى باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭمۇ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى،
ئۇ ماڭا تەسەللى بەردى، بىز ئانامنى ئۆزىنىڭ دىگىنى بويىچە يىزىغا ئاپىرىپ دادامنىڭ يىنىغا كۆمدۈق، ئۇنىڭ جەسدى بىزنىڭ ئاشۇ يىزىدىكى ئۆيىمىزدىن چىقتى، ئانامنىڭ نامىزىغا مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم كەلدى، مەن ئايگۈل ۋە سىڭىللرىم ئانامنىڭ قىرىق نەزىرىسىنى تۈگەتكۈچە مۇشۇ يىزىدا تۇردۇق، ئابدۇللا ئاكام ئۆزى يالغۇز بىزنى يوقلىغىلى كەپتۇ، ئۇ ئەسقەر ئاكامنىڭ مەندىن خىجىل بولوپ كىلەلمىگەنلىكىنى ئىيتتى ۋە بىزگە ئۇنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇنى ياخشى كۈتىۋىلىپ يولغا سالدۇق، بىز ئانامنىڭ ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن يەنە ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق، ئىككى سىڭلىمغا قاراپ ئىچىم ئاغرىيتى، بىز ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ھەممەيلەن بىرگە تۇردۇق، مەن دوختۇرخانىدىن ئىشىپ قالغان پۇلنى ئىلىپ ئەسقەر ئاكامنى ئىزدەپ باردىم
ئۇ ماڭا خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئوچۇق يورۇق مۇئامىلە قىلدى، ئۇ ماڭا
-كەچۈرسىز سىڭلىم ئانىڭىزنىڭ نامىزىغا بارالمىدىم، مەن تىخى سىزنى مەندىن خاپا بولوپ يۈگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئەمما مەن ىاتالىشىپتىمەن،
-ئۇنداق دىمەڭ ئەسقەر ئاكا سىزنىمۇ چۈشۈنىمەن سىز ماڭا شۇنچىۋىلا ياخشىلىق قىلسىڭىز مەن نىمە دەپ سىزدىن خاپا بولاتتىم؟
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ گەپ ئارلىقىدا مەن ئۇنىڭغا ئىشىپ قالغن 85 مىڭ يۈۋەن پۇلنى تەڭلىدىم
-ئەسقەر ئاكا سىز ماڭا ئەۋەتكەن پۇلنىڭ ھەممىنى بىراقلا قايتۇراي دىگەن لىكىن يىنىمدا ھازىر مۇشىنچىلىكلا بار قالغىنىنى خۇدا بۇيرىسا چوقۇم قايتۇرىمەن، ماڭا بىر ئاز ۋاقىت بىرىڭ
ئۇ قولۇمدىكى پۇلغا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ پۇلنى ئالدى ۋە ساناشقا باشلىدى، مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ بىر خىل بوپ كەتتىم، ئۇ پۇلنىڭ يىرىمىنى ساناپ بولوپ،
-بولدى سىز ماڭا  15مىڭ يۇۋەن قەرىز ئىكەنسىز، بۇ پۇلغا مىنىڭ بىر تەلىۋىمنى ئورۇنداپ بەرسىڭىزلا بولدى،
-قىنى ئىيتىڭ،
-ماۋۇ پۇلنى ئىلىپ مۇشۇ پۇلغا سىڭىللىرىڭىزنى ئوقۇتۇڭ، يەنە بۇرۇنقىدەك غەيرەت بىلەن ياشاڭ، ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ھاياتتا ئۇتۇپ چىققانلىقىڭىزنى كۆرسۈتۈڭ، بۇ تەلىۋىم ئىشىپ كەتىمىگەندۇ،
مەن بۇ پۇلنى ئالغىلى ئۇنىمىغىمغا ئۇنىماي ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى، يەنە تالاشسام ئۇ ماڭا  خاپا بولىدىغاندەك شۇڭا مەنمۇ ئارتۇق تالاشمىدىم، يەنە كىلىپ مىنىڭ ھازىر خىزمىتىم يوق، ماڭىمۇ پۇل لازىم بولۇۋاتقان ئىدى، مەن ئۇنىڭغا كۆپ قىتىم رەھمەت ئىيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم، ئۆيگە قايتىپ ئەمدى ئىككى سىڭلىمنى قانداق قىلىش توغىرلىق ئويلاندىم، ئۇلارنى مەكتەپتە ئوقۇتماقچى بولدۇم، ئۇلار ئۈچۈن مەكتەپ ئۇقۇشتۇم، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئورۇنلاشتۇردۇم، بۇ ئىككى سىڭلىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دەل ئەسقەر ئاكام ياردەم قىلدى، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئىزدىشىپ ئۆتتۈم، ئۇ مىنى سىڭلىسىدەكلا كۆرەتتى، مەنمۇ دۆڭ كۆۋرۈك بازىدىدا كۇككان ئاچتىم سوداممۇ ياخشى كىتىپ باراتتى، بۇ يەردىكى قوشنىلىرىم بىلەن ياخشى ئۆتەتتىم مەن ئوغۇللارنىڭ كىيىم كىچەكلىرىنى ساتتىم، بۇ يەردە بۇرۇنقىدەك تاياق يەيدىغان ئىش يوق، كۈنلىرىم خىلى ياخشى ئۆتۈۋاتاتتى، بىر كۈنى دۇككانغا ئەتىگەندىلا بىر يىگىت كىرىپ كەلدى ۋە
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىر قۇر كىيىم ئالاي دىگەن ئىدىم، ماڭا سىز تاللاپ بەرسىڭىز قانداق،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بولىدۇ،
ئۇنىڭغا دۇككانغا يىڭىدىن ئەكەلگەن بىر قۇر شىم كاستىيۇمنى ئىلىپ بەردىم ھەم ئۇنىڭغا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنى كۆرسۈتۈپ ئۇ كىيىپ باققاندىن كىيىن ماڭا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ
-سىزدىن بىر سۇئال سوراپ باقاي، بۇ كىيىم ماڭا شۇنداق ماس كەلدى، كىيىم تاللاشقا ئۇستا ئىكەنسىز، يىگىتىڭىزگە سىز تاللاپ بىرەمسىز؟
ئۇنىڭ بۇ سۇئاللىرى ماڭا بىر خىل قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى،
-كەچۈرسىز مىنىڭ يىگىتىم يوق، بۇ كىيىم سىزگە يارىغان بولسا خوشال مەن،
ئۇ كىيىمنىڭ باھاسىنى تالاشمايلا ئىلىپ چىقىپ كەتتى، مەن دۇككاننى ئىچىپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بولغاندا يىقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىغا تاماق يىگىلى چىقتىم، ئۆزۈم يالغۇز بىر ئورۇننى تاللاپ ئولتۇردۇم، ئۆزۈمنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تامىقىمنى بۇيرۇتۇپ تاماقنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، بۇ ئارلىقتا بىرسى يىنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇردى مەن ئۇنىڭغا باشتا دىققەت قىلماپتىمەن،
بۇ يىگىت ئەتىگەن دۇككانغا كىرگەن بالا شۇ ئىكەن، ئۇ مەن تاللاپ بەرگەن كىيىمنى كىيىۋاپتۇ، ئۇ ماڭا قاراپ بىشىنى ئىگىپ قويدى، مەنمۇ يارىشا ئۇنى دوراپ بىشىمنى ئىگىپ قويدۇم،
ئۇ تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن يىنىمغا كىلىپ
-بۇ يەردە ئولتۇرسام قانۇنغا خىلاپ ئەمەستۇ،
مەن بۇنىڭ گەپلىرىدىن كۈلكەمنى ئاران بىسىۋالدىم ۋە
-قىنى ئولتۇرۇڭ، ساقچى كەلمەيدۇ،
-ئىسمىڭىزنى سوراپ باقسام ئەرۋاھلارنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ قالماسمەن،
-توۋا نىمانداق گەپ قىلىسىز، مىنىڭ ئىسمىم ئاينۇر،
-ئىسمىڭىز چىرايلىق ئىكەن،سىز ئۇيغۇرمۇ؟  مۇشۇ يەرشارىدا تۇرامسىز؟ قاچان كەلگەن؟
بۇ قىتىم ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تازا كۈلىۋەتتىم،
-ھەئە، مەن ئۇيغۇر مۇڭغۇلمىكىن دىگەنما؟ مۇشۇ ئۈرۈمچىدە تۇرىمەن، ،،،،،، يىلى كەلگەن ئىدىم،
شۇنداق دەپلا تۇغۇلغان كۈنىمنىمۇ دەۋىتىپتىمەن، ئۇ تۇرۇپ كىتىپ
-سىز بۇنداق تۇرىۋالسىڭىز مەن ئۆزۈمنى سوتچىدەك ھىس قىلىپ قالىدىكەنمەن، لىكىن مەن تىخى يىڭىلا ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدىم، تىخى سوتچى بولغۇدەك ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىدىم، سىزنىڭ مەندىن سورايدىغانلىرىڭىز بولمىسا مەن ئالدىڭىزدا ئىلان بىرەيمۇ؟
- ھاھاھا، ئىسمىڭىزنى مەن ئىيتىپ باقاي بولامدۇ؟
-قىنى دەڭ
-ئىسمىڭىز توختى تاز توغرا دىدىممۇ؟
-مىنىڭ ئەسلى ئىسمىم ئەلشىر لىكىن سىز توختى تاز دىگەن ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز مەن ئۆزگەرتەي قانداق؟
-ياق ياق، مەن چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان،
شۇ ئارلىقتا تاماق چىقىپ قالدى، ھەر ئىككىمىز ئوخشاش تاماق بۇيرۇپتۇق، تاماقنى مۇشۇنداق چاقچاقلار ئارىسىدا يىدۇق، تاماقتىن كىيىن بىز يول بويىغىچە بىللە چىقتۇق، يول بويىغا كەلگەندە ئۇ
- مۇشۇ يەردە خوشلىشايلى ، بولمىسا كەينىڭىزگە كىرىۋالغان ياكى سىزنىڭ كۆزىڭىز چۈشكەن بىرەرسى بىزنى كۆرۈپ قالسا سىزگە تەسىر يىتىپ قالمىسۇن،
-نىمە دەيدىغانسىز، مەن تىخى بۇ ئىشلارنى ئويلاپ باقمىدىم، ھەم سىز ئويلىغاندەك ئىشلار يوق،
-ئەمسە مەن بىلەن بىللە ماڭغۇڭىز بار ئىكەندە،
ئۇنىڭ بۇ گىپىگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم ئۇ مىنىڭ كۆزۈمگە بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى، مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي ئۇنىڭغا
-خوش ئەمسە كىيىنچە كۆرۈشەمىز
دىگىنىمچە كىتىپ قالدىم، نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن كەينىمگە قارىسام ئۇ بىشىنى تۇتقان ۋە ئىغزىنى مايماق قىلغان پىتى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىمىۇ قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى،
دۇككانغا قايتىپ كىردىم، كەچكىچە ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئويلاپ كۈلگۈم كىلىپلا تۇراتتى، ئۆزى قاملاشقان ۋىجىككىنا بىر بالا ئىدى، كەچتە ئۆيگە قايتىپ بىرىپ بولغان ئىشلارنى ئايگۈلگە ئىيتىپ بەردىم، ئۇ بۇ گەپلەرنى ئڭلاپ تازا كۈلىۋالدى، ئاندىن ماڭا قاراپ تۇرىۋىتىپ،
-دىققەت قىلىڭ ئۇ يۈرۈگىڭىزنى ئوغۇرلاپ كەتمىسۇن يەنە
مەن ئۇنداق ئىشلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەيتىم، لىكىن ئايگۈلنىڭ كۆڭلىگە يارىشا ماقۇل دەپ قويدۇم، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئەلشىر دۇككانغا يەنە كىردى، مەن ئۇنى كۆرۈپ ئاۋال ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم، نىمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىمنىمۇ ئاڭقىرالماي قالدىم،
-قانداق ئەھۋالىڭىز ئەلشىر ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟
-مەن بەك كاتتا تۇرىۋاتىمەن، ئۆزىڭىز ساغلاممۇ؟
-ئۇيغۇرچە گەپ قىلسىڭىز قانداق مەن قىرغىزچە چۈشەنمەيمەن،
-مەن سىزنىڭ تىلىڭىزدا گەپ قىلىۋاتقان ئىدىم،
-نىمە، مەن دىدىمغۇ مەن ئۇيغۇر
-ھاھاھا، چاقچاق قىلىپ قويدۇم، تۇمشۇقىڭىزنى ئۇچلىماڭ ، ۋۇ جىن،
مىنى بۇ شەھەردە باشقىلارنىڭ تۇنجى قىتىم ئەركىلىتىشى ئىدى، مەن ئۇنىڭ بۇ ئەركىلىتىشىنى كۆرۈپ ئىچىمدە خوش بولىۋاتاتتىم، لىكىن نىمىشقا بۇنداق بوپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمىدىم، ۋە ئۇنىڭغا
- بۇ نامراتچىلىققا قەدىمىڭىز يىتىپ قاپتىغۇ، بىرەر نەرسە يۈتتۈرۈپ قويمىغانسىز،
-يىشۇدەك ئىشلىگەن كاللىڭىزغا بارىكاللا، چىچىڭىز چۈشۈپ كەتىمىسۇن، مەن دەل بىر نەرسە يۈتتۈرۈپ قويدۇم، تىپىۋالغان بولسىڭىز قايتۇرۇپ بەرسىڭىز،
-نىمە نەرسە ئۇ
-يۈرۈگۈم
-نىمە؟
يۈرۈگۈم، قايسى كۈنى مەن كەتكەندىن بىرى يۈرۈگۈمنىڭ قەيەردە سوقىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، يۈرۈگۈمنىڭ ئەسلى ئورنى جىمجىت تۇرىدۇ، لىكىن پۇتۇم قىچىشىپلا يىرىمەن، يۈرەك دىگەن پۇتتا بولمايدۇ شۇڭا بۇ يەردىن ئىزدەپ باقاي دەپ كەلگەن ئىدىم،
-توۋا چاقچاق قىلمىڭە، مەن كۆرۈپ باقاي قىنى
دەپلا ئۇنىڭ مەيسدىسىنى تۇتۇپ سالدىم، بۇ ئىشنى ئىختىيارسىزلا ئۆزۈمنى بىلمىگەن ھالەتتە قىلدىم، دەرھال قولۇمنى تارتىۋالدىم خىجىللىقتىن يەرگە قارىۋالدىم ئۇ كۈلۈپ كىتىپ
-چاقچاق قىلىپ قويسام راسمىكىن دىدىڭىزما؟ ئەسلى مەقسدىمنى ئىيتاي مەن كەلگەندىن بىرى بەك زىرىكىپ قالدىم بۇيەردە بىرمۇ تونۇشۇم يوق، خالىسڭىز كەچتە بىرگە تاماق يىسەك،
قارىسام تاماقنى جىق يىمەيدىغان چىراي تۇرىسىز، ماڭىمۇ زىيان بولمىغىدەك، تىلىفۇن پۇلىڭىزنى ئاياپ ماڭا چاقىرغۇ قىلىڭ مەن تىلىفۇن قايتۇراي، كەچتە جىق ۋاتىلداپ بىشىمنى ئاغرىتمىسىڭىزلا بولدى، ماۋۇ تىلىفۇن نۇمۇرۇم،،،،
ئۇ ماڭا بىر پارچە ئاق قەغەزگە يىزىلغان تىلىفۇن نۇمۇرىنى بەردى، مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي قاراپ تۇردۇم، ئۇ ئارتۇق گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى، مىنىڭ ئىككىلىنىپ قالغىنىمنى بىلدى بولغاي،
مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ياكى كۆرۈشمەسلىك توغرىسىدا خىلى ئويلاندىم، ئەسقەر ئاكام بىلەن بىللە ھىچ يەرگە چىقىپ باقمىغانمەن، شۇ كاللام پەقەت ئىشلىمەي ئايگۈلدىن سورىدىم ئۇ ماڭا
-قىنى بىرىڭ، كەچتە چوقۇم بالدۇر قايتىپ كىلىپ ئۇ سىزنى ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرىۋالسا چوقۇم پىيادە كىلىڭلار، بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرماڭ،
دىدى، مەنمۇ ئارتۇق سوئال سورىمىدىم، دۇككاننى تاقاپلا ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم، ئۇ مىنى ئالغىلى كىلىدىغانلىقىنى دىدى ۋە ھايالشىمايلا كەلدى، ئۇ كەلگەندە مەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراي دىگۈچە ئۇ ماڭا بىر تال ئەتتىر گۈلنى بىرىپ
-قىزچاق تونۇشۇپ قالساق قانداق، بەك چىرايلىق بولمىسىڭىزمۇ يوقىتىن ياخشى ئىكەنسىز، مىنىڭ ئىسمىم ئەلشىر خالىسىڭىز مەن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي قوسقىڭىز ئىچىپ رەڭگىڭىزدە قان قالماپتۇ،
ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ مەنمۇ چاقچاققا ماسلىشىپ
-بولىدۇ، بەك سىمىز بولمىسىڭىزمۇ ھاسىغا ئوخشاش بۇ قامىتىڭىز بولىدىكەن، تولا كوتۈلدىماي جىم تۇرغىنىڭىزدىن ۋاتىلداپ يۈرگىنىڭىزمۇ ياخشى ئىكەن،
-ھاھاھا، گەپدانغۇ سىز،
-سىزدىن ئۆگەندىم ئاخۇنۇم،
-بولدى بۇ يەردە غەرىپكە ساياھەت فىلىمىنى سۆزلەپ ئولتۇرغىچە يولغا چىقساق قانداق،
دەپلا قولۇمدىن تۇتۇپلا ماڭدى، ھاياتىمغا كىلىپ ئوغۇل بالا قولۇمنى تۇتۇپ باقمىغان، مەن جايىمدا قىتىپلا قالدىم، ئۇ قولىغا بىر قاراپ تۇرىۋىتىپ
-كەچۈرسىز قولۇمنىڭ سىزگە رىئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، دوختۇرخانىغا ئاپىرايمۇ؟
-بولدى ئاۋال قولۇمنى قويىۋىتىپ مىنى ئاشخانىغا ئاپىرىڭ،
بىز تاكسى بىلەن خىلى ئازادە بولغان بىر تاماقخانىغا كىردۇق، ھەم بىر بۇلۇڭدىن ئورۇن ئىلىپ ئولتۇردۇق، كۈتكۈچى كەلگۈچە مەن بۇ ئاشخانىنىڭ ھەممە يىرىگە بىر قۇر قاراپ چىقتىم، مۇھىتى بەك ياخشى ئىكەن بۇنىڭغا ماسلىشىڭ يىنىك قويىۋالغان ئۆزبەكچە ناخشىسى ئادەمگە خىلى ھوزۇر بىرىدىكەن، مەن ئەتراپقا قاراۋاتقاندا ئەلشىر ماڭا
-كۆزىڭىز چاتاقمۇ؟
-ياق،
-ئەمسە مەن ئالدىڭىزدا ئولتۇرسام مىنى نىمىشقا باشقا يەردىن ئىزدەيسىز،
-ھەي كالۋا سىزنى ئىزدىمىدىم، بۇ يەرنى كۆرۈپ بىقىۋاتىمەن،
ئاڭغىچە كۈتكۈچى كەلدى، ئەلشىر تاماق تىزىملىكىنى ماڭا سۇنۇپ
-تاماقنى سىز بۇيرۇڭ جىق بۇيرىۋالسىڭىز پۇلنى مەن تۆلىمەيمەن، ئەگەر پىخسىقلىق قىلىپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قويسىڭىزمۇ ياق دىمەيمەن،
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ رەت قىللمىدىم، ئىنىقلا مىنىڭ تاماق بۇيرۇشۇم ئۈچۈن قىلىۋاتقان سىسىق گەپلىرىدە ئۇنىڭ، مەن تاماقنى بۇيرۇپ بولوپ جىم ئولتۇردۇم،
ئۇ ماڭا تىكىلىپ بىر قارىۋىتىپ
-بۇ يەردە سىزنى جىق ئەمەس ئاران بىر سائەتلا تۇتۇپ قالىمەن، قايتقاندا سىزنى ئۆزۈم ئاپىرىپ قويىمەن، يولدا پىيادا قايتساق قانداق،
-مەيلى
بۇنىڭ گەپلىرى ئايگۈلنىڭ دىگىنىدەك چىقىۋاتاتتى، ئايگۈل نىمىنى كۆزلەپ شۇنداق دىگەن بولغىيتى، ئەمدى ئەلشىرچۇ دەپ ئويلاپ ئولتۇرۇپ قالدىم، ئەلشىر خىيالىمنى بۆلۈپ
-خىيال دىڭىزىنىڭ مايماق كىمىسىدە ساياھەت قىلىۋاتامسىز قىرىندىشىم،؟
-ئۇنداق ئەمەس،
بۇ قىتىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ بىر خىل خىجىللىق تۇتتى،
ئارىمىزدا بىر ئاز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى،
ئاندىن ئۇ گەپ باشلاپ
-گەپ قىلىگە قىزچاق شىۋاتسىگىردەك قامىتىڭىز، ئۆدەكنىڭكىدەك ئاۋازىڭىز بىلەن بۇ شەھەردە باشقىلار بىلەن ئۇرۇشماي كىم بىلەن بىللە تۇرىۋاتىسىز؟
-مەن ئارانلا 42 كىلو كىلىمەن، قانداقسىگە بۇنداق قامەتلىك بولىمەن،
-چاقچاق قىلىپ قويدۇم، سىزنىڭ تارىخڭىزنى بىلىپ باققۇم بار ئىدى شۇ
مەن ئۇنىڭغا بەزى ئەھۋاللارنى قىسقىچە ئىيتىپ بەردىم، ئانامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ماڭا تەسەللى بىرىپ قويدى، ئاندىن ئۇ گەپ باشلاپ
-مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇراي، مىنىڭ ئىسمىم ئەلشىر سىزدىن بىر ياش چوڭ ئىكەنمەن، مىنى ئاكا دىسىڭىز قىرى بوپ قالىمەن، مەن بىيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتىنى پۇتتۇردۈم، تىخى يىڭىلا قايتىپ كەلدىم بۇ يەردە ھىچ تونۇشۇم يوق، يولۋاستەك يالغۇزلا يۈرىمەن، سىزدەك دۇككان ئىچىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسەممۇ ئالدىڭىزدا ئولتۇرۇپ سىز بىلەن بىرگە تاماق يىيىش شەرىپىگە ئىگە بولغىنىمدىن خوشالمەن، مەن بىلەن دوسىت بولوشنى خالىسىڭىز قولىڭىزنى بىرىڭ، يەنە بىر قىتىم تۇتىۋالدى دەپ سوتقا ئەرىز قىلمىسڭىزلا بولدى، قارىسام ئۇششۇق ئەمەستەك تۇرىسىز،
ئۇ ماڭا قولىنى تەڭلىدى، مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ
-چوڭلار بىلەن تونۇنۇش شەرىپىگە ئىگە بولغانلىقىمدىن خوش بولدۇم،
تاماقمۇ كەلدى، ئۇ كاۋاپنى قولىغا ئىلىپ زىخنىڭ ئۇچى قەغەزدە سۈرتۈپ بىرىپ
-تاماق يىيىش مۇسابىقسى باشلاندى، ئەگەر مەندىن خىجىل بوپ يىيەلمىسىڭىز مەن سىرىتقا چىقىپ تۇرساممۇ بولىدۇ،
-قىنى ئاۋال ئاچارچىلىقتا قالغان مۇساپىرلىرىمىزدىن باشلانسۇن،
مۇشۇنداق كۈلكە ھەم چاقچاق بىلەن تاماقنى يىدۇق، چاقچاق بىلەن بىللە يىگەچكىمۇ ماڭا شۇنداق تىتىپ كەتتى، بىز پىيادە قايتتۇق، ئۇ ئاۋال مىنى ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرىۋالدى، مەنمۇ ياق دىمىدىم، لىكىن يولدا ماڭغۇچە ئەھۋال پەقەتلا بۇرۇنقىدەك ئەمەس ئىدى، ئۇ جىمجىت ماڭاتتى، مەن چاقچاق قىلاتتىم، خۇددى ئۇنى يىقىن دوستۇمدەكلا كۆردۈم، بۇ ئۇنى ئۈچۈنجى قىتىم كۆرۈشۈم بولسىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان  ئىدىم، بىز مۇشۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۆيۈمگىمۇ كەلدۇق، ئاندىن ئۇ ماڭا
-ئەمدى قاچان كۆرۈشىمىز،
-خۇدا بۇيرىسا
-ماقۇل ئەمسە ، سىزمۇ كىرىپ ئارام ئىلىڭ مەنمۇ قايتاي، تىلىفۇن قىلىپ تۇرارسىز،
ئۇ شۇنداق دەپ قايتىپ كەتتى ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە مەن قاراپ تۇردۇم، ئۆيگە كىىپ بولغان ئەھۋاللارنى ئايگۈلگەئىيتىپ بەردىم، ئايگۈل ئاڭلاپ قويۇپلا ئارتۇق گەپ قىلمىدى،
كىيىن مانا مۇشۇنداق ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرىشىپ يۈرىۋەردىم، ئۇ بالا ئاجايىپ يۇمۇرلۇق بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرىنى گاھىدا ئويلاپ قالتتىم ھەم كۈلگۈم كىلىپ كىتەتتى،
سىڭىللىرىمنىڭ ئوقوشىمۇ ياخشى ئىدى، ھازىر ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشىمىز ياخشى كىتىپ باراتتى، گاھى خوشال كۈنلىرىمدە ئانامنى ئەسلەپ قالاتتىم، نامىزىمدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلاتتىم،
سىڭىللىرىممۇ ئانىسىز تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان ئىدى، بۈگۈن باللار بايرىمى، ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىم، سىڭىللىرىمنىمۇ بىللە ئىلىپ بارماقچى بولدۇم، ۋە ئەلشىرگە خەۋەر قىلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم،
-ياخشىمۇسىز ئەلشىر، مەن بۈگۈن ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغىلى بارىمەن، سىزگە دەپ قوياي دەپ تىلىفۇن قىلدىم،
-ياخشى بوپتۇ، قاچان ماڭىسىز،
-چۈشتىن كىيىن ماڭىمەن،
-ئەمسە مەنمۇ بىللە بىرىپ كىلەي، بىكار يۈرۈپ زىرىكىپ كەتتىم،
-ياق بولدى، سىزنى ئاۋارە قىلماي،
-جىم تۇرە پىستەك، مەن ھازىرلا بارىمەن، گىرىمىڭنى قىلغاچ تۇر،
شۇنداق دەپلا تىلىفۇننى قويىۋەتتى، بۈگۈن مىنى سەن دەپلا چۈشتىغۇ بۇ، مەن سەل گاڭگىراپ قالدىم، پىستەك، گىرىمىڭنى قىلغاچ تۇر دىگىنىنى قارا، سەت ئاۋاق، ئىچىمدە غۇدۇرۇڭشىغان پىتى ئۇنى ساقلىدىم، ئۇ ماشىنىدىن بىرنى ھەيدەپ كەپتۇ، بىز ماشىنىغا چىقىپ يولغا ئاتلاندۇق، ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرىدىن ھازىرغىچە تە بولىۋاتاتتىم، مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم
-ھەي ئاۋاق، ئىسكىلىت شاھ، مىنى سەن دەيسىزغۇ، گىرىم قىلغاچ تۇر دەيسىز تىخى، مەن مۇشۇ يىشىمغا كىلىپ گىرىم قىلىپ باقمىدىم،
-خاپا بولمىسىلا ھاجى خىنىم، گىرىم قىلمىغان چىرايلىرى مۇشۇ ئىكەندە، مەن تىخى سىزنىڭ ھەممە يىرىڭىزنى گىرىم قاپلاپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن، ھى ھى ھى ھى،
-ھو ھو ھو ھو
ئۇنىڭغا قارىتا مازاق قىلىپ كۈلۈپ قويدۇم، ئۇ يولدا ماڭغاچ ماشىنىدا ئابدۇللا ئابدىرھىمنىڭ تۇنجى مۇھاببەت دىگەن ناخشىسىنى قويىۋەتتى، بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،
بىر چاغدا ئۇ مىنى ئويغۇتۇپ
-بىر كۈننىڭ ئىچىدە 24 سائەت ئۇخلىمايدىغان، ئەمدى سىز يول باشلاڭ قەيەرگە بارىمىز
مەن يول باشلىدىم، ئاۋال بىز ئاشۇ كونا ئۆيگە كىردۇق، ئۆينى كۆرۈپ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىم يادىمغا يىتىپ يىغلاپ تاشلىدىم، بۇنى كۆرگەن ئەلشىر يانچۇقىدىن بىر قول ياغلىقنى چىقىرىپ يىشىمنى سۈرتتى،
-بولدى كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ روھى قورىنىدۇ، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن قەبرىگە بارايلى، تىز بولوڭلار،
شۇنداق قىلىپ بىز قەبرە بىشىغا كەلدۇق، ئىككى سىڭلىم ئانامنىڭ بىشىغا كىلىپ يىغلاپ ئولتۇراتتى، مەن ۋە ئايگۈلمۇ يىغلىۋەتتۇق، بىر چاغدا ئەلشىر بىشىغا دوپپا كىيىۋىلىپ خەتمە قۇرئان قىلىشقا باشلىدى، ھەممىمىز جىم بولدۇق، بۇ يەردە خىلى ئۇزۇن تۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشەي دىگەندە قايتىپ كەلدۇق، چىقىپ مەھەللىدىكى قوشنىلىرىمىز بىلەن سالاملىشىپمۇ كىردۇق، مەن ئەلشىرنى ئىچكىردە ئوقۇغان ئىسلامدىن پەقەتلا خەۋىرى يوق دەپ بىلەتتىم، لىكىن خاتالىشىپتىمەن، ئۇ (تەبارەك)(ياسىن) بۇ ئىككى ئايەتنى ئوقۇۋەتتى، ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق ئىدى، بىز ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئالغاچ كەلگەن نەرسىلەر بىلەن قوساق تويغۇزدۇق، بۇ ئۆيدە بۇرۇنقى يوتقان كۆرپىلەر شۇ پىتى ئىدى، بىز ئۇخلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇق، مەن ئەلشىرگە باشقا بىر ھۇجرىغا ئورۇن راسلىدىم لىكىن ئۇ
-بولدى، مەن ئەڭ ياخشىسى ماشىنىدا ئۇخلاي، شۇنداق قىلغىنىم تۈزۈك،
-ياق ئەلشىر قىينىلىپ قالىسىز، بۇ ئايرىم ئۆي بولغاندىكىن بولدىغۇ، ھىلىمۇ بىكار تۇرىدۇ،
ئۇ ياق دەپ جاھىللىق بىلەن چىقىپ ئىشىك ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىدا ئۇخلىدى، بىز قىزلار بىر ھۇجرىدا ياتتۇق، مۇشۇ ھالەتتە ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلىيالىغانلىقىمدىن خوش بولاتتىم، ۋەدەمنى، مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالىغانلىقىمدىن خوشال ئىدىم، بۇ كىچە ھىلى ئەلشىرنى ھىلى ئاتا-ئانامنى ئويلاپ ئۇيقۇم كەلمىدى، بىر چاغدا بامدات نامىزىغا ئەزان توۋلاندى،
بۇ بۇرۇن ئەزان توۋلايدىغان بۇرۇنقى مەزىننىڭ ئاۋازىغا پەقەتلا ئوخشىمايتى، شۇنداق جاراڭلىق، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ نامىزىمنى ئوقۇدۇم، نامىزىمدا ئەلشىرگىمۇ دۇئا قىلدىم،
نامازدىن كىيىن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ماشىنىغا قارىسام ئەلشىر يوق، ئۇنى نەگە كەتكەندۇ دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم، لىكىن يەنىلا ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، تىخى تاڭ يورىمىغان، ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى، مەن ئىشىكنى يىپىۋىتىپ ئۆگزىگە چىقىپ قاراپ تۇردۇم، بىر چاغدا ئەلشىر مەھەللىدىكى جامائەت بىلەن بىللە كىلىۋاتىدۇ، ئۇنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم جايىغا چۈشتى، جامائەتلەر كەتكەندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ يىنىغا چىقتىم، ئۇنىڭ ئادەتلىرىنى مەن ئەزەلدىن ھىچ قانداق بىر ئادەمدە ئۇچرىتىپ باقمىغان، مەن ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ
-نامازغا بىرىپسىزدە، قارىسام ماشىنىدا يوق، ئەنسىرەپ كەتتىم،
-ھەئە، مەن بۇددىسىت بولمىغاندىن كىيىن بىرىپ ناماز ئوقۇپ كەلدىم، سىزچۇ؟ ئوقۇغانسىز؟
-ھەئە، مەن كىرىپ ناشتىلىق تەييارلاي،
مەن كىرىپ ناشتىلىققا تۇتۇش قىلدىم، باشقىلار تىخى ئورنىدىن تۇرمىغان ئىدى، ئەلشىرگە بارغانسىرى ھۆرمىتىم ئىشىپ بىرىۋاتاتتى، مەن ناشتىلىققا سۈت چاي قىلدىم، ھەممە نەرسىلەرنى ئالغاچ كەلگەن ئىدۇق، ناشتىنى ھەممەيلەن بىرگە قىلدۇق، ناشتىدىن كىيىن قوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق،  ئەلشىر سىڭىللرىمنى ئىلىپ باغقا كىرىپ كەتتى،
بىزنىڭ قوشنىمىز گۈلسارىخان ھەدە بەك چىقىشقاق ئايال ئىدى، يىشى 40تىن ئاشقان بولسىمۇ باللىرى يوق، ئۇ ئەلشىرنى ماختاپ
-ھەقىقەتەن ئىسىل بالا ئىكەن، ئۇقۇمۇشلۇق، بىزنىڭ ئادەمنىڭ دەپ بىرىشىچە بۈگۈن ئەتىگەن بۇ بالا ھەممەيلەندىن بۇرۇن كىرىپ مەسچىدنى تازلاپ قويۇپتۇ، ئەتىگەن ئەزاننى مۇشۇ بالا توۋلاپتۇ،
نامازدىن كىيىن جامائەت بىلەن ھەم سۆبەت بوپتۇ، ھەممىسى قايىل بوپتۇ،
بىز شۇنداق قىلىپ  چۈشكە يىقىن شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق ، يولدا ئۇنىڭ بىلەن يولدا پاراڭلىشىپ كەلدىم،
-بۇ ماشىنىنى نەدىن تاپتىڭىز ئەلشىر
-دادامنىڭكى،
-داداىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ
- دادام كانچى، ئۇنىڭدىن باشقا سۇ قۇرلۇش شىركىتى بار، ئانام بىكار، مەن بولسام بىرلا ئوغۇل،
-سىز ئەمدى نىمە قىلاي دەيسىز، مۇشۇنداق بىكار يۈرمەكچىما؟
-ياق، مىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلىگۈم يوق، سودا قىلغۇم بار، نەچچە خىل تىلنى بىلىمەن، لىكىن دادام كاننىڭ ئىشلىرىنى ياكى شىركەتنى ماڭا تاپشۇرۇپ بىرىمەن دەيدۇ، بۇنداق نەخ پۇلغا ئىرىشكۈم يوق، ئۆزۈمنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىمەن، خۇددى دادامغا ئوخشاش، ئۇمۇ بىر دىھقان بالىسى ئىدى، ئۆزىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ، مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن،
-توي قىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
-ئالاي دىسەم ماڭا تىگىدىغان قىز بالا يوق، ھەممىسى بەك سەت دەڭە،
-ئىشەنمەيمەن
-ھە راس بولمىسا سىنى ئالسام قانداق دەيسەن،
-بولدى چاقچاق قىلماڭ، بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق گەپ قىلغۇچى بولماڭ،
-ھاھاھا بولدى بولدى دىمىگەن بولاي
بىز شۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەچتە قايتىپ كەلدۇق، ئۇ بىزنى ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى، ئەتىسى ئايگۈل ماڭا
-ئاينۇر ئەلشىرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟
-نىمىلەرنى دەيدىغانسىز، مەن تىخى بۇنداق ئىشلار توغرسىدا ئويلىنىپ باقمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن مەن دوسىت خالاس، باشقا گەپ يوق،
-ھەي ئەخمەق، مەن باشقا بىرنىمە دىمىدىم، ئۆزى ھەقىقەتەن ئىسىل بالا ئىكەن، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئاڭلىدىڭىز، يەنە كىلىپ بىر ئوغۇل دەڭە، ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا كىيىن ئاتا-ئانىسى قوشۇلماي قالارمىكىن دەيمەن، ئىشقىلىپ ئويلىشىپ بىر ئىش قىلىڭ،
راس گەپ قىلسام ئايگۈلنىڭ گەپلىرىنى ئۇيلىغانسىرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى سەزدىم، قاچان، قەيەردە، نىمىشقا، بىر خىل بوپ قالغان ئىدىم،
مەن دۇككانغا كەتتىم، ئۇ كۈنى ئەلشىرگە تىلىفۇن قىلسام تىلىفۇنى ئىتىك، مىدىرماي ئۇخلاپتۇدە بۇ دىدىم كۆڭلۈمدە، كەچكە يىقىن ئۇ ماڭا ئۆزى تىلىفۇن قىلدى،
-ياخشىمۇ،
-ياخشىغۇ
-مەن دادام بىلەن ئىچكىرگە بارماقچى ئىدىم، تىلىفۇنۇم ئىتىلىپ قالىدۇ، مەن ئۈچ كۈنگىچە قايتىپ كىلىمەن،
-ماقۇل ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،
ئۇ شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈن يوقالدى، ئۈچۈنجى كۈنى مەن دۇككاندا ئولتۇرسام ماڭا بىر كىچىك بالا بىر لىتاپ ئەكىردى، ۋە تاشلاپ قويۇپلا قىچىپ چىقىپ كەتتى، لىتاپنىڭ ئىچىدە قىزىل قەغەز يۈرەك شەكىللىك قىلىپ قاتلانغان، قەغەزگە
-مەن سىزنى سۆيىمەن، مەن سىزنى سۆيىمەن، مەن سىزنى سۆيىمەن
دىگەن خەتلەر يىزىقلىق، بۇنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتىم، كىم ئەۋەتكەنلىكىنى بىلمىدىم، بۇ كىمدۇ دىگەنلەرنى ئويلايتىم،مەن ئەلشىرنىڭ ئەۋەتكەن بولىشىى ئۈمۈد قىلاتتىم، لىكىن ئۇ ئىچكىردە تۇرسا، شۇ خىياللار بىلەن كۈننى كەچ قىلدىم دۇككاننى تاقاۋاتسام تىلىفۇنۇم سايرىدى قارىسام ئەلشىرنىڭ نۇمۇرى مەن تىلىفۇننى ئىلىپلا
-ھاياتمۇسىز؟ ھەجەپ ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭىز،
-مەنغۇ ھايات، بۈگۈن سىزنى ئالغىلى بارالمايمەن، ۋاقتىڭىز بولسا مەن داۋاملىق بارىدىغان ھەقۋەخانىغا كەلسىڭىز، مەن شۇيەردە،
-بولىدۇ مەن ھازىرلا باراي،
خوشاللىقىمدا ئالدىراپ تىنەپ باردىم ئۇ سىرىتتا مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، بۈگۈن بۇرۇن مەن تاللاپ بەرگەن كىيىمنى كىيىۋاپتۇ، ئۇ مىنى ئىچىگە باشلاپ كىردى، بۇ يەرنىڭ شارائىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى، بىز بىر ئايرىم خانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق، ئۇ مىنىڭ كۆزۈمگە بىر خىل نەزەردە قاراۋاتاتتى، مەن خىجىللىق ئىچىدە يەرگە قارىۋالدىم، ئۇ گەپ باشلاپ
-ئاينۇر، مەن بۇرۇن ھە دىسىلا سىزگە چاقچاق قىلاتتىم، لىكىن بۈگۈن چاقچاق قىلمايمەن، گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى راس دەپ چۈشۈنۈڭ،
-قايسى گەپنى سىزدە ئۆزگۈرۈش بولدىمۇ قانداق؟
-راس دەيسىز، مەن بۈگۈن چاتاق بوپ قالدىم،
بىز بردەم ئۇ ياق بۇ ياقلارنىڭ گىپىنى قىلىپ ئولتۇردۇق، ئۇ مىنىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ ئولتۇراتتى، مەن بولسام يەرگە قارىۋالاتتىم، بىشىمنى كۆتۈرسەملا ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇچرايتىم،
ئۇ بىردەم سۈكۈتتۈ تۇرىۋىتىپ، بىر تال ئەتتر گۈلنى چاپىنىنىڭ قوينىدىن چىقىرىپ ماڭا تۇتتى، بۇ گۈلگە باغلاقلىق بىر پارچە قەغەز تۇراتتى، بۇ قەغەز دەل ماڭا ئەۋەتىلگەن قەغەزگە ئوخشايتى،
شۇ شەكىلدە مەن ئالدىراپ گۈلنى ئالدىم، ھەم قەغەزنى ئىچىپ ئوقۇدۇم بۇ قەغەزدىمۇ
--مەن سىزنى سۆيىمەن، مەن سىزنى سۆيىمەن، مەن سىزنى سۆيىمەن
دىگەن خەتلەر تۇراتتى، بۇنى كۆرۈپ خوشاللىقىمدا ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم،لىكىن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم چۈنكى ئايگۈلنىڭ ماڭا بەرگەن ئاگاھلاندۇرىشى يادىمدا ئىدى، بىردەم تۇرىۋىلىپ
-بۈگۈن ماڭا خەت ئەۋەتكەن سىزمۇ؟
-ھەئە
-نىمىشقا
-چۈنكى ھازىرقى ئەھۋالىمنىڭ ئوساللىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن
-نىمە ئوساللىق،
-نىمىلا دىمىگەن بىلەن سىز خەتنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ مىنىڭ يازغانلىقىمنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىز، دىمەك ئىددىيە جەھەتتىمۇ ئويلىشىپ بولدىڭىز، شۇڭا ھازىر مەن ئۈچۈن ھالقىلىق پەيىت ئەمەس،
-لىكىن ئەلشىر، بىزنىڭ تەقدىرىمىز پۈتۈلمىگەن بۇنىڭغا بوي سۇنىشىمىز كىرەك مىنىڭ ئائىلەم ۋە سىزنىڭ ئائىلىڭىز بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس سىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىزنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ ئارمانلىرى بولىدۇ، ئەجىبا مەندەك بىر يىتىمنى
-بولدى قىلىڭ بۇ توغىرلىق ئويلىغان يىرىم بار، ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىزلا مەن ئاتا-ئانامدىن ھازىرلا رۇخسەت ئالغىلى بارىمەن،
-قايىل قىلالمايسىز،
-مىنى سۆيەمسىز؟
جىم تۇرىۋالدىم ئۇ يەنە
-مىنى سۆيەمسىز،
-مەن ئويلىشىپ باقاي،
-ئويلاشقۇدەك ھىچ قانداق ئىش يوق ، مۇھاببەتنى ئويلىشىمەن دەپمۇ ئويلاشقىلى بولمايدۇ،
-ھەئە، بۇنىڭدا شەك يوق لىكىن سىزنى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا قىينىغۇم يوق،
-بولدى ئىش پۈتتى، مەن ئاتا-ئانامنى ھازىرلا قايىل قىلىمەن،
ئۇ ماڭا قولىنى سۇندى، مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدىم ھاياتىمدىكى تۇنجى قىتىم مۇھاببەتنىڭ كارامىتىنى سىزىۋاتىمەن، يۈرۈگۈم چىقىپ كىتىدىغاندەكلا سوقىۋاتىدۇ، ئۇ مىنى باغرىغا چىڭ باستى ھەقىقەتەن ئەگەر بەخىتلىك ھايات مۇشۇنداق بولسا مىنىڭ يەنە بىر قىتىم ياشاپ باققۇم بار، بىز قايتىپ چىقتۇق، يولدا قايتقۇچە مەن ئۇنى قولتۇقلاپ ماڭدىم، ئۇمۇ ماڭا ياندىشىپ ماڭاتتى ئۇنىڭدىن پەقەتلا كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم، بىر دەمدىلا ئۆيگىمۇ كىلىپ قاپتۇق، ئۇ مەن بىلەن خوشلىشىپ ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلغىلى كەتتى، مەن بۇ ئىشلارنى ئايگۈلگە دەپ بەردىم، ئۇمۇ ناھايىتى خوش بوپ كەتتى، ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يازدىم
-ياخشىمۇسىز ئەلشىر، تىخى خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتامسىز، تاڭ ئاتتى تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن،
خىلى ئۇزۇندىن كىيىن ماڭا ئۇچۇر قايتۇردى،
-مەن ئۇخلىمىدىم، تىخى يوتقاندىن چىقماي تۇرۇپ مىنى تۇرۇڭ دەيسىز، سىز دەرھال تۇرۇپ كىتىڭ بولمىسا پىتلىرىڭىز كۆتۈرۈپ سىرىتقا ئاچىقىپ قويمىسۇن يەنە،
بۇ ئۇچۇرغا نىمە دەپ ئۇچۇر يىزىشنى بىلمىدىم، يەنە گەپ قىلسام مۇشۇنداق ئەدىۋىمنى بىرىدۇ، ھەي بولدىلا، ئۇ مۇشۇنداق خۇشچاقچاق ئاقكۆڭۈل يىگىت ئىدى،
مەن دۇككانغا ماڭغاچ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى توغىرلىق نىمىلەرنى دىيىشكەنلىكىنى خىيال قىلاتتىم، مۇشۇ خىياللارنى قىلىپ دۇككانغىمۇ كىلىپ قالدىم، نەچچە كۈنگىچە ئەلشىر ماڭا بۇ ئىش توغىرلىق ئىغىز ئاچمىدى، مەن مۇ سورىمىدىم، كۈنلىرىمىز شاد-خوراملىق ۋە بەخىت ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى، نەچچە ئايلار ئۆتتى، بىر كۈنى ئۇ شۇنداق روھى چۈشكۈن ھالدا كەچتە يىنىمغا كەلدى، مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ ئىغىر بىرنى تىنىپ قويۇپ
-ئاينۇر مەن بىلەن قىچىپ كەتكىن جىنىم، ئاتا-ئانامغا قىلمىغىنىم قالمىدى، ئۇلار پەقەتلا قوشۇلمىدى، مەن ئۇلاردىن ئايرىلسام جىنىمنى باقالايمەن، خاتىرجەم بول مەن يىمىسەم يىمەي ساڭا يىگۈزىمەن،كىيمىسەم كىيمەي ساڭا كىيدۈرىمەن، بىز قىچىپ كىتەيلى، يىراق-يىراقلارغا كىتەيلى
-زادى نىمە ئىش بولدى، نىمە دەيدۇ؟
-سەن توغرا دەپتىكەن سەن، ئانام ماڭا بىر يىتىمنى ئىلىپ بەرمەيمەن،يەنە كىلىپ ئىككى سىڭلىسىمۇ بار، ساڭا تىپىپ قويغان قىز بار، خام خىيال قىلما، سەن دىگەن ئوقۇغان بالا، مۇشۇنداق دىدى ئاينۇر، بىز قىچىپ كىتەيلى، مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن، سەندىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن،
-كەچۈرۈڭ ئەلشىر، مەن سىز بىلەن قىچىپ كىتەلمەيمەن،
-سىنى باقالماي قىلىشىمدىن ئەنسىرەمسەن؟
-ياق، ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز قوشۇلغان بولسا ئىدى، سىز مىنى باقالمىسىڭىز مەن سىزنى بىقىشقا رازىمەن، چۈنكى مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، لىكىن سىز مىنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەن سىز، مەن ھەقىقەتەن كور بوپ قاپتىمەن، قانداقسىگە سىزدەك بىر بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن،
-نىمە؟ مەن سىنى ياخشى كۆرمەمدىكەنمەن؟ پوق يەپسەن، مەن سىنى راستىنلا سۆيىمەن،
-ئەمدى ئويۇنلىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرىۋىلىڭ، سىزگە دەي، سىز ئانىڭىزغا بىرەلمىگەن مۇھاببىتىڭىزنى ماڭا قانداقمۇ بىرەلەيسىز، كەلگۈسىدە مىنى ئانىڭىزنى تاشلىغاندەك تاشلاپ كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن، سىز بولمىسىڭىز مەن ياشىيالمايمەن دەيسىز، ئاتا-ئانىڭىز سىز بولمىسىڭىز ياشىيالامدۇ؟ ئانىڭىزنىڭ رازىلىقىسىز بىز توي قىلساق خۇدانىڭ غەزىۋى تۇتۇپ مىنىڭ كۆڭلۈمنى سىزدىن ياندۇرۋەتسە ئۇ چاغدا قانداق قىلىسىز، قىز بالا دىگەن تالانىڭ بالىسى، قىز بالىنىڭ ھىچ قانداق مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ، لىكىن ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان قەرزى قىز بالىنىڭكىگە قارىغاندا ناھايىتى ئىغىر، بۇ نوقتىنى چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئەگەر مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرسىڭىز ئانىڭىزنىڭ دىگىنىدەك قىلىڭ، بولمىسا مەن ئاجىز بىر قىز خۇداغا يىغلايمەن، سىزنى قارغاپ يىغلايمەن، سىزدىن نەپرەتلىنىمەن، ۋىژدانسىز غورۇرسىز ئىكەنلىكىڭىزدىن ئاغرىنىمەن، تويىڭىز بولغاندا ھىچ بولمىسا ماڭا بىرەر تەكلىپنامە ئەۋەتىپ قويارسىز، بىز دوسىت بولوپ ئۆتسەك بولىدۇ، بۈگۈن ياخشى ئويلىنىڭ ئەتە سىزنى ئاتا-ئانانىڭ رازالىقى ئۈچۈن يارالغان ئوغۇللار قاتارىدا كۆرەي، خوش ئەتە كۆرۈشەيلى،
مۇشۇنداق دىگەن پىتى كىتىپ قالدىم، ئۇ گەپلەرنى دىگۈچە ھەقىقەتەن قىينالدىم ، يولدا قايتقۇچە نىمە بوپ كەتكەنلىكىمنى ئۆزۈملا ھىس قىلالايمەن، ياخشى كۆرگەن ئادىمىمدىن ئايرىلدىم يىتىم بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ئايرىلدىم، ئەمدى بۇ ھاياتتىن ئىشەنچ يوق ئىدى، ئۆيگە قايتىپ كىلىپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم، ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدىم، ئايگۈل ئىشىكنى چىكەتتى مەن ئاچمىدىم بىردەمدىن كىيىن ئۇمۇ جىمىپ قالدى، ئەتىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈردۈم دۇككانغا بىرىپ ئولتۇردۇم خىياللارغا چۆكۈپ كەتتىم، تەقدىرىمگە يەنە نىمىلەر يىزىلغاندۇ دەپ ئويلايتىم، بىرسىنىڭ تونۇش ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى،
-ۋوي بۇ ئاينۇرغۇ،
قارىسام ئالدىمدا گۈلنۇر ھەدەم بىلەن ئەمەت ئاكام تۇراتتى،
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭلار
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىچلىقمۇ ئۇكام،
-قاچان قايتىپ كەلدىڭلار
-بىر ھەپتە بولدى، سىزنى ئىزدەپ باقايلى دەپ تۇرغان ئىدۇق، بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسىز،
-دۇككان ئىچىۋاتىمەن ھەدە،
-ھە مۇنداق دەڭ، كەچتە بۇرۇنقى ئۆيگە بارسىڭىز ئوبدانراق بىر پاراڭلاشساق،
-بولىدۇ ھەدە ،
مەن كۈننى كەچ قىلىپ ئەمەت ئاكاملارنىڭكىگە باردىم، كىرىپ ئۇلار بىلەن قايتا ئەھۋاللاشتىم، ۋە تاماقنى ئۆزۈم بىر قوللۇق ئىتىپ بەردىم، تاماقتىن كىيىن گۈلنۇر ھەدەم بىلەن پاراڭلاشتىم،
پۈتۈن بىر كىچە پاراڭلاشتىم ،ھەممە ئەھۋاللارنى بىرمۇ-بىر ئىيتىپ بەردىم، بۇ ئىشلارنى گۈلنۇر ھەدەم بىر قۇر ئاڭلاپ بولوپ ئەلشىر توغىرلىق گەپ سورىدى،
-ئەلشىر بىلەن ئايرىلىپ كەتتىڭىزما؟ يۈرىگىڭىزدىكى گەپنى قىلىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىزمۇ بولىۋىرەمدا؟
-مىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق ھەدە، لىكىن تەقدىرىم مۇشۇ ئىكەن، ئۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدۇ،
-مانا بىز سىنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئورنىدا تۇرالايمىز سىڭلىم، ئۇلارنى تىپىپ ئۇلار بىلەن مەن كۆرۈشۈپ باقاي، خاتىرجەم بولۇڭ،
-ياق ھەدە، ئۆتۈنۈپ قالاي ئەلشىرنى قىينىغۇم يوق،
گۈلنۇر ھەدەممۇ جىم بولدى، مانا شۇ پاراڭلارنى قىلغۇچە بىز ئۇخلىمىدۇق، تاڭمۇ ئاتتى، گۈلنۇر ھەدەم بىلەن مەن ناشتىلىق تەييارلىدۇق، ناشتىدىن كىيىن مەن دۇككانغا كەتتىم،
بۈگۈن باشقا كۈندىكىگە قارىغاندا سەل بىسىقىپ قالغان ئىدىم گۈلنۇر ھەدەمنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم، دۇككانى ئىچىۋاتقۇچە ھىلىلا ئەلشىر كىرىپ قالىدىغاندەك تۇيۇلدى، خۇددى بۇرۇن كىرگەندەكلا، لىكىن بۇ خام خىيال ئىدى، بۇرۇنقى كۈنلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، ئۇ كىرگەن تەقدىردىمۇ بۇرۇنقىدەك كىرەلمەيتى، مەن ئاللاھتىن ماڭا سەۋىر ئاتا قىلىشنى تىلەيتىم، چۈشتىن كىيىن 45 ياشلار چامىسىدىكى بار ئايال دۇككانغا كىردى، مەن بۇ چاغدا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىدىم، نامىزىمنى تۈگۈتۈپ بولغىچە بۇ ئايالمۇ مىنى ساقلاپ تۇردى، نامازدىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا سالام قىلدىم
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم خۇش كەپسىز،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم،
-كىيىم ئالامسىز،
-سىز ئاينۇر بولامسىز؟
-شۇنداق ھەدە
-مەن ئەلشىرنىڭ ئاپىسى بولىمەن،---ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا،
مەن يەرگە قارىۋالدىم ئۇ بىردەم تۇرىۋىتىپ
-ئەلشىر بىلەن ئىشلىرىڭلارنىڭ ھەممىنى ئاڭلىغان ئىدىم سىز بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي دەپ كىلىشىم
-ياخشى قىپسىز، لىكىن ئەلشىر بىلەن ھەممە ئىشلار تۈگىدى، خاتىرجەم بولوڭ ئۇ سىزنىڭ دىگىنىڭىزگە كۆنىدىغانلىقىغا مەن كاپالەتلىك قىلىمەن، ئەمدى ئۇنى ئاۋارە قىلمايمەن، سىلەرنى جىق ئاۋارە قىلىپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ،
-ياق قىزىم سىز مەندىن ئەمەس مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورىسام بولىدۇ، ئەلشىر باشتا بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، ئىككى كۈنگىچە ئىزدىمىگەن يىرىمىز قالمىدى، ئىككىنجى كۈنى كەچتە ئەلشىر قايتىپ كىردى، ئۇ ماڭا سىز دىگەننىڭ ھەممىنى دىدى، مەن ئەقىلسىزلىق قىپتىمەن، تاس قاپتىمەن سىزدەك بىر قىزنى قولدىن چىقىرۋەتكىلى، بىر ھىساپتا ئەلشىر سىزنىڭ ھاياتىڭىز بولوپ ھىساپلىنىدۇ، لىكىن سىز بىر ئانىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىڭىزدىن كىچەلەيدىغان قىز ئىكەنسىز، بىزگە يەنە نىمە كىرەك، راستىنى دىسەم ئەلشىرگە تا مۇشۇ كۈنگىچە بىز دىن توغىرلىق ھىچ قانداق گەپ قىلىپ باقمىغان، ئۇ سىز بىلەن بىرگە دىننىمۇ تىپىپتۇ، دىمەك ئوغلۇمنىڭ پۈتۈن ھاياتى تىپىلدى دىگەن گەپ، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ قىزىم، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ كىلىنى بولوڭ، بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم ھەم تەلىۋىم، مىنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ئەلشىر تىخى بىلمەيدۇ، ئۇ ھىچ كىشىگە گەپمۇ قىلماي جىم تۇرىۋالدى، خالىسىڭىز بىز ئەلشىرنى بىر خوش قىلىۋىتەيلى،
بۈگۈن كەچتە بىز ئىككڭلارنى مىرەن چايخانىسىدا ساقلايمىز، شۇ يەرگە ئەلشىرنى ئىلىپ كەلسىڭىز بۈگۈن كەچتە بىرگە تاماق يەپ ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگەتسەك قىزىم،
-ئارىمىزدا ئۇقىشماسلىق يوق، پەقەت بىز باللىق قىلىپ قويدۇق، بىزنى كەچۈرۈڭلار، سىزدىگەندەك قىلاي،
-رەھمەت قىزىم، كەچتە سىزنى ساقلايمەن،
شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى، مەن بۇنى چۈشۈمدەك ياكى كاللامدىكى بىر خىيالدەك ئويلاۋاتاتتىم، ھىچ ئىشەنگۈم كەلمىدى، چۈش كۆرگەنلىكىم ياكى راسلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، چۈنكى يىقىندىن بىرى بۇنداق خىياللارنى جىق سۈرەتتىم
بىردە خوش بولسام بىردە غەم ئەگەر كاللامدىكى بىر خىيال بوپ چىقسا قانداق قىلىمەن، كەچتە ئۇ يەردە ئادەم بولمىسا قانداق قىلىمەن، شۇ خىياللار ئىچىدە دۇككاننى تاقاپلا ئەلشىرگە تىلىفۇن قىلدىم
-ياخشىمۇسىز مىنىڭ بارلىقىم ئەلشىر،
-ياخشىمۇسىز ئاينۇر،
ئۇنىڭ ئاۋازى بەك سۇس ئىدى،
- ھازىر ۋاقتىڭىز چىقسا ئايلىنىپ كەلسەك قانداق، سەت قاملاشمىغان ئورۇق قامىتىڭىزنى كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ،
-بولىدۇ، سىز نەدە مەن ھازىرلا باراي،
مەن ئورنىمنى دەپ بەردىم ئۇ ئۇزۇنغا قالمايلا يىتىپ كەلدى، ئۇنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن، ھازىرقى تۇرىقى بىر بوۋايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى،
-نەچچە كۈن كۇرمىسەم قىرىپ كىتىپسىزغۇ يىگىت
-بولدى قىلىڭە، ھامىنى قىرىيمەن، سىزدىن بۇرۇنراق قىرىپ قالدىم شۇ،
مەن ئۇنى ئاۋال ساتراچخانىغا ئىلىپ باردىم، ئۇ يىنىپ چىققاندىن كىيىن
-ئەمدى ئادەمگە ئوخشاپسىز،
- بۇرۇن ساڭا ئوخشاپ قالغانمىدىم جىنىم،
ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ كىچىك بالىدەك ئۇنى ئۇرۇپ كەتتىم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىرىتنى ئايلاندىم، بۇ قىتىم ئۇنى قوقماي قولتۇقلاپ ماڭغان ئىدىم، ئۇ مىنىڭ بۇ قىلىقىمدىن ھەيران قالدى، ۋە كۆزلىرى ئۈمۈدسىز ئىدى، ئۇ تىخى ھىچ قانداق ئىشنى بىلمەيدۇ، شۇنداق ئايلىنىپ يۈرۈپ بىز دىيىشكەن ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى، مەن ئۇنى ئىلىپ مىرەن چايخانىسى يەنى بىز دىيىشكەن جايغا باشلاپ باردىم، بىز كىرسەك دەرۋەقە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ بەك چۈچۈپ كەتتى، ۋە ئالدىغا مىڭىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، مەن ئۇنىڭغا
-يۈرىڭە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز،
-ئاۋۇ يەردە ئاتا-ئانام ئولتۇرىدۇ،
-نىمە بوپتۇ، بىز يە قاچقۇن بولمىساق، بىرىپ كۆرۈشۈك كىلەيلى، سىز بارمىسىڭىز مەن بارىمەن،
-نىمە؟
مەن ئۇنى تاشلاپ قويۇپ بىرىپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇنىڭ دادىسى مىنىڭ پىشانەمگە سۈيۈپ كەتتى، بۇ ئىشلاردىن ئەلغىر ھەيران قالدى ۋە يۈگۈرۈپ كىلىپ
-دادا ئانا بۇ قىز،،
-بولدى ئولتۇر ئوغلۇم، بۇ قىزنى مەن ساڭا تۇنۇشتۇراي، بۇ قىز بىڭنى كىلىنىمىز يەنى سىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئايالىڭ بولىدۇ،
-دىمەك،،،، سىلەر،،،
بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق، قالغان ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا ئالدىرىماي چۈشەندۈردۇق، ئۇ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ خوشلىقىدا سەكرەپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاخىرى جەم بولدۇق،
بىزنىڭ تويىمىز كىلەركى ئايغا توختىتىلدى، ماڭا ئەمەت ئاكاملار ئىگە بولدى، ئىككى سىڭلىمنىڭ بىرسى مەن بىلەن يەنە بىرسى ئەمەت ئاكاملار بىلەن تىرىدىغان بولدى، مىنى يەنە قانداق ئىشلار ساقلاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ، ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئۆزۈڭ بىىسەن.

        مەنبە:ئىنتېرنىت تورى


V%Z4Y4YXCPM4[UO202KZR2O.jpg


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izlayman520 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46684
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3419
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2011-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 12:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا مۇنبەردە ئۇقۇغانتىم يەنە بىر قېتىم ئۇقۇي كۈزۈمنى ئۇۋلاپ ئولتۇرۇپ

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10515
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 01:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىن ئاخرى  ئوقۇپ چىقتىم   مانا بۇ قىز نى   ئۇيغۇر قىزى   مىللەتنىڭ ئانىسى   دىيىشكەبولىدۇ
خۇدايىم  ماڭا شۇنداق قىزدىن  بىرنى  نىسىپ قىلسا  

شاھزاد

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1988
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11073
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1563 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 02:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  ،ناھايتى ياخشى   چىقىپتۇ !!
بەكلا تەسىرلەندىم جىمۇ !
رەھمەت  ئەجىرڭىزگە!!!!!!

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89447
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 02:50:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا جاسارەتلىك قىزكەن،بەكلا تەسىرلەندىم ، اللە مۇشۇنداق ئىپپەتلىك قىزلىرىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن!

مەسئۇلىيەت ئۈزىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10975
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10607 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 03:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كوپرەھمەت  مەن بۇھىكايىنى بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 04:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئۇزىنىڭ ئىشىنى ئۇزى قىلىدۇ . ياخشىنىڭ ئىشىنى ئاللاھ قىلىدۇ ، ھەقىقەتەن ياخشىكەن .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 04:17:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىن ئاخرى  ئوقۇپ چىقتىم   مانا بۇ قىز نى   ئۇيغۇر قىزى   مىللەتنىڭ ئانىسى   دىيىشكەبولىدۇ
خۇدايىم  ماڭا شۇنداق قىزدىن  بىرنى  نىسىپ قىلسا  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بەكلا جاسارەتلىك قىزكەن،بەكلا تەسىرلەندىم ، اللە مۇشۇنداق ئىپپەتلىك قىزلىرىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن!،،،،،،    ،،تىما ئىگىسىگە كوپرەھمەت  مەن بۇھىكايىنى بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85184
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 04:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكايىكەن ،ئاخىرى تىراگىدىيە بولمىسىمۇ بولىدىكەنغۇ بۇ ھىكايە دىگەن نەرسە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12788
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 04:54:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي-ۋوي كەسىپيىلشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇق  جۇمۇ بەزىلەر، ۋەقەلىكى  نېمە دېگەن ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان،يازغا قىرىندىشمىغا ۋە بىزنى ھەمبەھىرلەندۇرگەن تورردىشمىزغا رەھمەت

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش