|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 m6 K( c I0 I5 s; t0 e% c: O+ Z
گۈزەل ياز ئايلىرىنىڭ بىرىدە كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىق كەنتىگە جايلاشقان مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇلۇغ ئالىم بوۋىمىزغا بولغان ھۆرمىتىم ئىچ-ئىچىمدىن قايناپ تاشتى،بولۇپمۇ مەقبەرە ئىچىگە كىرىپ دۇئا قىلىپ مەقبەرىنى تاۋاپ قىلغاندا،ئەتراپتىكى دۆۋەڭ-دۆۋەڭ چەتئەللىك ۋە ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ۋە يۇرتىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن تاۋاپچىلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن،تومۇرۇمدا شۇنداق ئەجدادلىرىمنىڭ قېنىنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلەندىم.خۇددى ‹‹پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى››دېگەن ناخشىدىكى لېرىك ھېسىياتقا چۆمۈلدۈم،ئەجدىھا غارىغا كىرىپ،تاغ ئۈستىگە چىقىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇر سىماسى كۆز ئالدىمدا قايتا نامايەن بولدى،ئالتۇن بۇلاق بېشىدا ئولتۇرۇپ بۇلاق سۈيىنى ئىچكەچ،بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ موشۇ بۇلاق بويىدا ئولتۇرۇپ شاگىرتلىرى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قىياپىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم،مۇزىيخانا ئىچىگە كىرىپ ئەجدادلار ياراتقان شۇ شانلىق تارىخنى قايتا بېشىمدىن كەچۈرگەندەك بولدۇم.قىسقىغىنە نەچچە سائەت جەرياندا شۇ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ماشىنا-ماشىنىدا ئايىغى ئۈزۈلمەي بۇ مۇقەددەس تاۋاپگاھقا كېلىشى بىلەن تەڭ كاللامدىن تۇيۇقسىز شۇنداق خىيال كەچتى،دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان 8مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ %10 ى ئالىمنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ باققانمىدۇ؟نەچچە يۈزمىڭلىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ قانچىلىكى ئالىمنىڭ مەقبەرسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باققاندۇ؟پەرزەنىتلىرىمىزگە مۇنبەر ئالدىدا تۇرۇپ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى››توغرىلىق دەرىس سۆزلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى-باغۋەنلىرىمىزنىڭ قانچىلىكى ئالدى بىلەن ئۆزى ئالىمنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ ياكى كىتاپىنى ۋاراقلاپ بېقىپ ئاندىن دەرىس سۆزلەۋاتقاندۇ؟قانچىلىك ياش-ئاتا ئانا بالىلىرىنى ‹‹ھەزىرىتى موللام››غا بىللە ئېلىپ چىقىپ ئۆزمىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرەلىگەندۇ؟.........
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 [" A( M* C5 i0 D! k" u0 x9 S1 Xموشۇ تېمىنى كۆرىۋاتقان ھەربىر تورداشقا تەۋسىيەم:بۇ يىل يازدا ۋاقىت چىقىرالىسىڭىز بۇ يىل يازدا،بۇ يىل ۋاقىت چىقىرالمىسىڭىز كېلەر يىلى،كېلەر يىلى ۋاقىت چىقىرالمىسىڭىزمۇ ياندۇرقى يىلى بىرەر يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مەشھۇر تاۋاپگاھنى چوقۇم تاۋاپ قىلىڭ،قەلبىڭىزنىڭ شۇنداق سىرلىق ھېسلارغا چۈمۈلىدىغانلىقىغا جەزىم قىلالايمەن.ئەگەر سىز قەشقەردىن بولسىڭىز ئۆزىڭىز،ئائىلىڭىزدىكىلەرنى،بالىلىرىڭىزنى،شارائىتىڭىز يېتىشسە ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ئېلىپ كېلىپ زىيارەت قىلىپ كېتىڭ،ئەگەر باشقا جايدا تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز قەشقەرگە بولسا ئاتايىن بىرقېتىم كېلىپ مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىڭ،پەقەت بولمىغاندا تۇققان يوقلاش ياكى خىزمەت سەۋەبلىك قەشقەرگە كەلگەندە بولسىمۇ بىر ۋاقىت چىقىرىڭ!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 |! j; Z7 J" w1 T(تېلىفۇنۇم ئادەتتىكىرەك بولغاچقا رەسىم ئېنىق تارتىلماي قالدى!چۈشەنگەيسىلەر.)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% t- K1 N$ l( c6 n0 o0 f/ e6 @$ M& g# u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 D% a8 i% w7 e& [6 j* v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ }# M6 t+ ]7 D. G* F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 j% V+ B3 a3 _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% O N8 j# ]/ B1 l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ |8 J# n; f, g/ p9 w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! C& A' M( V3 t6 {/ {3 V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. K" f; j( @& u! m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 x/ g( M7 u2 J) ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# D6 @# f* U9 N, c; N; vبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! g0 n$ s9 `& F# r8 J8 [1 x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 Z9 I" H' H9 ~( P' W
|
|
|
|
|
|