مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2563|ئىنكاس: 7

ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق (ئىتوت)ئۆزقۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 09:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىمجان نەسىرىدىن ئۆزقۇت

ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق

ئىتوت

سەھنە لايھىسىگە كېتەرلىك ماتىرىياللار:

بىر دانە ياغاچ كارىۋات،بىر پارچە يېڭى كىگىز،بىر دانە داس،بىر چېلەك،كونا كېيىم،سوپۇن،چەينەك،نان،پىيالە،كىچىك ساجى قاتارلىقلار...

ئوبرازچىلار ئىمىسى-ئاتىسى ۋە كېيىم-كېچەكلىرى:

باش پېرسوناژلار

ئايشەمخان،قادىرباي،رابىيخان قاتارلقلار

1.ئايشەمخان-ئېرى ئىلگىرى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىپ، قىزنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ۋە ئائلسىنى بېقىش ھەلەكچلىكىدە باشقلارنىڭ ئۆيلىردە نېنى يېقىپ،كىرىنى يۇيۇپ، تۇرمۇشنى قامداپ كېلۋاتقان،چىرايدىن مسىكنلىك،غىرىبلىق چىقىپ تۇرىدىغان نامرات ئائىلە ئايالى.

2.قادىرباي-ئاقدۇڭ يېزىسىدىكى تىرىچقلىق ۋە باقچلىق قىلىپ بېيىپ كەتكەن،توققۇزى تەل يۇرت بېيى.باشقلارغا ياخشلىق قىلىش بىلەن ئانچە خوشى يوق،ئۆزى ئېغىر-بېسىق،لېكىن ئادەم ياراتمايدىغان كشى.بالسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇيىدۇ.بالىسنىڭ ئوقۇشى بىلەن ئانچە كارى يوق.ئائىلە ئشلىرىغىمۇ ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.

3.رابىيخان-قادىر باينىڭ ئايالى.ئائىلە باشقۇرۇش ۋە يولدىشى ھەمدە بالسىنى كۆتۈش ئشلىرىنى قىلىدۇ.خاراكتىرى بىر قەدەر يۇقىرى.باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرستىشكە ئامراق.داڭىلىق كېيىملەرنى كېيشىكە ھېرىس.زىببۇ-زىننەت بويۇملىرىنى ھەدىدىن ئاشۇرۇپ تاقايدىغان،چوڭچى،بالسىنىڭ ئوقۇشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان ئايال.

يانداش پېرسوناژلار

1.قەييۇم-قادىربايلارنىڭ يالغۇز ئەركە ئوغلى.ئۆزى ئويۇنغا ئامراق،دەرىس ئۆگىنىش بىلەن خوشى يوق.ئاتاكچى،گەدەنكەش،پوچى،باشقلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان،ئاقسا كېينىپ يۇرىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ئالىي مەكتەپ ئىمتھانسى بەرگەن ئوقۇغۇچى.

2.نۇسىرەت-ئايشەمخاننىڭ يالغۇز قىزى،ئۆزى ئشچان،ئەقىللىق،كۆيۈمچان،ئانسىغا ۋاپادار،دەردىگە دەرمان بولىدىغان،مېىھىرى ئسىق،قادىر بايىنىڭ بالسى بىلەن بىر سىنپتا ئوقۇيىدىغان ئاددىي-ساددا كېيندىغان تىرشچان ئوقۇغۇچى.

3.مەمەت جۇرىن-يېزىلىق خەلىق ئشلىرى ئشىخانسى مۇدىرى.ئۆزى ئسېل سۈپەت كېينىپ يۇرىدىغان،خەلىقىنىڭ دەرد-ئەلەمىگە يېتىدىغان،خەلقپەرۋەر ئادەم.

4.پەزىلەت-يېزىلىق خەلق ئشلىرى ئشخانسىنىڭ ئەزاىسى.زامانغا لايىق كېينىپ يۇرىدىغان،مەمەت جۇرىنغا ياردەملشىپ خىزمەت قىلىدىغان ئايال.

ئوبرازچىلار كېيىملىرى

ئايشەمخان-پۈتۈن كۆڭلەك،كونا گىجىڭ رومال،كونا ئاياغ

قادىرباي-گاچا چاپان،بادان دوپپا،يڭى ئاياغ كەيگەن

رابيىخان-دوخاۋا پۈتۈن كۆڭلەك،زىببۇ-زىننەت ۋە ئۈزۈك،كەشىمىر ياغلىقى

خەلىق ئشلار كادىرى مەمەت جۇرىن-كاستيۇم-بۇرۇلىكا،شىبلىت،ئاق كۆينەك،يارشىملىق گىلاستوك

خەلىق ئشلار كادىرى ياردەمچىسى پەزىلەت-ياشلارغا خاس زامانىۋىي كېيىم كەيىگەن،چاچلىرىنى چىرايلىق ياساتىقان

نۇسىرەت-ئوقۇغۇچىلار فورمىسى،يازىلىق تەنھەرىكەتچلەر ئايىغى كەيىگەن

قەييۇم-چاچلىرىنى ئاقسا ياستىۋالغان،كاستيۇم كېيۋالغان،شىبلىت كېيىۋالغان.

سەھنە ئورنى:

قادىر بايلارنىڭ ھويلىسى.ھويلا ئىچىگە بىر دانە كارىۋات قويۇلغان،كارىۋاتقا كېگىز سېلىنىغان،قادىر باي ئەر-خوتۇن چاي ئېچكەچ بالسى توغرۇلۇق سۆھبەتلشىۋاتقان مەنزىرە.

ۋاقتى:ياز پەسلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرى

روللاردا:

قادىرباي رولىدا..................

رابىيخان رولىدا..................

ئايشەمخان رولىدا.............

نۇسىرەت رولىدا.................

قەييۇمجان رولىدا...............

مەمەت جۈرىن رولىدا..........

پەزىلەت رولىدا.................

قادىر باي: - خوتۇن چاي ئېلىپ چىقىڭلار دەيمەن ،قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى ؟ تېزىراق بولۇڭلار ؟!

رابىيخان: - مانا،مانا،قادىرئاخۇن بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرسىلا،چاي ھازىرلا تەييار بولىدۇ.

قادىر باي: - مەن مەسچىتىن كەلىگۈچە چاينى تەييار قىلماي نېمە ئش قىلىدىڭلا دەيمەن؟!

رابىيخان: - سىلە چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ماۋۇ قەييۇمجانغا مۇئەللىمىدىن تېلېفۇن كەپتىكەن،مەكتەپكە يولغا سالىمەن دەپ ئاۋار بولۇپ قالدىم دادىسى.ئازىراق تەخىر قىلىپ تۇرساڭلا،ھازىرلا چاي تەييا بولىدۇ.

قادىر باي: - نېمە دەپ تلېفۇن كەپتۇ بالىغا؟

رابىيخان: - نېمە دەپ كەلدىكىن مەنمۇ بىلىمىدىم.بەلىكىم بالىنىڭ ئوقۇش ئشىدۇ؟!

قادىرباي: - مۇشۇ بالىنىڭ ئشنى قانداق قىلساق بولا دەيمەن.باشقلارنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇشقا چاقىرىق كېلىپ بولىغىنى نېكەم ؟! بۇ بالىغا تېىخىچە خەۋەر يوق؟!

رابىيخان: - مۇئەللىم شۇ ئش توغرۇلۇق تېلېفۇن قىلدىمىكىمىن؟! قەييۇمجان ئالدىراپلا مېڭىپ كەتتى مەكتەپكە.

قادىرباي: - بالىمىز ياخشى ئوقىدى.لېكىن بالىنىڭ يىقىنىدىن بۇيانقى ئش-ھەرىكەتلىرىگە قارسىام....

رابىيخان: - ئەتىگەندە شۇ خىياللاردا بولماڭلار دادىسى؟!بالىمىز ئىمتھاننى ياخشى بەردىم دەيىدىغۇ؟!

قادىرباي: - مەن سورساممۇ شۇنداق دېگەن.لېكىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم.بولىدى گەپىنى قويۇپ چاي ئېچىقىڭلار؟!

رابىيخان ئالدىراپ ئۆيىگە كىرىپ چىقىدۇ-دە،قولدا داستىخان كۆتۈرۈپ سەھنىگە يەنە چىقىدۇ.قادىر باي كارىۋاتقا چىقىپ،ساجىغا قويۇلغان نانلارنى پىيالىغا قويۇلغان چايغا تۇگىرىپ يېگەچ پاراڭغا چۈشىدۇ.

قادىرباي: - قويلارغا يەم بەردىڭلارمۇ؟

رابىيخان: -بېرىپ بولىدۇم.

قادىرباي: - ماۋۇ ئايشەمخان كۆرۈنمەيدۇ؟

رابىيخان: -ھېلىغىچە كېلىپ قالامىكىن؟!

قادىر باي: - بۈگۈن ئايشەمخان كەلسە قەييۇمجان سەپەر تەييارلىقىغا لازىملىق نەرسىلەرنى ھازىرلاپ قويۇڭلار؟

رابىيخان: -بىرسى ئشكىنى ئۇرۋاتامىدۇ نېمە؟ چىقىپ قاراپ باقاي؟!

ئايشەمخان ئشكنى ئېچىپ بەرگەن رابىخان بىلەن سالاملىشىشىپ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە قادىر باي بىلەن ئەھۋال سورشىدۇ.قادىر باي ئورۇندىن ئازىراق قىمىرلاپ قويۇپ ئىلىك سالام قايتۇرۇىدۇ.

ئايشەمخان: - ياخشى تۇردىلىمۇ ؟! تەنلىرى سالامەتىمۇ؟!

رابىخان: -ئايشەمخان ھايال بولۇپ قالدىلىغۇ؟

ئايشەمخان: -بالىنى مەكتەپكە يولغا سالىمەن دەپ سەل ھايال بولۇپ قالىدىم.

رابىيخان: -ھە راسىت،قىزىڭىزنى ئوغلۇم بىلەن بىر سىنپىتا ئوقۇيىدۇ دەپ ئاڭلاپتىم.ئىمتھاندىن ئۆتىمۇ؟!

ئايشەمخان: -بالىمىزغا چاقىرىق كەلمگەن ئىدى.ئەتىگەن مۇئەللىمى بىرسىدىن گەپ ئەۋەتىپ،مەكتەپ كەلسۇن دەپتىكەن.چاقىرىق كەلسىمۇ ئوقۇتۇشۇم ناتايىن.ئەمىدى ئۆزىڭلارمۇ بىلسىلەر تۇرمۇشىمىز غۇرىگىل ئۆتۈۋاتىدۇ.قىزىمىنى بىرەر ھۆنەرگە بېرىپ،كاسپ قىلىپ،ياتىلىق قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.(ئايشەمخان كۆزگە ياش ئالىدۇ)

قادىرباي: -ئايشەمخان،مەرھۇم قاسىم ھايات بولغان بولسا بۇنداق بولۇپ كەتمەس ئىدى.كۆڭلۈڭلارنى بۇزۇماڭلار...

رابىيخان: -بولىدى،كۆڭلۇڭىزنى يېرىم قىلماڭ.قەييۇمجان ئوقۇشقا مېڭىپ قالسىا دەپ بىر قسىم كېيىملىرىنى يىغىپ قويغان ئىدىم.سەل كىر تۇرىدۇ،يۇيۋىتڭلار؟!

(ئايشەمخان يەردىكى داسىنى ئېلىپ،بۇلۇڭغا قويۇپ قۇيۇلغان كېيىملەرنى ئېلىپ يۇيۇشقا باشلايدۇ)

قادىرباي: -رابيىخان مەن شەھەرگە بېر بېرىپ كېلەي دەپ ئويلاپتىم.سېلەرگە نېمە ئاغاچ چىقسام بولار؟

رابىيخان: -ماڭا ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس.بولسا قەييۇمجان ئوقۇشقا مېڭىپ قالسا نېمە كېتىدۇ،بىر سوراپ باقساق دەيمەن.

قادىرباي:-قەييۇمجان تېخى مەكتەپتىن كەلمىگەن تۇرسا،قانداق قىلارىمىز؟!

رابىيخان: -بىردەم ساقلاپ باقساق،مەكتەپتىن كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولىدى.كېلىپ قالار!؟

قادىر باي: -قەييۇمجان ئىمتھىاندىن ئۆتۈپ كەتسە ياخشى بولاتتى.نەلەردە يۇرىدىغانىدۇ بۇ بالا.

رابىيخان:ئارا مەھەللىدىكى مەخەتچوڭنىڭ كىچىك قىزى بۇلتۇر بىيجىڭغا ئوقۇشىقا كەتتى. يۇرتتىكى ھەممىيلەن ئاق يوللار بىلەن ئۇزتۇپ قويدۇق.بالىمىزمۇ ئاشۇنداق مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇسىا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى!!!

ئشىك چىېكلىپ،ئايشەمخاننىڭ قىزى نۇسىرەت خۇشال ھالدا كېرىپ كېلىدۇ.

نۇسىرەت: -ئاپا،ئاپا،مەن ئىمتھاندىن ئۆتۈپتىمەن.

ئايشەمخان: - ياخشى بوپتۇ قىزىم.بەلەن بوپتۇ.(چىرايدىن غەمىكىنلىك چىقىپ تۇرغان ھالدا)

نۇسىرەت:-بىيجىڭ ئۇنۋىرسىتغا ئۆتۈپتىمەن،ئانا.سىزنىڭ ماڭا سىڭدۇرگەن ئەجىرىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىدىغان بولىدۇم،ئانا.

قادىرباي: -قەييۇمجاننى كۆردىڭىزمۇ قىزىم.قەيەردە قالىدى؟

نۇسىرەت: -قەييۇمجاننى مۇئەللىم ئېلىپ قالغان ئىدى.ھازىر كېلىپ قالامىكىن.

رابىيخان: -دادىسى قەييۇمجانغا چوڭراق يەردىن چاقىرىق كەلگەن ئوخشايدۇ!؟شۇڭا،مۇئەللىمى ئايرىم ئېلىپ قالغان گەپ.

قادىر باي: -ئايشەمخان بالىغا چوۇ يەردىن چاقىرىق كەپتۇ. ئەمىدىغۇ ئوقۇتامىز؟!

ئايشەمخان: -مېڭنىچە بولسا ئوقۇتقۇم بار ئىدى.لېكىن شۇ ......(نۇسىرەتكە كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا قارايدۇ)

نۇسىرەت: -ئانا كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ.مەن......(نۇسىرەت ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغىلاپ كېتىدۇ)

(ئشىك چىكلىپ قادىرباينىڭ ئوغلى قەييۇمجان باشلىرىنى ساڭگىلاتقان ھالدا كېرىپ كېلىدۇ)

رابىيخان: -كەلدىڭمۇ ئوغلۇم؟! ھېرىپ كەتتىڭىمۇ،چىرايىڭ سۇلغۇن تۇرىدۇ؟! نېمە بولىدى ساڭا؟

قادىرباي :-ئوغلۇم ساڭا قەيەردىن چاقىرىپ كەپتۇ،دېگىنە ؟!

قەييۇمجان: -ماڭا،ماڭا،ماڭا......(دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالىدۇ)

قادىر باي : - تېزىراق دېگىنە ساڭا زادى نەدىن چاقىرىق كەلىدى؟

قەييۇمجان: -ماڭا....(نۇسرەتكە بىر قاراپ قويۇپ،يەرگە قاراپ تۇرىدۇ)

رابىيخان: -گەپ قىلە ئوغلۇم،نېمە بولىدى ساڭا،تىلىڭىنى چايناپ تۇرسەنغۇ؟!

نۇسىرەت: -بىر قسىم ساۋاقداشلارغا چاقرىق كەلىمىدى.قادىركا.قەييۇمجانغا كېيىن كېلىپ قالامدىكىن؟!

قادىرباي: -كېيىن كېلىپ قالامدىكىن،مۇشۇ قېتىم كەلگەن چاقىرىق ئاخىرىقى قېتىملىقى دەپ ئاڭلغان ئىدىم.يەنە قانداقسىگە كېيىن كېلىپ قالىدۇ؟!

رابيخان: -ساڭا چاقىرىق كەلمىدىمۇ ئوغلۇم؟! راسىت گېڭىنى دەپ باقە؟

قەييۇمجان: -ماڭا چاقىرىق كەلمىدى.نۇمۇر سىزىقىغا چۇشمەپتىمەن!

قادىر باي: -سەن ئىمتھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئالغان دەۋاتىتىڭ،قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ!؟

رابىيخان: - راسىت شۇنداق دەۋاتىتڭ.بىزگە يالغان گەپ قىلغانمۇ-يە؟!

قادىرباي: - ھۇ بەغرەز،گەپ قىلە،ساڭا زادى نېمشقا چاقىرىق كەلمىدى؟؟؟!!!

رابىيخان: -قادىرئاخۇن ئاچچىقىڭلارغا ھاي بىرىڭلار؟ ئەمىدى بولغۇلۇق بولۇپتۇ،بالىغا تاپا-تەنە قىلغاننىڭ پايدىسى يوق،ئۆزىمىز بىر ئامال قىلايلى!

قادىر باي: -قانداق ئامال قىلىمىز،خوتۇن!؟

رابىيخان: -ئۆتكەن يىلىنى يىراق تۇققىنىمىزنىڭ ئوغلى ئىمتھاندىن ئۆتەلمەي قاپتىكەن.بىرسىنىڭ چاقىرىقىنى سېتۋاپتۇ.بولمسا بىزمۇ شۇنداق قىلساق دەيمەن،سىلىنىڭچە قانداق؟

قادىر باي: -شۇنداق قىلساقىمۇ قىلايلى،لېكىن كىمىمۇ بالسىغا چاقىرىق كەلسە ئوقۇتمايدۇ دەيسىلەر؟!

رابىيخان:- ماۋۇ ئايشەمخاننىڭ قىزىنى ئوقۇتالمايمەن دەۋاتىتى.مۇمىكىن بولسا مۇشۇ ئايالىنىڭ بالىسنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى سېتۋالساق دەيمەن؟(ئايشەمخانغا قاراپ شۇنداق دەيدۇ)

نۇسىرەت: -مەن ئوقۇيمەن.ھەرگىز چاقىرىقىنى بەرمەيمەن.(رابىيخاننىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئاچچىقىلىغان ھالدا)

ئايشەمخان:-مېنىڭمۇ بالىنى ئوقۇتقۇم بار.لېكىن....(كۆزىگە لىقىدە ياش ئېلىپ قىزىغا قارايىدۇ)

قادىرباي: -بولسا بىزمۇ سىزگە ياردەم قىلساق بولاتتى.لېكىن بىزمۇ قەييۇمجانى ئوقۇتىمىز دەۋاتىمىز.بالىڭىزنى ئوقۇتالىمىسىڭىز چاقىرىق قەغەزنى بىزگە بەرىسىڭىز ئازىراق بىر نەرسە بەرسەك؟!

ئايشەمخان: -قانداق قىلىشنى بىلەلمەيلا قالدىم.بالىمنىڭغۇ قەتئى ئوقۇغۇسى بار لېكىن ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق بولاۋاتىدۇ.

رابىيخان: -بالىنى ئوقۇتۇشقا جىق پۇل كېتىدۇ.سىزدە ئۇنچىۋالا جىق پۇل يۇقتۇ.شۇڭا...

نۇسىرەت: -مەن ئوقۇيمەن.بىر تەرەپتىن ئوقۇپ،بىر تەرەپتىن ئشلەيمەن! (كۆزگە لىققىدە ياش ئالىدۇ)

مەمەت جۈرىن: -مۇبارەك بولسۇن ئايشەمخان!!! مەھەللىدە بالىڭىىزنىڭ ئىچىكىردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىك توغرسىدا گەپ بولۇنىدى.مۇبارەك بولسۇن!!!

پەزىلەت: -مۇبارەك بولسۇن نۇسىرەت سېڭلىم.ياخشى مەكتەپكە ئۆتۈپسىز؟!!

ئايشەمخان: -رەھىمەت،جۈرىن.

مەمەت جۈرىن : - بالىنى ئوقۇش راسخۇتلىرىنى قانداق قىلىدىڭىز؟

ئايشەمخان: -ھازىرچە قىزىمىنىڭ ئوقۇش راسخۇتىغا بىر نەرىسە تەييار قىلالمىدۇق.بالىنى ئوقۇتماي،بىرەر ھۇنەرگە بىرەلىمىكىن دەيمەن!؟

رابىيخان: -ئايشەمخاننىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي تۆۋەن.شۇڭا،بالىسنى ئوقۇتالمايدۇ.

پەزىلەت: -خاتىرجەم بولۇڭ ئايشەمخاچا! تەشىكىل سىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن نۇسىرەتقىزنىڭ ئوقۇش راسخۇتنى تەشىكل چىقىرىشنى قارار قىلىدى.

ئايشەمخان: -مىڭ رەھىمەت تەشىكىلىنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ ياردەم قىلىغىنغا.تەشكىلنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى مەندىن يانمىسا خۇداىن يانار ئىلايىم.

مەمەت جۈرىن: -نۇسىرەتنىڭ ئەھۋالىنى تەشىكىلىگە دېسەم،رەھبەرلىك دەرھال يىغىن ئېچىپ،بالىنىڭ ئوقۇشسىز قالماسلىقنى،ئوقۇشى پۈتۈكىچە ياردەم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلشتۇق.

ئايشەمخان: رەھىمەت،مىڭ رەھىمەت!!!

مەمەت جۈرىن: -قىزىم نۇسىرەت يىغلىماڭ.سىز تېخمۇ ياخشى ئوقۇپ،تەشىكىلىنىڭ،يۇرتىنىڭ سىزدىن كۆتكەن ئۈمىدى ئاقىلاڭ!!؟؟

قادىر باي: -بۇمۇ ياخشى بولىدى،جۈرىن.لېكىن بىزنىڭ ماۋۇ ئويۇنقېپى ئۆتەلمەپتۇ ئەمەسىمۇ؟! ھەي بىغەرەز.ئالا ئىنەكىنمىڭ بالسى چالا قۇيرۇق دەپ مەنمۇ تازا دادامىنىڭ گېپنى ئاڭلماي،تازا ياخشى ئوقۇيالىمىغان ئىدىم.ئەمىدى ماۇۋ بالىمۇ ياخشى ئوقۇماپتۇ ئەمەسىمۇ؟!!(قۇلىقىدىن تارتىپ شۇنداق دەيىدۇ)

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوقتۇرۇشى

  ھۆرمەتلىك نۇسىرەت قاسىم سىز مەكتۋىمىزنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش فاكولىتىتى بازار باشقۇرۇش كەسىپىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىڭزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.8-ئاينىڭ 20-كۈندىن بۇرۇن مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئشخانسىغا تېزىمىغا ئالدۇرۇڭ.

بىيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچى

قوبۇل قىلىش ئشخانسى

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hayat + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95938
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 11:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ ،بولسا ئىتوت قىلىپ ئىشلەپ باققان بولسىڭىز ،تىخمۇ ياخشى بولدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 08:05:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاز دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ياخشىكەن ،.

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 10:11:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 10:26:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  شۇنداق جاھان بۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96579
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 12:01:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى چىقىپدۇ....

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4377
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 05:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ياخشى چىقىپتۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilara124 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-30 05:15 PM  


بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-30 06:15:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى چۇ ؟ تۈگىدىما ؟ ھەي ...........  يەنە بىر يەرلىرى كامدەكلا ، ۋەقەلىك ئازراق راۋاجلىنىپ باقسا بولاتتى .... ئاپتور ، ئازراق كۈچەپ باقامسىلەر يە ، تازا ياخشى چىقىۋېتىپتىكەن ، رىئاللىقتا جىققۇ بۇنداق ئىشلار ، بىرەر ئىتوتچىغا ياراپ قىلىپ سەھنىگە چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش