مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5814|ئىنكاس: 37

كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81589
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-6-14
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 06:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كارىز بويىدىكى تاكىراڭخانىلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى


ئادىل غاپپار كارىزى


ئىگىللىشىمىزچە، تۇرپان رايۇنىدىكى تاكىراڭخانىلارنى ئادەتتىكى تاكىراڭخانا، زامانىۋىي تاكىراڭخانا ۋە خەنزۇچە(خەنسوچە)تاكىراڭخانا دەپ ئۈچكە ئايرىشقا بولىدۇ.

ئادەتتىكى تاكىراڭخانا: بۇ 1996-يىللاردىن تارتىپ ئېچىلىپ كېلىۋاتقان ياكى شۇلارغا ئوخشاش ئېچىلغان تاكىراڭخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۇرپاندىكى ئەيدىز ۋە باشقا نىجىس يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدىغان ئاساسلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى. بۇ تاكىراڭخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئايال كىشى ئاچقان بولۇپ، يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن ئاجرىشىپ چىقىش يولى تاپالمىغان، زەھەر چەككەن ۋە پاھىشىلىككە ئۆگىنىپ قالغان ياش(يېشى 17-35 ياشقىچە) قىز-چوكانلار مۇلازىمەت قىلىدۇ. تاكاراڭخانا خوجايىنى ئۇلارنىڭ ياتاق ۋە تامىقىنى تەمىنلەيدۇ. ئۇلار تاكىراڭخانىلاردا مۇقىم يېتىپ-قوپۇپ ئىشلەيدۇ. خېرىدارلار بۇ تاكىراڭلارنى ئۆز ياتىقى ياكى باشقا ياققا ئېلىپ كەتمەكچى بولسا، تاكىراڭخانا خۇجايىنى بىلەن باھادا كېلىشىپ، پۇلنى ئالدىن بېرىدۇ ياكى ئىش تۈگىگەندىن كېيىن بېرىدۇ. خۇجاينلار ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئۇلارغا پۇل بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن بولۇپ، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبىيكتى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش دېھقانلار، ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە بىرقىسىم ئوقۇتقۇچى ھەم ئىشچى خىزمەتچلەر ئىدى. مۇلازىمەت ئۇسۇلى خىېردارلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىدى. يەنى تاماقتا، ھاراقتا، كارۋاتتا بىللە بولۇش مۇلازىمىتى ئىدى. بۇنى كىشىلەرئۈچتە ھەمراھ بولۇش دەيدىكەن.

2-ھېكايە: شىڭزەندىكى تاكىراڭخانىلار بەك مەينەتكەن. بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ھەممە ئىشىنى قىلىدىكەن. تاماقنىمۇ شۇ يەردەيەۋاتقان، ھاراقنىمۇ شۇ يەردە ئىچىۋاتقان، بۇزۇقچىلىقنىمۇ شۇ يەردە قىلىۋاتقان، باشقىلار بۇزۇقچىلىقنى قىلىپ بولغۇچە، پەيدۈي(ئۆچىرەتتە)دە تۇرىدىغان گەپكەن. ئۇلار قىلىدىغاننى قىلىپ چىقىپ كەتسە، سۈپۈرۈپمۇ قويماستىن، ئۇلار ئىش قىلغان كۆپىلەرنى تۈزەشتۈرۈپلا جوزىلارنى رەتلەپ تاماق چىقىرىدىكەن، ئادەمنى نەس باستۇرۇپ. بۇ ئىشلارنىمۇ تېخى بايىلا باشقىلارنىڭ ئاستىدىن قوپقان نىمىلەر،تەرەتمۇ ئالماي تۇرۇپ جوزا رەتلەيدىكەن، چاي قۇيىدىكەن، تاماقلارنى كۆتىرىپ ئېلىپ چىقىدىكەن، ئادەمنىڭ ئېىچىنى ئېلىشتۇرۇپ. ئۇ تاكىراڭلار شۇنداق تۇرسا، ئۇلارنىڭ خۇجايىنى ۋە تاماق ئەتكەن ئاشپەزلەر قانداقتۇ؟ تاماقنى قانداق قىلىپ ئېتىدىغاندۇ؟ ئاڭلىسام، تاكىراڭخانىدىكى ئاشپەزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەركەن. تاكىراڭ قىزلار تاماق ئالغىلى ياكى بىر ئىشلار بىلەن قازان بېشىغا بېرىپلا قالسا،تۇتىۋېلىپ قازان بېشىدىلا بىر ئىشلارنى قىلىشىارمىش. ئۇ يەردىكى تاكارىڭلارنىڭغۇ چىرايىغا چىقىپ كېتىدىكەن بۇزۇقلۇقى، مەينەتلىكى. ئۇ نىمىلەر تىزىغىچە كېلىدىغان كۆڭلەك كىيىپلا، يا ئەمچەك خالتىسىنى تاقىمايدىكەن، يا ئىچىگە كوسار كەيمەيدىكەن. جوزىغا ئولتۇرۇپ بولغۇچە، ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىپ، ئۇ يەر-بۇيەرلەرنى سىلاپ، قۇچاققىلا چىقىدىكەن. ئاندىن، تاماق دىگەننى بۇلشىغا بۇيرۇتىدىكەن. تاماق چىقىپ بولغۇچە، قۇچاقتا ئولتۇرۇپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەرنى سىلاتقۇزۇپ،  قىلماي دىسىمۇ بىر ئىشلارنى قىلغۇسىنى كەلتۈرۋېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، تاماق ئۈستىلى يېنىدىلا ئىشقا چۈشۈپ كېتىدىكەن. ئۇ تاكىراڭلار ئاغزىدىنمۇ ياۋاتقان، باشقا يەردىنمۇ ياۋاتقان، ئىشقىلىپ بەك مەينەتكەن، ئۇ يەردىكى بىرمىلەر...

3-ھېكايە: بىزنىڭ مەھەلىدىكى تۇرسۇن ئاكامنىڭ بالىسى قاھارجان ئازراق پۇل تاپسىلا تاكىراڭخانىغا يۈگىرەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. توي قىلمىغان بالىلارغا، ئۇ يەردە نىمە بار دەيمەن؟ كىچىك تۇرۇپلا يامان ئىشلارنى ئۆگىنىۋالغىنىنى دەيمەن. ھازىر بازادا قاھار تاكىراڭ دىسە تۇنۇمايدىغان ئادەم يوقكەن ئۇنى. ئاتا-ئانىسى بالدۇرراق ئۆيلەپ قويسىغۇ مۇشۇ ئىش يوق. ئۇنى دىسىغۇ، ئىككى بالىسى بوپ قالغان ئاۋۇ ھامۇتمۇ شىڭزەندىن بېرى كەلمەيدىكەن. ئايالى نەچچە قېتىم شىڭزەندىكى تاكىراڭخانىدىن ياندۇرۇپ كەپتۇ. بىر قېتىم ئىككى بالىسىنى سۆرەپ بېرىپ، تاكىراڭخانىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپتىكەن. ھامۇت تازا ساپتۇ خوتۇن بالىلىرىنى، ھەي ساراڭ تۈگەپ قالمايدىكەن بۇ جاھاندا. شۇنىڭ بىلەن ئىككى بالىنى يېتىم قىلىپ ئاجراشتى. ئاڭلىساق، ھامۇت ھېلىقىدەك كېسەل بوپ قاپتۇ دەيدۇ...

زامانىۋىي تاكىراڭخانا: بۇ 2004-يىللارداپەيدا بولغان تاكىراڭخانا بولۇپ، بۇنىڭ بەزىلىرىنى ئاياللار ئاچقان، بەزىلىرىنى ئەرلەر ئاچقانىدى. بۇ تاكىراڭخانىلاردا يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار، ھەرساھە-ھەركەسىپتە مۇقىم خىزمىتى بار تۇل قالغان ياش(يېشى23-40 ياشقىچە) قىز-چوكانلار مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبىيكتى ئاتالمىش يۇقىرى قاتلام ۋە ئوتتۇرا قاتلام ئەمەلدارلار، زىيالىيلار، باي سودىگەرلەر ۋە بىر قىسىم ئىشچى خىزمەتچلەر ئىدى. مۇلازىمەت ئۇسۇلى خىېردارلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش، ھاراق ئىچىش، ئۇسۇل-تانسا ئويناش، ناخشا ئېيىتىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىدى. يەنى تاماقتا، ھاراقتا، ئۇيۇندا، كارۋاتتا بىللە بولۇش مۇلازىمىتى ئىدى. ئەمما، بۇ تاكىراڭخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولۇپ، قىز-چوكانلار بۇ تاكىراڭخانىدا مۇقىم تۇرمايدۇ. ئۇلار ئادەتتە، ئۆز خىزمىتى ياكى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. خېرىدار كەلگەندە، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاكىراڭخانا خوخاينلىرى ئۇلارنى تېلىفۇن قىلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. بەزى خېرىدارلار ئالدىن زاكاز قىلىدۇ. بۇنداق ئالدىن زاكازلىق سورۇنلارنىڭ تەنەرخى يۇقىرى بولۇپ، ئارامگاھلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ئايرىمخانىلىرىدا سورۇن تەشكىللىنىدۇ. بۇ سورۇندا، ئېسىل تائاملار، قىز-چوكانلار، نەشە-قاپاقلار، ساز ۋە سازچىلار، ناخشا-ئۇسۇلچىلار بولىدۇ. قىز-چوكانلارنىڭ بەزىلىرى ئۈرۈمچىدىن چاقىرىپ كېلىنىدۇ. تاكىراڭخانا خوجايىنلىرى پەقەتلا سورۇن تەشكىللەپ، تاماق ۋە مۇلازىمەت(سولامچىلىق)تىن كىرىم قىلىدۇ. چاقىرىپ كەلگەن قىز-چوكانلارغا مەلۇم نىسبەتتە ھەق بېرىدۇ. قىز-چوكانلار كارۋاتتا بىللە بولسا بۇنىڭ پۇلى ئۆزىگەقالىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى مانا مۇشۇ سورۇنلاردا بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ئاتالمىش يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلام ئەمەلدارلار ۋە زىيالىلارنىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە ئائىلە پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئورۇن ۋە سورۇنلارنىڭ بىرى.

4-ھېكايە: ئالدىنقى قېتىم، ئاغىنىمىزنىڭخىزمەت يۆتكىلىش ئىشىغا ماڭغاندا، ‹xx ئارامگاھ›تا بىر سورۇن قىلغانتۇق. ھەپتەبۇرۇن زاكاز قىلىشقا باردۇق ۋە ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ياخشى ئايرىمخانىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. خوجايىن 47-48 ياشلار چامىسىدىكى ياسانچۇق ئايالكەن، ئۇ بىزنى ئەڭ ئىچىدىكى چوڭراق، ئېسىل بېزەلگەن بىر ئايرىمخانىغا باشلىدى. بىز كۆرۈپ شۇ ئايرىمخانىنى لايىق تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئايال خوجايىن بىلەن چىقىرىدىغان تاماقلار ۋە مۇلازىمەتلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. ئۇ بىزدىن قانداق كىشىلەرنى نىمە سەۋەبتىن مېھمان قىلىدىغىنىمىزنى، ھەم شۇنىڭغا ماس مۇلازىمەت قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاغىنەم، خىزمەت يوتكىلىش ئىشى بىلەن بىر چوڭ باشلىقنى مېھمان قىلىمىز دىدى. ئايال خوجايىن بىزگە، بۇ يەرگە چوڭ باشلىقلارنىڭ دائىم كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانداق تاماقلارنى يەيدىغانلىقىنى، كۆڭلىنىڭ نىمىلەرگە تارتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇلازىمەت قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە بىزگە چىقىرىدىغان تائاملارنى، ئىچىدىغان ئىچىملىكلەرنى تەۋسىيە قىلدى ھەم ساز ۋە سازەندىلەرنى، چاقچاقچىلارنى ئالاقىىشىپ بېرىدىغان بولدى. بىز ناھايىتتى خۇرسەن بوپ، رەھمەت ئېيتىپ ماڭاي دەپ تۇرىشىمىزغا، ئۇ بىزگە: قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېلەمسىلەر ياكى ئۇلارنىمۇ مەن ئالاقىلىشىپ بېرەيمۇ؟ دىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ، قىزلارنى چاقىرمايمىز دىدۇق. ئۇ بىزگە، شۇنداق ئېسىل سورۇننى راسلاپ،قىز-چوكانلارنى چاقىرمىساڭلار سورۇن زايا كەتمەمدۇ؟ تازا باشلىقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى بىلمەيدىكەنسىلەر، باشلىق دىگەنننىڭ يىگەن-ئىچكەنگە قوسىقى توق، قانچەياخشى تاماق چىقارساڭلارمۇ ئانچە خوش بوپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئىشلەپ چارچايدۇ، كېرىكى ئارام ئېلىش، كۆڭلىنى خوش قىلىش، راھەت سۈرۈش، چىرايلىق ياش قىزلاردىن نەچچىنى چاقىرىڭلار، باشلىقىڭلار ئۇلار بىلەن چىقىشپ، كۆڭلى ئېچىلىپ قالسا، ھەممە ئىشىڭلار ھەل بوپ كېتىدۇ، دېدى. بىزنىڭ ئۇ باشلىق ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ، بولدى چاقىرمايلى دىدۇق. ئۇ ئايال بىزگە، باشلىقىڭلار چاتاق ئەمەستۇ؟ چاتاق بولمىسىلا قىز بالىنى خالىمايدىغان باشلىق يوق. بۇ يەردىكى باشلىقنىڭ ھەممىنى كۆرگەنمەن،بولمىسا تېلىفۇن قىلىپ سوراپ بېقىڭلار، دىدى. ئاغىنەم، ئويلىشىپ، باشلىققا تېلىفۇن قىلىدى. ‹xxجۈجاڭ تېشلىقمۇ؟ شەنبە كۈنىدىكى سورۇننى ئورۇنلاشتۇرۋاتقان،  قىزلاردىنمۇ بىر نەچچىسىنى چاقىرايلى دىگەن، ئۆزلە بىر مەسلىھەت بەرسىلە، قانداق قىلساق بولا؟ باشلىق: ھە بولىدۇ، چاقىرىڭلار! ئەمما، بۇ يەرلىك بولمىسۇن، تۈزۈكرەك چىراي بار، ياشراقلىرىنى چاقىراسىلەر ھە!..ئايال خوجايىن بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ، قانداقكەن، ئۇلارنى قانداق توغرىلاشنى بىزدىن سورايسىلەر دىدى. ئەمما، ئاغىنەمگە غەم بولدى. باشقا يەرلىك، چىرايلىق ياش قىزلارنى نەدىن تاپارمىز ئەمدى؟ ئايال خۇجايىن: مانا مەن چاقىرىپ بېرىمەن غەم قىلماڭ، مېنىڭ قۇلۇمدا پەرىزاتتەك چىرايلىق قىزلار بار، ئۈرۈمچىدىن كېلىدۇ، ھەممىسى يۇقىرى ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى، داشوسىڭ قىز-چوكانلار. ئۇلارنىڭ كىراسىنى كۈتۈرۈپ، ئازراق ئۆرمە بېرىسز، نەچچىسى لازىم؟ دىدى. ئاغىنەم: بولىدۇ بېرەي، 5نى چاقىرىپ بېرىڭ، ئەمما چوقۇم ياش،چىرايلىق بولسۇن دىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قىزىقىپ سورىدىم، ھۆكىمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان، مۇقىم خىزمىتى بار، داشۆدە ئوقۇيدىغان قىز-چوكانلارمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلامدا؟ سىز قانداق تۇنۇيسىز بۇنداق قىزلارنى؟ ئۇ ئايال مۇنداق دېدى. ۋاي ئۇكام، ئايال كىشىنىڭ دەردىنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئايال كىشى دىگەنگە ياتىدىغان ئۆي،كېيىدىغان كىيىم، خەجلەيدىغان پۇل بولسىلا بولمايدۇ. ئايال كىشىمۇ مۇنداق بىر كۆڭۈل خوشلىقىغا مۇھتاج. بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇشتىن ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن، ئۇلار ئۆزىنى خوش قىلىدىغان ئەرلەرگە مۇھتاج. بەزىلىرىنىڭ ئېرى ئاقچى، تۈرمىدە، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق، ئۇلار پۇلغا مۇھتاج. يەنە بەزىلىرى ئاجراشقان، تۇل قالغان، تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بولمىغان، ئۇلار ئەرگە مۇھتاج. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار پۇلنى يىتىشتۈرەلمىگەن، پۇلغا مۇھتاج....دىگەندەك، خىلمۇ-خىل مۇھتاجلىقلار بىلەن كېلىدۇ. بۇرۇن ھەممىسىنى سىلەردەك ئەرلەر مۇشۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن. باشلىقلارغا خوشامەت قىلىپ، مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ، ھاراقنى بولىشىغا ئۈچۈرۈپ مەس قىلىپ، باشلىقلارغا سولاپ بېرىدۇ. ئىش تۈگەپ ئوڭشالغاندىن كېيىن، ئايال كىشى بولغاندىن كېيىن بىزگە دەردىنى تۆكىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۇنىشىپ قالىمىز. تىلىفۇنلارنى يېزىشىپ، ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. ئۇلار سورۇن سېغىنغاندا ئۆزى تېلىفۇن قىلىدۇ. سورۇن چىققاندا، بىز تېلىفۇن قىلىمىز. پۇل بەرسىڭىز ئۇلارمۇ ھەممىنى قىلىدۇ، ئەمما، قالايماقان ياتمايدۇ. سورۇن دىگەننى قىزىتىپ چاڭ چىقىرۋېتىدۇ. بەزىلىرى مەست بوپ قالسا، كىيىم دىگەننى سېلىۋېتىپ سورۇندا يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناپ بېرىدۇ، ھې ھې ھې. ئۇلارمۇ ئۈرۈمچىدە ئادەم كۆپ، باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ دەپ تۇرپانغا كېلىپ ئوينايدىغان بوپ قالدى. كۆپىنىچىسى ئاشنىلىرى بىلەن كېلىپ ئويناپ كېتىدۇ...ياتاققا ئېپ كەتسەڭلار بولىدۇ، ئۆزى بىلەن باھادا كېلىشەلىسەڭلارلا، ئۇلار سەل جىقراق ئالىدۇ. ئادەتتە 250 يۈەندىن 500يۈەنگىچە، ئەگەر قىز بوپ قالسا 1000نى ئالىدۇ...شۇنىڭ بىلەن، سورۇن بولدى، بىزنىڭ مېھمانلار كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايال خۇجايىن قىز-چوكانلارنى باشلاپ كىردى. ئۇلار (يېشى 24-29 ياشقىچە) ئالامەت چىرايلىق قىزلاركەن، ئېسىل گىرىملەرنى قىلىپ كەپتۇ. ئايال خۇجايىن، ھەر بىر مېھماننىڭ يېنىغا بىردىن قىزنى ئولتۇرغۇزدى. ئارىدىن ئەڭ چىرايلىق، بويى ئىگىز تولغان بىرىنى باشلىقنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن قىزلار باشقىچە شوخكەن، بىردەمدىلا سېرىق يۇمۇر دىگەننى تۆكۈپ، سورۇندىن قىقاس چوقانلارنى چىقىرۋەتتى. تاماقلار يىيىلىپ، ھاراقلار كەلدى، قىزلار ھاراقلاردىنمۇ تارتىنىپ قالمىدى، ئەرلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ ئىچىشتى. باشلىقمۇ ناھايىتى خوشال ئىدى. سازلار چېلىنىپ ناخشىلار باشلاندى، قىزلارنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن ئۇسۇلمۇ باشلاندى. ھاراق تۆت رومكا ئايلانغاندىن كېيىن، ھەممىسى خىل-خىلى بىلەن تېپىشىپ، بىر-بىرىگە سۈركىلىپ چاپلىشىشقا باشلىدى. سورۇن ئاخىرلىشاي دىگەندە، ئايال خۇجايىن، باشلىققا بىر ھۇجرا راسلاپ قويغانلىقىنى، ئاۋۇ قىزنىڭ ھەققىنى ۋە ياتاقنىڭ ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇشنى ئېىيتتى. باشقىلار باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىپ، قالغان ئىشنى ئۆزى پۈتتۈرسۈن دەپ ئىش ئۆگەتتى. سورۇن ئاخىرلاشقاندا، باشلىق ھېلىقى قىز بىلەن راسلاپ قويغان ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى. باشقىلار باشقا ياقلارغا كېتىشتى....

خەنزۇچە(خەنسوچە) تاكىراڭخانا: بۇ 2004-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، تۇرپاندا ئۇيغۇرلار باشلاپ بەرگەن تاكىراڭخانا ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، مۇنچا ۋە پاھىشخانا بىرلەشتۈرۈلگەن تاكىراڭخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 2004-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، تۇرپان شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتى بىناسىنىڭ ئاستىغا يەنى ئەسلىدىكى دىيارشاھ رېستۇرانىنىڭ ئورنىغا بىرمونچىخانا قۇرۇلدى. بىر ئايدىن كېيىن، تۇرپان كونا شەھەر شەرقى قۇۋۇقتىكى خۇاتەي مېھمانخانىسىمۇ ئوخشاش شەكىلدىكى مېھمانخانىدىن بىرنى بەرپا قىلدى. ئەنە شۇ ۋاقىتىلاردىن تا بۈگۈنگىچە، تۇرپاندا بۇ خىل شەكىلدىكى مونچىخانا 4-5 يەردەقۇرۇلدى.

بۇ مونچىخانىلار پۈتۈنلەي ئايرىمخانا شەكىلدە ئالاھىدە لايھىلەنگەنىدى. ئايرىمخانىلاردا كارۋات ۋە باشقا تازلىق بۇيۇملىرى بار بولۇپ، مۇنچىغا چۈشۈش ھەققى 5 يۈەن ئىدى. بۇ مونچىخانىدا ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان 20-30 نەپەر ئۇيغۇر ۋە خەنسو قىز-چوكانلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەر چەككەن، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، پاھىشىلىكنى كەسىپ قىلغان قىز-چوكانلار ئىدى. مونچىخانا بۇقىز-چوكانلارنى ياتاق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئوبىيكتى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر، دېھقانلار، تىجارەتچىلەر، بىكارچى، قىمارۋاز، نەشىخور ياشلار، بىرقسىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەر ئىدى. مۇلازىمەت ئۇسۇلى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە بىرگە يۇيۇنۇش ئىدى. خېرىدارلار كىرگەندىن كېيىن، بەزىلىرى خەنسو قىز-چوكانلارنى، يەنە بەزىلىرى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى تاللاپ، باھادا كېلىشىپ، ئاندىن ئايرىمخانىلارغا كىرىشىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن يۇيۇنۇپ بولۇپ، ھەققىنى بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەرگە كىرىدىغانلار ئۆزىچە بۇ يەرنى باشقا تاكىراڭخانىغا قارىغاندا پاكىز دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا،تۇغۇتتى ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەيتتى. شۇڭا، بۇ خىل تاكىراڭخانىلار ئەيدىز قاتارلىق ئەڭ مەينەت نىجىس كېسەللەرنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش مەنبەسى ئىدى.

.....ئاخىرى داۋملىق يوللىنىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-28 06:48 PM  


ئارتۇق گەپنى قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1284
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11580
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 10:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا نىمە دەي ؟ ....
يېزىڭ يۇرتدېشىم ، يېزىڭ ! يوللىغان بۇ ئۈچ تېمىڭىزنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ تۇرىۋاتىمەن . قىلچىلىك يالغان ، قىلچىلىك خاتاسى يوق .

قۇم چېچەكلىگەندە بەلكىم سەندە  بىرلىك  بولۇپ  قېلىشى  مۇمكىن !!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 10:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئاشكارە بوپ كەتتىمۇ؟!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئارتۇق گەپنى قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1284
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11580
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 10:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە شۇنداق ئاشكارە يازىدىغان يېرىگە كەلدى دەپ ئويلايمەن ...

قۇم چېچەكلىگەندە بەلكىم سەندە  بىرلىك  بولۇپ  قېلىشى  مۇمكىن !!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 10:54:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
. يارايسىز قېرىندىشىم. بارىكاللا. بۇنداق ئىشلارنى پاش قىلىپ،تۈپتىن  يۇقىتىش كېرەك.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8479
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1576 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 11:04:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ يېزىڭ ،لىكىن بەزى سۆزلەرنى لىپاپىغا سېلىپ يازسىڭىز ؟

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 693
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9277
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 11:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 11:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقان ئىگەم ئاللاھ ھەربىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ھىدايەت ئاتا قىلسۇن بۇنداق نىجىس مەينەت يەرلەردىن يىراق قىلسۇن ،
(ئامىن)

ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24176
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3839 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 12:18:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تاكىراڭخانىلار  ھەممە يۇرتتا قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ ، قارشى چىقىدىغان ئادەم يوق . ھەممىمىز  قولىمىزدىن كىلىشىچە قارشى تۇرايلى ، قىز ئاياللار بۇ دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرسۇن ، مىللىتىمىز نىجىس كىسەلدىن يىراقلاشسۇن .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1961
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9951
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5526 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 12:42:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
boldi yazmag uzigiznigmu apti baxirigizni eqip boldigiz

دۇشمىنىمگە ئۆزەم تىتىيمەن ، دوسلىرىمنىە قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش