ئالىمجان نەسىرىدىن ئۆزقۇت
پۇل ۋە بالا
ئىتوت
سەھنە لايھىسىگە كېتەرلىك ماتىرىياللار:
چەينەك،نان،پىيالە،كىچىك ساجى قاتارلىقلار...
ئوبرازچىلار ئسمىى-ئاتىسى ۋە كېيىم-كېچەكلىرى:
باش پېرسوناژلار
گۈزەلئاي،مەمەتباي،سەمەت بايۋەتچە،سەبىخە، ئادىل ساقچى قاتارلقلار
1.گۈزەلئاي-ئېرى دۆلەت ئىچى-سىرتدا تىجارەت قىلىدىغان،يۇز-ئابرۇيى يۇقىرى،مال-دۇنياسى ئشىپ-تىشىپ تۇرىدىغان،تونۇلغان بايىنىڭ ئامراق ئايالى،ئۇ باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرستىشكە ئامراق.داڭىلىق كېيىملەرنى كېيشىكە ھېرىس.زىببۇ-زىننەت بويۇملىرىنى ھەدىدىن ئاشۇرۇپ تاقايدىغان،چوڭچى،بالسىنىڭ ئوقۇشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان ئايال.
2.مەمەتباي-شەھىرىمىزدىكى كېيىم-كېچەك ۋە گۈلقاق،يەل-يېىمىش سودىسى بىلەن بېيىپ كەتكەن،توققۇزى تەل زەردار باي.باشقلارغا ياخشلىق قىلىش بىلەن ئانچە خوشى يوق،ئۆزى ئېغىر-بېسىق،لېكىن ئادەم ياراتمايدىغان كشى.بالسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،جەميئەتكە چىقىپ كەتكەن.بالىسنىڭ نېمە ئىش قىلىپ يۈرۋاتقانلىقى بىلەن ئانچە كارى يوق.ئائىلە ئشلىرىغىمۇ ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.
3.سەمەت بايۋەتچە-مەمەتباينىڭ پۇل-مال دۇنياسىنى كەلسە-كەلمەس ئادەملەرگە خەجلەپ،بۇزۇپ-چېچىپ يۇرىيدىغان،بەتخەج بالا.ئۇ ھەدېسە دادىسى ۋە ئانسىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن پۇل ئېلىپ تانسخانا،دىبا،تورخانىلاردا ئەركىن ئويىناپ يۇرۇيدىغان،ئۇرۇشقاق بالا.بەزىدا ئاتا-ئانسى پۇل بەرمسە ئوغرلاپ ئالىدۇ.
4.سەبىخە-مەمەتباي بىلەن گۈزەلئاينىڭ كىچىك قىزى،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللقىدا ئوقۇيدۇ.ئۆگىنىشتە تىرىشچان،ئشچان،ياخشى خۇلىق-مىجەزلىك قىزچاق.قېيىنچلىقى بار ساۋاقداشلارغا ياردەم قىلشنى ياخشى كۆرىدۇ.پۇللارنى بۇزۇپ چاچمايدىغان،چىرايىلىق قىز.
5.ئادىل ساقچى-گۈلستان كوچا باشقارمسى ساقچىخانسى مۇنەۋەر ساقچىسى.ئش قىلشتا ئادىل،پاك-دىيانەتلىك،ئىسمى-جسىمغا لايىق ئادىل ساقچى.
يانداش پېرسوناژلار
1.مۇتەللىپ-مەمەتبايلار بىلەن بىر بىنادا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇرىدىغان يەككە تىجارەتچى.باشقلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان،ئاقكۆڭۈل،ساپ دىل ئادەم.
ئوبرازچىلار كېيىملىرى
گۈزەلئاي-مۇدا كېيىنىگەن،كېيىم-كىچىكى يىشغا ماس كەلمگەن.قېىنىق گىرىم قىۋالغان،چاچلىرىنى تەڭىنە قىلدۇرۋالغان،ئىگىز پاشنلىق ئاياغ كەيگەن...
مەمەتباي-داڭلىق كاستۇم-بۇرۇلكا كەيگەن،يېڭى ئاياغ كەيگەن،چاچلىرىنى كۆركەم ياستۋالغان...
سەمەتبايۋەتچە-ياشلارنىڭ مۇدا كېيىمملىرىنى كېيۋالغان،ئالا قاپلىقى كېيىم-كېچىكىدە چىقىپ تۇرىدىغان،چاچلىرىنى ھەر رەڭدە بويۋالغان...
سەبىخە-ئاددىي مەكتەپ فورمسى كېيۋالغان،چاچلىرى چىرايلىق ئۆرۋالغان ...
ئادىل ساقچى-ساقچى فورمىسى كەيگەن...
مۇتەللىپ-يارشملىق كاستۇم-بورۇلكا كەيگەن،چاچلىرىنى چىرايىلىق ياستۋالغان،كۆز ئەينەك تاقىۋالغان...
قەمبەرنسا-ئادەتتكىچە كېيىم-كېچەك كېيۋالغان،بىشغا رومال ئارتىۋالغان...
سەھنە ئورنى:
مەمەتباينىڭ ئۆيى.ئۆي ئىچىگە بىر دانە تاماق شىرەسى، مەمەتباي ئەر-خوتۇن چاي ئېچكەچ كەپسز بالسى توغرۇرلۇق دە-تالاش قىلىۋاتقان مەنزىرە.
ۋاقتى:ئەتتىياز پەسلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى
روللاردا:
مەمەتباي رولىدا..................
گۈزۈلئاي رولىدا..................
سەمەتبايۋەتچە رولىدا.............
سەبىخە رولىدا.................
ئادىل ساقچى رولىدا..........
مۇتەللىپ رولىدا.................
گۈزەلئاي:
-ياخشى ئوخلاپسلەرمۇ دادىسى ؟مەن تاماق ئېتەي،چاي ئېچكەچ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار؟
مەمەتباي:
-ئايرۇپلاندا بېرىپ،ئايرۇپلاندا كەلگۈندىكىن ئانچە چارچاپ كەتىمىدىم.كايىپ كەتمەڭلار بولىدى.
گۈزەلئاي:
-بۇ قېتىمىقى سودىدا خېلى پايدا ئالغانسىلەر ھە دادىسى؟
مەمەتباي:
-بۇ قېتىمىقى قۇرۇق يېىمىش سودىسدا ئون تۈمەنچە بىر نېمە قاپتۇ خوتۇن.
گۈزەلئاي:
_بەلەن بوپتۇ.قانداق گۇاڭجۇنىڭ ھاۋاسى ياخشىمىكەن؟ ئاياللىرى ناھايتى ئېسل كېيىنىپ يۇرىدىغاندۇ-ھە؟!
مەمەتباي:
_ئىچىكىرىنىڭ گېپنى بىر دېمەڭلار،ئچىكىرىنىڭ ھاۋاسى بەك ئۆزەىرىشچانىكەن.بىردەم يامغۇر ياغسىا،بىردەم شامال چىقىپ دېگەندەك.ئادەمنى غەلىتە قىلىپ.ئاياللىرى بەك ھەشەمەت كېينىپ كەتمەيدىكەن.لېكىنىزە،تۇرمۇش رېتىمى بەك تېزىمۇ ھەممە ئادەم ئالدىراشلا يۇرىدىكەن.بىزنىڭ بۇ يەرگە پەقەت ئوخشمايدىكەن.
گۈزەلئاي:
-ئىچىكىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئېرلىرى پېتى پشىق ئوخشايدۇ،ئاياللىرىغا كېيىم ئېتىپ بەرمگەندىن قارىغاندا.ۋاي،ھالىڭ بىچارە بايقۇشلار.بىزدەرەكىمۇ كېيىم كېيەلمەي ئۆلۈپ كېتىدىكەنسەن-دە!
مەمەتباي:
-راسىت دەيمەن،بايلىرىدىن تارتىپ ئالىملىرىغچە ئاددا-ساددا يۇرىدىكەن.مەنمۇ پىخسق ئوخشايدۇ دەپ قالىدىم.
گۈزەلئاي:
-خۇدايىمغا شۈكىرى،سلەر ماڭا شۇنداق كۆيۈنۈپ نېمە كېيىمەن دېسەم ئايماي بەردىڭلار. ماۋۇ ئۇدۇل خوشىنىمىز مۇتەللىپنىڭ ئايالى قەمبەرنسا چاپاق سلەرگە گۇاڭجۇغا كەتكەندە ئۆيگە كىرىپتكەن.ئىككىنىچى بالسىنى ئوقۇتىمەن دەپ تىقىپ قويغان پۇللىرى ئوت كېتىپ كۆيۈپ كېتىپتۇ.
مەمەتباي:
-يۇندىسنى ئېت يالمايدىغان تەتۇر مالخاي گادايلارغا ئوبدان بولۇپتۇ.تېخى ھالىغا باقماي ماۋۇ تاماقنى يەڭلار دەپ تاماق ئەكىرىپ كېتىشلىرى،ئېتمۇ يېمەيدىغان نېملىرىنى.
گۈزەلئاي:
-راسىت دەيمەن.شاپىقىغا چۇۋىن قونمايدىغان مەينەتلەرنىڭ قولدا ئەتكەن تاماقلىرىنى كىمىمۇ يەتتى دەيسىلەر.تېخى ھالغا باقماي بىر بالسىنى ئىچىكىرى ئۆلىكىدە ئوقۇتۇپ كېتشلىرىدىن ئۆرگىلەي.يالاڭتۆشۈش قەلەندەرلەرنىڭ...
مەمەتباي:
-خوتۇن،ئوغلۇمىز سەمەت كۆرۈنمەيدىغۇ؟
گۈزەلئاي:
-ئامراق ئوغلۇمىز،ئىككى-ئۈچكۈن بولىدى.گەپ-سۆزىمۇ يوق،قارسىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ تاڭ.نەلەردە ئويناپ-يايراپ يۇرىدىكىن تاڭ...
مەمەتباي:
-بوپتۇ،ياش بولغاندىكىن ئويناۋالسۇن.بىزنىڭ دۆلتىمىزنى راسا سۇرۋالسۇن.قولىنىڭ بارىدا گۆش يە،پۇلىنىڭ بارىدا ياشۋال دەپتىكەن.بىزلەر ھايات ۋاقتىمىزدا ئوينۋالسۇن...
گۈزەلئاي:
-شۇنداق دادىسى،ئارانلا بىر تال ئوغلۇمىز تۇراسا،بىزنىڭ بارىمىزدا راھەت كۆرۋالمسۇنمۇ؟بىزدە بۇ جان ۋە مال قاچانىغىچە بار دەيسلەر؟!
مەمەتباي:
-ينىدا پۇلسى بارمىدۇ-يۇقىمدۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم؟!
گۈزەلئاي:
-ئالىدىنقى كۈنى نەچچە مىڭ يۈەننى بەرگەن ئىدىم. يېتىپ ئاشقۇدەك پۇلسى بار ئوغلۇمىزنىڭ.
مەمەتباي:
-ئەسلىدىغۇ شۇ بالىنى ياخشى ئوقۇتۇش خىيالىمۇ بار ئىدى.ئۆزۈمنىڭ ئىچىكىرى ئۆلىكىلەردە تىلىدا قېينلىپ تىلماچ ئىزدەپ يۇرگەنلىكىمنى ئويلسامزە،بالىمىزنى چەتئەللەرگە ئوقۇتقۇم بار.لېكىن بالىمىز دەرىس ئۆگىنىشنىڭ ئورۇنغا ئويۇن ئويناشنى،پۇل تىجەشنىڭ ئورۇنغا بۇزۇشنى ئۆگىنىۋالىدى ئەمەسىمۇ ؟! بوپتۇلا دېدىم.دادىسى بار ۋاقتىدا كۆپرەك ھاياتىنىڭ پەيزىنى سۇرۋالمسۇنمۇ!!!!لېكىن بىرەر چاتاق چىقارمىسا بولاتتى دەيمەن؟!
گۈزەلئاي:
-شۇ ئوغۇلىمىزنىڭ ئورنىغا ماۋۇ قىزىمىز سەبىخە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ ئەمەسىمۇ؟!دادىسى
مەمەتباي:
-ئۇنسغۇ شۇنداق،قىزىمىزنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتىمەن.ھەر راسىت سەبىخە كۆرۈنمەيدىغۇ؟!
گۈزەلئاي:
- قىزىمىز ئاخشام سىلە ئوخلاپ قالغاندىن كېيىنمۇ دەرىس تەكرا قىلىمەن دەپ ھوجىرسدا قالغان.كۆپرەك ئوخىلۋالسۇن دەپ ئويغاتىمغان ئىدىم.
مەمەتباي:
قىزىمىز بەك تىرىشچان بالا بولىدى.پۇل بەرسەك تېخى ئالمايدۇ،ئوشۇق-تۆشۈك غەقشى يوق.بوپتۇ كۆپرەك ئوخلىۋالسۇن.
گۈزەلئاي:
قىزىم سەبىخە ئورۇنىڭىزدىن تۇرۇڭ.دادىڭىزنىڭ گېپى بار ئىكەن؟!
مەمەتباي:
بولىدى ئويغاتىماڭلار،يەنە بىردەم ئوخلىۋالسۇن؟!
سەبىخە:
-ۋاي مانا ھازىر چىقىمەن ئانا.
مەمەتباي:
-كېلە جېنم قوزام،ياخشى ئوخلاپسەنمۇ؟ئوماق قىزىم.(مەڭىزىگە سۆيۈپ قويىدۇ)
سەبىخە:
-دادا،ئۆزىڭىزمۇ ياخشى ئوخلاپسىزمۇ؟
مەمەتباي:
-ياخشى ئوخلىدىم قىزىم.ئۆگىنىشىڭىز قانىداقىراق قىزىم؟
سەبىخە:
-ياخشى دادا،مەن ياخشى ئوقۇپ سىز بارغان ئىچىكىردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيمەن.مېنى چوقۇم ئوقۇتۇڭ،بولامىدۇ دادا؟!
مەمەتباي:
-چوقۇم ئوقۇتىمەن،جېىم قوزام.
سەبىخە:
-ئۇدۇل خوشىمىنىز مۇتەللىپىكامنىڭ ئىچىكىرى ئۆلىكىدە ئوقۇتىۋاتقان قىزىنىڭ دېيسىشچە،ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،سۈپتى ياخشىكەن،مەنمۇ چوڭ بولسام شۇ يەرلەدە ئوقۇسام دەپ ئارزۇ قىلىمەن.
گۈزەلئاي:
-سېنى چوقۇم ئوقۇتىمىز قىزىم.ماۋۇ گاداي خوشىنىمىز جېنىدا بالسىنى ئىچىكىردە ئوقۇتۇۋاتسا،بىزنى سىزنى ئوقۇتمساق قانداق بولىدۇ.
سەبىخە:
-ئۇنداق دېمەڭ ئاپا،ئۇدۇل خوشنىمىز مۇتەللىپكام ناھايتى ياخشى ئادەم.ئۆتكەندە سلەر باشقا شەھەرگە كەتكەندە مېنى تولاپ،ئۇنمسام ئۇنماي،تاماق بەردى.ئۆيدە ئۆزىڭىز يالغۇز قورقىڭىز كېلىدۇ دەپ قوندۇرۇپ قالدى تېخى.
گۈزەلئاي:
-مانداق ئشىمۇ بار دەڭ قىزىم،ئۇ گادايلارنىڭ بىزگە خوشامەت قىلىغىنى ئۇ بالام .نېيتى تېگىدىن بۇزۇق ئۇ خەقلەرنىڭ.
(ئىشىك يېىنىك چېكلىدۇ،مۇتەللىپ سەھىنىگە چىقىدۇ)
-تاك،-تاك،تاك...
گۈزەلئاي:
-كېىمىدۇ بۇ ئىت ئۇۋسدىن چىقماستا ئابدال دەرۋازىنى قاقاندەك ئىشكىنى ئۇرغان؟
مەمەتباي:
-قىزىم،چىقىپ بىقىڭ؟
سەبىخە:
-كىرىك مۇتەللىپ تاغا...
مۇتەللىپ:
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مەمەتباي تەنلىرى سالامەتىمۇ،ئىچىكىردىن سالامەت قايىتىپ كەلگەنلا...
مەمەتباي:
-تېنىچلىق،كەلسىلە...
مۇتەللىپ:
-ئەسلى سەھەردە سلىنى ئاۋار قىلىمساق بولاتتى.لېكىن بۇ ئىش بەك زۆرۈر بولغاچقا ئۇدۇللا كىرىشىم. قىزىلىمىز ئوقۇيدىغان سىنپتكى بىر ئوقۇغۇچى ئاق قان كېسلى بىلەن دوختۇرخانغا كىرىپ قالغان ئىكەن.داۋالاش چىقىمغا ئاتا-ئانسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرمەپتۇ.شۇڭا،ئازىراقتىن پۇل يىغىش قىلىپ....
مەمەتباي:
-ئويلغنىڭلار بەك ياخشى بوپتۇ.لېكىن مۇتەللىپئاخۇن بۇ قېىتم ئىچىكىرىدىكى سودىدا بەك زىيان تارتىپ كەتتىم.شۇڭا،بۇ ئشقا مېنىڭ تازا رايىم يوق.بولسا كۆپرەك ياردەم بەرسەك ياخشى بولاتتى.بار ئەھۋالىنى بايام سلىگە دېگەندەك.
مۇتەللىپ:
-مائارىپنى قوللاش،قېيىنچىلىقى بار كشلەرگە ياردەم بېرىش مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئادەتلىرىنىڭ بېرى،بىر ئادەم قېىنچلىقتا قالسا قول ققوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش ياخشى ئەمەس،بۇنسى سىلىگە ئايان.مەن ئازىراق،سىلە ئازىراق چىقارساق دېگەن ئوي بىلەن كەلگەن ئىدىم.سودىدا زىيان تارتىپ قالغان بولساڭلار كېيىن پايدا ئېلىپ قالاسىلەر....
مەمەتباي:
-بولىدى،سىلە دېمسىەڭلارمۇ بۇنچلىك قائىدىنى ئوبدان بىلىگۈچلكىم بار مېنىڭ.لېكىن ئارمانغا چۈشلۈك دەرمان يوق....
(ئىشك ئەنسز چېكلىدۇ،مەمەتباينىڭ ئوغلى سەمەت بايۋەتچە يۈز-كۆزلىرى قان يۇقى سەھىنىگە چىقىدۇ)
مەمەتباي:
-كىمىدۇ بۇ،ئابدال دەرۋاز قاققاندەك ئىشكىنى ئۇرۇغان.ئابداللار...قىزىم قاراپ بىقىڭ.
سەبىخە:
-ۋاي ئاكا نېمە بولىدى ساڭا؟
-گۈزەلئاي:
-جېنىم ئوغلۇم نېمە بولدى،باش-كۆزلىرىڭ قان يۇقى تۇرىدىغۇ؟
سەمەت بايۋەتچە:
-ئانا مەن...
مەمەتباي:
-بۈركۈت بالام،نېمە بولىدى ساڭا،گەپ قىلساڭچۇ؟
سەمەتبايۋەتچە:
-مەن...مەن...مەن....
گۈزەلئاي :
-گەپ قىلساڭچۇ،تىلىڭنى قاغا چۇقىۋالمغاندىن كېيىن.
مەمەتباي:
-گەپ قىلە،نېمە ئىش بولغان بولسا بىز بار ئوغلۇم؟تاغىدەك داداڭ تۇرسا نېمىدىن قورقسەن،گەپ قىلە؟
سەمەتبايۋەتچە:
-مەن ئادەم...ئادەم يار...
مەمەتباي:
-زادى نېمە ئىش بولىدى.نېمە يار ئۇ بالام؟
(ئىشك قاتتىق ئەنسىز چېكلىدۇ،ئادىل ساقچى سەھىنىگە چىقىدۇ)
گۈزەلئاي:
-يەنە نېمە گەپتۇ بۇ، قاراپ باقە قىزىم.
سەبىخە:
-كىرىڭ...
ئادىل ساقىچى:
-مەن سەمەتنى ئىزدەپ كەلگەن.ئۆزمۇ بارئىكەن.
مەمەتباي:
-نېمە ئىش بولىدى،باشلىق؟
ئادىل ساقچى:
-ئوغلۇڭىز سەمەت،تۇنۇگۈن كەچلىك بازاردا لۇكچەك ئاغنلىرى بىلەن راسا ھاراق ئېچىپ يولدا كتېۋاتقان بىر ئادەمنى ئېغىر يارلاندۇرغان.شۇڭا،مەن سەمەتنى تۇتقىلى كەلدىم.
مەمەتباي:
-،ئادەم يارلاندۇرغان؟ جېنىم باشلىق يارلانغۇچنىڭ ئەھۋالى ھازىر قانداقراق؟ئىغىر ئەمەستۇ؟
ئادىل ساقچى:
-يارلانغۇچىى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ھاياتى قۇتقۇزۇپ قىلىنىدى.لېكىن كېسەلىك ئەھۋالى بەك ئىغىر.
گۈزەلئاي:
-ۋاي نېمە كەلگۈللۈك بۇ...ئاپئاق بالام نېمە ئىشمۇ قىلىپ قويغانسەن..(ئوغۇلىغا ئېسلىپ يىغىلايدۇ)
ئادىل ساقچى:
_سەمەت،سېنى باشقلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قەستەن ئادەم يارلاندۇرغان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ تۇرىمىز.مەن ساقچىخانغا ماڭ.(سەمەتنىى ئېلىپ ماڭماقچى بولىدۇ)
مەمەتباي:
-باشلىق،ئوغلۇمىزغا نەسھەت قىلى بىز،ئېتىبار قىلىسڭىز.بالىمىز تۈرمىگە كىرمەيدىغان ئىش بولسا قانچلىك پۇل كەتىسە مەيلىتى.
ئادىل ساقچى:
-قانۇن ھەممىگە باراۋەر.سىلەر كۆزگە كۆرۈنگەن يەككە تىجارەتچى تۇرۇپ بۇنداق دېسەڭلار قاملاشمايدۇ.
مەمەتباي:
-ئۇنداقتا ئوغلىمىز كېسلىپ كتەرمۇ باشلىق؟!
ئادىل ساقچى:
-بۇنىڭغا قانۇن بىر نېمە دەيدۇ.قانچلىك يېتىشنى مەن بىلمەيمەن.يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان،رايونىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش،ئاتا-ئانسىنىڭ تەربيسىى ،ئوقۇتقۇچىسنىڭ گېپنى نەسھەتلىرىنى ئاڭلىمغان،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمغان بالىلار تۇتۇپ تۇرۇش ئوريۇنىغا كۆپلەپ كىرۋاتىدۇ. مەمەتباي،ئۆزۈڭلار شەھەر بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن يەككە تىجارەتچى تۇرۇپ،بالىلىرىڭلارنى ياخشى تەربىيلەشكە تازا ئەھىميەت بەرمەپسلەر؟ ئەسلىدە شارائتىڭلار ياخشى بولغاندىكىن بالىنى كۆپرەك ئوقۇتۇشڭلار كېرەك ئىدى.لېكىن پۇل تېپىش بىلەن بولۇپ كېتىپ،بالا تەربىيلەشنى ئۇنتۇلۇپ قاپسلەر.پۇل كۆڭۈل بۆلۈپ،بالاغا كۆڭۈل بۆلمسىەك ئاقىۋەتتە مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.بالىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش يالغۇز مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىلەنلا ھەل بولمايدۇ.ئائىلىدە تەربىيلەشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.جەمىيئەتنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ،بالىلارنى جەميئەتكە لايىق،ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتا ھەر تەرەپلمە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.ئالدى بىلەن بالىنى كۆپرەك ئوقۇتۇش مۇھىم.بىزنىڭ يىراق يېزا-قشلاقلاردىكى ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋھيسىنىڭ تۆۋەنلىكى،ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن پەرىزەنتلىرىنى ئوقۇتىماي يېڭى زامان ساۋاتىسزلىدىن قىلىپ قويۋاتىدۇ.ئازغىنە قېيىنچلىق تۈپەيلى بالىلىرىنى پۈتۈن ھاياتىنى خارۇ-زەبۇنلۇق،نامراتلىق،بىلىمىسزلىك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلماقتا.ئەجداتلارلىرىمىز شۇنداق دېگەن:‹‹قانچلىك نامرات بول بالاڭنى ياخشى تەربيىلە،ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىق،شۇنداىلا ئاتا-ئانلىق مەجببۇرىيتڭنى ئادا قىلغان بولسەن››دەپ،شۇڭا،ئەي قىرىنداشلار،ئولۇغ ئاتا-ئانىلار پۇل تېپىشمۇ مۇھىم،بالا تەربىيلەش پۇلىدىنمۇ مۇھىم.بالىلىرىمىز ياخشى تەربىيلەي،ئاداققچە ئوقۇتايلى.بالىلار كېينىكى كۈنلەردە بىزدىن نەپىرەتلىنىپ قالمسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 02:11 AM