مىھىرىگۈل ئابلىمىت
قەلب تىۋىشلىرىم
-يۈرۈكىمگە جىمجىت خەت يېزىپ كېلىۋاتىمەن...
~
-سۈكۈناتلىرىمدىن ساڭا ئەقىدە ياساپ،باغرىمغا بىردىن ئېسىۋاتىمەن.
تەمكىنىڭ ھەم تەنھالىقىڭنى سۆيگۈنۈمدەك،غورۇرۇڭغىمۇ ئاشىق قەلبىم،مىھىرلىرىنى
قۇرۇتۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ۋاپا بىلەن سۇغۇرۇپ،
زۇلەيخا كەبى مۇھەببەتنىڭ ئابىدىسىنى زىمىننىڭ باغرىغا قادىماقتا...
بىلەمسەن شۇنى....؟!
~
-سەنسىز ياقالمىغان گۈلخانلىرىمنى،ئەسلى مەشۇق بولغان
بىگانە يۈرۈكۈم چوغ بولۇپ،ئۆزىنى يەپ تۈگەتتى.
~
-مىسكىن سەھەرنى قۇچاغلاپ تاڭغا باققان كۆڭلۈم يىغلاپ كەتتى.
ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلمەي پۇچىلىنىۋاتقان قەلبىم،يۈرۈكۈمگە خىتاب قىلدى:
_سەبر قىل،ئۇ ئارام ئالسۇن....
~
-مىسكىنلىك مېنى يالماۋاتقان تۈنلەرنىڭ بىرىدە،تۇيۇقسىز بىر نۇرلۇق يۇلتۇزنى ئۇچرتىپ قالدىم.
ئۇ،ئىللىق مېھرلىرى بىلەن يىراقتىن ماڭا قاراپ تەسەللىلەر بېرەتتى.
<تەمكىن پەرىشتە،ئاقكۆڭۈل پەرىشتە، چىنلىق قولۇڭدىن
چۈشۈپ كەتمىسۇن.قەيسەر ياشا..!>دەيتتى.
~
--سېنى باغرىمغا كۆمۈۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلدىم.
چۈنكى،قەلبىمنى چىرىتىۋېتىشىڭدىن ئەنسىرىدىم.سېنى پۈتۈن
جىسمىمدىن قوغلاشنى ئۈمىد قىلدىم.بۇ مەندىكى ئاقىلانە تاللاشمىدۇ-ئەجەبا...؟
~
-سەن ئۆز ھاياتىڭغا،مېنىڭ ساڭا بەرگەن پاكلىق ئۈستىدىكى ئەقىدىلىرىمگە يۈز كېلەلمەيسەن!
ئۆزۈڭگە بولسىمۇ يۈز كېلەلىشىڭ كېرەك ئىدى-ئەپسۇس....
بوپتۇ،سەن ھايات ئاچاللىرىڭدا ياشاۋەر.
مەن بەك چارچاپ كەتتىم....@
~
ئازاب ياشلىرى
سىڭگەن قەلبىمدە،بىر چوغلۇق
ئۈنۈپ چىقتى.ئۇ نېمە، بىلەمسەن؟
ئۇ بولسىمۇ، مېھرىبان تەڭرىمنىڭ
ماڭا بەرگەن كامالىتى!
ھىدايەت نۇرى!
~
نىدالىق قەلبىمنىڭ باھارى..!
ئاڭلىدىڭمىكىن..؟ قەلب سۆيگۈمنىڭ تىۋىشىنى.
باھار يامغۇرلىرىدىن كۆردۈڭمىكىن-مېنىڭ،سەن ئامراق كۆزلىرىمنى..
يەنە بىلدىڭمىكىن-زىمىننىڭ تىترەشلىرىدىن،مېنىڭ مەسۇم تەنلىرىمنىڭ مۇزلاۋاتقىنىنى...
ۋە يەنە ھېس قىلدىڭمىكىن-يۈرىكىڭنىڭ كىملەر تامان سوقۇۋاتقىنىنى....
~
2013-يىلى5-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 03:01 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-25 04:12 PM):
http://bbs.boztagh.com/data/atta ... eaaa8dqtpappryg.jpg